ximal
ئىگىسى: qabiljan2004

ئىسكەندەر پادىشاھ -‹‹شاھنامە ›› سەككىزىنچى بۆلۈم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 00:18:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دانىشمەننىڭ بۇ تەلىپىگە ئۆلۈمنىڭ بەرھەقلىقى،ھىچكىمنىڭ ئۇنىڭدىن  قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقى، دۇنيا بايلىقلىرى ۋە مەئىشەتلىرىنىڭ تۇراقسىزلىقى،تۇرمۇش رېتىمىدە خۇشاللىق ۋە خاپىلىقنىڭ دائىم ئالمىشىپ تۇرۇدىغان تۇراقسىزلىقىدىن ئىبارەت ھاياتلىق قانۇنىيەتلىرى يوشۇرۇن رەۋىشتە  ئىپادە قىلىنغان بولۇپ ئۇنى ئۆزگەرتىش ھىچكىمنىڭ قولىدىن كەلمەيتتى.شۇڭا ئىسكەندەرنىڭ خىجىلچىلىقتىن بېشى چۈشۈپ كەتتى. دانىشمەننى ئۆزى قىلىشنى خالىمايدىغان ئىىشنى قىلىشقا زورلىماستىن ئۆگەتكەن ھىكمەتلىرى ئۈچۈن تەشەككۈر بايان قىلىپ قايتىپ كەتتى.
ھەزرەتى ئىسكەندەر شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان دەسلەپكى 2-3يىلدا مەغرىپكە يۈرۈش قىلىپ زەڭگىبار،پەرەڭ،قىرىم،ئاندۇلۇس،ئىراق،ئەجەم،شام، يەمەن،ھەپ قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرگە تىغ تارتىپ بېرىپ بەزىلىرىنى زورلۇق كۈچ بىلەن،بەزىلىرىنى سۈر ھەيۋىسى بىلەن بويسۇندۇرۇپ زىمىنى ۋە  تەسىر دائىرىسىنى خېلى كېڭەيتىۋالدى.بۇ بىرنەچچە يىلدا ئاتىسى پەيلىقۇسقا ئوخشاش ھەر يىلى ئىران شاھى داراغا باج-سېلىق ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىغان مىڭ ئالتۇن تۇخۇمنى توختۇتۇپ قويۇپ ھىچنىمە بەرمىدى.كارىمۇ بولمىدى.بۇ دارانى كۆزگە ئىلمىغانلىق،بېقىنىپ ياشاشنى رەت قىلغانلىق،ئوچۇق ئاشكارا قارشى چىققانلىق بىلەن باراۋەر ئىدى.شۇڭا دارا ئۇنىڭدىن غەزەپلىنىپ ئۈچىنچى يىلى ئىسكەندەرنىڭ يېنىغا بىر ئەلچى ئەۋەتىپ بېرىشكە تېگىشلىك باج-سېلىقنى سۈرۈشتە قىلدى.
ئەلچى ھەزرەتى ئىسكەندەرنىڭ ھوزۇرىغا كىرىپ بىر قاراپلا ئۇنىڭ سۈر ھەيۋىسىدىن ئەيمىنىپ سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالماي يەرگە قاراپ جىم تۇرۇپ قالدى.
شاھ ئۇنىڭ ھالىنى چۈشىنىپ ئۆزى ئېغىز ئېچىپ گەپكە سالدى:
-قۇدرەتلىك شاھ دارا تىنىچ ئامان تۇرۇۋاتامدۇ؟ مەملىكىتىنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئۆز يولىدا ياخشى كېتىپ بارامدۇ؟
ئەلچى سۇئالنى ئاڭلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ شاھقا تازىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن جايىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ جاۋاپ بەردى:
-شاھىمىز ئامان- ئېسەن تۇرۇۋاتىدۇ.مەملىكىتىمىزنىڭ ئىشلىرىمۇ شاھىمىزنىڭ سايىسىدا ئۆز يولىدا ياخشى كېتىپ بارىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qabiljan2004 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-20 00:26  


ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 00:38:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-شاھىڭ سېنى بىرەر مۇھىم ئىش بىلەن بىزگە  ئەۋەتتىمۇ؟بۇياققا كېلىشتىكى مەقسەد مۇددىئالىرىڭنى دەپ باققىن!
-ئەي بۈيۈك شاھ، مەن ھەقىقەتەن مۇھىم ئىش خۇسۇسىدا كەلگەن ئىدىم.دەي دېسەم سېنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقىمەن، دېمەي دېسەم ئەلچىلىك رەسمىنى ئورۇنلىيالماي بېرىپ ئۆز شاھىمدىن ئېغىر  جازا يەپ قېلىشتىن   تېخىمۇ بەك قورقۇمەن. ئەزەلدىن‹‹ ئەلچىگە ئۆلۈم يوق››شۇڭا سۆزلىگەنلىرىمنى دارانىڭ پەرمانى دەپ چۈشىنىپ مەن بىچارىنى ئەيىپكە بۇيرۇماسسەن!
-خاتىرجەم بول،مەن ئەزەلدىن ئەلچىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىمەن.بىھۇدە ئازار بەرمەيمەن.
-ئەي سەلتەنەت ساھىبى،ئەمىسە مېنى ئەيىپكە بۇيرۇمىغىن! ئىلگىرى پەيلىقۇس رىمغا شاھ بولغان چاغدا شاھىمىزغا بېقىناتتى.شاھىمىزغا ھەر يىلى ئالتۇندىن مىڭ تۇخۇم تەييارلاپ ئەۋەتىپ خىراجەت بىلەن تەمىنلەيتتى. ئەمما   جانابىڭىز تەختكە چىققان بۇ ئۈچ يىلدىن بېرى بىزگە ئەۋەتىشكە تېگىشلىك سېلىق پەقەتلا ئەۋەتىلمىدى.شۇڭا شاھىمىز مېنى مۇشۇ ئىشنى سۈرۈشتە قىلىشقا،ئەينى چاغدىكى قائىدىنى بىر قۇر ئەسلىتىپ ئۆتۈپ  كەم قالغان سېلىقلارنى تولۇقلىتىپ تاپشۇرغۇزۇشقا ئەۋەتكەن ئىدى.مېنىڭ كېلىش مەقسىدىم مانا شۇ.
ئەلچىنىڭ سۆزلىرى ھەقىقەتەن ياش شاھنىڭ غۇرۇرىغا تەگدى.ئەگەر ئالدىدا ۋەدە بەرمىگىنىدە ئىدى ئەدەپسىزلىكى ئۈچۈن ئەلچىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇشتىنمۇ يانمايتتى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 01:10:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسكەندەر پادىشاھ زور غەيرەت قىلىپ ئۆزىنى تۇتۇۋالدى.چىرايى غەزەپتىن قارىداپ خېلىغىچە ئولتۇۇپ كەتكەندىن كېيىن مۇنداق جاۋاپ بەردى:
-سەن قايتىپ بېرىپ داراغا مەندىن سالام ئېيت.شۇنداقلا مۇنۇ جاۋاپ  سۆزلىرىمنى يەتكۈزۈپ قوي.ئىلگىرى شاھ ئاتام دارادىن قورقۇپ ھەر يىلى سېلىق بېرىپ ئۇنىڭغا بېقىنىپ كەلگەن ئىكەن.لېكىن مەن شاھلىق تەختىگە چىققاندىن بۇيان ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى.دارادىن ئاتام قورىققان بىلەن مەن قورىقمايمەن. دارانىڭ شاھلىقى مەڭگۈلۈك ئەمەس. ھەرقانداق نەرسىنىڭ بۈيۈكلۇك تاپىدىغان شۇنداقلا خاراپ بولىدىغان چاغلىرى بولىدۇ. دارانىڭ شاھلىقىنىڭ ئالتۇن دەۋرى تۈگىدى.مانا ئەمدى ئۇنىڭمۇ ئاجىزلايدىغان،باشقىلارنى بېقىندۇرۇش ئەمەس ئەكسىچە ئۆزى باشقىلارغا بېقىنىدىغان دەۋرى كەلدى.
دارانىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ئاتا-بوۋىلىرى يىغىپ بەرگەن دەپى-دۇنيالرىمۇ ئاز ئەمەس.شۇلارنى خەشلىسىمۇ بىر ئۆمۈر خىراجەت قىلىشىغا يېتىپ ئاشىدۇ.شۇڭا بۇندىن كېيىن  مەندىن بىر نەرسە تەمە قىلمىسۇن. بىز بۇندىن كېيىن ئۇنىڭغا بىر تەڭگىمۇ خىراجەت بەرمەيمىز.شۇڭا ‹‹ئالتۇن تۇخۇم ئالىمەن›› دەپ تەمە قىلىپ يۈرمەي قىلىدىغان باشقا ئىشى بولسا قىلسۇن.ئالتۇن تۇخۇم تۇغىدىغان تۇغۇمچان مىكىيانلار ئاللىقاچان   چوڭ بولۇپ پۈتۈنلەي ھاۋاغا ئۇچۇپ كەتكەن.شۇڭا ئەمدى ئۇلاردىن تۇخۇم ئالغىلى بولمايدۇ.داراغا بۇ سۆزلىرىمنى ئۆز ئەينى يەتكۈز. ئۇ بىزنى ئۇنتۇپ كەتسۇن.بۇ جاۋابىم ئۇنىڭغا ياقمىسا، ئۇنىڭ تەلەپلىرىمۇ بىزگە ياقمايدۇ.
-خوپ بولىدۇ.ئەمىسە مەن قايتاي،شاھىمىز بۇ جاۋاپلىرىغا غەزەپ قىلىپ قالسا ئاقىبەتتە كېيىن مېنىڭدىن رەنجىمىگەيلا!
-بايا دېدىمغۇ،مەن ئۇنىڭدىن قورىقمايمەن،مېنىڭ ئۇنىڭغا بىر تەڭگىمۇ قەرزىم يوق.ئەگەر بۇ سۆزۈمگە كۆنمەي زورلۇق بىلەن ئالىمەن دېسە بىزنىڭ قولىمىزدىمۇ ياراق تۇرىدۇ.بىز ئاللىقاچان ياخشىغا ياخشىچە، يامانغا يامانچە جاۋاپ بېرىشكە تەييارلىنىپ قويغان.بىلگىنىنى قىلسۇن!

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 23:00:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلچى ھەزرىتى ئىسكەندەرنىڭ يېنىدىن چىققاندىن كېيىن قورقۇنچىسىنى بېسىۋالالمىغان ھالدا قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندى.سەپەر قىلىۋاتقان بىلەن نىمىدە قانداق مېڭىۋاتقانلىقنى بىلمەيتتى.خۇددى ئېغىر مەست بولۇپ كەتكەن كىشىدەك گاراڭ ئىدى.ئىككى شاھ ئارىسىدا تەڭلىك تارتىۋاتقان بىچارە ئەلچىنىڭ ھالى شۇنداق بولىدۇ.
ئەلچى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھەزرىتى ئىسكەندەرنىڭ بەرگەن جاۋابىنى تولۇقى بىلەن يەتكۈزدى. يوشۇرۇشقا سىلىقلاپ يەتكۈزۈشكە جۈرئىتىمۇ يوق ئىدى.دارامۇ ئۇلۇغ شاھلاردىن بولغاچقا غەزىپى تۇتسا ھىچكىمنى ئاياپ ئولتۇرمايتتى.دارا ھەقىقەتەن قاتتىق غەزەپلەندى.
     -تۈنۈگۈنلا تۇخۇمدىن چىققان  بىچارە چۆجە چۆجە خۇراز بولۇۋېلىپلا يولۋاس شاھىنى تونۇمىغۇدەك جۈرئەتلىك بولۇپ كەتكىنىنى قارا؟! ئۇ كىچىككىنە بىر ئەلنىڭ شاھى تۇرۇپ نىمىسىگە شۇنچە چوڭ سۆزلەيدۇ؟! يا ئۇ يولۋاسنىڭ يۈرىكىنى يېگەنمۇ؟! مەندەك پۈتۈن جاھان شاھلىرى نامىنى ئاڭلىسا قورقۇپ تىترەيدىغان ئۇلۇغ شاھقا پىسەنت قىلماسلىققا،ئەمرىگە قارشى چىقىشقا جۈرئەت قىلغىنىدىن قارىغاندا تەسەۋۋۇر قىلىمەنكى، ئۇ يا تەلۋە،يا ئاشىق دىۋانە،يا بولمىسا نېرۋىسىدىن ئاداشقان ئېلىشمان ساراڭ.ئەگەر ئەقلى -ھۇشى جايىدا ئاقىل ئىنسان بولغىنىدا ئىدى.ماڭا قارشى چىقىشقا پېتىنالماس،ئەۋەتكەن ئەلچىمگە بۇنچىۋالا ئەدەپسىز سۆزلەرنى قىلالماس ئىدى!
  -خاتالاشتىلا ئۇلۇغ شاھىم- دېدى ئەلچى جاۋابەن-ئۇ قانداقتۇ ئەقلى توشمىغان نارىسىدە ياكى تەلۋە ساراڭ ئەمەس ئىكەن. بەلكى بالاغەتكە يەتكەن،ياشلىقنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان،ئەقىل پاراسەتلىك،جۈرئەت جاسارەتلىك   قىران پادىشاھ ئىكەن.
  بۇ گەپ دارانىڭ تېخىمۇ ئوغىسىنى قايناتتى.ئۇ ‹‹ئەلچىدە نىمە گۇناھ›› دەپ ئويلاپ ئىسكەندەردىنلا خاپا بولۇپ ئۇنىڭغا بولغان غەزىپىنى باسالمايۋاتقاندا ئەلچىنىڭ تەڭ تىللىشىپ بەرمەي بۇ سۆزلەر ئارقىلىق دۈشمىنىنى تەرىپلەپ سۈپەتلەپ كۆرسۈتىشى ئۇنىڭ يارىسىغا تۇز سەپكەندەك بولۇپ غەزەپ پىلتىسىگە ئوت يېقىۋەتتى.شۇڭا ‹.ئىشەككە كۈچۈك يەتمىسە ئۇر توقۇمنى››دېگەندەك قىلىپ ئەلچىنى جازالاش ئارقىلىق غەزىپىنى ئازراق بولسىمۇ پەسەيتمەك بولدى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 23:00:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  دارا ئىسكەندەرنىڭ جاۋابىدىكى قورقۇمسىزلىقنى ۋە  ئۆزىگە قارشى چىقىشقا پېتىنغانلىقىنى ئەۋەتكەن  ئەلچىسىنىڭ يارامسىزلىقى ھەم  قورقۇنچاقلىقىدىن كۆردى.شۇڭا يۈرەكلىك ئەلچىدىن يەنە بىرنى تەيىنلەپ ئەۋەتىپ ئالماستەك ئۆتكۈر سۆزلەر بىلەن كۆڭلىگە قورقۇنۇچ سېلىپ، شۇ ئارقىلىق بويسۇندۇرماقچى بولدى.بۇ ئەلچىدىن بىر قاچا كۈيە،بىر چوماق ۋە بىر كوزا  كۈنجۈت ئەۋەتتى.بۇلار سىمۋوللۇق خاراكتىرگە ئىگە نەرسىلەر بولۇپ  ئۇلار ئارقىلىق ‹‹ماڭا بويسۇنمىساڭ قارا يۈز بولىسەن،چۇماق بىلەن توشقان سوققاندەك سېنى يوق قىلىۋېتىمەن،مېنىڭ لەشكەرلىرىم كۈنجۈت كوزىنى تولدۇرغاندەك بەك كۆپ، جاھانغا سىغمايدۇ.قارشىلىق قىلساڭ ياخشى ئاقىبەت كۆرمەيسەن›› دېمەكچى بولغان ئىدى.
  بۇ ئەلچىمۇ باشتا ئىسكەندەر ئالدىدا يۈرەكلىك بولۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئۆزىنى چوڭ دۆلەتنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە ئۈستۈن تۇتۇپ كىبىر بىلەن كىرگەن ئىدى.لېكىن شاھ ئالدىغا كىرىپ بولۇپ ئۇنىڭغا بىر قاراپلا كۆزلىرى خىرە-شىرە بولۇپ ھۇشىنى يوقاتقىلى تاسلا قالدى.بەدىنىگە تىترەك ئولىشىپ دەيدىغان سۆزىنىمۇ تاپالماي بۇ يەرگە كەلگىنىگە يۈزمىڭ پۇشامان يەپ  قىزىىرىپ- تاتىرىپ يەرگە قاراپ تۇرۇپ قالدى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 23:01:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھەزرىتى ئىسكەندەر بۇ ئەلچىنىڭمۇ ئۆزىدىن  قورقۇۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى.شۇڭا  ئوچۇق مۇئامىلە بىلەن تىنىچلاندۇرۇپ كېلىش مەقسىدىنى بىلىش ئۈچۈن چىرايىغا تەبەسسۈوم يۈگۈرتۈپ  ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ سورىدى:
     -ئەي ئەلچى،مەندىن قورىقما،ئەلچىدە ھىچ گۇناھ يوق، تولا قورۇنماي ئېيتىدىغان سۆزۈڭ بولسا ئېيت!
  
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 00:30:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ئەي ئۇلۇغ شاھ،شاھلارنىڭ سۆزى ئەلچىگە بېرىلگەن ئامانەتتۇر.ئامانەتنى ئۆز ئەينى يەتكۈزمەك ئەلچىنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر.شاھىمىز دارا ساڭا سالام ئېيتىش بىلەن بىرگە بىر قىسىم سۆزلەر ۋە نەرسىلەرنى ئەۋەتكەن ئىدى.قۇدرىتىڭنى تونۇمىغاچ قاپ يۈرەكلىك قىلىپ دەرگاھىڭغا ئەلچى بولۇپ كېلىپ ساپتىمەن. كەلگەنگە يارىشا شاھنىڭ سۆزىنى ئەينەن يەتكۈزەي.ئۇ دەيدۇرلەركى،‹‹مەرھۇم پىلىقۇس مېنىڭ قۇلۇم ئىدى.ئۇقۇللۇق يۈزىسىدىن ھەر يىلى ماڭا سېلىق تاپشۇرۇپ ئامانلىققا ئېرىشەتتى.ھالا ئىسكەندەر ئاتىسىنىڭ ئورنىغا شاھ بولغاندىن كېيىن ئۈچ يىلدىن بېرى بىزگە سېلىق تاپشۇرۇشنى كەينىگە سۈرۈپ كەلدى.بۇ ئەقلىدىن ئازغانلىق،خوجىسىغا يانغانلىق ھېساپلىنىدۇ.ئەگەر ئىسكەندەر ‹ئامانلىققا ئېرىشىمەن،تىچ خاتىرجەم ھالدا شاھلىقىمنى قىلىۋېرىمەن› دېسە ئاتىسى بىزگە قانچىلىك سېلىق تاپشۇرغان بولسا ئۇمۇ شۇنچىلىك تاپشۇرسۇن.ئۈچ يىللىقنى تولۇقلاپ  بىراقلا تاپشۇرسۇن.ۋاقتىدا تاپشۇرمىغان گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن سېلىقنى ئۆزى ئېلىپ كېلىپ تاپشۇرۇپلا قالماي يېنىمغا كىرىپ تىزلىنىپ ، يەر سۆيۈپ كەچۈرۈم سورىسۇن.مەن شۇندىلا گۇناھىدىن ئۆتىمەن.ئۆتكەندە بىر نۆۋەت ئەلچى ئەۋەتسەم  ئۆزىنى چاغلىماي ھەددىدىن زىيادە سۆزلەرنى قىپتۇ.بۇ ئەدەپسىزلىكى ئۈچۈن ئۆلۈمگە لايىق ئىدى.مەن ئۇنى‹ تېخى كىچىك، ئەقىلسىز،بېشى تاشقا تېگىپ باقمىغان،دىۋانە،جۇنۇن ۋە تەلۋىمىش› دەپ ئاڭلاپ گۇناھىدىن ئۆتتۈم.ئەگەر ئۈچ يىللىق خىراجنى ئېلىپ كېلىپ ئاستانىمىزنى تاۋاپ قىلسا ھېساپسىز ئىلتىپاتلارنى كۆرسۈتۈپ ئاتىسىدىن چارە كۆرۈپ ئەزىز قىلۇرمەن. ئەگەر مەندىن قورقۇپ ھوزۇرۇمغا كەلمىسە  مېنىڭ كۈچۈمنى ھىكمەت بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرسۇن دەپ شۇنىڭغا مۇناسىپ كۈيە،چۇماق ۋە كۈنجۈتلەرنى ئەۋەتتىم.كۆرۈپ مۇلاھىزە قىلىپ لايىقىدا ئىش قىلسۇن›› دېدى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 01:01:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزرىتى  ئىسكەندەر بۇ سۆزگە دەرھال ئېغىز بىلەن جاۋاپ بەرمەستىن ئەمەلى ھەركەت ئارقىلىق مۇناسىپ جاۋاپ بەرمەكچى بولدى ۋە خادىملىرىغا بۇيرۇدى:
-بىرنەچچە توخۇ كەلتۈرۈڭلار،مەن ئەلچىگە جاۋاپ بېرىۋېتەي !
بىرنەچچە توخۇ  شاھ ھوزۇرىغا ھەيدەپ كىرىلدى.ئەلچى ‹‹شاھ قانداق جاۋاپ بېرەركىن›› دەپ ھەيرانلىق ئىچىدە كۈزىتىپ تۇردى.شاھ كوزىدىكى كۈنجۈتنىڭ ھەممىسنى توخۇلارغا تۆكۈپ بېرىۋىدى.ئۇلار بىردەمدە يەپ بولۇپ ‹‹ يەنە بارمۇ؟››دېگەندەك قىلىپ ئەتراپنى ئاختۇرۇشقا چۈشتى.شاھ توىۇلارنى ئاچىقىپ كېتىشنى بۇيرۇپ ئەلچىگە مۇنداق جاۋاپ بەردى:
-ئەي ئەلچى كۆردۈڭمۇ،شاھىڭنىڭ كۈنجۈت ئەۋەتىشتىن مەقسىدى لەشكىرىنىڭ ھېساپسىز  كۆپلۈكىنى ماڭا پەش قىلىپ قورقۇتماقچى بولغىنى ئىدى.مەن توخۇلۇرۇم ئارقىلىق جاۋاپ بېرىپ بولدۇم. دېمەكچى بولغۇنۇم دارانىڭ لەشكەرلىرى كۈنجۈتتەك كۆپ بولسا مېنىڭ لەشكەرلىرىم خۇددى توخۇدەك باتۇر ۋە قابىلىيەتلىك.دارا قانچىلىك لەشكەر چىقىرىپ مەن بىلەن ئۇرۇشۇشتىن قەتئى نەزەر مېنىڭ لەشكەرلىرىممۇ شۇنچىلىك باتۇرلۇق كۆرسۈتۈپ ھەممىسىنى يوق قىلىۋېتىدۇ.دارانىڭ ماڭا چۇماق ئەۋەتكىنى ئۆز نەزىرىدە مېنى ئەدەپلىمەكچى بولغىنى ئىدى.مەن ئۇنى باشقىچە مەنىدىكى بىشارەت دەپ تونۇدۇم.يەنى ئۇنىڭ ماڭا چوماق بەرگىنى شاھلىق تەختىنى  سىمۋوللۇق يوسۇندا ئۆتۈنگىنى.بۇ ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قارا يۈز بولىدىغىنى مەن ئەمەس دەل دارا ئۆزىدۇر.مەن بۇ كۈيىنى ياخشى ساقلاپ قويۇپ ئۇ ئۇرۇشتا يېڭىلگەن كۈنى يۈزىگە سۈركەپ تۇرقىنى ‹‹چىرايلىق›› بېزەپ قويۇمەن.دۈشمەننىڭ سوغىتى قارشى مەنىگە ئىگىدۇر.بۇ قارا كۈيىدىكى قارىلىق ئاقلىق ھېساپلىندۇ.دۈشمىنىم  ماڭا بۇ ئۇرۇشتا  ئاق يول تىلىگەن ئىكەن ئۇرۇشتا جەزمەن يېڭىپ چىقىپ ئۈمىدىنى ئاقلايمەن.يەنە شۇنى دەپ قويايكى ، ھۆكۈمالار قارا كۈيىنى دۇنياغا تىمسال قىلىدۇ.چۈنكى دۇنيانىڭ شەكلى كۈيىگە ئوخشاش يۇمۇلاقتۇر.ئۇنىڭ ماڭا بۇنى ئەۋەتكىنى دۇنيانى ئۆز قولى بىلەن ماڭا ئۆتۈنگىنى ئۆزىنى  ھۆكمىرانلىقتىن  يىراق تارتقانلىقى بىلەن باراۋەر.شاھىڭ يەنە مېنى قۇلۇم دەپ جۆيلۈپتۇ.مەن ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىپ خۇلاسىسى چىققاندا كىم كىمنىڭ قۇلى ئىكەنلىكنى كۆرسۈتۈپ قويۇمەن.شۇنى بېرىپ ئېيتقىنكى، بۇ دۇنيادا بەندە بەندىنىڭ قۇلى ئەمەس.بەلكى بارلىق بەندىلەر ئاللاھنىڭ قۇلى ھېساپلىنىدۇ.


ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 17:33:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ ئەلچىمۇ  قايتىپ كېلىپ داراغا ئاڭلىغان كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى.دېمەك ئىسكەندەرگە قورقۇتۇشمۇ كار قىلمىغان ئىدى.شۇڭا دارا ئىسكەندەرنىڭ ئەلچىگە بەرگەن جاۋابىدىن ئىنتايىن غەزەپلەندى.ئۇ سىلىق مۇئامىلىگە ئۇنىمىغان ئىكەن ئەمدى لەشكەر تارتىپ بېرىپ جەڭ قىلىشقا ،ئۇرۇشتا يېڭىپ كاللسىنى ئېلىپ ئۆزىگە بويۇنتاۋلىق قىلىشقا پېتىنىدىغان باشقا شاھلارغا ئىبرەت قىلمىسا بولمايتتى.ئۇنداق بولمىغاندا ئۇنىڭدىن قورقۇپ بېقىنىپ ياشاۋاتقان،ھەر يىلى باج-سېلىق تاپشۇرۇپ قۇللۇق بىلدۈرۈۋاتقان باشقا شاھلارمۇ ئىسكەندەرنى دوراپ دارادىن بىر-بىرلەپ يۈزئۆرىگىلى تۇرسا  ئۇنىڭ جاھانگىرلىك سەلتەنىتىگە دەز كېتەتتى.شۇڭا ئۇ دەرھال لەشكەر يىغىشقا پەرمان چۈشۈردى.ئىرانغا قاراشلىق بارلىق مەملىكەت شاھلىرىغا پەرمان بىلەن ئەلچىلەر ماڭدۇرۇلدى.پەرماننى تاپشۇرۇۋالغان پادىشاھلار شۇئان دەريا-دەريا لەشكەرلىرى بىلەن  دارانىڭ مەملىكىتىگە قاراپ ئاقتى.شۇنداق كۆپ لەشكەر توپلاندىكى ئىران،تۇران ۋە چىن مەملىكىتىنىڭ چېگرالىرىغا قەدەر كەڭ ۋادىلاردا لەشكەرلەر ئەزىم دەريادەك ئۆركەشلەپ ئاقتى.ئۇلارنىڭ شاۋقۇن- سۈرەنلىرى ئالەمنى قاپلىدى.پادىشاھلار ئاز لەشكەر بىلەن بېرىپ قالسا دارانىڭ غەزەپلىنىشىدىن قورقۇپ قورال تۇتالىغۇدەك پۇقرالىرىنمۇ لەشكەرلىككە تۇتۇپ لەشكەر سانىنى تولدۇرۇپ كېلىشكە باشلىدى.لەشكەر ئېلىش، يىغىش،دارانىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ توپلىنىش قاتارلىق جەڭ تەييارلىقلىرىغا توپتوغرا ئىككى يىل ۋاقىت كېتىپ قۇم تۇپراقتىنمۇ تولا لەشكەر يىغىلدى.تا شۇ كەمگىچە ھىچقانداق پادىشاھ ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن مۇنداق كۆپ لەشكەر يىغىپ باقمىغان پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ لەشكەرلىرىمۇ مۇنداق توپلىنىپ باقمىغان ئىدى.لەشكەرلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلارنىڭ چەك چېگرىسىنى ،باش ئايىقىنى كۆرگىلى بولمايتتى.دېمەك ئۇلارنىڭ سانى پەلەكتىكى يۇلتۇزلار،باياۋاندىكى قۇملارنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ ئىدى.
  بارلىق لەشكەرلەر دېگەن قەرەلدە توپلىنىپ بولغاندىن كېيىن دارا بۇ لەشكەرلەرنى كۆزدىن كەچۈرگىلى چىقتى.يەر يۈزىگەسىغماي قالغان،ئۇلۇغ ئوكياننىڭ دولقۇنلىرىدەك ئۆركەشلەپ تۇرغان لەشكىرى ئەزىمنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئىسكەندەرگە بولغان قىساسخورلۇقى تېخىمۇ ئاشتى.ئىسكەندەرنى مەغلۇپ قىلىپ ئۆزىنىڭ ھەقىقى كۈچ قۇدرىتىنى ئۇنىڭغىلا ئەمەس بارلىق جاھان ئەھلىگە تونۇتۇپ قويۇش ئېرادىسى ھەسسىلەپ كۈچەيدى.ئەسلى بۇنچىۋالا داغدۇغا قىلىپ لەشكەر يىغمىسىمۇ  ئىسكەندەرنىڭ لەشكەرلىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئۇنىڭ ئۆز لەشكەرلىرىمۇ يېتىپ ئاشاتتى.لېكىن دارانىڭ مەقىسىدى بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ ئۆز ىنىڭ كۈچ قۇدرىتىنى تولۇق نامايەن قىلىپ پۈتۈن جاھان شاھلىرىنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ قويۇش بولغاچقا شۇنچىۋالا ئاۋارە بولغان ئىدى.لەشكىرى ئەزىم ئۇنىڭ دىماغلىرىدا بېسىپ بولماس كۆرەڭلىك پەيدا قىلدى.كىبىردىن كېرىلىپ تېرىسىگە سىغمايلا قالدى.شۇڭا ئۆزىچە مۇنداق ئويلاپ كەتتى:‹‹ۋاھ نىمىدېگەن كۆپ لەشكەر بۇ،بۇنچىۋالا لەشكەر بىلەن قاياققا يۈرۈش قىلسام شۇ يەرنى ئالالىغۇدەكمەن،ھەتتا بۇنچىۋالا لەشكەرنىڭ سۈر ھەيۋىسىدىن قورقۇپ بولسىمۇ ھەرقانداق شاھ جەڭ قىلمايلا تەسلىم بولۇشقا، ئالدىمغا كېلىپ تىزلىنىپ بىر قوشۇق قېنىنى تىلەشكە مەجبۇر بولغۇدەك.مەن بۇ يۈرۈشتە رىم بىلەنلا توختاپ قالماي پۈتۈن قاھانغا يۈرۈش قىلىپ تېخىغىچە تەسەررۇپۇمغا ئۆتمەي قالغان بەزى شەھەر ۋە مەملىكەتلەرنىمۇ ئىشغال قىلىپ پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىناي.پۈكۈل ئىنسان بالىسى تەسەررۇپۇمغا ئۆتۈپ  مېنىڭ بۇيرۇقۇمسىز تىنىق ئېلىشقىمۇ پېتىنالمىغۇدەك بولۇشۇپ كەتسۇن!››

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 17:34:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دارا كەلگەن پادىشاھلارنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن  دالىغا  ئىنتايىن چوڭ ۋە ھەشەمەتلىك بىر چېدىر بارگاھنى قۇرغۇزۇپ ئۇنىڭغا ئەڭ ئالى تەخت ئورناتقۇزۇپ تەخت ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇردى. بارلىق ئەلنىڭ پادىشاھلىرى،ئايماق ھاكىملىرى ۋە يۇرت ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ كېلىپ ھەممىسى بىردەك يەر سۆيۈپ تازىم قىلىپ قۇللۇق بىلدۈرۈشتى.ئۇلار كۆرۈشۈشكە كەلگەندە ئالدى بىلەن دارانىڭ چېدىرىدىكى بىسات قىرغاقلىرىنى سۆيەتتى.ئاندىن ئالدىغا كېلىپ دارانى تاۋاپ قىلغاندەك ئەزىزلەپ ئۇنىڭ ئاياقلىرىغا باش قوياتتى.ئاندىن ئارقىچىلاپ كەينىگە يېنىپ ئۆز ئورۇنلىرىغا بېرىپ تەخت ئالدىدىكى مۇناسىپ جايلاردا رەتلىك تىزىلىشىپ پەرمان كۈتۈپ تۇرۇشاتتى.بۇ خىلدىكى قوبۇل قىلىش ۋە يۈز كۆرۈشۈشلەر ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن يېرىم كۈنگىچە داۋاملاشتى.بۈگۈنكى بۇ قوبۇلغا چىن مەملىكىتىدىن مەڭگۈ خاقان،ھىندىستاندىن قارا خان،مىسىر ئېلىدىن ۋەقەخان،دەشتى قىپچاقتىن تۆمۈر تاشخان،خاۋەران مەملىكىتىدىن فەرەڭگىس،نەھرىۋان ئېلىدىن دەۋالى قاتارلىق ئۇلۇغ پادىشغاھلارغا قوشۇلۇپ يەر يۈزىدىكى  بارلىق مەملىكەتلەرنىڭ پادىشاھلىرى، سىپاھبەگلىرى،شاھزادە ۋە بەگزادىلىرى

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 18:46:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى كەلگەن ئىدى.ئۇرۇش دېگەن ئويۇن ئەمەس  ئۇنىڭ خەتىرىلا بولۇپ قالماي چىقىمىمۇ بەك تولا ئىدى.قانچە كۆپ لەشكەر يىغىلسا شۇنچە كۆپ خىراجەت كېتىدۇ.ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلسا چىقىم ھەسسىلىنىدىغان گەپ شۇڭا شاھلار بۇ ئۇرۇشقا لەشكەر ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن يەنە داراغا ئون يىللىق باج خىراجنىمۇ بىرگە ئالغاچ كېلىشكەن ئىدى.ئۇلارمۇ خەزىنىگە ئۆتكۈزۈلۈپ داراغا بولغان ساداقىتى ئىپادە قىلىندى.
قوبۇلدىن كېيىن دارا يىغىلغانلارغا سۆز قىلىپ بۇ قېتىمقى لەشكىرى يۈرۈشنىڭ سەۋەبىنى ۋە ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئىزاھلىدى:
--ئەي پادىشاھلار،سىلەرنى لەشكەرلىرىڭلار بىلەن چاقىرتىشىمدىن سەۋەپ شۇكى، رۇم شەھىرىدىكى پىلىقۇس ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ تەختىگە ئوغلى ئىسكەندەر ۋارىسلىق قىلدى.مەن ئۇنى دادىسىنىڭ ئىزىنى باستىمىكىن دېسەم ئۇ قىلچىمۇ دادىسىنى دورىماپتۇ.ئۇ بىر تەلۋە،ساراڭ ۋە دىۋانە ئىكەن. تەتۈر ئاققان سۇغا،ئۆز ئۆيىگە تۇتاشقان ئوتقا ئوخشايدىكەن.ئۇ بېشىغا شاھلىق تاجىنى كەيگەندىن بېرى ئۆزىنى بىلەلمەي قالدى.ئۆزى بىلگىنىچە باشباشتاقلىق قىلىشقا،ئازغىنە رىزقىغا شۈكرى قىلماي جاھانگىرلىك چۈشىنى چۈشەپ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە تاقاۋۇز قىلىشقا باشلىدى.مانا ئۈچ يىل بولدى.ئەنئەنىنى ئۇنتۇپ ماڭىمۇ خىراج بەرمىدى.چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىپ خىراجنى  سۈيلەپ ئەلچى ئەۋەتسەم ھىچنىمە بەرمىگەننىڭ سىرتىغا ئەلچىلىرىمنى ھاقارەتلەپ ماڭا نالايىق سۆزلەرنى قىپتۇ.سەلتەنىتىمنى تۆۋەن چاغلاپ ماڭىمۇ خىرىس قىلماق بوپتۇ.شۇڭا ‹‹سۇ كەلگۈچە توغان سال››دېگەن ئاتىلار ھىكمىتى بويىچە ئۇنىڭغا لەشكىرى جازا يۈرۈشى قىلىپ  ئەدەپ بەرمەكنى لايىق كۆردۈم.شۇڭا بۇ مۇقەددەس جەڭدىن باش تارتماي، مېنىڭ دۈشمىنىمنى ئۆزۈڭلارنىڭمۇ دۈشمىنى بىلىپ مەدەتكار بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىپ چاقىرتتىم،بۇنىڭغا سىلەر نىمە دەيسىلەركىن؟!

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 20:46:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دارانىڭ سۆزىگە جاۋابەن ھەممەيلەن يەنە بىر قېتىم قۇللۇق قىلىپ ئوپچە تازىم قىلىشتى.ئارىدىن بىرى شاھقا جاۋاپ بېرىپ دېدىكى:
-ئەي ئۇلۇغ شەھرىيار، ھەممىمىز ھەرقاچان پەرمانىڭدىمىز.لېكىن بىر  ئىسكەندەرنى يوقۇتۇش ئۈچۈن مۇنچىۋالا لەشكەر يىغىش ھاجەت ئەمەس ئىدى.بۇ خۇددى چىۋىننى چوماقتا ئۆلتۈرگەندەك ئىش بولۇپ قالغۇدەك.ھەممەيلەننى يىغىپ يۈرگىچە ئارىمىزدىن خالىغان بىرىمىزگىلا پەرمان قىلغان بولساڭ ئۇنى بىر ھەپتىگە قالمايلا يوق قىلىۋېتەلەيتتۇق ئەمەسمۇ؟!
-بۇ سىلەر ئويلىغاندەك ئۇنچە  ئاسان ئىش ئەمەس.ئىسكەندەر ئەسلىدە كىچىك پادىشاھ بولغان بىلەن بۇ بىرنەچچۋە يىلدىن بېرى جاھانگىرلىك يولىغا قەدەم قويۇپ بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە كۈچىيىپ كەتتى.ھازىر ئۇنىڭ ئىلكىدە رۇم مەملىكىتىلا بار بولۇپ قالماي زەڭگىبار ۋە پەرەڭ مەملىكەتلىرىنمۇ ئېلىپ  تەۋەسىگە قېتىۋالدى.بىز بۇ يۈرۈشىمىزدە ئىسكەندەرنىلا يوقۇتۇپ قالماي ئۇنىڭغا بولۇشىدىغان بېقىنغۇچىلىرىغا ۋە ھازىرغىچىلىك ماڭا باش ئەگمەي بويۇنتاۋلىق قىلىۋاتقان مەغرىپتىكى بىرنەچچە پادىشاھلارغىمۇ جازا يۈرۈشى قىلىمىز.
پادىشاھلار بىردەك دارانىڭ مەسلىھەتىنى ماقۇل كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا بولۇشۇپ ھەزرىتى  ئىسكەندەرگە قارشى جەڭ قىلماقچى بولۇشتى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 21:11:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹دارا پۈتۈن يەر يۈزىدىن لەشكەر يىغىپ رۇم ئېلىگە جازا يۈرۈشى قىلىپ كېلىۋېتىپتۇ›› دېگەن خەۋەر ئىسكەندەرنىڭ ۋە رۇم ئېلىنىڭ خەلقىنىڭ قۇلۇقىغا يەتتى.ھەزرىتى ئىسكەندەر  يۈرەكلىك ئادەم ئىدى. ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە ئىشىنەتتى.دۇنيادىكى ھەرقانداق ئىش پەرۋەردىەارنىڭ ھۆكمى بىلەن بولىدىغانلىقنى،ھەق ئىش قىلغان،ھەقنى تونۇغان،ئادالەت بىلەن يۇرت سورىغانلارنىڭ ئاللاھنىڭ يېقىن كىشىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدىغانلىقنى،ئۇنداقلارغا ئاللاھ ئۆزى يار-يۆلەك بولىدىغانلىقنى ياخشى چۈشىنەتتى.شۇڭا بۇ دەھشەتلىك خەۋەر ئالدىدا قورقۇپ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويماستىن بوراندىكى مەزمۇت چىناردەك تەۋرەنمەستىن قەد كېرىپ تۇردى.ئۇ باتۇر بولۇپلا قالماي پەم –پاراسەتلىك ئىدى.ئەقىل- پەم بىلەن ھەرقانداق ئىشقا سەۋەپ قىلالايتتى. ئۇ دۈشمەن ئەھۋالىغا يارىشا ئىش تۇتماق بولۇپ ھەرقاچان دارا تەرەپكە كىشى ئەۋەتىپ يېڭى –يېڭى خەۋەرلەرنى ئۇقۇشۇپ تۇردى.يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز لەشكەرلىرىنمۇ تولۇق تەق قىلىپ پۇختا تەشكىللەپ دۈشمەن بىلەن بولىدىغان جەڭگە تەييارلاندى. لەشكەرنىڭ جەڭدىكى باتۇرلۇقى ۋە جاسارىتى قۇماندانغا باغلىق.گەرچە دارانىڭ لەشكەرلىرى سان ساناقسىز،ئىسكەندەرنىڭ لەشكەرلىرى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا  تولىمۇ ئاز يەنى مىڭدىن بىرىچىلىك بولسىمۇ ھىچكىم قورقۇپ تەمتىرەپ قالمىىدى.
دارا ئىسكەندەرنىڭ ئۆزىنىڭ شۇنچىۋالا كۆپ لەشكەرلىرىدىن قورقۇپ تىكىۋەتمەستىن دادىللىق بىلەن قارشى چىقىپ لەشكەر باشلاپ كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغىنىدا ھەم ھەيران قالدى. ھەم كۆڭلىگە ۋەھشەت چۈشۈپ قورىقتى.‹‹ئەجەبا پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ لەشكەرلىرىنى باشلاپ كەلسەم قورقۇپ تىكىۋەتمەي  يۈرەكلىك ئالدا قارشى چىقىشقا پېتىنىپتا؟ ئۇنىڭغا بۇنچىۋالا جۈرئەت نەدىن كەلگەندۇ؟ ئۇنىڭ شۇنچىۋالا لەشكىرىمگە تاقابىل تۇرغۇدەك قانداق قۇدرەتلىك كۈچى باردۇ؟ ! ئوبدان سۈرۈشتە قىلىپ ئېھتىيات بىلەن جەڭ قىلمىسام يېڭىلىپ قېلىپ  پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئالدىدا رەسۋا بولماي يەنە؟!›› دېگەنلەرنى ئويلىغىندا بەدىنى شۈركەندى.


ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 01:40:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى قوشۇن ئۆز ئارا ئارىلىقى بىر كۈنلۈك يول كەلگۈدەك  يېقىنلىشىپ كەلگەندىن كېيىن ئالدىراپلا ئۇرۇش قىلىشقا چۈشۈپ كەتمەستىن دەررۇ كەلگەن يېرىگىلا ئورۇنلىشىپ چېدىر بارگاھلىرىنى قۇرۇشتى. بىر-بىرىدىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ ئەتراپلىرىغا  خەندەك كولاشقا چۈشۈپ كېتىشتى.شۇڭا ئىككى تەرەپ ئورۇنلاشقان جاينىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈش قىيىن ئىدى .ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ جېسەكچىلىرى كېچە- كۈندۈز  ئۇخلىماي كۈزەت قىلىپ بىر-بىرىدىن ھۇشيار بولۇشاتتى.ئۇلار شۇ قەدەر ھۇشار بوڭلۇشۇپ كېتىشكەن ئىدىكى ئارىسىدىن شەپە چىقىرىپ بىرەر توشقان ئۆتۈپ قالسىمۇ  ئوق يامغۇرىغا دۇچ كېلىپ غەلۋىردەك بولۇپ كېتەتتى.
بايا بايان قىلغىنىمىزدەك ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئۇرۇش قىلغاندا ئىشلىتىش ئۈچۈن  ئارىلىقىدىن  بىر كۈنلۈك مۇساپىگە باراۋەر ئورۇننى بوش قالدۇرۇشقان ئىدى.ئۇ يەردە بىر تاغ بولۇپ ئىككى يېنىدا ئىككى دەشت بار ئىدى.ئىككى تەرەپ لەشكەرلىرى مانا شۇ دەشتلەرگە بىردىن ئورۇنلاشقان ئىدى.مۇداپىئە خەندەكلىرىگە كەلسەك ئىسكەندەرنىڭ لەشكەرلىرى قازغان خەندەكلەر شۇ قەدەر چوڭقۇر ۋە مەزمۇت ئىدىكى پۇختىلىقى كېيىن قازغان سېپىلىدىن  قېلىشمايتتى.
ھەزرىتى ئىسكەندەر دارانىڭ قوشۇنىدىكىلەرنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن يۈز نەپەر شەمشەرۋازنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىۋېلىپ ئوتتۇرىلىقتىكى ھېلىقى تاغنىڭ ئۈستىگە چىقتى.قارىسا دارانىڭ لەشكەرلىرى ئەتراپتىكى يەر يۈزنى يەنى پۈتۈن تاغ ۋە دەشتلەرنى چۈمۈلىدەك  قاپلاپ كەتكەن ئىدى.شۇنداق تەخمىن قىلدىكى ئەگەر ئۇرۇشۇپلا قالسا ئۆزىنىڭ ھەر بىر لەشكىرىگە دۈشمەننىڭ نەچچە يۈزدىن لەشكىرى توغرا كېلەتتى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 18:21:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋ قوشۇنىنىڭ لەشكەر سانىنىڭ ھەددى ھېساپسىزلىقى ئىسكەندەرنى ھەيران قالدۇردى.ھەم تەشۋىشكە سالدى.ئۇ تەپەككۇر قىلىپ شۇنداق خىياللارنى سۈرۈپ كەتتى: ‹‹ھەسسىنەي،ياۋ لەشكىرى نىمىدىگەن كۆپ؟ مەن ئۆز لەشكەرلىىمنى باتۇر،ياۋ لەشكەرلىرىنى بولسا ئاجىز چاغلاپ ئۇلارنى كۈنجۈتكە،ئۆز لەشكەرلىرىمنى بولسا توخۇغا ئوخشۇتۇپتىمەن.بۇنچىۋالا ‹‹كۈنجۈت››نى پۈتۈن ئالەمنىڭ ‹‹توخۇ››لىرىنى يىغىپ كەلسىمۇ يەپ بولالمىغۇدەك.مۇنچىۋالا كۆپ لەشكەر بىر يەرگە كېلىپ ئۇرۇش قىلسا ئېنىقكى جىقى ئازنى يېڭىدۇ.بولغۇلۇق بولدى.ئەمدى قايتىپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق.نەچچە يىلدىن بېرى ھەر ئىككىلىىمىز ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ داۋرىڭىمىز ئالەمگە كەتتى.مانا ئەمدى ئۇرۇش قىلمايلا تىكىۋەتسەم بۇ دۇنيادا يۈزۈمنى كۆتۈرۈپمۇ يۈرەلمەيمەن. پۈتكۈل جاھاننى دارانىڭ لەشكەرلىرى قاپلاپ كەتكەن تۇرسا قېچىپ نەگىمۇ بارالايتتىم ؟ بۇ ئۇرۇش ئادالەتسىز ئۇرۇش،بۇ ئۇرۇشتا دارا يېڭىۋالسىمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ يۈزىگە سەت،چۈنكى ئۇ مېنىڭ لەشكەرلىرىمدىن نەچچە يۈز ھەسسە كۆپ لەشكەر بىلەن كېلىپ مەن بىلەن سوقۇشتى.شۇڭا ھامىنى بىر ئۆلۈم بولغاندىكىن قېچىپ ئۆلمەي باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ مەردانىلارچە ئۆلەي.ئالىم دانىشمەنلىرىمىز ‹دۇنيادىكى ھەر بىر ئىش تەڭرىنىڭ ئىلكىدە،كىمنىڭ قانداق ياشىشى،قاچان تۇغۇلۇپ قاچان ئۆلۈشى پۈتۈنلەي تەڭرى تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن بەلگىلەپ قويۇلغان بولىدۇ› دېيىشىۋاتاتتى.شۇنداق ئىكەن نىم قوقۇش.ئەگەر پىشانەمگە ئۆلۈم پۈتۈلگەن بولسا بۈگۈن ئۆلمىسەممۇ ئەتە چوقۇم ئۆلىمەن.ئەگەر ئۆلۈم دارانىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولسا ئۇنى پۈتۈن ئالەمنىڭ لەشكەرلىرى قوغداپ تۇرغان شارئىتتىمۇ ئەجىلى پۈتكەن شۇ مىنۇتتا ھايالسىز ئۆلىدۇ.مەن غەم ئورنىغا تەڭرىدىن مەدەت تىلەي! تەقدىرىمنى تەڭرىگە تاپشۇرۇپ باتۇرلۇق بىلەن جەڭگە كىرەي!
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش