ناخشىلار
مەخەت ئابدۇرېھىم
ھەرىجان
كىچىككىنە ھەرىجان،
كۆكتە پەرۋاز قىلىسەن.
كۆرۈپ گۈزەل چىچەكنى،
باققا دەرھال كىلىسەن.
سەيلە قىلىپ گۈللەرنى،
گۈلدىن ھەسەل يىغىسەن.
ئەجرىڭ بىلەن ئىسانغا،
شىرىن لەززەت بىرىسەن.
خۇشال بولسا ئىنسانلار،
سەنمۇ خۇشال بولىسەن.
يەنە ھەسەل يىغاي دەپ،
شاختىن-شاققا قونىسەن.
باغۋەنگە سالام
يۇلتۇز سۈپەت چېھرى بار،
قوياش كەبى مېھرى بار.
مەرىپەتتىن سېھرى بار،
گۈزەل باغۋەنگە سالام.
ئىلمى-ئېرپان بېغى بار،
ئۇلۇغ نىشان تېغى بار،
نەۋ باھاردەك چېغى بار،
گۈزەل باغۋەنگە سالام.
تالاي تاغدەك ئەجرى بار،
گۈزەل باغدەك مېھرى بار،
ئەقىل-ئېدراك سەۋرى بار،
گۈزەل باغۋەنگە سالام.
ئانام ياققان بۇ توقاچ
ئاچتى قوساق تالادا،
تۇرغاچ سوغاق ھاۋادا.
دىدىم؛-ئانا توقاچ بەر،
دىدى؛-ئانام ئوتون تەر.
ئوتۇن تەردىم بىر قۇچاق،
توقاچ ياقتۇق بىر ئوچاق،
ئانام شىكەر ماي سالغاچ،
بەكمۇ تاتلىق بۇ توقاچ.
قاتتىق سوغاق ھاۋادا.
تۇرغاچ ئۇزاق تالادا،
بەكمۇ تاتلىق تېتىدى،
ئانام ياققان بۇ توقاچ.
مىنىڭ ئۇكام
بۇ يىل كىردى ئالتىگە،
مىنىڭ ئۇكام يۈسۈپجان.
ساۋادىنى چىقاردى،
بولغاچقا ئۇ تىرىشچان.
سەھەر تۇرۇپ ئورنىدىن،
يۈز كۆزىنى يۇيىدۇ.
مەكتىۋىمگە ماڭدىم دەپ،
قىزغىن سالام بىرىدۇ.
مەن سۆيۈندىم ئۇكامدىن،
قەلبى تولغاچ ئىستەككە.
تەلپۈنىدۇ يۈرىكى،
بىلىم يۇرتى مەكتەپكە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-12 21:00
|