يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: mahatjan

مەخەت ئابدۇرېھىم: ناخشىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-2-9 18:50:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلىق سورۇننى قىزىتىۋېتىپسىزغۇ ،مۇئەللىم.  گۈزەل بالىلىق تۇيغۇلىرىڭىزدىن مەنمۇ ھوزۇرلاندىم....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-10 00:59:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرىڭ بىلەن سۇغۇرۇپ،
خۇش پۇراقلىق گۈل تەردىڭ.
ئەللىيىڭگە جۈر قېلىپ،
ماڭا گۈزەل تىل بەردىڭ.

سەن بولغاچقا جان دادا،
شوخ كىيىك بوپ يايرىدىم.
ھايات بېغىم گۈلباغدا،
بۇلبۇل بولۇپ سايرىدىم.

قۇتلۇق كۈنۈم شەنىگە،
تىزىپ چىقتىم گۈل-دەستە.
تازىم ئېتىپ ئىگىلىپ،
تۇتاي ئۇنى ھۆرمەتتە.

ۋاقتى: 2016-2-12 14:53:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى يىزىلىپتۇ ، ھارماڭ!!!

ۋاقتى: 2016-2-14 12:08:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارغا خاس شېئىرلاردىن ھوزۇرلامدىم . ئىسىل كۈيلەر ئۈزۈلمىسۇن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-14 15:12:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزكۈي يوللىغان ۋاقتى  2016-2-14 12:08 PM
بالىلارغا خاس شېئىرلاردىن ھوزۇرلامدىم . ئىسىل كۈيلەر ئ ...

ئېلھام بەرگەنلىرىگە كۆپ رەھمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-14 15:51:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن كۆزۈمنىڭ قارىسى ، ئەللەي بالام ، ئەللەى ،   
   يۈرۈكۈمنىڭ پارىسى ، ئەللەي بالام ، ئەللەي .  
   ئاتا-ئاناڭ ۋارسى ، ئەللەي بالام ، ئەللەي ،
   سازىمىزنىڭ تارىسى ، ئەللەي بالام ، ئەللەي .   

   كۆڭلۈم سەنسىز كۈلمەيدۇ ، ئەللەي بالام ، ئەللەي ،
   ئۈمىدلىرىم يۈتمەيدۇ ، .ئەللەي بالام ، ئەللەي .
  سەن بولغاچقا يېنمىدا  ، ئەللەي بالام ، ئەللەي ،  
كۆزۈم ياشلار تۆكمەيدۇ ، ئەللەي بالام ، ئەللەي .
سەن بىلەن جان يايرايدۇ ، ئەللەي بالام ، ئەللەي ،
  
ھايات بېغىم ياشنايدۇ ، ئەللەي بالام ، ئەلەي .
سېنىڭ كۈلكەڭ ، مېھرىڭدە ئەللەي بالام ، ئەللەي ،
قۇت يۇلتۇزى چاقنايدۇ  ، ئەللەي بالام ، ئەللەي.  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-19 21:34:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


يانار بىلىم مەشئىلى
( شېئىر )


كۈندە بايرام خۇشاللىق، كۈلدى ھەممە پاك يۈرەك،
ياڭرىتىپ ئالقىش سادا باغچىمىزغا مۇبارەك.



قۇياش ئوغلى كۆكسىدە يانار بىلىم مەشئىلى،
كەتتى ئويناپ باغچىدا ھەر نەپەستە شاش يۈرەك.



قىلدى جەۋلان جۇش ئۇرۇپ مەرىپەتنىڭ بايرىغى،
ئىلىم-پەنگە تەلپۈنۈپ ئوينار تەندە ياش يۈرەك.


تەكرار


كۈندە بايرام خۇشاللىق، كۈلدى ھەممە پاك يۈرەك،
ئىلىم-پەنگە تەلپۈنۈپ ئوينار تەندە ياش يۈرەك.



ۋاقتى: 2016-2-20 12:33:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچان قۇلىڭىز ھارمىغاي،ئىلھاملىرىڭىز زىيادە بولغاي.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-20 15:24:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        
مەرھابا! دەپ كۆككە يەتتى خۇش تەنتەنە،        
داش قازاندا پىشتى مانا نوروز ئېشى.              
دەللىللەندى  بىرھەقىقەت ،مۇنداق تەمسىل،      
بىلىۋالدۇق يىلنىڭ بېشى ئىشنىڭ بېشى.   
      
سۇلار كەلدى تاشتىن تاشقا شاقىراپ،            
پىلتىڭلايدۇ بېلىقلارمۇ شوق ئويناقلاپ  .         
پاقىلارمۇ قىلىپ ئالقىش كوكىرايدۇ،               
قاماشتۇرۇپ كۆزدە چاقناپ چىقتى ئاپتاپ.   
     
قىز-جۇۋانلار ئۆرۈپ سۇمبۇل چاچلىرىنى،         
دوپپا كىيىپ،گۈللەر قىسىپ چىقىپ كەلدى.      
يىگىتلەرمۇ يەڭنى تۈرۈپ،بەلنى باغلاپ،           
ئىش ئەمگەكنىڭ قاينىمىغا يېتىپ كەلدى.   
   
ياڭرىماقتا  ئېتىزلىقتا ھايات  كۈيى،            
سايرىماقتا تورغايلارمۇ  باھار  كۈيلەپ.           
ئۆملۈك  بىلەن داۋامقىلار ئەجدات  روھى،   
  
ئەنئەنىلەر،ئۆرۈپ-ئادەت ھەر بىر ئۆيلەپ.      
لالە-رەيھان ،جىگدە پۇرار تار كوچىلار،        
خۇشبۇي ھىدى دىماقلارنى  مەست قىلىدۇ.   
كېپىنەكلەر قىلىپ سەيلان گۈلباغ ئارا،   
      
ھاياجاندا يېشىللىقتا شاد كۈلىدۇ.            
ھەممە كۈلەر جان-جانىۋا، تەبىئەتمۇ،         
يېشىل توننى يېپىنچاقلاپ مەغرور كۈلەر.      
جۇۋىسىنى سېلىشىغا،قوي-پادىلار،      
      
كەڭ يايلاقتا شوخ شادىمان ئەركىن يۈرەر.      
چۇقۇرۇشۇپ بالىلارمۇ دالىلاردا،               
بىر توپ بولۇپ چىن دوستلىققا قول بېرىشتى.
ئايرىلماسقا قىلىپ ئەھدە تائەبەتكە،      
     
ئارزۇ-ئارمان ئىستىكىگە يول ئېلىشتى.         
دېھقان ئاتام كەتمىنىنى  ئالدى شۇئان ،      
سېغىنىشتىن ئېتىزلارنى كۈيگە قاتتى.         
چۆلنى بوستان قىلدى مانا ئوت يۈرەكلەر،   


مايسىلارمۇ قوياشسېرى بىخ يېرىشتى.         
يايراپ كەتتى ئۈچەكتىكى چەكسىز دالا،   
قارىغايلارنىڭ ياپراقلىرى سالدى ساما.      
تىپىرلىدى يۈرەكلەردە تۈمەن ئارمان،      
چاقناپ كەتتى يۇرت ئاسمىنى بۈگۈن مانا،
بۇ ھاياتلىق ياشناپ كەتتى .قىلدى ناۋا.   
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-23 10:06:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز كىلەمسىز بۇياققا،
مەن بارايمۇ ئۇياققا.
ئۆيلەنمىسەم بولمايدۇ،
سىزدەك گۈزەل ئۇماققا!

يارىم ناخشا ئېيتىدۇ،
ئەجەپ مۇڭلۇق، يېقىملىق.
ئايرىلغاندا بىلىندۇ،
كۆڭۈلدىكى يېقىنلىق.

ئېرىقتا بېلىق يارىم،
گەپ - سۆزى سىلىق يارىم.
ساڭا بولغان مۇجەسسەم،
بارچە ئۇز  قىلىق يارىم.

بازاردىكى ماللارنىڭ،
ساختا ئىكەن بەزىسى.
راستمىدۇ يالغانمىدۇ،
سەن يارىمنىڭ ۋەدىسى.

تۈن كېچىدە تولدۇردۇم،
قۇشاق يېزىپ دەپتەرنى.
يارىم بىلسۇن بۇنىڭدىن،
ئىچىمدىكى دەرتلەرنى.

ئىككى - ئۈچ تۈپ چىڭگىلىك،
يامىشىپتۇ يۇلغۇنغا.
ئاغرىمىدى ئىچىڭىز،
مەندەك كۆڭلى سۇلغۇنغا.

قارىسايغا كىرگىچە،
ئونيەتتە يەردە مەدرىسە،
مەن يارىمنى چاقىرچام،
ئومۇ دەرھال ھە دېسە.

گەپ قىلمىسام،زېرىكمىڭ،
چاقچاق قىلسام تېرىكمەڭ.
ۋەدىلەشكەن ۋاقىتتىن،
ئۆتكەنكىدەك كېچىكمەڭ.

ئاخشىمى قاراڭغۇدا،
ئارزو قىلىمەن ئاينى.
سەن يادىمغا يەتكەندە،
ئىچمەي قويىمەن چاينى.

يارىم كۆينەك كىيىپتۇ،
ئاق تاۋاركەن گۈلى يوق.
ئىشقىڭىزدا يۈرىكىم،
كۆيۈپ بولدى كۈلى يوق.

قوشنىمىزنىڭ قىزى بار،
بويى زىلۋا چىۋىقتەك.
جاننى ئېلىپ قاچىدۇ،
قەددى مەغرۇر كېيىكتەك.

ئالتۇن باغلىق سائىتىم،
كۈمۈش باغلىق سائىتىم.
يارىم بولسا ۋاپادار،
كەلگىنى شۇ ئامىتىم.

ئاڭلىنىدۇ يىراقتىن،
تراكتورنىڭ شەپىسى.
ھەرگىز يالغان بولمىسۇن،
ئىككىمىزنىڭ ۋەدىسى.

ئاخشىمى قاراڭغۇدا،
ئوت كۆرۈندى يىراقتا.
قاچانغىچە يۈرەرمىز،
بۇ ھىجراندا - پىراقتا.

قوغۇننىڭ پىلەكى بۇ،
تاۋۇزنىڭ پىلەكى بۇ.
سىزگە تۇتقان قىزىلگۈل،
ئاشىقنىڭ يۈرەكى بۇ.

ۋاقتى: 2016-2-23 10:12:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىي شېئىرنىڭ يىلتىزى مۇشۇ زېمىندا ئىكەن-دە، مەخەتكە، تەشەككۈرلەر بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-2-23 11:40:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەتلىرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن،ھارمىغايسىز!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-26 23:55:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىپنەككە سالام

بىزنىڭ ئۆيدە بىر باغچا
باغچىلاردا ھەرخىل قۇش
بۆستانلارغا قۇنۇشقان
ۋېچىرلاشقان ھەم ئۇچۇش

مىنىڭ دوستۈم كىپىنەك
يۈزلىرىدە سۆيگۇنەك
قاناتلىرى بەك گۈزەل
گۇيا ئالتۈن تۈمۈردەك

مىنىڭ دوستۇم كىپىنەك
سالام ساڭا ھەم كىرەك
نۇرلۇق سالام بەردىممەن
قۈياش كۇلگەن كىپىنەك

سالام ساڭا كىپىنەك
مىنىڭ دوستۇم كىپىنەك،


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش