ئىگىسى: eybuyaqup

«بالىلار ئەدەبىياتى» ئىجادىيەت سېمنارىيىسى ئېچىلدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1542
تۆھپە : 160
توردا: 669
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 10:37:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىمىنارىيە سۈرەتلىرىدىن:

IMG_3820.JPG

ئازات سۇلتان كۇرسانتلارغا دەرىس ئۆتمەكتە

IMG_3826.JPG


IMG_3824.JPG

تۇنجى كۈنىدىكى دەرستە

IMG_3856.JPG

ئارىلىقتىكى سۆھبەتلەر

IMG_3908.JPG

تەنەپۇسلۇق سۆھبەتلەر

IMG_3911.JPG

شاۋكەت رۇستەم ئەنقەرجانغا ئۇستاز بولدى

IMG_3926.JPG

جەنۇبىي تاغ خاتىرىسى

IMG_3932.JPG

كۇرۇسنىڭ ئىككىنچى كۈنى
ئابلىكىم ھەسەن : ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدە لېكسىيە










www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 276
تۆھپە : 0
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 10:48:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىمنارىيە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق داۋام قىلىۋىتىپتۇ،مەنمۇ  ئۆزەمنى ئاراڭلاردا باردەكلا ھېس قىلماقتىمەن.بىراق
بۇ كاتتا پائاليەتكە قاتنىشالمىغانلىقىمدىن بەكلا ئەپسۇسلاندىم،بولمىسا بىكار يۈرىمەن مانا...

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  262
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 216
تۆھپە : 4
توردا: 79
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 10:58:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سىمنارىيىگە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى چوپچوڭلا «بالىلار» ئىكەنغۇ؟! ھەممەيلەننىڭ ئىجادى قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تاشقاي!ئىجادىيەتلىرى بەرىكەتلىك بولغاي! سىمنارىيىگە  قاتناشقان مۆھتىرەملەرگە  چاي بەرگەندە: «پاھھھھھھھ!» دەپ، چاينىڭ قىزىقلىقلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇشنى  ئۇنتۇشمىغايلا، بولمىسا ئاپىسى سوۋۇتۇپ بەرگەن چاينى ئىچىپ كۈنۈپ قالغانلار، لەۋلىرىنى كۆيدۈرۈشىۋالمىسۇن! ھازىرقى«بالىلار» بەك قەغىش!!!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 525
تۆھپە : 0
توردا: 35
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 11:11:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەتنىڭ رەسىملىرىدىن تۇنۇش سىمالارنى كۆرۈپ مەھەللەمگە بارغاندەك بولۇپ قالدىم دېسە.
ھەربىر ئاكىلارغا سالام بولسۇن. ئىزگۈ تىلەكلەردە بېسىلغان قەدىمىڭلار قۇتلۇق ئىشلار ئۈچۈن بېسىلغاي.

ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1542
تۆھپە : 160
توردا: 669
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 11:45:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنكى سۆھبەتلەردىن:

IMG_3934.JPG


IMG_3938.JPG


IMG_3936.JPG



www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  464
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 173
تۆھپە : 3
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 16:00:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىن ئابدۇقادىرنىڭ «يۇلتۇزلارنى تىزاي سەپكە، ئاينى كىرگۈزەي گەپكە»،«تاپشۇرۇقۇم، ئۆزۈڭنى ئىشلە»، «ياخشى ئوقۇسا قاشتېشى بولار، يامان ئوقۇسا ھاكتېشى بولار» دېگەن بۇ مىسرالىرى ھەممىمىزنى ھاياجانغا سالدى، ھاما باللا....

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1542
تۆھپە : 160
توردا: 669
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 16:28:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورنىڭ ئۆز ئىلاۋىسى: جەنۇبىي تاغ (نەنسەن)دىكى «بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت سىمىناريىسى»گە بىر شىڭگىل سالام !



                                     ئوسارغاق قوڭغۇز ئاغچا

                                                            چۆچەك

                                                    زامانىدىن پاكزات

  ئاغچىنىڭ تۇغىدىغان ۋاقتى يېقىنلىشىپ ، تولغىقى تۇتۇپ قاپتۇ. لېكىن ئۆيىدە ئۆزىدىن بۆلەك ھېچكىم يوق ئىكەن.ئېرى توي ئوينىغىلى كەتكىلى نەچچە كۈن بولغان ئىكەن.«ئىككى كۈندە كېلىمەن» دەپ مانا بەش كۈنمۇ بوپتۇ ،لېكىن تېخىچە ئۇنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەپتۇ، ئاۋازىمۇ ئاڭلانماپتۇ، پۇرىقىمۇ پۇرىماپتۇ.
ـــ ۋايەي! ئاغرىپ كېتىپ بارىدىغۇ قورساقلىرىم،تولغاقلىرىم تۇتىۋاتىدىغۇ بىردەم-بىردەم،مېنىڭ ۋاقتىم يېقىنلىشىپ قاپتۇ مانا،ۋاييەي! ئەتراپتا كىم باردۇ؟ ماڭا ياردەم قىلدىغان ئادەم بارمىدۇ؟ بالىلارنىڭ دادىسى تېخى كەلمىدىغۇ،قانداقمۇ قىلارمەن ئۆزۈم يالغۇز؟ ــــ دەپتۇ، قورساقلىرى توپتەك تومپايغان ئوسارغاق قوڭغۇز ئاغچا.                           
    ئۇ ئۇياققا قارىسىمۇ ھېچكىم يوق،بۇياققا قارسىمۇھېچكىم  يوق،ھويلىغا چىقسىمۇ ھېچكىم يوق،شۇنىڭ بىلەن چۆپتىن ياسالغان  دەرۋازىسىنى ئېچىپ ئىشىك ئالدىغا چىقىپتۇ، قارىسا ئاۋۇ يىراقتا چۈمۈلىلەر ئالدىراش ئاشلىق توشىماقتا ئىكەن، شۇ تاپتا ئۇلار قوڭغۇز ئاغچىنىڭ گېپىگە   قۇلاق سالىدىغاندەك ئەمەس ئىكەن .                                                
  ــــ  ئەي!...   يەنە كىم باردۇ بۇ ئەتراپتا؟ بالىلارنىڭ دادىسىنى چاقارتىپ كېلەي دېسەم كۈندە ئۇچۇپ ئۆتىدىغان كېپىنەكلەرمۇ ئەجەپ كەلمىدىغۇ بۈگۈن. نەلەدە لاغايلاپ يۈرگەندۇ ؟!  بالىنى قورسۇقۇمغا پەيدا قىلىپ قۇيۇپ ئۆزى نەلەردە ئويناۋاتقاندۇ ئۇ كاساپەت ؟! بالا تۇغۇپ بەر، تۇغۇپ بەرلا  دەيدۇ،                                            مانا بالىلىرىمىز دۇنياغا كۆز ئاچىدىغان چاغدا ئۆزى يوق ئۇ غوجامنىڭ ، ــــ دەپتۇ،لېكىن ئەتراپتىن بىرەر تىۋىش،بىرەر  جاۋاپ چىقماپتۇ. ئوسارغاق قوڭغۇز :                        
ــــــ ئۇھ ۋايەي خوتۇن كىشى بولماق  ئەجەپ تەسكەنا،بولۇپ مۇشۇنداق چاغدا يالغۇز  قالغاندا؟...ـــ دەپ    ،ئۆيگە كىرىپ كەتمەكچى بولۇپ تۇرىشىغا               چۆپنىڭ ئارىسىدا بىر نەرسە مىدىرلىغاندەك قىلپتۇ ،لېكىن قوڭغۇز ئاغىچا تولغىقىنىڭ ئاغرىقىدا بۇنىڭغا تازا زەڭ سالماي قاپتۇ.                        
   ـــــ ۋايەي،ۋاي جان! كىمگىمۇ ئېيتارمەن بۇ ھالىمنى كىمگىمۇ ئېيتارمەن بۇ دەردىمنى،كىممۇ ماڭاياردەم قىلار؟ ــــ ئوسارغاق قوڭغۇز ئاغچا ئاچچىقىغا چىدىماي«تورت»دىدە بىرنى ئوسورۋىتىپتۇ.                                                  
ـــــ ۋايــــيـــەي! نېــــمانچـــە جىددىيـــــلـىـــشىسىز،قاتتىق ئوسورىمەن دەپ ؟ پـــۈھـــ... ، پـــۈھـــ...ئـەجەپمـــۇ  ئاچــــچىق ئوساردىڭىز!ـــــ دەپتۇ بىرىسى ئاستا ھەم بوش ئاۋازدا.
ـــــ ۋاي! بىرسى گەپ قىلعاندەك قىلامدۇ نېمە؟ كىمدۇر ئۇ ؟ تىزراق كەلسىچۇ يېنىمعا،ـــــ دەپتىكەن.
ـــــ مانـە مـەن يۈگــرەپ كېـلىۋاتىمەنغـــۇ يېـنىــڭىزغـا،ئۇچقاندەك كـېلىـۋاتىــمەنغۇ يېــنىڭىزغا،ـــ دەپتۇ.                      ــــ ۋاي  ياخشى! ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان كىمدۇ،  ئۇ ؟   ھېچبىر  قارىڭىز  كۆرۈنمەيدىغۇ. ئىشقىلىپ بايا  بىرنېمە مىدىرلىعاندەك   قىلغانتى،شۇ سىزمۇ يە؟ ـــــــ  دەپتۇ.   
ــــ مانا قاراڭ ئارقىڭىزغا، مەن كېلىۋاتىمەن ،كېلىۋاتىمەن ئۇچقادەك، چەتتەرەك تۇرۇڭ، ھېلى بىكار سىزنى سوقىۋەتمەي يەنە،ــــ دېگەن جاۋاپ كەپتۇ. قارىسا بىر قۇلىلە ئالدىرىماي ئۆمۈلەپ  كېلىۋىتىپتۇ. قۇلۇلە ئەڭ تېز سۈرئىتىدە ماڭغاچقا بۇ مېڭىشى ئۇنىڭ ئۆزىگە ئۇچقاندەك مېڭىۋاتقاندەك بىلنىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوسارغاق قوڭغۇز ئاغچا :
ــــ ھەي قۇلىلە،جان قۇلىلە.سەنمىدىڭ ؟!... ئۇچقاندەك يۈگرەپ كېلىۋاتقان قۇلۇلەخان.سەن كەلگۈچە قانداق چىدايدۇ بۇ جان؟ ئەي، قۇلۇلەخان  قۇلۇلە! ـــ دەپتۇ.
ــــ ئالــدىرىماڭ دېدىمــغۇ، مانا مــېنىــمۇ جىددىيــلەشتــۈرۈپ تېــز گـەپ قىـلدۇرۋەتـتىـڭىز.ئەي قۇڭعۇز ئاغچا ،بۇنىڭدىن  تېز سۆزلـىــسـەم ھېچكىممـۇ سۆزىمنى ئاڭــقىـرالماس!  تېـز گەپ قىـلىپ كەتتـىمـغۇ مانا،ئۇچقانداق كېــتىۋاتىـمەنغۇ مانا .
ـــ تاقىتىم تاق بولدى،قۇرساقلىرىم ئاغرىپ كەتتى.ۋاي! مەن ئۆيگە كىرىپ كېتەي، ئىشىك ئالدىغىلا تۇغۇپ قۇيماي يەنە!               ـــ توخــتاپ تـۇرۇ ڭ  قـۇڭغۇز  ئاغــچــا،گېپىمنى ئاڭلاڭ ! مەن دەرھال حەۋەر يەتكۈزەي ،ھازىرلا كېلىدۇ جـانـابى يولدىشىڭىز ،كېــلىپ سىـزگـە قارىـسۇن.تۇغۇت دوخـتۇرىنى ئۆيـگە باشلىــسـۇن،ــــ ئەڭ تېز سۈرئىتىدە گەپ قىلىپ. لېكىن دائىملا غۇر-غۇر چېپىپ يۈرىدىغان قوڭغۇز ئۇچۇن بۇ گەپلەر تولىمۇ ئەزمە بىلىنىپ ئىچى سىقىلىپ بىر بوپتۇ.
ــــ ھە بولىدۇ ،بولىدۇ، ئەمسە تېز بىرىڭ،  لېكىن سىز بارغىچە مېنىڭ بالىلىرىم تۇغۇلۇپ بىر ياشقا كىرىپ بۇلىدىغان ئوخشايدۇ؟! ــــ دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن قوڭغۇز ئاغچا تېۋىلغىنىڭ تۈۋىگە ياسىۋالغان ئۆيىگە كىرىپ كېتىپتۇ.قۇلۇلە بۇ خاسىيەتلىك ئىش ئۈچۈن  ئەڭ تېز سۈرئىتىنى چىقىرىپ مېڭىپتۇ. مېڭىپتۇ،مېڭىپتۇ. ئۇ شۆلگەيلىرىنى چىقىرىپ چۆپلەرنىڭ ئارىسىدىن، تاشلارنىڭ ئۈستىدىن سېرىلىپ مېڭىپ  مىڭ تەسلىكتە ئاران بىر مېتر مېڭىپتۇ. ئۇنىڭ ئورنىدا قۇڭغۇز ئاغچا بولغان بولسا موتۇدەك مېڭىپ نۇرغۇن يول بېسىپ بۇلغان بۇلاتتى-دە.! لېكىن ئۇ ھازىر كات ئۈستىدە گاھ تۈگۈلۈپ ،گاھ كېرىلىپ؛گاھ دومۇلاپ ،گاھ يۇمۇلاپ ئاۋارە ئىكەن.
قۇلۇلە شۇنداق «تېز »مېڭىپ كېتىۋاتسا  ئۇنى يولدا بىرقاغا كۆرۈپ قاپتۇ. قاغا ئۇنى يەيمەن دەپ «توكلا» چوقىلاپتىكەن،قۇلىلە دەرھال قېپىنىڭ ئىچىگە كىرىۋاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن قاغا :
ــــ ھەي قۇلۇلە،  ئۆيۈڭنىڭ ئىچىگە كىرىۋاساڭمۇ يەيمەن، ،كىرىۋالمىساڭمۇ يەيمەن.ھېلى بىكار ئاپىرىپ تاشقا بىرنى ئۇرىدىغان بولسام ھەممە يېرىڭ مانا مەن دەپلا ئاشكارە  بۇلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن يەپلاۋالىمەن سېنى. تولا ئەركىلىمە ماڭا، بىلسەنغۇ مېنىڭ خۇيۇمنى، دەپتىكەن، قۇلۇلە:
ـــ ھــەي قـاغـا ئـەپـەندىـم،قـاغـا شـاھـــزادە،قـاغـا  قارا ۋ ۇل، قــاغـا قـاراقچـــى،قـاغـا مـاراقـچــى،قـاغـا توڭچــى،قــاغا پـوقچـى! ــــ دەپتۇ.
ــــ ۋاي! نېمانچە ئىشتىك سۆزلەپ كەتتىڭ، بۇنداق سۆزلىمەيتىڭغۇ؟ ــــ دەپتۇ، قاغا. قۇلۇلە:
ر ا ســت بـۇنـد اق ئىـشتىك سـۆزلىـمـەيتتىــم لېكىن مـەن بـەك مـــۇھىـــم ئىـشقــا ماڭـدىـم ،ئــەگــەر ئۇ تـۈگـەشســە سېــنىڭمــۇ كۈنلىرىڭ تۈگىشىدۇ،  ـــ دەپتۇ.قاغا:
ـــ مېنىڭ كۈنلىرىم قانداق تۈگىشىدۇ؟ ــــ  دەپتىكەن،قۇڭغۇزئاغچا :
ـــ  ســەن ئامـراق يېــمەكـلىـك ئازلاپ كـەتسـە تـۈگـۈشىـسەن-دە،ــــ دەپتۇ .بۇ گەپنى تازا ئاڭقىرالمىغان قاغا:
ـــ  يېـمـەكـلـىـكـىـم قانـداقـچـە ئازلاپ كـەتســۇن ؟! مانا ئالـدىمـدا ئېــسىـل تــامـــاق تەيـيـارلا تـۇرمـامدۇ ! ــــ دەپتۇ قۇلۇلىنى دوراپ ئەزمە سۆزلەپ.
ـــ ئالدىرما ، ھازىرلا دەپ بېرىمەن، ـــ دەپتۇ قۇلۇلە يەنىلا ئەزمىسىنى ئېزىپ،قوڭغۇز ئاغچا نۇرغۇن-نۇرغۇن بالا تۇغماقچى،لېكىن ئۇنىڭغا كىندىك ئانا يوق،مەن كىندىك ئانا ئىزدەپ ماڭدىم دەپتۇ.قاغا:
ـــ ۋوي! ئۇنداق بۇسا ياخشى ئىشقۇ،ئۇنى مەن بېرىپ تۇغدىراي، مەن بېرىپ....ــــ دەپتىكەن،قۇلۇلە ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ:
ــــ توختا ! كەچۈر،بۇ مېنىڭ بەلكى بىزنىڭ قۇلۇلىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم بىركىمنىڭ گېپىنى بۆلۈۋېتىشى. سەن ئۇنى تۇغدىرامسەن ياكى تۇغۇلۋاتقان بالىلىرىنى بىردىن-بىردىن كاپ ئېتەمسەن؟! ـــ دەپتۇ.قاغا:
ــــ ياق، مەن ئۇنى تۇغدىراي ! ــــ دەپتۇـ دە ، قۇلىلىنى چىشلەپ بىرلا ئۇچۇپ قۇڭغۇز ئاغچىنىڭ قىزىل تېۋىلغا تۈۋىدىكى  ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ.يەنە ئىشىك ئادىغا چىقىپ ئېرى بىلەن قۇلۇلىنىڭ يولىغا تەلمۈرۋاتقان قۇڭغۇز ئاغچا ئۇلارنى كۆرۈپلا ئۆيگە «غىپپىدە» قېچىپ كىرىپ ئىشىكنى تاقىۋېلىپ مۇنداق دەپتۇ:
ـــ ھەي قۇلۇلە، قۇلۇلە، ئىككى تۈگىلە. سەن  تۈگىلىپ ئۆيىڭگە كىرىۋالدىڭ،مەنمۇ قېچىپ ئۆيۈمگە كىرۋالدىم. كىندىك ئانا دېگىنىڭ مۇشۇ قاغىما؟ ئۇ دېگەن قاراقچى،ماراقچى،ئوغرى،تېزەكچى تۇرسا، ئۇ مېنى يەپ كەتمەمدۇ،بالىلىرىمنى قىرىۋەتمەمدۇ. مەن قانداق ياشايمەن بۇ دۇنيادا،ئېرىم كەلسە بالىسىمۇ يوق،حوتۇنىمۇيوق، ئاھ ئۇرۇپ ئۆلمەمدۇ ئازاپتا ؟!
قۇلىلە ئاڭلاپ:
ـــ ۋاي مـەن بـۇنـى بىـلمـەپتىـمـەن، بۇنى ئويلىماپتىـمـەن ، مېنى كەچۈر!ــــ دەپتۇ. قاغا ئاڭلاپ :
ـــ ۋاي  مەن ئۇنداق قىلمايتىم ،ئۇنداق قىلمايتىم ــــ دەپتۇ. سېنى تىنچ-ئامان بوشاندۇرۇپ قۇيۇپ ،بالىلىرىڭغا ئوت-چۆپ،يۇپۇرماق،نازۇ -نېمەتلەرنى ئەكىلىپ بېرىپ باقاتتىم، ــــ دەپتۇ.قوڭغۇز ئاغچا ئىشەنمەي:
ــــ ھەي قاغا، سېنىڭ ئىچىڭمۇ قارا، تېشىڭمۇ قارا،سەن مېنى ئالداپ يەپ كەتمەكچىغۇ شۇ،ــــ دەپتۇ.
قاغا تېرىكىپ :
مەن نەپسىمدىن كېچىپ ،بىر قېتىم ياخشى نىيەتكە كەلگەن ئىدىم،گېپىمگە ئىشەنمىسەڭ خوش ئەمسە،ــــ دەپتۇ ۋە ئۇچۇپ كېتىشكە تەمشىلىپتۇ.قۇلۇلە دەرھال :
ـــ ھەي  قاغا، مېنى يېسەڭمۇ يېگىن ،مېنى ئالغاچ كەت، مەن بېرىپ باشقا ئانىلارغا خەۋەر يەتكۈزەي،ـــ دەپتۇ.قاغا ئاچىقىدىن يېنىپ قۇلۇلىگە ماقۇل بولۇپ ئۇنى چىشلەپ ئۇچۇپتۇ. ئۇچۇپ كېتىۋىتىپ قارىسا ئېڭىزلىقتا كىچىكىنە بىر چاشقان يۈگرەپ يۈرگىدەك.شۇنىڭ بىلەن قاغا شۇڭغۇپ چۈشۈپ قۇلۇلىنى يەرگە قويۇپتۇ-دە ،بالا چاشقاننىڭ گەجگىسىدىن چوقۇلىۋاپتۇ ۋە دېمىقىدا سۆزلەپتۇ:
ــــ ھــە، سېنى تۇتىۋالدىم. ،ئۆيدە قېرى ئانام ئاچ قالغانتى،سېنى ئانامغا ئاپىرىپ بېرەي.
ـــ ياق،ياق، مېنى قويۋېتىڭ ، مېنىڭمۇ قېرى ئانام ئۆيدە قالغانتى،ئۇنىڭ بىلەن ۋىدالىشىۋالاي،ئاندىن...
ــــ ئاناڭ كىم؟ مەن تونامدىم ؟
ــــ  ئاپامنىڭ ئىسمى، ئاپامنىڭ ئىسمى مەڭلىكخان  كىندىكئانا.
ـــ مەڭلىكخان كىندىكئانا؟ قانداق كىندىكئانا ئۇ؟!
ــــ ئانام يالاڭئاياق تۇغۇت دوختۇرى ئانىلارنى  تۇغدۇرىدۇ.كىشىلەر ئۇنىڭدىن بەك رازى.
ــــ راستما؟
ــــ راست!
ــــ ئۇنداق بۇلسا مېنى ئاناڭنىڭ قېشىغا باشلاپ بار! شۇنىڭ بىلەن قاغا قۇلۇلىنى چىشلەپ كۆتۈرۈپ بالا چاشقاننى  پەنجىسىدە قاماللاپ ئېلىپ ئۇچۇپتۇ. ئككى-ئۈچ قانات قېقېپلا مەڭلىكخاننىڭ ئۆيىنىڭ ئادىغا كەپتۇ-دەئاۋال بالا چاشقاننى يەرگە قويۇپتۇ. چاشقانچاق كۆڭلىدە خامچوت سوقۇپ مەخپىي ئىشىكتىن«غىپپىدە» كىرىپ كېتەي دېيىشىگە،بۇنى پەملەپ بولغان قاغا ئۇنى ئوڭ پەنجىسى بىلەن «كاپپىدە» تۇتىۋاپتۇ ۋە دىمىقىدا سۆزلەپ:
ــــ سەن كىرىپ كەتسەڭ ئاپاڭ ئۆزلىكىدىن چىقامدا ؟! بۇ يەردە سىلەرنى ساقلاپ چاچلىرىمغا ئاق كىرىپ كېتەر ھەرقاچان ــــ ھە؟!.  ئاپاڭنى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ چاقىرغىن!ــــ دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن چاشقان ۋارقراپتۇ:
ـــ ۋاي ! ئاپا تېز چىققىن، ئۆيگە مېھمانلار كەلدى، خۇشخۇي قارشى ئالغىن ،ئالدىغا دەستىرخان سالغىن ،يېمەك- ئىچمەك، ئېسىل تائام ــــ بۇغدايلارنى قويغىن ،ئۇلار يەپ تويسۇن خوشال-خورام ئوينىسۇن!ــــ دەپتۇ .
ئانا چاشقان مەڭلىكخان بۇ مەخپى ئىشارەتنى ئاڭلاپ «ئاپلا ،نېمە بالا يەتكەندۇ بىزگە؟»دېگىنىچە يۈگرەپ چىقىپ ئىشىكنىڭ ئاراچىدىن ئاستا ماراپتۇ. ماراپتۇ-يۇ بالىسىنىڭ قاغىنىڭ ئالدىدا تۇرعانلىقىنى كۆرۈپتۇ.كۆرۈپيۇ-يۇ ئېتىرنى بېشىغا كىيىپ ئاللا-توۋۋا ساپتۇ:   
ــــ ۋاي،بالام !جېنىم بالام ،ئەخمەق بالام، ئۆيدە ئوينا دېسەم  ئونىمىغان بالام،ئاپا ساڭا قارايمەن، دان تېپىپ كېلىپ سېنى باقىمەن دەپ تالاغا قاچقان بالام. ۋاي بىچارە بەڭۋېشىم ،قىرىغاندا ئاران تۇغقان بىرتاللا ئەزىزىم ،سەن نېمىشقا ئەخمەقلىق قىلىسەن كۈپكۈندۈزدە تالاغا چىقىپ،ساق بېشىمنى غەمگە تىقىپ،  يۈرىكىمنى پارە-پارەقىلىپ، سەن ئۈچۈن ئوتتا كۆيەيمۇ،سۇدا ئاقايمۇ، قانداق قىلاي ئەمدى.بۇقاغا دېگەن بىزدىن ئون ھەسسە ھېلىگەر،يۇز ھەسسە ئەقىللىق تۇرسا ئۇنىڭغا قانداقمۇ تەڭ كېلەي ئەمدى ؟! ئۇ مېنىڭ نەچچە قېرىندېشىمنى يەپ كەتكەن ئەمەسمۇ،يەنە... ــــ مەڭلىكخان ئاھ ئۇرغاچ بالىسىنى قانداق قۇتقۇزۇشنى ئويلاۋاتقاندا تىت-تىت بولغان قاغا قۇلۇلىنى يەرگە «توككىدە»تاشلاپتۇ-دە، ئانا چاشقان مەڭلىكىاننىڭ گېپىنى بۆلۈپتۇ:
   ـــ ھەي ۋاتىلداق مەڭلىكخان ،مەندەك قاغا دۇنيادا كۈرمىڭ ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنى بىر مەن يېمىگەندىمەن؟! ئېغزىڭنى يۇمۇپ سۆزۈمگە قۇلاق سال! كىندىك ئانىلىق ماھارىتىڭ بار ئىكەن. ئەگەر ماڭا  بالام لازىم دېسەڭ، بىزگە ياردەم قىلغىن.قۇڭغۇز ئاغچانىڭ كۆزى يورۇماقچى ئىكەن. ئۇنى بوشاندۇرۇپ  قويغىن!
ــــ بۇگەپ راستمۇ؟ ــــ سوراپ چاشقان مەڭلىكخان.
ــــ مەن ئانام كىندىك ئانىلىق قىلىدۇ،دېسەم مېنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىشتىن يالتىيىپ بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدى !
ـــ بـۇ راســت، ـــ دەپتۇ قۇلۇلىمۇ قېپىدىن  بېشىنى چىقىرىپ.
ــــ ئانا-بالا ئىككىلىمىزنى قولغا چۈشۈرۈش چوتىنى سوقۇپ كەلدىمىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن شۇ،ھۆ-ھۆ-ھۆ...
ـــ بولدى بەس ! ــــ كانىيى يىرتىلغىدەك ۋارقىراپيۇ قاغا ـــ ساڭا بالا كېرەكمۇ،دەيمەن؟!
ــــ كېرەك،كېرەك،مېنى يېگىن بالامنى قويىۋەنكىن،مېنىڭ گۆشۈم بالامنىڭكىدىن جىق!
ــــ سېنىمۇ يېمەي ،بالاڭنىمۇ يېمەي. تېز بېرىپ ئۇنى بوشاندۇرۇپ قويساڭلا سىلەرنى قويۋېتىمەن، ـــ دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئانا چاشقان كۆزلىرى پىلدىرلىغان،تىزلىرى دىرىلدىغان ھالدا ئۆيىدىن چىقىپتۇ. قاغا يەردىن يېنىك كۆتۈرۈلۈپتۇ-دە چاشقان مەڭلىكخاننى جۈپ پەنجىسىدە قاماللاپ كۆتىرىپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ،بالا چاشقان بىلەن قۇلۇلە شۇيەردە ئاسمانغا قارىغىنىچە تۇرۇپ قاپتۇ. قاغا بىلەن مەڭلىكخان ئوتتۇزنى ساناپ بولغۇچە قوڭغۇز ئاغچىنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەپتۇ.  قارىسا ئىشىكلەر ھاڭغىرقاي ئوچۇق، قۇڭعۇزئاغچا ھويلىدىكى سۇپىدا ۋايجانلاپ ياتقان ئىكەن .ئۇ چاشقان بىلەن قاغىنى كۆرۈپلا ئۆلگەن بولۇپ ئوڭدا  يېتىۋاپتۇ.«ھىم مانا،ئوغرىدىن كېيىن قاراقچى، دېگەندەك بىر ئەمەس ئىككى كۈشەندەمنىڭ قولىغا چۈشتۈم.بالىلارىم يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچمايلا تۈگۈشىدىغان بولدى،ئىسىت،ۋاي ئىسىت،ھەممىنى قىلغان ئاشۇ بىكار تەلەت دادىسى !»بىچارە قوڭغۇز ئاغچا بارلىق ئۈمۈدىنى تەلىيىگە باغلاپ ئاغرىققا چىداپ شۈككىدە يېتىۋىرىپتۇ.
ـــ  قۇڭغۇز ئاغچا، قۇڭغۇزئاغچا، مېنىڭ نىيىتىمنى چۈشەن،ـــ دەپتۇ قاغا ــــ يېمەيمەن سېنى ۋە باللىرىڭنى.مېنىڭ ياخشى كۆڭلۈمنى بىلسۇن دەپ ئەكەلدىم كىندىكئانا چاشقان مەڭلىكخاننى.بۇ ناھايىتى پىشقان كىندىكئانا ،ماھارىتى كاتتا، ئۇنىڭ داۋاسىنى قۇبۇل قىلغىن، بالىلىرىڭ يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچسۇن ،قورسىقىڭدا تۇنجۇقۇپ قالمىسۇن،ئەگەر سېنى يېگۈمىز بولسا بۇنداق قاراپ تۇرىدىغا ئىش نەدە بار؟!
قۇڭغۇز ئاغچا مەڭلىكخاننىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ بۇرۇن ئانىسىنىڭ «مەڭلىكخان دېگەن بىر چاشقان كىندىك ئانا بار ئىكەن ،چاشقان ئاۋۇغان بىر يىلدا بەش مىڭ چاشقان بالىغا كىندىك ئانا بوپتۇمىش ،لېكىن دائىم شۇنداق ئالدىراش يۈرۈپ ئۆزى تا بۈگۈنگىچە بالىلىق بولالماپتۇمىش .ئۈنىڭ چاشقانلار ئىچىدە يۈزى بەك چوڭ ئىكەن...» دېگەنلىرى يادىغا يېتىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇت-قوللىرىنى مىدىرلىتىپ دۈم بولماقچى بولۇپتۇ بىراق قورسىقى پومزەكتەك يوغىناپ كەتكەچكە نەچچە ئۇرۇنۇپمۇ ئۆرۈلەلمەپتۇ.ھەر ئۇرۇنغاندا بىر «تارتتىدە»ئوسۇرۋېتىپتۇ.مەڭلىكخان يۈگرەپ كېلىپ ئۇنى ئۆرۈپ قويوپتۇ ۋە ھۇجرىسىغا يېتىلەپ مېڭىپتۇ.قوڭغۇز ئاغچا ئىككى قەدەم مېڭىپلا توختىۋاپتۇ ھەمدە مۇنداق دەپتۇ:
ـــ ھەي قاغا،ياخشى كۆڭلۈڭنى چۈشەندىم،سېنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىڭگە ئىشەندىم.ئەمدى سېنىڭ ياردىمىڭنى  قۇبۇل ئېتەي دېسەم ،چاشقانغا ئىشىكىمنى ئاچاي دېسەم،مۇرادىمغا يېتەي دېسەم، ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ بالىلىرىمنى بىر كۆرۈۋېلىپ ئۆلەي دېسەم،لېكىن بۇ چاشقاننىڭمۇ قىلىقى يامان تۇرسا، بىرەر بالامنى تئىغزىغا سېلىپ يالماپ يۈتىۋالسا، نەپسىنى باسالماي قوسىقىغا يەنە چىڭداپ تىقىۋالسا مەن قانداق قىلىمەن ! بالام كاملاپ كەتسە ئاھ ئۇرمامدىمەن.ياق مەن سىلەر بار يەردە تۇغالمىغۇدەكمەن،بولدى جاپا تارتساممۇ ئۆزەم تۇغاي،حاتىرجەم بولاي .
شۇنىڭ بىلەن مەلىكىخان ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ:
ــــ ھەي قۇڭغۇز ئاغچا، ئوسارغاق قۇڭغۇز  ئاغچا.ئوسۇرقى مېزىلىك، دۈمبىلىرى پارقىراق ئاغچا، باللىرىڭىزنى بۇدۇنياغا ساق-سالامەت كۆز ئاچقۈزاي،ھەر بىر كۈنلىرىنى چىرايلىق ئۆتكۈزەيلى،ئۇلار چوڭ بولسۇن،سىزگە ئەگەشسۇن، سىزدەك ئەقىللىق بولسۇن. ياق دېمەڭ ،رازى بولۇپ كېتەي.قاغا تۇتىۋالدى بالامنى،مېنىڭ يۈرەك-پارەمنى، مۇشۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلمىساڭ بالاڭ ھايات قالمايدۇ، دەيدۇ.ئەگەر ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسام،ئۇ چىقىپ مېنىڭ بالامنى يەيدۇ.قانداق قىلىمەن؟ ئولاپ باق، ئۆزەم كىندىك ئانا بولىۋاتقان بالىلارنى يەۋالسام بۇنداق قىلىق بىزدەك كىندىكئانىلار ئۈچۈن نە ئات،نە نۇمۇس؟! شۇنداق ئىش قىلسام چاشقانلار مېنى كۆزگە ئىلارمۇ،ھازىرقىدەك تۆرىدىن ئورۇن بېرەرمۇ؟! ـــ دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن قۇڭغۇز ئاغچا:
ــــ ھەي سەنمۇ بالاڭ ئۈچۈن جان  كۆيدۈرىدىكەنسەن،مەنمۇ بالنىڭ كويىدا،ئانىلار دېگەن كۆيىدىكەن   بالىلانىڭ ئوتىدا.بوپتۇ گېپىڭنى ئاڭلاي ،مەيلى بالامنى يېسەڭمۇ يېگىن ،سېنىڭ بالاڭ ساق قالسا مەيلى .بۇ تەغدىر مېنىڭ بېشىمغا  پۈتۈلۈپتۇ،باشقا كەلگەننى كۆرەرمەن.يولدىشىم كەلسە ئۇنىڭغا ئۆز يولىدا جاۋاپ بېرەرمەن ،ئۆلۈپ كەتسەم ئۇ دۇنياغا بارعاندا كۆرۈشەرمەن.ھەي،چاشقانلار كىندىك ئانىسى،سېنىڭ نامىڭنى ئاڭلىغانمەن.ساڭا ئىشىنىمەن.لېكىن مەيلى مەن تەۋەككۈل قىلاي بۇ خەتەرگە، ــــ دەپتۇ.
بۇنى ئاڭلاپ چاشقان :
ــــ جېنىم ئوسارغاق قۇڭعۇز ساڭا قەسەم قىلاي، باللىرىڭنى ساق-سالامەت تۇغدىراي،بۇنىڭدىن كېيىن دوستۇڭ بولاي، ئېرىڭ كەلگىچە بېشىڭدا تۇراي، ـــ دەپتۇ.
ئاڭغىچە قۇڭعۇز ئاغچىنىڭ تولغىقى يەنە تۇتۇپتۇ.مەڭلىكخان ئۇنى يۆلەپ ھۇجرىسىغا ئەكىرىپتۇ.شۇ بىلەن قۇڭغۇز ئاغچىنىڭ بالىلىرى  تۇغۇلۇشقا باشلاپتۇ.كىندىك ئانا ھەر بىر بالىنى تەييارلاپ قويغان لاتىلارغا يۆگەپ، ھەر بىرىسىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپتۇ، بىرىسىنى «پاقىراق» دەپتۇ، ،بىرىسىنى«مىرقىراق»دەپتۇ، بىرىسىنى«يالقۇن»دەپتۇ بىرىسىنى «ئالتۇن» دەپتۇ ،بىرىسىنى«سېمىز» دەپتۇ، بىرىسىنى«دېڭىز»دەپتۇ ،بىرىسىنى «يالپۇز» دەپتۇ،بىرىسىنى «يۇلتۇز» دەپتۇ، بىرىسىنى«پاكۆز» دەپتۇ ، بىرىسىنى «مۆلدۈر »دەپتۇ،بىرىسىنى «يامغۇر» دەپتۇ،بىرىسىنى «تاش» دەپتۇ......ئاغىرىغا ئەپلىك كەلگەن سۆز بىلەپ ئاتاۋېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ قۇڭغۇز ئاغچا توختىماستىن تۇغۇپ  قىرىق تۆت بالا تۇغۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بوۋاقلارنى ياتقۇزۇپ قويۇپ ھەر بىرىسىگە ياخشى تىلەكلەنى تىلەپتۇ .قاغا بۇ بالىلارنى كۆرۈپ كۆڭلىدە «ئانا بولماق نېمىدىگەن ئىسىل خىسلەت – ھە !»دەپتۇ« مەن تېخى ئانا بولمىدىم،دادا بولمىدىم.مەن تېخى توي قىلمىدىم ،مەن توي قىلىپ مەنمۇ بالىلىرىمنى ياخشى باقىمەن.حۇددى ئانام مېنى باققاندەك .ئانام ماڭا نۇرغۇن نەسىھەتلەرنى قىلغان.{ئامان بولسۇن ئالتۇن بېشىڭ }دەپ.ھەي! ئانىلارنىڭ ئالتۇن بېشىمۇ ئامان بولسۇن!بۇ ئائىلىلەرمۇ ئامان بولسۇن! »،قاغا «خوش ئەمسە»دەپلا ئۇچۇپ كېتىپتۇ. چاشقان مەڭلىكخان كۆڭلىدە ئۇنىڭغا رەھمەتلەرنى ئېيتىپتۇ. قوڭغۇز ئاغچىمۇ قاغىدىن كۆپ مىننەتدار بولۇپتۇ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئاپتۇ.  
ئەتىسى تاڭمۇ ئېتىپتۇ ،قۇڭغۇز ئاغچىنىڭ ئېرى كېلىپ،قىرىق تۆت نەپەر بالىنى كۆرۈپ ھەيرانۇ-ھەس بولۇپتۇ.بالىلارنى بىردىن-بىردىن  «ئوماق بالام» دەپ ئەركىلتىپتۇ. قۇڭغۇز ئاغچا تۈنۈگۈن بولغان ئەھۋاللارنى بىرمۇ بىر دەپ بەرگەن ئىكەن،ئۇ ناھايىتى تەسىرلىنىپ،ھاياجىنىنى باسالماي ئاقا ئارقىدىن نەچچىنى ئوسۇرۋېتىپتۇ.ئۇلار«بىزگە ياردەم قىلغان قۇلۇلە قېنى؟» دېيىشىپ قۇلۇلىنى ئىزدەپتىكەن قۇلۇلە كۆرۈنمەپتۇ. ئەتراپنى يەنە ئاختۇرۇپتۇ، كۆرۈنمەپتۇ.مەھەللىدىن ئىزدەپتۇ،كۆرۈنمەپتۇ. بالا  قۇلۇلىنى تېپىپ سورىسا «ئاپام تۈنۈگۈن بىريەرگە كەتكەنتى تېخى قايتىپ كەلمىدى»دەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىرىق تۆت بالىسىنى بېقىش ،تەربىيىلەش بىلەن بولۇپ كېتىپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپ ھەپتە بولۇپ ،ئىككى ھەپتە بولۇپ ، ئۈچ ھەپتە بولۇپ تۆت ھەپتە بولۇپ ،ئاخىرى قىرىق كۈن بولۇپ،قۇڭغۇز ئاغچىنىڭ باللىرىنىڭ قىرىقى سۈيىنى قۇيىدىغان كۈنى ئەتىگەندە قۇلۇلە ئاستا پەيدا بوپتۇ.
ــــ ھەي،قۇڭعۇز ئاغچا ،موبارەك بولسۇن ! قىرىق تۆت بالىنى تۇغۇۋاپسىز، موبارەك بولسۇن!ـــ دەپتىكەن.
ـــ ھارمىغايسىز قەدىرلىك شاپائەتچىم!ــ دەپتۇ قوڭغۇز ئاغچا ـــ مانا قىرىق كۈن بولدى، قىرىق تۆت  بالىنى تۇغقىلى.سىز نەلەردە سەيلە قىلىپ يۈردىڭىز؟
ـــ مەن شۇ تۇغۇت سەييارە تۇغۇت دوختۇرىنىڭ ئۆيىگەبارغان ئىدىم،مەن شۇ يەردىن بۇياققا قاراپ ماڭغىلى قىرىق كۈن بوپتۇ ئەمسە،ـــ دەپتۇ قۇلۇلە جاۋابەن.
دېگەندەك بۇ ئاق كۆڭۈل قۇلۇلە ئۇ قىرىق كۈن يول يۈرۈپ ئۆزىنىڭ مەھەلىسىگە يېتىپ كەلگەن ئىكەن. قوڭغۇز ئاغچانىڭ قىرىق تۆت بالىسى ئۇنى چوڭ ئاپا دەپ چاقىرىپتۇ.قۇلۇلە بۇنىڭدىن بەكلا خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ،بۇ خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭ قىرىق تۆت كۈنلۈك ھاردىقىمۇ بىراقلا چىقىپ كېتىپتۇ.         


2011-يىلى5-ئاي


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  146
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 758
تۆھپە : 7
توردا: 88
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 16:47:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت تەسىرلىنىش بىلەن بىرگە شۇنىڭغا ھەيران ئىكەنمەنكى ئەيبۇ ئاكىمىز ھازىر شاڭخەيدىمۇ يا ئۆرۈمچىگە قايتىپ كەلدىمۇ ؟

ئۆزۈڭ بول ئابرۇيىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە ،
يۆلەكسىز ئۆزۈڭنى سەن ئۆزۈڭ يۆلە .

                            ئابدۇللا توقاي

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  371
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 183
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 16:57:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاغ تۇراغا ئاتلانغان ئەزىزلەرنىڭ تېنى سالامەت ، ئۆگىنىشى نەتىجىلىك بولغاي !

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1542
تۆھپە : 160
توردا: 669
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 17:02:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىرئەھمەد مامۇت يوللىغان ۋاقتى  2012-5-28 16:47
ئالامەت تەسىرلىنىش بىلەن بىرگە شۇنىڭغا ھەيران ئىكەنمە ...

مەن ئۆرۈمچىگە قايتىپ كەلدىم، ھازىر ئىجادىيەت مەركىزىمىز _  «بالىلار ئەدەبىياتى» ئىجادىيەت سېمنارىيىسىدە.

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  246
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 394
تۆھپە : 2
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 17:43:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنىلىك   دەملىرىڭلار يەنىمۇ كۆڭۈللۈك بولسۇن ...باتۇرجان داۋۇت قورىغار  سىزگە يىراقتىن سالام  !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  562
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 301
تۆھپە : 0
توردا: 42
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 17:45:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ رەسىملەر ئارسىدا كۆيۈمچان ئۇستازىم سېتۋالدى كىرىمنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئەمگىكىدىن يەنە بىر قېتىم سۈيۈندۈم.

تاشتىن قاتتىقمەن گاھى، ناۋاتتىن تاتلىقمەن گاھى!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  417
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 144
تۆھپە : 1
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 17:49:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم باتۇرجان داۋۇت قورىغارنىڭ كۈنلىرىنىڭ مەنىلىك ئۆتۈشىنى، مول ھۇسۇل ئېلىپ كېلىشىنى ۋە مولھۇسۇل بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  368
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 230
تۆھپە : 6
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 19:42:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                         ئۈرۈمچى بىلەن شاڭخەينىڭ دىئالوگى

-سالام ،زامانىۋى دوستۇم، مېنىڭ نۇرغۇن مەسلەكداشلىرىم سېنى كۆرگىلى بويلىرىڭغا كەتكەنتى، سەن ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالغانسەن؟
-ئەلۋەتتە . ئۇلارمۇ يۈرىكىدە بىر تالاي ئوتلارنى ئېلىپ كەلگەن دوستلىرىڭككەن، ئەلۋەتتە ئاشۇ ئوت بىلەن مېنىڭ سوغۇق ئۆرلەپ تۇرىدىغان باغرىمىنى قىززىق ھاياجانلارغا تولدۇرىۋەتتى.
-بىلەمسەن دوستۇم، سەن تالاي يىللار ئىلگىرى جىمجىت سۈيۈڭدەك مۈگدەپ ياتقىنىڭدا مەن ئاللىقاچان يىپەك يولىنىڭ كولدۇرمىلىرى بىلەن ئويغىنىپ ئۆزۈمنىڭ باغرىدا ياشاۋاتقانلارنى ياۋروپاغىچە تونۇتقان ئىدىم. مانا بۈگۈنگە كەلگەندە ھەر ئىككىلىمىز تەڭ ئويغىنىۋاتىمىز، بىر-بىرىمىزگە دوستلۇق قوللىرىمىزنى سۇنۇپ ، مېنىڭ قۇملۇقنىڭ قايناق ھارارىرىتىدە قىزىۋاتقان قېنىم بىلەن سېنىڭ سوغۇق سۇلۇق باغرىڭنى ئىسسىتىۋاتىمىز. بىلگەنسەن ھازىر باغرىڭدا ياشاۋاتقان مەردانىلەر دەل سېنى ئىسسىتىۋاتقانلاردۇر.
-شۇنداق، سېنىڭ بۇرادەرلىرىڭ ھەقىقەتەن مېھرى ئىسسىق، قەلبى ئاتەش، قەلىمى قىزغىن بۇرادەرلىرىڭكەن. ئۇلار مېنىڭ يېشىللىقىمغا ئۆزىنىڭ چوغدەك ئىلھاملىرىنى قوشۇپ ئاۋازلار بىلەن شىكەستىلەنگەن باغرىمغا مەلھەم بېرىۋاتىدۇ.
-مانا، مانا ...مەن ئۇلارغا ئىشىنەتتىم، ئۇلارلا ئەمەس ئۇلاردىن بالدۇر بارغان ياكى بارماقچى بولغان بارلىق قېرىنداشلارمۇ ئۇلاردىن قېلىشمايدۇ.
-نىمە ؟ سەن ئۇلارنى بۇ يەرگە ئىۋاەرتىۋەتسەڭ ،سەن غېرىپسىنىپ قالمامسەن؟!
--ياق! بىلسەڭ ئۇلار يىراقتا بولسىمۇ ئاۋازى ماڭا ھەر كۈنى يېتىپ تۇرىدۇ. مانا 27-چىسلادىن باشلاپ يەنە بىر تۈ*ركۈم بالىلارغا ئۆزىنى بېغىشلىغان جان-جىگەرلەر مېنىڭ باغرىمدىكى جەنۇبى تاققا يىغىلىپ كەلگۈسىدىكى بالىلار ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۇل ھازىرلىماقتا. ئۇلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرە، دوستانە مۇتالىئەلىرى ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى يورۇتۇپ تۇرۇپتۇ.
-شۇنداق، سىەن بەختلىككەنسەن، ئەدەبىيات ئوتى سېنى لاۋۇلداتسا  ئوت يۈرەك ئەزىمەتلەر ساڭا ھەر ۋاقىت جان كۆيدۈرىۋېتىپتۇ، سەن ئۇلارغا ئىشەن، مەن ئۇلارغا مەدەت بېرەي، ئىككىمىز قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ، ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ داغدام يول ئاچايلى!
-بولىدۇ، ساڭا ئىشىنىمەن، ئەڭ ئاۋال تاغ تۇرا(جەنۇبى تاغىدكىلەر) بىلەن سۇ تۇرا(شاڭخەيدىكىلەر)دىكىلەرگە چوڭ ئۈمىد باغلىدىم، ئۇلارمۇ ئۈمىدىمنى يەردە قويمايدۇ.
-شۇنداق بۇرادەر، سەن قەدىمى، مەن زامانىۋى،بىز بىر بىرىمىزنى تولۇقلاپ ئاشۇ بۇرادەرلەر ئۈچۈن بىللە كۈچ چىقىرايلى!
-ئۇنداقتا شائىر ئابلىكىم ھەسەننىڭ «يۇلتۇزلارغا سۆز»دىگەن ناخشىسىنى بىللە ئېيتايلىچۇ!
-بولىدۇ، سېنىڭ تىلىڭدا بولغاندىكىن سەن باشلا، مەن ساڭا ئەگىشەي!
   جىمىرلاريدۇ ،شائىرلار
شاڭخەيدە،ئۇرۇمچىدە.
ئۇلار ئۇيغۇر زىننىتى،
ئوقۇرمەنلەر  سۆزىچە.

ساناپ باقسام ئۇلارنىڭ،
سانلىرىنىڭ چېكى يوق،
مۇڭدىشايلى دېسەم مەن،
خېتى بارۇ گېپى يوق!

گەپ قىلىڭلار دوستلىرىم،
ئەنجۇمەنگە يارامدىم؟
زەللە ئېلىپ ئەسەردىن،
يېنىڭلارغا بارامدىم؟!
(بالىلار يازغۇچىلىرىنىڭ پائالىيىتىنى كۆرۈپ يازغىم كەلدى، ئاددى يازمام ئارقىلىق بارلىق بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىغا قىزغىن سالامىمنى يوللايمەن!ئۈمىدلىرىمىز يەردە قالمىغاي!)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايسىمە ئىدىرىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-28 20:40  


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1146
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 20
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 20:31:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات ساھەسىدىكى بۇ خىل جانلىنىش كىشىنى تولىمۇ سۈيۈندۇرىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش