ئىگىسى: Bilikyar

مەشھۇرلارغا «تاش ئېتىش»مەشھۇر بولۇش ئۈچۈنمۇ ياكى...؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-19 15:56:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەقسەت يوللىغان ۋاقتى  2015-11-19 14:55
ئۈمىد غېنىنىڭ تور دۇنياسىدا تەنقىتكە ئۇچرىغان «ئۈمىد  ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم، مەقسەت ئەپەندىم،
بۇ ئوبزۇرىڭىزغا تەشەككۈر. بۇ مۇھاكىمە ئەمدىلەتىن ئىزىغا چۈشىۋاتقاندەك بىلىنىۋاتىدۇ.ئەسلى ئىلمىي مۇھاكىمە دېگەن  شۇنداق ئىلمىي بولىشى كېرەكدە.بۇ مۇھاكىمىڭىزگە داخىل بولغىنىمىز سۆيۈندۈم.تېخىمۇ نادىر ئىسىل ئەقىل دۇردانىلىرىڭىزدىن بەھرىمان بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز.
بارلىق مۇھاكىمىداشلارغا تەكلىپ، بىرى،مۈمكىن بولسا مۇھاكىمىنى باشقا غەريى ئىلم -پەن مەسىلىرىدىن مۇستەسنا ھالدا ئىلىپ بارسا تېخىمۇ ياخشى بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن. ئىككىنچىسى مۇھاكىمە چوقۇم ئىناق دوستانە ئىلىمى ئەدەپ يوسۇنلۇق چىرايلىق سىلىق سىپايە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك دەپ قارايمەن.تەنقىد قانداقتۇر بىرەر ئادەمنى ئەمەس ئۇلارنىڭ ئىدىيەسى پوزىتسىيەسىنى تۇتقا قىلىپ شەخسىيىتىگە تەگمەي چىرايلىق سىپايىلىك بىلەن ئېلىپ بىرىلسا دېگەن ئۈمىدتە مەن.

ۋاقتى: 2015-11-19 18:34:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمىد غېنى ئاتالمىش «ئۈمىد پاراڭلىرى»دا ، پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيىتى 2015-يىلنى كىتاب ئوقۇش يىلى دەپ بېكىتكەندە، «يۇرتۇق ئىشتاندىن پورداق چىققاندەك» پۈتۈن ئۇيغۇرلار يىلدا چىقىۋاتقان  ئىككى مىڭ كىتابنى ئوقۇماسلىقى كېرەك،  دېدى.
____________________
ئۈمىد غەنى ئەپەندى دەرۋەقە شۇنداق ئېيتقان، لېكىن بۇنىمۇ قوشۇپ قويغان:«ئۇيغۇرلار يازغان كىتاپتا تەپەككۈر يوق، ئۇلارنىڭ كىتاۋىنى بىر نەچچە يىل ئوقۇمىساق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى تەپەككۈر قىلىدىغان بولىدۇ».
ئوبزور، تەنقىت ماقالىلىرىنى يازغاندا تەنقىت ئوبېكتىنىڭ سۆز ئورانىنى تولۇق ئېلىش كېرەك. يېرىم-يارتا نەقىل ئېلىپ تەنقىت قىلغاندا خاتالىشىش كېلىپ چىقىدۇ. مەسلەن، بۈيۈك مۇقەددەس كىتاپلاردىن سۈرە-ئايەتلەرنىڭ جۈملىلىرىنى يېرىم-يارتا كېسىپ ئېلىپ ئۇنى مەلۇم شەيئىي ۋە ھادىسىلەرگە تەدبىقلىغاندا مۇقەددەس كىتاپنىڭ ھېكمىتىنىڭ تەڭپۇڭلىقى (ئوتتۇرا يولى)بۇزۇلۇپ كېتىدۇ-دە، بىر بولسا مۇسبەت، يەنە بىر بولسا مەنپى نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ. دىندىن پايدىلىنىپ خاتا ئىش قىلىدىغانلار كۆپۈنچە دىننى مەنپى تەدبىق قىلىدۇ. بىز مەلۇم بىر شەيئىينىڭ ھەقىقىتىنى يورىتىمىز دەيمىز. لېكىن مۇقەددەس مېتافىزىكىلىق ھەقىقەتلەردىن باشقا ھەقىقەتلەرنىڭ ھەممىسى نىسپىيلىككە ئىگە. بىز ھەقىقەتكە ئېرىشتۇق دەۋاتقان ۋاقتىمىزدا پەقەت ئۇنىڭ مەلۇم بىر ماكان ۋە زاماندا ئىپادىلەنگەن مەلۇم بىر قىسمىغىلا ئېرىشكەن بولىمىز.
مەن ئۈمىد غەنىنىڭ ئۇ گەپلىرىدە ئالدىراڭغۇلۇق ساقلانغان، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى خېلىلا يېتەرسىز، رادىكال تۈس ئالغان دەپ قارايمەن. لېكىن مەزكۇر گەپنى پۈتۈنلەي خاتاغا  چىقارمايمەن. كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان بىر ھەيدەكچىلىكمۇ بار ئۇنىڭ سۆزلىرىدە.
ئۈمىد غەنى كىتاپ دېگەندە يالغۇز ئەدەبىي كىتاپلارنىلا نەزەردە تۇتمايدۇ. لېكىن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىدىغان يازغۇچىلار ئەدەبىياتنى نەزەردە تۇتىدۇ. ئۈمىد غەنى مەزكۇر پاراڭنى سېلىشتىن بۇرۇن ياش مۇتەپەككۈر يازغۇچى ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى قاتارلىقلار ئاللىقاچان ئۇيغۇر ئەدەبىي كىتاپلىرىدىكى تەپەككۈر نامراتلىقى، كىتاپلارنىڭ ئەخلەتلىشىشى، كىتاپ قۇراقۋازلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا بىر قېتىملىق مۇھاكىمە قىسقا دولقۇنىنى ياڭراتقانىدى. ئۈمىد غەنى شۇ مۇھاكىمىلەر دولقۇنىدىكى بىر تەركىپ، خالاس! لېكىن، ئۈمىد غەنى گەپنى ئاشۇرىۋەتكەن... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.جۇلا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-19 19:02  


ۋاقتى: 2015-11-19 18:59:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2015-يىلىدىكى كىتاپ نەشرىيات ئەھۋالىدىن سۆيۈنۈشكە بولىدۇ. بەلكى، بىر يىل ئالدىغان سۈرۈپ 2014-يىلىدىن بۇيانقى كىتاپ نەشىر قىلىش ئەھۋالىدىن ھەقىقەتەن سۆيۈنۈشكە تېگىشلىك. كىتاپخانىلارنىڭ تەكچىلىرىگە پەلسەپە، دۇنياۋىي شەخسلەر تونۇشتۇرۇلغان بەزى كىتاپلار ۋە دۇنياۋىي نادىر رومانلاردىن بىر قىسىم ئەسەرلەر چىقتى. ئۇيغۇرلاردا مەلۇم دەرىجىدە پەلسەپە ۋە نەزەرىيەلىك كىتاپلارغا مايىللىشىش قىزغىنلىقى كۆرۈلدى. بۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال. ئەمما خەنزۇچە نەشر قىلىنىۋاتقان كىتاپ دېڭىزىغا نىسبەتەن ئۇيغۇرچە كىتاپلارنىڭ سانى دەرۋەقە سېلىشتۇرغۇسىز ئاز. شۇنداقتىمۇ تەرجىمە قىلىنىۋاتقان كىتاپلارنىڭ ۋەكىللىكلىرى بەزى بوشلۇقلارنى تولدۇرالايدۇ، دەپ قارايمەن. ئۇيغۇرلار نەشر قىلىنغان ئاشۇ ياخشى كىتاپلارنى بايقاپ ئوقۇسا بىر ئىككى يىلدىكى كىتاپ ئوقۇش تەشنالىقىنى تولدۇرالايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.جۇلا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-19 19:00  


ۋاقتى: 2015-11-19 19:23:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم، مەقسەت ئەپەندىم،
بۇ ئوبزۇرىڭىزغا تەشەككۈر. بۇ مۇھاكىمە ئەمدىلەتىن ئىزىغا چۈشىۋاتقاندەك بىلىنىۋاتىدۇ.ئەسلى ئىلمىي مۇھاكىمە دېگەن  شۇنداق ئىلمىي بولىشى كېرەكدە.بۇ مۇھاكىمىڭىزگە داخىل بولغىنىمىز سۆيۈندۈم.تېخىمۇ نادىر ئىسىل ئەقىل دۇردانىلىرىڭىزدىن بەھرىمان بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز.
بارلىق مۇھاكىمىداشلارغا تەكلىپ، بىرى،مۈمكىن بولسا مۇھاكىمىنى باشقا غەريى ئىلم -پەن مەسىلىرىدىن مۇستەسنا ھالدا ئىلىپ بارسا تېخىمۇ ياخشى بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن. ئىككىنچىسى مۇھاكىمە چوقۇم ئىناق دوستانە ئىلىمى ئەدەپ يوسۇنلۇق چىرايلىق سىلىق سىپايە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك دەپ قارايمەن.تەنقىد قانداقتۇر بىرەر ئادەمنى ئەمەس ئۇلارنىڭ ئىدىيەسى پوزىتسىيەسىنى تۇتقا قىلىپ شەخسىيىتىگە تەگمەي چىرايلىق سىپايىلىك بىلەن ئېلىپ بىرىلسا دېگەن ئۈمىدتە مەن.
__________________________________
گېپىڭىز ئورۇنلۇق! تەنقىتچى تەنقىت قىلغاندا پاكىتلارنى تولۇق تەھلىل قىلماي يېرىم يارتا ئابزاسۋازلىق قىلسا، سوبېكتىۋ پەرىزىنى پاكىتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ چولتا تەھلىللىرى بىلەن تەنقىت قىلىنغۇچىنى قارىلىسا بۇ تەنقىت قىلىنغۇچى ۋە ساغلام جەمئىيەتنى ناھايىتى بىئارام قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىدە تاقەت قىلغۇسىز نەپرەت ئويغۇتىدۇ. يەنە كېلىپ، زىيالىي دەرىجىسىدىكى تەنقىت قىلغۇچى ئادەتتىكى تورمەنلەرنىڭ ساداسىغا قارا-قويۇق ئەگەشمەسلىكى كېرەك. كۆپ سانلىق كىشىنىڭ پىكرى ھەمىشە توغرا بولىۋەرمەيدۇ، بەلكى كېسەللىكلىرى كۆپ بىر ئاجىز جەمئىيەتتە كۆپ سانلىق ھەمىشە كوللېكتىپ ئېزىش پاتقىقىغا پېتىپ تۇرىدۇ. بۇنداق چاغدا زىيالىيلار ئۆزىنىڭ يۇقۇرى بىلىمى ۋە كەڭ نەزىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ نىسبەتەن توغرا پىكىرنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.
بۇ ماقالىدە يۇقارقىدەك كەمچىلىكلەر بولغانلىقى ئۈچۈن پېقىر ئارىلىشىپ قالغانىدى...

ۋاقتى: 2015-11-19 20:40:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلاردا يەنە گومىنداڭ دەۋىردىمۇ كىتاب كۆيدۈرۈلگەن!
« شىنجاڭ تارىخى ماتىرياللىرى»دا كۆرىشىمچە گومىنداڭ دەۋىردە قەشقەر شەھرىدە كۆيدۈرۈلگەن كىتابنىڭ يالقۇنى، قەشقەر توققۇز بۇلاق(توققۇزاق)دا كۆرۈنگەن ئىكەن.
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ قىستۇرۇپ قويدۇم.

ۋاقتى: 2015-11-22 19:30:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ قارىم ئاتيىتىن تىزىملىتىپ  ئەنۋەرجۇلاغا ھەيۋە قىپ قويغىلى كىرىپتۇ دە  بىچچارە

ۋاقتى: 2015-11-23 10:45:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمىد غېنى ئاتالمىش «ئۈمىد پاراڭلىرى»دا ، پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيىتى 2015-يىلنى كىتاب ئوقۇش يىلى دەپ بېكىتكەندە، «يۇرتۇق ئىشتاندىن پورداق چىققاندەك» پۈتۈن ئۇيغۇرلار يىلدا چىقىۋاتقان  ئىككى مىڭ كىتابنى ئوقۇماسلىقى كېرەك،  دېدى.
____________________
ئۈمىد غەنى ئەپەندى دەرۋەقە شۇنداق ئېيتقان، لېكىن بۇنىمۇ قوشۇپ قويغان:«ئۇيغۇرلار يازغان كىتاپتا تەپەككۈر يوق، ئۇلارنىڭ كىتاۋىنى بىر نەچچە يىل ئوقۇمىساق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى تەپەككۈر قىلىدىغان بولىدۇ».
ئۇيغۇرلار يازغان كىتابنى ئوقۇماي تۇرىۋېلىپ، ئاندىن ئۇيغۇرلارنى تەپەككۇرغا باشلاش «پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلاش»تۇر. خاتا گەپ قىلغان ئادەمنى قوللاش توغرا-خاتالىق، پايدا-زىيان ئېڭىدا مەسىلە بار ئادەملەرنىڭ ئىدىيە-چۈشەنچىسىنىڭ ئالامىتىدۇر.

ۋاقتى: 2015-11-23 18:47:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بىر ھىساپتا ئەشۇ ئىككەيلەنگە رەھمەت ئېيتىش كېرەكمىكىن دەيمەن.چۈنكى ئۇلار ھالىغا باقماي ئىش قىلىپ كىلاسسىك ئالىملار ۋە كىلاسسىك ئىلىملەرنى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسىدە پاراڭ قىلمىغان بولسا بىلىكيار ئەپەندىممۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇنچىۋالا كايىپ بۇنداق بىر كەسكىن تەنقىدى ئىلمىي ماقالەنى يېزىپ ئولتۇرمىغان ،بىزمۇ بۇنچىۋالا  قىممەتلىك بىلىم ۋە  بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك نەرسىلەرنى بىلىۋالالمىغان بولاتتۇق . ئەمما تەنقىدلەر  ھەقىقەتەن قەتئىي ۋە كەسكىن بولۇپتۇ. بۇنىڭمۇ بەلكىم ئەجدادىغا مۇش ئاتىدىغان، كىلاسسىك ئىلىملەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن تەربىيە بولۇپ قىلىشى مۈمكىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارىپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-23 18:49  


ۋاقتى: 2015-11-23 23:09:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتادغۇبىلىكنى تېخىمۇ ياخشى ئوقۇپ چۈشىنىش ئۈچۈن چوقۇم قۇتادغۇبىلىكتىكى لائىكلىق چۈشەنچىسىنى ئەڭ سىستېمىلق ئوتتۇرىغا قويغان مونتىسكيۇ بىلەن قوشۇپ ئوقۇسا تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ. بولمىسا شۇ ئوقىغىنىڭىز شېئىرىي پاساھەتتىن باشقا نەرسە بولماي قالىدۇ.

جۇلا ئەپەندىنىڭ  مەخسەت مۇددىئاسىنى  يوقارقى قۇرلاردىن چۈشۈنۈۋالماق تەس ئەمەسكەن، غەرىبنىڭ بۇ ‹‹كاتتا مونتىسكيۇ››سىنى ئۆزىمىزنىڭ ئولۇق ئەجداتلىرىمىزدىنمۇ ئۈستۈن قويۇشنىڭ  ‹‹ پايدىسى بار››كەندە... ‹‹ قوشۇپ ئوقۇمىسا، چۈشەنگىلى بولماس›› مىش !!

ۋاقتى: 2015-11-25 18:00:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئېينىشتىنغا ئوخشىمايمەن، ئېينىشتىيىن ماڭا ئوخشايدىكەن؛ بىردەم يۇسۇف خاس ھاجىپ ئۇلۇغمۇ مەنمۇ... __ مۇشۇ گەپنى راسلا ئەلى قۇربان دېگەن بولسا بىر ئىچىنىشلىق ئىش بولۇپتۇ.  «مېنىڭ پىسخىكا  مەسلىھەتچىم » دېگەن DVDنى ئاڭلاپ بۇ تونۇلغان ياش پىسخىككە ھورمىتىم ئىشىپ سۆيۈنگەن ئىدىم. شۇڭلاشقا مۇشۇنداق مەنتىقىسىز  گەپلەرنى ئاشۇنداق بىر سەۋىيەلىك پىسىخىك مۇئەلىمنى دېدى دېسە، ھېچبىر ئەقلىمغا سىغمايۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ بىر «كاللا ئۈكلەپ قۇلاق يەپتۇ، پاچاق ئۈكلەپ تۈياق.» دېگەندەكلا  گەپ بولدىغۇ بۇ؟

ۋاقتى: 2015-11-25 18:26:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتادغۇبىلىكنى تېخىمۇ ياخشى ئوقۇپ چۈشىنىش ئۈچۈن چوقۇم قۇتادغۇبىلىكتىكى لائىكلىق چۈشەنچىسىنى ئەڭ سىستېمىلق ئوتتۇرىغا قويغان مونتىسكيۇ بىلەن قوشۇپ ئوقۇسا تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ. بولمىسا شۇ ئوقىغىنىڭىز شېئىرىي پاساھەتتىن باشقا نەرسە بولماي قالىدۇ.

جۇلا ئەپەندىنىڭ  مەخسەت مۇددىئاسىنى  يوقارقى قۇرلاردىن چۈشۈنۈۋالماق تەس ئەمەسكەن، غەرىبنىڭ بۇ ‹‹كاتتا مونتىسكيۇ››سىنى ئۆزىمىزنىڭ ئولۇق ئەجداتلىرىمىزدىنمۇ ئۈستۈن قويۇشنىڭ  ‹‹ پايدىسى بار››كەندە... ‹‹ قوشۇپ ئوقۇمىسا، چۈشەنگىلى بولماس›› مىش !!
_______________
مېنىڭ گېپىمدە سىز چۈشىنىۋالغاندەك سېلىشتۇرۇش مەۋجۇت بولغان ئەمەس. مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسلارنى ئوبدانراق ئوقۇپ بېقىڭ.
دېدىرو، مونتىسكيۇ قاتارلىق غەرپ مۇتەپپەككۈرلىرى بىرسى ئىلىم-پەن قامۇسچىلىق زور تۆھپىسى بىلەن يەنە بىرسى ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىشتەك ھازىرقى زامان تۈزۈلمىسىگە ئاساس سالغان ناھايىتى سىستېمىلىق نەزەرىيەنى ياراتقان. ئەمەلىيەتتە، ھاكىمىيەتنى دىندىن ئايرىۋېتىش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتەك ئىلغار لائىكلىق چۈشەنچىسىنى مونتۇسكيۇدىن نەچچە ھەسسە بۇرۇنلا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوتتۇرىغا قويغان، دەپ بۈيۈكلىرىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مەقسىدىدە گەپ قىلىۋاتىمەن. گەپ شۇنداق ئېنىق تۇرسا ئابزاسنى پارچىلاپ ئەكىلىپلا گەپنى بۇرمىلاشقا ئالدىراپ كېتىپسىز.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەنە شۇنداق بۈيۈك ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان مۇتەپپەككۈر. لېكىن ئۇنىڭ كاتتا ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ مېغىزىنى چاقىدىغانلار، نازۇك مەنىلىرىگە يېتىدىغانلار ئىنتايىن ئاز ساندىكى تەتقىقاتچىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى بىر ئەمەلىيەت. ئۇ بىر مەھەل شاھلارنىڭ خاس كۈتۈپخانىلىرىدىن، مەۋلىۋى كامىللارنىڭ دىۋانلىرىدىن ئورۇن ئالغان بولسىمۇ ئەمما ئاۋامغا كەڭ تارقالمىغان. ھەتتا پۈتۈنلەي غايىپ بولۇپ كېتىشكە تاسمۇ قالغان. پەقەت ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۈركىيەلىك يىغىپ ساقلىغۇچىلار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇپ قېلىنغان.
ئەمدى، سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە دېدېرو، مونتۇسكيۇلار ئوينىغان رولنى ھېچكىم ئوينىيالىغان ئەمەس. بىز 18-ئەسىردىكى بۈيۈك فىرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ دۇنيا ئەندىزىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېنىق بىلىمىز. ھازىرقى ئىلغار جەمئىيەت تۈزۈلمىلىرى پەقەت ئەشۇ ئىنقىلاپنىڭ  مېۋىلىرى. بۇ مېۋىنىڭ ئۇرۇقىنى دېدېرو، مونتىسكيۇ قاتارلىق بۈيۈك پەيلاسوپ-ئالىملار كۆمگەن.

ۋاقتى: 2015-11-25 21:09:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمىد يوللىغان ۋاقتى  2015-11-25 18:00
مەن ئېينىشتىنغا ئوخشىمايمەن، ئېينىشتىيىن ماڭا ئوخشاي ...


سىز ئەلىنىڭ «ئىستىقبال سەھنىسى'“ ۋە  مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدا سۆزلىگەن(پۇللۇق)لىكسىيەلىرىنى كۆرسىڭىز ئۇنىڭ بۇ  ھاكاۋۋۇر، كېبىر ،كەمسىتىش پوزىتسىيەسىدە قىلغان  بىمەنە گەپلىرى،ئۇلۇغلارغا ،مەشھۇرلارغا« تاش ئاتىدىغان» «ئۆزلۈك مەپتۇنلۇقى» نى ۋە«مەشھۇرلۇق چۈشى»نى قانچىلىك  شىرىن كۆرۈۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ پەقەت ئۆزىنىلا مەركەز قىلىدىغان ئۆزلۈكنىڭ مەنىۋىي قاماللىقى ۋە روھىي كىشىنىدىن قۇتۇلالمايدىغان ، شەخشىيەتچىلىك ئېڭى نەقەدەر كۈچلىك ،پۇلپەرەس كىشى ئىكەنلىكىنى،كاللىسىدا شەخسىيەتچىل ئۆزلۈك مەپكۇرىسى ئۈستىنلىكىنى ئىگەللىگەن ۋە ھۆكۈمىران ئورۇندا تۇرىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ پۇلغىلار  «ئېتىقاد»قىلىدىغانلىقى ،پۇل بەرسىلا ھەرقانداق گەپ ۋە ئىشنى قىلىدىغانلىقىنى ھىس قىلالايسىز(بۇنى ئۇ ئۆز نۇتقىدا  :ماڭا پۇل بەرگەنلىكى ئۈچۈنلا بۇ لىكسىيەنى سۆزلىگىلى كەلدىم دەپ ئېيتقان،بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن نومۇس قىلىپ كەتكەنىدىم. ناۋادا ئەقلى ۋە ۋىجدانى بولسا ،پۈتكۈل خەلقىمىز تەشۋىق تەرىيە ئارقىلىق تەربىيەلەپ ۋە يىتەكلەپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىپ ئىلغارلىق ۋە زامانىۋىيلىققا ،ئىناق ئىلمىي ھالقىما تەرەققىياتقا يىتەكلەش ،ياشلارنى ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش يېڭىلىق يارىتىشقا، ياراملىق ئىقتىساسلىقلاردىن بولۇپ يىتىشىپ چىقىشقا ئۈندەش نەقەدەر زۆرۈر بولىۋاتقان مۇشۇ دەقىدىمۇ ،پۇل ئۈچۈن سۆزلەۋاتقان بولسىمۇ ،ئۇنداق دېمەي چىراقراق بىرەر گەپ دېسە ئىدى،بۇنىڭ ئىجابىي ئۈنىمى ئۇنىڭ ئەسلى ئالا جوقا نۇتقىنىڭكىدىن يۇۇقىرى،تارقىتىدىغان ئىجابىي ئېنېنرگىيە ۋە ئاكتىپ روھىي ھالەت ئەسلىدىكىدىنمۇ يۇقۇرى بولغان بولاتتى ھە). بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Xakile تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-25 22:10  


باھا سۆز

مەنمۇ ئۇنىڭ سەپسەتە سىتىش ،لېكسىيە ھايانكەشلىكىدىن بىزار .  ۋاقتى: 2015-11-26 12:43 PM
ۋاقتى: 2015-11-26 19:27:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي توۋا مۇنداق دەڭ،  ئەلىنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدا سۆزلىگەن لىكسىيەلىرىنى  ئاڭلىماپتىكەنمەن، «مېنىڭ پىسخىكا  مەسلىھەتچىم » دېگەن DVDنى ئاڭلاپ  ئەلىگە يۇقۇرى باھا بەرگەنتىم، مۇنداق بىمەنە گەپلەرنى قىلىپ يۈرگەن بولسا پىسخىكا مەسلىھەتچىسى  بولۇش سالاھىتى يوقكەن. مۇشۇنداق كىتىۋەرسە مەشھۇرلارغا ئاتقان تاش قاڭقىپ كىلىپ ئۆزىگە تىگەرمىكىن.

ۋاقتى: 2015-11-26 22:17:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    ئەمدى، سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە دېدېرو، مونتۇسكيۇلار ئوينىغان رولنى ھېچكىم ئوينىيالىغان ئەمەس.

ۋاھ... جۇلا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە تارىختىن بۇيان ماۋۇ ‹‹دېدېرو،مونتۇسكيۇ››دەك ‹‹قۇتقازغۇچى ئەۋلىيا›› لارنىڭ رولىنى ھېچكىم!!!؟؟؟ ئوينىيالماپتىكەن-دە! نىمانچا كەسكىن ‹‹ ئولۇغۋار› ھوكۇم-بۇ؟!
ھەيرانمەن، غەرىبنىڭ ‹‹دېدېرو،مونتۇسكيۇ››... لىرى نىمانچە جەلىبكاردۇ- ھە؟

ۋاقتى: 2015-11-26 22:22:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش