5-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى «شىنجاڭ قارلۇق مېدىيە پەن - تېخنىكا شىركىتى»گە كېلىپ زىيارەتتە بولدى ۋە «بالىلار ئەدەبىياتچىلىرى ۋە قارلۇق كارتون سىنارىيە سۆھبەت يىغىنى» ئۆتكۈزدى. زىيارەت ۋە سۆھبەت يىغىنىغا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ پەرۋىشكار ئۇستازلىرىدىن تۇرسۇن قۇربان، تۇرسۇنمۇھەممەت پەخىردىن، قادىر ئارسلان قاتارلىقلار قاتنىشىپ، قارلۇق شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان پەخىردىن قارلۇقنىڭ كارتون فىلىملىرىنى ئىشلەش، سىنارىيەگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر ھەققىدىكى دوكىلاتىنى ئاڭلىدى. قارلۇق شىركىتى ئىشلىگەن ئۈلگىلىك كارتون فىلىملەرنى كۆردى. ئازات سۇلتان، تۇرسۇن قۇربان، تۇرسۇنمۇھەممەت پەخىردىن، قادىر ئارسلان، سېتىۋالدى كېرىم قاتارلىقلار سۆز قىلىپ،ئۇيغۇر كارتون فىلىملىملىرى ۋە سىنارىيەسى ھەققىدىكى قاراشلىرى ھەمدە بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىد - تەلەپلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئابلىكىم ھەسەن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاخىرىدا «قارلۇق شىركىتى» كۇرسانتلارغا كۈتىۋېلىش چېيى بەردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىمقى «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت سىمىنارىيەسى» ھەممە كۈنتەرتىپلىرىنى تولۇق ئورۇنداپ مۇۋەپەققىيەتلىك ئاخىرلاشتى.