«بىر تامچە مېھىر» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشردىن چىقتى
ياش شائىر، دىنىي زات ھاجى ئابدۇغوپۇر شىرىپنىڭ«بىر تامچە مېھىر» ناملىق شېئىرلار توپلىمىيېقىندا قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىندى.
ئاپتۇرنىڭ بۇ شىئىرلار توپلىمىغا يېقىندا يازغان 113پارچە شىئىرى كىرگۈزۈلگەن. ئاپتۇرنىڭ بۇ شىئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن شىئىرلىرىنىڭ تىلى راۋان، مەزمۇنى چوڭقۇر، تۇرمۇش پۇرىقى چوڭقۇر، يېقىشلىق ۋە جەزىبدار.
ياش شائىر، دىنىي زات ھاجى ئابدۇغوپۇر شىرىپنىڭ «بىر تامچە مىھىر» ناملىق بۇ شىئىرلار توپلىمى ئۇنىڭ 2014-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان «قەشقەر بالىسى» ناملىق شىئىرلار توپلىمىدىن كىيىن خەلقىمىزگە
سۇنغان يەنە بىر دەستە خۇشپۇراق گۈلىدۇر. بىز ئاپتۇرنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىگە بەركەت تىلەيمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-28 13:24