ئىگىسى: Bilikyar

مەشھۇرلارغا «تاش ئېتىش»مەشھۇر بولۇش ئۈچۈنمۇ ياكى...؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-18 13:08:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پادىشاھ يېڭى كىيىم كىيىپ كۆرەككە چىقتى،بىرتوپ ئ‍الارمەن،چاپارمەنلەر ئ‍ارقىسىدىن كېلىۋاتىدۇ.....
مەن مۇنداق بىر ھېكايە ئ‍اڭلىغان؛ خېلى ئ‍ېتىقادلىق، ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بىر ياش يازغۇچى بالا بار ئ‍ىكەن، ئ‍ۇنىڭ ئ‍ىجادىيىتى ھەر تەرىپتىن ئ‍اۋامنىڭ كۆڭلىگە يېقىپ ئ‍القىشقا ئ‍ېرىشىپتۇ.شۇ يۇرتتا يېشى ئ‍ۇ بالىدىن چوڭراق، ئ‍ۆزىمى قالتىس ھېساپلاپ يۈرىيدىغەن بىر كىشى بۇ ئ‍الامەتلەرگە قاراپ پەقەت چىدىيالماپتۇ، دېمىسىمۇ ئ‍ۆزى خېلىدىن بېرى يامان ئ‍ەمەس بىرنېمىلەرنى يېزىپ، تۆتنىڭ بېرىمەن دەپ يۈرسە نەدىكى بىر سېرىق تۈك بۈگۈن چىقىپلا ئ‍ۇنىڭ ئ‍الدىغا ئ‍ۆتۈۋالسا بۇلامدۇ؟! شۇنىڭ بىلىن چوڭ كىشى ھېلىقى يازغۇچى بالا بار سورۇنلاردا ھە دېسلا ئ‍ۇنى چۈشۈرىدىغان گەپلەرنى قىلىپ، ھاتتا مەمەرتلىك بىلەن جېدەل چىقىرىدىغان دەرجىگە بېرىپتۇ، بىراق ئ‍ۇ بالا ساپالىق، كۆكسى قارنى كەڭ، ئ‍ېسىل يىگىت بولغاچقا، ئ‍ۇ نامەردنىڭ قىلىقلىرىغە پەرۋا قىلماي يۈرۈۋېرىپتۇ. لېكىن ئ‍ۇ بالىنىڭ غۇرۇرى كۈچلۈك بىر ئ‍اكا ئ‍اغىينىسى بار بۇلۇپ، ھېلىقى نامەردنىڭ قىلىقلىرىغا پەقەت چىداپ تۇتالماپتۇ-دە، بىر كۈنى نامەرد يەنە ھېلىقى بالا بىلەن جىدەللەشكىلى تۇرغاندا بېرىپ گەجگىسىدىن قاماللىغانچە ئ‍ېلىپ چىقىپ ئ‍ەسكى پالازنى تاشلىغاندەك تالاغا چۆرىۋېتىپتۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىن يەنە بۇ بالىغا نەمەردلىك قىلسا پۇت قولىنى سۇندۇرىۋېتىدىغانلىق توغرىسىدا ئ‍اگاھلاندۇرۇش بېرىپتۇ .
قاتتىق قورقۇپ كەتكەن بۇ نامەرد ئ‍ىككىىنچى نۇ بالىغا ئ‍ەسكىلىك قىلىشقا پېتىنالماپتۇ
ئ‍ۇ بالا بەك ئ‍ېسل يازغۇچى ئ‍ۇيغۇر خەلقى ئ‍ۇنى سۆيىدۇ، دۇنيا يازغۇچىلىرىمۇ ئ‍ۇنى بىلىدۇ،
كېيىن تەقدىر قىسمەت يەنە ئ‍ۆزگەردى، ئ‍ۇ نامەر ھازىر يەنى ئ‍وڭ تەتۈر سۆزلەپ ئ‍ۆزىنى بازارغا سېلىپ يۈرگىدەك، لېكىن پىسخىكىسى نورمال ئ‍ەمىس ئ‍ىكەن.

باھا سۆز

ئىملانى-زە، دوستۇم...  ۋاقتى: 2015-11-18 04:10 PM
ۋاقتى: 2015-11-18 13:18:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىسخىكىسى بىنورمال ئ‍ادەم بىلەن گەپ تالاشقاننىڭ پايدىسى يوق، ئ‍ۇلار ھە دېسىلا بىلىم،ئىلىم توۈرىسىدا جار سەلغان بىلەن بىر ئ‍ۆمۈر ئ‍ۆزلىكىگە يۈزلىنەلمەي ئ‍ۆتۈپ كېتىدۇ، يا ئ‍ۆزى بۇلالماي، يا باشقىلارغا ئ‍ۆزگىرەلمەي.دېمەك بىلىم ئ‍ۇنىڭغا يۇقمىدى، ئ‍ۇ نىلىمدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلمەيدۇ،

ۋاقتى: 2015-11-18 13:21:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەتنى تېلفۇندا يازغاچقا،ياخشى چىقماي قالدى، قېرىنداشلارغا ئ‍ۆزرە

باھا سۆز

ئۆزرىڭىز يەتتى، دوستۇم...  ۋاقتى: 2015-11-18 04:11 PM
ۋاقتى: 2015-11-18 13:55:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرغۇن مىجىت ئەپەندى، ئىنكاسىڭىزدىن سۆيۈندۈم. توقىغان ياكى ئاڭلىغان ھېكايىڭىز قالتىسكەن. ھېكايە ئاشۇنداق تارقىلىدۇ، لېكىن ھەقىقەت ھېكايىدەك بولمايدۇ.  ئاۋۇ ھېكايىڭىزدىكى سەلبىي پېرسۇناژدا مېنى دەۋاتقاندەك قىلىسىز. ئاۋۇ كىشى مېنىڭ قىيامەتلىك ئاغىينەم بولىدۇ. مېنى ئەدەبىيات ساھەسىگە ئاشۇ دوستۇم يېتەكلەپ ئېلىپ كىرگەن. مېنىڭ قېنىمدا دوستىغا نامەرتلىك قىلىدىغان مەينەت قان يوق. ئەكسىچە دوستىغا يار-يۆلەك بولىدىغان پاكىز بىر قان بار. شۇنداقلا بىر كىم پالازنى تاشلىۋەتكەندەك تاشلىۋېتەلەيدىغان مەجرۇھلۇقمۇ يوق. سىز ئاۋۇ ھېكايىڭىزنى ئۆزىڭىز توقۇيدىغان ھېكايىلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىۋالغايسىز. ئەمما ئاۋۇ پىسخىكىسى بىنونال دېگەن گەپلەر ياغدەك ياقتى...

ۋاقتى: 2015-11-18 15:57:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ەنۋەرجان، دۇنيادا ئ‍وخشاش ھېكايە كۆپ، مەن سىزنىڭ تەرجىمە ئ‍ەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈپ بايقىشىڭىزغا قايىل بولغانمەن، بىزدە ھەقىقەتەن شۇنداق ئ‍ەسەرلەر كەمچىل، بۇ جەھەتتە كۆز قارشىمىز ئ‍وخشاش بۇلىشى مۈمكىن، گەرچە ھازىرغىچە ياخشى ئ‍ەسەر يازالمىغان بولساممۇ، ياخشى ئ‍ەسەر يېزىش ئ‍ۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن، ئ‍ەدەبىيات كوچىسدا تارتقان ئ‍ەرزىيەتلىرىممۇ ئ‍از ئ‍ەمەس. لېكىن بۇ ھېكايىدىكى سەلبىي پىرسۇناژ سىز ئ‍ەمەس، ئ‍ەگەر سىز ئ‍ېلى قۇربان بولمىسىڭىزلە بۇ ھېكايىنى ئ‍ۆزىڭىزگە ئ‍ېلىۋالماڭ. ئ‍ارقا كۆرۈنىشى مۈرەككەپ بىر ئ‍ادەم ئ‍ۈچۈن ئ‍ارتۇق تالىشىشمۇ ياخشى ئ‍ەمەس، خۇدايىم بۇيرىسا خەلقىمىز ئ‍از كۈندە كىمنىڭ قانداقلىقىنى ناھايىتى ئ‍وچۇق كۆرۈپ ئ‍بلگۈرىدۇ، لېكىن ئ‍ۇ چاغدا بىز تالىشىۋاتقان ئ‍ادەم بۇ يەردە بارمۇ يوق بىرنېمە دەپ بولمايدۇ. مەن ھەر ھالدا بىلىپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتىمەن

ۋاقتى: 2015-11-18 16:50:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەنۋەر جۇلا ئاداش، مۇنازىرە قىلدىم، دەپ چوڭنىمۇ، كىچىكنىمۇ سەن-پەن دەپ شالاڭلىنى چاچقىچە تەرجىمەڭلارنى قىلىپ يۈرسەڭلا بولمامدۇ. بەك بىلىمدان، ھەممىنى بىلىدىغاندەك گەپ قىلىدىكەنسىلە سىلىمۇ قانچىلىكتىڭلا؟! ئۇنچە چىڭقىلىپ، ئىسىلىپ كەتمىسەڭلارمۇ بولاتتى، چۈنكى بىزگە ئۆتمۈش دەۋرلەرگە نىسپەتەن مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارمۇ كېرەك، بۈگۈنگە نىسپەتەن ئۈمىد غەنى، ئەلى قۇربانلارمۇ كېرەك. بىرەر مەسىلىگە قارىتا ئەيىپلاش ۋە مەدھىيلەشنىڭ بولىشى، پىكىرلەرگە نىسپەتەن قۇشۇلۇش ۋە رەت قىلىشنىڭ بۇلىشى نورمال ئىشقۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلار بىلەن ياقا سىقىشىپ تۇرۇپ مۇنازىرە قىلغۇدەك گەپمۇ ئەمەس بۇ.

ۋاقتى: 2015-11-18 18:05:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ھەرقايسىلىرىگە:
‏ھېلىمۇ گەپنى سالام بىلەن باشلىغاندىم، يەنە چىرايلىق سالام بىلەن ئاخىرلاشتۇرالايمەن.
‏مېنىڭ ماۋۇ تېمىدا قەتئىي بىلىمدانلىق قىلىش غەرىزىم بولغان ئەمەس، شۇڭا گەپنى ئىلاجى بار ناھايىتى تۈزىگە ئېيتتىم. ئەيبۇكام ۋە بەگيارغا قارىتىپ ئېيتقان گېپىم مېنىڭ ئۇلارغا قىلغان بىر چاخچىقىم بولۇپ شۇ گېپىم سىزلەرگە باشقىچە تەسىر بەرگەن بولسا كەچۈرۈڭلار، ئىزاھات بەرمىگەن سەۋەنلىك مەندە.
‏بىلىكيار ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسىنى مەن شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىدىن ئەمەس، مۇشۇ مۇنبەردە كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ئىككى ئېغىز پىكىر قاتناشتۇردۇم. ژورنالدا كۆپ سىلىقلاشتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئېنىق ئىكەن، ئەمما بۇ يەرگە يوللانغىنىدا ئىلاۋىسىدا ئېيتىلغىنىدىن پەرقلىق گەپلەر بار ئىكەن. ئاي ئۆتۈپ، يىل ئۆتۈپ توردا ئىككى ئېغىز پىكىر قاتناشتۇرۇپ قويسام تور قۇرۇتى، ساراڭ، مەمەدان...تاس قېلىۋاتىسىلەر يەنە ھەر نېمە دەۋەتكىلى. بىلىشىدىغانلاردىن تۇرغۇن مىجىت باركەن، بەزىلىرىڭلىنى تونۇپ بولالمىدىم. ئا. جۇدۇن ئاكىنى باشتا تېلېفۇندا تورغا چىققاندا سۈرىتىنى كۆرمىگەچكە تەڭ كۆرۈپ بىرئاز پاراڭلىشىپ قالغانىدىم. ئەمما كېيىن كومپيۇتېردىن چىقىپ قارىسام بىزگە خېلىلا ئاكا يوللۇق كىشى ئىكەنلىكى بىلىندى. شۇندىن كېيىن ھۆرمىتىنى قىلىپ ئاكا دەپ كېلىۋاتىمەن.
‏مۇشۇ ماقالىنى ئوقىغاندىن كېيىن سىلەرنىڭ كاللاڭلارغا كەلگەن تەسىرات بىلەن مېنىڭ كاللامغا كەلگەن تەسىرات ئوخشىماي قاپتۇ. مەن ئاساسلىقى ئەلى قۇرباننىڭ تەرىپىنى قىلىش ئۈچۈن كىردىم. ئېيتقانلىرىم بۇ ماقالىدە ئېيتىلغىنىدىن ۋە بۇ ماقالىنىڭ يېتەكلىشىدە بولۇنغان گەپ - سۆزلەردىن خېلىلا سىلىق دەپ ئويلايمەن. قالغان گەپلەرنى، مەسىلەن پەيلاسوپ، پەلسەپە ھەققىدە بۇ يەردە بىر نېمە دېيىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلىقىنى ھازىر بايقاپ تۇرىۋاتىمەن. مەن يازغۇچىلار تورىغا تېخى يېقىندىلا تىزىملىتىپ كىردىم. كۆپ ئۆزگۈرۈشلەر بولۇپ كېتىپتۇ. ئۆزۈمنى كونا ئائىلىسىگە قايتقاندەك ئەمەس، باشقىچە بىر يەرگە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.
‏بولىدۇ، مەن ھۆرمەت سالىمى بىلەن بوينۇمنى ئېگىپ تۇرۇپ كۆڭلۈڭلەرنى رەنجىتىپ قويغان بولسام كۆڭلۈڭلەرنى ئېلىۋېلىشقا ۋەدە قىلاي. سىلەرنىڭمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەخمۇت قەشقىرى قاتارلىق ئۇلۇقلىرىمىزغا بولغان شۇ قەدەر سۆيگۈڭلارنى ئۇلارنىڭ بىباھا مىراسلىرىنى ئۆگىنىپ، شۇلارنىڭ ئۈگۈتلىرى بويىچە ياشىشىڭلارغا، پىكىر قىلىشىڭلارغا تۈرتكە قىلغاي ياراتقۇچىمىز.

دىلشات بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2015-11-18 22:48:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-11-19 00:32:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ئەنۋەرجان يىگىت! گەپنى ئۆزىمىزنى چاغلىماي يوغان قىپ تاششاپ ئەمدى ھۆددىسىدىن چىقماق ئېغىر كېلىۋاتامدا؟مېنىڭمۇ ئەسلى جىق گەپ قىلغۇم ۋە سىزنى قويۇپ بەرمەي  ئېسىلىۋالغۇم يوق ئىدى،بىراق سىز  ئىززەت ئىكرام ۋە پەدە شەپنى بۇزۇپ تاشلىدىڭىز شۇڭا ئازراق سۆزلەپ قالىدىغان بولدۇم. كەچۈرىسىز.
ئەمدى سىز بىلىكيارنى قويۇپ ماڭىمۇ شىلتىڭ ئاتقاندىكىن ،سىزدىن بىر قانچە سۇۋال سۇراپ ئۆگىنىۋالاي:
1،سىزگە دېسەمچۇ يەيدىغان "مەرەز" بار يىمەيدىغان ھەسەل بار. مەن ناۋادا ئۇنداق مەرەزنى يىيىشكە توغرا كەلسىمىچۇ سىزدەك ھەرگىز ئەلى ،ئۈمىدلەرنىڭكىنى يىمەي،مەھمۇد ،يۇسۇف ،ئېينىشتىيىندەك ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئۇلۇغ كىلاسسىك ئالىملار پىشىۋالارنىڭكىنى يەيمەن. بۇ گەپنى ئەسلى مەن دېىمىسەم بولاتتى،بۇنىڭغا سىز مېنى ئاۋال شۇنداق دەپ ئاتاپ ،مېنى سۆلەشكە مەجبۇر قىلدىڭىز.شۇڭا كەچۈرۈم سورىشىم بىھاجەتقۇ دەيمەن.
2،سىز بىلىكيارنى بىلەمسىز ؟سىز ئۇنى تەقلىدچى ،ئەدىبىياتچىلىرىمىزنى ئەيىپلەيدۇ، دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپسىز. ئۇنداقتا:سىز ئۇنىڭ قايچىلىك ئەسەرلىرىنى ئوقۇش شەرىپىگە نايىل بولالىغان؟
سىز ئۇنى قانچىلىك بىلىسىز؟ ئۇنىڭ ئىلىم ئىستىداتى بىلەن زادى قانچىلىق تۇنۇشىسىز؟ بىراق مەن ئۇنى تونۇيمەن.بىلىشىمچە ئۇ بىر قانچە تىلنى سىزدىن پىششىقرەك بىلىدۇ. تەئىې پەن ھەم ئىجتىمائىي پەندە  تەڭ ئاقىدىغان قوش قىرلىق ئىلىم ئىگىسى،ئوقۇش تارىخى سىزدىن ئۈستىن، ئىلمىي ئۇنىۋانىمۇ سىزدىن يۇقۇرى. بۇجەھەتتە بەلكىم سىزگەئۇستاز. ناۋادا سىز باشقا پەنەلردىنمۇ ساۋات چىقىرىپ بولۇپ باكلاۋۇر ماگىستىر ئوقۇپ قالسىڭىز ئۇ سىزگە يىتەكچىسى بولسا بولىدۇ. ئىلمىي ئۇنىۋامىمۇ سىزىن يۇقۇرى،ئىلمىي ئەمگەكلىرىمۇ سىزدىن كۆپ(شۇ ئەسنادا سىزنىڭ ئەڭ نادىر ۋە ۋەكىللىك ئەسىرىڭىزدىن بىرنى كۆرۈپ باقسام دەيمەن).مەنمۇ ئەسلى ئۇنى تونۇمايتتىم.بىراق،2007-يىلى ئىچىلغان بىر قىتىملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ، يىغىن گۇرۇپپىسىدىكىلەر  بىرلا ۋاقىتتا ئۇ ئەپەندىمنى ئىككى قىتىم نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ  قېلىپ تۇرىۋىلىپ ،بىريىغىندا ئىككى قىتىم سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلغىنى كۆرۈپ ھەيران قالغانمەن.شۇندىن بىرى  ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى قىزىقىپ ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن.سىز ئۇنىڭ قايسى ئەسىرىدە كىمنىڭ قايسى گېپىنى تەقلىد قىلىپ (دوراپ)ئىشلىتىپ،كۆچۈرىپ ۋە ياكى سىتاتا ئېلىپ ئەسكەرتمەپتۇ؟ ئەھۋال سىز دېگەندەك بولسا، تەكلىپىم، سىزمۇچۇ،بۇنداق تاققۇ تۇقۇ گەپلەر بىلەن شالىڭىزنى چاچماي،سىزمۇ ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ شۇنداق رەسمىي پۇت دىرەپ تۇرالىغۇدەك بىرەر پارچە ماقالە يېزىپ ئېلان قىلمامسىز! بولسا بىلىكيارنىڭ ئەسىرىدىكى سەۋەنلىكنى ئەينەن ئەسكەرتىپ كۆرسىتىپ تۇرۇپ  تەنقىدلەڭ.ئۇ ۋاقىتتا بىلىكيار  غىدىق پىدىق قىلسا مەنمۇ سىز بىلەن قوشۇپ ئۇنى ساۋىداي،بولامدۇ؟ مەنمۇ ئۇنىڭ ئەدەبىياتچىلىرىمىزنى يوللۇق ئەيىپلىگىنى،بۇ ئەيىپلەش ئەمەس كەم تەرەپلەرنى كۆرسىتىپ تۈزىتىش لازىملىقىنى كۆرسەتكېنىنى كۆرگەنمەن.بۇنىڭغا ئۆكتە قوپاي دەپ سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلانسام "غىڭ"قىلغۇدەك يىرى يوقكەن،رېئال مەسىلىلەرنى دەپتۇ،ئۇ مەسىلىلەر بىزنىڭ ئەستايىدىل ھەل قىلىشىمىزنى كۈتىۋاتقان مەسىلە ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئىچىدىمدە قايىللىق بىلەن توختاپ قالغانتىم.
3.سىز يەنە بىر يازمىڭىزدا بىلىكيار ئەدەبىيات بىلەن ئىلىم-پەن بىرلىكسىپى قۇرۇپ ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئىلىم-پەن بىلەن تەربىيەلىشىنى كۈچەيتىش ،يازمىلارنىڭ بىلىمچانلىقىنى ،ئىلمىيلىكىنى ئاشۇرۇش، كېرەك دەپ جار سالدى،ئىلىم –پەن بىلەن ئەدەبىياتنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟دېگەن بىمەنە گەپنى قىلىپسىز. سىزدىن سوراپ باقسام.سىزچە بۈگىنكى دۇنياد ائىلىم –پەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ساھە ۋە كەسىپمۇ بارمۇ؟بولسا ئۇ قايسى؟ دەپ بېرىڭچۇ! سىزگە دېسەم يىگىت،ئەدەبىيات سىپىدە مەنمۇ بار دەپ چاغلايدىغان دەل سىزدەك ئادەملەرنىڭمۇ بول بولغانلىقى ئۈچۈن بەزىلى ئالىملار ھەتتا"ئەدەبىياتمۇ ئىلىم-پەن ھىساپلىنامدۇ؟"ئەدەبىات پاخاللىشىپ كەتمەكتە، ئەخلەت ئەسەرلەر كۆپۈيىپ كەتمەكتە دەپ مەسخىرە قىلماقتا...
4،سىز  ،بىلىكيارنى  نەچچە يىل بۇرۇن مۇنازىرە دويىلىغا تەكلىپ قىلسام كىرمىدى دەپ ئاغرىنىپسىز.بۇنىڭ سەۋەبى ئىككى دەكلا قىلىپ تۇرىدۇ.بىرى سىز بىراۋنى تىللاپ تۇرۇپ دويۇلغا تەكلىپ قىلسىڭىز قارشى تەرەپنىڭ قانداقمۇ سىز بىلەن دوستانە سۆھبەت مۇھاكىمە قىلىشقا رايى باقسۇن؟ ئەكسىچە گەپلىرىڭىزنى كۆرۈپلا ئۇنداق "پوققا چالما ئاتاساڭ يۈزۈڭگە چاچرايدۇ"دەپلا،ئەسلىدە شۇ مۇاھاكىمە پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ سىزگە ئەتراپلىق بىر ساۋاغ بېرىپ قويۇش ئويى بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەمدۇ؟ئىككىنچىدىن، پەمىمچە بىلىكيار نەگىلا بارسا كىتاب يۈدۈپ يۈرىدىغان راستىنلا بىر كىتاب خالتىسى(،ئۇ بىر كىتاب"يەيدىغان ماشىنا"دەك ئادەم ،ئۇنى كىتابسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس.چوقۇمكى، ئۇ ئوقۇغان كىتاب ژورناللار  سىز يىگەن ئاش نان ۋە كەيگەن كىيىم كىچەكنىڭ يىغىندىسىدىن كۆپ بولىشى مۈمكىن.بىر قىتىم مەن ئۇنىڭدىن بېيجىڭدىن ئايرۇپىلاندا ئالتە يىشىقتە كىتابنى كۆتۈرىپ    كەلگىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالغانمەن. ئۇنىڭ ئوقۇشىغا كىتاب خانىدىكى كىتابلار ئۈلگىرمەي بىۋاستە نەشىرياتتىن ،زاۋۇتتىن، توردىن كەلتۈرىپ تۈركۈملەپ كىتاب ئوقۇيدىغان كىتاب مەستانىسى كىشى ئۇ. ھىس قىلىشىمچە سىز، بىلىكيار ئوقۇغان نۇرغۇن كىتابلارنىڭ  ئسىمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغانغۇ دەيمەن!) ،ئەستايىدىل ،ۋاقتى بەك ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتىدىغان ئادەم(مەن شۇ قىتىملىق يىغىندا  ئۇنى كۆرۈپ تونۇپ،بىر تاماققا تەكلىپ قىلساممۇ رەھمەت دەپ رەت قىلغانىدى) ئادەم، سىز ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتتە بولۇش ئۈچۈن ئاۋال كۆپرەك كىتاب ئوقۇپ سىسىتىمىلىق تەييارلىق قىلىپ، مۇھاكىمە سۇۋاللىرىنى ئاۋال ئۇنىڭغا سۇنۇپ، دوستانە تەكلىپ قىلغان بولسىڭىز  چوقۇمكى ئۇ سىزگە بىپەرۋا قارىمايتتى.چۈنكى مەن بىلىدىغان بىلىكيار،ئىلمىي مۇھاكىمىگە بەكلا ئامىراق كىشى[مەن ئۇنىڭ 2004-يىلى نوبل مۇكاپاتى ساھىبى ياڭ جېڭنىڭ ئەپەندىمنى بىر نۇتقىنى ئاڭاش ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر قىتىم دىدار مۇلاقەتتە بولىۋىلىش ئۈچۈن خەينەنگە بارغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغانمەن.مەن شۇ چاغدا ئۇنىڭدىن  مىرادىڭىزغا يەتتىڭىزمۇ دىسەم،ئۇ ۋاي يەتمەمدىغان.ياڭ  ئەپەندىم بىلەن ئىككى قىتىم پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم،ئۇنىڭ ئىككى قىتىملىق نۇتقىنى ئاڭلىدىم.مېنى بەكمۇ خوشال قىلغىنى بو ئاۋدىكى ئونمىڭ كىشىلىك خەلقئارا يىغىن زالىدا  لىق تولغا يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتىكى نوبېل مۇكاپاتى ئالغان ۋاقىتتىكى تەسىراتى ۋە بۈگىنكىلەرگە بىر قانچە ئېغىز  سۆلەپ بىرىشنى ئىلتىجا قىلىۋىدى ئۇ كەمتەرلىك قىلىپ رەت قىلدى. بىراق مەن ئۇنىڭ يىنىغا بىرىپ  تەكلىپ قىىۋىدىم،باشتا رەت قىلغان ئادەم، قايتا قول كۆتۈرىپ يېغىن رىياسەتچىسىدىن ئۆزىگە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىپ يىرىم سائەت  نۇتۇق سۆزلەپ بەرسدى،بۇ چاغدا زالدىكى ئادەم دېڭىزى  ئارىسىدىن نەچچەلىگەن كىشى ماڭا تەبەسسۇم بىلەن قاراپ،شۇ پۇرسەتنى ياراتقانلىقىمغا خوشاللىقىنى  بلدۈرۈشتى،مەن ياڭ ئەپەندىمنىڭ مېنىڭ گېپىمنى ئىلىك ئېلىپ بىر مەيدان قىسقا نۇتۇق سۆزلەپ بەرگىنىگە خوشاللىقىمدا يىغلاپ تاشلاپتىمەن، دېگەنىدى] . سىز ئۇنداق غەيرى دوستانە قىياپەتتە دويىلغا تەكلىپ قىلسىڭىز ئۇنىڭ پىسەنت قىلمىغىنى سىزنى كۆزگە ئىلمىغىنى.ئىشەنمىسىڭىز شۇنداق قىلىسڭچۇ ئۇ سىزنى ئىزدەپ مەھەللىڭىزگە بىرىپ سۆھبەت قۇرمىسا ھىساپ ئەمەسقۇ دەيمەن. چۈنكى ئۇ بۇ جەھەتتە راستىنلا تەشەببۇسكار ئادەم.
5،سىز يەنە ئىنكاسلىرىڭىزدا  بىر چاغلاردا  بىلىكيار، قېقىنۇسنى ماختىغان،بىر چاغلاردا قاسىم سىدىڭنى ماختىغان دەپسىز.مەنچۇ ئۇنىڭ يەنەئىلمىي سۆبەتلىشىش ئۈچۈن قاسىم سىدىقنى ئىزدەپ غۇلجىغا،قېقىنۇسنى ئىزەدپ قەشقەرگە،ھەتتا نۇرغۇن ئاكادىمىكلارنى ئىزدەپ پايەخت،چوڭچىڭ شاڭخەيلەرگە بارغىنىنى ، قاسىم سىدىق، قەقىنۇسلار بىلەن  قاتتىق مانازىرلەشكەندىن كېىين ئۇلارنىڭ ئىلىم ئىستىداتىغا قايىل بولۇپ، جەمئىيىتىمىزدە كۆمۈلىپ قىلىۋاتقان ئەنۇشنداق پىشقەدەم ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قەدرىنى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ .سىزنڭ بۇنىڭغا كۈللىكىڭىز كەلگەن ئوىشىمامدۇ؟ چىداڭ تازا......
بۈگىن تازا ئىشىم پۇشۇق ئۇيقۇم قېىپ تۇرغاندا دەماھاللىقا ئىسىمگە كەلگەنلىرى شۇنچىلىك. سىزچە مۇشۇنچىلىك سۆزلىسەم بولامۇ ياكى يەنە بىر ئاز دەمدىم.بولدى قىلايلىك دىسىڭىز ئىختىيار مەنمۇ زىھنى سىز بىلەن خوراتقۇم يوق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Xakile تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-19 09:25  


ۋاقتى: 2015-11-19 01:51:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانىم، تەسىرلەندىم.  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.جۇلا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-19 03:01  


دىلشات بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2015-11-19 03:18:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-11-19 10:25:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹قارىغاندا ،سىز توختىماي ئەلى ئۈچۈن شالىڭىزنى چىچىۋاتقاندەك قىلىسىز، قارىغاندا سىز ئەلىنىڭكىنى يەپ باققاندەكلا گەپ قىلىسىزغۇ؟ ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇنداغ ئەمەستۇ!؟››مۇشۇغىل ئىنكاسلارنى تازلاپ مېڭىلار ،چۇنكى بۇ سورۇندا ئاكا - ئىنلەر ، ئاچا - سىڭلار ،ھەم بىز ئۆرمەتلەيدىغان پىشقەدەملەر بار .بۇ تەكلىپ ئېشىپ كەتكەن بولسا كەچۈرۈڭلار  ....

ۋاقتى: 2015-11-19 10:30:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  ئ‍ەلى  قۇرباننىڭ لىكسىيەلىرىنى  كۆپ ئ‍اڭلىدىم ئ‍ەلى قۇربان مۇئەللىممۇ قارىسىغا گەپ قىلمايدۇ قىلغان ھەربىر ئ‍ىغىز گېپىنىڭ  ئ‍اساسى بار سۆزلەيدىكەن
ئ‍ەلى قۇربان مۇئەللىم ‹‹بىر دەريادا ئ‍ىككى قىتىم سۇئۈزەلمەيسەن››دەپ ئ‍ەيتقاندەك ھازىرقى جەمىئەتتە كۈندە بىلىم ئ‍المىسا تۈنۈگۈن ئ‍الغان  بىلىم بىلەن بۈگۈن پۇت تىرەپ  تىرەپ  تۇرالمايسەن    ئ‍ەنۋەر جۇلا ئ‍ەپەندىمنىڭ  مەردانە ھالدا  ئ‍وتتۇرغا چىقىپ  ئ‍ۆز تەسەۋۋۇرىنى ئ‍وتتۇرغا قۇيغىنىغا رەخمەت!
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەخمۇت قەشقىرى بىزنىڭ ئ‍الىمىمىز  ئ‍ۇنى كىم ئ‍ىنكار قىلىدىكەن ئ‍ىغىزىغا كاچات يەيدۇ، ئ‍ەمما  ھازىرقى زاماندا تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە قۇتاتغۇبىلىكتىن بىلىم ئ‍ىلىپ ھېچكىم ئ‍الىم بولالماسلىقى مومكىن

باھا سۆز

ئاخىرقى جۈملىڭىزنى يەنە بىر ئويلىنىپ كۆرۈڭ، تەلقىن...  ۋاقتى: 2015-11-19 10:42 AM
ۋاقتى: 2015-11-19 11:59:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلى قۇربان چىرىغا كىلىپ لىكسىيە سۆزلىگەندە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ قايسى سۆزىنى نەقىل ئالغانلىقى ئىسىمدە قالماپتۇ. ئەمما، بۇ ئادەم ئۆمرىدە ئېزىپ- تېزىپ مۇشۇ بىر جۈملە سۆزنى توغرا دەپ ساپتىكەن دىگەن گىپىنى ياقتۇرمىغانىدىم.

ۋاقتى: 2015-11-19 14:55:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمىد غېنىنىڭ تور دۇنياسىدا تەنقىتكە ئۇچرىغان «ئۈمىد پاراڭلىرى»دا ئەدەبىيات، يازغۇچىلار، تەنىقىتچىلىك، ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماسلىق دېگەندەك پىكىرىلىرى ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپتىكەن. ئۇيغۇرچە كىتاب بىلەن  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماسلىق كېرەك دېگەن گېپىغا يازغان ئوبزورۇمنى بۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە چاپلاپ قويدۇم.
  
                                 ئۈمىد غېنىنىڭ ئۈمىدسىز پاراڭلىرى

   ئۈمىد غېنى ئاتالمىش «ئۈمىد پاراڭلىرى»دا ، پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيىتى 2015-يىلنى كىتاب ئوقۇش يىلى دەپ بېكىتكەندە، «يۇرتۇق ئىشتاندىن پورداق چىققاندەك» پۈتۈن ئۇيغۇرلار يىلدا چىقىۋاتقان  ئىككى مىڭ كىتابنى ئوقۇماسلىقى كېرەك،  دېدى.
  شۆھرەت زاكىر ــ ئۇيغۇرلارنىڭ- شىنجاڭلىقلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ رەئىسىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماسلىقى كېرەك دىيىشنى توغرا دەپ تاپمايدۇ.
  شى جىنپىڭ ــ جۇڭگولۇقلارنىڭ «جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ جۇڭگولۇقلار جۇڭگوچە كىتاب ئوقۇماڭلار دىيىشنى توغرا تاپمايدۇ.
    ئوباما ــ ئامېرىكىلىقلارنى ئامېرىكىچە كىتاب ئوقۇماڭلار دېسە، ماڭە ئومىچىڭنى ئىچە، چۈشە زوڭتۇڭلۇقتىن دىيىشى مۇمكىن.
  توغرا، ئۈمىد غېنىنى شۆھرەت زاكىر، شى جىنپىڭ، ئوبامالار بىلەن سېلىشتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق.
  جۇڭگودا چىن شىخۇاڭ دەۋرى بىلەن مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە كىتاب كۆيدۈرگەن بولسا، ئۇيغۇرلارمۇ ئاپپاق خوجا دەۋرى بىلەن مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە كىتاب كۆيدۈرگەن. ئاپپاق خوجا دەۋرى بىلەن مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دەۋرىنىڭ مەدەنىيەتسىزلىكتە قايسى دەرىجىگە چىققانلىقىنى بىلمەيدىغانلار ئاز بولسا كېرەك.
  ئۈمىد غېنى دېگەندەك، يەھۇدىلار يىلدا يەتمىش پارچە كىتاب ئوقۇسا، جۇڭگولۇقلار يىلدا بەش پارچە كىتاب ئوقۇسا، ئۇيغۇرلار يىلدا ئاران 0.1 پارچە كىتاب ئوقۇسا، شۇنداقتىمۇ  
ئۈمىد غېنى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماڭلار دەپ جۆيلىۋاتسا، ئۇنداقتا  باشقا تىلدىكى كىتابنىمۇ ئوقۇيالمايدىغان ئۇيغۇرلار قانداقراق ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالار! يىلدا يەتمىش پارچە كىتاب ئوقۇيدىغان يەھۇدىلاردىنلا ئۆتكەن ئەسىردە دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ئۈچ ئادەم بارلىققا كەپتۇ. ئۇنداقتا، يىلدا ئاران 0.1 پارچە كىتاب ئوقۇيدىغان ئۇيغۇرلارنى  ئۈمىد غېنى ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماڭلار دەپ ماكان-زاماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئىنتېرنىت تورىدا ئاتالمىش «ئۈمىد پاراڭلىرى» قىلىۋاتسا، ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماسلىقى كېرەك بولغان ئۇيغۇرلار قانداقمۇ يەرشارى ئادىمىگە ئايلىنالىسۇن!  كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغان ھەم شۇ ئارقىلىق دۇنيانى تۇنۇيدىغان ھەم دۇنيادا داڭلىق مىللەتكە ئايلانغان يەھۇدىلار بىلەن كۆپ كىتاب ئوقۇمايدىغان ھەم «دۇنيانى تۇنۇمايۋاتقان» ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماسلىقى كېرەك دەپ سېلىشتۇرۇش ئۈمىد غېنىنىڭ قانداق تەپەككۇرى!
يەھۇدىلارنى، ياۋرۇپالىقلارنى يىلدا جېق كىتاب ئوقۇيدىكەن دەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇماسلىقىنى سېلىشتۇرغان ئادەم، يەھۇدى-ياۋرۇپالىقلارنىڭ تەرەققىيات-ئىقتىسادى بىلەن كىتاب ئوقۇشقا ئامراق ئىكەنلىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلمەي قالغانمىدۇ!  
  خەلقى-ئالەمگە تارقىلىدىغان ئىنتېرنىت تورىدا «ئۈمىد پاراڭلىرى» (ئۈمىد-دېگەن سۆزنىڭ تىل ئىستىمالىدا قانداق ياخشى مەنىسى بارلىقىنى ھەممە مىللەتلەر، بارلىق  ئىنسانلار بىلىدۇ دەپ قارايمەن.) تېمىسىدا، ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماڭلار دەپ جۆيلىمە ۋەزخانلىق قىلىش، بۈگۈنكىدەك گۈللىنىش-تەرەققىيات ئىستىگىدە يۈرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ «جۇڭگو ئارزۇسى» ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئارزۇسىغا قارشى چىققانلىق ئەمەسمۇ! ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ ئىچىدە قانۇن، ئىقتىسات، سىياسى، سالامەتلىك، ئەدەبىيات، تەلىم-تەربىيە، ھۈنەر-كەسىپ، پەن-تېخنىكا، بالىلار كىتابلىرى ...دېگەندەك نۇرغۇن تۈردىكى كىتابلار بار.
ئەمىسە ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇمىسا نېمە كىتاب ئوقۇيدۇ!؟  
يىلدا نەشىر قىلىنىدىغان ئىككى مىڭ ئۇيغۇرچە كىتابنى ئۇيغۇرلار ئوقۇمىسا، ئۇيغۇرچە كىتاب نەشىر قىلىش خىزمىتىنى قىلىۋاتقان-ئۇيغۇرلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ئۇلار قانداق نان تېپىپ يەيدۇ؟ ئۈمىد غېنى ئۇلارنى باقالامدۇ! شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا ئۇيغۇرچە كىتاب ساتىدىغانلار، ئۇيغۇرچە كىتاب سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى يەنىلا ئۈمىد غېنى باقالامدۇ! پەقەت ئۇيغۇرچىلا كىتابنى ئوقۇيالايدىغانلار كىتاب ئوقۇمىسۇنمۇ!
مائارىپ  ــ  مەكتەپ ئوقۇ-ئوقۇتۇشى، ئادەملەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەربىيىلىشى كىتابتىن ئايرىلالمايدۇ. نەچچە يۈز يىللار، نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى تۇرمۇش-ئىستىمال بۇيۇملىرى ئاساسەن ساقلىنىپ قالالمىغان بىلەن، ئەمما كىتاب، كىتابتىكى ئىدىيە ساقلىنىپ قالالايدۇ، كىتاب يازغان ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن بىلەن ئۇنىڭ يازغان كىتابلىرى ساقلىنىپ قالالايدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئارانلا 32 ھەرىپى بار. ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئاشۇ 32 ھەرپنى ئۆگىنىۋالغان ھەرقانداق ئادەم ئۇيغۇرچە كىتابنى ئوقۇيالايدۇ.  ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى يېزىلاردا. ئاشۇ يېزىدىكىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇمىسا قانداق ھالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى  ئۈمىد غېنى ئويلاپمۇ باقمىغان.
پۈتۈن يەرشارى بويىچە كۆرەلەيدىغان ئىنتېرنىت تورىدا ئۈمىد غېنىنىڭ «ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماڭلار» دەپ سۆھبەت بايان قىلىشىنى ئۆزىنى كەمسىتىش، مىللى كەمسىتىش دېمەي تۇرالمايمىز.
يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا تەرەققىياتقا، ياخشى ئىشلارغا، ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرگە قارشى مۇقام توۋلايدىغان «شاپتۇل داموللام» دەپ بىر شەخسنى ئاڭلىغىنىم ئىدىم. يەنە «رەقىپلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار» دېگەن كىتابدا تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ مۇستەققىللىقىنى ئېتىراپ قىلغۇچىنى جۇڭگولۇقلار تىللايدۇ دەپ يېزىلغىنىنى ئوقۇغان ئىدىم.  
تاراتقۇلاردا گەپ قىلغان ئادەمنىڭ ئىدىيە-تەپەككۇرىغا جەمىيەتتىكىلەر باھا بىرىدۇ، ئوبرازى ياخشى-يامان تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ھەرگىزمۇ «يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى، جېنىمنىڭ راھىتى» دەپ  يۈرىۋەرگىلى بولمايدۇ.  
توغرا، ئۈمىد غېنى «ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماڭلار» دېگەن بىلەن، ئەمما ئۇيغۇرلار «ئىت ھۈرەر، كارۋان يۈرەر» دېگەندەك ئۇيغۇرچە كىتابنى ئوقۇۋېرىدۇ. ئۇيغۇرچە كىتاب نەشىر قىلىدىغان ھەرقايسى نەشرىياتلارمۇ ئۈمىد غېنىنىڭ ئاتالمىش «ئۈمىد پاراڭلىرى»دىكى سالاھىيىتىگە ماس كەلمەيدىغان ھەم  شەخسى ئوبرازىغا دىققەت قىلمايدىغان جۆيلۈمىلىرىگە پەرۋا قىلماي داۋاملىق ئۇيغۇرچە كىتابلارنى نەشىر قىلىۋېرىدۇ. كىتابخانىلارمۇ ئۇيغۇرچە كىتابلارنى سېتىۋېرىدۇ. شۇنداقتىمۇ، «بالا كەلسە قېرىنداشتىن» دېگەندەك، ئۈمىد غېنىنىڭ «ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماڭلار» دېگەن ئاتالمىش بىمەنە تەشەببۇسى ئۇيغۇرلارنىڭ، پۈتۈن جۇڭگو جەمىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئارزۇسىغا دۈشمەنلىك قىلغانلىق بولىدۇ. دېمىسىمۇ، يەھۇدىلاردەك، ياۋرۇپالىقلاردەك كىتاب ئوقۇمايدىغان ئۇيغۇرلارنى «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» قىلىپ، «كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال» دېگەندەك، يەنە «ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماسلىقى كېرەك» دەپ چاقىرىق قىلىشنىڭ، ئادەمنىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقىنىڭ يوقلىقىنى بىلمەيدىغان ئەسەبىيلىكنىڭ، قېنى قانداق قىلالايتىڭ دەيدىغان زوراۋانلىقنىڭ كەتمىنىنى چاپقانلىقتىن نېمە پەرقى بولسۇن–ھە! چۈنكى، كىتاب ئوقۇمىغانلار نادانلىقتا، قالاقلىقتا قالىدۇ.  شۇڭا، قانۇننى ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىپ كىتابخانىلاردا  تۈرى بويىچە تىزىلىپ تۇرغان قانۇن كىتابلىرىدىن ئۆگىنىپ، بىلىپ، قانۇنى ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، قانۇن بويىچە ياشاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كىتاب ئوقۇمىساق بولمايدۇ. توغرا-خاتانى، ياخشى-ياماننى بىلىش ئۈچۈنمۇ كىتاب ئوقۇمىساق بولمايدۇ.
  «ئۈمىد پاراڭلىرى»دا ئۈمىدسىز پاراڭلاردىن يەنە باركەنتۇق. لېكىن مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئوقۇغىلى كىتاب تاپالماي، «سۇ بويىدا» رومانىنى تاپالىغىنىم بويىچە كىيىنكى قىسىملىرىدىن باشلاپ ئوقۇپ ئاخىرىدا بىرىنچى قىسمىنى ئوقۇغان ئىدىم. ئەمما، ھازىر ئوقۇماقچى بولغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇپ بولالمايۋاتىمەن.  شۇڭا، مەن پەقەت «ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماسلىقى كېرەك» دېگەن مۇشۇ پاراڭدىلا توختالدىم. ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇمايدىغان، ئۇيغۇرچە كىتاب بازىرىغا قاراپمۇ قويمايدىغان ئۈمىد غېنى «ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماسلىقى كېرەك» دېگەن «ئاقساقاللىق»نى قىلماي، ئۆزىنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپى مۇھىتى بويىچە ئۇيغۇرلار بىلەن تىلىۋىزىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى، يەنى تىلىۋىزىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىگە، مەدەنىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسۈتۈشى كېرەك دېگەن مەسىلىدە سۆھبەت بايان قىلالىسا، قۇلاققا خوش ياققىدەك گەپ قىلالامدىكىن.   «ئۇيغۇر جەمىيىتى تەنقىت قىلىشتىن قورقماسلىقى كېرەك» دەپتىكەن، شۇڭا تەنقىتنى كۆتۈرەلەيدۇ دەپ مۇشۇنچىلىك تەنقىت قىلىپ قويدۇم. قىستۇرۇپ قۇيۇدىغىنىم، ئۈمىد غېنىنى ئۇيغۇرچە تىلىۋىزىيەنىڭ رىياسەتچىسى بولغاندىكىن، ئانا تىلىغا ھۆرمەت قىلىش جەھەتتە، ئۈرۈمچى خەلق رادىيۇ ئىستانسىدىكى ئەكبەر ئابدۇللادىن ئۆگىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ھازىرقى دەۋىردىكى ئادەمنىڭ مىڭ يىللار ئىلگىرى تۇغۇلۇپ ياشاپ ئۆتكەن كىشىلەر بىلەن ئۆزلىرىنى سېلىشتۇرىشى بىمەنىلىكتۇر. چۈنكى، ئىككى دەۋرنىڭ مائارىپ، تېخنىكا، تەرەققىياتىنى ھەرگىز ئوخشاتقىلى بولمايدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش