ئىگىسى: Bilikyar

مەشھۇرلارغا «تاش ئېتىش»مەشھۇر بولۇش ئۈچۈنمۇ ياكى...؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-27 01:08:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلار يازغان كىتابنى ئوقۇماي تۇرىۋېلىپ، ئاندىن ئۇيغۇرلارنى تەپەككۇرغا باشلاش «پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلاش»تۇر. خاتا گەپ قىلغان ئادەمنى قوللاش توغرا-خاتالىق، پايدا-زىيان ئېڭىدا مەسىلە بار ئادەملەرنىڭ ئىدىيە-چۈشەنچىسىنىڭ ئالامىتىدۇر.
‏-----------
‏مېنىڭ ئىدىيە قارىشىمدا نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. يەنى، ئۈزۈكسىز چىقىرىپ تاشلىغىلى بولىدىغان، ئۈزۈكسىز ياخشىلىغىلى بولىدىغان كەمچىلىك ۋە خاتالىقلار بار. مەن شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزۈكسىز ئىزدىنىمەن. بۇ تا قىيامەتكىچە شۇنداق بولىدۇ. پەقەت خۇدانىڭ رولىنى ئالىدىغان كىشىلەردىلا «مەسىلە بولمايدۇ».
‏   بۇ يەردە مۇنداق بىر گەپ ئېنىق بولۇپ كەتسۇن. يۇقۇرىدا مەن مەندە ئۈزۈكسىز چىقىرىپ تاشلىغىلى، ئۈزۈكسىز ياخشىلىقى بولىدىغان مەسىلە بارلىقىنى ئېيتتىم. مەن ئۈمىد غەنىنى قوللىدىممۇ؟
‏ھەئە.
‏قانچىلىك قوللىدىم؟
‏قىسمەن.
‏ئۇنىڭغا ھەم تەنقىدىي پوزېتسىيەدىمۇ قارايدىغانلىقىمنى ئېيتىممۇ؟
‏ھەئە...ئۇنىڭ ئاشۇرىۋەتكەنلىكىنى، بەزى مەنتىقىلىق خاتالىقنى ئۆتكۈزگەنلىگىنى ئېيتتىم.
‏ئەمما، ماۋۇ مەقسەت«خۇدا» ماڭا قانداق قالپاق پىچتى؟
   ‏بۇ ئۇلۇق «خۇدا» بېشىمغا خوپ كەلمەيدىغان مۇتلەقلەشتۈرۈش قالپىقى پىچتى.    بۇنداق ئۇلۇق «خۇدا»لار ئۆز «ھەقىقىتى»دە چىڭ تۇرۇشتا ھەقىقىي خۇدادىنمۇ ئەبەدىيلىك تالىشىدىغان بولۇپ، چىقىرىۋەتكۈدەك بىرمۇ خاتالىقى، يەنە ياخشىلىقى بولغۇدەك يېتەرسىزلىكى بولمىغانلىقى ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىشكە، كۆپ تەرەپلىمە تەپەككۈر قىلىشقا ھاجەتمەن بولغان ئەمەس. بۇلار پەقەت تارغىنە قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر پارچە بوشلۇقنىلا ئاسمان دەيدىغان پاقا «خۇدا»دۇر. كىمدب-كىم:
‏   - ئاسمان سەن كۆرگەن ئۇ كىچىككىنە بوشلۇق ئەمەس، ئۇ ناھايىتى بىپايان دېسە، بۇ پاقا «خۇدا» مەڭگۈ ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەپ بىر خىللا كوركىراپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

ۋاقتى: 2015-11-27 01:11:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇربۇن يوللىغان ۋاقتى  2015-11-26 22:17
ئەمدى، سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە دېدېرو، مونتۇسكيۇل ...

شۇنداق!

ۋاقتى: 2015-11-27 01:43:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2015-11-27 01:08
ئۇيغۇرلار يازغان كىتابنى ئوقۇماي تۇرىۋېلىپ، ئاندىن ئۇ ...

بەزىلەرنىڭ يارىتلىپ قېلىشىدا بەلكىم تەپەككۇر قىلىپ تۇرىدىغان ئادەملارنى زېرىكىپ قالمىسىۇن. تەپەككۇر قىلىپ چارچىغاندا ئۇلارنىڭ ئەخمەقلەرچە ھەركىتىگە، كۆدەكلەرچە گەپلىرىگە قاراپ كۆڭلىنى ئاز تولا خۇش قىلىپ نېرىۋېسىنى ئارام ئالدۇرسۇن دېگەن مەقسەتمۇ بولۇشى مۇمكىن.
بۇنداق تەپەككۇر قىلىپ تۇردىغانلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىشى ئۈچۈن يارىلىپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى باشقىلارنىڭ سۆزىگە ئالدىراپ ھۆكۈم پىچىش بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىگە تەسەللىي تاپماقچى ، دۆتلۈكىدىن كېلىپ چىققان ساددا ئېھتىياجىنى قاندۇرماقچى بولىدۇ.  ئۇلارچە دۇنيا شۇقەدەر ئاددىي بولۇپ ھەقىقەت مەڭگۈ ئۆزلىرى چۈشىنەلەيدىغان تەرەپتە. ئاقىللار ئۈچۈن بولسا ھەقىقەت مەڭگۈ ئالدى تەرەپتە. بىلىنمىگەن يەرلەردە.
شۇڭا مەنچە ئۇيۇنچۇقلار بىلەن پىكىرلىشىمەن، ئۇلار بىلەن پەلسەپە ھەققىدە پىكرىلىشىپ ئۇسسىغان يېرىمگە بارغۇدەك مۇنازىرلىشىمەن دېيىش ئاخماقلىششنى كەتۈرۈپ چىقىرامدىكىن دەيمەن. چۈنكى سۇنۇقتىن باشقا ھەممىسى يوقىدۇ ئەمەسمۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ پىكرىلىرىگە قاراپ ئۆزىڭىزنى دەڭسىگەچ، ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزلىرىدىن ھۇزۇرلانسىڭىزمۇ ئاجايىپ ھۇزۇر بېرىدۇ كىشىگە.

ۋاقتى: 2015-11-27 11:12:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2015-11-27 01:08
ئۇيغۇرلار يازغان كىتابنى ئوقۇماي تۇرىۋېلىپ، ئاندىن ئۇ ...

   ئەنۋەر جۇلا ئەپەندى: «كەنجى كېۋەزنىڭ غوزىسى يوق، تولا گەپنىڭ مەززىسى». سىز بۇ ئۆمرىڭىزدە تەرجىمانلىقتىن ئېشىپ كېتەلمەيسىز، شۇڭا سىزگە يەنىلا تەرجىمانلىق يارىشىدۇ. باشقا ئىش قولىڭىزدىن كەلگەن بولسا بۇ چاغقا......

ۋاقتى: 2015-11-27 11:28:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tvnyukuk يوللىغان ۋاقتى  2015-11-27 01:43
بەزىلەرنىڭ يارىتلىپ قېلىشىدا بەلكىم تەپەككۇر قىلىپ ت ...

     «كۈن ئۆرلىسە سايەڭ قىسقىرار، يىل ئۆرۈلسە ئۆمرۈڭ» دېگەن گەپ بار ئابدۇنىياز قېرىندىشىم. مىڭ ئېغىز قۇرۇق سەپسەتىدىن بىر قېتىملىق ھەرىكەت ئەلا. بىزگە تۈمەن مىڭ يازغۇچى، شائىر ئەمەس، كولۇمبىيە يازغۇچىسى گارسىيە ماركوستەك، قىزغىز يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوفتەك ياكى قازاق شائىرى ئاباي قۇنانبايدەك، روس شائىرى پوشكىندەك، ئەرەپ شائىرى ئەدىنۇستەك، سىمۇۋۇل خارەكتىرلىك بىرلا يازغۇچى ياكى شائىر لازىم بولىۋاتىدۇ. سىز ياش ھەم بىلىملىكلەنسىز، نۇرغۇن يېڭى ئېقىملارنى بىلىپ، ئىگەللەپ، بىزدىكى ئاجىزلىقلارنى بىلىپ يېتىپسىز. ئەمدىكى ئۈمىدىمىز، كۆزىمىز سىزدە قالدى، مەرھەمەت.

ۋاقتى: 2015-11-27 11:41:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر جۇلا ئەپەندى: «كەنجى كېۋەزنىڭ غوزىسى يوق، تولا گەپنىڭ مەززىسى». سىز بۇ ئۆمرىڭىزدە تەرجىمانلىقتىن ئېشىپ كېتەلمەيسىز، شۇڭا سىزگە يەنىلا تەرجىمانلىق يارىشىدۇ. باشقا ئىش قولىڭىزدىن كەلگەن بولسا بۇ چاغقا......
____________________________________
رەھمەت! ماڭا تەرجىمانلىق ياراشتى ھەم داۋاملىق يارىشىدۇ. سىزنىڭ ئاۋۇ پوق قورسىقىڭىزغا مايكىمۇ ياراشماپتۇ.

ۋاقتى: 2015-11-27 12:07:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2015-11-27 11:41
ئەنۋەر جۇلا ئەپەندى: «كەنجى كېۋەزنىڭ غوزىسى يوق، تولا  ...

     بىر ئائىلىنى قولىغا ئېلىپ ئىككى بالىغا دادا بولغان، جەمئىيەتتە خېلى ئىناۋىتى بار بولغان سىزدەك زىيالىغا ئادەم تىللاش ياراشمايدىكەن. سىز تىللاڭ، مەن يەنىلا دوستانە ھالدا قولىڭىزنى سىقاي!

ۋاقتى: 2015-11-27 12:19:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تەرەپ-تەرەپتىن ياپتا گەپ، نورمال بولمىغان ھۇجۇملارغا ئۇچراۋاتىمەن. مەن ئوتتۇرا يولدا تۇرۇپ پىكىر قىلىۋاتىمەن. ماڭا ئۇدۇل دېمىگەن بىلەن مەن دوست قاتارىدا كۆرۈپ ھۆرمەتلەپ كېلىۋاتقان، ئاكا سۈپىتىدە قەدرىنى قىلىۋاتقان بەزى كىشىلەرمۇ چىشلىرىنى كىرىشتۈرۈپ، مۇشتلىرىنى تۈگۈپ بولدى پەمىمچە. سىز مەندىن كىچىك ئەمەسقۇ، دەيمەن. سىزنىڭ مېنىڭ غۇرۇرۇمغا تېگىدىغان گەپلەرنى قىلىشىڭىزغا مېنىڭ قايسى تولا گېپىم سەۋەپچى؟ سىز مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلدىڭىزمۇ ياكى باشقا ئىش بارمۇ؟
تۇيۇقسىزلا قوپۇپ «ئەنۋەر جۇلا، سىز تەرجىمانلىقتىن ئاشالمايسىز...»دېيىشىڭىزنىڭ ۋەجى نېمىكىن؟

ۋاقتى: 2015-11-27 12:33:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراتۇغ يوللىغان ۋاقتى  2015-11-26 22:24
ئەلى قەستەن قىرچە گەپ قىلىپ، سىلەر ئېشەكلەرنى تەتۈر پى ...


قاسىمجان ئوسمان غازى قاراتۇغ ئەپەندى، سىزدىن شۇنى سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ:
__ سىز دەۋاتقان ئېشەكلەر كىملەر؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەينۇللا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-27 12:34  


ۋاقتى: 2015-11-27 13:03:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2015-11-27 12:19
مەن تەرەپ-تەرەپتىن ياپتا گەپ، نورمال بولمىغان ھۇجۇملا ...

     مەن سىزنى ئايىغۇچى، ھۆرمەتلىگۈچى. تەرەپ-تەرەپتىن ياپتا گەپ، نورمال بولمىغان ھۇجۇملارنى قىلغۇچى ئەمەس. سىز ياخشىنى ھېس قىلالايدىغان ئىسىل تەرجىمان ھەم ئۈزلۈكسىز ئىزدەنگۈچى. سىز بىر ئىشقا كىرىشسىڭىزلا قولىڭىزدىن خېلى ئىش چىقىدۇ. ئىسىل تەرجىمىلىرىڭىز بۇنىڭغا گۇۋاھ. شۇڭا بۇ يەردە گەپ قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولغاندىن كۆرە، بىزگە كېرەكلىك تەرجىمىنى كۆپلەپ قىلسۇن دېدىم. باشقا ئىش قىلغان بولسىڭىز ئۈنىمى بۇ چاغقا تەرجىمىلىرىڭىزدىن ئۆتە كۆرۈلۈپ بولغان بولاتتى. سىز قىزىققان تىپىدىكىلەرگە تەۋە ئادەم، باشقىلار بىلەن ئاسان قىزىرىشىپ قالىسىز. مۇنبەر ئويناپ يۈرگىنىڭىزگىمۇ خېلى يىللار بولدى، باشقىلار بىلەن  تالىشىپ تېخى خۇمادىن چىقمىدىڭىزمۇ بۇرادەر؟

ۋاقتى: 2015-11-27 16:07:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام ئەنىۋەرجانجۇلا يىگىت! خەيرىلىك چۈش.
مەن سىزنىڭ مۇھاكىمىلىرىڭىزگە ئاساسەن  دەل مۇشۇ يوللانمىدىكى باش تېمىغا مۇناسىۋەتلىك نەخ بىر تالاي سۇۋاللارنى تاشلىغانىدىم،سىز ئۇ سۇۋاللار ئۈستىدە مۇھاكىمىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ،خۇسۇسىي پاراڭغا چۈشىپ كېتىپسىلەنغۇ ئەمدى. بۇنداق بولسا ئات ئايلىخانغا يول سايلىخانغا دېگەندەك بولۇپ قالمامدۇ دەيمە

ۋاقتى: 2015-11-27 16:17:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر جۇلا ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسلىرىنىڭ ئىچىدە ئورۇنلۇق بايانلارمۇ يوق ئەمەستەك قىلىدۇ.مېنىڭچە ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ باققاننىڭ زىيىنى يوق.شەخسىيەت بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان،قوپال گەپ-سۆزلەرنى ئىشلىتىۋاتقانلار توختاپ قالايلى،سەت تۇرىدۇ.ھەرقانداق بىر يازما چوڭقۇر ئوپراتسىيە قىلىنسا ئۇنىڭدىن بەزى مەسىلىلەر چىقمايدۇ،دېگىلى بولمايدۇ.بىلىكيارنىڭ تېمىسىمۇ شۇنداق.شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېمىدا تەنقىت قىلىنغان ئاۋۇ ئىككۆيلەننىمۇ بىر يولى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ.كونكىرىت مەسىلىگە كونكىرىت مۇئامىلە قىلىش كىرەك.بىرەر باياننىڭ خاتالىغى بىر پۈتۈن ئەسەرنى ياكى ئادەمنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئاساسى بولۇپ كېتەلىشى ناتايىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-27 16:18  


ئىھسان بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2015-11-27 17:10:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-11-27 18:15:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنى دەيمە.شۇنداق ياخشى پىكىرلەر بولىۋاتسا ئەستايدىللىق بىلەن تېمادا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر  توغرىسىدا   ئەھمىيەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە قىلماي كىم قويدى قۇرۇق ئارازلىشىشنى؟ھەممىنىڭ ئاغزىنى تاتىلاپ تېمىدىن چەتنەپ  باشقىلارنىڭ گەپ خالتىسىنىڭ ئاغزىنى كىممۇ ئاچتىكىنا؟مەنچە بولغاندا تېمىا ھەقىقەتەن ياخشى تېما  گەرچە تەنقىدكە ئىشلىتىلگەن سۆز ئىبالىرى بىرئاز قوپالدەك بىلىنسىمۇ،بۇنىڭ  ئەھمىيىتىگە ۋە تارقىتىدىغان ئىجابىي ئېنېرگىيە ھەم ئاكتىپ كۈچىگە ھەرگىز سەل چاغلىغىلى بولمايسۇ.شۇڭا يەنىلا تېما ئۈستىدە ئىلمىي مۇھاكىمە بولسا قىلساق  شۇ باھانىدە  ھەممىمىز ئاز تولا نەپ ئالغان بولاتتۇق ئەمەسمۇ.
قاسىم سىدىق ئۆزىنىڭ ئەگرى ھەركىتى بىلەن دوناي شەكلىنى تەتقىق قىلماي بۇ تېمىغا ئاتاھىتەن كىرىپ ئىنكاس يازغاندىن قارىغاندا ئۇ زات بەلكىم قىممىتى بار مۇھاكىمە  پاراڭلىرىنى قىلماق بولغان بولسا كېرەك.قېنى قاسىم شەكىلنىڭچىنىڭ ئىنكاسلىرىغا قاراپ باقمايلىچۇ!

ۋاقتى: 2015-11-27 18:55:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرەت شاكىلەيوۋىچنىڭ ئوخشىمىغان ئىسىمدا كىرىپ، يەنە كېلىپ بىر ئايالنىڭ نامىدا كىرىپ ئارىپ ۋە ئابىت دېگەن كونا شاگىرتلىرىنى تۇشمۇ-تۈشتىن ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى پېقىر پەملىيەلمىگۈدەك كىشى ئەمەس. شاكىلە نامىدىكى ئاۋۇ سەتەڭنىڭ ئىنشاسىلا پەملەشكە يېتىپ ئاشىدۇ.
غەيرەتجان ئەپەندى، ماقالە يازسىڭىز كىتاپ دۆۋىسى ئىچىدە بىرەر -ئىككى ئاي دۈمچىيىپ يېتىپ سىتاتىلار بىلەن تويۇندۇرۇشقا بەكلا كۈچەيدىغانلىقىڭىزنى، ئىلمىي تۈسكە كىرگۈزۈشكە تىرىشىدىغىنىڭىزنى، ھەجىمنى يوغانتىشقا ھېرىسمەنلىكىڭىزنى بىلىمەن. بۇ ماقالىلىرىڭىزدىكى تاشقى مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلالايدىغان قابىلىيەتنى يېتىلدۈرگىنىڭىزنى ئىسپاتلايدۇ، ئەمما ماقالىڭىزنىڭ  ئىلمىي قىممىتىنى ھەقىقىي بەلگىلەيدىغان ئامىل باشقا يەردە. سىز گېپىڭىزنىڭ قوپال كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدىڭىز، ئەمدى، يېرىم-يارتا ئابزاسۋازلىق قىلغىنىڭىزنى ئېتىراپ قىلسىڭىزلا بولغىنى!
مەن سىزگە بۇرۇن ئېيتقان. ئادەم كۆتۈرسىڭىز ياكى چۈشۈرسىڭىز ھامان مۇبالىغىۋازلىق قىلىسىز. بىر بولسا ئاسمانپەلەككە چىقىرىۋېتىسىز، يەنە بىر بولسا ئىسلامجان شېرىپ، يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقىنۇسنىڭ تىل ئۇسلۇبىنى دوراشقا زىيادە كۈچەپ، مەلۇم بىر مەشھۇرنىڭ ئاقماس گەپلىرىنى تۇتىيا قىلىپ، ئۆزىڭىزچە ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلماقچى بولۇسىز. ئىككى پارچە يازسىڭىزلا بىر كىتاپ ھەجمى بىلەن تەڭلىشىپ قالىدىغان بۇنداق سۆكمە يازغىچە بۇرۇنقىدەك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتابى قۇراشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز نېمە بولار؟ گەرچە بىر ئوبدان بىلىملەرنى ئۆزىڭىزنىڭ سوبيېكتىپ جۆيلىمىلىرىڭىز بىلەن ئوماچقا ئايلاندۇرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ. نېمە قىلارسىز داڭلىق كىشىلەردىن قۇسۇر تېپىپ؟ ئۇلار بۇ سۆكمىلىرىڭىزگە نەزەر-گۈزىرىنى سېلىپ قويسا كاشكى!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش