چوغدىل يوللىغان ۋاقتى 2015-11-17 18:23
سىلەر شۇلاردەك بولالمىغاچقا پاچاقچىلىق قىلىۋاتىسىلەر ...
بۇ يەردە، ‹‹ پاچاقچىلىق ››، ›› چاتاقچىلىق ›› ، قىلىۋاتقان ھېچكىم يوق. ‹‹ بىز ›› بار يەردە سەنمۇ بار [ بالامدەك كۆرۈپ، دوستۇمدەك كۆرۈپ سەنلەپ قويدۇم ] ، سەن بار يەردە بىزمۇ بار. بۇ سورۇن-ھەممىگە.
سەن دىيارىمىزدىكى نوقتىلىق ئالى مەكتەپنىڭ ئەڭ ياخشى كەسپىدە ئوقىۋېتىپسەن. بۇ ، بىرىنچىدىن:
ئائىلە يەنى، پەدەرلىرىڭنىڭ تەربىيىسىدىن بولسا، ئىككىنچىدىن، ئۆزۈڭنىڭ تىرىشچانلىقىڭدىندۇر.
سەن تاللىغان مۇشۇ كەسپنى چىن دىلىڭدىن چۈشەنسەڭ ۋە چىن دىلىڭدىن سۆيسەڭ، ‹‹ تارىخ ›› نەدىن ك كەلگەن، نەدىن كېلىدۇ ،نېمىشقا ئۈگىنىمەن، نېمىشقا تەتقىق قىلىمەن، ئۈگىنىشتىكى نىشان-مەقسىدىم
نېمە؟ دېگەنلەرنى ئويلاپ باقتىڭمۇ، [ قاچانىراق ئويلاپ باقتىڭ ؟ ]،بىز ئادەتتە، ەگەپ-سۆزلىرىمىز دە
كېكەچلەپ قالغاندا، تىل گادايلىقىمىز تۈپەيلىدىن، كونىلار مۇنداق دەپتىكەن، بوۋىلىرىمىز مۇنداق دەپتىكەن، چوڭلار مۇنداق دەپتىكەن، دەپ نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ، ‹‹ ئانا تىل خەزىنىمىز ››دىكى
دۇ ردانىلارنى سىتاتا كەلتۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق [ يەنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايمىز ]. بۇ نېمە ئۈچۈن؟بۇ سەندەك ئالى مەكتەپ قوينىدىكى ‹‹ تارىخچى ›› غا بەش قولدك ئاياندۇر. سەن ئوقىۋاتقان ھەم ئوقىماقچى بولىۋاتقان شۇ بىلىملەر نەدىن كەلگەندۇ ؟ بۇ لېكسىيە تېزىسلىرىنى ‹‹ تۇغما تالانتلىق بالىلار ›› -ئۆزۈڭلار تۈزگەنمۇ،يا ؟ مۇشۇ كۈنگىچە ئالغان بىلىمىڭنى 0 يېشىڭدىلا بىللە ئېلىپ چۈشكەنمۇ .يا؟ سەن كەلگۈسىدە 30-40 مېتىرلىق چىنار بولماقچىسەنغۇ، ئۇنداقتا، يىلتىزىڭ بارمۇ-يوق، بولسا- نەدە ؟
سېنى- سەن قىلغان ئاتاڭدۇر. [ئەلۋەتتە، قۇلاقتىن مۈڭگۈز ئېشپ كېتىشى ھەقلىقتۇر ] ، ئاتاڭنى -ئاتاڭ
قىلغان- ئۇلۇغ بوۋىلاردۇر. شۇنى بىلىش لازىمكى، ئادەملەر ئۆزىنىڭ بىر ‹‹ چولپان ›› بولۇپ قالغانلىقىنى سەزگەن كۈنى- دەل ئۇلارنىڭ پەسكە قاراپ ‹‹ شۇڭغىغان›› كۈنىدۇر. ھېلىقى ‹‹ ئىككى چولپان ›› تۆنۈگۈن، ئۈلۈشكۈنلا راستىن چولپانلارغا ئوخشاۋىراق كېتەتتى. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، ئۇلار ئۆزلىرىمۇ مەڭدەپ قالدى. چۈنكى، ئەمدى دەيدىغان يېڭىلىقلىرى قالمىغاندەك، ھە ، دېسىلا ،ھەر يەر-ھەر يەردە كۆرەڭلىك ،كىبىرلىك، مەنمەنچىلىق، ئالىجوقىلىق، ساراڭلىق ، بىئەدەبلىك، ئۆكتەملىك ھەتتا بەكمۇ
نومۇسسىزلىق بەشىرىسىدە ‹‹ نامايان ›› بولىۋاتىدۇ، بۇ ھەرگىىزمۇ ئۇلارنى كۆرەلمگەنلىك ئەمەس،
ئۇلارنىڭ يەۋاتقان ئاپپاق نېنىنىى ، ھامبۇرگ بولكىسىنى ھېچكىم تالاشقېنى يوق، ھەممە ئادەمنىڭ
ماددى، مەنىۋى رېسقىسى باردۇر. قىسقىسى، مەيلى يورۇق بولسۇن، قاراڭغۇ بولسۇن، ئوتمۈشىمىز،
شۇ ئوتمۈشتە يارىتىلغان تارىخىمىز، ئەنئەنىلىرىمىز بىزگە مەڭگۈلۈك ساۋاقتۇر.[ سەن ئېلىۋاتقان ھەم ئالماقچى بولىۋاتقان ساۋاقمۇ شۇ ]. بۇنىڭغا تىل تەككۈزگەنلەرنىڭ تىلى كۆيىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ -ھەرگىزمۇ ھەر ساھەنىڭ ئىسلاھاتىغا ، ‹‹ ئىنقىلابىي ›› غا مۇخالىپ كەلمەيدۇ. ئالەمنىڭ ئوقى ئۆز يولىدا ئايلىنىۋېرىدۇ، [ ۋەزخانلىق قىلىپ كەتكېنىگە رەنجىمىگەيسەن ! ]