ئانا بۆشۈك تۈۋىدە،
ئاغزى ئەللەي كۈيىدە
بالا يىغلاپ پەسەيمەس،
ئۇيقۇ يوقتۇر كۆزىدە.
يۈرەك باغرى پارە-پارە،
پەرزەنت ئاڭا غەمگۈزارە
ئەللەي بىردانەم....
ئەللەي بەگزادەم...
يۇم كۆزۈڭنى-خاتىرە.
مانا چۆچەك،ھېكايە،تاللىغىن مەسەل،
شىرىن كەبى ھەر سۆزۈڭ-ھەسەل.
بولغىن ھەر جايدا كەمتەر،
تۇرمۇشتا بولغىن ھەرۋاق مۇكەممەل.
گۈلدەستە-گۈلۈم دەستە،
تۇتقايسەن مىنى ئەستە.
سەگەك بولمىساق باغدا،
دۇشمەن يۈرىدۇ قەستە.
گۈلدەستە-گۈلۈم دەستە،
يەتكەيمىز ساڭا تەستە.
قۇچقاچتەك ئۇچالمىساق
تۇرۇپ قالىمىز پەستە.
گۈلدەستە-گۈلۈم دەستە،
يىغلايمىز سەھەر،كەچتە.
ئانا مەكتەپكە بارمىساق،
كۈنىمىز ئۆتەر تەستە،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-28 17:48