ئـابـدۇرېـھـىــم ئـۆتـكـۈر غـەزەلـلـىــرى
ئارمان نىمە
بولمىسا جانىم ئارا ئىشقىڭ ماڭا بۇ جان نېمە؟
سادىغاڭ بولسۇن بۇ جان، سەندىن بۆلەك جانان نېمە؟
كۈلمىسە جۇشقۇن خىيالىم ئاسمىنىدا ئاپتىپىڭ،
مەن ئۈچۈن ئالەم نېمەيۇ؟ گۆر نېمە؟ بوستان نېمە؟
ھىچ تېگىشمەس بىر كۈنۈڭنى دەۋرى - دەۋرانغا كۆڭۈل،
بولمىسا ۋەسلىڭ نەسىۋى ماڭا مىڭ دەۋران نېمە؟
ئۆتتى باشتىن شۇنچە يىللار قالدۇرۇپ ماڭلايدا ئىز،
بولسا سەندىن بىر خەۋەر، ئۆمرۈم ئۈچۈن پۇشمان نېمە؟
تەلمۈرۈپ شۇنچە يولۇڭغا ئاقتى كۆزنىڭ نۇرلىرى،
چاڭلىرىڭنى تۇتىيا قىلسام ئىدىم، ئىمكان نېمە؟
گۈلنى ھەر تاڭدا كۆرۈپ بۇلبۇل يەنە قىلماي شۈكۈر،
شۇنچە نالە ئەيلىسە، ئۇ نېمدېگەن نادان نېمە؟
كاشكى مەن ئۆمرۈمدە بىر كۆرسەم سېنى ئاي يۈزلۇكۇم ،
جان بېرىپ ئۆلسەم شۇ دەم ، دۇنيا ئارا ئارمان نېمە؟
ئاھ ئۇرۇپ ئۆتكۈر ئادا بولدى قەلەندەردەك كىزىپ،
يوقمىدۇر شۇنچە جاھاندا دەردكە بىر دەرمان نېمە؟
1948 - يىلى 12 - ئاپرېل، ئۈرۈمچى
مۇھەببەت ھەققىدە غەزەل
مۇھەببەت شامدىنى شامسىز قالالماس ھېچقاچان جانان.
چىراغسىز قالسىمۇ مېھراب ۋە ھەتتا مەككىدە بىر ئان.
تاپار مەجنۇن كېزىپ ئۆتكەن باياۋان چۆلنى چىن ئاشىق،
كۆمەلمەس چۈنكى بۇ سۆيگۈ ئىزىنى ھېچ شامال - بوران.
ئۇدۇم بوپ قالدى كۆڭلۈمدە مۇھەببەت جامىغا ھېرىسلىك،
بوۋام ئىچكەن ئىدى چۈنكى بۇ جامنى تولدۇرۇپ چەندان.
غولام بولماقنى ئىستەيدۇ مۇھەببەت ئەھلىگە كۆڭلۈم،
تېگىشمەسمەن بۇ دۆلەتنى قېشىمغا كەلسىمۇ سۇلتان.
رىيازەت ئوتىدا تاۋلا يۈرەكنى دەر ئىدى پەرھات،
شۇ تەلىم دىلدا جا بولغاچ، ئوقۇرمەن يۈز تۈمەن شۈكران.
ئاقار تارىم سۈيى بىر كۈن كۈمۈشتەك يالتىراپ ئەركىن،
ۋىسال مەۋجىدە ئۆتكۈرمۇ بېلىقتەك قىلغۇسى جەۋلان.
1949- يىل 5- ئىيۇن. ئۈچتۇرپان
تاڭ زىياسى يوقمىدۇر
بۇ قارا ھىجران تۈنىنىڭ ئىنتىھاسى يوقمىدۇر؟
ۋەسلى دىدار كۈنلىرىنىڭ ئىپتىداسى يوقمىدۇر؟
ئۆلگۈدەك جانىمغا تەگدى ھىجىر ئاخشامى يامان،
بىر خەۋەر كەلسە نە بۇلغاي، تاڭ ساباسى يوقمىدۇر؟
بىر نەپەس يۈز يىل بىلىندى ئىنتىزارلىق دەستىدىن،
تەشنەئى قەلبىم ئۈچۈن نەشئۇ نەماسى يوقمىدۇر؟
ئۆرتىدى جىسمىمنى ھەردەم دىلدا يالقۇنلاپ كۆيۈك،
خەستە دىلگە بىر شىپا دورا - داۋاسى يوقمىدۇر؟
يار خىيالى بىرلە سولدۇم، يەتتى ئۆمرۈمگە خازان،
تەنگە جان بەخش ئەتكىلى كۆكلەم ھاۋاسى يوقمىدۇر؟
بۇ جۇنۇنلۇق دەشتلىرى كەڭ، مېنى ئازدۇردى تالاي،
ئەمدى يول كۆرسەتكۈچى بىر رەھنەماسى يوقمىدۇر؟
كەتمىگەي ئارماندا ئۆتكۈر كۆزدە قانلىق ياش بىلەن،
يىرتقىلى تۈن پەردىسىنى تاڭ زىياسى يوقمىدۇر؟
1949 - يىل 8 - ئىيۇن. ئۈچتۇرپان
قەلبىم باھار
ئوت بىلەن كۆيمەكنى ئۆز جانىمغا قىلدىم ئىختىيار،
ئىختىيار قىلماس ئىدىم، ھوشۇمنى ئالدى بىر نىگار.
بىر نىگار كىم، لۇتپى ئەيلەپ تەنگە جان بەرگەن ئۆزى،
ھەم يەنە خەنجەر بىلەن باغرىمنى قىلدى لالىزار.
مىڭ شۈكۈر دەيمەن بۇڭا، يوقتۇر پۇشايمانىم مېنىڭ،
كى قىزىلگۈلنىڭمۇ ھۆسنى ھەم بۇيى، ھەم خارى بار.
گەر تىكەنلىك دەپ گۈلىدىن كەچسە بۇلبۇل بىر نەپەس،
تاپماس ئەردى بۇ جاھاندا قاغىدەكمۇ ئېتىبار.
چىقمىغاي ھەرگىز دىلىمدىن يار سېلىپ قويغان كۆيۈك،
چۈنكى شۇ دەرد بىرلە كۆڭلۈم ھەم يارا ھەم بەختىيار.
ھىچ سىغىشماس تەنۇ جانىم ئەمدى بىدەردلىك بىلەن،
يۈرگىچە بىدەرد ياشاپ ، پەرۋانە بولماق ئىپتىخار.
مەيلى مۆلدۈر، تاش - بورانلار ياغدۇرۇپ تۇرسۇن پەلەك،
ئەل بىلەن بىللە يۈرۈپ دەرمەن ھەمىشە يارى - يار.
مەيلى جىسمىمنى زىمىستان ئەيلىسۇن دەۋران ئىشى،
يار خىيالى بىرلە قەلبىمدە ياشار مەڭگۈ باھار.
1949 - يىل 2 - ئاۋغۇست. ئۈچتۇرپان
سەجدىگاھىمغا
(گۇمنام غەزىلىگە مۇشائىرە)
بىلەمسەن، دىلرەبا ھۆسنۈڭنى ئاختۇرغان نىگاھىمدۇر،
بۇ گۈلدۈرماما - چاقماقلار مېنىڭ پەريادى ئاھىمدۇر.
ئۆزۈڭنى ئوت بىلەن تاۋلا دىگەچ سەن سۆيگۈ سۇلتانى،
قەيەردە يانسا بىر يالقۇن، شۇ يالقۇن بارىگاھىمدۇر.
ئاداشسام زۇلمىتى دەشتتە، تىڭىرقاپ نالە چەكمەسمەن،
جامالىڭ شولىسى پارلاق ئۈمىد بەخش سۈبھىگاھىمدۇر.
مەلامەت، تەنە - تۆھمەتتىن، رەقىبتىن قىلمىدىم پەرۋا،
دىلىمغا ئورنىغان ئىشقىڭ نىجاتكار باشپاناھىمدۇر.
سېنى ئويلاش بىلەن كۆڭلۈم تاپۇر ھەر جايدا مىڭ لەززەت،
خىيالىڭ كۈندۈزى ئاپتاپ، كېچەلەر كۆكتە ماھىمدۇر.
ئەگەر رەشىك ئەيلىسە مەيلى ئەرەب يۇرتىدىكى كەئبە،
مۇشۇ تۇپراق - ئانا تۇپراق مۇقەددەس سەجدىگاھىمدۇر.
كۆڭۈل مۈلكىدە جاي يوقتۇر سېنىڭدىن ئۆزگىگە مۇتلەق،
قەسەميادىم ئۈچۈن مىسكىن مېنىڭ ئۆلمەس گۇۋاھىمدۇر.
1968 - يىل - 15 - فېۋرال. ئۈرۈمچى
ئىت ئۈرەر، كارۋان يۈرەر
« ئىت ئۈرەر، كارۋان يۈرەر، قايتماس ئىزىدىن ئارسلان »
بىلسە ئادەم، بۇ ئۆمۈرنىڭ ھەر كۈنى بىر ئىمتىھان.
مەيلى ئىتلار ھاۋشىسۇن، چاقسۇن يەنە ھەرە، پاشا،
بول ۋاپا، ۋىجدان بېغىدا مەڭگۈ بىدار باغىبان.
تەنە - تۆھمەتتىن خالىي بولماي ئۆتتى تا لوقمان ھېكىم،
ھەممىسى بىتتى، لېكىن قالدى ھېكىمدىن نام - نىشان.
بىر ماقال باردۇر « كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس » ئىمىش،
يولچىغا مەنزىل توشامدۇ بولسا يۈزلەپ مۇز داۋان.
مەيلى چىقسۇن بورىنى، ياغسۇن ۋە ھەتتا مۆلدۈرى،
كەل نىگار، ۋەتەن بېغىغا تەڭ بولايلى پاسىبان!
1969 - يىل 20 - ئىيۇن. ئۈرۈمچى
باھار ۋەسلىگە مۇشتاقلىق
چىراق ئوتىدا پەرۋانە كۆيەر مەردانە - مەردانە.
گۈزەل ۋەسلىڭگە ئەي دىلبەر بولاي قۇربانە - قۇربانە.
كۈلۈپ كەلگەن ئىدىڭ بىر چاغ، يېتىپ ۋەسلىڭگە گۈلشەن باغ.
قايان كەتتى ئەشۇ كۈنلەر، كۈنۈم سەرسانە - سەرسانە.
پىراقىڭدا بولۇپ مەجنۇن يانارمەن شەمئىدەك ھەر تۈن،
ئېرىپ جىسمىم، ئاقار كۆزدىن يېشىم دۇردانە - دۇردانە.
ساچىم بەلدە، ھاسام قولدا، بۇ نۇرسىز كۆزلىرىم يولدا،
كىشى كۆرسە بۇ ھالىمنى بولۇر ھەيرانە - ھەيرانە.
گۈزەل ھۆسنۈڭنى بىر كۆرمەي، ئاياغىڭدا بېشىم قويماي،
ئۆتەرمۇ ئۇشبۇ ھەسرەتتە ئۆمۈر غەمخانە - غەمخانە؟
يېنىپ كەلسەڭ يەنە باغقا، قونۇپ بۇلبۇل كەبى شاخقا،
تاماشا ئەيلىسەم بىردەم يۈرۈپ سەيلانە - سەيلانە.
جامالىڭ نۇرىلە بىردەم مۇنەۋۋەر ئەيلىسەڭ كۈلبەم،
سائادەت شۇ ئىدى مەڭگۈ ماڭا يىگانە - يىگانە.
قۇياش يۈزىگە كىر قونماس، ئۈمىدنىڭ قانىتى سۇنماس.
يولۇڭدىن نائۈمىد بولماق ماڭا بىگانە - بىگانە.
نەۋائىي ئىزىدىن مىسكىن كۆرەي دەپ مەيدە يار ئەكسىن،
ئېلىپ قولغا ساپالىنى كېزەر مەيخانە - مەيخانە.
1970 - يىل 30 - مارت. ئۈرۈمچى
ئەسسە گۈل باغدىن سابا
تاڭ سەھەر ئەسسە بېغىڭدىن خۇش پۇراقلىق بىر سابا،
تەلمۈرۈرمەن مۇنتەزىر، ئىستەپ سېنى ئەي دىلرەبا.
دىلرەبا ھۆسنۈڭنى كاشكى كۆرمىسەم ئېردى شۇ كۈن ،
قىلماس ئېردىم بۇ جېنىمنى مۇنچە دەردكە مۇپتىلا.
مۇپتىلا بولغان كىشى قالماس مېنىڭدەك بىنەسىپ،
ساڭا بولغان مۇپتىلالىق ماڭا بولدى بىر بالا.
نى بالالار كەلدى باشقا، يەتتى سەۋرىم ھەممىگە،
ئەمدى سەۋرىم بىتتى، بولدۇم مەن غېمىڭدىن بىنەۋا.
بىنەۋا بولغان كىشىگە قىلمىساڭ لۇتپۇكەرەم ،
ئىشقى ئەھلى مەزھىبىگە بۇ نىچۈك بولغاي راۋا؟
ئۈزمىدى ئۈمىدنى لىكىن بۇ سۇنۇق مىسكىن كۆڭۈل،
كەلگۈسى ياردىن خەۋەر دەپ، ئەسسە گۈل باغدىن سابا.
1972 - يىل. ئىيۇن. ئۈرۈمچى
ئاق ئەمەس ساچىمدىكى
ئاق ئەمەس ساچىمدىكى، يىللار توزانى دەپ بىلىڭ.
سارغىيىپ كەتكەن يۈزۈمنى كۈز خازانى دەپ بىلىڭ.
قانچە نۇرغۇن، قانچە چوڭقۇر بولسا ماڭلاي قورۇقۇم،
دەردۇ كۈلپەت دەۋرىنىڭ روشەن بايانى دەپ بىلىڭ.
خۇددى يۇلتۇزدەك پىلىلداپ، ياشلىنىپ يانسا كۆزۈم،
دىلدا ئارمان تاشقىنىنىڭ نام - نىشانى دەپ بىلىڭ.
ئاھ دىسەم بوران مىسالى گۈركىرەپ چىقسا ئۈنۈم،
مۇپتىلالىق دەردىدىن تاشقان پۇغانى دەپ بىلىڭ.
تاكى جىسمىمگە يىپىشتى سۆيگۈ يالقۇنى پۈتۈن،
ئەمدى بۇ جىسمىمنى بىر ئاتەش ماكانى دەپ بىلىڭ.
ھىجرى بولدى باشلىنىش، كىممۇ يازاركىن خاتىمە،
بۇ مىنىڭ ئۆمرۈمنى غەم - قايغۇ داستانى دەپ بىلىڭ.
قانچە پەرھاد كۈنلىرىنى كۆرسە مىسكىن ئەل ئۈچۈن،
بۇ ئاڭا دەۋران ئىشىنىڭ ئىمتىھانى دەپ بىلىڭ.
1972 - يىلى 3 - مارت. ئۈرۈمچى
تېپىلماس
قەسەم بىللا، سېنىڭدەك يارۇ جانان تېپىلماس،
ۋەسلىڭ ئۈچۈن مېنىڭدەك شەيدايى جان تېپىلماس.
ئۇجماق نىمە؟ ھۆر نىمە؟ قۇياش نىمە؟ ئاي نىمە؟
ئالەم ئارا سېنىڭدەك ھۆسنى سۇلتان تېپىلماس.
مۈلكى جاھان تەختىدە بولسام شاھى سۇلايمان،
باسقان ئىزىڭ خاكىچە مۈلكى جاھان تېپىلماس.
غەم يۈكىدىن پۈكۈلگەن، دەھر ئوقىدىن تېشىلگەن،
مېنىڭ نىمجان تېنىمگە سەنچە لوقمان تېپىلماس.
ئۆلگەننى تىرىلدۈرگەن بولسا مەسىھ ئۇ زامان،
ئەمدى جانغا سېنىڭدەك ئارامى جان تېپىلماس.
ماڭا ئۈمىد، كۈچ - قۇۋۋەت، ئىشەنچ بېرۇر خىيالىڭ،
سەنسىز مەھزۇن دىلىمگە ھەرگىز دەرمان تېپىلماس.
قەسەم بىللا، مىسكىن جان جاھان تاپماس سېنىڭسىز،
جاھان نېمە؟ جان نىمە؟ سەنچە جانان تېپىلماس.
1972 - يىل 1 - ئىيۇن. ئۈرۈمچى
ئىز
ياش ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئاينا نەۋرىمىز.
ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.
قالدى ئىز چۆللەر ئارا، گاھى داۋانلاردا يەنە،
قالدى نى - نى ئارسلانلار دەشتى - چۆلدە قەبرىسىز.
قەبرىسىز قالدى دېمەڭ، يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،
گۈل - چېچەككە پۇركىنۇر تاڭنا باھاردا قەبرىمىز.
قالدى ئىز، قالدى مەنزىل، قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى،
چىقسا بوران، كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.
توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق،
تاپقۇسى ھىچ بولمىسا بۇ ئىزنى بىر كۇن نەۋرىمىز يا ئەۋرىمىز.
1972 - يىل 10 - ئىيۇن. ئۈرۈمچى
كېرەك بولسا
كۆيۈكنى دىلغا جا ئەيلە، ساڭا دىلدار كېرەك بولسا،
ۋاپا لەۋزىنى ۋىجدان بىل، ۋاپادار يار كېرەك بولسا.
ناۋاكەش بۇلبۇلى شەيدا كەبى باغرىڭنى قان ئەيلە،
مۇرات - مەقسەت گۈلى كۈلگەن گۈلى گۈلزار كېرەك بولسا.
تىكەننىڭ رەنجىدىن قورققان كىرەلمەس بۇ چىمەن ئىچرە،
جاپانى جانغا راھەت بىل، ساڭا دىيدار كېرەك بولسا.
جاپا مەڭگۈ ئەمەس ھەرگىز ئەقىدە ساقلىسا ئاشىق،
ئۈمىدنى رەھناما قىلغىن، ئەگەر سەردار كېرەك بولسا.
كورۇڭ، بۇلبۇل كېچە يىغلاپ، سەھەر گۈل ھۆسنىنى كۆردى،
بۇنىڭدىن ياخشى ئۆرنەك، يوق يەنە بىسيار كېرەك بولسا.
لېكىن دوراش بىلەن تۇتى بولالماس ھېچقاچان بۇلبۇل،
ئېلىڭ بۇ تۇتىدىن ئىبرەت، نامۇسۇ - ئار كېرەك بولسا.
جۇنۇن سەھراسى گەر چەكسىز، ھەقىقەت مەنزىلى روشەن،
ئېلىڭنىڭ ئىشقىنى كۈيلە، ساڭا ئەشئار كېرەك بولسا.
1977 - يىل 8 - ئاۋغۇست. ئۈرۈمچى.
ياخشى
تىرىكتاپ قاغا – قۇزغۇنغا جاھانسازلىق ھاۋا ياخشى،
سەھەر گۈلشەندە بۇلبۇلغا ياقا يىرتىپ ناۋا ياخشى.
كېرەكمەس يالتىراق شۆھرەت بىلەن مەستانە غاپىللار،
ۋەتەننىڭ دەردىگە دەرمان جاپاكەش ئاشىنا ياخشى.
تېگىشمەس جەندىنى ئاشىق ياقاسى زەر تاۋار تونغا،
كى دىلبەر ۋەسلىدە سەرسان قەلەندەرگە كۇلا ياخشى.
قەسەم بىللا، تامايىم يوق بەھەيۋەت قەسرى زىننەتتىن،
پىشانەم تەردىن پۈتكەن بى مىننەت بورىيا ياخشى.
مېنىڭ تاجسىز ساياق بېشىم ئۆزۈمگە تاجۇ – دولەتتۇر،
ئەرىكسىز پادىشاھلىقتىن جاھانكەزدى گادا ياخشى.
نە ھاجەت جەننەتۇلمەئۋا؟ ۋەتەننىڭ قوينى بىر جەننەت،
بېلىق دەريادا ئەركىندۇر، لېچىنغا كەڭ ساما ياخشى.
مالامەت يەتسىمۇ بەزەن دىلىمغا ئۆز دىيارىمدا،
بوسۇقتىن دالجىماس ئىتتەك ماڭا ئەھدۇ ۋاپا ياخشى.
1979 - يىل 3 - سېنتەبىر. ئۈرۈمچى
ياڭرات ۋەتەن مۇقامىنى
ئەي سازىم سازلان بۈگۈن، سازلان يەنە سەن ياخشىراق،
تۇغسا چولپان، كۈلسە گۈلشەن مەن نىچۇن ئېيتماي قوشاق.
باق ئەنە كۈلمەكتە بۇغدا، مەڭزىدە گۈل جىلۋىسى
ھەر سەھەر ئالتۇن شەپەقتىن چېچىلىپ سانسىز باشاق.
تاڭ بىلەن چىللاپ گۇدۇك كەلگۇسىدىن ئېيتسا خەۋەر،
خوشلۇقۇڭ سىغماس تىنىڭگە، گېپىگە سالساڭ قۇلاق.
قوش ئۈنۈڭنى ئەل كۇيىگە، بول دېڭىزنىڭ تامچىسى،
شارقىراپ ئاققايمۇ دەريا بولمىسا سانسىز بۇلاق؟
خۇش بولار ئانا ۋەتەن داۋان ئېشىپ ماڭغاندا ئەل،
سوڭغى نارنىڭ بوينىدا بولسام ئەگەر بىر قوڭغۇراق.
نەقەدەر زور بەخت ماڭا ئۇزۇن سەپەر مەنزىلىدە،
بىر قاتار مەشئەل ئارا بولالىسام بىر شام چىراق.
كاشكى جان بىر باغ ئوتۇنغا ئەرزىسە ئارمان نېمە،
ۋەتىنىم گۇلخانىدا يانسام چاراسلاپ تا ئاداق.
1979 - يىلى 10 - نويابىر، ئۈرۈمچى
باھار كەلدى
باھار كەلدى، جاھان كۈلدى، كۈلەر مەستانە - مەستانە.
ئېرىپ قار - مۇز، ئاقار ئەگىز، ئاقار دۇردانە - دۇردانە.
باھار كەلدى، ياشاردى چۆل، ياشاردى ھەم ساماۋى كۆل.
بۇقۇلداپ قىردا كەكلىكلەر كېزەر ھەريانە - ھەريانە.
بۇلۇتسىز كۆك گويا ئەينەك، ئۇچار كۆكتە قاتار لەگلەك.
نە لەگلەك، بەلكى ئاققۇلار ئۇچار جەۋلانە - جەۋلانە.
باھار كەلدى، چىمەن كۈلدى، چىمەندە گۈل تۈمەن كۈلدى.
نە گۈلكى ھەممە جەن كۈلدى، كۈلەر جانانە - جانانە.
چېچەكلەر بەرگىدە شەبنەم قۇياشتا يالتىرار ھەردەم.
ئېچىلغاچ گۈل، قىزىل مەيگە تولۇر پەيمانە - پەيمانە.
باھار كەلگەچ يېتىپ باغقا، قونۇپ بۇلبۇل كەبى شاخقا.
سەنەممۇ سەيلىگە چىقتى يۈرۈپ سەيلانە - سەيلانە.
باھار كۈلدى، قۇياش كۈلدى، قۇياشلىق ئەلمۇ خۇش كۈلدى.
رەقىبلەر قان يۇتار ئەمدى، كۈنى ۋەيرانە - ۋەيرانە.
باھار كەلدى، ياشاردى جان، جىرىڭلار قولدا ئالتۇن جام.
بولۇپ ئەل بەختىگە ساقى كېزەي مەيخانە-مەيخانە.
1980 - يىل 23 - مارت. ئۈرۈمچى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-23 03:33