يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: kroran

كروران: لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 20-قارارلىق كۇرسى باشلاندى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-18 20:48:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ژۇرنالنىڭ 2-سانىنى يوللاشنى ئۇنتۇپ قاپسىز كىروران ئاكا. بالىلارغا ھاۋالە قىلىپ توليقلاپ يوللىتىپ قويغايسىز. مۇنبەردىكى بالىلار بەك غەلۋىسىنى قىلىپ كېتىۋاتىدۇ




ماقۇل.... 3-ساننىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسىنى يوللاش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ.... بولمىسا ھەر ساننى يوللاپ كەلگەن..

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-18 21:36:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   9-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت ئىككى.
   ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى، مۇشۇ قېتىملىق كۇرسىنىڭ  سىنىپ مەسئۇلى جاۋ شىڭخوڭ خانىم «ھېكايە ۋە دراما» دېگەن تېمىدا ئۈچ سائەت لېكسىيە سۆزلىدى. تەتقىقات تۈسى  قويۇق بولغان بۇ لېكسىيەدىن نۇرغۇن يېڭىچە قاراشلارنى ئاڭلىدۇق.

1.jpg

2.jpg
جاۋ شېڭخوڭ دوكتۇر (سولدىن ئىككىنچى) كۇرسانتلار بىلەن بىللە

3-san.jpg

4.jpg

5.jpg

ۋاقتى: 2015-9-19 00:49:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېچە ئىچىمدە
تومۇزغىنىڭ چىرىلداشلىرى
يارسىز تۈنلەرنى ئېسىمگە سالار.
بىر تۈپ دەرەخ دەرىزىدىن قاراۋاتىدۇ
قارىغاندەك يار!

دەرىزە تۈۋىگە كەلدىم
سارغۇچ يوپۇرماقلارغا رەڭگىمنى بەردىم.
ھىجران شاخلىرىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ
يۇلتۇزدەك چېچىلغان دەردىمنى تەردىم...

ئۇزۇن ھەم قاراڭغۇ چاچلىرى بىلەن
مېنى باغلاۋاتقان ئايال.
مېھرىمگە يۆلىنىپ ئۇخلاپ قالىدۇ
سەزمەيدۇ شامال.

تەن ئالىمەن يالغۇزلۇقۇمنى
ئاخىرقى بىر تال تاماكىنى چېكىپ بولۇپ.
كېچە كىرىپ كېلەر ئىچىمگە
ياردەك تولغۇنۇپ...!
2015.09.18

باھا سۆز

ياخشى چىقىپتۇ، بەرىكەتلىك بولۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن!  ۋاقتى: 2015-9-20 01:32 AM
سېغىزخاننىڭ نالىلىك سايراشلىرىمۇ ئ‍ۆزگىچە بىر ھوزۇر ئ‍ىدى ماڭا، شېئىر  ۋاقتى: 2015-9-20 01:31 AM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-19 22:36:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    9-ئاينىڭ 19-كۈنى.
   بۈگۈن چۈشتىن كېيىن جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات سارىيىدا «يېڭى دەۋر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەققىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىدىن باشقا يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، مۇئاۋىن رەئىسى ئېركەش خانىم قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.

1.jpg

3.jpg
رەئىس ئازات سۇلتان سۆز قىلماقتا

2.jpg

4.jpg
رەئىس ئازات سۇلتان بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋالدۇق

5.jpg
«مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرلىرى(ئالدىنقى رەت سولدىن 1-،2-قىز)مۇ كەلدى

6.jpg

7.jpg


9.jpg

10.jpg

11.jpg

ئىمزايىمىزنى قالدۇردۇق
8.jpg

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kroran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-20 06:21  


8.jpg
ۋاقتى: 2015-9-19 23:13:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رايۇنىمىزدىن بارغان  7 نەپەر يازغۇچى، شائىر، شائىرەلەرنىڭ ئاستانىدىكى ئۆگىنىش ۋە باشقا پائالىيەتلىرى مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك بولغاي.
ھەممىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-9-19 23:35:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      مۇتىللا ئەبەد قىرانى

                              نەسىرلەر

                               ۋىسالدىن دەقىق بۇرۇن

    كۆزلىرىڭگە قارىدىم، يالغان ئېيتىۋاتقىنىنى بىلگۈم بارىدى. كۆزلەرنىڭ چەكسىزلىكى ۋە چوڭقۇرلىقىدىن ھېچنېمىنى بىلەلمەيدىغىنىمنى ئويلىماپتىمەن. ئۆزۈمنى قويۇۋەتتىم، ئەقلىمنىڭ ھېسلىرىمنى باشقۇرىشىنى خالىمىدىم. گۇناھ دېدىم-يۇ، گۇناھقا ئۆزۈم خالاپ يېقىنلاشتىم. مېنى توسۇۋالماقچى، گۇناھنىڭ بوسۇغۇسىدا تۇتۇۋالماقچى بولغانسەنمۇ؟ يەنە كۆزلىرىڭدىن سورىدىم، ئۇ مېنى تېخىمۇ چوڭقۇرلۇققا باشلاپ كەتتى.
    ئالقىنىمدىكى سىزىقلار سۆزلەۋاتاتتى، قۇشلار ئاشۇ ھېكايىگە مەپتۇن بولۇشقاندەك، پوكانلىرىغا جىمجىتقىنە بېشىنى قويۇشقانىدى. ئاۋازسىز چاقىرغىنىمنى كەچۈرگىن، قۇشلار ئۇچۇپ كەتكۈدەك بولسا، ھېكايەممۇ تۈگەيتتى. قۇش پەرلىرىنى تىېىۋاتقىنىڭنى، خاتىرە دەپتىرىڭنىڭ ئارىسىغا قىستۈرۈپ ساقلاۋاتقىنىڭنى بىلەتتىم. قۇشلار بۇ يەردە يەنە بىر كېچە تۈنىسە، ساڭا ئەڭ چىرايلىق پەيلەرنى ئېلىپ قويىمەن.
    بۇ يەرگە ئاخشام كەلگىنىم يوق، كىرپىكىڭ تۆكۈلگەن كۈنى دەل سېنى چاقىرغان كۈنۈم دېسەم ئىشەنگىن! تۈندە يۇلتۇز بولۇپ چاقنىغىن دېيەلمەيمەن، كۆزلىرىڭنى يۈمۈپ، يۈرىكىڭ بىلەن پىچىرلاشلىرىمغا قۇلاق سالساڭلا، بۇ يەرگە كەلگىنىمدىن ئۆكۈنمەيمەن. سېنى ناخشا ئېيتسىكەن دېمەيمەن، يالغۇز قالغىنىڭدا دېمىغىڭدا تەڭكەش قىلىپ باقساڭلا، ئۆزۈمنى بەختنىڭ ئىچىدە سىزىمەن.
    قۇشلار ئەسلىدە كەتمەيتتى، سوۋۇۋاتقان شامال ئۇلارغا زىمىستان باشلايدىغان شىۋىرغاندىن ئۇچۇر بەرگەنىدى. ئۇلارغا خۇش دېيەلمەيتتىم، ئۇلار كەتسىلا مەن بىلەن مۇڭدىشىدىغان سەنمۇ سۈكۈتتە يۈتەتتىڭ. ئەجىبا قۇشلارنى ئېلىپ قالاسمەنمۇ؟ باھارنى باشلاپ قويدۇم، يۈرىكىمنى پىچىرلاپ قويدۇم. ئىشەنمەي قالمايسەن، قۇشلاردىن بۇرۇن باھار كېلىپ بولىدۇ.
ئۆزۈم ھەققىدە ئاڭلىمىدىم، سۆزلەيدىغان قۇشلارمۇ ئېغىزىنى يۇمىۋىلىشتى. ئۇلارغا دان چاچقىنىمدىن، سۇ بەرگىنىمدىن رەنجىمەيمەن. ئۇلارنىڭمۇ يۈرىكى ماڭا ئوخشاش تىترەيدىغان بولۇپ قالغىنى نەۋاق؟ ئاشۇ نازۇك تارلارغا يەنە زەخمەك ئۇرىدىغان بولساق، ئۇنىڭدىن چىققان زىل ئاۋاز كۆزلەرنى ياشلىماسمۇ؟ بەس، قۇشلارنى ئەركىگە قويىۋەتتىم، يۈرىكىم قۇش بولۇپ دېرىزەڭدە ئۇنلىسۇن!
    ئىسمىڭنى زىكرى قىلدىم، تاشلارغا ئويدۇم. يوپۇرماقلار تەنلىرى بىلەن يوشۇردى، سەلكىن تىنىمسىز پىچىرلاپ يۈزلىرىڭنى ئاچتى. مەن بىزىمىدىم، قۇشلارغا قالدۇرغۇم بارلىقىنىمۇ ئېيتمىدىم. يۇلتۇزلار كۆز قىسىپ قويسىلا ھېساب ئەمەس، ئۇ كۆچۈپ چۈشىشى، ئىسمىڭدىكى ھەر بىر مەنالارنى ئەسلىتىدىغان ھەرپلەرگە سېڭىپ كېتىشى كېرەك دەپ ئويلىدىم. يۇلتۇزلارنى چاقىردىم، كەلگىنىنى تۇتىۋالدىم، قاچقىنىنى قوغلىدىم. سامان يولىنى «چىكى يوق» دەپ كىم ئېيتقان؟ مەن كەلدىم، سەن ئەڭ ئامراق يۇلتۇزلارنى قوينۇمغا تىقىپ، يۈرىكىم بىلەن پەپىلەپ قايتىپ كەلدىم.
    گۈللىرىڭدىن سورىدىم، بىر تال ئەمەس، بىر دەستە بېرىشىڭنى تىلىدىم. بەرگىلەرگە خەت يازغۇمنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، بىر تاللا بەرگىسى بار گۇلنى ئەۋەتتىڭ. ماقۇل دېدىم، يۈرىكىمنى سىزدىم، يۈرىكىڭگە ئوخشىتىپ سىزدىم. ئېقىنلىرىڭنى ئېقىنلىرىمغا ئۇلىدىم، تومۇرلىرىمدەك تارماق ئېقىنلار ئارقىلىق بۇلاق سۇيىنى باشلىدىم. بىر تۈپ كۆچىتىڭدىن بىر تال گۈل ئەمەس، مىڭ تال گۈل ئىچىلسىكەن دېدىم.
    بار ئاۋازىم بىلەن چاقىردىم، بىر مەرتە ئەمەس، تۇمەن مىڭ مەرتە چاقىردىم. قۇشلىرىڭدىن، گۈللىرىڭدىن نىدا كەلدى. قەدەم تىۋىشىڭنى ئاڭلىدىم، ئەمما سايەڭنى كۆرمىدىم. ئۆكسۈشلەر يۈرىكىمنى ئەزگىنى بىلەن، چۇقانلىرىم ئېقىنلىرىڭنىڭ قىرلىرىنى بۇزدى. ئىگىز تاملاردىكى شورا ئالىقىنىمدىكى سىزىقلاردەك كىسىشىپ كەتكەن بىلەن نىگاھلىرىمىز پارالىل سىزىقتەك ئۇزىراپ كەتكەنىدى. تەن بەرگۈم كەلمەيتتى، پاراللىل سىزىقلارنىڭ كىسىشمەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتىم.

                         كېچەلمىسەمكەن دېمەيمەن

    ئىسمىمنى چاقىرمىغىن، خاتىرەمگە يېزىلغاننىڭ ھەممىسىنى يالغان دېگۈچە، بۇ يەردىن كېتىپ قال! تۈننىڭ باغرىغا تۇغۇلغانمەن، سۈبھىدە چېچەكلىگەن بەرگىلەردە يۈرىكىمنىڭ سوقۇشى باركى، تىۋىشسىز قەدەملەرنىڭ تىنىقى يوق.
    ئۇيقۇدىن ئويغاتمىغىن، شېرىن چۈشنىڭ كېچىسى ئۈزۈلسە قايتىلانمايدۇ. بارمىقىڭدىن قالغان ئىزلار قۇشلارنى ئۈنلەتكىنى بىلەن مېنىڭدىن سادا ئالالمايدۇ. تىلىمنىڭ كېسىلگىنى يالغان بولسىمۇ، قەلبىمنىڭ تىۋىش چىقىرالمايدىغىنىنى تەكرار ئېيتقۇم يوق.
    پىنھانلاردا كۈتمىگىن، يول باشلايدىغان يۇلتۇزلار بۇ يەردىن سۈرگۈن بولغان. ئۇلارنىڭ كېتىشىنى ىالىمايتتىم-يۇ، تۇتۇپ قېلىشنى ئويلىمىغىنىممۇ سېنىڭ ئۈچۈن ئىدى. يۇلتۇز قوغلاپ يۈرگىنىڭنى ئاڭلاپ، دېرىزەمنى يۆتكىگەنىدىم. ئىشىكىمنى يەڭگۈشلىگەن بىلەن بوسۇغامنى كۆتۈرمىگىنىم ئۈچۈن يەنە سېنىڭدىن تىل ئىشىتكىنىمگە ھەيرانمەن. يەنە بوپتۇ دېدىم، يۈرىكىمنىڭ يرىلىۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، سېنى كەچۈرىۋەتكەنىدىم.
    ئىزلىرىمدىن توپا ئالمىغىن، ئىسرىق سالىدىغانغا چاۋار تەرگۈدەك يوللىرىمنىڭ، يۈڭ تىلىگۈدەك قوشنىلىرىمنىڭ يوقلىقىنى ئېيتقانمەن. سەبر سېۋىتى ئۈچۈن يۇلغۇن چىۋىقى بۇيرۇتقىنىڭ يالغان، سىكىلەك چاغلىرىڭدا چوكانتالدىن چاچ ئاسقىنىڭنى كۆرمىگەنمەن.
ئالدىنىشنى ئۇنتۇدۇم، يەنە تىترەشلەرگە ئەسىر قىلارغا كۆز يېشىڭنى بىھۇدە تۆكمە! يۈرىكىم پۈتۈنلەي مۇزلىمىغان بىلەن قەلبىمنى ئىللىتىشنىڭ سېنىڭسىز چۈش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغانمەن. كېچىلەرنىڭ ئۇزۇنلىقى، يالغۇزلۇقنىڭ غىرىبانە تۇيغۇلىرى سېنىڭ ئۈچۈن تەبەسسۇم قىلىشقا خۇشتاركى، دىلىمنى يەنە كۆيدۈرۈشكە جۈرئىتى يوق. مەن كېچىلەرگە چۆكتۈم، جىمجىتلىق ئىچىدىن ئۆزۈمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ساڭا ئاتالغان، يالغان يېزىلغان قۇرلارنى كۈلكەم بىلەن ئۆچۈردۇم.
    قىشتىمۇ باھار بار، ئىككىمىز تىككەن دەرەخنىڭ يوپۇرماقسىز شاخلىرىدىن سوراپ يۈرمىگىن، ئۆچۈرۈلگىنىڭنى ئېيتمىدىم. سەن تەرەپكە قىچىشنى ئويلىغىنىمنى ئىقرار قىلغۇم يوق ئەمەس، قېچىشنىڭ قىممىتىنى دەڭسەپ كۆرگىنىم ھەقىقەت. قالدۇرغان گۈلۈڭدىن گۇلزارلىق بەرپا قىلىشنى ئويلىغىنىم راست، كۆز يېشىڭنىڭ گۇلزارلىقنى سۇغۇرىدىغان سۇ بولۇپ قېلىشىنى خالىمىدىم.
    بەس! قولۇڭنى تەستە قويىۋەتكىنىمنى ۋاز كېچەلمىگىنى، يىراققا كەتكىنىمنى ئۆزىنى سۈرگۈن قىلغىنى دېمىگىن. خۇش ھېدىنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدىغان گۈل ئۈچۈن ئۆزۈمنى سۈرگۈن قىلىشنى تېخى ئويلىمىدىم. ئۆزۈمنى ئۆلۈمگە بۇيرۇشقا ھەقدارمەنكى، يەنە ئۆزۈمنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ھېسلىرىمنى ئالداشنى خالىمايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قىرانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-19 23:45  


ۋاقتى: 2015-9-20 00:33:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارغا ئ‍ۇيقۇ ۋە كۆڭۈللۈك دەملەرنى تىلەيمەن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-20 18:53:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    9-ئاينىڭ 20-كۈنى.
    بۈگۈن دەم ئالدۇق، مۇشۇ پۇرسەتتە تىئەنئەنمىن مەيدانىنى كۆرۈپ كەلدۇق...


1.jpg

2.jpg


ۋاقتى: 2015-9-20 19:17:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور توقۇۋاتقان ئۆمۈچۈك
*
سەرداھى
*
خىياللىرىڭ ئۆزۈڭنىڭ ئەمەس
گۈللۈك رەستىلەردە ئۆزۈڭدىن باشقا ھېچكىم يوق.
ئۆتۈپ كېتەر بىپەرۋا كۆزلەر
بۇ يەردە قۇشلارنىڭ ئاۋازى بوغۇق…
*
تور توقۇۋاتقان ئۆمۈچۈك
ئاق ئېچىلىدىغان بىر تۈپ ئەتىرگۈل
ئارچا يوپۇرمىقىدىكى كەچكى شەپەق ۋە
ئىت يېتىلىۋالغان ھېلىقى ئايال
تىنىچ ئەسلىرىڭگە قىلىپ تاجاۋۇز
ئارامىڭنى بۇزاتتى ھامان!
*
تەۋەلىك دائىرىسى كىچىكلەپ بارار
يېنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر پارچە يەرنىڭ.
ئۇشتۇمتۇت سېغىنىسەن قوناقلىرىڭنى
تېنىنى سىيلاۋېتىپ مىسكىن شەھەرنىڭ…
*
بېشىڭنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسەن
مېڭىپ باقىسەن ئىچىڭدىكى يوللاردا.
سەن ئېغىناپ ياتقۇدەك توپا نە قىلسۇن؟!
ھىجران قىيناقلىرىدىن باغرىڭ غۇچ يارا.
*
ۋاقرىغۇڭ كېلەر
ئاۋازىڭ ئۆزۈڭگە ئاڭلانمايدۇ.
قەلبىڭ ئۆرتىنەر
بۆگۈن ئۆتۈپ كېتەر، قايتىلانمايدۇ.
شۇ دەمدىكى سېنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر
ئېغىر تىنىقلىرىڭدىكى قۇياش نۇرى
قەسىدە پۈتۈپ يالغۇزلۇقۇڭغا
تارىم سۈيىدەك شاۋقۇنلايدۇ…
*
2015.09.19-بېيجىڭ

ۋاقتى: 2015-9-20 19:21:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


      ئەمدى ئەسەرلىرىڭلاردىن ھۇزۇرلىنىدىغان بولۇپتۇق-تە! بۇ شېئىر ياخشى ئىكەن... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-21 09:36  


ۋاقتى: 2015-9-20 22:31:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇرسقا قاتناشقان بارلىق  ئەدىبلەرگە  مۇبارەك بولغاي! ھەربىر كۈنىڭلار ئەھمىيەتلىك، خۇشال ئۆتكەي! ئۆگىنىشىڭلارغا ئۇتۇق، قەلىمىڭلارغا بەرىكەت تىلەيمەن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-21 09:25:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىدە

باشقا بىر ئالەمنىڭ پۇقرالىرىدەك
تۈرۈم-تۈرۈم بۇلۇت
ئاستىدا ۋەتەن
ئۈستىدە مەن

تېنىم مۇئەللەقتىكى تۆمۈر غاردا
قولۇمدا كۆيۈپ تۈگەي دېگەن بىر سىقىم تارىخ
كۆزۈمنى بەردىم دېرىزىگە
قوللىرىدا ئاپپاق ئوت
مەن كەلگەن ياققا يوپۇرۇلار بۇلۇت
بوۋام يول تاختامغا بىر تۇمارنى تېڭىپ
ئۇ ياندىن بۇ يانغا تىت-تىتدۇر مېڭىپ
پىغانى يۈرىكىمگە قېقىپ بارار مىخ

مەغلۇپنىڭ توختامنامىسىدەك غېرىب
ئىككى ياقتا تاقىر تاغ
قاپ بېلىدە جىلغىلار
مەھمۇت كاشغەرى يازغان تاڭغۇت يولى
بىر تال تومۇردۇر تۇرغان قاپقارا...
مەن شۇتاپ ئۇزاپ كەتتىم ئۆزىكىمدىن
ئۇۋۇلۇپ-ئۇۋۇلۇپ بىر تال قۇم بولۇپ
خەرىتەم كىرىپ كەتتى چۆلگە چۆل كەچمىش ئارا...

كۆزۈمگە قادالدى يەنە دېرىزە
ئاپپاق بۇلۇتلار گۈررىرە
ئاق قان دانچىسىدەك ئاقار
بەلكىم ئويى ئالەمنىڭ يارىسىغا پىدائىي بولماق...
ئۇچقۇ ئالدىرايدۇ، ئېغىر بوي پېتى
يەنە بىر ئايرودرۇمدا تۇتقىچە تولغاق...

2015-يىل 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئايروپىلان ـ بېيجىڭ

ۋاقتى: 2015-9-21 09:44:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت تونىلى
*
سەرداھى
*
بىلەتتىم، ماڭا ھېچنىمە دېمەيدىغانلىقىڭنى.
بىلەتتىم، تۇيۇقسىز ئېسىڭدىن كەچسەم
قەلەندەر كۇلاھىدەك يىرتىلىپ تۇرۇپ،
ئىشىق قامچىسىدا ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ،
بىر دانە بولۇپ، چېچىڭنى يۇلۇپ،
ئۆلۈمىمنى تىلەيدىغانلىقىڭنى…
ئۆلۈمنىڭ شەكلى بىر پارچە يوقلۇق
سېغىنىشقا تولغان ئارىمىزدىكى.
ئۆلۈم سۈكۈناتلىرى ئەگىشەر بىزگە
تاشلاپ كېتەر يىراققا ياكى…
بىز ئۆتۈپ كېتىۋاتىمىز
ھاياتتىن ئەمەس
ئۆلۈمدىن ئەمەس
ئۆتۈپ كېتىۋاتىمىز
مۇھەببەت تونىلىدىكى دارنىڭ ئالدىدىن.
بىز دارغا ئېسىلالمايمىز
ئىېسىلالايمىز زامان قۇيرۇقلىرىغا.
ھازىر گۈللەر ئېچىلىدۇ باھار كەلمىسىمۇ
يامغۇرنىڭ يېغىشىنى ساقلاشقا ۋاقتىمىز يوق
لەۋلىرىمىز يېرىلىۋاتىدۇ
سۇ كەلمىگەندەك
ئىككىمىزنىڭ ئېرىقلىرىغا…!
*
2015.09.21-بېيجىڭ

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-21 18:49:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   9-ئاينىڭ 21-كۈنى.
   بۈگۈن چۈشتىن كېيىن «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ تۆت نەپەر مۇھەررىرى كۇرسانتلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئالدىنقى ھەپتە لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئېلخەت ئادرېسىغا ھەر بىرىمىزنىڭ ئىككى-ئۈچتىن ئەسەر يوللىشىمىز تەلەپ قىلىنغان ئىدى. بۈگۈن ئۇلار ئاشۇ ئەسەرلەرنى كۆرگەندىن كېيىنكى باھالىرىنى، ئاپتورلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويدى.

1.jpg
«مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرلىرى

2.jpg

3.jpg

4.jpg

5.jpg

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-22 08:35:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  9-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، دوكتۇرانتلار يېتەكچىسى ئازات سۇلتان مۇئەللىم مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى، ئىقتىسات پەنلىرى دوكتۇرى، ئالىي مۇھەررىر دولقۇن قادىرنىڭ ھەمراھلىقىدا لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىغا كېلىپ بىز بىلەن ئىككى سائەتتىن ئارتۇق سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتە نۆۋەتتىكى ئەدەبىيات مەسىلىلىرى، تەخىرسىز ئىجتىمائىي كىرىزىسلار ھەققىدە مۇھاكىمە بولدى... ئازات سۇلتان مۇئەللىم ئۈچ كۈن ئىلگىرى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ يىغىنىغا كەلگەن ئىكەن...

1.jpg

2.jpg

3.jpg


1.jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش