ximal
ئىگىسى: qabiljan2004

ئىسكەندەر پادىشاھ -‹‹شاھنامە ›› سەككىزىنچى بۆلۈم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 19:54:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسكەندەر ئورنىدىن تۇرۇپ ئەتراپقا قارىۋىدى ،يېقىنلا جايدا بىر ئۆي كۆرۈندى.ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىۋاتاتتى.ئادەم بارلىقنى بىلىپ شۇ ياققا ماڭدى،مەقسىدى يول سورىماقچى،تاماق بەرسە يەپ  قۇرسىقىنى تويدۇرۇۋالماقچى ئىدى.ئۆيگە كىرىپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى.ئۆيدە ھەقىقەتەن ئادەم بار ئىدى.لېكىن ئۇ ئادەم يۈزلىرى ئاۋاق،چاچلىرى ساۋاق،چىشلىرى ھىڭگاق،بوينىدا پوخاق؛دەللەئى مۇختار،ھۇللەئى مەككار،زۇلمەتى دىدار بىر شۇم جادىگەر  موماي ئىدى.ئۇ چاق ئىگىرىپ ئولتۇراتتى.چاقتا ئىگىرىۋاتقىنى يىپ ئەمەس ،بەلكى ئادەمنىڭ ئۈچەي ۋە پەي-تومۇرلىرى ئىدى.ئىككى تىزى مەيدىسىدىن ئاشقان،ساڭگىلىغان بېشى كاسسىغا چاپلاشقان ئىدى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 19:55:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پادىشاھ ئىسكەندەر يۈرەكلىك ئادەم ئىدى.شۇڭا قورقۇپ كەتمەستىن دىدىل تۇرۇپ سالام بەردى.موماي سالامنى ئىلىك ئېلىپ:
-كېلىڭ ،ئەي مەھبۇب،جان گۇداز(جاننى قىينىغۇچى)! ياخشى سالام قىلىپ كىردىڭ.سالامىڭ بولمىغان بولسا تىرىكلا يۇتار ئىدىم.ئادەم سېغىنىپ تۇرغىنىمدا ئاللاھ سېنى ماڭا يەتكۈزدى.مانا ،جامالىڭغا مۇيەسسەر بولدۇم.ئۇنىڭ قۇۋۋىتىدىن ياشلىققا قايتقاندەك بولدۇم.سەن ھەقىقەتەن بەردەم يىگىت ئىكەنسەن.سەندەك ھۆسنى گۈل،بېلى شەمشاد،پۇتلىرى تۈۋرۈك،كۆڭلى شامالدەك يۈگرۈك يىگىتلەر قىزلارنىڭ جېنىغا- جان،شانىغان -شان.مەن گەرچە قېرى موماي  بولساممۇ كۆڭلۈم ئون بەش ياشلىق قىزدىن ئۆتە ياش.كەلگىن بىرگە ئولتۇرايلى،مەن ساڭا ئوبدانراق قارىۋالاي،ھىدلىرىڭنى پۇرىۋالاي،بەللىرىڭنى چىڭگىلىكتەك چىرماپ،باغرىڭدا سۇدىكى بېلىقتەك ئويناپ تۇرۇپ ،ۋىسالىڭ شەربىتىگە بىر قاناي،شۇنى بىلگىنكى مەن ھازىر شۇنداق كۆرۈمسىز بولغان بىلەن ۋەسلىڭگە قانسام گۈلدەك ئېچىلىمەن،كۈن نۇرىدەك يالتىراپ چېچىلىمەن.بىر كۆرسەڭ ئاھ تارتىپ ئىككى كۆرمەكنى ئارزۇ قىلغۇدەك گۈلپەرىگە ئالىنىمەن.
بۇ سۆزلەر ئىسكەندەرنى يىركەندۈردى،خۇددى نىجاسەتكە چۈشۈپ كەتكەندەك ش

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 19:56:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۈركەندۈردى.لېكىن كىرگەنىكەن مۇنداقلا چىقىپ كەتسە بولمايتتى.شۇڭا ئۇ گەپ سۆز قىلمايلا مومانىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.ئۇنىڭ قۇچاقلاش ئۈچۈن ئۇزاتقان قوللىرىنى قايرىۋېتىپ قاپىقنى تۈرگەن ھالدا جىم ئولتۇردى.موماي بۆرە ھۇۋلىغاندەك سەت ئاۋاز چىقىرىپ كۈلۈپ كېتىپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى:
-مېنىڭ بەكمۇ چىرايلىق ئۈچ قىزىم بار،ئۇلارھېلى كېلىدۇ.ئۇلار كېلىپ سېنى كۆرۈپلا  قالسا مېنىڭدىن تارتىۋېلىپ ۋىسال دۆلىتىڭدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ.شۇڭا سېنى يوشۇرۇپ قوياي دەيمەن.بۇ تاختاينىڭ ئاستىغا كىرىپ پىنھاندا تۇرۇپ تۇرغىن!

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 19:57:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موماي سۆزىنى تۈگىتىپلا ئىسكەندەرنى يوشۇرۇپ قويدى. دېگەندەك ھايال قالمايلا موماينىڭ ئۈچ پەرى قىزى كىرىپ كەلدى.موماي بىر كوزا شاراپ كەلتۈرۈپ قىزلىرىنىڭ ئالدىدا قويدى دە مۇنداق دەپ ئىلتىجا قىلدى:
-ئەي قىزلىرىم،سىلەرمۇ ئۆز مەشۇقۇڭلارنى ياد ئېتىپ بىر جامدىن مەي ئىچىڭلار،مەنمۇ ئۆز مەھبۇبۇم ئۈچۈن بىر جام ئىچىپ كۆڭلۈمنى خوش قىلاي.
ئاۋال چوڭ قىزى قولىغا جامنى ئېلىپ سۆز باشلىدى:
-بىز بۈگۈن شاھ پەرى بىلەن ‹‹ھاممام فەرامۇشان››غا بارغان ئىدۇق.خانىكام مېنى ھىكايە ئېيتىشقا بۇيرىدى.مەن چاشقاننىڭ ھىكايىسىنى ئېيتقان ئىدىم، مەلىكىنىڭ ئاچچىقى كەلدى.قول ئاستىدىكىلەرگە بۇيرۇپ مېنى باغلىتىپ ھاممامدا قالدۇرۇپ قويۇپ  كېتىپ قالدى.قانداق قۇتۇلارمەن دەپ تۇرسام قۇياشتەك نۇرلۇق بىر يىگىت پەيدا بولۇپ كېلىپ مېنى يىشىپ قويدى.كېيىن ئۇ يىگىت ماڭا:‹‹مەن بىلەن بىرگە بولغىن›› دەپ كۆپ يالۋۇرۇپ كەتتى.لېكىن مەن‹‹ ئادىمىزات ۋاپاسىز كېلىدۇ››دەپ باھانە كۆرسۈتۈپ ئۇيىگىتنىڭ ئالدىدىن قېچىپ كەلدىم.كېيىن قاتتىق پۇشامان قىلدىم.شۇ تاپتا ئۇ يىگىتنىڭ پىراقى مېنى ىاراپ قىلماقتا-قىز سۆزىنى تۈگىتىپلا  مەينى كۆتۈرىۋەتتى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 19:58:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ئۇ كۈنى زىمىن ئۈستىدە‹‹ يالغۇز قاراقچى›› بولۇپ بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتاتتىم-  دەپ سۆزىنى باشلىدى ئىككىنچى قىزى- ئالدىمغا ماللىرى مول بىر كارۋان ئۇچرىدى.ئۇلارنى بۇلىماق بولۇپ كەلسەم ئاجايىپ قاملاشقان بىر يىگىت چىقىپ ئالدىمنى توستى.مەن ئۇنىڭغا بىر پاي ئوق ئاتتىم.لېكىن ئۇ ئوقنى چاققانلىق بىلەن تۇتۇۋالدى.مەن ئۇنىڭ جەڭ ماھارىتىنىڭ قالتىسلىقنى تۇيۇپ ئۇرۇشمايلا قېچىپ كەتتىم.ئۇ يىگىتتەك كېلىشكەن يىگىتتىن ئىككىنچى بىرى تېخى ئانىسدىن تۇغۇلمىغاندۇ.مەن شۇندىن بېرى ئۇنىڭ ئىشقىدا بىقاراردۇرمەن-  بۇ قىزمۇ سۆزىنى تۈگىتىپلا مەينى كۆتۈرىۋەتتى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 19:59:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىدا كەنجى قىزى قولىغا مەي ئېلىپ ئولتۇرۇپ سۆزىنى باشلىدى:
-مەن بىر كۈنى قولۇمغا پولات پەنجىمنى سېلىپ دەريا تېگىدە كېتىۋاتاتتىم.لىققىدە  سودىگەر ئولتۇرغان بىر كېمە ئۇچرىدى. مەن كېمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ئۇلارنىڭ مل-مۈلكىنى تارتىۋالماقچى بولۇم.لېكىن كۈتمىگەندە پالۋان سۈپەت،قۇياش تەلئەت بىر يىگىت پەيدا بولۇپ پولات پەنجىمنى تارتىۋالدى.قولۇمنىمۇ زەخمىلەندۈردى.ئۇ ماڭا زىيانكەشلىك قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئىشقى يۈرىكىمگە تاشتەك ئورناپ كەتتى.
قىز سۆزىنى تۈگىتىپلا مەينى ئىچىۋەتتى.نۆۋەت مومايغا كەلدى.مومايمۇ يۈز بەرگەن ئىشلارنى سۆزلەپ بىر پىيالە مەي ئىچتى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 20:00:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلار قوپۇپ پادىشاھ ئىسكەندەرنى تاختاي ئاستىدىن تارتپ چىقىشتى.قارىغۇدەك بولسا بۇ باشقا بىرى ئەمەس ھەممىسى بىر-بىرلەپ ئاشىق بولغان ھېلىقى يىگىت ئىكەن .شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ‹‹ئاۋال مەن ئىشرەت قىلىمەن››دىيىشىپ ئۆز -ئارا تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قېلىشتى.بۇ تالاش -تارتىش چىڭىغا چىقىپ قۇرال كۆتۈرۈشتى.ئالدى بىلەن چوڭ قىزى موماينى ئۆلتۈردى.ئۇنى ئوتتۇرانچىسى ئۆلتۈردى.ھەممىسىنىڭ قىساسى ئۈچۈن ئوتتۇرانچىسىنى كەنجىسى ئۆلتۈرى.شۇندىن كېيىن كەنجىسى ئىسكەندەرگە قاراپ:
-ئەي يىگىت،سېنى دەپ قېرىنداشلىرىمنىمۇ ئۆلتۈردۈم،ماڭا مۇھەببىتىڭنى بەرگىن!  -دەپ ئىلتىجا قىلىۋىدى ئىسكەندەر قەتئى رەت قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ئىسكەندەرگىمۇ تىغ تەڭلەپ كىلىۋىدى.ئىسكەندەر ئۇنى بىر پەشۋا بىلەنلا ئۆلتۈرىۋەتتى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 20:00:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ چاغدا ئىسكەندەرنىڭ قۇلۇقىغا غايىپتىن بىر سادا ئاڭلاندى:
-يا پادىشاھ ئىسكەندەر،قوپقىن،بۇ ئۆينىڭ ئارقىىسغا چىققىن.ئۇ يەردە بىر چاھارباغ بار.بوستانلىقتىكى راۋاقتا بىر قىز ئۇخلاۋاتىدۇ.سەن بېرىپ ئۇ قىزنىڭ قىچىقىنى تېپىپ ئويغاتقىن،ئۇ خۇشۋاقت بولۇپ ئويغانسا نۇرغۇن مۈشكىللىرىڭ ئاسان بولغۇسى!
ئىسكەندەر بۇ ئاۋازنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆينىڭ ئارقىسىغا چىقتى.قارىسا دېگەندەك بىر باغ بار ئىكەن،لېكىن ئىشىكى قۇلۇپلاقلىق ئىدى.ئۇ ئاچقۇچ بولمىغاچقا قۇلۇپنى سۇندۇرۇپ باغقا كىردى.بۇ شۇنداق ئىسىل باغ ئىدىكى تۈرلۈك تۈمەن مىۋىلەر پىشىپ مەي باغلاپ كەتكەن.رەڭمۇ-رەڭ  گۈللەر ئېچىلىپ باغنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي گۇشپۇراقلار تارقىتىپ تۇرغان.گۈللەر ۋە دەرەخلىكلەردە خىلمۇ خىل خۇش ناۋا قۇشلار  يېقىملىق ئاۋازدا سايرىشىپ كۆڭۈللەرنى شاد قىلماقتا ئىدى.ئېرىقلاردىكى سۈپ-سۈزۈك مەرۋايىتتەك سۇلار شىلدىرلىشىپ ئېقىپ قۇشلار نەغمىسىگە جۆر بولاتتى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 20:01:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسكەندەر باغنىڭ ئوتتۇرىدىكى چىمەندىن ھېلىقى قىزنى تاپتى.ئۇ ئاپتاپتەك نۇر چېچىپ،قارىغان كىشىنىڭ ئەقلىنى بىھۇش قىلىپ، نازلىق ئۇخلاپ كەتكەن ئىدى.بۇ قىز شۇ قەدەر گۈزەل ئىدىكى ئىقلىمدا ئۇنىڭدەك گۈزەلدىن ئىككىنچى بىرسى تېپىلماس ئىدى.بۇ قىز تەرلەپ كەتكەن بولۇپ تەرلىرىدىنمۇ ئىپار ھىدى كېلەتتى.قاپقارا ھەم ئۇزۇن ئىككى ئۆرۈم چېچىنىڭ ئۆرۈمى يىپقا تىزىلغان مارجان كەبى زەنجىر -ھالقا ئىدى. .ئىسكەندەر ئۇنىڭغا بىر قاراپلا ئاشىقى بىقارار بولدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qabiljan2004 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-7 20:02  


ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 15:02:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پادىشاھ ئىسكەندەر ئاستا-ئاستا كېلىپ تەختنىڭ ئۈستىگە چىقتى.ئۇ كۆڭلىدە:‹‹ مەلىكىنىڭ قىچىقى قەيەردە بولغىيدى؟قانداقمۇ تاپارمەن؟›› دەپ تەپەككۇر قىلىپ تۇراتتى، غايىپتىن بىر نىدا ئاڭلاندى:
-ئەي ئىسكەندەر،قىچىقىنى تېپىپ خۇشال ئويغىتالىساڭ تەلىيىڭ،ئەگەر ئۇنداق قىلامىساڭ ئۇ غەزەپلىنىپ ئالەمنى غەرىق قىلىۋەتكۈسى!
--سەن ئۆزۈڭ كىم؟ نىمىشقا ماڭا غايىپتىن ئىش ئۆگىتىسەن؟ نىمىشقا ئۆزۈڭنى كۆرسەتمەيسەن؟
-مەن غايىپ ئەرەنلەردىن بولىمەن.بىزمۇ پەرىشتە مالائىكىلەرنىڭ بىر تۈرى.بىز تەڭرى يولىنى تۇتقانلارمىز.ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە يوشۇرۇن يول كۆرسۈتۈپ مۈشكىلاتلىرىنى ئاسان قىلىمىز.
-نىمىشقا ئۆزۈڭنى كۆرسەتمەيسەن؟

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 15:05:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-بىز ئىنسانلارغا ئوخشىمايمىز.ئۇلار بىزنى كۆرەلمەيدۇ.
-ئۇنداق بولسا ئېيتقىنا،مەلىكىنىڭ قىچىقى قەيەردە؟
-قىچىقى پۇتىنىڭ ئۇچىدا.
ئىسكەندەر مەلىكىنىڭ پۇتىنى قىچىقلىماقچى بولۇپ ئۇنىڭ ئۆتۈكىنى تارتىۋىدى مەلىكە ئويغۇنۇپ كەتتى.ئۇ تەبەسسۇم بىلەن ئويغانغان ئىدى.ئىسكەندەر ئۇنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولدى.
-ئەي ئادەم،ساڭا مېنى مۇنداق ئۇسۇلدا ئويغۇتۇشنى كىم ئۆگەتتى؟
-مېنىڭ بىر ياخشى ھەمراھىم بار ئىدى،شۇ ئۆگەتتى.ئەي مەلىكەم،ماڭا تېگىڭ.
-سەن كىم؟ نىمىشقا ماڭا بۇنداق تەلەپ قويۇسەن؟
-ئىسمىم ئىسكەندەر؟
-پۈتكۈل جاھاننى ئۆز  ئىلكىڭگە ئېلىش ئۈچۈن جاھانگىرلىك يولىغا مېڭىپ قوشۇن تارتىپ چىققان پادىشاھ ئىسكەندەر بولمىغىن يەنە؟
-دەل شۇ كىشى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 15:05:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-يا ئىسكەندەر ،سەن بولساڭ يەتتە ئىقلىمنىڭ پادىشاھى.شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى، بۇ دۇنيادا ھەممە ئىشنىڭ ئۆز ۋاقىت سائىتى بولىدۇ.تەقدىردە مەن ساڭا بەخشەندە قىلىنغان.ھامان ساڭا تېگىمەن.سەن بۇ قېتىمقى سەپىرىڭدە رۇم پادىشاھىنىڭ قىزى بىراندۇققا يولۇقۇپ،جەڭدە  ئۇنىڭغا يەتتە قېتىم باسۇرۇق بولۇپ ئاندىن ئۇنى ئالالايسەن.مەنمۇ شۇندىن كېيىن ساڭا نېسىپ بولىمەن.ئاڭغىچە سەبرى قىلغىن.
ئىسكەندەر ماقۇل بولدى.مەلىكە كېنىزەك قىزلىرىنى چاقىرىپ بەزمە ئۇيۇشتۇردى.ئۇلار خۇشال- خورام ئولتۇرۇپ بىرگە شاراپ ئىچىشتى.مەلىكە ئىككى قولىنى ئىسكەندەرنىڭ بوينىغا گىرەلەشتۈرۈپ تۇرۇپ ناز بىلەن سورىدى:

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 15:06:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ئۆتكەندە ھاممام پەرامۇشاندا ساڭا موماينىڭ قىزىنى تاشلاپ كەتكەن ئىدىم.كېيىن قانداق بولدى؟
-ئۇ قىزنى باغلاقتىن بوشىتىپ قويۇپ بەردىم.كيىن بىر دەشتكە چىقىپ قاراقچىغا،تۆمۈر پەنجىگە ۋە مومايغا ئۇچرىدىم،ئۇلار مېنى تالىشىپ بىر -بىرىنى ئۆلتۈرۈشتى.ئۇ يەردىن چىقىپ بۇ يەرگە كېلىشىم.
-ئەي ئىسكەندەر،سەن ئۇ قىزلار بىلەن ئىشرەت قىلغانسەن؟
-مەن ئۇ قىزلارنىڭ قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتمىدىم!
-ئادىمىزات دېگەن ۋاپاسىز ۋە يالغانچى كېلىدۇ.مەن بۇنداق سۆزلەرگە ئىشەنمەيمەن  -دېدى ۋە بىر قىزغا بۇيرۇدى:
-ئۇرغىن بۇ ئادەمنى!
ھېلىقى قىز ئىسكەندەرنى بىر كاچات ئۇرۇۋىدى ئىسكەندەر شاپىلاق دەستىدىن تەختتىن يۇمۇلاپ چۈشۈپ ھۇشىدىن كەتتى.ھۇشىغا كېلىپ قارىسا قىزمۇ، تەختمۇ، باغمۇ يوق.ئۆزى بىر باياۋاندا يېتىپتۇ.پادىشاھ ئىسكەندەر قىلغان سۆزلىرىگە پۇشايمان قىلىپ تۇراتتى قۇلىقىغا يەنە غايىپ ئەرەنلەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 15:06:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-يا ئىسكەندەر،نىمىگە ھاڭۋېقىپ تۇرىسەن؟ ھېلىھەم بولسىمۇ بارغىن.بۇ ئەتراپتا ‹‹نىل›› دەپ بىر دەريا بار.بۇ دەريادىن غەۋۋاسلار مىسىر پادىشاھىغا گۆھەر سۈزىدۇ.سەن ئۇلارغا شاگىرت بولۇپ،دەريادىن  توققۇز گۆھەر سۈزۈپ مىسىر مەلىكىسىگە سوغات قىلساڭ مەقسىدىڭگە يېتەلەيسەن.
پادىشاھ ئىسكەندەر نەچچە پەرسەڭ يول يۈرىۋىدى.دېگەندەك ئالدىغا بىر دەريا ئۇچرىدى.ئۇ غەۋۋاسلارنى تېپىپ سالام قىلىۋىدى ،غەۋۋاسلار ئۇنىڭدىن سورىدى:
-سەن نىمە ئادەم؟ بۇ يەرگە نىمە قىلغىلى كەلدىڭ؟
مەن غەۋۋاستۇرمەن.سىلەر بىلەن بىرگە گۆھەر سۈزگىلى كەلدىم.
-ئۇنداق بولسا دەرياغا تەڭ چۈشۈپ بىرلىكتە گۆھەر سۈزىمىز.قايسىمىزغا قانچىلىك نەرسە چىقسا تەڭدىن بۆلۈشىمىز!
-بولىدۇ دېگىنىڭلاردەك بولسۇن.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 15:07:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلار ئىسكەندەرگىمۇ غەۋۋاسلىق كىيىمىدىن بىرنى بەردى.ئاندىن بىرلىكتە دەرياغا چۈشۈشتى.غەۋۋاسلار دەرياغا بىر چۆمىۋالسا سۇدا ئەتىدىن كەچكىچە يۈرەلەيتتى.لېكىن ئىسكەندەر دەريانىڭ ئاستىغا چۆكمەي تۇرۇپ نەپىسى قىسىلغىلى تۇردى.شۇنداق مۈشكۈل پەيتتە ئۇنىڭ يېنىغا بىر كىشى پەيدا بولدى:
-يا ئىسكەندەر، ساڭا بىر نەپەس تىرىكلىك خوپمۇ ياكى جاھاننىڭ پادىشاھلىقىمۇ؟
-ئەلۋەتتە بىر نەپەس تىرىكلىك خوپ!
ئۇ كىشى سۇغا ئىشارەت قىلىۋىدى سۇ ئىسكەندەردىن قىرىق گەز يىراقلاپ ئاقتى.ئىسكەندەر شۇندىلا نەپەس ئالالىدى.ھېلىقى كىشى ئىسكەندەرنىڭ قولىغا ئون سەككىز دانە ئىسىل گۆھەرنى تۇتقۇزۇپ مۇنداق تاپىلىدى:

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش