كۆرۈش: 773|ئىنكاس: 32

ئابدۇمىجىت (ت): ئەھلىي شىرازى شېئىرىدىن ئىككى پارچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-25 10:46 PM  

ئەھلىي شىرازى شېئىرلىرىدىن ئىككى پارچە

   شاھ ئىسمائىل دەۋرىدە شىرازدا يېتىشكەن سافەۋى شائىرلىرىدىن بىرى بولغان ئەھلىي شىرازى 1535-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ شېئىردا مەناغا قارىغاندا تىلغا بەكراق ئۈنۈم بەرگەن شائىرلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ «كۈللىياتى قەسىدە»، «غەزەللەر»، «سىھرى خەلال ۋە شەمۇ پەرۋانە»ناملىق مەسنەۋىي ۋە  رۇبائىيلاردىن تەشكىل تاپقان ئەسەرلىرى داڭلىقتۇر.

(1)
ئەگەر
دەردىم قەدەر بولسا ئىدى سۆز قۇۋۋەتىم،
كىم تەڭ تۇراتتى مېنىڭ بىلەن؟
تىرىشماق بىلەنلا ھەل بولسا ئىدى كۆڭۈل مۇرادى،
خۇسرەۋى پەرۋىز ئورنىغا
تىلاتتى تاغلارنى پەرھات.
گۈزەللىكنىڭ ئاتەشىدىن ئالسا ئىدى رەڭگىنى گۈل،
قالدۇرماستى چېمەنلىكتە بىر تالمۇ تېكەن.
كاساتلاشتۇردى ھۈسنۇ-گۈزەللەر بازىرىنى
بولمىسا تۈگىمەستى بۈگۈنمۇ يۈسۈپنىڭ فېتنەسى.
ئىرىشسە ئىدى ئەھلى ئاياغىنىڭ تۇپراقىغا
تۇپراق تىقاردى ھۆنەرسىز رەقىبىنىڭ ئېغىزىغا.

(2)
قاچانغىچە

قاچانغىچە،
بايان ئەيلەي دەردىمنى ئەلگە،
بىكاردىن بىكار؟
قاچانغىچە،
تىڭشاپ ئۆتەي ئىنسانلارنىڭ ئاھۇ-زارىنى؟
سەن ئۇخلارسەن تاتلىق تاتلىق گۈلىستان باغرىدا،
قاچانغىچە،
ھاسىلات ھەۋىسىدە ياتاي تولغۇنۇپ،
تېكەن ئۈستىدە؟
يوق بولسا گەر شىرىننىڭ كۆڭلىنى كۆتەرمەك يولى،
فەرھاد مىسالى.
قاچانغىچە تاش كېسىپ ئۆتەي كۆڭلۈم قېنى بىلەن،
قانلىق كۆز ياشلىرىم بىلەن؟
سۈپۈرگەيمەن ئېتى ماڭغان يوللارنى كىرپىكىم بىرلە،
يېغلىماق گۇناھ بولسا ئەگەر،
قاچانغىچە،
داۋاملىشار گۇناھكار بولماق،
يوللار سۈپۈرمەك؟
ئاڭلىمىدىڭ يۈزمىڭ نالە قىلسام بىرىنى.
سورىمىدىڭ:
قانچانغىچە داۋام قىلار ئۈشبۇ ھېكايە؟
قەريەردە ئۇ روزگار
ئېچىلدۇرار مېنى؟
گۈل مېسالى.
قاچانغىچە،
ئېچىلماي توزماق،
كۆڭۈل غېمى بىرلە
غۇنچە مىسالى؟

ئەي، جاھان ئەھلى!
قالمىدى دەۋا، دەرت تۆكمەكتىن باشقا،
دەرماندىن دەردىمنى يۇشۇردۇم ئۇزاق
يۇشۇرارمەن يەنە قانچىلىك؟


مەنبە: "پارس شېئىرىيەت ئانتولوگىيەسى"دىن ئابدۇمىجىت مۇھەممەد تەرجىمە قىلىپ، تەييارلىدى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-26 13:15:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئابدۇمىجىت! ئىككىنچى شېئىرنىڭ ئەسلى ۋەزىنى قانداق ئىدى؟

ۋاقتى: 2016-2-25 23:35:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت كۆپ ئەجىر قىپسىز ، رەھمەت سىزگە !
تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىسۇن .

ۋاقتى: 2016-2-26 00:25:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ :
«ئەي، جاھان ئەھلى!
قالمىدى دەۋا، دەرت تۆكمەكتىن باشقا،
دەرماندىن دەردىمنى يۇشۇردۇم ئۇزاق
يۇشۇرارمەن يەنە قانچىلىك؟»
بۆلەك تولىمۇ ئېسىل چىقىپتۇ. « دەرت-دەرد، يۇشۇردۇم-يوشۇردۇم، يۇشۇرارمەن-يوشۇرارمەن» دەپ يېزىلسا تېخىمۇ ئېسىل بولىدۇ. ئەمگەكلىرىڭىز مەڭگۈ ئېزىزلەنگەي!

ۋاقتى: 2016-2-26 10:32:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت ئاكا كۆپ ئەجىر قىپسىز .

ۋاقتى: 2016-2-26 13:52:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
14-15-ئەسىردىكى ئەرەب-فارىس شېئىرىيتىدە چاچما شېئىرمۇ باركەندۇق-ھە؟ بۇ مەن بىلىۋالغان بىر يېڭى ئۇچۇر بولدى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-26 19:24:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-26 07:25 PM  
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2016-2-26 01:52 PM
14-15-ئەسىردىكى ئەرەب-فارىس شېئىرىيتىدە چاچما شېئىرمۇ با ...


   ئەرچىن ئەپەندى خاتا بىلىۋالمىسىلا. ئەسلى ئەسەر ئارۇز ۋەزنىدە، ھازىرقى زامان پارس، تۈرك پوست مۇدىرنىزىمچى نوتۇشۇناس شائىرچاقلار ھازىرقى زامان تىلىغا شۇنداق ئۆرۈپ ئوقۇپ يۈرۈپتىكەن. ئىجادىيەتتىن ئاسانلىق ئىزدەۋاتقان پەتىۋاچى شائىرچاقلارغا تەسەللى بولسۇن دەپ،  شۇ يەردىن ئېلىپ يوللاپ قويغان ئىدىم.

دېمىسىمۇ شېئىردا ئۆزگىچىلىك بار، ئىپادىلەنگەن مەنا خېلى چوڭقۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرىنچى شېئىرنىڭ ئاخىرقى ئىككى مىسىراسى ئۆزگىچە ئەمەسمۇ!...

باھا سۆز

رەھمەت. شېئىردا ئۆزگىچىلىك زوركەن.  ۋاقتى: 2016-2-27 12:41 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-26 20:20:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-26 08:33 PM  
PerhatTursun يوللىغان ۋاقتى  2016-2-26 01:15 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئابدۇمىجىت! ئىككىنچى شېئىرنىڭ ئەس ...

QQ图片20160226203452.png

ئارۇز ۋەزنىدە ئىكەنمىش. ئەمما شائىر شېئىرلىرى بېرىلگەن توپلامغا ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى مەتېنى بېرىلمەستىن پەقەت ھازىرقى زامان يەشمىسى بېرىلگەچكە تەپسلى قاراپ چىقىش مۆمكىن بولماي قالدى.

باھا سۆز

چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!  ۋاقتى: 2016-2-27 12:42 PM
ۋاقتى: 2016-2-27 17:20:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت ئاكا شېئىرىيەت مۇنبىرى قاچان ئېچىلىدۇ.

ۋاقتى: 2016-2-28 01:20:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت ئەپەندى، مۇمكىن بولسا "مەگەر'نىڭ ئەسلىي نوسخىسىنمۇ ئەۋەتكەن بولساڭ، تەرجىمىنى سىلۇشتۇرۇپ باقساق دەيمەن...ئەمگىكىڭىزگە ئاپىرىن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-28 04:51:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-28 04:57 AM  

    سلام دوست من رۇداك،
    از آن خواهد شد شما منجر شود. اگر شما می توانید آن را باز کنید. من شما آرزوی موفق باشید.
                                                                                                    عبدالمجید.م



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-28 04:59:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇپقۇن1 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-27 05:20 PM
ئابدۇمىجىت ئاكا شېئىرىيەت مۇنبىرى قاچان ئېچىلىدۇ.

مېنىڭچە، بىر ھەپتە ئېچىدە ئېچىلىدۇ.

ۋاقتى: 2016-2-28 05:07:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت.م يوللىغان ۋاقتى  2016-2-28 04:59 AM
مېنىڭچە، بىر ھەپتە ئېچىدە ئېچىلىدۇ.

مەن بۇ مۇنبەرنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىۋاتىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-2 01:26:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇپقۇن1 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-28 05:07 AM
مەن بۇ مۇنبەرنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىۋاتىمەن.

ئىنشائاللاھ، يۈرەكتىن كۈتكەنلەر كۈتكىنىگە ھامان ئىرىشىدۇ دەپ ئويلايمىز.

ۋاقتى: 2016-3-2 12:47:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت.م يوللىغان ۋاقتى  2016-2-26 08:20 PM
ئارۇز ۋەزنىدە ئىكەنمىش. ئەمما شائىر شېئىرلىرى بېرىلگ ...

ۋائەلەيكۇم ئەسسالام، رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش