مەشھۇر دۆلەت ئەرباپلىرى ۋە دۆلەت ئۇستازلىدى ھىساپلىنىدۇ.شۇۋەۋىجىدىن يۇسۇف خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد كاشغەرى ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ،ئۇيغۇر خەلقئەقىل-پاراسېتىنىڭ نۇرانە سىموۋۇلىدۇر.
«يۈسۇپ خاسھاجىپ دۆلەت ، قانۇنشۇناسلىق ۋە خەلق ئىگىلىكىتوغرىسىدىكى سىياسى-ئىجتىمائىي ،پەلسەپەۋىي تەشەببۇسلىرىدا ئەڭ كەم دېگەندىمۇ بەشنۇقتىلىق ئالى ھىكمەت ۋە ئاجايىپ غەيرەتلىك يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغاقويۇلغان.ئۇلار:
ــــ ئوتتۇرائەسىر زۇلمى،جاھالىتى،ھاكىم مۇتلەقلىقىنىپاش قىلىش،تەنقىدلەش، ئىنسانپەرۋەرلىك، راتسىئونالىزملىق(ئەقلىيەتچىلىك)پىكىرئۇچقۇنلىرىنى كەڭ يېيىپ،ئەقىل ۋە ئىنسانىي ئويغىتىش؛
ــــــ خەلق بىلەن پادىشاھ ئالدىدا مەجبۇريىەتۋە ۋەزىپە دائىرىسىنى بەلگۈلەپ،خەلق ۋە قانۇننىڭ نوپۇزىنى پادىشاھ ۋە دىنى نوپۇزدىنئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ،ئاساسىي قانۇنلۇق چەكلىمە بىلەن ھاكىممۇتلەقلىقىنىچەكلەيدىغان‹كونتىتۇتسىيىلىك مۇنارخىيە›تۈزىمىنى دەۋەتقىلغان؛
ــــــ ھەممەكىشىنىڭ سىنىپ ۋە مىللەتتىنھالقىغان ھالدىكى قانۇن ئالدىدا مۇتلەق باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىش؛
ــــــ ئەمگەكنى قەدىرلەپ،ئەمگىكىگە قاراپ ھەقبېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان؛
ــــ كەمبەغەللەرنى يۆلەپ،دۆلەتنىكۈچەيتىپ،خەلقنى ئورتاق بېيىتىش يوللىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.»[1]ئۆتكۈرئەپەندىم«قۇتادغۇبىلىك»ھەققىدە توختىلىپمۇنداق دەيدۇ:«ئەسەرنىڭ مەزمۇنىدىنئېيتقاندا،يۇسۇف خاس ھاجىپ ياشىغان پۈتكۈلدەۋىرنىڭ ئىجتىمائى ئاڭفورماتسىيەسىنى،يەنىي قارىخانىلار سۇلالىسىنىڭسىياسى-ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسى،قانۇنۋە ئەخلاق مىزانلىرى،پەلسەپە ۋە دىنى ئەھكاملىرى،ئىلىم-مەرىپەتۋە مەدەنىيەت-مائارىپ،ئەدەبىياتۋە سەنئەت قاتارلىق كەڭ ساھالەردىكى غايەت زوربىلىم ۋە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگەئالغان قامۇسدۇر؛ئەسەرنىڭ ئىجادىيەتخاراكتىرى،ئۇسلۇبى ۋە ۋاستىسى جەھەتتىنقارىغاندا،ئۇيغۇرلار ۋە تۈركىي تىللىقخەلقلەر ئەدەبىيات تارىخىدىكى مىسلىكۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى زىيادە ئۇزۇن داستانياكى غايەت زور شىئېرى دېراممابولۇپ،11-ئەسىردىكى ئيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكىشانلىق ئۈلگە ھەم دۇنيا مەدەنىيەتخەزىنىسىدىكى چاقناپ تۇرغان بىرتال نۇرلۇقمەرۋايىت.»[2]قىسقىسى،«11-ئەسىردىكىقارىخانىلار دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇرخەلقىنىڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپى،مۇتەپەككۇرى ۋەشائېرى يۇسۇف خاس ھاجىپئۆزىنىڭ‹قۇتادغۇبىلىك›ناملىق مەشھۇر ئەسىرى بىلەن ئۇيغۇرئەدەبىياتى ۋە دۇنيائەدەبىيات تارىخىدا شانلىق نامايەندە سۈپۈتىدە مۇھىم ئورۇننىئىگەللەيدۇ.بۇئەسەرنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى،ئۇ قارىخانىلار دەۋرىدىكىئۇيغۇر خەلقىنىڭھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنى،ئۇزۇن يىللىق تۇرمۇشتەجرىبىلىرىنى پەلسەپە ۋەئەخلاق يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ خۇلاسىلەپ ئۇيغۇرئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىسىگە خاسسىمۋۇللۇق ئوبراز يارىتىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭتارىخىي تەرەققىياتدا يېڭى بىرسەھىپە ئاچقاندۇر.»[3]
[1] ئابدۇشۈكۈر.مۇھەممەدئىمىن.«‹قۇتاتغۇبىلىك ›خەزىنىسى»[M].شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنەشىرياتى،1999-يىلى8-ئايبىرىنچى نەشىرى؛ 359-360-بەت.
[2] 阿布杜热依木·吾铁库尔·优素福与维吾尔文学[M]·福乐智慧研究论文选(第二集)·新疆人民出版社,1993年7月,乌鲁木齐;第256页。
[3] مۇھەممەتزۇنۇن.يۇسۇپ خاسھاجىپنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت كۆز قارىشى توغرىسىدا[M] .زارىپ دولات.«تارىخىيمىراس:قۇتادغۇبىلىك».قەشقەر ئۇيغۇنەشىرياتى.قەشقەر:1986-يىلى1-ئاي1-نەشىرىياتى.172-بەت.
[size=18.6667px]
ئەمدى مەھمۇد كاشغەرى(1008-1075) ۋە ئۇنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرىگىگانىتكىتابى:«دېۋانۇ لوغەتىت تۈرك»گە كەلسەك، ئۇ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى كىشىلەرنەزىرىدىكىئاددىيلا بىر لوغەت ئەمەس.بەلكى،مول بىلىملەر قامۇسى ۋەياكى ئېنسكوپىدىيەلىكغايەتزور لوغەت بولۇش سۈپۈتى بىلەن،ئۇنىڭدا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركى خەلقلەرنىڭئىتنىكمەنبەسى ۋە ئالاھىدىلىكى،تۇرمۇشيوسۇنلىرى،ئۆرۈپ-ئادەتلىرى،دېھقانچىلىق،باغ-ئورمانچىلىق، كۆكتاتچىلىق،ئاستورنومىيە، جۇغراپىيە،كالىندارچىلىق،ئوۋچىلىق،قولھۈنەرۋەنچىلىك مەدەنىيەتلىرىقاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردىكى كۈرمىڭلىگەن بىلىملەرنى مۈجەسسەملەنگەنلىكىنى ھىچبىرئىنسان ئىنكار قىلالمايلا قالماستىن ھازىر بۇ ھەقتەيەنىمۇ ئىلگىرلىگەن تەتقىقاتلارئېلىپ بېرىلماقتا. تىلشۇناس مەھمۇدكاشغەرى ھېچقانداق ئۆلچەش-كۆزىتىش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرى ۋە زامانىۋىيقاتناش قوراللىرى بولمىغان مۈشكۈل شارائىتتا، ئات-ئۇلاغ بىلەن 20 نەچچە يىل جاھانكېزىپ، ئىلمىي تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغاندىن كېيىن،يۈكسەك ئەقىل كۆزى ۋە ئادەتتىنتاشقىرى پاراسىتى بىلەن مول تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى ھەم ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغاتايىنىپ تۇرۇپمۇ يەر شارىنىڭ يۇمۇلاق بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، تۇنجىيۇمىلاق شەكىللىك دۇنيا خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان ھەم لوغەتكە قىستۇرما قىلغان.يەرشارىنىڭ يۇمىلاق(ئىللپىس شەكىللىك)ئىكەنلىكى ئۇنىڭدىن خىلى ئۇزاق يىللاردىن كېيىنئاندىن باشقا ئالىملار تەرىپىدىن ئىسپاتلاندى.«ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپە تارىخىغا ئائىتمەسىلىلەر»دېگەن كىتابدا ،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇرپەيلاسوپى يۇسۇف خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ ھاياتىنى؛‹قۇتادغۇبىلىك›نىڭ تۈزۈلىشى،ئاساسىيۋە پەلسەپەۋىي ئەھمىيىتىنى؛يۇسۇف خاس ھاجىپنىڭ تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىيكۆزقاراشلىرى،‹دۆلەت ۋە قانۇن-تۈزۈم توغرىسىدا›ئەقىل–پاراسەت،ئادالەت،بەخت-سائادەت ۋە گۈزەل ئەخلاقنىڭ بىرلىگى بىلەن دۆلەتنى تۈزەشھەم خەلقنى تەبىيەلەش توغرىسىدا...» چوڭقۇر ۋە سىستېمىلىق تەتقىقاتئېلىپ بېرىش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۈچۈنچىدىن،بۇ ئىككىبوۋىمىزغا بىۋاستە تىل تەككۈزۈپ يۈرۈشكەن ئەشۇ ئىلىمسىز بەندىلەردىن سىلەر«قۇتادغۇبىلىك»،«دىۋانى لۇغەتىت تۈرت»دېگەن كىتابلارنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ئۆيىڭلارداشۇ كىتابلار بارمۇ؟دەپ سورىساق،ئۇلار بەلكىم ئەشۇنداق بىر كىتابنىڭ بارلىقىنىئاڭلىغان بولىشى مۈمىن،بىراق ئۇنى ئەستايىدىل بىر ۋاراقلاپمۇ باقمىغان بولىشىتەبئىي.چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بۇنداق كىتابلار يوق ھەم ئوقۇپمۇ«چۈشىنەلمەيدۇ»،ئۇنداق شاھانە ئەسەرلەرنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە ئەسەرمۇئەللىپىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلاشقا تىگىشلىك ئالىم،مۇتەپەككۇرلار ئىكەنلىكىنى،ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن بالقىپ چىقىۋاتقىنى،ئۆزىدىن تېخىمۇ ئۇلۇغ بىر روھئىكەنلىكىنى،دۇنيادا نەچچىلىگەن ئالىملارنىڭ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ نۇرغۇنتىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ،نۇرغۇن تەتقىقاتلار قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بولسا تېخىمۇبىلمەيدۇ.
تۆتىنچىدىن،ھەرقانداق بىرئىلىم-پەن مەسىلىسىگە ۋە تارىخىي شەخىسلەرگە باھا بېرىشتە چوقۇم تارخىي نۇقتىدىنتۇرۇپ ئىلمىي ئىدراكى باھا بېرىشمىز،بىر تەرەپلىمىلىك،خاھىشچانلىق ۋە ئېغىپكېتىشتىن ساقلىنىش ساقلانغان ئاساستا،ئوبىكتىپ پىكىر قىلىشىمىزغا توغراكېلىدۇ.جۈملىدىن چىن ئىلىم-پەن ھەقىقى مەنىدىكى ئالىم پەيلاسوپ دېگەنلەر تېخىرەسمىي مەيدانغا كەلمىگەن،يىراق مىڭ يىللار ئىلگىرىكى كىلاسسىك ئالىممۇتەپەككۇرلارغا مىخانىك ھالدا مىڭ يىل كېيىنكى بارلىق ئىلىملەر بىر قەدەر پىشىپيىتىلگەن،ئۆزئالدىغا مۇكەممەل بولغان ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىلىرى ئاللىبۇرۇنشەكىللنىپ بولغان،ئەتراپلىق ۋە سىستېمىلىق ھالدا ھازىرقى زامانئىلىم-پەن نەزەرىيەسى تەربىيەسى كۆرگەن ئالىملار تۈركۈملەپ يىتىشىپچىقىۋاتقان،ئىلىم-پەننىڭ ئالتۇن دەۋرى بىلەن ئۇدۇل ۋە ئاددىيلا سىلىشتۇرۇش،ئېنىقكى بۇ بىر ئىلىمدىكى ساۋاتسىزلىق،تەربىيەسىزلىك،پەزىلەتسىزلىك ۋە پاراسەتسىزلىك،خالاس.
بەشىنچىدىن،ئەنەشۇلار نومۇسقىلماستىن،يۇسۇف خاس ھاجىپ،مەھمۇد كاشغەرىنى،«ئۇلارنى دۇنيا بىلمەيدۇ.دۇنياتارىخىدا ئۇلارنىڭ ئىسمى يوق...»دەپ بىلجىرلاۋاتقان شۇ دەقىقىدە،ئۇلار نېمىشكە مەنقانچىلىك كىتاب ئوقۇدۇم؟مەن قانچىلىك تارىخنى بىلىمەن؟دەپ سوراپ باقمايدۇ؟ناۋادائۇلار كۆرگەن «تارىخ»قا بۇ ئۇلۇغ بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇبارەك نامى كىرگۈزىلمىگەنبولسا،بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرى ئەيىپلىك ئەمەسلىكىنى ئەسلا بىلمەيدۇ. يەنەناۋادا،ئۇلار كىتاب ئوقۇغان ،ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغان بولسا،باشقائالىملارنىڭ«‹قۇتادغۇبىلىك›جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى گۆھەر،ئۇ شۇنداقلا دۇنيامەدەنىيەت تارىخىدىكى ئۆزگىچە ئەھمىيەتكە ئىگە ئۆلمەس كاتتا ئەسەر.»«‹قۇتادغۇبىلىك› پەلسەپەۋىيلىكى ۋە پەندى -نەسىھەتلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانشىئېرى ئەسەر.» دېگەندەك يۇقۇرى باھالىرىنى ئاڭلىغان بولسىدى نومۇسسىز يۈزلىرىنىنەدىمۇ قويغان بولاتتى.ۋاھالەنكى تارىخنىمۇ ئادەم يازىدۇ.بىراق يەر شارى كەنتىدەئون مىليۇندىن كۆپرەك نوپوسى بار ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ كىلاسسىك قەۋمنىڭ تارىخىدايۇسۇف خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد كاشغەرى قاتارلىك ئىككى تارىخىي شەخىسمۇ ئوخشاشلاچاقناپ تۇرغان ئىككى نۇرلۇق يۇلتۇزدەكلا مەۋجۇت بولۇپ، خۇددى ئاينى ئېتەك بىلەنياپىقىلى بولمىغاندەك يوشۇرۇپ قالغىلى، ئاتلاپ ۋە ياكى ئەگۈپ ئۆتۈپ كەتكىلى زادىبولمايدىغان دەرىجىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتقاندۇر. بەزى مۇتەپەككۇر ۋەپەيلاسوپلا«قۇتاغۇ بىلىك»نى ھەتتا تۇنجى«ئۇيغۇرچە قۇرئان»، «قۇرئان» نىڭشىئېرى تىل بىلەن تەپسىرە قىلىنىشى، شىئېرى بايان شەكلى دەپمۇتەرىپلىشىدۇ.بىلىشىمىز كېرەككى،بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ۋە بىز ياراتقان ۋەيارىتىۋاتقان تارخىمۇ ئوخشاشلا دۇنيا تارىخىنىڭ بىر قىسمى،ئەجداتلارنىڭ ئىلمىيئەمگەكلىرىمۇ ئوخشاشلا ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن تارىخى مۇساپىسىدىكى بىر نۇرلۇقئابىدە،مەرۋايىت ۋە يۈكسەك پەللە.ئۇنداقتا يۇسۇف خاس ھاجىپ نېمە ئۈچۈن بۇنداقدۇنياۋىي كاتتا شاھانە پەلسەپەۋىي ئەسەرنى نېمە ئۈچۈن شىئېرىشەكىلدە يازدى؟بۇ ھەقتە،ب د ت پەن-مائارىپ مەھكىمىسى (UNESCO)دۇنياۋىي ئالىملاردىنئىلمىي كوممىتىت تەشكىل قىلىپ تۈزۈپ نەشىر قىلغان«ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەتتارىخى4-جىلىد»(HISTORYOF CIVILIZATION OF CENTRAL ASIA.IV) 2-تومى 376-بېتىدىن381-بەتلىرىگىچە «11،12-ئەسىردە بىرخىلئەخلاقى،دىنى ۋە پەلسەپەنىڭ يېڭى شەكلى شىئېر سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن،دېيىلگەنبولسا ،380-بەتلىرىدە‹Kutadghu bilig›نىڭ 1069-يىلى يېزىپ تاماملانغانلىقى،ئۇنىڭدىكى 4باش پۇرسۇناژ قاتارلىقلار ۋەباشقا تەپسىلاتلار تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان.»بۇ دەۋىردىكى نۇرغۇن ئالىملارنىڭئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى شىئېر شەكلىدە رۇياپقا چىقارغان. ئۇلۇغ بوۋىمىز يۇسۇفخاس ھاجىپمۇ مانا مۇشۇنداق بىر ئالاھىدە تارىخى شارائىتتا ياشىغان ئىلىمدار بولۇشسۈپىتى بىلەن،دەۋىر ئېقىمىغا ماسلاشقان ھالدا شىئېرى شەكىلدە ئىجات قىلغانئەلۋەتتە.يەنە شۇ بەتلەردە«‹Diwan Lughat al-Turk›(دىۋان لۇغەتىل تۈرك)1074-يىلى يېزىپتاماملانغانلىقى ۋە ئالاقىدار باھالار بېرىلىپ،ئۇنىڭدا يەنە ‹بىلىمبەخىتنىڭ بىشارىتى›،‹ئەدەب-ئەخلاق تىلدىن باشلىنىدۇ›دېگەن ئەخلاق پەلسەپەسىگەئالاقىدار پەلسەپەۋىي ئىبارىلەرنىڭ بارلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان...».مەن بۇنەچچە ئون توملۇق دۇنياۋىي قامۇسسىمان مەجمۇئەنى تۈزۈشكە قاتناشقانلار ئىچىدەماختانچاق ئۇيغۇر قەۋمىدىن ئادەم يوق،ھەممىسى ساپلا دوكتور پرۇاېسسور پەرەڭئالىملار يېزىپتۇ.ئەجەبا بۇ تارخىي پاكىتلارنىڭ دۇنياۋىي قامۇسقاكىرگۈزىلىشى،دۇنيانىڭ ئۇلارنى بىلگەنلىكى،ئىتىراپ قىلغانلىقى ۋە ياد ئەتكەنلىكى ئەمەسمۇ؟ مۇشۇدەقىقىدە ئەنەشۇ كىلاسسىك ئالىملارنىڭ ئىزىدىن بىسىپ،ئۇلارنىڭ روھىنى يېڭىچەزاماندارلىققا ئېىگە قىلىپ ،دەۋىر تەلەپلىرى بويىچە قايتىدن«تىرىلدۈرش»،ئۇلارنىڭئىدىيەۋىي تونۇش ۋە كۈچلۈك پەلسەپىۋىيلىككە ئىگە دانالارچە ئېيتىلغان ئەقىل دۇردانىلىرىنىيېڭىچە مول مەزمۇندارلىققا ۋە مەشخۇلاتچانلىققا ئىگە قىلىش ئورنىغا نومۇسسىزلارچە،«مەھمۇد ئۇ بىر شۇ لوغەت تۈزگەن ئادەم ،ئۇئالىم ئەمەس،يۇسۇف ئۇ شۇبىر شىئېريازغان ئادەم پەيلاسوپ ئەمەس...»دېيىش،ئاددىيلا ئۇكىلاسسىك ئالىملارغا بىھۆرمەتلىكقىلىش بولماستىن، بەلكى ئەجداتلارغا تۇز كورلۇق قىلغانلىق،كىلاسسىك ئىلىملەرنىئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغانلىق،ئىلىم بىلەن تەربىيەلىنىشنىڭ ئېغىر دەرىجىدەيىتەرسىزلىكى ۋە ئىلىم-پەن تارىخىدىن ساۋاتسىزلىق،خالاس. سىلەر ئىككىڭلارنىڭ «ئىت ئۆگزىگە چىقسىمۇئېگىسىدىن ئۈستىن ئەمەس»دېگەننى رادىنلا ئاڭلىمىغانمۇ قانداق!؟بىلمىدۇق،ئۆزەڭلەرنىدۇنيا جامائەتچىلىكى ئىتىراپ قىلغان ئىككى مەشھۇر ئالىمىمىزدىن ئۈستىن قويۇشقاجۈرئەت قىلالىغان ئىكەنسىلەر،ئۇنداقتا سىلەرنىڭ شۇنىڭغا يارىشابىرەر ئىلمىي دەسمايەڭلار قېنى؟دۇنيا ئىلىم ساھەسى سىلەرنىڭ قايسىئىلمىي ئەمگىكىڭلار ۋە ياكى قايسى تۆھپەڭلارغا ئاساسەن سىلەرنى ئۇلاردىن كاتتا ۋەئۈستىن ئورۇنغا قويۇمىز؟بۇنداق بىر «دەسمايە»يەڭلار بولغان بولسىتى «مۇشھۇر لارغاتاش ئاتقىنىڭلارنى»چۈشىنىشكە بولاتتى.تولىمۇ ئەپسۇسكى،«غەيرى قىزىتما كېسىلى»گەگېرىپتار بولۇپ ئەقلىڭلاردىن ئېزىپ ئاساسسىز،دەلىل-ئىسپاتسىز،تۆھپە-نەتېجىسىزھالدا قالايمىقان،ئالىجوقا سۆزلەشتىنمۇ ئارتۇق ھاماقەتلىك،بىچچارىلىك ۋەئەخمىقانىلىك بولماس.بۇخىل جۆيلۈش ـــ دۇنيا قارىشى تېخى مۇكەممەلپېشىپ-يېتىلمىگەن بىر قىسىم ھىسسىياتچان ياشلارنى گاڭگىرىتىپ قويغان بىلەن مۇكەممەلۋە سىستېمىلىق ئىلم-پەن تەربىيەسى كۆرگەن،ئەقلىي بىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانئىلىم ئەھلىلىرىى ھەرگىز ئالدىيالمايدۇ.
مەھمۇد كاشغەرى،يۇسۇف خاسھاجىپ دۇنيادىكى نەچچە يۈزمىليۇنغا يىقىن تۈركى خەلقلەرنىڭ مىڭ يىلدىن بۇيانئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىدە كۆز يۇمغىلى،ئاغدۇرۋەتكىلى ،ئىنكار قىلغىلى ھەمئەگۈپ ئۆتۈپ كەتكىلىمۇ بولمايدىغان مەڭگۈلۈك بايرىقى ۋە مىڭ يىللىق يۈكسەكئابىدىسى.شۇنداقلار كېينكى ئەۋلاتلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش،ئىلىم-پەن بىلەنتەربىيەلەيدىغان ھەم يېتەكلەيدىغان يول كۆرسەتكۈچ نۇرلۇق ماياك. سىلەر شۇ تۈركىخەلقلەرنىڭ نەچچە مىڭدىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيسىلەرلا ، ئۇيغۇرنىڭ ئادەتتىكىئىلىم ساھىپلىرى ئەمەس،بەلكى ئادەتتە ئىلىم ساھەسىدە تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزمەيدىغان،ئەمدىلەتىن ساۋات چىقىرىۋاتقان ھەۋەسكارلار خالاس.سىلەر تەپ تارتماستىن ئۆزەڭلاردەۋاتقان گەپلەرنىڭ ۋەزنى ۋە تەسىرىنى ئويلاشمايلا بۇ گەپلەرنى دەپتاشلاۋاتامسىلەر ياكى «شەيتان لۇغەت»تىكى ھەزىل-سۇئالغا ھەزىل جاۋاپلاردىكى«بىرمەتۇ بولۇپ، ئۇنىڭ قالتىس بىرەر ئىش قىلىپ داڭ چىقىرىپ ،نام-شۆھرەت قازانغۇسىبارىكەن.بىراق،ھەرقانچە قىلىپ داڭ چىقىرالماپتۇ،ئەپەندىمدىن،قانداق قىلسام داڭچىقىرالايمەن؟دەپتىكەن،ئەپەندىم ئۇنىڭغا:ھەرەمگە سېيىپ قوي، شۇ ھامان نامىڭچىقىدۇ،دەپتۇ.بۇنىڭدىن ئىلھاملانغان يەنەبىر مەتۇ داڭ چىقىرىمەن دەپ چىركاۋغا ئوتقويۇۋەتسەم نامىم چىقىدىغان چىغى دەپ،چىركاۋغا ئوت قويۇپتىكەن»دېگەندەك ھاماقەتلىكقىلىۋاتامسىلەر قانداق!؟ئىسىڭلاردا بولسۇنكى،ئىلىم قەتئىيلىك ۋە سەمىمىيلىكنىتەلەپ قىلىدىغان بىر بۈيۈك ھەم مۇقەددەس ساھە،ئۇ كىم نېمە دەۋەرسە بولىدىغان،ساراڭلارچە، خالىغانچە ئۇلۇغلارغا تىل تەككۈزسە ،تاتقۇ-تۇققا سۆزلىسەبولىۋىرىدىغان «پىت بازىرى» ئەمەس.بەلكى ئۇ بىزدىن يۈكسەك دەرىجىدىكىئىلمىيكنى،ئەقلىيلىكنى،تۆھپە ۋە دەلىل ئىسپات تەلەپ قىلىدۇ.
سوقرات ئۆمۈرىدە بىرپارچىمۇ كىتاب ئەمەس،بىرقۇر ماقالىمۇ يېزىپ باقمىغان،پەقەت ئۇنىڭ ئەپلاتون ۋەباشقا پىكىرداشلىرى بىلەن قىلىشقان ئىلمىي مۇتائىىلىلىرىنى ئاڭلىغان تالىپلىرىخاتىرلىۋىلىپ پارچە پۇرات سۆھبەت خاتىرىسى شەكلىدە كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان. بىزيەنە ئەشۇ بىلىمسىز - بەخىتسىز كىشىلەردىن سوراپ باقساق،سىزچە يۇسۇفخاس ھاجىپتەك سوقرات ۋە ئەپلاتوندىنمۇ سىستېمىلىق ھەم ئەتراپلىق پىكىرقىلغان،ئۇلارنىڭ «غايىۋىي دۆلىتى»دىنمۇ ئىلغار ھەم مۇكەممەل بولغان ھەقىقىي بىر«غايىۋى دۆلەت» قۇرۇشنىڭ ئىپتىدائىي پىكىر يولى ۋە پەلسەپېۋىي سىستېمىسىنى مىڭ يىلبۇرۇن ئوتتۇرىغا قويالىغان بىر پەيلاسوپلا ئەمەس قالتىس بىز مۇتەپەككۇرنى پەيلاسوپئەمەس دېگەن ئىكەنسىز،سوقرات ،ئەپلاتونلارنىمۇ پەيلاسوپ ئەمەس دېىسەك بولامدۇقانداق؟دەپ سورىساق ئېھتىمال زۇۋانى تۇتۇلۇپ كېكەچلەپ قىلىشى مۈمكىن.دېمەك بىزدەھەممىگە تارىخىي نۇقتىدىن ئوبىكتىپ ئىلمىي قارايدىغان ۋە باھا بېرىدىغان بىرئىلمىي پوزىتسىيە،ئىلمىي جاسارەت ئىلمىي ،پەزىلەت بولىشى كېرەك. ئۇنداق بىر ساپا–سۈپەت ۋە ئىقتىدارنى ھازىرلىماي تۇرۇپ ئۆزىمىزمۇ ھەرگىز بىر لاياقەتلىك ئىلىمساھىبى ھىساپلانمايمىز.ئۇنداق دۇنياۋىي كىلاسسىك ئالىملارغا باھا بىرىدىغان،ئۇلارتوغۇرلۇق پىكىر قىلىدىغانغا سالاھىتىمىزمۇ ئەسلا توشمايدۇ.بۇنداق ئىلمىيسالاھىيەتنى ھازىرلىماي تۇرۇپ«مازارغا چالما ئېتىش»تىن كۆرە،باشقىلار«گاچا»دەپقالغان تەقدىردىمۇ زۇۋان سۈرمەسلىكىڭىز كېرەك.
جۇڭگو مەدەنىيېتىنىڭئومۇرىتقىسى بولمىش كوڭزىچىلىق تەلىماتىنىڭ ئاساسچىسى،جۇڭگو مەدەنىيىتى ۋە ئىدىيەتارىخىينى تەتقىق قىلىشتا ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان مۇھىم تارىخىيشەخىس،ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى يۈز مەشھۇر شەخىس قاتارىدا 5-ئورۇنغاتىزىلغان،پپىداگوك ۋە مۇتەپەككۇر كوڭزى ھەزرەتمۇ گەرچە ئۆمرىدە نۇرغۇنكىتابلارنى يازغان ،نۇرغۇن تالىپلارنى تەربىيەلەپ يىتىشتۈرگەن.سىز مەيلى جۇڭگونىڭتارىخىي دەستۇرلىرىغا ،كوڭزىنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك ئەسىرى«مۇھاكىمەتول پايان»(مۇھەمەتسالىھ مەت روزى تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە نۇسقىسى«مۇھاكىمە ۋە بايان»،ئىلىجانئانايىت، باتۇر ئابدۇللا تەرجىمە قىلغان«مۇھاكىمە ۋە باياندىن تەسىرات»دەپ تەرجىمەقىلىنىپ ئېىلىنىپتۇ.كەمىنە ئەسلى كىلاسسىك تەرجىمانلار ئەڭ دەسلاپتە ئاتىغان ۋەئۆزەمنىڭ ئادەتلىگىنىم بويىچە يەنىلا «مۇھاكىمەتۇل بايان»دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىقكۆرۈپ شۇ بويىچە ئالدىم)غا قارىمايلىك،ئۇنىڭ ھەممىسىدە كىشىلىك ھايات ۋە تۇرمۇشئەدەب يوسۇنلىرى،ئەجداتلار ۋە ھۆكۈمىرانلارغا قۇللارچە چوقۇنۇش،ئۇلارنىڭ خاتابولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ «بويۇنتاۋلىق»قىلماسلىق،ئادەم ئۆزىنىڭ تەربيەلىنىشىنىكۈچەيتىپ ،ئائىلىنى قامداش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش،ئەلنى تىنجىتىش،ھەرئىشنى چەكتىنئاشۇرۋەتمەسلىك،«مۆتىدىل»بولۇش،دۇنيادا ھەممە ئىشنىڭ ئۆلچىمى ۋە ئۆزىگە يارىشائەدەپ-يوسۇنلىرى بولىدىغانلىقى قاتارلىقلارنىتەكىتلىگەن.ئالىجاناب دېگەن سۆز«مۇھاكىمەتۇل بايان»دا ئاز دېگەندىمۇيۈز قىتىمدىن ئارتۇق تەكىتلەنگەن.سىز«مۇھاكىمەتۇل بايان»غا قارىسىڭىز،ئۇمۇ خۇددىتولىمۇ ئادەتتىكىچە تۇرمۇش ئۈگۈتلىرى ۋە ياكى ئادەتتە ھەممە كىشى بىلىدىغان پارچەپۇرات گەپ-سۆزلەردەك،ھەتتا ھىچقانداق پەلسەپەۋىي ئاساسى يوقتەكلا بىلىنىدۇ(بىراقئەقىل كۆزۈڭىز بىلەن سىنچىلاپ قارىسىڭىز ،ھەممىسى دېگۈدەك مۇئەييەنپەلسەپەۋىيلىككە ئىگە قىممەتلىك ھىكمەتلەر ئىكەنلىكىىزنى بايقايسىز).ئۇنداقتا،ئەلى قۇربان،ئۈمىت غېنى قاتارلىقلارچە بولغاندا،كوڭزى ھەزرەتنىمۇ پەيلاسوپ،مۇتەپەككۇر دەپ ئاتاشقا بولمامدۇ قانداق؟
ئۇندىن باشقا،ئېلىقۇربان،ئۈمىت غېنى قاتارلىقلار نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپ،بۇ ئىككىئۇلۇغ كىلاسسىك ئالىمدىن بىرىنى«ئالىم ئەمەس»يەنەبىرنى بولسا«پەيلاسوپئەمەس»دەيدۇ؟بۇ شۇنداق ئاددىيلا كىلاسسىك ئالىملارغا بىھۆرمەتلىك قىلىشمەسىلىسىمۇياكى كىلاسسىك ئىلىم-پەنگە قىلىنغان بىھۆرمەتلىك قىلىش قىلمىشىمۇ؟ كىلاسسىكئىلىملەر ۋە كىلاسسىك ئىلىم سەرخىللىرى بولمىغىنىدا ھازىرقى ئىلىملەرقەيەردىن كەلگەن؟مېنىڭچە ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەبىنى مۇنۇ ئىككى نۇقتىدىنتەھلىل قىلىپ كۆرسەك بولىدۇ.بىرى،ئۇلار چىن مەنىدىكى ھەقىقىي ئىلىم-پەن تەربىيەسىۋە ئىلىم-پەن تارىخىدىن ساۋاتسىزلا بولۇپ قالماستىن،ھەقىقەتەن بىخەۋەركىشىلەر توپىغا تەۋە كىشىلەردىندۇر.ئىككىنچىسى،ئۇلارغا «مەشھۇر بولۇش چۈشىنىكۆرۈش»(مەشھۇرلۇققا مەپتۇن بولۇش)كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان «بىمار»لار بولۇپ،ئۇلارخۇددى«كۆتۈمدە ئىشتان يوق ،ئېتىم مارجانبۈۋىي»«ئۆزىنى چاغلىماي شىلتىڭئېتىپ»«مۇشھۇرلارغا چالما ئېتىش»يولى بىلەن،«مەشھۇر كىشىلەرگە قونغانپاشا-كۇمىتىلارمۇ مەشھۇر،داڭلىق كىشىلەرنى چىقىۋالغان چېۋىنمۇ داڭچىقىرىدۇ.»دېگەندەك ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى ئويلاپ شۇنداق قىلغان بولسا كېرەك.بىراقئۇلاردا راستىنلا شۇنداق مەشھۇر بولالىغۇدەك مادار-ئىقتىدار ئەسلا بولمىغانئەھۋالدا، كەسىپ ئىھتىياجى ۋە ئىقتىسادى مەنپەئەتنىڭ تۈرتكىسىدە كۈندە مېدىيەلەردەئۆزىنى كۆرسېتىپ يۈرۈشلىرىدىن ئۆزلۈكىگە مەپتۇن بولۇشۇپ،ئۆزلىرىچە ئۆزلىرىنىئاتالمىش «چولپان»دەپ ھىساپلاپ ،خىيالىدا مۇشۇنداق يولار ئارقىلىق راستىنلا كاتتائەرباپ مەشھۇر شەخىس بولۇش مەقسىتىگە تىز يېتىش چۈشنى كۆرمەكتە... بۇ ۋاقتىنچە تىزئىنكاس قوزغاپ جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىشى مۈمكىن،بىراق ،بۇ ئېشەنچىلىق ئۇسۇل ۋەئاسان يول ئەمەس ھەم پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. بۇنداق قىلمىشى ئۆزىنىڭ ساغلام ئۆسۈپيېتىلىشى ۋە تەرەققىياتىغىلا تەسىر يەتكۈزۈپ قالماستىن،ئىجتىمائىيئەخلاق،ئىلىم-پەن كەيپىياتى ۋە ئېتىكا مەسىلىرىگىمۇ پاسسىپ تەسىر ئېلىپكېلىدىغانلىقلىرىنى ئەسلا خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈشمەيدۇ.ئېسىڭلاردا بولسۇنكى،مەشھۇركىشىلەرگە «چالما ئېتىش» ئارقىلىق مەشھۇر بولۇش ئاقمايدۇ.ئۇنداق«تاش»نىڭ ئىلمىيتورى ۋە ۋەزنىمۇ بولمايدۇ .بۇ شۇنداقلا بىر بىمەنىلىك خالاس.
يەنە شۇلاردىن شۇنى سوراپباققىم كېلىۋاتىدۇكى،ئەتراپىمىزدا بوي-بەستى بىلەن تەڭ شىئېر يازغانلار،نەچچە تومكىتاب يازغانلار ئاز ئەمەس،بىراق ، ب د ت نىڭ پەن مائارىپ مەھكىمىسى نېمىشكەئەشۇلارنى پەيلاسوپ مەشھۇر ئالىم دەپ رۇيىخەتكە ئالماي ئەشۇ مەھمۇد كاشغەرى ۋەيۇسۇف خاس ھاجىپنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى ئەنگە ئالىدۇ؟يەنە نىېمىشكە ئۇلارنىخاتىرلەيدۇ ۋە ئۇلارغا ئاتاپ مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىنىئۆتكۈزىدۇ؟ئۇلار نېمىشكە مەھمۇدتەك بىر لوغەت تۈزگەن كىشى تەۋەللۇتىنىڭ مىڭيىللىقىنى خاتىرلەش خالقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قاناتيايدۇردى؛بەزى دۆلەتلەر بۇ ئىككى بۈيۈك بوۋىلىرىمىزنىڭ باش سۈرىتىنى چۈشۈرۈپئوبرۇت قىلىدىغان پۇل باستى،بۈيۈك ئالىم دەپ مەشھۇر ژورنارللارنىڭ مۇقاۋىسىغاسۈرىتىنى چىقىرىپ مەخسۇس تونۇشتۇردى،خاتىرە ئابىدىلىرىنى تىكلىدى؛ھەتتا مەنتەتقىقات ۋەجىدىن«تۇنگانلارنىڭ پەن-تېخىكا تارىخى»دېگەن كىتابنى ئوقۇغىنىمدا ئۇكىتابتىمۇ مەخسۇس يۇسۇف خاس ھاجىپ،مەھمۇدت كاشغەرىلەرنىڭ ئىلمىي ئەمگەك ۋەمۇۋەپپىقىيەتلىرى خۇيزۇلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشقان تۆھپىسى قاتارىدا ئالاھىدە تىلغائېلىنىپتۇ.دۆلەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە2019-يىلىنى«يۇسۇف خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرلەش»يۈرۈشلىك ئىلمىيپائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ تەييارلىقلىرىنى باشلىۋەتتى.تولۇقسىزئىستاستىكىلاردىن مەلۇم بولىشىچە، 30يىلدا پەقەت ئېلىمىزدىلا مەخسۇس يۇسۇ خاسھاجىپ ۋە ئۇنىڭ مىڭ يىللىق شاھانە دىداكتىك ئەسىرى«قۇتادغۇبىلىك»توغرىسىدابىرقانچە قىتىم خەلقئارا ۋە مەملىكەت دەرىجىلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنلىرىئېچىلدى؛ 300پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە،30پارچىدىن ئارتۇق كىتاب يېزىپ ئېلانقىلىندى ۋە ياكى نەشىر قىلىندى.ئەجەبا ئەشۇ دۆلەتلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەرتەشكىلاتى پەن مائارىپ مەدەنىيەت مەھكىمىسىدىكى ئالىم مۇتەخەسىسلەرنىڭ قىلىدىغانغائىشى يوقمۇ؟ۋەياكى ئۇلار ئالجىپ قالدىمۇ؟ياكى بولمىسا سىلەر مەشھۇر بولۇش كويىدابىلجىرلاۋاتامسىلەر؟
ئەلى قۇرغان،ئۈمىت غېنى!سىلەردىن سوراپ باقساق، يۇسۇف خاس ھاجىپ، مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىلميئەمگەكلىرىنى رايونىمىز ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى مەشھۇر پەيلاسوپ،مۇتەپەككۇر،تىلشۇناسلار بىردەك ئىتىراپ قىلىپلا قالماستىن، پۈتۈن دۇنيا شۇنداقلا، بىرلەشكەندۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىتىراپ قىلغان تۇرۇغلۇق،سىزلەر ئىناكار قىلىشقائۇرۇنىۋاتىسىلەر، سىلەر ئۆمرۈڭلاردا ھىچ بولمىغاندا ئون پارچە كىتاب(ھېكايە–چۆچەك،شىئېر قوشاق ھىساپ ئەمەس،رەسمىي ئىلىم-پەن ئەسەرلىرىنى كۆزدە تۇتماقچى)نىتۈگۈتىپ ئۇقۇپ باقتىڭلارمۇ؟ سىلەرنىڭ دۇنيا ئىتىراپ قىلغۇدەك بىرەرئىلمىي ئەمگىكىڭلار ۋە ئىدىيەلىرىڭلارغۇ ئەسلا يوق. بۇ سىلەر ئۈچۈنمۇ«ئىشتانغاچىققان كۆڭۈلگە تايىن»دەكلا ئىش. ئۇنداقتا، سىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئوتتۇرا ۋە يۇقۇرىقاتلام ئىلىمدارلىرى ھەئە، ماۋۇ بولۇپ قالغۇدەك دېگۈچىلىكى بار بىرەر نەرسەڭلاربارمۇ؟بۇلار بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن سىلەرنىڭ قايسى ئەسىرىڭلارنى ئوقۇساق بولىدۇ؟
3.خاتىمە:يۇقۇرقى مۇھاكىمىلەردىن كېيىنكى ئىلھام ۋە تەكلىپ-تەۋسىيە
ئۈمىد غېنى يەنە گەپئارىلىقىدا«پەلسەپە دېگەن بىز نەدىن كەلدۇق؟نەگە بارىمىز؟ دېگەندەك مەسىلەرگەجاۋاپ بېرىدۇ»دەپ ئۆتىپتۇ.دۇرۇس،پەلسەپە بۇنداق سۇئالدىن ھەرگىز ئۆزىنى قاچۇرمايدۇھەم ئۇنداق مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىشنى ئۆزىنىڭ ئەۋۋەلكى ۋەزىپىلىرىدىن بىرى دەپھىساپلايدۇ.بۇھەقتە،«قۇتادغۇبىلىك»داستانىنىڭ3-بېيىتىدا مۇنداق يازىدۇ:
[قوڭۇر رەڭ يەر،يېشىل كۆك،كۈن،ئاي بىرلەتۈن،
ياراتتى زامان،ۋاقىت،مەخلۇقۋە كۈن.](نەزمىي يەشمىسى)
يۇسۇف خاس ھاجىپ تەڭرىبىلەن تەبىئەتنى بىربىرىدىن ئەلا ،يۇقۇرى –تۆۋەن ۋەياكى زىدىيەتلىك قىلىپقويۇدىغان ئەپلاتونچە قاراشتىن روشەن پەرقلىق ھالدا تەبىئەتنى تەڭرىنىڭ سىماسى ھەممۆجىزىسى دەپ قاراپ،«تەڭرى ئىرادىسىنى تەبىئەت گارمونىيەسى ۋە تەبىئىيقانۇنىيەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ،ئالەمنىڭ بىنا قىلىنىشىنى تۆت تادو(تۆت زات)بىلەنبىرلەشتۈرۈپ ئىزاھلىغان.«ۋەھدەت ۋۇجۇد»(مەۋجۇلۇق بىردەكلىكى) بولۇپ،بۇدەلئارىستوتېل ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيلاسوپلار ۋە ھازىرقى زامان پەلسەپەسىنىڭ ئەڭيۈكسەك پەللىسىنىڭ ئەڭ يارقىن جەۋھەرلىرى بولغان«ماددا بىلەن ئاڭ ئوخشىمىغان ئىككىخىل مەۋجۇتلۇق شەكلى»دەيدىغان قاراشى بىلەن تامامەن جىپسىلىشىدۇ.مىڭ يىل ئەۋۋەلكىئالەم ھەققىدىكى ئىپتىدائىي پەلسەپەۋىي ئىدىيەۋىي تونۇشلارنىڭ مىڭ يىل كېيىنكىبۈگۈنكى دەۋردىكى دۇنيا پەلسەپە ساھەسىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسى ۋە يارقىن ئىدىيەسىبىلەن جىپسىلىشىشى ۋەياكى ماس كېلىشىنىڭ ئۆزىمۇ بىر مۆجۈزە ئەمەسمۇ؟«ئەبەدىيلىكتەڭرىگىمۇ،ماددىغا خاس.لېكىن تەڭرى بىلەن ماددىي ئالەم مەلۇم ھالقىلار ئارقىلىقبىر-بىرىگە باغلىنىدۇ.بىر پۈتۈن ئۇزۇن زەنجىرنىڭ ئۇ بېشىدا ياراتقۇچى تەڭرى ــزۆرۈرىي تۇرسا،ئىككىنچى بېشىدا تەبىئەت تۇرىدۇ.تەبىئەت تەڭرىنىڭ تەسىرىدىن شۇنچەيىراقتىكى ،ئۇ ئۆز قانۇنلىرى ئاساسىدا راۋاجلىنىدۇ.»
پەخرىلىك دىداكتىك كىلاسسىكئالىم بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ (1019-1080) ئەمەلىيەتتە ، ماركىس”ئەنگىلىيەماتېريالىزمى ۋە ھازىرقى زامان تەجرىبە پەنلىرىنىڭ پىشىۋاسى“ دەپ تەرىپلىگەن،ئىنسانىيەت ئىلىم-پېنىنىڭ پىشىۋاسى، دەپ تەرىپلىنىۋاتقان فىرانىس باكون(1561-1626)«بىلىم ــ كۈچ» دېگەن ھېكمەتنى ئۆزىنىڭ1621-يىلى نەشىرقىلىنغان«يېڭى قورال»ناملىق ئەسىرىدە تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويۇشتىن،دەل 552يىلئىلگىرىلا(1069-يىلى) يېزىپ تاماملىغان دۇنياۋىي شاھانە ئەسىرى«قۇتادغۇ بىلىك»دە،ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە يۈكسەك پاساھەتلىك ،جەڭگىۋار ۋە كۈچلۈك چاقىرىق قىلىش كۈچىگەئىگە «ئىلىم ــ دوۋزاقنىڭ ئىشكىگىنى پىچەتلەيدىغان تامغا.» « [214-بېيىت] گەرئالىم ئىلىمنى چىقارمىسا تىل،يورۇتماس ئۇنىڭ ئىلمى ياتسىمۇيىل.[215-بېيىت] ئەقىل ۋە بىلىم ئول ئۇز نەرسىدۇر ئەڭ، ئەگەر بولسائىشلەت،ئۇچۇپ كۆككە تەڭ.» دېگەندەك نۇرغۇنلىغان ئەبەدىيلىكدۇنياۋىي،ئىنسانىي پەلسەپەۋىي ھىكمەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويالىغان بۈيۈكمۇتەپەككۇردۇر.
يۇسۇف خاس ھاجىپ ئوتتۇرىغاقويغان«‹تۆت تادۇ›(سۇ،تۇپراق،ھاۋا ۋە ئوت)بولۇپ،بۇتۆت زات تەڭرىنىڭ ئالەمنى بىناقىلىشى ۋە بىنا قىلىنغان ئالەمنى بۇ تۆت زاتنىڭ خاراكتىر ۋەخۇسۇسىيەتلىرى‹ئاپتونومىيەسى›گە تاپشۇرۇپ بىرىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ئىدى.»ئۇنىڭچە،مۇنداق بىر ماددى ئاساسسىز ئالەم بىنا قىلىنىش ھەققىدە سۆز ئېچىش مۈمكىنئەمەس ئىدى.» «بۇنىڭ ئىككىنچى قاتلىمى شۇكى،يۇسۇف خاس ھاجىپ زامان جەھەتتىن ئىپتىداسى(باشلىنىشى)ۋەئىنتىھاسى(ئاخىرلىشىشى) يوقلۇق ۋە مەڭگۈلۈك بىلەن ،مىقتار جەھەتتەماكان ئۆلچىمى ۋە چىكى بولمىغان چەكسىز-چىگىرىسىز ۋە مۇتلەقلىقنى ھەم تەڭرىنىڭ،ھەم تەبىئەت ئالىمىنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيىتى دەپ قارىغان.» بۇھەقتە«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئۆزبىكچە نۇسقىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدە«پانئىلاھچىل تەلىماتقا قارىغاندا(بۇ ئەسەر)تەڭرى بىر پۈتۈن تەبىئەت بىلەن سىڭىشىپكەتكەن بولۇپ،تەبىئەتتىن تاشقىرى قانداقتۇر روھى قۇدىرەتنىڭ مەۋجۇتلىقى ھەققىدىكىئىدىيالىستىك قاراشقا نىسبەتەن بىرقەدەر ئىلغارلىققا ئىگە،ئۇنىڭغا ماتىريالىستىك چۈشەنچىلەرنىڭبىخلىرى ساقلانغان.» دەپ يېزىلغان.
قائىدە بويىچەبولغاندا،ئومۇمى پەلسەپەنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئومۇمىيۈزلۈك يىتىلگەنۋە كامالەتكە يەتكەن كىشىنى ،يەنىي پەيلاسوپلارنىڭ شاھىن شاھى دەرىجىسىگە يەتكەنكىشىلەرنىلا ئاندىن«مۇتەپەككۇر»دەپ ئاتاشقا مۇناسىپ.بۇ ھەقتە ،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆز ئەسىرىدە تولىمۇ چۈشۈنىسلىك قىلىپ«گەرچە ‹قۇتادغۇبىلىك›بىلىم ۋەئىجتىمائىي بەخىت-سائادەت(خالايىق قۇتى)ھەققىدىكى كىتاب بولسىمۇ،ئۇنىڭ مۇئەللىپىئىسلامىيەت گۈللەنگەن دەۋىردە ياشىغان مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرى بولغانلىقى ئۈچۈن،ئۆزئەسىرىدە ئەينى زاماننىڭ كىتابەتچىلىك قائىدىسى بويىچە تەڭرىگە مەدىيە ئوقۇشتىنباشلىغاندىن تاشقىرى...»دەپ يېزىپ،يۇسۇف خاس ھاجىپنى پەيلاسوپلاردىنمۇ نەچچەدەرىجىدە ئۈستىن تۇرىدىغان«مۇتەپەككۇر»،يەنىي پەيلاسوپلارنىڭ شاھىن شاھىلىقئورنىغا قويغان.بۇقاراشلىرىنى ،ئۇ ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ۋە ياپونىيەقاتارلىقلاردىكى ئىلمىي زىيارەتلىرىدىكى ئىلمىي سۆھبەت ۋە ئىلمىي لىكسىيە ھەمدوكىلاتلىرىدا شۇ يەردىكى ئالىملار بىلەنمۇ ئورتاقلىشىپ،ئۇلارنىڭ كۈچلۈك قوللىشىۋە مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشكەن.ئەلى،ئۈمىد قاتارلىقلارنىڭچە بولغاندا،ئادەتتىكىپەيلاسوپ شەرتىگىمۇ توشمايدىغان بىر «قوشاقچى»نى بىراقلا«مۇتەپەككۇر»دەرىجىسىگەكۆتۈرۈۋەتكەن. ئەجەبا ئەلى،ئۈمىتلەرنىڭ قارىشىچە بولغاندا، ئۇستازئابدۇشۈكۈرمۇھەممەد ئىمىن ئالجىپ قالغان بولمامدۇ؟!شۇ تاپتا بۇنداق قارا قوساقلاربىلەن داۋاملىق مۇنازىرىلىشىشنى نومۇس ۋە خورلۇق ھىس قىلماقتىمەن.شۇنىڭ ئۈچۈن،بۇيازمىنى دەرھال توختىتىشنى قارار قىلدىم.بۇ ئىلىمسىز قاراقوساقلارغادەيدىغىنىم:سىلەر كۆرمىگەننىڭ ھەممىسى يوق،سىلەر بىلمەيدىغاننىڭ ھەممىسى خاتابولىشى پۈتۈنلەي ناتايىن.«كۆپتۇر سىنىڭ كۆرگىنىڭدىن كۆرمىگىنىڭ،كۆرىسەن ئۇنى ھامانئۆلمىگىنىڭ!»،« بىلىمدن ئارتۇق مەرتىۋە ۋە بايلىق يوق، بىلىمسىزلىكتىن ئارتۇقبەخىتسىزلىك ۋە خورلۇق يوق»،«دوزاخ»غايە-ئېتىقادسىز ۋە ئىلىم-ئىرپانسىز كىشىلەرئارىسىدا».ئادەمنىڭ بىشىغا ھەربالا كەلسە ئۆزەڭنىڭ بىلىمسىزلىكىدىنكىلىدۇ.رۇمىينىڭ تىلى بويىچە، نادان ئەلدە ئىلىم ھەم ئىلىمدارخاردۇر،نادان ئەلئۆزى ھەم خار-زاردۇر.شۇڭا،سىلەر نۆۋەتتىكى بىلىمسىزلىك ــ بەخىتسىزلىك ھەمبىچچارىلىكىڭلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بولسىمۇ،كىتاب ئوقۇڭلار!پەلسەپە ۋە تەبىئىيپەن ئۆگىنىڭلار!مول ۋە ئەتراپلىق ئىلىم تەھسىل قىلىڭلار!پەلسەپە ۋەتەبىئىي پەن روھى يىتىلدۈرۈڭلار!پەقەت شۇندىلا،قەلبىڭلاردىكى جاھالەتكۆتۈرلۈپ،دىلىڭلار يۇرۇپ «يورۇق دۇنيا»غا كۆز ئاچالايسىلەن!
ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزغائىجادىي ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى «تىرىلدۈرۈش»نىڭ نەقەدەر زۆۈرلىكىنى ھەقىقى تونۇپيىتىش لازىم.ئۇيغۇرلاردا ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ۋە كېيىن تەبىئەت ، جەمئىيەتساھەلىرىگە تۇتىشىدىغان نۇرغۇنلىغان ئەمەلىيەتچان بىلىم ئەنئەنىسى بولغانىدى. بىزبۇ خىل ئەنئەنىنىڭ نامايەندىلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىشكە يۈزلەندۇق. ئەۋلادلىرىمىز ئۇلارنىڭئىلىم – پەن تارىخىدىكى تۆھپىلىرى بىلەن ناتونۇش. ئەگەر بىز ئۇلاردىن بىر قانچەسېماسىنى غىل – پال ئەسلەپ ئۆتسەكلا، خىرەلىشىپ كەتكەن ئاشۇ قىممەتلىك ئەنئەنىنىجىددىي تىرىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى تونۇپ يېتىمىز.
«قۇتاتغۇبىلىك»تەبىئەت، ئىنسانىيەت،ئىلاھىيەت ،جەمئىيەت، روھىيەت، ھەققانىيەت، ئادەلەت ۋە سەنئەتمەسىلىلىرىگە ئالاقىدار مۇتلەق كۆپ ساندىكى بىلىش مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانۋە ئاز بولمىغان كىلاسسىك ئىدىيە،ئەقىل بايلىقلىرىنى مىراس قالدۇرۇپ،نۇرغۇنقىممەتلىك پىرىنسىپ ۋە ئۆلچەم -مىزانلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن بۈيۈكدەستۇر. بىراق بىز،خۇددى ئەدىب ئۇستاز ئىمىن ئەھمىدى ۋە پىشقان تالانتشۇناسدەۋرىمىزنىڭ«ئارىستوتېلى» ئىسلامجان شىرىپ بەشكېرەمى ئېيتقىنىدەك،كىلاسسىكلىرىمىزنى قۇرۇق ماقتاپ، ئۇچۇرۇپ، پو ئېتىش بىلەنلا بوپ كەتتۇقكى، ئۇنىڭچوڭقۇر قاتلاملىق پەلسەپىۋىي مەنىسى، يىتەكچىلىك ئەھمىيىتى ۋە رىئالقىممىتىگە ئىچزىل سەل قاراپ، قەدىمقىنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، ئەجداتروھىنى زاماندار قىلىپ «تىرىلدۈرۈش»نى، شۇ ئارقىلىق كۈنىمىزىدىكى تۈرلۈك ئىقتىداركىرزىسلىرى ۋە زەئىپ –بىقوۋۇللىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پايدىلىنىشنى ئەسلاخىيالىمىزغا كەلتۈرمىدۇق ھەم ئۇلارتدىن داۋاملىق يىراقلاپ ساۋتسىز قېلىۋەردۇق. بۇجەھەتتە ئەڭ كۆپ ھەم چوڭقۇر ۋە سەمەرىيلىك ئىزدەنگەنپەخرىيلىك ئۇستازلاردىن مەرھۇم ئالىمىمىز، قۇتاتغۇبىلىك شۇناس ئەھمەد زىئايى،پىداگوك، پەيلاسوپ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ۋە قۇتاتغۇبىلىكشۇناسئېتىكاشۇناس يار مۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ، ئىسلامجان شىرىپ بەشكېرەمى،تىل-ئەدەبىيات پروفېسسورى ،مەدەنىيەتشۇناس غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇرقاتارلىقلارلىق ئىلىمدارلار ئوخشىمىغان ساھەلەردىن كۆپ قىرلىق ئىزدەنگەن ھەمناھايىتى قىممەتلىق ئەجىر سىڭدۈردى. بۇ ھەقتە، پرفېسسور، ئەدىبئابدۇقادىر جالالىدىن تولىمۇ ئوبرازلىق قىلىپ زارلانغان ھالدا مۇنداق دەيدۇ:”‹بىلىم ئىگىلىكى›دەپ سۈپەتلىنىۋاتقان ھازىرقى دەۋرىمىزدە ئەجداتلىرىمىز قالدۇرغانبىلىم مىراسلىرى ۋە بىلىم ئۆگۈتلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى بىز تېخى يىتەرلىك چۈشۈنىپ يەتمىدۇق.‹ قۇتاتغۇبىلىك ›نىڭ(پەلسەپە، ئېتىكا، تەبىئەت ) جەمئىيەتشۇناسلىق،مەدەنىيەتشۇناسلىق، مائارىپشۇناسلىق، بىلىمشۇناسلىق، باشقۇرۇش ئىلمىيتەرەپلىرىدىكى ئىلغار ھەم يىراقنى كۆرەر دۇردانىلىرىنى قىزىشنىڭ ئورنىغا دائېلكارنېگ، ناپالىون خېل قاتارلىقلارنىڭ(چىكىدىن ئاشقان شەىسىيەتچى ئۆزلىك ئېڭى ۋەمەككارلىق ، تۈرلۈك ساختا قىياپەتلەر بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھىلى-مىكرى ۋەنەيرەڭۋازلق بىلەن باشقىلارنىڭ قەلب مايىللىقى ۋە غەمخورلىقىغا ئېرىشىش ۋاستىسىبىلەن ئۆز مەقسەتلىرىگە يىتىشنى تەۋسىيە قىلىدىغان،چاكىنا ئىدىيەلەر بىلەنيۇقۇملىنىپ) ئەسەرلىرى بىلەن كۆزىمىزنى ئالىچەكمەن قىلىپ، ئەنئەنىمىزدىكى بىباھائەقىل بايلىقلىرىغا تۇزكورلۇق قىلدۇق. بۇ، ئۆتمۈشتىكى نادانلىقنىڭ بۈگۈنكىزاماندىكى ۋاريانتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. “
ئۇيغۇر ئىجتىمائىيپەن ،ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىنى قىلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش تېخىمۇ زۆرۈرھەم قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدىكى ئىش بولۇپ قالماقتا. كارل ماركىس«ھەقىقەتكەئېرىشىش ئۈچۈن ،ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۇسۇلى(مېتودى)دىمۇ ھەقىقەتلىك سالاھىيەتكە ئىگەبولۇشى كېرەك»دېسە، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن«ھەقىقەتنى ئېچىشنىڭ ئىلېمىنتارشەرتى ــــ پوزىتسىيە ۋە مېتودنىڭ ھەقىقەتلىك خاراكتىرگە ئۇيغۇن بولۇشتىنئىبارەت»دەيدۇ. «قاپ يۈرەك فىزىك»،پەيلاسوپ،يىتۈك شائېر قاسىم سىدىق يەنىمۇئوبرازلىق قىلىپ« بىز ناترۇال (تەبئى دېھقانچىلىق) مىللىتى سەۋىيەسىدىكى ناترۇئالتەپەككۇردىن قۇتۇلۇپ، ئىلغار ئاڭ-ئىرادە ،تەپەككۇر ئۈستىگەقۇرۇلغان زاماندار ئىلغار پەن تېخنىكا مىللىتى ۋە ئەقلىي مىللەتلەردىنبولۇش ئۈچۈن، نومۇس قىلىشنى بىلىشىمىز، ئىنسانىيەتكە دەۋىرگە ،مىللەتكە مەسئۇلبولۇشنى بىلىشىمىز لازىم.» دەپ كۆرسىتىدۇ. ئەمدى بىز ئەقىل كۆزىمىز بىلەنقارايدىغان بولساق،پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئىلىم ساھەسى ھەر قانداق بىر تەتقىقات ئىلىپبارماقچى بولسا ،ئەڭ ئالدى بىلەن سوقرات ،ئەپلاتون، ئارىستوتېل قاتارلىق غەربپەيلاسوپ ۋە مۇتەپەككۇرلىرىدىن،جۇڭگولۇقلار بولسا كوڭزى، مېڭزى تەلىماتلىرى ۋە«يىجىڭ»دىن ئۆز تەتقىاقتلىرى ئۈچۈن ئىدىيەۋىي مەنبە ئىزدەپ ،ئاساس تاپىدۇ ھەمدە شۇئاساستا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۆز پىكىرىنى يورۇتۇشقا تىرىشىدۇ.بىراق، ئۇيغۇرئىجتىمائىي پەن،ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى تەتقىقاتتا ھچ قانداق تايىنىشئاساسى، بىرللىككە كەلگەن ئۆلچەم، ھىچكىم ۋە ھەر قانداق كىشى خىلاپلىق قىلىشقابولمايدىغان(پىتىنالمايدىغان)بىرەر تايىنىش ئاساسى،تەتقىقاتمېتودى،تەتقىقات ئەدەب-يوسۇنى يوق بولغانلىقتىن، كىم نېمە دېسەبولىۋىرىدىغان قالايمىقان،تەتىپسىز ،ئۆلچەمسىز،تەكرار ،تۆۋەن سەۋىيەلىك ھالەتئومۇمىي يۈزلۈك مەۋجۇت.ئۇيغۇر ئىجتىمائى پەن تەتقىقاتىدا قىلىپلاشقان،ئۆلچەملەشكەن، زامانىۋىيلاشقان،دۇنياغا، كۆلگۈسىگە يۈزلەنگەن ھەممەباپ، ئىلغار -زاماندار ، نادىر دۇنياۋىي تەتقىقات نەتىجىلرىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئۆزگىچەئىدىيە تونۇش ۋە يېڭى مېتودلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بىر جاي بىر مىللەتنىڭئىلىم-پەن تەرەققىياتىدا بىر قانچە ئىلىم-پەن ئۇچقۇنلىرىنىڭ بولۇشى بىلەن سىجىلگۈللىنىشىنى كاپالەتنەندۈرۈپ كەتكىلى بولمايدۇ.مۇھىمى پۈتكۈل قەۋم ئومۇمىي خەلقبويىچە ئىدىيە ئەخلاق ۋە تەدبىر بەلگۈلەش لوگىيكىسىدا ئومۇمىيۈزلىك ھالقىش ۋە يېڭىبۆسۈش بولۇشى زۆرۈر. ئۇندىن باشقا ئىقتىمائى تۈزۈم جەھەتتە ئىلىم-پەننىڭ گۈللىنىشىئۈچۈن زۆرۈر بولغان تۈزۈم مىخانىزىم كاپالىتى ۋە ئىجتىمائى تۇپراقنىڭ بولۇشىئىنتايىن مۇھىم. ئىنىقكى، يىقىنى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ قەدىمىيمەدەنىيەت بۆشۈكلىرى بولغان ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشلىك ئەللەردە ،جۇڭگودا ياكى ھىندىستانغا بارلىققا كەلمەي غەربلەكلەردە بارلىق كېلىشىمۇ ئۇلارنىڭئومىمىي خەلق بويىچە تەبىئى پەنگە يۈرۈش قىلىشى ۋە تۈزۈم –مىخانىزىم جەھەتلەردەئومۇمىييۈزلىك يېڭىلىق يارىتىلغانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.
ئۇيغۇر ئادىمىيەت پەنلەرتەتقىقاتىنى قىلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈشتە،«قۇتادغۇبىلىك»نى ئاساسلىق تايىنىشئاساسى،ئىدىيەۋىي مەنبە ۋە ئۆلچەم قىلىش ئاساسىدا ،دۇنياغا ،كەلگۈسىگەۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا يۈزلەنگەن ئىجتىمائىي پەن -ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتى ۋەئىلىم ئالماشتۇرۇش مېتودىنى كودلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى مۇھىم كۈن تەرتىپكە قويۇشكېرەك؛ بۇنى تۈرنى شىنجاڭلىقلارنىڭ«جۇڭگو ئارزۇسى»نى رېئاللىقا ئايلاندۇرۇش،ئىناقدۇنيا بەرپا قىلىش، ئىلمىي ھايات مەدەنىي ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈش ،پۈتكۈل مىللەتنىڭئەقىل بۇلىقىنى ئىچىش يۈكسەكلىدىكى ئالاھىدە زور بىر سىستېما قۇرۇلىشى سۈپۈتىدەچىڭ ۋە ياخشى تۇتۇپ ئىشلەش نۆۋەتتىكى تەخىرسىز ۋەزىپە دەپ قارايمەن.
پارىسلار«رەزىللىككە سۈكىتقىلىش ۋەياكى يول قويۇش رەزىللىكتىنمۇ ئارتۇق رەزىللىك»دەيدۇ.بىزنىڭ ئىلىم ساھىسىدىكىلەر،بىزنىڭ تەتقىاقتچى ۋە ئوبزۇرچىلىرىمىزمۇ بۇنداق تەتەنپەت بىمەنە قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋىەرمەي، ۋىجدانى بىلەن ئىشقىلىپ، مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە،ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭ غورۇرى ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ تىگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ تىگىشلىك تەنقىد ۋە تەربيەبېرىشى كېرەك، ئەلۋەتتە...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilikyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-15 10:57