يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1123|ئىنكاس: 57

مەخەت ئابدۇرېھىم: ناخشىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ناخشىلار
مەخەت ئابدۇرېھىم

ھەرىجان

كىچىككىنە ھەرىجان،
كۆكتە پەرۋاز قىلىسەن.
كۆرۈپ گۈزەل چىچەكنى،
باققا دەرھال كىلىسەن.

سەيلە قىلىپ گۈللەرنى،
گۈلدىن ھەسەل يىغىسەن.
ئەجرىڭ بىلەن ئىسانغا،
شىرىن لەززەت بىرىسەن.


خۇشال بولسا ئىنسانلار،
سەنمۇ خۇشال بولىسەن.
يەنە ھەسەل يىغاي دەپ،
شاختىن-شاققا قونىسەن.


باغۋەنگە سالام

يۇلتۇز سۈپەت چېھرى بار،
قوياش كەبى مېھرى بار.
مەرىپەتتىن سېھرى بار،
گۈزەل باغۋەنگە سالام.

ئىلمى-ئېرپان بېغى بار،
ئۇلۇغ نىشان تېغى بار،
نەۋ باھاردەك چېغى بار،
گۈزەل باغۋەنگە سالام.

تالاي تاغدەك ئەجرى بار،
گۈزەل باغدەك مېھرى بار،
ئەقىل-ئېدراك سەۋرى بار،
گۈزەل باغۋەنگە سالام.

ئانام ياققان بۇ توقاچ


ئاچتى قوساق تالادا،
تۇرغاچ سوغاق ھاۋادا.
دىدىم؛-ئانا توقاچ بەر،
دىدى؛-ئانام ئوتون تەر.

ئوتۇن تەردىم بىر قۇچاق،
توقاچ ياقتۇق بىر ئوچاق،
ئانام شىكەر ماي سالغاچ،
بەكمۇ تاتلىق بۇ توقاچ.

قاتتىق سوغاق ھاۋادا.
تۇرغاچ ئۇزاق تالادا،
بەكمۇ تاتلىق تېتىدى،
ئانام ياققان بۇ توقاچ.


مىنىڭ ئۇكام

بۇ يىل كىردى ئالتىگە،
مىنىڭ ئۇكام يۈسۈپجان.
ساۋادىنى چىقاردى،
بولغاچقا ئۇ تىرىشچان.

سەھەر تۇرۇپ ئورنىدىن،
يۈز كۆزىنى يۇيىدۇ.
مەكتىۋىمگە ماڭدىم دەپ،
قىزغىن سالام بىرىدۇ.


مەن سۆيۈندىم ئۇكامدىن،
قەلبى تولغاچ ئىستەككە.
تەلپۈنىدۇ يۈرىكى،
بىلىم يۇرتى مەكتەپكە





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-12 21:00  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-10 10:42:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر يۈرۈش بالىلار شېئىرلىرى تاتلىق سەبىلەرچە تۇيغۇغا تويۇنۇپتۇ.مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-1-10 10:42:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر يۈرۈش بالىلار شېئىرلىرى تاتلىق سەبىلەرچە تۇيغۇغا تويۇنۇپتۇ.مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-1-10 11:49:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناخشىلار ئۈزۈلمىگەي.

ۋاقتى: 2016-1-10 11:54:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



      مۇبارەك بولسۇن ! بۇ بىر يۈرۈش شېئىرلار ياخشى چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2016-1-10 14:07:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخەتجان مۇئەللىمنىڭ بالىلار شېئىرلىرنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم، قۇت بولسۇن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-10 14:20:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمىدجان قادىرى يوللىغان ۋاقتى  2016-1-10 10:42
بۇ بىر يۈرۈش بالىلار شېئىرلىرى تاتلىق سەبىلەرچە تۇيغۇ ...

ماڭا ئېلھام بەرگەنلىرىگە كۆپ رەھمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-10 14:23:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر يوللىغان ۋاقتى  2016-1-10 14:07
مەخەتجان مۇئەللىمنىڭ بالىلار شېئىرلىرنى ياقتۇرۇپ ئوق ...

ماڭا ئېلھام بەرگەنلىرىدىن سۆيۈندىم ، رەھمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-10 14:26:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2016-1-10 11:54
مۇبارەك بولسۇن ! بۇ بىر يۈرۈش شېئىرلار ياخشى چىقىپ ...

مىنىڭ بالىلار شىئېرلىرىمنى مۇبارەكلىگەنلىرىگە چىن دىلىمدىن رەھمەت مۇئەللىم.

ۋاقتى: 2016-1-10 17:11:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېتىملىق چىقىپتۇ  ماڭا  بىر خىل ئىلھام بولدى.

ۋاقتى: 2016-1-10 18:38:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يېقىملىق شېئىرلارنى ئوقۇپ غەمسىز ئۆتكەن سەبى چاغلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم.

ۋاقتى: 2016-1-10 19:14:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2016-1-10 20:43:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ تاتلىق ھەم يېقىملىق چىقىپتۇ ، ئىلھاملار ئۈزۈلمىگەي!

ۋاقتى: 2016-1-11 10:24:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە مۇشۇنىڭغا ئ‍وخشاش تاتلىق،تاتلىق بالىلار ناخشىلىرى ئ‍ۈزۈلمىگەي ،ئ‍ۇستازغا رەخمەت

ۋاقتى: 2016-1-11 12:07:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلىقتىكى گۈزەل ئەسلىمىلەر نېمە دېگەن گۈزەل- ھە ! قايتىپ كەلسەڭچۇ بالىلىقىم .شېئىرىڭىزنى ياقتۇردۇم

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش