سالام ۋاپايى، مەن ئەسلىدە سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا جاۋاب قايتۇرماي دەپ ئويلىغان. بىراق سىز راستىنلا ئىنكاسنى خاتا چۈشىنىپ، تېمىنى بۇراش ھالىتىگە ئۆتۈپسىز. ئەمدى بولسىمۇ بىر نېمە دېمىسەم بولماس.
سىز مەن ئىنكاس يېزىۋاتقانلارنىڭ ھېچقايسى تۈرىدە يوق. (1) سىز تېخى "نوتو" ، "فوتۇ" دېگەن سۆزلەرنى ئەسلى ۋەسلىنى بىلمەيسىز. (2) مېنىڭ ئىنكاسىمنى تەپسىلى ئوقۇڭ. مەن باشتىلا بىزنىڭ "نوتۇچىلىرىمىز" دىن ئۆزۈمنى تارتىپ كەلدى. مەن پارس، تۈرك نوتوچىلىرى ھەققىدە ئېغىز ئېچىپ نوتو كەلىمىسىنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولغان توفۇ (ئەسلى خەنزۇتىلىدىكى دوفۇ سۆزىنىڭ ئىنگىلىزچە بۇزۇلغان تەلەپپۇزى ئاساسىدا ياسالغان سۆز) ھەققىدە كىچىككىنە ئۇچۇر بەرگەن ئىدىم. "نوتو" دېگەن سۆزلەرنىڭ چېقىلغىلى بولمايدىغان سۆز ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەن. (3) ئەمىتاخۇن بالىسىغا نوتو دەپ ئېسىم قويسا، مەمىتاخۇندىن ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىپسىز. (4)
تۈرك پوستمودېرنىزمچى نوتوچى شائىرچاقلارنىمۇ تونۇشتۇرۇپ باقامسىز؟ نوتۇشۇناس پارس فوتۇچىلارنىمۇ ھەم؟ ئەسلى ئارۇز ئىكەنلىكىنى بىلىپسىزيۇ نېمىشقا ئەسلىدە تەرجىمە قىلـماي بۇنى باشقىچە قىلىۋەتتىڭىز؟ ماۋۇ گېپىڭىزگە قاراڭ. كىمنى تونۇشتۇرۇش مېنىڭ ۋاقتىمغا، خالاش خالىماسلىقىمغا باغلىق ئىش. ئەگەر ئىشىنچە ۋاقتىم بولغان بولسا ئىدى. ئۇ ئىشلارنىمۇ قىلىپ قويغان بولاتتى. ئەمدى ئەسلى ئارۇز ئىكەنلىكىگە دائىر شېئىرلارغا كەلسەك، تۇيۇقسىز شۇنداق تەرجىمە قىلىپ ئويناپ باققۇم كەلدى. چۈنكى سىز كەبى مۇنبەرداشلارنىڭ ھەممىگە قاراپ، سۈكۈت قىلىپ، ھوزۇرلىنىدىغان خۇيى بار ئەمەسمۇ! بۇ يەردە خېلى خېلى نەرسىلەرگە "چېقىلغانلار" ئانچە ئەيىپلىنىپ كەتمەيدىغۇ!...
مەن ئەسلى ئۇ تەرجىمە ئارقىلىق، بىزنىڭ گۇڭگا، نوتو، ئىزلەنمە دېگەن ئىجادىيەتلىرىمىزنىڭ شۇ نەۋايى، مەشرەپ، ئۆمەر ھەييام، مەنسۇر ئەللاجى كەبى كىلاسسىكلارنىڭ بۈگۈنكى كۆلەڭگىسى، ئىجادىيەتلىرىمىز قانچە يېڭى بولغىنى بىلەن ئۇنىڭدا ھامان بىز تىللاۋاتقان ياكى ئىسلاھ قىلماقچى بولغان نەرسىلەرنىڭ ئۆڭمەس تامغىسى بار دېمەكچى ئىدىم...ئەپسۇس بۇنى چۈشىنىشكە خېلى كاللا كېتىدىغان ئوخشايدۇ...
ئەمدى، ماۋۇ ئىككىنچى ئىنكاسىڭىزغا كەلسەك، مېنىڭچە تىزراق ئۆزگەرتىۋالسىڭىز، ياكى ئۆزىڭىز ئوقۇپ بەھىر ئالسىڭىز ياخشى بولىدىغان ئوخشايدۇ. چۈنكى مەن ئەدەبىيات گۈلىستانىدىكى ھەربىر ئادەمنى ئۆز تۆھپىلىرى بىلەن ھۆرمەتلەيمەن، ئەمما ئۇلارنىڭ تەنقىد قلىشقا تېگىشلىك يەرلىرىنى يەنە ئۆز نوۋىتىدە تەنقىد قىلىۋىرىمەن، ماڭا نېسبەتەن مۇتلەق توغرا ياكى مۇتلەق خاتا كۆز قاراش يوق...شۇڭا سىزنى نوتوچىلار قاتارىدا ساناش ئەمەس، بۇ ھەقتىكى خىياللارغىمۇ يېقىن كەلتۈرۈپ باقمىدىم. پەرھات تۇرسۇن ئەپەندىگە كەلسەك، ئۇ ئەدەبىياتىمىزدىكى باشلامچى ئىجادكارلارنىڭ بىرسى، ئۆزىگە خاس ئاۋازى ۋە ئورنى بار. مېنىڭچە ئۇنىڭغا ھەرقانداق قالپاق ھاجەتسىز. ئەمدى باشقا باللاغا نىسبەتەن ئىلىپ ئېيىتقاندا، يېڭىلىق يارىتىش ياخشى ئىش، ئەمما پارس، ئەرەپنىڭ چاپىنىنى كەيگەنلەرنى ئەيىپلەپ، ئىنگىلىز، نېمىسلارنىڭ چاپىنىنى كەيگەنلەرنى كۆككە كۆتۈرۈش "يېرىم چېلەك سۇ"نىڭ ئاۋازىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەن بۇ ياشلارغا تاھىرھامۇت ئەپەندىنىڭ ماقالە ئەسەرلىرى، ھەرقايسى تورلاردىكى ئىنكاسلىرىنى بەكراق ئوقۇپ قويىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىزگە جاۋابنى موشۇنچىلىك يازاي. سورۇن، ۋاقىت، ۋە مۇنازىرە ئوبېكىتلىرى ماس كەلگەن ۋاقىتلاردا "نوتو"، "تۇفۇ" ھەققىدىمۇ توختىلىشىم مۆمكىن.