يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: mahatjan

مەخەت ئابدۇرېھىم: ناخشىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-1-11 12:42:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسانلار،
ئىملاغىمۇ دىققەت قىلغايسىز،مۇئەللىم.بالىلىققا قايتىۋاتقان ئوخشىمامسىز؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-11 14:07:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم ياسىن يوللىغان ۋاقتى  2016-1-11 12:42
ئىسانلار،
ئىملاغىمۇ دىققەت قىلغايسىز،مۇئەللىم.بالىل ...

بالىلىققا قايتقىنى بولمىغاچقا بالىلىقنى ئەسلەپ قالدىم.ئۇكام ئالىمجان تەنلىرىگە سالامەتلىك،تۇرمۇشلىرىغا بەخىت،ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-11 14:15:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەۋسەر1 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-11 10:24
قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە مۇشۇنىڭغا ئ‍وخشاش تاتلىق،تاتل ...

ئىلھام بەرگەنلىرىگە رەھمەت. مەن ئۆزلىرى بىلەن قوشنا.يەنى؛ قەشقەر سىپەن مەكتەپتە ئشلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-12 21:02:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم ياسىن يوللىغان ۋاقتى  2016-1-11 12:42
ئىسانلار،
ئىملاغىمۇ دىققەت قىلغايسىز،مۇئەللىم.بالىل ...

تەكلىپ بەرگنلىرىگە رەھمەت.ئىملادىكى بەزى خاتالىقلارنى تۈزەتتىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-12 21:52:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yalguzak يوللىغان ۋاقتى  2016-1-10 11:49
ناخشىلار ئۈزۈلمىگەي.

بىزنىڭ ئۆيدە بىر باغچا
باغچىلاردا ھەرخىل قۇش
بۆستانلارغا قۇنۇشقان
ۋېچىرلاشقان ھەم ئۇچۇش

مىنىڭ دوستۈم كىپىنەك
يۈزلىرىدە سۆيگۇنەك
قاناتلىرى بەك گۈزەل
گۇيا ئالتۈن تۈمۈردەك

مىنىڭ دوستۇم كىپىنەك
سالام ساڭا ھەم كىرەك
نۇرلۇق سالام بەردىممەن
قۈياش كۇلگەن كىپىنەك

سالام ساڭا كىپىنەك
مىنىڭ دوستۇم كىپىنەك،

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-12 22:13:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


يانار بىلىم مەشئىلى



كۈندە بايرام خۇشاللىق، كۈلدى ھەممە پاك يۈرەك،
ياڭرىتىپ ئالقىش سادا باغچىمىزغا مۇبارەك.



قۇياش ئوغلى كۆكسىدە يانار بىلىم مەشئىلى،
كەتتى ئويناپ باغچىدا ھەر نەپەستە شاش يۈرەك.



قىلدى جەۋلان جۇش ئۇرۇپ مەرىپەتنىڭ بايرىغى،
ئىلىم-پەنگە تەلپۈنۈپ ئوينار تەندە ياش يۈرەك.


تەكرار


كۈندە بايرام خۇشاللىق، كۈلدى ھەممە پاك يۈرەك،
ئىلىم-پەنگە تەلپۈنۈپ ئوينار تەندە ياش يۈرەك.




(بۇ  شىئېر ناخشا تىكىستى قىلىش ئۈچۈن يىزىلغان)


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-12 22:43:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتۇش دېگەن ئوبدان يۇرت،
يەكشەمبە بازارى بار.
يېتىملارنى سىلايدۇ،
ھەسسۇلتان مازارى بار.

ھەسسۇلتاندا بىر ئالەم ،
خۇدانىڭ قولىدا قەلەم.
ھىچكىمگە كەلمىسۇن ،
ماڭا كەلگەن دەرت-ئەلەم.

دادام بىلەن ئانام مېنى ،
ئەجەپمۇ ئازىلاپ باققان.
ئەزېز باشېمنى ياد ئەيلەپ،
مازارلارغا چېراق تاققان.

ئەجەپ  بولدۇم، ئەجەپ بولدۇم،
ئەجەپ بولغانغا يىغلايمەن،
دادام بىلەن ئانام تۇرۇپ،
يېتىم بولغانغا يىغلايمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-13 15:36:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېچىلغاندا قىزىل گۈل،
ئېسىۋالدىڭ چىكەڭگە.
قىزىل گۈلنىڭ ئىشقىدا،
دەسسىۋالدىڭ تىكەنگە.
ھەسرەت قىلماڭ پىنھانى،
قىزىل گۈلدە بار ھەسەل.
سىزمۇ گۈلدەك ئېچىلىڭ،
يىغسۇن ھەرە ساپ ھەسەل.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-13 23:00:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىسى قىلساڭ مەن خىجىل،
نىسى قىلمىسام سەن خىجىل.
ئزدەپ بارسام سەن خىجىل،
بارماي دىسەم يانچۇق خىجىل.

بىر ئالىم مۇنداق ئېيتىدۇ،
نىسى ساتساڭ كىسەل چىقىدۇ،
شۇڭا ساڭا نىسى ساتمايمەن.
نەخ ساتسام  ھەسەل چىقىدۇ.

بىرىش نادانلىق ئالماقلىق زىرەك،
زادى  نىسىگە ساتماسلىق كىرەك.
نىسىگە مالنى ساتساڭ سودىگەر،
ۋەيران بولۇشتىن بىرىدۇ دىرەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-13 23:03  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-14 18:14:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوينايدىغان بالا يوق

  ھەر كۈنى كەچ مەھەللەم
تىمتاسلىققا چۆكىدۇ.
پەقەت كۆكتە تولۇن ئاي
نۇرلىرىنى سېپىدۇ.  
   
كەچ كىرسىلا بالىلار  
تاپشۇرۇقنى باشلايدۇ.
كارتون فىلىم قويۇلسا
كىتابنىمۇ تاشلايدۇ.
  
    تىمتاسقىنا مەھەللەم،
ئوينايدىغان بالا يوق.
ھەممە ئۆيدە بالىلار   
  ئىشلىمەكتە تاپشۇرۇق.

(مەنبە :«شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى)




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-14 23:58:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىمەنلىكتە كۆكتورغاي،
ئەجەپ مۇڭلۇق سايرايدۇ.
بالىلارنى  كۆرسەملا ،
يۇرەكلىرىم يايرايدۇ.

مەكتەپتىكى بالىلار،
ئاداش بولۇپ ئوينايدۇ.
شاققا قونغان بۇلبۇلدەك،
خۇشال كۈلۈپ سايرايدۇ.

مەكتەپتىكى بالىلار،
گەپنى ئوبدان ئاڭلايدۇ.
ئاتا ئانا مۇئەللىم،
بالىلارنى داڭلايدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-16 00:40:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچۇپ كىلىپ رو چىۋىن،
ئۆتەڭدىكى خالادىن.
كىرىۋاپتۇ سورۇنغا،
پەگادىكى كامادىن.

تاماق يە دىسە جامائەت،
قوسىقىم بەك توق دەپتۇ.
قانداق تاماق يىگەن دىسە،
خالادىن ھەقسىز پوق دەپتۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-16 22:43:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىپنەككە سالام

بىزنىڭ ئۆيدە بىر باغچا
باغچىلاردا ھەرخىل قۇش
بۆستانلارغا قۇنۇشقان
ۋېچىرلاشقان ھەم ئۇچۇش

مىنىڭ دوستۈم كىپىنەك
يۈزلىرىدە سۆيگۇنەك
قاناتلىرى بەك گۈزەل
گۇيا ئالتۈن تۈمۈردەك

مىنىڭ دوستۇم كىپىنەك
سالام ساڭا ھەم كىرەك
نۇرلۇق سالام بەردىممەن
قۈياش كۇلگەن كىپىنەك

سالام ساڭا كىپىنەك
مىنىڭ دوستۇم كىپىنەك،


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-16 22:50:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرىپ كەتتى تۆشۈككە،
مۈشۈك ئۇچراپ چاشقانغا.
چاشقان ئوغرى بولمىدى،
ئىشلەپ يەتتى ئارمانغا.

خوپ ياراشتى شەمشىرى،
كەپسىز ئاتلىق بالىغا.
دۇنيا ئوخشاپ قالدىغۇ،
گۈل- چېچەكلىك دالىغا.


ۋاقتى: 2016-1-18 22:26:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ! بۇ شېئىرلار نېمە دېگەن تاتلىق يېزىلغان-ھە!
قۇلىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش