29- ماي، كۇرس 3- كۈنىگە قەدەم قويدى. تەسىراتلار كۈندىن كۈنگە چوڭقۇرلاشماقتا. بۈگۈن كۈنتەرتىپ بويىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى نەشىرياتىنىڭ مۇھەررىرى، ئاپتونوم رايوندا زور تەسىرگە ئىگە بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى لۇنەيتىڭ ئەپەندى بالىلار ئەدەبىياتىدا ژانىر تاللاش مەسىلىسى، نادىر ئەسەرنىڭ ئۆلچىمى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە لېكسىيە سۆزلىدى. لۇنەيتىڭنىڭ ھازىرغا قەدەر بالىلارغا دائىر 24 پارچە كىتاۋى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، 3 مىليون خەتكە يېتىدۇ.
ئۇ نۆۋەتتە بىر قىسىم كىشىلەردە بالىلار ئەسەرلىرىنى تۆۋەن ساناشتەك خاھىشنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى، ئەمەلىيەتتە بالىلار ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ ھەرگىزمۇ چوڭلار ئەسەرلىرىدىن كەم ئەمەسلىكىنى، مۇنەۋۋەر بالىلار ئەسىرى ئارقىلىق چوڭلار ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەش مۈمكىن بولمىغان ئاكتىۋال ئىدىيىلەرنى يورۇتۇش مۈمكىنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ يوشۇرۇن بازىرى چوڭلار ئەسەرلىرىنىڭكىدىن ياخشى ئىكەن.ئۇ ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ھەققىدە ئەتراپلىق تونۇشقا ئىگە ئەمەسلىكىنى، لېكىن، پەرھات ئىلياسنىڭ «كىرورانلىق بالىلار»رومانىنىڭ خەنزۇچىسىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭمۇ ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
جاسارەت جاپپار، پەرھات كازىمى قاتارلىق يازغۇچىلار بىر مۇنەۋۋەر ئەسەرنىڭ ئۆلچىمى، بۈگۈنكى موڭغۇل ۋە زاڭزۇ بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى قاتارلىق ئۆزلىرى قىزىقىدىغان تېمىلار بويىچە سۇئال سورىدى. لۇنەيتىڭ ئۆز ئىمكانىيىتى دائىرىسىدە جاۋاب بەردى. لېكسىيە ئاخىرىدا لۇنەيتىڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ نەشىر قىلىنغان بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمى بىلەن يازغۇچى ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ «يۇلتۇز قىز» ناملىق بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمىنى ئۆزئارا خاتىرە سۈپىتىدە سوۋغا قىلىشتى.