دەردلەر قىيامى
ھاجى ئابدۇغوپۇر شىرىپ
ئازاپنى ئۆزۇمگە قىلدىم يۆلەنچۈك،
دەردلەرنىڭ قىيامى تومۇردىكى قان.
ھاياتىم سەن ئۈچۈن تاشلانغان يەمچۈك،
قىلدىڭ ھەم قۇشۇڭڭغا يۈركىمنى دان.
چۆلىڭدە سايرىدىم بوز تورغاي كەبى،
بوزلۇدۇم گاھىدا نىم جان كىيىكتەك.
تاغلارنى تىترەتكەن جەسۇر قامىتىم،
يولۇڭغا چىچىلىپ قالدى تىرىغدەك.
2016-يىلى1-ئاينىڭ 14-كۈنى
ياشىشىم كېرەك
دەرتلىرىڭدە زەرداپ قىلمىغىن،
ھىجرىڭ بىلەن ئۆرتەندى يۇرەك.
ئاي بولمىسا يۇلتۇزلار تولا،
سەنسىز يەنە ياششىم كىرەك.
سۇنغان گۈلنىڭ يىلتېزى باردۇر،
زىمىستاندىن ئۆتسە باھاردۇر،
ھەرنە قىلساڭ ماڭا بىكاردۇر،
سەنسىز يەنە ياششىم كىرەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-16 20:28