ximal
ئىگىسى: qabiljan2004

ئىسكەندەر پادىشاھ -‹‹شاھنامە ›› سەككىزىنچى بۆلۈم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 16:23:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بارلىق خەزىنىچىلەر خەزىنىلەرنىڭ ئاچقۇچىنى ئىسكەندەرنىڭ ئالدىدا قويۇپ قول باغلاپ تۇرۇشتى.پادىشاھ ئىسكەندەر ئۇلارغا ئىشەنچ قىلىپ ھەر بىرىگە يەنە ئۆز غەزىنىلىرىنى تاپشۇرۇپ ياخشى ساقلاشنى تاپىلىدى.ۇندىن باشقا قەلەم ئىگىلىرىنى خەزىنىلەرگە ئەۋەتىپ ئۇ يەردىكى مال دۇنيالارنى بىر بىرلەپ تولۇق  تىزىملاپ ھېسابىنى دەپتەرگە ئېلىشنى تاپشۇردى. دارانىڭ بۇرۇنقى ھېساپ دەپتەرلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆردى.ھېساپ ئوىشاش چىققاندىن كېيىن بارلىق خەزىنىلەرنى ئوردىغا تاپشۇرۇش توغرىسدا پەرمان چۈشۈردى.يېقىن ئەتراپتىكى بارلىق خالايىقنى يىغىپ كېلىپ  خەزىنىدىكى مال-دۇنيانى ئوردىغا توشۇتتى.ئۇلار ئىككى يىل توشۇغان بولسىمۇ خەزنىنە يېرىملاشمىدى.ئىسكەندەر توشۇشنى توختۇتۇش توغرىسدا پەرمان چۈشۈرۈپ توشۇلغان نەرسىلەرنى بىر يەرگە توپلاتقۇزدى.خالايىق بۇ نەرسىلەرنىڭ شۇ قەدەر كۆپلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.
   


ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 00:51:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزرىتى ئىسكەندەر لەشكىرى ئىشلارنى رەتكە تۇرغۇزۇش ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت سەرىپ قىلىپ  ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى  لەشكەرلىرى بىلەن  دارانىڭ ئەل بولغان پۈتۈن لەشكەرلىرىنى رەتكە سېلىپ مۇنتىزىم قوشۇن قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.پەرمانلار جاكالاپ ھەرقايسى پالۋانلارنى قۇربىتى،جاسارىتى،ئەقىل-پاراسىتى،جەڭدىكى تۆھپىلىرىگە ئاساسەن  يېڭى مۇۋاپىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەپ ئۆستۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى ئۆستۈردى. چۈشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى چۈشۈردى.مۇكاپاتلاشقا تېگىشلىكلىرىنى مۇكاپاتلىدى.جازالاشقا تېگىشلىكلىرىنى جازالىدى..شۇنىڭ بىلەن قوشۇن تېخىمۇ كۈچىيىپ،لەشكەرگە خاس جەسۇرلۇقى ئېشىپ ،لەشكىرى ئىشلاردىكى قالايمىقانچىلىقلار ئاخىرلىشىپ ،ھەرقانداق جەڭگە سالسا شىردەك جەڭ قىلىدىغان،قومانداننىڭ بۇيرۇقىغا شەرتسىز بويسۇنۇدىغان، جەڭ پەيتلىرىدە ئوت-سۇلاردىنمۇ يانماي قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىدىغان پولاتتەك قوشۇن قۇرۇپ چىقىلدى.ئۇلۇغ غايىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ پۈتۈن دۇنياغا خوجا بولۇش،ئەدلى- ئادالەت بايرىقنى دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىدە قاداپ  لەپىلدىتىشنى نىيەت قىلغان بۈيۈك شاھقا مانا شۇنداق قوشۇن ئەلۋەتتە كېرەك بولاتتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qabiljan2004 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-1 00:55  


ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 01:10:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقايسى شەھەر ئايماقلار،بېقىنغان پادىشاھلىقلاردىمۇ قانۇن ياساقنى تۈزەپ رەتكە تۇرغۇزدى.پۇقرانىڭ ئۈستىدىن نەچچە يىللىق باج سېلىقنى كۆتۈرىۋەتتى.دارا خەزىنىلىرىدىن توشۇپ كېلىنىپ ئورىدغا توپلانغان ھېلىقى غايەت كۆپ مال-دۇنيانى نامرات پۇقرالارغا ئۈلەشتۇرۇپ بېرىپ ئۇلارنى چەكسىز خۇشال ۋە باي قىلىۋەتتى.ئۇ پۇقراغا ئېيتتىكى:
-ماڭا خەزىنە كېرەك ئەمەس،لەشكەرلىرم باتۇر ۋە قورقۇمسىز،خەلقىم شاد،باياشات، غەمسىز بولسا،مەملىكىتىم تەرەققى قىلىپ ئاۋاتلاشسا،ئالتۇن كۈمۈش يىغقاندىن بەكرەك خۇشال بولىمەن.غەزىنە ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ ئەل ئۇنىڭدىن نەپ ئالالمىسا بۇنداق غەزىنىنىڭ سايدىكى تاشتىن نىمە پەرقى بار؟! بەلكى بۇندساق غەزىنە جانغا خەتەردۇر.ئەمما تاشلاردىن كىشىلەر جېنىغا خەتەر يەتمەيدۇ.ھۆكۈمالار:‹‹ھەرقانداق كىشىنىڭ غەزىنىسى كۆپ بولسا،ئەمما ئۇنىڭدىن ھىچ بىر كىشىگە پايدىسى تەگمىسە،ئۇ ھالدا  ئەھلى ىالايىق ئۇ كىشىەە دۈشمەن بولغۇسىدۇر›› دەپ ئىنتايىن توغرا  ئېيتقان.يۇرت خەلقى ئوبدان،شاھ بىلەن بىر-نىيەت بىر مەقسەدتە بولسا مۇنداق دۆلەتنىڭ كۈچى ئارتۇقتۇر.بۇنداق دۆلەت ھەرقانداق دۈشمەن ئۈستىدىن غالىپ كېلەلەيدۇ.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 21:46:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسكەندەر ئىراننىڭ لەشكەر ۋە خەلقلىرىنى ئۆزىدىن تامامەن  رازى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىگە بويسۇنۇشنى خالىمىغان ،يامان جاۋاپ قايتۇرغان دۆلەتلەرگە جازا يۈرۈشى قىلىپ جاھان ئاچماق،دۇنيانى ئۆز ئىلكىگە ئالماقنىڭ تەييارلىقلىرىغا كىرىشتى.ئالدى بىلەن جەڭ ۋە يۈرۈشلەردە ئەقىل پەنت،ھىكمەت جەھەتلەردىن ياردەم بېرەلەيدىغان  ھىكمەت ئىگىلىرى ۋە دانىشمەنلەرنى ،ئالىملارنى تاللاپ چىقتى.بۇ ئالىملار شۇ دەۋردە تۈرلۈك پەنلەردە كامالەتكە يەتكەن ئىلىم چولپانلىرى ۋە  جاھان پەيلاسوپلىرىدىن ئىدى.
يۈرۈشكە ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى جاھان ئالەمدىكى  پۈتكۈل شاھلارغا نامە بىلەن ئەلچى ئەۋەتىپ ئالدىغا ئۆزى كېلىپ،ئۆزى كېلەلمىسە ۋەلىئەھدىسىنى بولسىمۇ ئەۋەتىپ ئۆزىگە بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.كىمىكى بۇ شەرتنى ئورۇنلاپ ئىسكەندەرگە بويسۇنغانلىقنى ئىپادىلىسە  ئۆز مەملىكىتىگە داۋاملىق شاھى -سۇلتان بولۇپ سەلتەنەت  ھۆكۈمىنى داۋاملىق  سۈرىۋېرەتتى.ئەگەر قوبۇل قىلمىسا شۇ مەملىكەتكە يۈرۈش باشلىنىپ، مەسىلە ئۇرۇش يولى بىلەن ھەل قىلىنىپ، شاھى ئاغدۇرۇپ تاشلىناتتى شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەملىكەتكە ئىسكەندەر ئۆزى  يېڭى شاھ بەلگىلەپ ئۆز ھۆكمىرانلىقىغا بېقىندۇراتتى.دەسلەپكى قەدەمدە كابۇل پادىشاھى،ھىندىستان پادىشاھى ۋە چىن پادىشاھىدىن ياخشى بولمىغان جاۋاپلار قايتقىنى ئۈچۈن ئىسكەندەر ئەشۇ مەملىكەتلەرگە ھەربى يۈرۈش باشلىماقچى بولدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qabiljan2004 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-3 21:47  


ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 21:48:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كەشمىر شاھى مۇللەۋ ئۆزىنىڭ سېھرى جادۇلىرىغا بەك ئىشىنىپ كەتكەن بولسا كېرەك بارغان ئەلچىگە مۇنداق جاۋاپ بەردى:
   -ئىسكەندەرنىڭ دۇنياغا تەڭ كەلگۈدەك لەشكىرى بولسىمۇ ماڭا تەڭ كېلەلمەيدۇ.چۈنكى مەندە يەتكۈچە لەشكەر بولغاننىڭ سىرتىغا ئۆزۈم يېتىشكەن سېھرىگەردۇرمەن .شەھرىممۇ مۇستەھكەم.ئاستىدا دەريا ئاقىدۇ.ئىككىنچىدىن تەڭداشسىز جادۇگەرلىرىم بار.ئاسماندىن بالا ياغسىمۇ قايتۇرالايدۇ.ئىسكەندەر ماڭا قارشى پۈتۈن جاھاننىڭ لەشكىرىنى يىغىپ كەلسىمۇ بوران ئاپىتى پەيدا قىلىپ لەشكەرلىرىنى غازاڭدەك ئۇچۇرتۇپ ھالاك قىلىپ تاشلايمەن.يۇرتۇمدا بىر تاغ بار،تاغنىڭ ئىچىدە تىلسىملىق قورغان بار.قورغاننىڭ ئىچىدە ھۆكۈمالارنىڭ قۇدرىتى بىلەن بىنا قىلىنغان سىرلىق لەخمە بار.بىرەر مۈشكۈللۈك يۈز بەرسە شۇ لەىمىگە كىرىۋالسام ھىچنىمە قىلالمايدۇ.ئەگەر تەلىيى ئوڭ كېلىپ قورغاننى ئالغان تەقدىردىمۇ ئوت بىلەن شامالنى ئوغۇرلىۋالسام ئاچلىق ۋە ئىسسىق دەستىدىن بىر لەشكىرىمۇ قالماي ئۆلۈپ تۈگەيدۇ.شۇڭا ئۇنىڭدىن قورقۇشۇم يوق.ئۆلگىسى كەلگەن بولسا كەلسۇن!
   ھىندىستان پادىشاھى قۇرۇق باھانە كۆرسۈتۈپ كېلىشنى رەت قىلدى:
   -مەن ئىسكەندەرنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلىمەن.لېكىن باراي دېسەم تەييارلىقىم يوق.باج-خىراجغا ئېلىپ بارغۇدەك مال-دۇنيايىممۇ يوق.نىمىشقا دېگەندە دارا مەندىن چېرىك تەلەپ قىلغاندا چېرىك ئېلىش،لەشكەر تەييارلاش ،لەشكەر ۋە ئات-ئۇلاقلارغا ئوزۇق ۋە يەم بوغۇز تەييارلاش قاتارلىق ھەربى خىراجەتلەرگە ھىندىستاننىڭ ئىككى يىللىق خىراجىتىنى سەرىپ قىلغانلىقىم ئۈچۈن غەزىنەم قۇرۇقدىلىپ قالدى.ئۇ مېنى ‹‹ئالدىمغا خىراج ئېلىپ كەلسۇن›› دېسە ئىككى يىل سەۋر قىلسۇن.بۇ ئىككى يىل ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كېلىپ يۇرتۇم بىراز ئاۋاتلاشسۇن.ئالدىغا ئېلىپ بارالىغۇدەك مال دۇنيا توپلاشسۇن.مانا شۇ چاغدا ئالدغا بارۇرمەن.مېنىڭمۇ ئىسكەندەرنى كۆرۈش ئارزۇيۇم  بار.ئەگەر ئۇنىڭغا ئۇنىماي لەشكەر تارتىپ كېلىمەن دېسە ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئىشى.پەلەكپىشانەمگە قايسى تەقدىرنى پۈتكەن بولسا شۇنى كۆرەرمەن.
   چىن خاقانى ئۆزىنى چوڭ چاغلاپ قالدىمۇ ئەلچىگە ئاچچىق سۆزلەر بىلەن جاۋاپ بېرىپ قايتۇردى:
   -

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 21:48:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qabiljan2004 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-3 21:50  


ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 01:27:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ئىسكەندەرنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن سۆزى زەھەردىن ئاچچىق بىلىندى.ماڭا ئەۋەتىدىغان نامىنى پۈتكەن كۈنى ئەقلى-ھۇشى جايىدا ئەمەس ئوخشايدۇ.بولمىسا ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ مۇنداق نالايىق سۆزلەرنى ئەۋەتىشكە پېتىنالماس ئىدى.مېنىڭ ئۇنىڭدىن قېلىشىدىغان ھىچقانداق كەم يېرىم يوق.بىزدە شۇداق قائىدە باركى، بىر پادىشاھ يەنە بىر پادىشاھقا تەۋە بولمىسا ئۇنىڭغا نامە پۈتۈپ ئەۋەتەلمەيدۇ.مەن يە ئىسكەندەرنىڭ تەۋەلىكىدىكى پادىشاھ بولمىسام نىمە دەپ ماڭا بۇنداق يولسىز تەلەپ قويۇپ نامە ئەۋەتىدىكەن؟!ئۇ يەنە نامىسىگە ھىكمەتلىك سۆزلەرنى پۈتۈپتۇ.بۇنداق سۆزلەرنى ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپلا ئېيتقىلى بولمايدۇ.دارا جاھاندار كىشى ئىدى.ئارىمىزدا دوستلۇق رىشتى بار ئىدى.مېنى ‹‹كېلىپ كۆرۈشۈپ كەتسۇن›› دەپ تەكلىپ ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈنلا لەشكەر ئېلىپ ياردەمگە بارغان ئىدىم.دارا ئۆلگەندىن كېيىن ئىسكەندەر بارچە ئىقلىمنىڭ پادىشاھى بوپتۇ.لېكىن ئۇ شۇنى بىلىشى كېرەككى،بىزنىڭ چىن ئېلى ئۇنىڭغا تەۋە بارچە ئىقلىمغا كىرمەيدۇ.بۇ باشقا بىر ئەلدۇر.ئۇ بۇنى بىلمەي ماڭا يىرىك سۆزلەرنى يېزىپ ئەۋەتىپتۇ.بۇنى مەن قوبۇل قىلالمايمەن.بېرىپ ئۇنىڭغا ئېيتىڭلار،ئەگەر ئۇ داراغا ئوخشاش دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىسە مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشىپ ئىناق ئۆتىمەن.ئەگەر ئۇنىڭغا ئۇنىماي مېنى ئۆزىگە بېقىندۇرماقنى نىيەت قىلسا مەن ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىمەن.ناۋادا ئۇرۇشماقنى نىيەت قىلىپ لەشكەر باشلاپ كەلسە، مەنمۇ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ ئۇنى لەشكەرلىرىم بىلەن جەڭ مەيدانىدا كۈتىۋالىمەن.
ئىسكەندەر نامىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۆزىگە بويسۇنۇپ كەلگەن پادىشاھلارغا ھېساپسىز ئىلتىپاتلارنى كۆرسەتتى.نۇرغۇن سوغا –سالاملار بىلەن ئۆز دۆلىىگە قايتۇرۇپ يەنىلا ئەسلى ئورۇنلىرىغا پادىشاھ قىلدى.نامىگە بويسۇنمىغان ئۈچ پادىشاھقا بولسا لەشكەر تارتىپ جازا يۈرۈشى قىلىپ بارماقچى بولدى.لېكىن بۇ چاغدا قىش يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى. سىرتقا چىقىپ ئۇرۇش قىلىشقا قىش پەسلى ناباپ بولغاچقا قەدىمكى پادىشاھلار ئەزەلدىن قىشتا ئۇرۇش قىلماي يۇرتىغا قايتىپ ئارام ئالغاچ كۈچ توپلايتتى.ياندۇرقى يىلى باھار كېلىپ جاھان ئىللىشقا باشلىغاندا يەنە يېڭىدىن لەشكەر تارتىپ كېلىپ ئۇرۇش قىلاتتى.ئىسكەندەرمۇ شۇ ئادەت بويىچە ئۇرۇش قىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ لەشكىرى تەييارلىقلار بىلەن مەشغۇل بولدى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 18:58:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىش ئۆتۈپ باھار كەلدى.بارلىق تەييارلىقلار ئاللىقاچان پۈتۈپ بولغان ئىدى.شۇڭا ئىسكەندەر ياخشى ۋاقىت –سائەتنى تاللاپ خۇراسانغا قاراپ  يۈرۈش باشلىدى.ىۇراسان تولىمۇ ىۇش ھاۋا جاي بولغىنى ئۈچۈن بۇ يەردىن كېتىشكە ئالدىرىمىدى.جەننەت كەبى باغلاردا،ساپ ھاۋالىق تاغلاردا،ئوت چۆپى مول،بۇلاق سۇلىرى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان كۆڭۈل ئارامى جايلاردا  ئارام ئالغاچ سەيلى تاماششىلاردا بولدى.
ھەزرىتى ئىسكەندەر بۇ يەردە بىر شەھەر بىنا قىلدۇرۇپ ئىسمىنى ‹‹ھېرات›› دەپ قويدى.بۇ يەردىن ئۆتۈپ يەنە بىر جايغا كەلدى.بۇيەرنى ‹‹ماۋرا ئۇننەھرى››دەپ ئاتىشاتتى.بۇ يەر جەيھۇن ۋە سەيھۇن دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى دەريانىڭ ئارىسدا بولۇپ بۇ دەريالانىڭ سۈيى زەئىپ كىشىلەرگە شىپا ئىدى.بۇ يەردە شەھەر يوق ئىدى.بۇنداق ىۇش ھاۋالىق،سۈيى شىپالىق جاينىڭ ئىسراپ بولۇپ تۇرغىنىغا ئەپسۇسلاندى. شۇڭا بۇ يەردىمۇ كاتتا بىر شەھەر بىنا قىلىپ ئىسمىنى ‹‹سەمەرقەند››قويدى.ئاندىن داۋاملىق كەشمىرگە قاراپ يۈرۈش قىلدى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 20:35:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەشمىرگە كېلىپ قارىسا ئالدىدا كارىدۇرنىڭ تېمىدەك پاراللىل ھالەتتە تۇرغان  ئىككى تاغ تىزمىسى نامايان بولدى.بۇ ئىككى تاغنىڭ ئىككى يېنى شۇنچىلىك چەكسىزلىككە سوزۇلغان ئىدىكى ئاخىرىغا كۆز يەتمەيتتى.كەشمىر شەھىرى ئەشۇ ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان ئىدى.كەشمىر شاھى ئىككى تاغ  ئوتتۇرسىدىن  كەڭلىكى يۈز غۇلاچ كېلىدىغان تار جاينى تاش بىلەن ئاسمان پەلەك ئىگىز قىلىپ توسۇپ مەزمۇت سېپىل ياسىغان ھەمدە تۆمۈردىن مەزمۇت  شەھەر دەرۋازىسى قويغان ئىدى.ئىككى تەرەپتىكى تاغ ۋە سېپىل ئۈستىدە   سان- ساناقسىز ساقلىغۇچى لەشكەر قويۇلغاندىن سىرت دەرۋازىغىلا  ئىككى مىڭ كۈزەتكىچى قاراۋۇللار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئۇلاردىن باشقا دەرۋازا مۇداپىئەسىگە جادىگەرلەر سېھىر ئىشلەتكەن بولۇپ دەۋازىدىن يۈز غۇلاچ ئارىلىققىچە ھىچكىم يېقىنلىشالمايتتى.كىمىكى يېقىنلاشسا  پۇت قولى پالەچلىنىپ قىمىرلىيالماي قالاتتى.بۇ ھىچقانداق جايدا دۇچ كەلمىگەن ئاجايىپ توسالغۇ بولغاچقا ئىسكەندەرنىڭ لەشكەرلىرى ھەيران قېلىشتى.ھىچكىم يېقىنلىشىشقا پېتىنالمىدى.ئىسكەندەر ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن ئالىملارغا بۇنىڭ ئامالىنى قىلىشنى بۇيرۇدى. داڭلىق ھۆكىما ئارىستوتىل ئۆز بىلىم -ھىكمىتى ئارقىلىق بۇ مۈشكىلاتنى بەربات قىلىپ لەشكەرلەرنىڭ يۈرۈشىگە ئوڭۇشلۇق يول ئېچىپ بەرمەك نىيىتىگە كېلىپ سېپىل ۋە دەرۋازىنى يىراقتىن كۈزەتتى.كۈزىتىشتىن كېيىن  كەشمىرلىكلەرنىڭ  دەرۋازا مۇداپىئەسىگە سېھىر -جادۇ ئىشلەتكەنلىكنى بىلدى.بۇنىڭغا لەشكەر كېرەك بولمايتتى.شۇڭا لەشكەرلەرنى كەينىگە چېكىندۈرۈپ يىراق بىر جايغا ئورۇنلاشتۇردى.بۇ ۋاقىتتا ئىسكەندەرنىڭ خىزمىتىدە بولىۋاتقان ئالىم،دانىشمەن ۋە ھۆكۈمالارنىڭ سانى بەشيۈزدىن ئاشاتتى.ئۇلار نىڭ ئارىسدا ئەڭ نامدارلىرى ئەپلاتۇن،ئارىستوتىل،بەلىناس،فەرنۇس،شەھىيناس،فەلمۇن دەۋۋاس،ئەرشىمەندەس، سوقرات، ھەرەمەن... قاتارلىقلار ئىدى.


ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 00:00:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزرىتى ئىسكەندەر يۇقارقى نامى تىلغا ئېلىنغان ئون نامدار ھۆكۈمانى چاقىرىپ كەشمىر جادۇلىرىنىڭ سېھىر -جادۇسىغا قارشى قانداق  تەدبىر قوللۇنۇش كېرەكلىكى ھەققىدە ئەقىل سورىدى. ئۇلار :
-ئەي ئۇلۇق شاھىم، غەم يېمىسىلە،ھېلىغۇ بىر توسالغۇغا دۇچ كەپتىمىز بۇنىڭدەك تۈمەن خىل توسالغۇغا دۇچ كەلسەكمۇ ئۇنىڭ چارىسىنى قىلالايمىز.ئالدىلىرىدا چوڭ گەپ قىلغىنىمىز ئەمەس كەشمىرلىكلەرنىڭ مىڭ جادۇسى بولسىمۇ پەقەت بىرىمىزلا ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ قەستىنى ياندۇرالايمىز.
دىيىشىپ شاھنى خاتىرجەم قىلدى .
ھۆكۈمالار ھىكمەت كۆرسۈتۈشكە قەدەم قويۇپ ئىلمىي ھىكمەتلەر بىلەن نۇرغۇن  پارتلاتقۇچ ياساپ ئىچىگە دورا توشقۇزۇشتى، ئۇچىغا پىلىك بىكىتىپ ئوت تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن ئۇلارنى دۈشمەننىڭ بېشىغا ئاتتى.پارتلاتقۇچ ئەسۋاپ قاتتىق ئاۋاز چىقىرىپ  پارتلاپ بىرقىسىم جادۇلارنى ئۆلتۈرۈپلا قالماي يەنە ئۇلارنىڭ سېھرى جابدۇقلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتتى.ئۇنىڭ داۋاملىق پارتلىشى بىلەن قادۇلارنىڭ ئۆلگەنلىرى ئۆلۈپ تىرىك قالغانلىرىمۇ قارايغان يۈزلىرى بىلەن شەرمەندىلەرچە قېچىپ ئاللا-توۋا كۆتۈرۈشتى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 00:28:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇش- خەۋەر يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن لەشكەرلەر توسقۇنسىز ئىلگىرىلەپ شەھەرگە كىرىشتى.لېكىن تىلسىملار بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىگەن ئىدى.مۇللەۋ ئىسكەندەرگە تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ بىر قىسىم لەشكەرلىرى ۋە يېقىن كىشىلىرى بىلەنتاغ ئۈستىدىكى يەنە بىر قەلئەگە قېچىپ چىقىپ ئۇيەردىكى مەخپى لەخمىسىگە يوشۇرۇنۇۋالدى.
ئىسكەندەرنىڭ لەشكەرلىرى كەشمىر شەھىرىگە كىرىپ دۈشمەننى چارلىدى.قارشى تۇرغۇدەك لەشكەر قالمىغانلىقنى تۇيغاندىن كېيىن  ئورۇنلىشىپ ئارام ئېلىشىپ ئەيىش -ئىشرەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىبىرە ھەپتىچە ئارام ئالغاندىن كېيىن تاغ ئۈستىدىكى قەلئەگە قاراپ يۈرۈش قىلىشتى.نەچچە كۈندە بۇ قەلئەگىمۇ چىقىپ بولۇشتى.مۇللەۋ يوشۇرۇنىۋالغان بولغاچقا ئوردىسى بوش قالغان ئىدى.ئىسكەندەرلەر مۇللەۋنىڭ  ئوردىسىغا ئورۇنلىشىپ ئۇنىڭ خىلمۇ- خىل ئىسىل گۈللەر،تۈرلۈك شىرىن شەربەت مىۋىلەر بىلەن تولغان  جەننەت كەبى ئىسىل چاھار  باغلىرىغا كىرىپ ھايات پەيزىنى سۈردى.شەھەردىكى ئۇلۇغ –ئۇششاق ھەممە كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا سالامغا كېلىپ غەلىبىسنى تەبرىكلەپ يېنىشتى.ئىسكەندەر لەشكەرلىرىنىڭ بىگۇنا پۇقرالارغا چېقىلىپ قويۇپ يامان نام –ئاتاق چىقىرىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ‹‹لەشكەر -سەركەردىلىرىمىزدىن ھىچكىم پۇقراغا دەخلى تەرۈز قىلمىسۇن.كىمىكى پۇقراغا ئازار بېرىپ ئەسكىلىك قىلسا دارغا ئېسىلسۇن!››دەپ قاتتىق پەرمان چۈشۈردى.شۇنىڭ بىلەن ئەل-ئاۋام خاتىرجەملىككە ئېرىشتى.
ھەزرىتى ئىسكەندەر شەھەرنى ئايلىىپ سەيلە قىلىپ كېتىۋېتىپ ئىككى جام ئۇچراتتى.ئۇ ئاجايىپ جاملار ئىدى.بىرىگە سۇ قۇيسا پۈتۈن بىر دېڭىزنىڭ سۈيى سىغاتتى.يەنە بىرىگە لىق مەي قاچىلاپ قانچىلىك ئىچسىمۇ ئىچىدىكى مەي قىلچە كېمەيمەستىن شۇ پېتى تۇراتتى.جاملارنىڭ خاسىيىتى چۆرىسىگە ئۇيۈپ قويۇلغان ئىدى.بۇ ئىككى جام جەمشىد زامانىسىدا ئۇنىڭ داڭلىق ھۆكۈمالىرى تەرىپىدىن تىلسىم بىلەن  ياسالغان بولۇپ بىرىنىڭ ئىسمىنى ‹‹جامى گېتىينەماي››يەنە بىرىنى ‹‹جامى ئىشرەتغىزا››دەپ ئاتايتتى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 16:30:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسكەندەر ئادەملىرىدىن مۇللەۋ ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى سورىۋىدى ئۇمەرالىرى:‹‹مۇللەۋ تىلسىمات قورغىنىغا بىكىنىۋالدى››-دىگەن  جاۋاپنى بەردى. شاھ بۇ ئىشقا چارە قىلماق ئۈچۈن ھۆكۈمالىرى بىلەن خىلۋەتكە كىرىپ ئۇنى قانداق تېپىپ چىقىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشتى.
كەشمىر ئاجايىپ پاكىز ۋە گۈزەل بىر شەھەر بولۇپ ھەممە يېقى گۈل –چېچەكلەر بىلەن تولغان ئىدى.باشقا يەرلەرگە قارىغاندا ھاۋاسى ئىسىق ئىدى.شۇڭا ئەگەر شامال چىقىپ تۇرسا بىھىشتىن نىشان بېرەتتى.ئەگەر شامال توختاپ قالىدىغان بولسا قىزىق تونۇرغىلا ئايلىنىپ پانى دۇنيادىكى دەۋزەخكە ئوخشاپ قالاتتى.
ئىسكەندەرنىڭ لەشكەرلىرى قورغانغا ئورۇنلىشىپ ئىككى –ئۈچ كۈندىن كېيىن توساتتىن شامال توختاپ قېلىپ ھاۋا بىراقلا ئىسسىپ ئىسسىقنىڭ دەستىگە چىداپ تۇرۇپ بولۇش مۈمكىن ئەمەس ھالەت شەكىللەندى.يەنە بىر غەلەت ئىش شۇكى شامال بىلەن تەڭ ئوتمۇ يوقالدى.ئوچاقلاردا كۆيۈۋاتقان ئوت غايىپ بولىۋىدى.ئېتىلىۋاتقان تاماقلار خام پېتى قېلىپ ئۇنى پىشۇرغىلى بولمىدى.ئوت چىقىرىش ئۈچۈن بارلىق چارىلەرنى قوللۇنۇپ باققان بولسىمۇ كار قىلمىدى.ئوت چىقارماق بولۇپ تاشنى تاشقا ئۇرسا ئوت ئورنىغا سۇ چىقاتتى.بۇ غەلىتە ھال ھەممىنى ھەيرانلىققا سالدى.تاماق پىشۇرۇپ يىيىشكە ئوت بولمىسا لەشكەرلەر ئاچ قالاتتى.ھاۋانىڭ ئىسسىىقلىقى بىلەن قۇرساقنىڭ ئاچلىقى جۈپ ئاپەتكە ئايلاندى. بۇ ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە لەشكەرلەر قىرىلىپ كېتەتتى.شۇڭا ئىسكەندەر ھۆكۈمالارغا بۇ ئىشقا چارە قىلىشنى بۇيرىدى.ھۆكۈمالار بۇ ئىشقا ئاجىزلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرغان شارائىتتا ئەپلاتۇن:
-ئەي شاھىم،ماڭا ئۈچ كۈنلك مۆھلەت بەرسىلە،ئۇنىڭ ئېلاجىسىنى مەن قىلاي!-دەپ ئىسكەندەرنى خاتىرجەم قىلدى.



ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 17:10:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپلاتۇننىڭ بۇنداق ئىشەنچلىك جاۋاپ بېرەلىشىدىكىى سەۋەپ ئۇنىڭ قولىدا جامسىت ھەكىمنىڭ ھىكمەت كىتابى بار بولۇپ ئۇنىڭدا مۇللەۋنىڭ بۇ تىلسىملىق قورغىنى،مۇللەۋ ئوت بىلەن شامالنى ئوغۇرلىغاندا قانداق قىلىپ تاقابىل تۇرۇش  كېرەكلىكى ھەققىدىكى  چارىلەر خاتىرىلەنگەن ئىدى.
ئەپلاتۇن كىتاپتا خاتىرلەنگەن چارىنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن شۇ بويىچە ئىش كۆرمەك بولۇپ پادىشاھ ئىسكەندەرنى ئەگەشتۈرۈپ قورغاندىكى ئوت بىلەن شامالنى  تىزگىنلەيدىغان مەخپى قەلئە  ئۆيگە كىردى.   بۇ ئۆينى ھۆكۈملار  ھىكمەت بىلەن ياسىغان بولۇپ پۈتۈن شەھەرنىڭ شامىلى بىلەن ئوتىنى شۇ يەرگە بەند قىلىۋەتكىلى بولاتتى. بۇ ئكينىڭ تۈڭلۈكىنى يېپىۋەتسە شەھەردە شامال توختاپ كېتەتتى. تۈڭلۈكنى ئاچسا يەنە شامال چىقاتتى.بۇ قەلئەنىڭ ئۈستىدە يەنە بىر قۇدۇق بار بولۇپ ئۇنىڭ تۈۋى تار،ئۈستى قىسمى كەڭ ئىدى.قەلئەنىڭ دېرىزىلىرى شۇ قۇدۇققا تۇتاش ئىدى.قۇدۇقنىڭ قەھرىدە بىر ئاتەشكەردە بار ئىكەن.قۇدۇق ئىچىە يەنە بىر تىلسىملىق سۈرەت بار بولۇپ ئۇنىڭغا كەردە –بۇردە ئورنۇتۇلغان ئىكەن.بۇ قۇدۇق ئوتنىڭ كانى بولۇپ ئاغزىدا ئوت شولا ئۇرۇپ تۇرىدىكەن.ئەگەردە بۇ قۇدۇقنىڭ ئاغزى بىكىتىۋېتىلسە پۈتۈن شەھەردە ئوت غايىپ بولۇپ بۇ قۇدۇققا بەند بولۇپ قالىدىكەن.ئەپلاتۇن بىلەن ئىسكەندەر ئۆيگە كىرىپلا ئىشنى باشلىۋەتتى.كىتاپتا يېزىلغىنى بويىچە ساناپ ئون يەتتە قەدەم مېڭىپ ئىككى ياققا قارىۋىدى ،ئىككى تەخت كۆرۈندى.ئەپلاتۇن ئىسكەندەرگە :‹‹كىتاپتا تىلغا ئېلىنغان ئىككى تەخت مۇشۇ،دەرھال قوزغۇتايلى››-دېدى.بۇ تەختلەرنىڭ بىرى ئوتنى،يەنە بىرى شامالنى تىزگىنلەپ تۇرغان ئىدى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 17:11:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلارنى جايىدىن قوزغۇتۇۋىدى بىرىدىن ئوت ئېتىلىپ چىقىپ ئاسمانغا ئۆرلىدى.يەنە بىرىدىنمۇ شامال ئېتىلىپ چىقىپ ئەتراپتىكى كىشىلەرنى ھەر تەرەپكە ئۇچۇرتۇپ تاشلىدى.ئەپلاتۇن دەرھال ئۆيگە يۈگرەپ كىرىپ  تەختلەرنى جايىغا ئەكىلىپ قويۇۋىدى شامال بىلەن ئوتنىڭ گۈركىرەشلىرى بېسىلدى. ئۇلار خۇشال خورام قايتىپ كېلىشتى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 17:50:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىردەمدىن كېيىن قورغاندىن تۈرلۈك-تۈمەن ئاۋازلار پەيدا بولدى.ئوت يالقۇنلاپ كۆيۈپ مۇللەۋنىڭ ئادەملىرىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتتى.شامالمۇ كۈچلۈك بورانغا ئۆزگۈرۈپ ئادەملەرنى تەرەپ تەرەپلەرگە ئۇچۇرۇپ كەتتى.ئامان قالغانلىرى مەخپى لەخمىدىن  قېچىپ چىقىپ ئىسكەندەرگە ئەل بولدى.
ئامان قالغانلار ئارىسىدا مۇللەۋ بىلەن ئوغلى فىرۇزمۇ بار ئىدى.بۇ ۋەقەدىن كېيىن مۇللەۋ كۆڭلىدە:‹‹ئىسكەندەر ئۇلۇغ پادىشاھ ئىكەن،ئۇنىڭغا تەڭرى يار يۆلەك بولۇۋېتىپتۇ. ئۇنىڭغا ھىچكىم قارشىلىق قىلىپ تەڭ كېلەلمىگۈدەك،بۇنداق يۈرگەندىن تېزراق گۇناھىمنى تونۇپ ئەل بولغىنىم تۈزۈككەن.›› دېگەنلەرنى ئويلاپ ئىسكەندەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ باش ئۇرۇپ كەچۈرم سورىدى؛
-ئەي پادىشاھى ئالەم،مەن ئالدىڭدا ئېغىر گۇناھكارمەن.ئۇلۇغلۇغۇڭنى تونىماي نادانلارچە قارشىلىق كۆرسۈتۈپتىمەن.ھالا بۈگۈن سېنى يېڭىش تۈگۈل ئۆزۈم لەخمىدە ئوتتا كۆيۈپ كاۋاپ بولۇپ كەتكىلى تاس قالدىم. قىلغانلىرىم ئۆزۈمگە يېنىپ ئېغىر يارىلاندىم،ئۇزاق ياشىيالمايمەن.گەرچە  ئالدىڭدا كەچۈرگۈسىز گۇناھ قىلغان بولساممۇ ئەپۇ-مەرھىمىتىڭنى ئايىمىغايسەن.ئوغلۇم فىرۇز بىلەن قىزىم مېھرىنازنى ساڭا تاپشۇردۇم،مەندىن كېيىن قالسا بېشىنى سىلاپ قويارسەن!

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش