كۆرۈش: 276|ئىنكاس: 1

ھاجى ئابدۇغوپۇر شىرىپ: ئىككى شېئىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-16 13:28:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

ئاتمىش ياشتا

ھاجى ئابدۇغوپۇر شىرىپ

ئاتمىش ياشتا ئىچمەيمەن دېسەڭ،
ئىچىپ كۆنگەن، ئىچىپ قالىسەن.
قوللىرىڭدا تىترەيدۇ قەدەخ،
كىملەرگىدۇ سۆزلەپ ھارىسەن.

تاماكاڭنى يۆگەيسەن پىنھان،
ئۇيالغاندەك ياشلار ئالدىدا.
سورىيالماي ھەتتا سەرەڭگە،
خۇمارىڭنى قىيناپ دالدىدا.

تايانساڭمۇ بىراق ھاسىغا،
ئېغىزىڭدىن چۈشمەس سۆز شوخلۇق.
دەيسەن ھامان‹ياش ۋاقتىمىزدا،
ئالتە شەھەرگە يالغۇز تېتىيتۇق،›

مەنسىتمەيسەن ياشلارنى تېخى،
ئۇلار بىزدەك ئىچەلمەيدۇ دەپ.
مەشرەپلەردە ئوينىساق ئۇسسۇل،
كېتەلمەس دەپ قىزلار چۆرگىلەپ.

ئاتمىش ياشتا بىزلەرمۇ بەلكىم،
بوپ قالارمىز بىر ساڭا ئوخشاش.
كۆرگەن كۈننى سۆزلەپ بىرەرمىز،
مەڭزىمىزدىن سىرغىتىپ كۆز ياش.

دوستۇم دىمەڭ

چۈسسە ئاسمان ئۆرۈلۈپ ياتقاننى سىز دوستۇم دېمەڭ،
بېغىڭىزغا چالما-تاش ئاتقاننى سىز دوستۇم دېمەڭ،
ئارقىڭىزدىن پىتنە تارقاتقاننى سىز دوستۇم دېمەڭ،
ياخشى كۈنلەردە كۆڭۈل ئاچقاننى سىز دوستۇم دېمەڭ،
يېنىڭىزدا يانسا ئوت قاچقاننى سىز دوستۇم دېمەڭ.

دوست بەلەن بولسا ھامان يايرايدۇ جان، يايرار يۈرەك،
مەيلى ئاياز، جۇتتىمۇ دوستلۇق گۈلى ئاچقاي چېچەك،
يارۇ-دوستنىڭ ئاغزىدىن،چىققاي شېرىن دوستلۇق تىلەك،
باشقا كەلگەننى تامامتەڭ كۆرگىلى مەرتلەر كېرەك،
باشقا كەلگەندە ئىشىك ياپقاننى سىز دوستۇم دېمەڭ.

خۇددى پىلە قۇرتىدەك كېچە –كۈندۈز ئۇخلىماي،
يەيدۇ سىزنىڭ رىسقىڭىزنى بىر تىنىقمۇ توختىماي،
ئۆيىڭىزدىن ئۇزىمايدۇ سۈيىڭىزنى ئوتلىماي،
بارىڭىزدا كۈندە مېھما،ن يوقىڭىزدا يوقلىماي،
بىر ئۆزى يالغۇز ياڭاق چاققاننى سىز دوستۇم دېمەڭ.

قاغا بولسا دوستىڭىز سىزگە ئاھانەت ھەر كۈنى،
سىزگە ئۇندىن دەممۇ-دەم يەتكەي مالامەت ھەر كۈنى،
ئەل-جامائەت ئالدىدا قىلغاي نازامەت ھەر كۈنى،
قاغا بولسا دوستىڭىز يەيسىز نىجاسەت ھەر كۈنى،
نەپ دېسە گوداڭدا ئات چاپقاننى سىز دوستۇم دېمەڭ.

كىم يۈرەر ئادەم تۇرۇپ شۇ نەسلى شەيتانلار بىلەن،
كىم يۈرۈپتۇ تۈگىگەي مال-ۋەسلى، شەيتانلار بىلەن،
كىم گۇناھ ئۆتكۈزمىگەي پەيلى شەيتانلار بىلەن،
ئۆي ھوزۇرى كەتكۈدەك ئاھ، ئەھلى شەيتانلار بىلەن،
جۈپتىڭىزگە باشقىچە باققاننى سىز دوستۇم دېمەڭ.

بەزىلەر دوست تاللىماي تۇتقاچقا يېدى بۇرنىغا ،
قايتمىدى بۇرنىغا يەپ، قايتارمۇ يېسە قارنىغا،
قىلغۇلۇقنى قىپ بولۇپ ئالمايدۇ ھەرگىز بوينىغا،
قىسقا قولغا قول ئۇلاپ ھەمدەم بولۇشنىڭ ئورنىغا،
نەپ ئالاردا ئايىغى چاققاننى سىز دوستۇم دېمەڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-16 14:14  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-16 15:34:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللىرىغا بەركەت، مۇبارەك تەنلىرىگە ھەركەت يار بولسۇن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش