لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 20-قارارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرسى باشلاندى
2015-يىل 9-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 20-قارارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرسى باشلاندى. كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاتاقلىق ئەدەبىي تەنقىدچى لى يىمىڭ، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدن ۋاڭ شۈەن، چيۇ خۇادوڭ قاتارلىقلار قاتنىشىپ سۆز قىلدى. بۇ قېتىمقى كۇرسقا ئېلىمىزدىكى 13 مىللەتتىن 52 نەپەر يازغۇچى قاتناشتى.
شىجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قاتناشقانلار:
1. «كروران» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران
2. «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر ئابلىز ئوسمان
3. قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شۇجىسى، يازغۇچى مۇتىللا ئەبەت قىرانى
4. قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، يازغۇچى سېتىۋالدى كېرىم
5. كەلپىن ناھىيە چىلان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، شائىر ئەخمەت يۈسۈپ سەرداھى
6. ئاقتۇ ناھىيەلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدىن تاجىك شائىرە ئامىنە ئابدۇۋاھىت
7. قۇمۇل شەھەر راكىتا يېزىسىدىن يازغۇچى زۇلپىيە ئابدۇللا.(يەنە بىر خۇيزۇ، بىر شىۋە يازغۇچىمۇ بار.)
(سۈرەتلەر ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق يوللىنىدۇ)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-16 23:26