كۆرۈش: 313|ئىنكاس: 2

ھاجى ئابدۇغوپۇر شېرىپى: شېئىرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-22 20:43:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ھاجى ئابدۇغوپۇر شېرىپى




تۇغقان بىز


قىرىنداشلار –تۇغقانلار تاشلاشمىساق تۇغقان بىز،
رەقىبلەردەك چىلىشىپ-مۇشتلاشمىساق تۇغقان بىز.

ھە دەپ بەرسە ھەسەتخور،ھۇ دەپ بەرسە پىتنىخور،
ئاداۋەتتە –نىزادابوتناشمىساق تۇغقان بىز.

ھەممىمىز بىر ئادەمنىڭ ئەۋلادىغو-نەسلىغۇ،
ئۇزۇن مۇددەت تاشلىشىپ –ياتلاشمىساق تۇغقان بىز.

ئادالەتتىن،ۋىجداندىن،ئېتىقاددىن،ئېماندىن،
ياخشىلىقدىن-ئىھساندىن خوشلاشمىساق تۇغقان بىز.

قىلىپ غەيۋەت-شىكايەت،تاپماي تەۋپىق –ھىدايەت،
شەيتان بىلەن بىر جايدا قۇتراشمىساق تۇغقان بىز.

تاشلاپ ئارنى-نۇمۇسنى،تارقىتىپ كەڭ ۋىروسنى،
قاۋاقلاردا بەدبوينى ئوتلاشمىساق تۇغقان بىز.

ھەممىمىزنىڭ قىزى بار،ياخشى يولدا ئېزى بار،
توغرا يولدىن چىكىنىپ ئويناشمىساق تۇغقان بىز.

پەخىرلىنىپ بايلىقدىن،تۆتتال مۇئاش-ئايلىقدىن،
يېتىم قويۇپ پەرزەنتنى ئاجراشمىساق تۇغقان بىز.

كىچىككىنە مەنپەئەت، بايلىقنى دەپ تائەبەت،
پاك ئەقىدە ،يۈرەكنى داغلاشمىساق تۇغقان بىز.

خەخنى چاغلاپ خەس گويا، ئۆزىمىزنى ئەۋلىيا،
مايمۇن بىلەن تۈلكىدىن چاڭلاشمىساق تۇغقان بىز.

قىلىشمايلى ئوساللىق،گەپ-سۆزلەردە قوپاللىق،
گەپنىڭ راستى يوغانلىق تالاشمىساق تۇغقان بىز.

ئەسلى ئۇيغۇر ئۇيۇل بىز،بىر شاختىكى بىر گۈل بىز،
بىر باغدىكى بۇلبۇل بىز،‹زاغ›لاشمىساق تۇغقان بىز.




بارغاق كېلىپ




كۈندە ئۈچ،تۆت،بەش ۋاراق بارغاق كىلىپ،
قىلدى ئۆينى پات-پاراق بارغاق كىلىپ.
يەتمىگەي ئايلىق-مۇئاش سوۋغات ئۈچۈن،
(ئال تاۋاققا-يان تاۋاق)بارغاق كىلىپ.
ھەر بىرىگە كەتسە ئەللىك تىزىدىن،
بىز يىمەيمىزمۇ تاماق بارغاق كىلىپ.
ئەر-ئايال دەپ يازسا بارغاق بولدى ئىش،
بەك قىيىن ئاڭا بارماق بارغاق كىلىپ.
ئۇيقۇسىز بىر جۇپ قەدىنازلار شۇ كۈن،
ئۆچمىدى ھەم توك چىراق بارغاق كىلىپ.
نىمە ئانچە تۈرى كۆپ بارغاقلىنىڭ،
‹خەتنەتوي›‹نەزرە-چىراق› بارغاق كىلىپ.
بار تىخى ‹بۆشۈك›تويى‹ئىسىم›تويى،
قىز-يىگىت توي ھەم ‹چىللاق›بارغاق كىلىپ.
ئەنسىرەيمەن ئوغلى يوق ئۆيدىن يەنە،
قىزى تەشكەندە قۇلاق بارغاق كىلىپ.
قالمىدى ئۆي بۇزمىغان ھىچبىر كىشى،
يىلدا بىردىن قىپ تالاق بارغاق كىلىپ.
تەگسە گەر‹بارغاق›ماڭا بولدى يۈرەك ،
زەخمە يەپ تەگدى تاياق بارغاق كىلىپ.
چىقىرىڭلار پەتىۋا توي ئاۋىسۇن ،
جاننى ئالسۇن بالدۇراق بارغاق كىلىپ.

ئەجدادلىرىم دەنادۇر دەنا

   
ئۇيغۇر تىلىم،خىسلەتلىك تىلىم،
بىر جۈملىدە تۈمەن مىڭ مەنا.
بالاغەتلىك ،پاساھەتلىكىم،
گۈزەللېكتە رەنادۇر رەنا.

تالاي سۆزنى يىغىنچاقلىغان،
بىر جۈملىلىك«ماقال – تەمسىلگە»
ئۇيغۇر تىلىم قۇياش پارلىغان،
باھارىم ئۇ ئورالغان گۈلگە.

بىر چاغلاردا بەيگىگە چۇشكەن،
ئەرەپ،پارىس تىللىرى بىلەن.
ئابرويى ئەل ئارا ئۆسكەن،
تىللار ئارا خىللىرى بىلەن.

شۇڭا دەيمەن ئۇيغۇر تىلىمنى،
گۈزەللىكتە رەنادۇر رەنا.
مىراس قويغان بىزلەرگە ئۇنى،
ئەجدادلىرىم دەنادۇر دەنا.

يادىمدا مومامنىڭ پىچىرلاشلىرى
مومام تۇنجى ھىلالنى كۆرسە،
دۇئاغا قول كۆتۈرەر ئىدى.
گاھ قولىغا يۈزىنى سۈرسە،
گاھ يىغلامسىراپ پىچىرلار ئىدى.

باش كۆتۈرسە قۇياش شەرىقتىن.
پىچىرلايتى قولىنى سوزۇپ،
قىزىل شەپەق يوقىسا غەرىپتىن،
پىچىرلايتى كۆڭلىنى بۇزۇپ.

مومام،ھەردەم باھار بولغاندا،
بىدە تىرەر ئېدى ئىتىزدا.
يىڭىلىق ئاش پىشىپ سوۋىغاندا،
يىمەي تۇرۇپ قىلاتتى دۇئا.

پىچىرلايتى جايناماز ئۆزرە،
تۇرىۋىلىپ يىرىم كىچىدە.
ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ كىتەتتى بەزەن،
پىچىر-پىچىر قىلىپ ئىچىدە.

پىچىرلايتى مومام ئاشۇنداق،
يۇقۇرىغا ئالدىنى قىلىپ.
بوران چىقسا چاقسا ھەم چاقماق،
پىچىرلايتى كۆزگە ياش ئىلىپ.

ئاتا-ئانام كەلگەندە يوقلاپ،
بوشىتاتتى ئۇلارغا ئورۇن.
قايتار چاغدا ئۆرە قوپىراپ،
پىچىرلايتى ئۇزۇندىن ئۇزۇن.

بىزلەرنى ھەم باغرىغا بىسىپ،
مەڭزىمىزگە كېتەتتى سۆيۈپ.
يانچۇقىدىن تەسبىينى ئېلىپ،
بويىمىزغا سۈپلەيتى ھۈرۈپ.

مومام شۇنداق پىچىرلاپ يۈرۈپ،
دۇئاغا قول كۆتۈرەر ئېدى.
ئۆزى بىلەر بىر خۇداسى بىلەر ،
پىچىرلاپ ئۇ نېمىنى دېدى.

بانكىر

(بىر قىز دوستۇمغا)

يۈرەكنىڭ بىغىشى پۇلغا ئامانەتكە قۇلۇپ بانكىر،
سانايسىز پۇلنى ئازماستىن يەنە ھەم خەت ئۇرۇپ بانكىر.

سىتىپ دېھقانلار ئاشلىق ،مال،پۇلىنى قويمىغاچ ئۆيگە،
بۇلاڭچى ،ئوغرى-چاشقاندىن ھامان ئەقلى تۇيۇپ بانكىر.

يىغار پۇل ئىشچى-خزمەتچى،«بالام»دەپ«قىرىسام»ھەم دەپ،
ئالار ئاغرىق –سىلاق بولسا،ئامانەت پۇل قويۇپ بانكىر.

پۇلۇم يوق قويغىدەك سېزگە بىراق دىلدا مۇھەببەت بار،
ئامانەتكە قوياي مەڭگۈ يۈرەكىمنى يۇلۇپ بانكىر.
ئاتىلار

دەۋرۇ-دەۋرانىمدا پاك دىل ئاتىلار،
بىر-بىرىدىن شۇنچىلىك خىل ئاتىلار.
قەلبى ئاتەش كۆزىدىن چاقنايدۇ نۇر،
ھەيۋىسىدىن چىشلەيدۇ يەر ،پىل ئاتىلار.

قايسى چاغ كۆنگەن قولىغا قارچۇغا،
ئوۋلىغان شىكار قىلىپ كىيىك،بۇغا،
يىلتىزى ئەرمىش ئوغۇزخان،ئەرتۇڭا،
ئات مىنىپ ئۆتكەن تالاي يىل ئاتىلار.

ئىزى بار كارىز بىلەن تارىمدا ھەم،
سەمەن يولىدا كۆك تىرەك تازىمدا ھەم.
ئۇ ئاشۇنداق ئەجرى بىرلەن مۇھتەرەم،
تەرىپىدىن ۋاي تۈمەن مىڭ يايرايدۇ دىل ئاتىلار.

ئانا


سەن بولمىساڭ بولمايدۇ ئايەم،
سەن بولمىساڭ بولمايدۇ شاتلىق.
سەن بولمىساڭ بولمايدۇ ئالەم،
سەن بولمىساڭ نەدە ھاياتلىق.

سەن بولمىساڭ قاتمامدۇ بىشىم،
سەن بولمىساڭ ئاقمامدۇ يىشىم.
سەن بولمىساڭ قەيەردە مېنىڭ،
سەندەك ئۇلۇغ غەمخاھ-دىلكىشىم.

سەن بولمىساڭ نۇر چاچماس ناھار،
سەن بولمىساڭ سۇ نەگە ئاقار.
سەن بولمىساڭو قەيەردە باھار،
سەن بولمىساڭ ياغماس ھەتتا قار.

قۇياش

كۈنلەرنىڭ ئەينىكىدە ساقلانغان قۇياش،
ئادەم ئاتىنىڭ باغرىدا يانغان.
قۇياش شۇڭا نۇرلۇق چىرايلىق،
بەلكى ئۇ يۈسۈپنىڭ چىھرىگە قانغان.

قۇياش قۇدرەتلىك قۇياش ھەم پاكىز،
يەتتە قىتئەگە كىرەر ئۇ يالغۇز.
قۇياش كۆيىدۇ قۇياش تامىدۇ،
قۇياش سانايدۇ بىر ئاينى ئوتتۇز.

ئۇيقۇ

كىچە ئۇيقۇسېنى تۈگەتتى كۈندۈز،
كۆزلەرنىڭ ھەققى يوق ئەمدى ئۇخلاشقا.
نازىنىن قىزلارنىڭ قارا چىچىدا،
ئۇنىماس ۋاقىتمۇ بىر دەم توختاشقا.

بابۇر شاھ مىنگەن ئات كىرسە قوۋۇقتىن،
شەھرىزات توختىتار ھىكايىسىنى.
ساقلايدۇ يۇرت ئوغلى يۇلتۇزدەك بىدار ،
ئانا يۇرت باغرىنى ئۆز دائىرىسىنى.

ۋە لىكىن ئۇخلايدۇ دىۋە-پەرىيلەر،
قەبرىلەر ئۈگەندى ئۇخلاشنى ئۇندىن.
چاقنايدۇ ئالىملار ۋاقىتقا مىنىپ،
سىن ئىلىپ تاڭدىكى نۇرانە كۈندىن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-22 23:50  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-23 11:52:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەرخىل شېئىرلاردىن ھۇزۇرلاندىم....قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن....

ۋاقتى: 2016-1-12 23:05:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېرلىرىڭىزنى ئوقۇپ مەزمۇنىدىن بەك ھوزورلاندىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش