يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: kroran

كروران: لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 20-قارارلىق كۇرسى باشلاندى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-13 01:31:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران،يۇرتدىشىم ئابلىز ئوسمان،سىڭلىم ئامىنە ئابدۇۋايىت.......مەن كېسەل سەۋەپلىك تور يوك جايدا بولغاچقا ،سىلەرنىڭ  كۇرسىغا قاتنشقان  سۆرەتلەردىن خەۋەرسىز قاپتىمەن.بارلىق كۇرسانتلارنىڭ تىنىڭلارغا سالامەتلىك،ئۈگىنىشىڭلارنىڭ نەتىجىلىك ساياھىتىڭلارنىڭ  بىخەتەر ئوڭۇشلۇق،كۈڭۈللۈك بۇلىشىنى،تىنىچ ئامان كۈرۈشكىلى نىسىپ بۇلىشىنى تىلەپ ئايشەم سادىردىن 2015.10.13

ۋاقتى: 2015-10-13 13:27:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچە يۈگۈرسەممۇ خۇش-خەۋەرنى يەنىلا  كېچىكىپ ئاڭلاپتىمەن، شۇنداقتىمۇ تېما ئىگىسىدىن سۆيۈندۈم. رەخمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-13 21:15:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    10-ئاينىڭ 12-كۈنى.
   چۈشكىچە دەرس يوقكەن، شۇڭا «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەھرىراتىغا بېرىپ، ھەر مىللەت مۇھەررىرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ كەلدۇق...

1.jpg

2.jpg

3.jpg

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-13 21:26:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    10-ئاينىڭ 12-كۈنى، چۈشتىن كېيىن.
   «يانفون» قاتارلىق كىنونىڭ سىنارىيەسىنى يازغۇچى، رېژىسسور، سىنارىست سوڭ فاڭجىن ئەپەندى «درامىنىڭ كولمىناتسىيەسى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى...

   11.jpg

22.jpg

ۋاقتى: 2015-10-13 23:09:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروراننىڭ ئەجرىگە   مىڭ رەھمەت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايشەم1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-13 23:09  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-14 06:48:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    10-ئاينىڭ 13-كۈنى.
   «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى شى يىنىڭ ئەپەندى «ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى› ژۇرنىلىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى...

111.jpg
شى يىنىڭ (سولدىن 7-كىشى) كۇرسانتلار بىلەن بىللە

222.jpg
كۇرسانتلار ئىمزا قويدۇرماقتا

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-14 07:01:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   10-ئاينىڭ 13-كۈنى.
    دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك يازغۇچى، خۇنەن ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، خۇنەن ئۆلكىلىك ئەدەبىي ئاخباراتچىلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى يۈ يەن خانىم ئەدەبىي ئىجادىيەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى چۆرىدەپ، ئۆزىنىڭ «ياڭ كەيخۇي» ناملىق ئەسىرىنى مىسال قىلىپ سۆزلىدى... سۆزلىگەندىمۇ باش پېرسۇناژىدىن ئۆزى نەچچە قېتىم تەسىرلىنىپ، كۆزلىرىدىن ياش قۇرۇمىغان ھالەتتە سۆزلەپ چىقتى...

1122.jpg
يۈ يەن خانىم (ئوڭدىن 3-كىشى) كۇرسانتلار بىلەن

ۋاقتى: 2015-10-14 15:14:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەتتە نەچچە  كۈندە  بىر ئاپىرىدۇ ئۇ  مەكتتەپكە

ۋاقتى: 2015-10-14 20:34:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
104- ياتاق

ئامىنە ئابدۇۋايىت

مەرھەمەت دەپ ئاچتى كەڭ قۈچاق ،
پايتەختدىكى سۆيۇملۈك ياتاق .
ئۆزى كىچىك بولغىنى بىلەن ،
شۇنچە ئەپچىل شۇنچە يىغىنچاق .

ئىشىگىدە ئىسمىم چاپلاقلىق ،
بىر يۇز تۆت دەپ ئېتى چىرايلىق .
راۋانلاشقان تورنىڭ يوللىرى ،
يازارمەنگە شۇنچە قولايلىق .

لازىمەتلىك ھەممە نەرسە تەل ،
يۇرەك پارەم بالىلىرىم يوق .
بەزەن غەمگە پېتىپ قالىمەن ،
يۇرەمدو دەپ كۈيەرىم ئاچ - توق .

ئوڭدا يېتىپ كىتاپ ئوقۇسام ،
كۆز ئالدىمغا كېلىدو قازان .
ئاچچىق -چۈچۈك ئەتكەن لەڭمەڭنى ،
بالىلېرىمغا بەرگېنىم قاچان ؟

ياتاق تىنىچ بولغىنى بىلەن ،
كوڭلوم يەنە ئۆينى تارتىدو .
ۋاقتىم توشوپ كېتىپ قالسام گەر ،
كارۋىتىمدا كىملەر ياتىدو ؟

2015-10-14- بېيجىڭ

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-17 10:19:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   10-ئاينىڭ 14-كۈنى.
  مەركىزىي پارتىيە مەكتەپنىڭ دوكتۇرانت يېتەكچىسى جو ئەپەندى «يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە مەدەنىيەت مۇھاكىمىسى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى...

   14.jpg
جو دوكتۇر (سولدىن 3-كىشى) كۇرسانتلار بىلەن بىللە

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-17 10:35:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  10-ئاينىڭ 16-كۈنى.
  جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپا ئەزاسى، شۇجىچۇنىڭ شۇجىسى، دوكتۇر بەي گېڭشىڭ «يىپەك يولى ئەدەبىياتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى» دېگەن تېمىدا ناھايىتى جانلىق لېكسىيە سۆزلىدى.
    ئۇ يەنە مۇنداق بىر پايدىلىق ئۇچۇرنىمۇ يەتكۈزدى: ناۋادا بىز بىرەر كىتابىمىزنى چەت ئەل تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ، مەلۇم دۆلەتتە نەشىر قىلدۇرماقچى بولساق، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللايدىكەن!!!...

   1.jpg
     بەي گېڭشىڭ ئەپەندى لېكسىيە سۆزلىمەكتە

2.jpg
   كۇرسانتلار بەس-بەستە ئىمزا قويدۇرۇۋالدى

3.jpg

4.jpg

ۋاقتى: 2015-10-17 22:14:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنكى پائالىيەت ئەھۋالىدىنمۇ خەۋەردار بولساق بولاتتى!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-21 23:29:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   10-ئاينىڭ 19-كۈنى.
   بۈگۈن «جۇڭگو تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى خەلقارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»غا قاتناشتۇق. داستانلىرىمىز ھەققىدە چەت ئەللىكلەرنىڭ ئاغزىدىن ئۇيغۇرچە بايانلارنى ئاڭلاپ ھاياجانلاندۇق...

1.jpg

2.jpg

3.jpg

4.jpg

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-21 23:43:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   10-ئاينىڭ 19-كۈنى، چۈشتىن كېيىن.
   جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپا ئەزاسى، شۇجىچۇنىڭ شۇجىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، دۇنياۋىي داڭلىق شائىر جىدىماجيا ئەپەندى «ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشى» دېگەن تېمىدا، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزىگە ئىشىنىشنى چۆرىدەپ ناھايىتى ئەتراپلىق لېكسىيە سۆزلىدى.

5.jpg

جىدىماجيا (ئوڭدىن 5-كىشى) كۇرسانتلار بىلەن بىللە

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-22 09:26:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  10-ئاينىڭ 20-كۈنى.
  لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 20-قارارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرسىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپا ئەزاسى، شۇجىچۇنىڭ شۇجىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، دۇنياۋىي داڭلىق شائىر جىدىماجيا، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپا ئەزاسى، شۇجىچۇنىڭ شۇجىسى بەي گېڭشىڭ، لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاتاقلىق ئەدەبىي تەنقىدچى لى يىمىڭ، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدن ۋاڭ شۈەن، چيۇ خۇادوڭ قاتارلىقلار قاتناشتى. موڭغۇل، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى، شۇ قاتاردا زۇلپىيە ئابدۇللا تەسىراتىنى ئوقۇپ ئۆتتى . كۇرسانتلارغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى. ئاخىرىدا جىدىماجيا خۇلاسە سۆزى قىلدى.

1.jpg

2.jpg

3.jpg

4.jpg

5.jpg

6.jpg

7.jpg

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kroran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-22 09:27  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش