يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: maripatogli

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-2-5 09:49:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئەجىر قىلىپسىز، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى ماتېرياللار ئىكەن. مۇشۇ خىل ئىزدىنىشىڭىزيەنە داۋاملاشقاي!

ۋاقتى: 2015-2-5 11:17:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت قېرىندىشىم...ساقلىۋېلىپ ئوقۇپ پايدىلىناي..

ۋاقتى: 2015-2-5 11:18:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغىچىغا كۆپ رەھمەت، ئۆتكۈر ئەپەندىم توغرىلىق خېلى كۆپ ساۋاتلارغا ئىگە بولغىلى بولغىدەك بۇ يوللانمىلاردىن، ئۆتكۈر ئەپەندىم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارى.

ۋاقتى: 2015-2-5 11:27:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت،ھارمىغايسىز!

ۋاقتى: 2015-2-5 11:58:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

       جاپا چېكىپسىز، رەھمەت!
       ئۆتكۈر ئەپەندىم ئورنىنى ھېچكىم  باسالمايدىغان ئادەم...

       تۆۋەندىكى ئەسلىمە ئالىمنىڭ نۇرانە سېماسىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇشى مۇمكىن. قېنى، مەرھەمەت!

     forum.php?mod=viewthread&tid=1281&extra=page%3D1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-20 13:54  


ۋاقتى: 2015-2-5 12:50:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
maripatogli يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 04:16
مەن ئاق بايراق ئەمەس

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

بۇ شېئىر گوياكى بىر ترلوگىيەنىڭ خۇرۇجى خالاس...

ۋاقتى: 2015-2-5 14:37:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق ئىزدىنىپ،جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز. رەھمەت سىزگە!

ۋاقتى: 2015-2-5 16:24:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم. سىزگە كۆپ رەخمەت.

ۋاقتى: 2015-2-5 16:41:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياخشى تېما!  كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز، رەھمەت! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-5 16:42  


ۋاقتى: 2015-2-5 19:30:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما بالدۇرراق كۆرگەن بولسامچۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-5 20:35:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئـابـدۇرېـھـىـم ئـۆتـكـۈر شېـئىـرلـىــرى
شەكلى : كومپيۇتىر نۇسخسى    ( چوڭلىقى : 1.2M)


1-قىسىمنى چۈشۈرۈش                                 2-قىسىمنى چۈشۈرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 14:42  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-5 21:06:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئـابـدۇرېـھـىـم ئـۆتـكـۈر رۇبـائـىــيلـىـرى

ۋەتەن يادى مېنىڭ سۈبھىگاھىمدۇر،
ئۇ كۈندۈز ئاپتىۋىم، تۈندە ماھىمدۇر.
ئەگەرچە ئەيلىسە رەشىك مەيلى كەئىبە،
ئانا تۇپراق مۇقەددەس سەجدىگاھىمدۇر.

ئۆستۈردى قوينىدا مېنى شۇ تۇپراق،
ئۆلسەممۇ ماڭا ئۇ بولغۇسى يۇمشاق.
شۇ ۋەتەن ئىشقىدىن ئۇلۇغ نىمە بار،
سىغمايدۇ كۆڭۈلگە بۆلەك ئىشتىياق.

مەجنۇن تال قەددىنى ئېگىپ مۇلايىم،
سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم.
سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا_
بۇرچىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم

ئانا سۈتى ئاقارتقاي دىلىڭنى سېنىڭ،
مەرىپەت يورۇتقاي يولۇڭنى سېنىڭ.
ۋەتەننىڭ سۈيگۈسى كۈچ، ئۈمىت بېرىپ،
پەلەككە يەتكۈزگەي قولۇڭنى سېنىڭ.

ھەر قانچە ئىگىزدە قوش پەرۋاز قىلۇر،
ئوزۇغى، ئۇۋىسى يەر ئۈزرە بولۇر.
يەتتىنچى ئاسمانغا يەتسىمۇ بېشىڭ،
پۇتلىرىڭ ھامان شۇ تۇپراقتا تۇرار.

تاھىرغا ئۆزىنىڭ زوھراسى ياخشى،
مەجنۇنغا ھۆردىنمۇ لەيلاسى ياخشى.
مېنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمغا،
ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى.

باھار كەتسە توزار گۈلشەندە غۇنچە،
تىرىكنىڭ قەدرىمۇ كۆز يۇمۇلغۇنچە.
لېكىن ئۆلمەس كىشىلەر ھەم بار جاھاندا،
قوياشنىڭ ئۆمرى قانچە، ياشار شۇنچە.

ئاقار دەريا يۈزىمۇ قىشتا مۇزلار،
قىزىلگۈلنىڭمۇ بىر كۈن خازانى بار.
ئۇلۇغ غەيە بىلەن سوغۇرۇلسا دىل،
ئۇنىڭدا ھەمىشە تۆت پەسىل باھار.

بىراۋلار ئەلگە قىلدى جاننى قۇربان،
بىراۋلار تەر بىلەن گۈللەتتى بوستان.
ئالار قۇش تۈلكىنى ئۈنسىز- تاۋۇشسىز،
قاقاقلار بىر تۇخۇم تۇققانغا مىكىيان.

مېنى باغدىن ئەمەس چۆلدىن ئىزلەڭلار،
ۋە يا باغراش دىگەن كۆلدىن ئىزلەڭلار؛
ئۇنىڭدىن ياخشىسى ئۇزۇن سەپەردە-
يېقىلغان گۈلخاندىكى كۈلدىن ئىزلەڭلار.

بۇلبۇل ئېيتۇر: گۈلزارىمدىن ئايرىما،
لاچىن ئېيتۇر: قاناتىمنى قايرىما.
مەن ئېيتۇرمەن: بېلىق سۇسىز نە قىلغاي،
مېنى خەلقىم قۇچاغىدىن ئايرىما.

شاتلىق بىلەن قايغۇ قوشگېزەك ئىمىش،
مۆلدەرگە ئاھارۇ-كۇز بىردەك ئىمىش.
ئۇتۇقتا يوق دىمە ئوڭۇشسىزلىقنى،
كىشىلىك ھاياتى شۇ دىمەك ئىمىش.

ئۆمۈر مەنزىلى ئاق قەغەزگە ئوخشار،
ھەر باسقان قەدەمدىن بىر ئىزىڭ قالار.
يا ماختان، يا ئۆكۈن ئۆزۈڭنىڭ ئىشى،
ئەڭ ئادىل ھۆكۈمنى ئەل ئاڭا يازار.

ئالتۇن جام ئىچرە مەي قوزغاتسا ھەۋەس،
گۈزەلنىڭ كۆزلىرى سېنى قىلسا مەس.
كۇنۇڭ ئۆتسە ئالقىش- ماختاشلار ئارا،
ئاگاھ بول، ھاياتنىڭ بۇ ئۆزى ئەمەس

قارىغاينىڭ كۆكلىگى_ ئۇنىڭ زىننىتى،
تۈزلىگى_ئۇنىڭكى قەدىر - قىممىتى.
ھەر كىشى قارىغايدەك بولالىسا تۈز،
ئەل ئىچىرە ساقلىنار ئىززەت _ ھۆرمىتى.

ئەل غېمى، شاتلىغى ئىلھامغا بۇلاق،
ئۇنىڭسىز شېئىردا بولماس خوشپۇراق.
كۆر، ئالتۇن قاچىغا چىلانسىمۇ گۈل.
سولىشىپ كېتەر تېز بولمىغاچ تۇپراق.

ئەل ئۈچۈن يۈگۈرتسەڭ قەغەزدە قەلەم،
تاغلارنىڭ بېشىغا تىكەرسەن ئەلەم.
ۋە لېكىن سۇ قوشۇپ قويساڭ سىياغا،
ئىزلىرىڭ تېز ئۆچۈپ چېكەرسەن ئەلەم.

شېئىر يازماق ئاسان، ھەق سۆزلىمەك تەس.
شائىرغا ھېرىس -تاما بولمىغاي ھەۋەس.
يازغاننى قەدىرلە ئاۋال سەن ئۆزەڭ،
سېتىپ خەجلىگىلى ئۇ تاۋار ئەمەس.

قەددىڭنى پۈكۈپ سەن قىلمىغۇنچە با،
ئاقمىسا تەرىڭدىن ۋە ياكى دەريا،
ئىندەككە كەلمەيدۇ بىلىمنىڭ قۇشى،
قەلبىڭدە گەر بولسا تېرىقچە رىيا.

بىلىم ئۇ، خۇددى چىن سۆيگۈ مىسالى،
پەرھاتقىلا مەنسۇپ شىرىن ۋىسالى؛
كىمىكى ساختىلىق قىلسا خسراۋدەك،
ۋىسالغا ئېرىشمەك ئۇنىڭ خىيالى.

بىلمەكتىن مۇرات - نام - شۆھرەت ئەمەستۇر،
شۆھرەتكە ئىنتىلىش رەزىل ھەۋەستۇر.
بىلگەننى دان قىلىپ ئېتىزغا چاچساڭ،
ھوسۇلى ئەلگە بولسا، ئۇشبۇ بەستۇر.

ئالدىڭدا يېقىملىق شام - چىراققا باق،
كېچىنى قىلىدۇ كۈندۈزدەك ئاپپاق.
تەپەككۈر كۆزلە ئۇنى بىر كۈزەت،
ئۆزىچۇن يانامدۇ ئۇشبۇ شام - چىراق.

كۆڭۈل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ،
جاھان تۇرماق ھەتتا ئاسمان سىغىدۇ.
مۇبادا رەشىك - ھەسەت قاپلىسا ئۇنى،
تېرىقنىڭ قاسرىغىمۇ ئاران سىغىدۇ.

ئاسمانغا نەزەر سال، يۇلتۇز بىساناق،
ئۇسۇشمەي ئۆتىدۇ ئەزەلدىن ئىناق.
جاھان كەڭرى، دوستۇم، يېتەر ھەممىگە،
ئادەمگە ياراشماس سۆڭەك تالاشماق.

ئەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دىگەن،
ھەر تەندە ئۇ ھەر خىل ھىس قىلار ئىكەن.
ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن،
ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.

قوياشتۇر ئاي بىلەن قۇياش ئۆمۈر بات،
قۇياشسىز قالسا ئاي بولۇر زۇلۇمات.
ھاياتىم بۆشۈكى شۇ ئانا ۋەتەن،
ۋەتەنسىز نە قىلسۇن بۇ تەندە ھايات.

ئۆستۈردى قوينىدا مېنى شۇ تۇپراق،
ئۆلسەممۇ، ماڭا ئۇ بولغۇسى يۈمشاق،
شۇ ۋەتەن ئىشقىدىن ئۇلۇغ نېمە بار؟
سىغمايدۇ كۆڭۈلگە بۆلەك ئىشتىياق.

جاھاندا ئىككى نەرسە مەڭگۇ ئۆلمەس،
بىرى خەلق، بىر «ھەق ئېگىلۇر سۇنماس».
بۇلۇت گەرچە توسار بەزەن قوياشنى،
قوياش ئۆچمەس، يۈزىگە توزان قونماس.

چىۋىننىڭ قانىتى ئاينى ياپالماس،
چۈمۈلە ھارۋىنى يولدىن توسالماس.
ئالقانچە يەردىكى قۇياش نۇرىنى،
مىڭ ھارۋا توپىمۇ ھەرگىز كۆمەلمەس.

كىشىكىم، مەيلى شاھ، مەيلى گادايىدۇر،
ۋە مەيلى دانىشمەن، مەيلى شىپادۇر؛
دېڭىزدىن تامچىمىز ھەرقاندىقىمىز،
ئادەمزات تارىخى بۇڭا گۇۋاھدۇر.

چېچىپ نۇر قوغلايدۇ زۇلمەتنى گۈلخان،
ئۆزى كۈل بولۇپ دەشتتە قالار بىنشان.
نە ياڭلىغ ئۇلۇغۋار ئۇنىڭ غايىسى،
بولالىسام كاشكى، شۇ گۈلخانىسىمان.

ئۆمۈرنىڭ تولىسى ئۆتتى مەنىسىز،
قاراڭغۇ سايىدەك ئۈنسىز، شولىسىز.
قىرۇۋ باستى باشۇ ساقالنى تەڭلا،
قالارمۇ يوق ئەمدى بىرەر ئۆچمەس ئىز.

ئالدىمدا بىپايان ۋادىلار، باغلار،
ئارقامدا ئاسمانغا تۇتاشقان تاغلار.
تېزلەتسەم قەدەمنى نە بەخت ئىدى،
دەرىخا، كەلمەس ئۇ نەۋقىران چاغلار.

شۆھرەت كەمىرىگە ئۇزاتقىچە قول،
ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئارغامچىسى بول.
تاجىدارلار تاجىنىڭ كۆزى بولغۇچە،
كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى بول.

بىلىم - ئۇ، يۈگەنسىز بىر ئۇچقۇر تۇلپار،
مىنەلىگەن كىشى مۇرادقا يېتەر.
ئۇ شۇنداق ئاجايىپ مۆجىزىدۇركې،
قارا تاش ئۈستىگە تېرىساڭ ئۈنەر.

كىشى ھەر نەرسىنى بىلمەككە ماھىر،
بىلىپ بولماققا لېكىن ئۇ ئەمەس قادىر.
ئارستودەك ھېكىممۇ ئېيىتقانىدىكى،
بىلگەنسېرى بىلدىم بىلمەسلىكنى ئاخىر.

سايلام بىلەن كىشى تۆرگە چىققان بار،
دۆلەت قۇشى قۇنسا، ئەمەل توتقان بار.
ۋە لېكىن، ئالىملىق مەرتىۋىسىنى،
رىياسەتسىز قاچان بېرىپ تاپقان بار

ئۆتنە - بېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش،
بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماقلىق خار ئىش.
بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دېمەك،
ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر خار ئىش.

ماڭلايدىن ئاقمىسا تارام - تارام تەر،
كۆكەرمەس ھېچقاچان باھاردىمۇ يەر.
بىلىم مەنزىلىمۇ تاشلىق، داۋانلىق،
نېچۈك ئالغاي مېدال جەڭدىن قاچار ئەر

بىرەر نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش،
كۈلۈپ قويغىن ئاڭا، سەن قىلما كايىش،
ئېشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭراپ تاشلىشى
ئاتوم دەۋرىدىمۇ، تۇرمۇشتا بار ئىش.

دۇئا قىلسا ھەر ۋاخ مۆمىن - مۇسۇلمان،
تىلەيدۇ دوزاختىن بولماقنى ئامان.
ۋە لېكىن، دوزاخنىڭ ئۆزى ئېيتارمىش:
«مەن ئۆزۈم قورقىمەن ناداندىن يامان».

يولۇڭ بولسا توغرا، مەردانە بولغىن،
ھەقىقەت شامىغا پەرۋانە بولغىن.
«ئېشىڭ بولسا ھالال تۆت كوچىدا ئىچ»
دەيدۇ ئەل، ھەق ئۈچۈن قۇربانە بولغىن.

كۆپەيسە دۈشمىنىڭ ، سەن بولما غەمناك،
بېرۇر ئۇ ھەم ساڭا ئەقىل ۋە ئىدراك.
ئەگەرچە چاقمىسا ئادەمنى يىلان،
قەيەردىن تېپىلاتتى دورا - تەرياك

ئۇنىكىم دوست دېمە، راھەتتە ئىناق،
ئايرىلسا سېنىڭدىن غۇربەتتە بىراق،
سايەڭگە نەزەر سال تەپەككۇر بىلەن،
يورۇقتا بىللەيۇ، زۇلمەتتە يىراق.

ئۇنىكىم دوست دېمە، غەيۋەتكە ماھىر،
سېنى ھەم قويمىغاي بىر چەتتە ئاخىر.
مىسال شۇكى،چايانغا بەرى ئوخشاش-
قېرى، ياشۇ بوۋاق، دانىش، ئاكابىر.

ئۇنىكىم دوست دېمە، ھەر كۈندە ۋەدە.
بۈگۈننىڭ ئەتىسىمۇ، يەنە ئەتە.
مىسالى چۆلدىكى ۋىلۋىلگە ئوخشار،
ئۇنىڭ قوغلاپ يېتىشمەك ساڭا نەدە

ئۇنىكىم دوست دېمە، ھەم ساڭا يولداش،
رەقىبىڭ بىرلە ھەم ئۇ بولسا مۇڭداش.
مىسالى شۇكى، نېمە دەر خەلقى ئالەم،
ئەگەرچە ئىككى يار تۇتسا قەلەمقاش

نېچۇن ئوتقا ئۇرار ئۆزىن پەرۋانە،
نېچۈن شام-ئاققۇزار كۆزدىن دۇردانە.
نە بىلسۇن ھاياتنىڭ بۇ سىرلىرىنى،
تۇرمۇشتىن چەتلەشكەن زاھىت مەستانە

يالغانچىنىڭ تىلى چېچەكسىز پېلەك،
چېچەكسىز بېلەكتە نە قىلسۇن خەمەك.
ئۇزارغانسېرى ئۇ ئۆز ئىگىسىنى__
بوغىدۇ يىلاندەك بولۇپ چەمبىرەك.

ئالتۇن ھەل يالاتساڭ، كېسەكتۇر كېسەك،
گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ، تېزەكلەر ئېشەك.
كۆرۈمسىز شۇ پىلە قۇرتىغا باق،
يەپ ئاددىي يوپۇرماق، بېرىدۇ يىپەك.

بۈيۈك تاغنى تالقان قىلسىمۇ گەر،
ئۆزىگە تەمەننا قويماس يىگىت - ئەر.
كۆر پىلە قۇرتى چېغىدا ھەر يىل
پۈتتۈرگەچ غوزىنى، بى مىننەت ئۆلەر.

قېرىماس نەرسە يوق جاھاندا پەقەت،
قوياشمۇ قېرىيدۇ ھەتتا ھەر سائەت.
ۋە لېكىن بۇنىڭمۇ مۇستەسناسى بار،
ئۇنىڭكى ئېتىدۇر سۆيگۈ- مۇھەببەت.

ئەزىم دەريا ئاقار شاۋقۇن - سۇرەنسىز،
نى ئەرلەر قالدى چۆل -دەستتە كېپەنسىز.
نە ھاجەت كۆرۈڭلەش بىزگە، ئەي دوستۇم،
ئايلىنىۋېرەر يار سەنسىز ۋە مەنىسىز.

نى ئەرلەر كەچتى قان، يەنە قان كېچەر،
ئەل بەختى يەنە كۆپ قان - تەرىنى تىلەر،
ھەرقانچە تەر تېمىپ، بولۇپ بىر ئۆستەڭ
قاندۇرسا چۆللەرنى، ئەل ئەجرىڭ بېرەر.

جاراڭلىق ھەر سادا بولمايدۇ ناخشا،
مۇھەببەت - نەپرەتسىز چىقمايدۇ ناخشا،
ئىشەكمۇ بەزىدە ھاڭرايدۇ قاتتىق،
ئۇنى ئەل ھىچقاچان دېمەيدۇ ناخشا.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 13:15  


ۋاقتى: 2015-2-5 21:35:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ئۆتكۈر ئەپەندىنى ھايات ۋاقىتىدا كۆرۋالمىغىنىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن ، ئۇ چاغلاردەك بەك كىچىك ئىكەنمەن ...

ۋاقتى: 2015-2-5 22:03:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىز



ياش ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئاينا نەۋرىمىز.

ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.

قالدى ئىز چۆللەر ئارا، گاھى داۋانلاردا يەنە،
قالدى نى - نى ئارسلانلار دەشتى - چۆلدە قەبرىسىز.

قەبرىسىز قالدى دېمەڭ، يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،
گۈل - چېچەككە پۇركىنۇر تاڭنا باھاردا قەبرىمىز.

قالدى ئىز، قالدى مەنزىل، قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى،
چىقسا بوران، كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.

توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق،
تاپقۇسى ھىچ بولمىسا بۇ ئىزنى بىر كۇن نەۋرىمىز يا ئەۋرىمىز

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز»ناملىق مۇشۇ شىئېرى مىنى بەك ئىلھاملاندۇرىدۇ.

ۋاقتى: 2015-2-5 22:10:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تېما يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت! ئىزدىنىشلىرىڭىز ئوتۇقلۇق بولسۇن! ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز قېرىندىشىم!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش