ximal
ئىگىسى: qabiljan2004

ئىسكەندەر پادىشاھ -‹‹شاھنامە ›› سەككىزىنچى بۆلۈم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 18:37:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسكەندەر قايتماقچى بولۇپ كەينىگە يېنىۋېتىپ تاغ چېقىلىدا ئۆز-ئارا راسا  چوقۇشۇۋاتقان ئىككى كەكلىكنى كۆرۈپ قالدى.ئۇلارنىڭ بىرى كىچىك ھەم ئورۇق ،يەنە بىرى بولسا يوغان ھەم سېمىز ئىدى.ئۇ بۇلارنىڭ سوقۇشۇش نەتىجىسىنى پال قىلىپ دارا بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭنىڭ نەتىجىسىى قانداق بولىدىغانلىقنى  بىلىپ باقماقچى بولدى.ئۇ ئۆزىنى كىچىك كەكلىككە،دارانى بولسا چوڭ كەكلىككە تەقلىت قىلدى.شۇڭا كەكلىكلەرنىڭ سوقۇشىشىنى كۈزىتىپ تۇردى.يېنىدىكىلەرمۇ شاھىنىڭ مەقسىدىنى چۈشىنىپ كەكلىكلەرنى ئۈركىتىۋەتمەستىن جىم تۇرۇشتى. كىچىك كەكلىك ئاجىزدەك كۆرۈنگەن بىلەن قەيسەر ھەم سوقۇشچى ئىكەن.بىردەملىك سوقۇشۇشتىن كېيىن ئۇ چوڭ كەكلىكنىڭ باش كۆزلىرىنى قانغا بويىۋەتتى.
دەل شۇ چاغدا ئاسماندىن بىر بۈركۈت ئۇچۇپ چۈشۈپ چوڭ كەكلىكنى چىڭ قاماللىغىنىچە يەنە ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپ بىردەمدە كۆزدىن غايىپ بولدى.بۇ ‹‹پال›› نەتىجىسى ھەزرىتى  ئىسكەندەرنى خۇشال قىلىۋەتتى.ئۇنىڭدا دۈشمەننى يېڭىشكە بولغان يېڭى  ئۈمىد تۇغۇلدى.
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 19:03:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ تاپ ھەر ئىككى پادىشا بىر بىرىنى مەقسىدىنى بىلەلمەيۋاتاتتى. دارانىڭ لەشكەرلىرى كۆپ بولغاچقا ھەممىسى كۆڭلىدە‹‹بىز يېڭىمىز›› دېيىشىپ زور ئىشەنچ باغلىشاتتى.شۇڭا ئۇلار مەغرۇر ئىدى.تېزراق جەڭگە چۈشۈپ  كۈچ ۋە ھەيۋىسىنى نامايەن قىلىشقا ئالدىرىشاتتى:
-ئۇلۇغ شاھىم ،چوڭ قوشۇننى قوزغاتماي بىرىمىزگىلا رۇخسەت بەرسىلە،ئىسكەندەرنىڭ لەشكەرلىرىنى سۈر توقاي قىلىپ لەشكەرەاھىنى تۈزلىۋېتىپ كېلەيلى!
-ئالدىرىماڭلار –دەپ توساپ قوياتتى دارا ئۇلارنى  -ئۇرۇش قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.ئىسكەندەر چوقۇم يىغلاپ يالۋۇرۇپ- ئالدىمغا كېلىدۇ.
ئۇلار شۇ تەرىقىدە نەچچە كۈن كۈتۈپ باقتى.ئىسكەندەر  كەچۈرۈم سوراپ كەلمىدى.ئايغاقچىلار ئىسكەندەر لەشكەرلىرىنىڭ قىلچە قورقۇنچىسى يوق ھالەتتە ھەربى  مەشىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئېلىپ كېلەتتى.شۇنىڭ بىلەن دارا ئاخىرى مۇشاۋۇرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ جەڭگە چىقىش قارارىغا كەلدى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 19:43:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەڭ باشلىنىۋىدى، بارچە خالايىقنىڭ كۆڭلىدىن خاتىرجەمملىك كۆتۈرۈلدى.ئىككى پادىشاھ ئۆز لەشكەرلىرىنى ئالدىغا سۈرۈپ قانلىق جەڭنى باشلىماق ئۈچۈن بىر بىرىگە يېقىنلىشىپ كېلىشتى.ئۇلۇغ ئوكيان بىلەن شاۋقۇنلۇق دېڭىز بىر بىرىگە قاراپ ئاقتى.ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دۇمباقچىلىرى دۇمباق ئاۋازى ئارقىلىق ھەيۋىسىنى كۆرسەتمەكچى بولغاندەك دۇمباقلىرىنى بار كۈچى بىلەن گۈمبۈرلىتىپ ئۇرۇپ قۇلاقلارنى پاڭ قىلىۋەتكۈدەك ھەيۋە كۆرسىتىشتى.بۇ ئاۋازلار ئازلىق قىلغاندەك ئىككى قوشۇن يېقىنلىشىپ كېلىپ بىر-بىرىنىڭ قارىسىنى كۆرگەندە شۇ قەدەر چۇقان سۈرەن سېلىشتىكى شاۋقۇننىڭ دەستىگە تۇرغىلى بولمىدى.بۇ شاۋقۇن سۈرەنلەر كۆككە ئۆرلەپ تۆتىنچى قات ئاسمانغا قەدەر يەتتى.پەرىشتىلەر بۇ غوۋغادىن تەئەججۈپلىنىشىپ بىر بىرىدىن سوراشتى:
-ئىنسانلار ئالىمىدىكى نىمە غوۋغا؟ ئۇلار نىمانچە جارقىرىشىدىغاندۇ؟
خەۋەرچى مالائىكىلەر جاۋاپ بېرىشتى:
-ھىچ ئىش يوق، پەقەت بىر سۇمرۇغ بىلەن بىر بۈركۈت ئۆز -ئارا سوقۇشماقچىكەن.ئۇلار بىر-بىرىگە ھەيۋە كۆرسۈتىۋاتىدۇ.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 19:43:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى قوشۇن يېقىنلىشىپ كېلىشپ قارىمۇ- قارشى سەپ تۈزۈشۈپ بولغاندىن كېيىن جەڭ قەدىمدىن كېلىۋاتقان ئادەت بويىچە ئالدى بىلەن يەككىمۇ-يەككە ئېلىششتىن باشلاندى.ئالدى بىلەن ئىسكەندەر تەرەپتىن بىر پالۋان ئاتلىق مەيدانغا چىقىپ سىپايىگەرچىلىك ھۈنەرلىرىنى كۆرسىتىپ قارشى تەرەپنى جەڭگە چىللىدى.ئۇ بىر قولىغا نەيزە،يەنە بىر قولىغا قالقان تۇتقان بولۇپ بەكمۇ جەسۈر كۆرىنەتتى.ئۇنىڭ ئىسمى بارۇق بەربەرى بولۇپ شۇ زاماننىڭ ئەڭ قابىل پالۋانلىرىدىن ئىدى.ئۇ بۇرۇن دارانىڭ ئادىمى ئىدى.ئۇ شۇ قەدەر مەشھۇر ئەزىمەت بولسىمۇ دارا پىتنىچىلەرنىڭ تۆھمەت  سۆزلىرىگە كىرىپ ئۇنىڭ قەدرىنى قىلمىغان، ھەتتا ناھەق ئۇرۇپ خارلىغان ئىدى.شۇڭا ئۇ نادان پاسىبانغا خار بولغاندىن كۆرە ئاقىل خوجىغا خىزمەت قىلىپ ئىززىتى بىلەن ياشاشنى قارار قىلىپ بۇندىن يېرىم يىلچە بۇرۇن كېلىپ ئىسكەندەرگە قوشۇلغان. ئىسكەندەرمۇ ئۇنىڭ قەدرىنى بىلىپ ئالدىنقى قاتاردىكى سەركەردىلىرى قاتارىغا ئۆتكۈزۈپ ئەتىۋارلىغان ئىدى. مانا بۈگۈن ئىسكەندەرنىڭ شەپقىتىگە رەھمەت ئېيتىش قەدرىنى بىلمىەە داراغا ئۆزىنى بىر كۆرسۈتۈپ قويۇش ئۈچۈن بىرىنچى بولۇپ مەيدانغا چۈشكەن ئىدى.ئۇ مەيدانغا چۈشۈپلا داراغا تىل سالدى:
-ئەي دارا دېگەن قېرى چوشقا،مېنى تونىدىڭمۇ؟ مەن سەن كۆزگە ئىلمىغان،تۆھمەتچىلەرنىڭ ئۆسەك سۆزلىرىگە ئىشىنىپ زۇلۇم سالغان،ناھەق تاياققا باستۇرغان بارۇق بەربەرى بولىمەن.سەن مېنىڭ قەدرىمنى بىلمىگەن ئىدىڭ، شۇڭا سېنى تاشلاپ ئىسكەندەر پادىشاھقا قوشۇلدۇم.ئۇ مېنى ئەزىزلەپ باش سەركەردە قىلدى.مەن بۈگۈن بۇ مەيداندا ئۆز ماھارىتىمنى كۆرسۈتۈپ ئىسكەندەر پادىشاھقا بولغان رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. قېنى،پالۋانلىرىڭ بولسا مەيدانغا چۈشۈر، كىم مەرت، كىم نامەرت ساڭا ئېنىق كۆرسۈتۈپ قوياي!...
ئۇنىڭ سۆزلىرى ئاخىرلىشىپ بولغىچە دارا سەۋر قىلىپ تۇرالمىدى. ئۇ قان قۇيۇلغاندەك قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ئۆز سەركەردىلىرىگە تىكىپ غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى:
-قېنى قايسىڭ چىقىپ ئاۋۇ ئىتنىڭ كاللسىنى كېسىپ كېلىسەن؟!
ئۇنىڭ سۆزلىرى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ ھەرران ئىسىملىك پالۋىنى ئات سېلىپ چىقىپ بارۇق بەربەرىگە ئېتىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qabiljan2004 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-27 20:13  


ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 20:35:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرران بىلەن بارۇق بەربەرى ھەر ئىككىلىسى داڭدار پالۋانلاردىن بولغاچقا يېڭىش –يېڭىلىش ئاسان ئايرىلمىدى.ئۇلار ئۈچيۈز مەرتىۋىدىن ئارتۇق نەيزىۋازلىق قىلىشقان بولسىمۇ بىر-بىرىنى يېڭەلمىدى.ئاخىر  بارۇق چاندۇرغاندەك قىلىپ ھىيلە ئىشلىتىپ ھەرراننىڭ بىخەستە تۇرغان پەيتىدىن پايدىلىنىپ شۇنداق نەيزە ئۇردىكى نەيزە ئۇنىڭ قۇرسىقىدىن كىرىپ دۈمبىسىدىن تىشىپ چىقتى.بىچارە ھەرران ئۈن-تىن چىقىرىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي  ئات ئۈستىدىن غۇلاپ چۈشتى.تارتىۋېلىنغان نەيزە ئىزىدىن قان بۇلاقتەك ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى.بارۇق ئۇنىڭ بوينىغا سالما تاشلاپ سۆرەتكىنىچە پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ تاشلاپ تازىم قىلدى.بۇ تۇنجى غەلىبە  پۈتكۈل جەڭنىڭ بىشارەتلىك بەلگىسىدەك بولۇپ تۇيۇلۇپ ئىسكەندەرنىڭ چېھرىنى گۈلدەك ئېچىلدۇرۇۋەتتى.لەشكەرلىرىمۇ روھلىنىپ تۆمۈر ئادەملەردەك قەد كېرىپ تۇرۇشتى.بارۇق يەنە مەيدانغا قايتىپ كېلىپ  دارادىن پالۋان تەلەپ قىلدى.ھەرراننىڭ يىقىلغانلىقنى كۆرۈپ‹‹فاس››لەقەملىك  ئىنىسى چىداپ تۇرالماي قۇيۇندەك  ئات سېلىپ چىقىپ بارۇققا ئېتىلدى.ئىككەيلەن ئوننەچچە مەرتىبە ئېلىشقاندىن كېيىن بارۇق ئۇنىمۇ بىر نەيزە ئۇرۇپلا ئاتتىن يىقىتتى.ئۇمۇ تۇتقۇن بولۇپ ئىسكەندەرنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلدى.
بىردەملىك جەڭدە ئارقىمۇ -ئارقا ئىككى پالۋىنىدىن ئايرىلغان دارا رەللە بولۇپ پەلەككە قارغىش ياغدۇردى.كۆرەڭلەپ تۇرغان لەشكەر سەركەردىلىرىنىڭمۇ ھەيۋىسى خېلى سۇندى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 21:09:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارۇق يەنە مەيدانغا كىرىپ داراغا قاراپ ۋارقىرىدى:
  -ئەي دارا،پالۋانلىرىڭنىڭ ھالى شۇنچىلىكمىتتى؟! قېنى يەنە پالۋالىرىڭ بولسا چىقارمامسەن؟
دارانىڭ يەكمۇ يەك جەڭدە نام چىقارغان يەنە توققۇز پالۋىنى بار ئىدى.ئۇلارمۇ بىر-بىرلەپ ئېلىشىشقا چىقىپ ھەممىسى بارۇقنىڭ قولىدا جان تەسلىم قىلدى.بۇنى كۆرۈپ دارانىڭ سەركەردىلىرىنىڭ كۆڭلىگە قاتتىق ۋەھىمە چۈشۈپ ھىچقايسىسى مەيدانغا چۈشۈشكە پېتىنالمىدى. بارۇقمۇ قېرىشقاندەك مەيداندىن كەتكىلى ئۇنىماي ھە دەپ پالۋان تەلەپ قىلىپ ھەزىل قوشاقلارنى ئوقۇيتتى:
-كېلىڭلار دۈشمەنلىرىم يەككە-يەككە،
تەڭ قىلماسمەن ھەر بىرىڭنى ئات- ئېشەككە.
مەن ئۈچۈن دارامۇ بىر يورغا ئەچكە،
كەينىدە يۈردۈم بولۇپ  ئاچكۆز تېكە.

سەركەرلىرىڭ ئادەممۇ يە ئىت- مۈشۈكمۇ؟
سامان يەمسەن بىرمۇ يە ئۈچ كۆشۈكمۇ؟
قورقۇپ جەڭدىن شۇتاپ ھەممە قاچماق بولدى،
ساراي بولدى چاشقان كىرگەن شۇ تۆشۈكمۇ!


ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 17:46:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  دارا تەرەپتىن ھىچكىم مەيدانغا چۈشكىلى پېتىنالمىدى،بارۇقمۇ مەيداندىن كەتكىلى ئۇنىماي پالۋان تەلەپ قىلىپ تۇرىۋەردى.دەرغەزەپ بولغان دارا:
    -بىر كىشى مەيدانغا كىرسۇن!
  دەپ يارلىق قىلىۋىدى بېشىغا قارا چىگىۋالغان،يۈزلىرى قىپقىزىل،ساقاللىرى ساپسېرىق،قان تولغان كۆزلىرى ئالماستەك چاقناپ تۇرىدىغان،بويى چىناردەك ئىگىز بىر پالۋان مەيدانغا چۈشتى.بۇ پالۋان مەغرىپ زىمىندىن كەلگەن بولۇپ ۋەھشى ياۋايىلار قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەنئەنىسىدە ئالدىراپ مەيدانغا چۈشۈپ جەڭ قىلمايدىغان،پەقەت پادىشاھ يەككە جەڭدە يېڭىلىپ تەڭلىك تارتىپ قالغاندا بىر پالۋان جەڭگە چۈشۈپ قارشى تەرەپنىڭ پالۋىنىنى يېڭىپ جەڭ مەيدانىدىن  ئۆز زىمىنىغا ئېلىپ كېتىدىغان ئادەت بار ئىدى.بۇ پالۋان جەڭ مەيدانىغا كېرىپلا بارۇق بىلەن بىرنەچچە قەپەس ئېلىشتى.بارۇق تەڭ كېلەلمىگەندىن كېيىن ئۇنىڭ قۇراللىرىنى تارتىۋېلىپ تاشلىۋەتتى ئاندىن ئۇنىڭ كەمىرىدىن تۇتۇپ كىچىك بالىنى كۆتەرگەندەكلا كۆتۈرۈپ دارانىڭ قېشىغىمۇ ئەكەلمەي ئېتىنى چاپتۇرغىنىچە جەڭ مەيدانىنىڭ سىرتىغا ئەچىقىپ ئۆز زىمىنىغا ئېلىپ كەتتى.بۇ ئىشتىن دارامۇ ئىسكەندەرمۇ ھەيران قالدى.
  بۇ ئىش ئىككى پادىشاھتا ئوخشىمىغان روھى ھالەت پەيدا قىلدى.دارا خۇددى زىمىن ئىگەللىگەندەك خۇشال بولۇپ كەتتى.ئىسكەندەر بولسا ئېغىر قايغۇ- ھەسرەتتە قالدى.سەۋەبى ئۇ بارۇقنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرىگەن،باشقا پالۋاندىن بىرنى مەيدانغا چۈشۈرۈپ بارۇقنى قۇتۇلدۇرۇپ قىلىشقىمۇ ئۈلگىرەلمىگەن ئىدى.
  بۇ چاغدا  ۋاقىت خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى. ھەر ئىككى پادىشاھ يېڭىدىن پالۋان چۈشۈرۈپ جەڭنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىمىغاچقا شۇ كۈنلۈك جەڭمۇ ئاخىرلاشتى.ھەر ئىككى قوشۇن ئارقىسىغا، بارگاھىغا  قايتىپ ئارام ئېلىشتى.
  

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 18:48:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى جەڭدىلا رەقىبىنى تارمار قىلىپ زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىشەنچ باغلىغان دارا بارگاھىغا مەغلۇبىيەت بىلەن قايتقاندىن كېيىن زادىلا  تىنىچلىنالمىدى.‹‹ تۇنجى جەڭنىڭ ئەھۋالى شۇ بولسا،ئەتىكى جەڭنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟مەن كۆڭلۈمدە‹ شۇنچە كۆپ لەشكەر ۋە سەركەردىلىرىم بار ،ئىسكەندەر بىلەن جەڭ قىلماي پۈتۈن لەشكەرلىرىم بىلەن قىياندەك يوپۇرۇلۇپ بېرىپ ئات ۋە،پىللىرىمىز بىلەن دەسسىتىپ يەنچىتىپ يوقۇتۇۋەتسەكمۇ جەڭ غەلىبىىسى ھامان بىزگە مەنسۇپ بولىدۇ› دەپ ئويلىغان ئىدىم. لېكىن بارۇق دېگەن مۇناپىقنىڭ مەندىن يۈز ئۆرۈپ بېرىپ دۈشمەن قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشىنى،تۇنجى جەڭدىلا ئون نەچچە پالۋىنىمنى ئۆلتۈرۈپ يۈزۈمنى يەر قىلىشىنى ئەجەپمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن.ئەگەر مەغرىپ پادىشاھى بولمىغان بولسا قانداق ئوسال ھالغا چۈشۈپ قالار بولغىيتتىم؟  ئۇغۇ جاجىسىنى يىدى،ئەمما ئىسكەندەرنىڭ يەنە بارۇققا باراۋەر كەلگۈدەك پالۋىنى يوق دەپ كىم ھۆددە قىلالايدۇ؟! لەشكەر كۆپ بولغان بىلەن ئۆزۈڭنىڭ بولمىسا، گېزى كەلگەندە جەڭ مەيدانىدا جاننى تىكىپ جەڭ قىلالمىسا ئۇنىڭ نىمە پايدىسى؟›› ئۇ ئويلىغانسېرى غەم باستى،تەشۋىشى كۈچەيدى.شۇڭا شاراپ ئىچىپ كۆڭلىنى تىنىچلاندۇرماقچى بولۇپ باقاۋۇللىرىغا زىياپەت تەييارلىقى قىلىشنى بۇيرۇپ شاراپ ئىچىشكە تۇتۇندى.
بۇ كېچە ئىسكەندەرنىڭمۇ ئۇيقۇسى كەلمىدى،ئۇ سەركەردىلىرى ۋە دانىشمەن مۇشاۋۇرلىرى،ئالىم ئۆلىمالىرىنى يىغىپ ئۇلار بىلەن ئەتىكى جەڭنى قانداق قىلىش توغرىسىدا تاڭ ئاتارغا يېقىن كېڭەش قىلدى.ئۇندىن كېيىن ئۇلارغا رۇخسەت بېرىپ غۇسلى قىلىپ يۇيۇندى.ئاندىن خاس بىرخىلۋەتخانىغا  كىرىپ بېشىنى تۇپراققا سۈرتۈپ پاك تەڭرىگە يىغلاپ مۇناجات قىلدى.مەدەت تىلىدى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 19:30:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ لەشكەرلىرى يەنە ئىككى ئەزىم دەريادەك بىر-بىرىگە قاراپ ئېقىشقا باشلىدى.ھەزرىتى ئىسكەندەر مۇناقاتنى تۈگىتىپ ئەمدىلا چىقاي دەپ تۇرۇۋىدى بىر خىزمەتچىسى  دارا تەرەپتىن مەخپى خەت ئېلىپ كەلدى ۋە ‹‹پىنھان جايدا ئوقۇپ ئەھۋالدىن  خەۋەردار  بولغايسىز›› دەپ  قويۇپ كېتىپ قالدى. ئىسكەندەر خەتنى ئېلىپ ئوقۇدى ،بۇ خەتنى دارانىڭ ئىككى ۋەزىرى يازغان بولۇپ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: ‹‹بىزلەركى نامە يازغۇچى دارانىڭ ئىككى ۋەزىرلىرىدۇرمىز.شول ىۇسۇستا نامە يازدۇقكى،ئۆمرىمىز بويى دارا ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلدۇق.بارلىقىمىزنى ئۇنىڭ ئۈچۈن بېغىشلىدۇق.مادامىكى بىزگە قېرىلىق يېقىنلىشىپ كۈچ ماغدۇرىمىز،ئەقىل –ئىستىداتىمىز ئاجىزلىشىشقا يۈزلەنگەن چاغدا دارا يۈزسىزلىك قىلىپ بىزدىن چاندى.ھە دېسە بىزنى يامانلايدىغان،چەتكە قاقىدىغان،تۆھمەتچىلەرنىڭ سۆزىگە كىرىپ بىزگە بىھۇدە ئازار بېرىدىغان بولۇۋالدى.بۇ قېتىمقى يۈرۈشكە چىقىشتىن بۇرۇنمۇ ئۇ ئەرزىمەس بىر ئىش ئۈچۈن بىزدىن قاتتىق خاپا بولدى.ھەتتا ئۆلتۈرمەكچىمۇ بولدى. ئەمما ئۈلەۈرەلمىدى.بەزى مەسلىھەتچىلىرىنىڭ‹ يۈرۈشكە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن قان تۆكمەسلىك›ھەققىدىكى مەسلىھەت سۆزىگە كىرىپ بىزنى ۋاقتىنچە ئۆلتۈرمەيدىغان،ئۇرۇشتا زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىككىمىزنى ئۆلتۈرۈپ ئۆچ ئالىدىغان بولدى.ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ئۆلۈمگە لايىق ھىچبىر گۇناھىمىز يوق ئىدى.شۇڭا بۇ زوراۋانلىقتىن نەپرەتلەندۇق. ‹بىھۇدە ئۆلگەندىن كۆرە دۈشمىنىمىزدىن قىساس ئالايلى، ئاندىن بېشىمىزغا كەلگەننى كۆرەيلى› دەپ مەخپى مەسلىھەت قىلىشتۇق.ئەتىكى جەڭدە بىز پۇرسەت تېپىپ داراغا يېقىنلىشىپ تەڭلا قول سېلىپ ئۇنى ئۆلتۈرىمىز.ئاندىن بىر بۆلۈك كىشىلەر بىلەن خىزمىتىڭىزگە كېلىپ سىزگە بەيئەت قىلىمىز.مەزكۇر ئىشتىن خەۋەردار بولۇپ قېلىشىڭىزنى مۈشكىلىڭىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن خىزمىتىمىز ئۈچۈن كېيىن  مەرھىمىتىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز››
ئىسكەندەر ھۇشيار ھەم ئالىيجاناپ ئادەم ئىدى.بۇ مەخپى خەت ئۇنى ئانچە خۇشال قىلمىدى.بەلكى بىئارام قىلدى.ئۇ دارانى ئۆز كىشىلىرى ئارقىلىق سۈيىقەست بىلەن يوقۇتۇشنى ئەمەس  بەلكى مەرتلەر مەيدانىدا قاتتىق جەڭ ۋە لايىقىدا ‹‹رەڭ›› ماھارەتلىرى   ئارقىلىق يېڭىشنى خالايتتى.يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا بۇ ىەتنى ئىشەنچلىك دەپ كەتكىلى بولمايتتى.بۇرۇندىن تارتىپ جەڭنامىلەردە قارشى تەرەپ كىشىلىرىنىڭ يالغاندىن ئەل بولۇپ كېلىپ ھىيلە ئىشلىتىدىغان ئىشلىرى كۆپ يۈز بەرگەن ئىدى.شۇڭا بۇ مەكتۇپنى ئوقۇپلا قويدىيۇ ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەي جەڭگە ئاتلىنىپ چىقىش تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتتى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 23:11:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەڭ باشلىنىپ تېخى پالۋانلار جەڭگە كىرمەي تۇرۇپلا ھېلىقى ئىككى مۇناپىق ۋەزىر داراغا چاندۇرماي يېقىنلاپ كېلىپ  بىرسى بېشىغا، يەنە بىرسى  يۈرىكىگە تەڭلا خەنجەر ئۇردى.دارا قوش زەربە دەستىدىن  خۇددى زور دەرەخ ئاغدۇرۇلغاندەك ئات ئۈستىدىن غۇلاپ چۈشتى.ئەتراپتىكىلەر بۇ تۇيۇقسىز ئىشتىن ھەيران بولۇشۇپ نىمە قىلارىنى بىلەلمەي ساراسىمە ئىچىدە چۇقان- سۈرەن سېلىشىپ پاتپاراق بولۇشۇپ كەتتى. ئۇلارنى بۇ ئۇرۇشقا سۆرەپ كەلگەن دارا ‹‹ئۆلگەن›› ئىكەن ئەمدى ئۇلارنىڭ داۋاملىق جەڭ قىلىشىنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى.باش قۇماندانى ئۆلگەن قوشۇن خۇددى بېشى ئۈزۈلگەن يىلانغا ئوخشايدۇ.بۇ ‹‹يىلان ››جېنى چىقىپ بولغىچە نىشانسىز پىلتىڭلىغىنىغا ئوخشاش باشىسز قالغان بۇ قوشۇنمۇ شۇ تاپ قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالدى.نۇرغۇن پادىشاھلار لەشكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ قايتىپ كېتىشمەكچى بولۇشسا يەنە نۇرغۇنلىرى داۋاملىق جەڭ قىلىپ دارا ئۈچۈن قىساس ئالماقچى شۇ باھانىدا ئىران تەختىنى قولغا كىرگۈزمەكچى بولۇشاتتى.بۇنداق يامان نىيەتتىكىلەرمۇ بىر ئىككىلا بولمىغاچقا ھەر قايسىسى تاپ تالاشقان قۇزغۇنغا ئوخشاپ قايسىسى باش بولۇش مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلەلمەي ئۆز ئارا ۋارقىرىشىپ ياقىلىشاتتى.بۇ ئىسكەندەرنىڭ لەشكەرلىرىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولۇپ قالغان ئىدى .شۇڭا ئۇلار شاھىنىڭ بۇيرۇقىنى كۈتمەيلا قىنىغا پاتماي قالغان ئامبار سۈيى تېشىپ بىراقلا يار ئېلىپ كەتكەندەك تەڭلا يوپۇرۇلۇپ دۈشمەن لەشكەرلىرىگە تاشلىنىپ قايسى سەپ ئاجىز بولسا شۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ چاپ-چاپ قىلىشقا چۈشۈپ كەتتى.بۇ زەربىدىن ئەزەلدىن جەڭ قىلىشقا ئۆز رازىلىقى يوق زورمۇ زور جەڭگە چۈشكەن لەشكەرلەر پاتىپاراق بولۇشۇپ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلماستىن تولىىسى ئۆز جېنىنى ياقىغا ئېلىپ قېچىپ قۇتۇلۇشنىڭ كويىغا كىرىپ كېتىشتى.دارانىڭ ئۆز لەشكەرلىرىدىن بىر توپ كىشى جەڭگىمۇ چۈشمەستىن قېچىپمۇ كەتمەستىن شاھىنى چۆرىدەپ تۇرۇشقان ئىدى.ئات چاپتۇرۇپ يېقىنلاپ كەلگەن ئىسكەندەر دارانىڭ مىدىرلاۋاتقانلىقنى كۆرۈپ لەشكەرلىرىنى دەرھال جەڭ قىلىشتىن توستى دە تېزلىكتە ئاتتىن چۈشۈپ دارانىڭ يېنىغا كەلدى.دارانىڭ لەشكەرلىرىمۇ ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى، لېكىن ھىچكىم ئۇنىڭغا دەخلى قىلماي ھەركىتىنى كۈزىتىپ جىم  تۇرۇشتى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 01:10:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسكەندەر دارانىڭ غەرىق قانغا مىلىنىپ ياتقانلىقنى كۆرۈپ دەرھال يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى دە ئۇنىڭ بېشىنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرۇپ ياش تۆكتى.قانچە يىللاردىن بېىرى ئۇنىڭ يېنىدا خىزمىتىنى قىلىپ‹‹ ۋاي ئۇلۇغ شاھىم›› دەپ خۇشامەت قىلىدىغانلاردىن بىرىمۇ ئۇنچىلىك قىلماي تاماششا كۆرگەندەك قاراپ تۇرۇشقان ئىدى.ئىسكەندەرنىڭ ياشلىرى دارانىڭ يۈزىگە تامچىلاپ ئېقىپ ئۇنى ھۇشىغا كەلتۈردى.ئۇ تېخىچە جان تەسلىم قىلمىغان ئىدى.دارا كۆزىنى ئېچىپ  بېشىىنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئولتۇرغان كىشىنى تونىدى.ئۇ كىشى يېقىن كىشىلىرىدىن بىرى بولماستىن ئۆزى ئەشەددى دۈشمەن ھېساپلاپ كەلگەن ئىسكەندەر ئىدى.ئۇ ئىسكەندەرنىڭ ئادەتتىكى ئادەم ئەمەسلىكنى ھىس قىلىپ ھاياجانلاندى.ئۇ بوش ئاۋازدا گەپ قىلىپ ئىسكەندەرگە ۋەسىيەت قالدۇردى:
-خۇش كەپسەن ئەي  يىگىت پادىشاھ،سەن ھەم ئۇلۇغ پادىشاھ،ھەم  تەڭداشسىز مەرت مەردانە ئەزىمەت ئىكەنسەن.ھىچبىر ئانىدىن سېنىڭدەك ئوغۇل تۇغۇلمىغاندۇر.شۇڭا ساڭا  جاھان شاھلىقى يارىشىدۇ. پۈتكۈل جاھاندا سەلتەنىتىڭ مۇقىم ۋە مۇستەھكەم بولسۇن.سەن مانا شۇنداق مۈشكۈل پەيتتە كېلىپ ئۆز دۈشمىنىڭگە مەدەت بېرىۋاتىسەن. ئەپسۇسكى، مەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن كېلىپ خەلقىڭنى تەشۋىشكە سالغان ئىدىم.شۇنداقتىمۇ سېنىڭدەك بىر  جاھان يىگانىسىنى بىر كۆرسەم،سۆزىنى ئاڭلىسام دەپ كېچە- كۈندۈز ئارزۇ قىلاتتىم.بۇ ھالەتتە ئۇچرىشىپ قالارىمىزنى، ئارمىنىمنىڭ مۇنداق تېز ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقنى ئەسلا ئويلىماپتىكەنمەن.دەل ۋاقتىدا كېلىپ مېنى مۇرادىمغا يەتكۈزدۈڭ.تەشەككۈرۈم ئۈچۈن بېشىڭدىن چاچقۇ قىلاي دېسەم شۇ تاپتا ئەزىز جېنىمدىن باشقا ھىچنەرسەم يوق.يېنىمغا نىمە مەقسەد بىلەن كەلدىڭ؟ ئەگەر ماڭا ياردەم بەرگىلى كەلگەن بولساڭ ئاللاھ ئىگەم   ساڭا  ھەر ئىككى جاھاندا مەدەتكار بولسۇن.ئەگەر قىساس تۈپەيلى بېشىمنى كەسكىلى كەلگەن بولساڭ،رەھىم قىلىپ بىر سائەت تەخىر قىلىپ تۇرغان بولساڭ،مېنىڭ ساڭا تاپىلايدىغان ئۈچ سۆزۈم بار.شۇنى ئېيتىۋالغۇچىلىك ئامانلىق بېرىپ ئاندىن بېشىمنى كەسكىن.
دارانىڭ سكزلىرىنى ئاڭلاپ ئىسكەندەرنىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى.شۇڭا ئۇ تېخىمۇ بەك يىغلاپ پەرياد ئۇرۇپ تىلەك تىلەپ كەتتى:
-ئەي تەڭرىم،يەتتە ئىقلىم پادىشاھى دارانىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغايسەن،جاراھەتلىرىگە شىپاھلىق بەرگەيسەن.بۇ جاھاننى مۇنداق پادىشاھتىن مەھرۇم قىلمىغايسەن!

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 16:20:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    -ئەي دارا،كەمىنە سېنىڭ ئەبەدى قۇلۇڭدۇرمەن،سەن بىلەن ئۇرۇشىمەن دەپ بىھۇدە ئىش قىلىپ يۈرگىچە ئالدىڭغا ئىتائەتقىلىپ كېلىپ ،خىزمەت كەمىرىنى بېلىمگە باغلاپ ئىچكى دۈشمەنلىرىڭنى يوق قىلماپتىمەن.سېنى مەندىن خىراج تەلەپ قىلدى دەپ رەنجىپ ئارىمىزدا ئاداۋەت پەيدا بولدى.شۇ سەۋەپتىن ئىككىمىز بۇ مەيداندا ئۇچرۇشۇپ ئۇرۇشماق بولدۇق.بۇ مېنىڭ خاتالىقىم.لېكىن سېنى قەستلەش ئىشىغا كەلسەك بۇ ئىشتىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق.بۈگۈن سەھەر ئۇلاردىن ماڭا شۇ توغرىلىق نامە كەلگەن ئىدى.لېكىن مەن ‹‹بۇ چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ ئازدۇرۇش ھىيلىسى›› دەپ ئويلاپ بۇ ئىشقا ھۇشيار تۇرماپتىمەن.نامە ئېلىپ كەلگەن ئەلچىنىڭ جاجىسىنى بېرىپ ئۇلارنى بۇنداق قىلىشتىن توسۇپ سۈيىقەستنىڭ ئالدىنى ئالماپتىمەن .ئاخىرى ساڭا راستىنلا زەخمەت يېتىپ بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقى ئاشكارە بولغىنىدا  مەن قوقاسقا دەسسىۋالغاندەك بىئارام بولدۇم.سەن بايا ئۈچ ئېغىز ۋەسىيىتىم بار دېۋىدىڭ.قېنى ئېيتقىن،ۋەسىيەتلىرىڭنى بېشىم بىلەن يۇمۇلاپ بولسىمۇ تولۇق بىجا كەلتۈرىمەن.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 16:21:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  دارا ئىسكەندەرنىڭ بۇ خىل سەمىمىيىتىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ يەنە يىغلاپ كەتتى ۋە ۋەسىيەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
   -بىرىنچى ۋەسىيىتىم شۇكى، ئىككى ۋەزىرىمنىڭ تىغ كۆتۈرۈپ كېلىپ ماڭا ئوچۇق ئاشكارە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىدىن قاتتىق نەپرەتلەندىم.ئۇلار ۋاپاسىز  مۇناپىقلار ئىكەن.شۇنچە يىل تۇزۇمنى يەپ تۇرۇپ  غەزىپىم كەلگەندە مۇنداقلا دەپ قويغان  گېپىم ئۈچۈن ماڭا ئاداۋەت ساقلاپ قېنىمغا قەست قىلدى.ئەگەر مەندە  ئۇلارغا نىسبەتەن يامان نىيەت بولغىنىدا ئىدى، ئۇلاردىن ھۇشيار تۇرغان،يېنىمغىمۇ يېقىن يولاتمىغان بولار ئىدىم.ئۇلار ماڭا قەست قىلغان ئىكەن دېمەككى كەلگۈسى كۈنلەردە ساڭىمۇ ۋاپا قىلمايدۇ.شۇڭا بۇنداق ئادەملەرنى قالدۇرۇپ قويغاندىن يوقىتىۋەتكىنىڭ پايدىلىقراق.ئىككىنچى ۋەسىيىتىم شۇكى ئاداۋەت بىز ئىككىمىز ئارىسىدا پەيدا بولغان،شۇنداقلا ھازىر يەنە بىز ئىككىمىز ئارىسىدا تۈگىسۇن.مەن ئۆلگەندىن كېيىن ئاداۋەت تۇتۇپ ئەۋلادىمغا زۇلۇم -سېتەم قىلمىغىن.ئۇلار ھەممىسى كىيان شاھلىرىنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر.ساڭا ھەرگىز زىيان- زەخمەت يەتكۈزمەيدۇ.ئۈچىنچى ۋەسىيىتىم شۇكى،ئاللاھ ماڭا بىرلا قىز پەرزەنىت ئاتا قىلغان.مەن ئۇنى كۆز قارىچۇقۇمدەك ئاسراپ چوڭ قىلدىم.ئۇ مەيلى ئەدەپ ئەىلاق،مەيلى بىلىم پەزىلەت ،مەيلى مەلىكىلەرگە خاس باشقا سۈپەتلەردە بولسۇن زاماننىڭ يىگانىسى بولۇپ چوڭ بولدى.ئۇنىڭ ئىسمى رۇشەڭ،مەن ئۇ قىزىمنى ساڭا تاپشۇردۇم.سەن ئۇ قىزىمنى نىكاھىڭغا ئېلىپ قەدرىنى قىلغىن.ئىككىڭلاردىن ئوغۇل پەرزەنىت دۇنياغا كەلسە ئىسىل نەسەپ بولۇپ كىيانىلار خانلىقىنىڭمۇ،يۇنان خانلىقىنىڭمۇ ۋارىسى بولغان بولىدۇ.مېنىڭ ئوغلۇم يوق ئىدى.شۇ باھانىدا سەنمۇ ماڭا ئوغۇل بولغىن.سېنىڭدەك بىر ئۇلۇغ يىگىتنى ئۆزۈمگە ئوغۇل قىلىۋالسام ئۆلسەممۇ كۆزۈم خاتىرجەم يۇمۇلىدۇ.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 16:21:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   دارا ۋەسىيەتلىرىنى تاماملاپلا ھەققە جان تەسلىم قىلدى. پۈتۈن لەشكەر ئىسكەندەرگە ئىتائەت قىلىپ بۇيرۇق كۈتۈپ جىم تۇرۇشتى.ئىسكەندەر بارلىق قوشۇنلارغا تەسكىن بەرگەندىن كېيىن دارانى چىرايلىق يۇيۇپ تاراپ ،ئىسىل شاھانە كىيىملەردىن كىيگۈزۈپ،جەڭ مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىدىىكى ھېلىقى تاغدا ئىسىل قەبرىگاھ بىنا ئەتكۈزۈپ  شۇ زاماننىڭ شاھلار رەسمى بويىچە ھەشەمەتلىك دەپنى قىلىپ ئۆلۈمىنى چىرايلىق ئۇزاتتى.
   
   دارانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئىراننىڭ كىيانىلار شاھلىقىنىڭ تەختىمۇ دارانىڭ ۋەسىىتى بىلەن ئىسكەندەرنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى.بارلىق لەشكەر-سەركەردىلىرىمۇ ئۇنىڭغا شەرتسىز بويسۇندى.ئىسكەندەر يەتتە ئىقلىمدىكى بارلىق پادىشاھلارغا نامە ئەۋەتىپ ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇرۇن داراغا بېقىنىپ كەلگەن نۇرغۇن پادىشاھلار نامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن نۇرغۇن سوغا- سالاملار بىلەن جاۋاپ نامە پۈتۈپ  ئىسكەندەرگە بويسۇنغانلىقىنى ئىپادىلىدى.ئۇنىڭغا قايىل بولمايدىغان يەنە نۇرغۇنلىرى بولسا ئىتائەت قىلىشنى خالىماي ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنى ھاقارەتلەپ يامان جاۋاپ قايتۇرۇشتىبۇلار سەرخ سەقلات پادىشاھى ،مەشرىق پادىشاھى،چىن پادىشاھى،ھىندىستان پادىشاھى،كەشمىر پادىشاھى،رۇم پادىشاھى...قاتارلىق نۇرغۇن پادىشاھلار ئىدى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 16:22:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئىسكەندەر ئىران تەختىگە چىقىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن دارانىڭ ۋەسىيەتلىرىنى بىر بىرلەپ ئورۇنلاشقا كىرىشتى.ئالدى بىلەن دارانى ئۆلتۈرگەن ئىككى ۋەزىرنى تۇتتۇرۇپ كېلىپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگۈزدى.ئاندىن جەسىدىنى كۆيدۈرگۈزۈپ كۈلىنى كۆككە سورۇپ پادىشاھىنى قەستلەشكە پېتىنىدىغان قارا نىيەت ۋەزىرلەرگە ئىبرەت قىلدى.ئاندىن تەزىيەنامە پۈتۈپ دارانىڭ قىزى رۇشەڭگە ئەۋەتتى.بۇ تەزىيەنامىدا قازاغا سەۋر قىلىش،تولا نالە-پىغان قىلماسلىق،توغرىسىدا پەند-نەسىھەتلەر يېزىلغان شۇنداقلا دادىسىنىڭ ۋەسىيىتىگە بىنائەن دارانىڭ ئەۋلاتلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ئىززەتلەيدىغانلىقىنىمۇ يېزىپ ،رۇشەڭنى شاھانە لىباسلارنى كىيدۈرۈپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.
   ئىران پادىشاھلىرى نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى ھەددى -ھېساپسىز  خەزىنە توپلىغان ئىدى.بۇ خەزىنە بىر شاھتىن ئىككىنچى بىرىگە مىراس قالىدىغان بولغاچقا يىللاردىن بېرى كۆپەيسە كۆپەيگەن ئىكەنكى ھەرگىزمۇ كەملىمىگەن ئىدى.چۈنكى پادىشاھلارمۇ ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنياخۇمار ۋە ئاچكۆز كېلەتتى.شۇڭا بۇرۇنقى پادىشالار خەزىنىدىكى مال دۇنيالىرىنى خىراجەت قىلماي ئۈستىەپ بايلىق توپلاپ بايلىقلار سانىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىۋەتكەن ئىدى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش