مېنىڭ دەردىم
ھاجى ئابدۇغوپۇر شېرىپ
مېنىڭ جۇل-جۇل سىياقىمنى كۆرۈپ ۋەيرانىدۇر دەڭلار،
بۇقۇلداپ يىغلىسام كۈن-تۈن غىرىپ دەمدارىدۇر دەڭلار.
قۇياشنىڭ ياغلىقى قان-ياش چىپىلداپ ئاقتى باغرىمغا،
مۇھەببەت يالقۇنى ئچرە گويا پەرۋانىدۇر دەڭلار.
ئۈمىدنى يېلغا مىندۇرسەم ئەجەل پىلغا مېنىپ قوغلار،
شۇيولدا گەر ئۆلۈپ كەتسەم ئەجەپ سەرسانىدۇر دەڭلار.
يۈسۈپنىڭ كەينىدىن قوغلاپ زۇلەيخا بولدى شەرمەندە،
مېنى قوغلايدىغان كىم بار شۇڭا يىگانېدۇر دەڭلار.
ئېلاھىم سەن ئۆزۈڭ يەككە ھاياتنى قىلمىغىن دەككە،
غوپۇرنې نەدە كۆرسەڭلار ئاشىق -دىۋانېدۇر دەڭلار.
2016-يىلې1-ئاينىڭ16-كۈنى، قەشقەر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-16 18:33
|