يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: maripatogli

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-5 23:32:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇيلۇق

بىر كۆرۈپ ھۆسنۈڭنى ئەي دىلبەر ماكان،
بار ۋۇجۇدۇم بولدى مەپتۇن ئۇشبۇ ئان .

قاينىغان ئىلھام بۇلاقىم جۇش ئۇرۇپ،
ئۇچتى پىكرىم كەڭ سامادا قۇش بۇلۇپ.

بىر قەدىمىي توپا تاغ ، باشى قاقاس ،
باغرىدا چاقنار ئىكەن گۈل ئەتىياز.

ئۇ قاقاس تاغدىن تامار چىم - چىم بۇلاق،
مەرۋايىتتەك تامچىسى زەپ پارقىراق.

ئاندا بىر كۆل ، چايقىلار كۈن شولىسى ،
قوينىدا ئالتۇن بېلىقلار جىلۋىسى.

ئويلىدىم 《جەننەت》دېگەن يەر قانچىلىك،
بولسا باردۇر ئۇزلىقى بىر سەنچىلىك.

ئەي گۈزەل بۇيلۇق دىگەن جەننەت ماكان ،
كىم ساڭا بەرمەس كۆڭۈل كۆرگەن ھامان!

گۈللىرىڭنىڭ ھۆسنىدىن مىڭ ئايلىناي،
گۈلشىنىڭ ئەتراپىدا بۇلبۇل بولاي.

ئاندا چوغلۇق بىرلە مۇدەن ، مىرزىگۈل،
مۇندا ئەترە بىرلە نەركەس ، سەبدىگۈل.

قانىتىم بولسا ئىدى ئۇچسام ئىدىم،
كېپىنەكتەك ۋەسلىگە قانسام ئىدىم.

ئەي، گۈزەل بۇيلۇق دىگەن جەننەت ماكان،
كىم ساڭا بەرمەس كۆڭۈل كۆرگەن ھامان!

بۈك - باراقسان بارغلىرىڭنى نېمە دەي،
قايسى تىل بىرلە ئۇنى تەرىپ ئېتەي.

پارقىراپ تۇرغاچ باراڭدا ساپ ئۈزۈم .
جىلۋىسىدىن ھەر نەپەس تالدى كۆزۈم.

《نېمە بۇ ، ياقۇتمۇ ياكى كەھرىۋا،
ياكى زۇمرەت ، قاشتېشى زەپ دىلرەبا ؟》

دەر ئۇنى شاخ - شاخىدا كۆرگەن كىشى،
ئاق، قىزىل سايۋا، بىجاقى ، كىشمىشى .

ئەي، گۈزەل بۇيلۇق دىگەن جەننەت ماكان ،
كىم ساڭا بەرمەس كۆڭۈل كۆرگەن ھامان .

قىزىرىپ تۇرسا ئانارىڭ غۇنچىدەك ،
خۇددى تۇرپان قىزلىرىنىڭ مەڭزىدەك.

تامسا شاپتۇل، ئەنجۈرىڭنىڭ شەربىتى،
جانغا - جان قوشسا ئۇنىڭ تەم - لەززىتى.

كىم سېنى تەرىپلىمەس زوقى ئېشىپ ،
خۇددى قاينام كەبى شەۋقى تېشىپ !

ئەي گۈزەل بۇيلۇق دىگەن گۈلباغ دىيار،
بەختۇ - ئىقبال مەڭگۈ بولسۇن ساڭا يار !

سېنى گۈلباغ ئەيلىگەن ئەل ياشىسۇن،
ياشىسۇن خۇددى سېنىڭدەك ياشنىسۇن !


ئىدىقۇت①

نامى مەشھۇر ئىدىقۇت شەھىرى شۇمۇ ،
نېمە دىگەن تېز چۆرگىلەيدۇ بۇ پەلەك !
ئىككى ئون ئەسىر دىگەن ئاز گەپمىدى ؟
بىر ئەسىر يۈز يىلغا تەڭ تۇرسا ، دېمەك.

قانچە قۇملار كۆچتى، قانچە يەل سوقۇپ،
قانچە خانلار ئۆتتىكىن دەۋران سۈرۈپ ؟
ھېچبىرىدىن قالمىغان ئىز ۋە نىشان،
بىر قورغان تۇرىدۇ قەد كۆتۈرۈپ.

نېمە دىگەن پۇختا بۇ قورغان تاملىرى.
ئۇنى سوققان مەرت يىگىتلەر كىم ئىدى ؟
ھەر بىرى گويا تۇلۇقتەك كېسىگى،
ئۇنى قۇيغان ئەزىمەت دىۋىمىدى ؟

ئاندا پەشتاق قالدۇقى ، مۇندا مۇنار،
قۇم بېسىپ ياتقان پەلەمپەيلەر قاتار.
كىم بىنا قىلغان بولغاي بۇ قەسىرنى ؟
شۆھرىتى ئالەمچە بار ، ئالەمچە بار.

كۆچتى قۇملار ، قانچە - قانچە يەل سوقۇپ ،
ئۆتتى ئەجداد ئوق ئېتىپ ، ئات چاپتۇرۇپ.
قالغىنى بىزگە تەۋەررۈك توپىسى،
بىزمۇ قەسىر قۇرماقتىمىز يەڭ تۈرۈپ .

نى ئاجايىپ قەسىرلەر بولغاي بىنا ،
شۇ زېمىننىڭ توپىسى بولسا ئامان.
ئىدىقۇت شەھىرى - پەقەت خارابە، بەس،
تاڭ قالۇر يېڭى شەھەرلەرگە جاھان!


بېزەكلىك②

قاقلىنىڭ ئاپتاپتا ياتقان بىر جىرا،
ئەجدىھادەك تولغىنىپ ئاققان سۈيى.
ئىككى يان مىستەك قىزارغان توپا تاغ،
قاسنىقى بىر يار ئىكەن تېرەك بويى.

ئاشۇ يارنىڭ باغرىدا تىلسىم كەبى،
توپا غارلار بار ئىكەن قاتار - قاتار .
ئۆتسىمۇ شۇنچە ئەسىرلەر ئارىدىن،
كۆزىنى يۇمماي ھامان ئويغاق ياتار.

نېمىنى ئويلايدىكىن ئويغاق يېتىپ،
سەرگۈزەشتىلەر يادىغا يەتتىمىكىن ؟
ياكى قونغان چاڭ - توزانلارغا قاراپ .
كۆڭلى ھەر يان چېچىلىپ كەتتىمىكىن ؟

ياكى شۇم ئالۋاستىلارغا غەزىپى
قاينىغاچ، ئاچچىق يۇتۇپ ياتامدىكىن.
ياكى كۆز، قۇلاق ، بۇرۇن ھەتتا يۈرەك-
ئۆزرە تەگكەن تىغ ئىزى قىينامدىكىن ؟
ياكى ئوبدان ئاسرىماي،قويغان ئۈچۈن،
بىزنىمۇ كايىش بىلەن قاغامدىكىن ؟

كايىساڭ ھەم قاغىساڭ، ھەققىڭ سېنىڭ،
ئەي، گۈزەل سەنئەت پىرى قۇرغان ماكان؛
راست ئەمەسمۇ، دۆڭ پېشانە تەلۋىلەر،
باش - كۆزۈڭگە چاچتى توپا بىر زامان.

خارلىدى ئۈنچىنى دەسسەپ چەيلىدى ،
كىردى گويا باغقا تۈركۈم قاۋان .
نە ھايا ، نە قالدى سەنئەت، نە تۈزۈم ،
نە تىرىككە كۈن ، نە ئۆلۈك قالدى ئامان.

ئۇنتۇماس ئەۋلادلىرىڭ ، ھېچ ئۇنۇتماس
كۆزلۈرۈڭنى چوقىغان شۇم قاغا كىم ؟
قان پۇراپ كەلگەندە ئاچكۆز بۆرىلەر ،
يول بېرىپ ، سېنى تالاتقان دورغا كىم ؟

ئاڭلىغانسەن ، ئەمدى گۈلدۈرمامىدەك،
ياڭرىدى ئەلنىڭ ئۈنى كۆپ ياڭراق.
ئىنتىقامنىڭ شەمشىرى قىنىدىن چىقىپ ،
چالدى تارىخ《سوت ئۇچۇق③》دەپ قوڭغۇراق.
*********************************
ئىزھاتلار:

① ئىدىقۇت - مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅰ ئەسىر ئۆپچۆرىسىدە بىنا قىلىنىشقا باشلىغان قەدىمقى ئۇيغۇر شەھىرى. ھازىر خارابىسى تۇرپاندا.
② بېزەكلىك - تۇرپان شەھىرىنىڭ سېڭگىم ئېغىزىغا جايلاشقان مەشھۇر 《 مىڭ ئۆي 》 لەر نىڭ بىرى. ئۇنىڭ بىنە قىلىنغان دەۋرى مىلادى 5- ئەسىرلەرگە توغرا كىلىدۇ. بۇ يەردىكى غارلارنىڭ تاملىرىدا قەدىمىي ئۇيغۇر بۇددا مەدەنىيىتىنىڭ ئاجايىپ نادىر گۈزەل - سەنئەت نامايەندىلىرى بولغان تام سۈرەتلىرى ۋە نەقىشلەر بار .
③ لىن بياۋ ئەكسىىلئىنقىلاۋىي گۇروھى بىلەن 《 4 كىشىلىك گۇروھ 》 ئۈستىدىن ئېچىلغان ئۇچۇق سوت.


مەنبە: <ئاپرېلدىكى گۇگۇم پەسلى> ناملىق كىتاپتىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-30 01:47  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-5 23:40:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەمگە!


ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر



بەس قەلەم ، كۆرگەن مۇقامغا يورغىلاشتىن توختا سەن ،
بارنى سۆزلە ، ھەقنى كۈيلە ، سەپسەتىلەر ساتما سەن .

نە كېرەك يوق نەرسىلەردىن باش قاتۇرماق شۇنچىلىك ،
ساپلىقىڭنى بۇلغىتىپ ، ياشلار ئاققۇزماق شۇنچىلىك .

مەن سېنى كۈرەش ئۈچۈن قىيدىم بوۋامنىڭ تىغىدا ،
بول ماڭا ئۆتكۈر قىلىچ ،ياتما مەزلۇملىق قېنىدا .

قەغىزىم ئۈستىدە ماڭساڭ ، كۈتكىنىمدىن ئىز ياسا ،
ھەر چېكىتتە ھۆرىيەت _ ئىقبالىغا نېگىز ياسا .

كۈيلە تاغ باشىدا بولساڭ ، تاغۇ _ تاشلار تىتىرىسۇن ،
ھەيۋىتىڭدىن ئەزگۈچى ھاكىم سىنىپ قان يىغلىسۇن !

قەغىزىم ئۈستىگە ئەمدى چۈشمىگەي ياش ئىزلىرىڭ ،
خوش _ خوش ئېيتىپ ، كەتسۇن ئەمدى بۇ يىغىچان گەزلىرىڭ .

مەن سېنى ماۋزۇ قىلىپ ، چوڭ جەڭ ئۈچۈن ئاتىدىم ،
بىر كېچە گويا خىيالدا ياۋ كۆزىگە قادىدىم .

جەڭدە يەڭگەچ قەبرىمە < لەۋھە > بولۇپ ياتماقچىسەن ،
تۈنلىرىمنى كۈن ياساپ ، گۆھەر كەبى يانماقچىسەن .

قېنى ئەمدى كۈيلىگىن ئەسىرىمگە لايىق ناخشىنى ،
مەنمۇ تاللاپ يۈرمىدىم سەندىن بۆلەك بىر ياخشىنى !



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-30 01:48  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-5 23:41:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇبائىيلار

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر


خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پارقىراپ تۇرغان بىلەن،
مېغىزى شېرىن ياڭاق تېشى قوتۇر بولغان بىلەن.
كۆكتىكى پارچە بۇلۇتتىن ئەلگە تەگمەس قىلچە نەپ،
ئىسسىتار ئەلنى كۆمۈر يەر ئاستىدا ياتقان بىلەن.

مېۋە بەرمەس ھېچقاچان ھاي-ھاي چاپان ھەشقىپىچەك،
يۆمىشىپ ھەرنەرسىگە مىڭ يۇقىرى چىققان بىلەن.
يەربېغىرلاپ ياتسىمۇ قوغۇن-تاۋۇزنىڭ پىلىكى،
تولدۇرار يېزا-بازارنى نىمەتۇ-ئەلۋان بىلەن.

ئالدىراپ ھەركۈنلۈكى بىر ئېچىلۇر ھەشقىپىچەك،
كۈن چىقار-چىقمايلا تېز سولىشۇر جا نەرسىدەك.
مىرزە،سەبدە،گۈلى رەيھان يا قىزىل مودەنگە باق،
تاكى كەچكۈز كىرمىگۈچە كەتمەس يېنىدىن كېپىنەك.

سايە بەرمەيدۇ سۇۋادان غادىيىپ ئۆسكەنسىرى،
بەلكى ئاسان سۇنغۇسى بۇران-شامال تەگكەنسىرى.
سۇبويىدا جىلۋە قىلغان لەيلى-مەجنۇنتالنى كۆر،
ئاشىدۇ كۆركى ئۇنىڭ ئۆز قەددىنى پۈككەنسىرى.

گۈللا بولسا گۈل ئەمەس،گۈلدەك پۇراقى بولمىسا،
گەپلا بولسا گەپ ئەمەس،مەزمۇن تۇراقى بولمىسا.
ئىككى پۇتلاپ ماڭىمىش ئېيىقمۇ بەزەن تىك بولۇپ،
ئەرلا بولسا ئەر ئەمەس،ئادەم سىياقى بولمىسا.

ئادىمىنى ئادىمى ئەتكەن ئۇنىڭ ھۆسنى ئەمەس،
ھۆسنى بىر سۆرەت ئىرۇر دىلنىڭ چىراغى بولمىسا.
بىرمىسال،پانۇسنى كۆر،شام-چىراغسىز يۇرۇماس،
نۇر چاچامدۇ شام-چىراغ؟پىلىك ۋە ياغى بولمىسا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-30 01:48  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-5 23:43:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئايلىناي!


ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر


ئەي ئەزىز يۇرتۇم سېنىڭ باغچا _ سارايلىرىڭدىن ئايلىناي ،
زەپىران تۈسلۈك سېنىڭ غەمكىن چىرايىڭدىن ئايلىناي .
قوينۇڭدىكى ئالتۇن _ كۈمۈشلۈك تاغلىرىڭدىن ئايلىناي ،
كۆكسۈڭدىكى لەختە _ لەختە قان داغلىرىڭدىن ئايلىناي .

دەريايىڭدا مۇڭلىنىپ ئاققان سۈيۈڭدىن ئايلىناي ،
قايغۇ _ ماتەم ، غەمگە چۆككەن ناخشا _ كۈيۈڭدىن ئايلىناي .
سۇمبۇل چاچلىق ، قەلەمقاشلىق قىزلىرىڭىدىن ئايلىناي ،
ئانىلىق دەردىدە قالغان قان ئىزلىرىڭدىن ئايلىناي .

تىلى باغلىق ، دىلى داغلىق شائىرلىرىڭدىن ئايلىناي ،
زۆھراسى يوق ناتىۋان تاھىرلىرىڭدىن ئايلىناي .
ئايلىاي يۇرتۇم ئايلىناي ، ئالىملىرىڭدىن ئايلىناي ،
تىلى يۇمشاق دىلى قاتتىق زالىملىرىڭدىن ئايلىناي !


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-30 01:48  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-5 23:44:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خەجلە ، خائىنلار خەجلە!

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

خەجلە ، خائىنلارەي، خەجلە ، بۇ ئەلنىڭ مالىنى خەجلە ،
يېتىشمەي قالسىلەر ئۇ ھەم ئېلىپ سەن جانىنى خەجلە .
خېنىمغا ئوسما دەپ خەجلە ، بېگىمگە تاسما دەپ خەجلە ،
تالان _ تاراجىدىن قالغان پارچە نانىنى خەجلە .

دېھقانغا ئاچقۇزۇپ بوزنى ، دۇكانغا توقۇتۇپ بۆزنى ،
سېلىپ ئالۋاننى يۈز قاتلام ، ئىچىپ سەن قانىنى خەجلە .

كۆلىدە بېلىقى كۆپ دەپ ، يەر ئاستى بايلىقى كۆپ دەپ ،
قەدەمدە مىڭ تېپىپ ھېيلە ، ئېچىپ سەن كانىنى خەجلە .

پالانى ئاقچىدۇر _ كۆكچى ، بۇ ئۆتكۈرمۇ يامان دوقچى،
دەپ پارچىلاپ بۇ مىللەتنى ، سېتىپ ۋىجدانىنى خەجلە.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-30 01:48  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-5 23:46:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


جەنۇبقا خەت


ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ئەي جەنۇب ، دەردمەن جەنۇب ، ئەي مۇڭلىنىپ ياتقان جەنۇب ،
خۇددى تارىم سۈيىدەك كۆز ياشلىرىڭ ئاققان جەنۇب؛
گاھ يانار تاغدەك يېنىپ ، سەن پارتىلىدىڭ يالقۇن چېچىپ ،
ئەمدى تۇتقۇن شىر كەبى مەيۈسلىنىپ ياتقان جەنۇب .

كۆپتىن ئەمدى قاينىدى مۇڭلىرىڭ ، ئاھ _ زارلىرىڭ ،
كەتتى ھەسرەت ئىچىدە نى كۈرەشچان ئەرلىرىڭ .
ۋەھشىي بىر ئورمان بولۇپ قالدى خىيالىڭ باغچىسى ،
تەڭرىگە يەتمەي ئۆتەرمۇ ئاھلىرىڭ ، پەريادلىرىڭ !

يىغلاپ ئۆتتى سەن ئۈچۈن ئەسرىمىزنىڭ قانچىسى ،
بۇ يىغىغا باقمىدى جەبىر _ زۇلۇمنىڭ قامچىسى .
كەلمىگەي ھېچكىم بېشىغا ساڭا كەلگەن كەلگۈلۈك ،
ھېچ ئۈزۈلمەسمۇ بۇ قۇللۇق زەنجىرى _ ئارغامچىسى ؟

ياق ، ئۈمۈت بولغاي سېنىڭ ئارزۇلىرىڭنىڭ قولدىشى ،
تاڭ ئېتىپ ئەلۋەتتە بىر كۈن سۈرتۈلەر كۆزنىڭ يېشى ،
كۈيلە _ كۈيلە ئەرك _ ئازادلىق كەتسە بۇ ئۆتكۈر بېشى ،
قالغۇسى خانتەڭرىدە مەغرۇر كۈلۈپ قەبرە تېشى .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-30 01:49  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-5 23:48:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باھار چىللايمەن

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر


زېرىككەچ جانلار بۇ زىمىستاندىن ،
جانۇ _ جانىمدىن باھار چىللايمەن .
تۈنلەر كېچىسى ھۇۋلىغان شىردەك ،
ئاھ _ پىغانىمدىن باھار چىللايمەن .

نە تاقىتىم بار ، نە سەۋرىم ئەمدى ،
قايناق بىر قازان يۈرىكىم ئەمدى .
گويا بىر ۋولقان تىلىكىم ئەمدى ،
شۇ ۋولقانىمدىن باھار چىللايمەن .

ئۆلۈمدىن ئارتۇق يىغلاپ ئولتۇرماق ،
مىراسمىدى بۇ ياشلار ئاققۇزماق ؟
خائىنلار ئىشى باش ئېگىپ تۇرماق ،
پاك ۋىجدانىمدىن باھار چىللايمەن .

شۇنى كۈيلەيمەن زىمىستاندىمۇ ،
تىلىكىم زەنجىردە باغلانغاندىمۇ ،
كۆكرەككە نەيزە قادالغاندىمۇ ،
ئىسىق قېنىمدىن باھار چىللايمەن .

ئۈمىدىم بۈگۈن خىيالدىن يۈكسەك ،
ئۈمۈت باغىدا ئاتتى ككپ چېچەك .
خىيالدىن ئارتۇق تاشقىن بۇ تىلەك ،
كۈرەشچان تاڭدىن باھار تىلەيمەن .

باھار چىللايمەن ، باھار چىللايمەن ،
خەلق بەختىگە بىر يار تىلەيمەن .
ئارزۇيۇم باھار ، ئۈمۈدۈم باھار ،
ئۇندىن ئۆزگىگە كۆڭۈل بۆلمەيمەن .

باھار چىللايمەن ، باھار چىللايمەن ،
خەلق مۇڭى شۇ شۇنى كۈيلەيمەن .
بوۋاممۇ ماڭا شۇنى ئۆگەتكەن ،
ئۇندىن ئۆزگىنى نېچۈك سۆيەي مەن .

باھار چىللايمەن ، تۈنلەر كېچىسى ،
مەيلى توزىسۇن ئۆمرۈم غۇنچىسى .
رازىمەن شۇندىن ، قىلچە ئارمان يوق ،
بولالىسام مەن خەلق مۇڭچىسى .



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-30 01:49  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-5 23:49:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چىللاڭ خورىزىم، چىللاڭ

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر


نىم دىگەن ئۇزۇن كېچە ، ئەجەپمۇ تاڭ ئاتماي قالدى ،
چىللاڭ خورىزىم ، چىللاڭ ،تاڭغا قاراپ كۆزىم تالدى .

چىللاڭ خورىزىم ، چىللاڭ ، ئۇخلاق جاھانىم ئويغا نسۇن،
مېنى تاشلاپ ئۇخلىغان گۈلى رەيھانىم ئويغا نسۇن .

چىللاڭ خورىزىم ، چىللاڭ ، يارنى چىللاپ ئويغى تىڭ ،
يۈزىگە قانات يېيىپ ، ئاستا سىپاپ ئويغى تىڭ .

ئاچسا يارىم كىرپىكىنى يەنە ئۇيقۇ باسمىسۇن ،
ئۇيقۇ بىرلە مەن غېرىپنى مەڭگۈ تاشلاپ ئەتمىسۇن .

چىللاڭ خورىزىم ، چىللاڭ ، تاڭ ئاتىدۇ دەپ چىللاڭ ،
تاڭ ئالدىدا يارىڭىز سىزنى كۈتىدۇ دەپ چىللاڭ .

چىللاڭ خورىزىم ، چىللاڭ ،چىللاڭ ئۇ گۇلۇستانغا ،
يارىم ئويغا نسا خەۋەر بېرىڭ مەن باغرى قانغا.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-30 01:49  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-5 23:50:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


تاڭ زىياسى يوقمىدۇر




ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر


بۇ قارا ھىجران تۈنىنىڭ ئىنتىھاسى يوقمىدۇر،
ۋەسلى دىدار كۈنلىرىنىڭ ئىپتىداسى يوقمىدۇر،

ئۆلگىدەك جانىمغا تەگدى ھىجىر ئاخشامى يامان،
بىر خەۋەر كەلسە نە بولغاي تاڭ ساباسى يوقمىدۇر.

بىر نەپەس يۈز يىل بىلىندى ئىنتىزارلىق دەستىدىن ،
تەشنە ئى قەلبىم ئۈچۈن نەشئۇ نەماسى يوقمۇدۇر ؟

ئۆرتىدى جىسمىمنى ھەردەم دىلدا يالقۇنلاپ كۆيۈك ،
خەستە دىلگە بىر شىپا دۇرا- داۋاسى يوقمۇدۇر ؟

يار خىيالى بىرلە سولدۇم،يەتتى ئۆمرۈمگە خازان،
تەنگە جان بەخش ئەتكىلى كۆكلەم ھاۋاسى يوقمىدۇر؟

بۇ جۇنۇنلۇق دەشتلىرى كەڭ،مېنى ئازدۇردى تالاي،
ئەمدى يول كۆرسەتكۈچى بىر رەھنە ماسى يوقمىدۇر؟

كەتمىگەي ئارماندا ئۆتكۈر كۆزدە قانلىق ياش بىلەن،
يىرتقىلى تۈن پەردىسىنى تاڭ زىياسى يوقمىدۇر؟


1949-يىل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-30 01:49  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-5 23:51:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچراشقاندا

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

سەھەر كۆرگەن چېغىم كۆزۈڭ سۇلتانىنى،
دېدىم سۇلتانمۇ سەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.
كۆزلىرى يالقۇنلۇق ، قوللىرى خېنىلىق،
دېدىم چولپانمۇ سەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.

دېدىم ئىسمىڭ نىمە؟ دېدى ﯪﻳﺨﺎﻧﺪﯗ�?
دېدىم يۇرتۇڭ قەيەر ؟ دىدى تۇرپاندۇر.
دېدىم باشىڭدىكى ؟ دىدى
دېدىم ھەيرانمۇسەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.

دېدىم ئايغا ئوخشار ، دېدى يۈزۈممۇ؟
دىدىم يۈلتۈز كەبى ، دېدى كۆزۈممۇ؟
دىدىم يالقۇن چاچار ، دېدى سۆزۈممۇ
دېدىم ۋولقانمۇسەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.


دېدىم قىياق نەدۇر ؟ دېدى قاشىمدۇر،
دېدىم قۇندۇز نەدۇر ؟ دېدى ساچىمدۇر.
دېدىم ئون بەش نەدۇر ؟ دېدى ياشىمدۇر،
دېدىم جانانمۇسەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.


دېدىم دېڭىز نەدۇر ؟ دېدى قەلبىمدۇر،
دېدىم رەنە نەدۇر ؟ دېدى لېۋىمدۇر،
دېدىم شېكەر نەدۇر ؟ دىدى تېلىمدۇر
دېدىم بىر ئاغزىمە ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.


دېدىم زەنجىر تۇرار ، دېدى بوينۇمدا،
دېدى يولۇمدا.
دېدىم بىلەيزۈكچۇ ؟ دېدى قولۇمدا،
دېدىم قۇرقارمۇسەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.


دېدىم نىچۈن قورقماسسەن؟ دېدى تەڭرىم بار،
دېدىم يەنىچۇ ؟ دېدى خەلقىم بار.
دېدىم يەنە يوقمۇ ؟ دېدى روھىم بار،
دېدىم شۇرانمۇسەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.


دېدىم ئىستەك نەدۇر ؟ دېدى گۈلۈمدۇر
دېدىم چىلىشماققا ؟ دېدى يولۇمدۇر.
دىدىم ئۆتكۈر نىمەڭدۇر ؟ دېدى قۇلۇمدۇر
دېدىم ساتارمۇسەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-30 01:50  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-6 00:01:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم قەدىناسىم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنى ئەسلەيمەن

خەلچەم تىلەشىۋا

ھۆرمەتلىك ئۆتكۈر ئەپەندىم بىزدىن ئايرىلغىنىغا مانا ھەش-بەش دېگۈچە 18 يىل بولۇپ قاپتۇ. ئەپەندىم گەرچە نۇرغۇن ئارمانلار بىلەن كەتكەن بولسىمۇ، بىر مۇسۇلمان بولۇش سالاھىيىتى ۋە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن خەلق ئۈچۈن، پايدىلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. جۈملىدىن، ئائىلىمىز، پەرزەنتلىرىمىز ۋە كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈنمۇ ئادىمىيلىكى ۋە پەزىلەتلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ قويۇپ كەتتى.
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!
مەن ئۆتكۈرگە يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئۇنىڭ ئايالى، ھەمراھى، يولدىشى ھەم سىرداش دوستى سۈپىتىدە ئەگىشىپ كەلدىم. بۇ جەرياندا ئۆتكۈر بەزى تەتۈر سىياسەتلەرنىڭ شامىلىغا ئۇچىراپ، ئائىلىمىز نۇرغۇن سەرسانلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆپلىگەن دىشۋارچىلىقلارنى تارتقان بولساقمۇ، ئەپەندىم مەيلى كىشلىك مۇناسىۋەتتە بولسۇن ياكى ئۆز ئەسەرلىرىدە بولسۇن، ھەر قاچان ئۆز غورۇرىغا خىلاپ ئىش قىلىشتىن ساقلىنىپ كەلدى، ۋەتەن، مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتىن ئىبارەت ھايات سىزىقىدىن چەتنەپ باقمىدى. ئۇنىڭ ھەر بىر شېئىرى ۋە ئەسىرىنىڭ بىر ئارقا كۆرۈنىشى بار دېيىشكە بولىدۇ.
1949-يىلنىڭ بېشىدا، ئۆتكۈر ئەپەندى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بىراق،ئەينى ۋاقىتتا بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماق خېلى مەسىلە ئىدى. دېگەندەك ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتە-ئۆتمەي، ئۆتكۈر بۇ ئورۇندىكى ئەمەلدارلارنىڭ تۈرلۈك يول بىلەن خەلققە قىلىۋاتقان تالان-تاراجىنى ۋە پارىخورلۇقلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئۇنىڭغا چىداپ تۇرالماي، بۇ ئەمەلدارلار بىلەن يۈزتۇرانە سۆزلىشىپ ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ سۆزلىرى ھېچنەرسىنى ھەل قىلالمايدۇ. مانا مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر خادىم ئەمەلدارلارغا بېرىلىدىغان خىراجەت ئىسمىيسىنى ئۆتكۈرنىڭ ئىشخانىسىغا كۆتۈرۈپ كىرىپ، ئۆتكۈرگە قول قويۇپ تەستىقلاپ بېرىشنى ئېيتىدۇ. ئۆتكۈر ئىسمىيەگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا قول قويۇشنى رەت قىلىدۇ. ئۇ ئەمەلدار ئۆتكۈردىن نارازى بولۇپ، ئۇنى مەسخىرە قىلىپ “ تازىمۇ ئەخمەق بىر نېمە ئىكەنسەن، گەپ قىلماي قول قويىۋەرمەمسەن، ئۆزۈڭنىڭ تېگىشلىكىنى ئېلىپ خەجلەۋەرمەمسەن، بۇنداق ئىشلارغا ئارىلىشىپ نېمە قىلىسەن؟“ دەيدۇ. ئۆتكۈر بۇنىڭغا خاپا بولۇپ، ئۆزىنى باسالماي قالىدۇ-دە، خىراجەت ئىسمىيىتىنى يىرتىپ ئۇ ئەمەلدارنىڭ بېشىغا ئېتىپ تىللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن غوۋغا كۆتۈرۈلۈپ باشقا ئىشخانىدىكىلەرمۇ يۈگۈرۈشۈپ چىقىدۇ. ئاخىرى بۇ ئىشقا سابىق رەئىس بۇرھان شەھىدى ئەپەندىممۇ ئارىلىشىپ جىدەل ئاران بېسىقىدۇ. ئەپەندىم شۇ خاپىچىلىقتا ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، بىر ئاخشامدا ئوقۇرمەنلەرگە تونۇش بولغان ”خەجلە خائىنلار، خەجلە“ دېگەن شېئىرىنى يېزىپ چىقىدۇ ۋە ئەتىسىلا گېزىتخانىغا ئاپىرىپ ئېلان قىلدۇرىدۇ. بۇ شېئىردىكى مۇنۇ مىسىرالار ئەپەندىمنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھېسىياتى بولسا كېرەك.

خەجلە خائىنلەرەي خەجلە، بۇ ئەلنىڭ مالىنى خەجلە،
يېتىشمەي قالا ئۇ ھەم، ئېلىپ سەن جانىنى خەجلە.

بۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈرنىڭ خىزمەتتىن كۆڭلى سوۋۇپ، مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ قايتىپ كېلىدۇ ۋە كېيىنچە دارىلمۇئەللىمىن ۋە گېزىتخانىدىكى خىزمەتلىرىدىنمۇ ئىستىپا بېرىپ، ئەركىن ياشاپ ئۆز يېزىقچىلىقىنى قىلىپ ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. مەنمۇ ئەپەندىمنىڭ ئارزۇسىغا قوشۇلدۇم. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دادىسى ئوسمان ھاجىمدىن قالغان ئۇچتۇرپاندىكى قورو جايغا كۆچۈپ بېرىپ ياشاشنى قارار قىلدۇق ۋە شۇ يىلى 5-ئايلاردا ئۇچتۇرپانغا يېتىپ كەلدۇق.
ئۆتكۈرنىڭ يېزىقچىلىق قىلىدىغان قىراندەك چاغلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئەينى چاغدىكى تەتۈر سىياسەتنىڭ كاساپىتى بىلەن تۈرمە ۋە رېجىم ئاستىدا ئۆتۈپ كەلمەسكە كەتكەن بولسىمۇ، سىياسەت ياخشىلانغاندىن كېيىن ئۇ ئۆمىرىنى خەلق ئۈچۈن بىر نەچچە پارچە  ئەسەر قالدۇرۇشقا بېغىشلىدى. 1970-يىللىرىدىن باشلاپلا، يەنى ئەپەندىم ياغاچچىلىق قىلىپ ئائىلىمىزنى قامداۋاتقان چاغلاردىن باشلاپلا ئۇنىڭدا ”ئىز“ رومانىنى يېزىش ئويى شەكىللەنگەنىدى. ئۇ دەسلەپتە ”قەشقەر كېچىسى“ داستانىنى قايتا تۈزىتىپ يېزىش بىلەن بىللە يەنە بەزى شېئىرلارنى يېزىپ تۇردى. 1978-يىلى خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە تەتقىقاتچى بولۇپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىنلا ئۇنىڭغا يېزىقچىلىق ئۈچۈن ئەۋزەل شارائىت ھازىر بولدى. مەرھۇمنىڭ ئۆزى يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرىدىن باشقا ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ۋە رازى بولغان ئەمگەكلىرىنىڭ بىرى شاھانە ئەسەر ”دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك“نىڭ تەرجىمىسى ۋە ”قۇتادغۇبىلىك ”نىڭ نەزمىي يەشمىسىنى ئىشلەش ۋە باش مۇھەرىرلىكىنى ئۆتەش بولدى. ئۇنىڭ كېيىنكى ئۆمرىدە ماڭا ۋە بالىلارغا ئېيتقان: ”مۇشۇ ”دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك“  بىلەن ”قۇتادغۇبىلىككە مېنىڭ جىق قان-تەرىم سىڭدى جۇمۇ“ دېگەن سۆزى ھېلىمۇ ئېسىمدە. بولۇپمۇ دەسلەپتە ”دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك“ نەشردىن چىققاندا ، ئۇ تولىمۇ خۇشال بولۇپ: “ ئاللاھقا شۈكرى، يائاللا بۇ كىتابنى خۇددى بالامنى كۆتۈرگەندەك شەھەرمۇ شەھەر كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، تىقىپ ساقلاپ بەكمۇ ئەنسىرىگەن ئىدىم. ھېلىمۇ بۇ ئەسەر تەرجىمە قىلىنىپ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى“ دېگەنىدى. بۇ ھەقتە بىر قىستۇرما بايان قىلىپ ئۆتۈشكە تۈغرا كېلىدۇ.
1949-يىللىرى بىز ئۇچتۇرپاندىن ئايرىلىش ئالدىدا ئۆيدىكى بەزى كىلاسسىك ئەسەرلەرنى شۇ يەردىكى تاشاخۇن دادام دېگەن كىشىگە ساقلاپ بېرىشنى ھاۋالە قىلدۇق. چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتىكى قالايمىقان ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن بۇ خىل كىتابلارنى ئائىلىمىزدە ساقلاش ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى. ساقلاپ قويۇشقا بەرگەن كىتابلارنىڭ ئىچىدە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ “ ع ئۆتكۈر“ دېگەن ئىمزاسى قويۇلغان ”دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك“مۇ بار ئىدى. كېيىن يەنى، 1955-يىلى بولسا كېرەك، سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندى بۇ كىتابنى سۈرۈشتۈرۈپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ. مەن ئۇ كىتابنى يۇشۇرۇپ قويغانلىقىمىزنى ئېيتىپ، كىتابنى ساقلىغان تاشاخۇن دادىمىزغا كىتابنى مۇشۇ سەيپىدىن ئەپەندى ئەۋەتكەن كىشىلەرگە بېرىش توغرىلىق بىر پارچە خەت يېزىپ، قولۇمنى بېسىپ بەردىم. ئۇنىڭدىن كېيىن بىزمۇ ئۇ كىتابنى نەدە، كىمنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىدىن خەۋرىمىز بولمىدى. 1978-يىلى ئۆتكۈر ئەپەندىم ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىدە باشقا تەتقىقاتچىلار بىلەن بىرلىكتە دىۋاننى تەرجىمە قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۋالغان چاغدىلا، كىتابنىڭ ئىككىنچى ۋارىقىنى ئېچىپ بۇ دەل ئۆزىنىڭ “ ع ئۆتكۈر “ ئىمزاسى قويۇلغان ئاشۇ كىتابى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلانغان ئىكەن. ئۇقۇشىمىزچە ئۇ كىتاب شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇزىيدىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، سەيپىدىن ئەپەندىم بۇ كىتابنى مۇزىيغا ئەۋەتىپ بەرگەنىكەن.مەنمۇ بۇ دۇنياۋىي ئەسەرنى ئاسىراپ، ساقلاش ئۈچۈن بىر كىشلىك كۈچۈمنى چىقارغىنىمدىن خۇشال بولدۇم.
مەن ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ”ئىز“، ”ئويغانغان زىمىن“ رومانلىرىنى يېزىش ئۈچۈن قۇمۇلنىڭ بەش شەھەر، ئون ئىككى تاغ سەپىرىدە توپلىغان نۇرغۇن ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى، خەت-چەكلەر ۋە يانچۇق دەپتەرلىرىنى رەتلەپ چىقتىم. ئۆتكۈر ئەپەندىم ياش چېغىدىن تارتىپلا مەيلى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشتە بولسۇن، مەيلى ماتىرىيال توپلاش، زىيارەت ۋە سەپەرلەردە بولسۇن يېنىدىن يانچۇق دەپتەرلىرىنى ئايرىمايتتى. مەن ئۆزۈممۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىر قانچە قېتىم قۇمۇل تاغلىرىغا ماتىرىيال توپلاشقا بىللە بارغانىدىم. ئۇ بارغانلا يېرىدە شۇ يەردىكى ياشانغان كىشىلەر، تارىخى شەخسلەرنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان يەرلىك شىۋە ۋە ماقال-تەمسىللەرنى كىچىك يانچۇق دەپتەرلىرىگە يېزىۋالاتتى. ئۇ رومانلارنىڭ تۇرمۇشقا يېقىن، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگىنىدەك چىقىشىغا، بەلكىم مۇشۇ خىل ئۇسۇللارنىڭمۇ ياردىمى بولغان بولىشى مۇمكىن. ئۆتكۈر بىر قېتىم ماڭا: “ خەلچىخان، ئەگەر توقۇلما رومان يازغان بولسام، بۇ چاغقىچە نەچچە رومان پۈتۈپ بولغان بولاتتى، تارىخى رومان يازماق ھەقىقەتەن تەسكەن“دېگەنىدى.
ئۆتكۈر ئەپەندىم ھاياتىدا بەزى خاتا سىياسەت تۈپەيلى بىر قانچە قېتىم تۈرمىگە ئېلىنغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم 1944-يىلى 28-مارت كۈنى 21 ياش چېغىدا سوۋىت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئوقۇغانلىقى، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ ئىلغار پىكىرلىك بولغانلىقى سەۋەبىدىن شىڭشىسەي تۈرمىسىگە سىياسي مەھبۇس سۈپىتىدە قامىلىدۇ. ئۇ چاغلاردا سەل-پەل ئىلغار پىكىرلىك بولۇپ قېلىشنىڭ ئۆزىلا سىياسىي مەھبۇسلۇققا توشۇپ قالىدىغان شەرت ئىدى. دېمەك، ئۇ زامانلاردا قانۇن دېگەن يوق بولۇپ، ھەممە كىشىنىڭ تەقدىرى بىر ئوچۇم جاللاتلارنىڭ قولىدا ئىدى. جاللات شىڭشىسەي ئۆزىنىڭ ئىلغارلىق نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ نەچچە ئونمىڭلىغان كىشىلەرنى ، ھەتتا كېينكى كۈنلەردە ئاغزىدىن ئانا سۈتىنىڭ پۇرىقى كەتمىگەن ئۆسمۈر بالىلارنىمۇ سىياسى مەھبۇس قىلىپ تۈرمىلەرگە قامىدى. ئەپەندىمنىڭ ”قەشقەر كېچىسى“ داستانىدىكى تۆۋەندىكى مىسرالار ئەنە شۇنىڭ ئىنكاسى ئىدى:

قىزىل پاچاق ئاتالدى ھەر زىيالى،
كۈنى شورلۇق،ئايانچلىق بولدى ھالى.
كىمىكى داد دېسە، كەستى تىلىنى،
تىلى تۇرماق تۆكۈپ ئىچتى قېنىنى.

ئۆتكۈر ئەپەندىم تۈرمىدىكى ۋاقتىدا ئائىلىمىزمۇ ۋەيران بولۇپ كەتتى. چوڭ ئوغلىمىز جىددىي كېسەل بىلەن قازالاپ كەتتى. مەنمۇ قۇمۇلدىكى تۇققانلارنىڭ يېنىغا كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم. كېيىن بىر يىلدىن كېيىن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ يالقۇنلىرى كۆتۈرۈلگەندە، گومىنداڭ سىياسى نەيرەڭ ئىشلىتىپ ئاممىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ كېپىللىكى بىلەن بىر قانچە زىيالىلارنى تۈرمىدىن بوشىتىدۇ. شۇلارنىڭ قاتارىدا ئۆتكۈر ئەپەندىممۇ بار ئىدى. لېكىن تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ نەزەربەند ئاستىدا قۇمۇلدا ياشىدۇق.
1950-يىلى ئۆتكۈر ئەپەندىم يەنە بىر قېتىم سىياسىي مەھبۇسلار تۈرمىسىدە ئالتە ئاي ياتقاندىن كېيىن سىياسىي قانۇن كادىرلار مەكتىپىدە رىجىم ئاستىدا تەرجىمانلىق قىلدى. كېيىن 1953-يىلى ”شىنجاڭ گېزىتى“ دە نۇرغۇن پىرىنسىپال خاتالىقلار كۆرۈلگەچكە، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۆتكۈرنى ”شىنجاڭ گېزىتى“تەرجىمە-تەھرىر بۆلىمىگە يۆتكەيدۇ. كۆپىنچە ئادەملەر ئۆتكۈر ئەپەندىنى پەقەت يازغۇچى، شائىر دەپلا تونۇيدۇ. ئەمما ئۆتكۈر ئەپەندى يەنە بىر يېتىلگەن ئەدەبىي تەرجىمان ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئىككىمىز بىر بۆلۈمدە ئىشلەيتتۇق. بۇ جەرياندا ئۆتكۈر ئەپەندىم تەرجىمە ئىشلىرىنى جان دىلى بىلەن ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە باشقا تەرجىمان يولداشلارغىمۇ كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، ئۇلارغا خەنزۇچە جۈملىلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندا ، ئۇنى ئۆلۈك تەرجىمە قىلماستىن جانلىق، ئاممىباب تەرجىمە قىلىش توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىپ، ئۆزى بارلىق تەرجىمە ماقالىلەرنى باشتىن-ئاخىر سېلىشتۇرۇپ چىقىدۇ. باشقىلار سەككىز سائەت ئىشلىسە، ئۆتكۈر ئەپەندىم رېجىمدا بولغاچقا ئون سائەت ، ھەتتا بەزىدە ئون ئىككى سائەت ئىشلەيتتى. كېيىن 1956-يىلى ئۇنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ھەپتىدە بىر قېتىم ئارام ئالىدىغان بولدى ۋە سىرتلارغىمۇ چىقىپ دوست- بۇرادەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان بولدى. بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇق. شۇ يىللىرى ”شىنجاڭ گېزىتى“ دە ”رېنزاۋ ۋېيشىڭ 人造卫星 “ دەيدىغان بىر ئاتالغۇ پەيدا بولدى. بۇنى ئۇيغۇرچىدە قانداق تەرجىمە قىلىش مەسىلىسى تەرجىمانلارنىڭ بېشىنى قاتۇردى. بەزىلەر ئاينىڭ يولدىشى دېسە، بەزىلەر ئاينىڭ ساياقدېشى، يەنە بەزىلەر ئاينىڭ سايىسى دېگەندەك پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ بىرلىككە كېلەلمەي ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى. ئاخىرى نەچچە كۈندىن كېيىن ئۆتكۈر ئەپەندى ”سۈنئىي ھەمراھ“دېگەن ئاتالغۇنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. بۇ ئاتالغۇنى ھەممەيلەن بىردەك قوللايدۇ. بۇ ئاتالغۇ ھازىرغىچە شۇنداق ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندى مەيلى تۈرمە ھاياتىدا بولسۇن ۋە ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا بولسۇن، ناھايىتى رەتلىك پاكىزە يۈرۈيدىغان ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ ئۈمىدۋار روھى بولغاچقىلا، يەنە ھەر قېتىملىق قېقىلىپ-سوقۇلۇشلاردىن باش كۆتۈرۈپ، ھاياتقا بولغان ئىشەنچىنى تىكلەپ، ئۆز مەيدانى ۋە ياشاش پەلسەپىسىدىن ئازماي يېزىقچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ئۇ تۈرمىدە ياتقان كۈنلەردە ، بىز يوقلاپ بارساق، گەرچە ئۇنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقلىرى تارتىۋىلىنغان بىر ھالەتتە بولسىمۇ، ھەر قېتىم بىز بىلەن كۈلۈمسىرەپ كۆرۈشەتتى.ئالدىمىزغا رەتلىك. پاكىزە كىيىنىپ چىقاتتى. ئۆزىنىڭ دەپ بېرىشىچە، تۈرمىدە ساقال ئالغۇدەك تىغلىق نەرسە بولمىغاچقا، ئاياققا قاققان ناھالنى سېلىقداپ بىلەپ ساقال-بۇرۇتلىرىنى ئېلىپ ئالدىمىزغا چىققان ئىكەن. شۇڭا، مەنمۇ دائىم پەرزەنتلىرىمىزگە ”داداڭلارنىڭ بۇ خىل ئۈمىدۋار روھىنى ئۈلگە قىلىڭلار“ دەپ تەربىيە بېرىپ تۇرىمەن.
مەرھۇمنىڭ ماڭا تەسىر قىلغان يەنە بىر پەزىلىتى شۇكى، ئېسىمنى بىلسەملا باشقىلار ئەپەندىم بىلەن ھەمسۆبەتتە بولۇپ مۇڭدىشىشقا ئامراق ئىدى. ئۆتكۈر ئەپەندىممۇ مەيلى تەڭتۈش،كەسىپداش، ئۈلپەتداشلىرى بولسۇن ياكى شاگىرت ھېرسمەن ئوقۇغۇچىلىرى بولسۇن ۋە ياكى مويسىپىت تونۇش بىلىش بۇرادەرلىرى بولسۇن، ئۇلار بىلەن كىچىك پېئىللىق بىلەن ھەمسۆبەتتە بولاتتى.سۆھبەتلەردە ئۇلار بىلەن دانالارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ، ماقال-تەمسىللەرنى ۋە ئۇلۇغ كىتابلاردىن مىساللارنى سۆزلەپ بېرىپ ئۇلارنى مەنپەئەتلەندۈرەتتى. ئۆتكۈر ئەپەندىم ئىزدەپ كەلگەن ھاجەتمەنلەرنى ھەرگىز ئۈمىدسىز يولغا سالمايتتى. گەرچە بەزى ئىشلاردا ئەمەلدار بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قولىدىن كەلمىسىمۇ، ”ئۇ ئادەملەر ماڭا ئىشىنىپ كەپتۇ، بۇلارغا ھېچبولمىسا بىر يول كۆرسىتىپ قويۇشۇم لازىم“ دەيتتى. ۋە ئۇ ئادەملەرنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىشقا ۋە ئۆزىنىڭ تونۇش-بىلىشلىرىغا خەۋەر قىلىپ ئۇلارنى كۈتۈۋىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياتتى. ئۆتكۈر ئەپەندىم يەنە باشقىلارنى تەلىپىنى ئاسان رەت قىلالمايتتى. ئۇنىڭ رەت قىلالماسلىقىمۇ يەنە مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتقانلىقىدىن ئىدى. 1984-يىلى بىر كۈنى ئۇ گېزىتتە بىر ئەربابنىڭ تەڭرىتېغىنى ئاق بايراققا ئوخشىتىپ يازغان ئەسىرىنى ئوقۇپ، شۇ كۈنى كېچىچە ئۇخلىيالمايدۇ ۋە ئەتىسى ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ”مەن ئاق بايراق ئەمەس“ ناملىق بىر شېئىر يازغىنىنى ماڭا ئېيتىدۇ. لېكىن، ئۇ شېئىرنى سالامەتلىكى ياخشى بولماي قېلىپ بىر مەزگىل تېخى ھېچيەردە ئېلان قىلمىغان ئىدى. شۇ كۈنلەردە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئوقۇغۇچىلىرى كېلىپ، ئۆتكۈر ئەپەندىنى 1984-يىلى 9-دىكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى پائالىيىتىنى خاتىرلەشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئەپەندىم ئۆزىنىڭ دەم سىقىلىش كېسىلىنىڭ قوزغىلىپ قالغىنىغا قارىماي ئۇ ياشلارنىڭ تەلىپىنى يەردە قويماي سورۇنغا بارماقچى بولىدۇ. مەن قىزىم روشەننى دادىسىغا ھەمراھ قىلىپ يۆلەپ بېرىشنى ئېيتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈر ئەپەندى شۇ كۈنكى سورۇندا ئاشۇ ”مەن ئاق بايراق ئەمەس“ دېگەن شېئىرىنى تۇنجى قېتىم ئوقۇغانىدى. بىزمۇ كېيىن تېلېۋىزۇردىن كۆردۇق. ئۇ شېئىرنى شۇنچىلىك ھاياجان بىلەن ئوقۇپتۇ. سورۇندىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئارىلىقتا نەچچە قېتىم چاۋاكلار ياڭرىتىپ، شېئىر ئوقۇلۇپ بولغاندا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ قايتا چاۋاكلار بىلەن ئۇلارمۇ ئۆز ھاياجانلىرىنى بىلدۈرشۈپتۇ. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۆتكۈر ئەپەندى بۇ سورۇننىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس بىر سورۇن بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى.
ئۆتكۈر ئەپەندىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىز ۋە تونۇش-بىلىشلەرنىڭ يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ۋە ئەسەرلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. مەسىلەن: ئامېرىكىلىك تەتقىقاتچى jastin Jon Rudelson   ئۆزىنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى ”بوستانلىق كىملىكى“ ناملىق كىتابىدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئۇيغۇر ئەدىبلىرىگە ۋەكىل قىلىپ، ئۆتكۈرنىڭ تەرجىمھالى ۋە ئەسەرلىرىنى ئوقۇتمەنلەرگە سۇنغان.
1994-يىلى ئاۋىستىرالىيەدىكى Griffith University  گىرىففىس ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفىسسورى Colin Mackerras   شىنجاڭغا كەلگەن ۋاقتىدا، ئۆتكۈر ئەپەندىم بىلەن ھەمسۆبەتتە بولغان بولۇپ، ئۇ ئادەم قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۆز كىتابىدا ”ئىز“ شېئىرىنى ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلغان ۋە ئىز رومانىنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە بايان قىلغان. تۈركىيە گازى ئۇنىۋېرسىتىتىنى پروفىسسورى ھۇليا كاساپ ئوغلۇ چەڭگەل دوكتۇرلۇق دېسىرتاتسىيەسىنى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدىكى تەتقىقاتى بىلەن ياقلىغان. بۇ گۈزەل خانىم ”ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى“ ناملىق كىتاب (2000-يىلى) ۋە ”ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرىدىكى ھۆرىيەت ۋە مۇجادىلە“(1998-يىلى)، ”ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈر“ (2002-يىلى) ، ”تۈركۈلۈگ ۋە شائىر يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر“ قاتارلىق ماقالىلەرنى خەلقئارالىق ژورناللاردا  ئېلان قىلىپ ۋە كونفىراسلاردا ئوقۇپتۇ.
مەرھۇمنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرى ھەققىدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كەسىپ ئەھلىلىرى تەھلىل ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەن پەقەت ئۆتكۈر ئەندىنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئېسىل پەزىلەتلىرى ئۈستىدىلا ئۆزۈم گۇۋاھ بولغان بەزى ئىشلارنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم. ئۆتكۈر ئەپەندىم بىزگە ماددىي بايلىق قالدۇرۇپ كەتمىدى، ئائىلىمىزدىكىلەرگە بىر ئۇلۇغ ئاتا بولۇشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بېرىپ كەتتى، كېيىنكى ئىزباسارلارغا ئۇيغۇر يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىدىكى بىر قىسىم نەمۇنە-ئابىدىلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ مۇشۇ ئابىدىلىرى بىزنىڭ مەڭگۈلۈك بايلىقىمىز.

2013-يىل 28-ئىيۇل ، ئۈرۈمچى
مەنبە:“ قۇمۇل ئەدەبىياتى“ 2013-يىللىق 5-سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-6 00:02  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-14 02:18:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركلەرنىڭ << ئىز >> رومانىغا بەرگەن باھاسى
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە ئۇنىڭ «ئىز» ناملىق رومانى ھەققىدە  


_ تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان


   ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن ئېتىبارەن ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى تۈركىيىدىكى زىيالىلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. بىر قىسىم شېئىرلىرى تۈرك ئەدەبىيات تارىخىغا ئائىت كىتاپلارغا كىرگۈزۈلدى. بەزى ئەسەرلىرى ئۈستىدە ماقالىلار يېزىلدى ۋە مەخسۇس دىسسىرتاتسىيەلەر ياقلاندى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھۈليا كاساپئوغلۇ چەنگەل تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان شېئىرلىرى 2000- يىلى «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى»(Ⅰ) دېگەن نام بىلەن مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىكى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان «ئىز» ناملىق رومانىمۇ نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. تۈركىيىنىڭ ئىزمىر شەھرىگە جايلاشقان ئەگە ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرى ئۆزگۈر ئاي تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە تۈركچە – ئىنگلىزچە ئىككى تىلدا نەشىر قىلىنىدىغان «تۈرك تەتقىقاتلىرى» دېگەن ژورنالنىڭ 2007- يىللىق 2- سانىدا ئىلان قىلىنغان «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە ئۇنىڭ <ئىز> ناملىق رومانى ھەققىدە» دېگەن بۇ ماقالە تۈركىيە ئىلىم ساھەسىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر مەدەنىيەت كۆۋرۈكى قۇرۇش مەقستىدە يېزىلغان. بۇ ماقالە روماننىڭ تۈركچە تەرجىمىسى تېخى  ئىشلەنمىگەن بىر ۋاقىتتا يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ئاپتور ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى پاكىت بىلەن دەلىللەش ئۈچۈن ئەسلى روماننىڭ مۇناسىۋەتلىك پارچىلىرىنى ئىستات ئېلىپ كۆرسەتكەن. تۈركچىگە ئۆرىلگەن ئاشۇ پارچىلاردىنمۇ ئەسەر مەزمۇنىنىڭ ئاپتور تەرىپىدىن ناھايىتى ياخشى چۈشىنىلگەنلىكىنى ۋە تەرجىمىسىنىڭمۇ ناھايىتى ياخشى ئىشلەنگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.  بۇ ماقالە رومان يېزىقچىلىدىكى مىتودلارغا تايىنىش بىلەن بىللە  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ مىللىي -- ئىجتىمائىي غايىسىنى ۋە زىيالىلىق مەجبۇرىيەتلىرىنىمۇ نەزەرگە ئالغان ھالدا تەھلىل قىلىنغان. لېكىن ماقالە ئاپتورى پەرقلىق بىر سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتتا يىتىشكەن كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن روماننىڭ قىسمەن مەزمۇنلىرى ھەققىدىكى بەزى قاراشلىرى پەرقلىق  ماھىيەتنى ئىپادە قىلغان. شۇڭا، بۇ نوقتىلارنى قىسقارتىۋىتىشنى لايىق تاپتۇق. ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇنىڭدىن ۋاقىپ بولۇشىنى سورايمىز. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ ماقالە بىر ئوبزور بولۇشتىن بەكرەك روماننى تۇنۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر ئىلمىي ماقالە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاپتور ئەسىرىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ئەدەبىي تەھلىل يۈرگۈزۈشتىن يىراق تۇرغان. ھەر ھالدا بۇ ماقالە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدا قانداق باھالىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزدە بەلگىلىك بىر كۆزنەك رولىنى ئوينايدۇ.
                                                                          -- ئۇيغۇرچىغا ئۆرىگۈچى



  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدا يىتىشكەن ئەڭ مۇھىم كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئەدەبىياتنىڭ ھەر ساھەسىدە ئەسەر يازغان، ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق ئەدەبىيات ۋە سەنئەتكە پەلسەپىۋىي مەنىدىمۇ ھەسسە قوشقان كۆپ قىرلىق شائىر، يازغۇچى، تۈركولوگ ۋە مۇنەۋۋەر بىر شەخس. بۇ يولدا 50 يىل كۈرەشكەن ۋە ئىزتىراپ چەككەن ئا. ئۆتكۈرنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا قالدۇرغان ناھايىتى كۆپ ئەسىرى بار. «ئىز» رومانى بۇ ئەسەرنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى.
  «ئىز» ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھۆججەتلىك خاراكتېردىكى تارىخىي رومان بولۇپ، تۇنجى نەشرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1985- يىلى 1- ئايدا ئىلان قىلىنغان. 1907- يىلىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغۇلاڭى ۋە 1912- يىلىدىكى تۆمۈر خەلپە ئىسيانىنىڭ ئىلھامى بىلەن كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا بىر ئىز قالدۇرۇش مەخسىتىدە يېزىلغان بۇ ئەسەر ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇم ۋە زورلۇققا قارشى قىلغان ئىنقىلاپلىرىنىڭ داستانىي بىر ئىپادىسىدۇر. جەمئىي 419 بەتلىك بولغان بۇ رومان 28 باپقا ئايرىلغان ۋە ئەسەرنىڭ بېشىغا يەتتە بەتلىك بىر مۇقەددىمە، ئاخىرىغا ئونبىر بەتلىك بىر خاتىمە  قوشۇلغان. ئەسەر ئەرەپ يېزىقىنىڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى بىلەن بېسىلغان.تۈركىيىدە ئىز رومانىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار ئانچە كۆپ ئەمەس. ئۆتكۈرنىڭ رومانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كەڭ دائىرلىك تەتقىقات دوكتۇر گۈلزادە تەڭرىداغلىگە ئائىت. تەڭرىداغلى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر رومانچىلىقى» ناملىق نەشىر قىلىنمىغان دوكتۇرلۇق دىسسىرتاتسىيىسىدە ئۆتكۈردىن باشلاپ ئۇيغۇر رومانچىلىقى ھەققىدە توختالدى. بولۇپمۇ بۇ تېمىدا «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مىللىي ئىنقىلاپ سېمپوزيۇمى»دىمۇ «ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا ئا. ئۆتكۈرنىڭ ئورنى» ناملىق بىر ماقالە  ئوقىدى. ئاپتور بۇ ماقالىسدا «ئىز» رومانىنى «ھۆججەتلىك خاراكتېردىكى تارىخىي رومان» دەپ خاراكتېرلەندۈردى. تەڭرىداغلى روماننىڭ بىر ئالاھىدىلىكى سۈپىتىدە ئۇنىڭ كىرىش سۆزى ھەققىدە توختىلىپ، «روماننىڭ كىرىش سۆزى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى  ئاساسلىق تۈر بولغان روماننىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە» دەپ باھالىدى.  
تۈركىيىدىكى «ئىز» رومانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنىڭ بىرى ئابدۇلھەكىم ئىلتەبىرنىڭ «كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇر تۈرك تارىخي رومانلرىدا ئازاتلىق تېمىسى» دېگەن ماقالىسىدۇر. بۇ ماقالىدا «ئىز» رومانى تارىخىي بىر رومان سۈپىتىدە خاراكتېرلەندۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى تۈرك خەلقىنىڭ چىن(مەنچىڭ ۋە مىللىتارىستلار ھاكىمىيىتى—ت)گە قارشى تۆمۈر خەلىپە رەھبەرلىگىدە قوزغىغان ھۆرلۈك كۈرىشىگە ئائىت رومان ئىكەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە بىر چۈشەنچە بىرىلدى.
  «ئىز» رومانى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەردە كۆرسىتىلگىنىدەك، تارىخىي بىر رومان بولۇپ، ھەر بىر بۆلەكلىرىگە ئىچكىرلەپ كىرگىنىمىزدە ئۇنىڭدا «ھۆججەتلىك» ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكىنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز. رومان بىرىنجى شەخسنىڭ تىلىدىن بايان قىلىش شەكلى ۋە ھەم زامان، ھەم ماكان، ھەم ۋەقەلەرگە سادىق بولۇش يولى بىلەن  يېزىلغان. ئاپتور رومانغا تېما قىلغان ۋەقە ۋە شەخسلەرنى شۇ دەۋردىكى ئاشۇ ۋەقەلەرگە قاتناشقان ھەققىي كىشىلەر ئارقىلىق ياراتقان. ئاپتورنىڭ روماننىڭ كىرىش سۆزىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا بۇ ساھەدىكى ئىزدىنىش داۋامىدا ئۆزىگە ياردەم قىلغانلارغا رەھمەت ئېيتىشى ئۇنىڭ ئەسىرىنى يېزىۋاتقاندا ئارخىپ بىلىملىرىدىن، شۇ دەۋرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ شاھىتلىق سۆزلىرىدىن پايدىلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىدا ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشقان قوشاقلارنىڭ ئەسەرنىڭ ۋۇجۇدقا كىلىشىدە تەسىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز.
  «ئىز» رومانىنىڭ كىرىش سۆزىدە «قەدەم ئىزى -- بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن جۈملىنى ئۇچرىتىمىز. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئەسىردىن ئېلىنغان بۇ سۆزنىڭ ئەسلىدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ  ئىجادىي ھاياتىنىڭ(گەرچە بىر مۇنچە ئېزىش ئەھۋالى  بولسىمۇ) پەلسەپىسىنى كۆرسىتىپ بىرىش نوقتىسىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقا بولىدۇ.ئاپتور «ئىز» رومانىنى «ئىز» دېگەن بىر شېئىر بىلەن باشلايدۇ. بۇ شېئىر بىر نوقتىدىن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھۆرلۈك كۈرەشلىرىنى مىسرالاشتۇرسا، يەنە بىر نوقتىدىن بو روماننىڭ مەزمۇن دائىرىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.  شېئىر رومان يېزىلىشتىن 30 يىل بۇرۇن  يېزىلغان ۋە ئاھاڭغا سېلىنغان. خېلىلا مەشھۇر بولغان بۇ شېئىر ۋە ناخشا 1966-1976- يىللاردىكى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە چەكلەنگەن. ئاپتور بۇ ئىجادىيەت  پائالىيىتى سەۋەبىدىن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «ئىدىيىدە خاتالاشقان» دەپ قارىلىپ ئۇزۇن يىل تۇرمىدا «ئىز» دېگەن شېئىردىن كېيىن، ئۆتكۈر «ھۆرمەتلىك كىتاپخانلار» دېگەن خىتاپ بىلەن كىرىش سۆز قىسىمىغا ئۆتىدۇ. بۇنىڭدا روماننىڭ يېزىلىش سەۋەبىنى، كىمگە بېغىشلانغانلىقىنى، قايسى تېمىنى، قايسى پېرسۇناژلار ئارقىلىق نىمە سەۋەپتىن بايان قىلغانلىقىنى ئۆز ئاغزىدىن كىتاپخانلارغا يەتكۈزىدۇ.ئۆتكۈرنىڭ«شۇنداق غەزەللەرنى ياڭرىتىپ، بىپايان دالىلاردا كۆمۈلمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ ئۆتكەن كارۋانلار يۈرۈش باشلىغان چاغلاردا، بەلكى سىز تېخى تۇغۇلمىغان، ياكى تۇغۇلغان بولسىڭىزمۇ <تالچىۋىقنى ئات ئېتىپ> ئويناپ يۈرگەن بولغىيتىڭىز؛ كىم بىلىدۇ، بەلكى شۇ يۈرۈشلەرنىڭ بىرەرسىدە قارا بوراندەك ئۇچقۇر ئاتلارغا مىنگەن ئەزىمەتلەر بىلەن بىللە جەڭ مەيدانلىرىدا قىلىچ ئويناتقانسىز، ياكى ئېڭىزلىقلارنى كۆكرىكىڭىز بىلەن تىلغاپ، چۆچەكلەردىكى ئەجدەرھالاردەك ئاغزىدىن ئوت چېچىپ تۇرغان پوتەيلەرگە ئۆزىڭىزنى ئۇرغاندا، بەدىنىڭىزنىڭ بىر يېرى پىژ  قىلىپ قالغاندۇ – دە، ئۆزىڭىز شىرىن ئۇيقۇغا كەتكەندەك بولۇپ قالغانسىز . ئەمدى بولسا بەدىنىڭىزدىكى تاتۇقلارنى ھەر كۆرگەندە، شۇ كۈنلەر يادىڭىزغا كىلىپ، كۈلۈپ قويىدىغانسىز... كىم بىلىدۇ بەلكى، بايىلا سىزنى خۇش چاقچاقلىرى بىلەن كۈلدۈرۈپ ئولتۇرغان سەپدىشىڭىزنى بىردەمدىن كېيىن يۇلغۇن تۈۋىگە كۆمۈپ قويۇشقا توغرا كەلگەندە، كۆزلىرىڭىزدىن تارام – تارام ياشلار تإكۈلگەندۇ، ياكى قاراڭغۇ كامىرلار يۇتۇپ كەتكەن يولداشلىرىڭىزنى ھەر ئەسلىگەندە ، يۈرەك باغرىڭىز ئىزىلىپ كىتىدىغاندۇ... شۇنداق، شۇنداق. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈش، ھەممىسى تارىخ، ھەممىسى يۇرۇق دۇنيا ئۈچۈن بولغان ئىشلار. چۈنكى ئۇ چاغلاردا دۇنيا بەكمۇ قاراڭغۇ ئىدى. بۇ قاراڭغۇ زۇلمەتتىن قۇتۇلۇپ، يۇرۇقلۇق يۈزىنى كۆرۈش ئۈچۈن، بەك ئۇزۇن مەنزىللەرنى بېسىپ، ئاسمان پەلەك داۋانلاردىن ئېشىشقا توغرا كىلەتتى ۋە خۇددى ماكسىم گوركى ئېيتقاندەك، دانكوغا ئوخشاش پىداكار يول باشلىغۇچىلار لازىم ئىدى»( ئۆتكۈر،1985، 2 ) دېگەن بايانلىرى بىردەم چۆچەكسىمان، بىر دەم داستانسىمان لەززەت بىرىدىغان بىر خىل ئىپادە بىلەن شۇ دەۋرنى كۆرگەنلەردىن ئاڭلىغانلارغا، شېھىتلەردىن غازىلارغا قەدەر ھەر كىشىنىڭ ۋۇجۇدىنى چېرمايدىغان ۋە شېئىرىي تەم بىرىدىغان بىر ئۇسلۇپ بىلەن سۇنۇلغان.ئۆتكۈر بۇ دەۋرنىڭ قاراڭغۇ ۋە زۇلمەتلىك يىللىرىنى تەسۋىرلىگەندە ماكسىم گوركىنىڭ ئەسىرىدىن پارچا كۆرسەتكەن. گوركىنىڭ «دانكو» ئىسىملىك  پىرسۇناژى قاراڭغۇ بىر جاڭگاللىقتا (بېسىم ۋە زۇلۇمغا بولغان قارشىلىققا سىمۋول قىلىنغان) يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ قاراڭغۇنى قاچۇرىدۇ: «جاڭگاللىق شۇنداق قاراڭغۇلاشتىكى، دۇنيا يارالغاندىن بۇيان، قانچە قاراڭغۇ كىچىلەر ئۆتكەن بولسا، گويا شۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە يىغىلغاندەك بولۇپ قالدى... دانكو بىردىنلا ئۆزىنىڭ كۆكسىنى قولى بىلەن ياردى – دە، يۈرىگىنى يۇلىۋېلىپ، بېشىدىن ئىگىز كۆتەردى. يۈرەك خۇددى كۈنگە ئوخشاش، ھەتتا كۈندىنمۇ يورۇق لاۋىلدىدى. مانا ئەمدى ئادەملەرگە بولغان ئۇلۇغ مۇھەببەت مەشئىلى  بىلەن يورىغان پۈتۈن جاڭگاللىق جىمجىت بولۇپ قالدى. قاراڭغۇ زۇلمەت يورۇقلۇقتىن قېچىپ، جاڭگاللىق ئىچكىرىسىدىكى سېسىق سازلىققا بېرىپ تىقىلدى...» (ئۆتكۈر،1985 ،2-،3، )
  ئۆتكۈر ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ دانكوغا ئوخشاش قەھرىمانلىرىنىمۇ تەسۋىرلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆز رومانىنىڭ باش پىرسۇناژىغا كۆچىدۇ. ئۆتكۈر بۇ كىرىش سۆزدە  ئۆز رومانىنىڭ پىرسۇناژى تۆمۈر خەلىپىنى دانكوغا ئوخشىتىدۇ: «قەدىمكى ئىتالىيىدە، قۇللار ئارىسىدىن چىققان سىپارتاك، خۇاڭخې دەرياسى بويلىرىدىن چىققان باھادىر شاھ لى زىچىڭ بىلەن <تەيپىننەم> زامانىسىنىڭ <ساماۋىي شاھى خۇڭ شيۇچۈەن، كونا رۇسىيىدىكى كازاكلاردىن چىققان ستىپان رازىن بىلەن يېمىليان پۇگاچېۋ ، ئۇچتۇرپان شەھرىدىن چىققان رەھمىتۇللا بەگ بىلەن قۇمۇل تاغلىرىدىن چىققان تۆمۈر خەلپىمۇ، ئاشۇ دانكوغا ئوخشايدىغان كىشىلەر ئىدى.» (ئۆتكۈر،1985، 3 )
  ئۆتكۈر كىرىش سۆزنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلۈمىدە تۆمۈر خەلىپىنى «بوران قۇشى»غا ئوخشىتىپ، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئېپىك -- داستانى تەرەپىنى ۋە ئۇيغۇرنىڭ ھۆرلۈك كۆرىشىدىكى ئورنىنى تەسۋىرلەيدۇ:«تۆمۈر خەلىپە جۇڭگودا ئىككى مىڭ نەچچە يۈز يىل ھۆكۈم سۈرگەن فېئودال خانلىققا خاتىمە بىرىپ، ۋەتەن زىمىنىدا تۇنجى قېتىم جۇمھۇرىيەت بايرىقىنى تىكلىگەن <شىنخەي ئىنقىلابى>نىڭ ئىلھامى بىلەن تىيانشان ئىتەكلىرىدىمۇ، ئىنقىلاپ بۇرانلىرى باشلانغاندا، ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىن چىققان ئاجايىپ جەسۇر <بوران قۇشى>ئىدى. ئۇنىڭ پەرۋازى بىلەن قۇمۇل دىيارىدا باشلانغان بوران ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى بىلەن شۇنداق كۈچەيگەن ئىدىكى، ئۈچيۈز نەچچە يىللىق قۇمۇل ۋاڭلىقىنىڭ كۈيىقاپقا ئوخشاپ كېتىدىغان سۈرلۈك ئوردىسى بىلەن ئۈرۈمچى جاڭجۇڭلىرىنىڭ قارا دەرۋازىلىق يامۇللىرى زىلزىلىگە كىلىپ، گۈم بولۇشقا ئاز قالغان ئىدى. تارىختىكى بىر مۇنچە دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىغا ئوخشاش، بۇ قوزغىلاڭ ھەم مۇرادىغا يىتەلمىگەن بولسىمۇ، ۋاڭ ئوردىسى بىلەن جاڭجۇڭ يامۇللىرىنى گۈم قىلىشنىڭ  مۈمكىنلىكىگە كەڭ ئەمگەكچى خەلقنى ئىشەندۈرۈپ، ئۇلارغا كۈچ ۋە ئۈمىت بەخش ئەتتى، ئاچچىق ساۋاقلارنى بېرىپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تۆمۈر خەلىپە يەتمىش نەچچە يىلدىن بۇيان، قۇمۇل خەلقىنىڭ ئاغزىدا داستان بولۇپ كەلمەكتە.»( ئۆتكۈر، 1985، 3- 4)

  كلاسسىك رومان ئەنئەنىسى ۋە بىزدىكى رومان ئەنئەنىسىنىڭ دەستلەپكى ئۆرنەكلىرىدە ئادەتلەنگەن ئۇسلۇبنىڭ سىرتىدا ئۆتكۈرنىڭ مۇشۇنداق بىر  شەرھىيلىك كىرىش سۆزنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىشى ئومۇمەن ئاپتورنىڭ رىئالىزمچى بولۇش ئارزۇسىدىن شەكىللەنگەن. ئۆتكۈر روماندا باشتىن ئاخىر بۇ ئۇسلۇبنى داۋاملاشتۇرۇپ، بەزىدە ۋەقەلەرنىڭ بايانىنى توختىتىپ، ئىزاھات، چۈشەنچە ۋە شەرھىيلەرنى سۇنىدۇ، ھەتتا بەزىدە ئۆزىنىڭ بۇ خىل   مەلۇماتلارنى برىشتىن مەمنۇن ئەمەسلىكىنى، ئەمما مەجبۇرەن مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. بىزدىكى تانزىمات رومانچىلىقىغا نەزەر نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئاھمەد مىتھاتنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر ئۇسلۇبنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. لېكىن رومانچىلىق ئۇسۇلى جەھەتتىن قارىغاندا بۇنىڭ قوبۇل قىلىنغان بىر ئۇسلۇب ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالماسلىقىمىز مۇمكىن ئەمەس.
ئۆتكۈر «ئىز» رومانىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئىلھام بەرگەن ۋەقەلەرنى يەنە ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن بىر خاتىرە بىلەن كىتاپخانلارغا بىلدۈرىدۇ. ئۆتكۈر ئۆزىنىڭ دېيىشىچە، 1936- يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەلگەن. بۇ يەردە ئۆزى تۇنۇيدىغان قومۇل دېھقانلار قوزغىلاڭىنىڭ يولباشچىسى ۋە قوزغىلاڭدىن كېيىن قۇرۇلغان شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان خوجا نىياز ھاجىنىڭ مېھمانخانىسدا بىر مەزگىل تۇرغان. خوجا نىياز ھاجىنىڭ سۆھبەتلىرىگە قاتناشقان ئۆتكۈر ئۇنىڭدىن تۆمۈر خەلىپە يېغىلىقى ۋە تۆمۈر خەلىپىنىڭ كىشىلىك خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدىكى ھىكايىلارنى ئاڭلاپ ناھايىتى تەسىرلەنگەن. ئۆتكۈر مۇنداق دەيدۇ:
« -- <تۆمۈر خەلپە يېغىلىقى> توغرىسىدا سىنىڭمۇ ئاڭلىغانلىرىنىڭ بارمۇ ؟- دىدى ئابباسوف، ئىككىمىز يالغۇز قالغاندا.
مەن بالىلىق چاغلىرىمدا، مارىخان بوۋىمىز بىلەن تۆگىچى بارات بوۋىدىن بىر مۇنچە ھىكايە- چۆچەكلەر قاتارىدا <تۆمۈر خەلپە يېغىلىقى> ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىمدىن ئىسىمدە قالغانلىرىنى سۆزلەپ بەردىم. ئابباسوف قىزىقىپ ئاڭلىدى ۋە خاڭچىڭ قەبرىستانلىقىغا بېرىپ كېلىشنى تەكلىپ قىلدى.
بىز قەبرىستانلىق يېنىدىكى كىچىككىنە بىر مەسچىت ئالدىدا، بېشىغا سەللە ئورىغان بىر بوۋاينى ئۇچراتتۇق. ئۇ كۆرۈنىشىدىن شۇ مەسچىتنىڭ مەزىنى ئىدى. سالامدىن كېيىن، تۆمۈر خەلپىنىڭ قەۋرىسىنى سورىدۇق. بوۋاي:<سىلەر تۇغقانلىرى بولامسىلەر؟> دىدى ۋە جاۋابىمىزنى ئاڭلاپ، بىزنى كونا بىر قەۋرە ئالدىغا باشلاپ باردى. <مانا مۇشۇ قەۋرە شۇ. بۇ قەۋرىنى مەن ئۆز قولۇم بىلەن قاتۇرغان> دىدى بوۋاي، ئاندىن،-- <قېنى ئولتۇرۇڭلار، بۇ يەرگە كەلگەن بولغاندىن كېيىن، ئايەت ئوقۇپ ئۆتكۈلۈك> دەپ قىرائەت باشلىدى. دۇئادىن كېيىن، بىز يانچۇقلىرىمىزنى كولاپ، بار پۇلىمىزنىڭ ھەممىسىنى بوۋاينىڭ ئالدىغا قويدۇق. بوۋاي بىزگىمۇ دۇئا قىلدى.
-- بۇ قەۋرە بەك ئولتۇرۇشۇپ كىتىپتۇ. يېڭىلاپ قويساق بوپتىكەن، يا بولمىسا، بىر گۈمبەز قوپۇرۇپ قويساق ياخشى بولغىدەك،-- دىدى ئابباسوف بوۋايغا قاراپ.
-- ئوبدان گەپ قىلدىڭىز بالام. گۈمبەز قوپۇرۇپ قويساق ئوبدان بولاتتى. بۇ ئىش مىنىڭ قولۇمدىن كەلمىدى. بۇ ئەمدى سىلەرنىڭ ئىشىڭلار،-- دىدى بوۋاي بىزگە قاراپ.
-- بۇ كىشى ناھايىتى ھىكمەتلىك گەپ قىلدى. تۆمۈر خەلىپىگە چوقۇم بىر گۈمبەز ياساش لازىم،-- دىدى ئابباسوف، قەبرىستانلىقتىن چىقىپ كىلىۋېتىپ.ئەپسۇسكى، بۇ گۈمبەزنى قوپۇرۇشقا خوجا نىياز ھاجىمنىڭمۇ، ئابباسوفنىڭمۇ ئۆمرى يار بەرمىدى. يىللارنىڭ بوران – چاپقۇنلىرىدا، تۆمۈر خەلىپىنىڭ قەۋرىسىمۇ ئىزسىز يوقىلىپ كەتتى. ھېلىقى بوۋاينىڭ ئېيتقىنىدەك تۆمۈر خەلىپە ئۈچۈن بىر گۈمبەز قوپۇرۇش كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ئىشى ئىدى. تاش – توپا ياكى پولات-- بىتوندىن ئەمەس ئېقى قەغەز، قارىسى سىيا بىلەن قوپۇرۇلغان گۈمبەزلا، ھەر قانداق بوران – چاپقۇنغا بەرداشلىق بىرىپ، ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا قالىدىغان گۈمبەز بولالايتتى. مەرھۇم ئابباسوفنىڭ دىگىنىمۇ مۇشۇ بولسا كېرەك.»( ئۆتكۈر،1985، 4-5)بۇ پارچىدىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، ئۆتكۈر ماددىي شەكىلدىكى بىر قەۋرە قاتۇرۇشنىڭ ئورنىغا مەڭگۈگە داۋاملىشىدىغان «سىيادىن بىر قەۋرە» قاتۇرۇشنى قارار قىلغان. «ئىز» رومانىنىڭ ئىلھام مەنبەسىمۇ بۇ ھېكايىدىن تۇغۇلغان. لېكىن، ئەسەرنىڭ ۋۇجۇدقا كىلىشى ئۈچۈن بۇ ھېكايىنىڭ سۆزلەنگەن ۋاقتىدىن ئۇزۇن بىر زاماننىڭ ئۆتىشىگە، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئون يىللىق تۇرمە ھاياتىنىمۇ باشتىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلدى. ئۆتكۈر مۇنداق يازىدۇ:«ئۆزۈمنىڭ ناتىۋانلىقىمغا قارىماي، شۇنداق گۈمبەز قوپۇرۇش نىيىتىدە بىر قانچە يىللار ئىزدەندىم، ئۈگەندىم، يىغدىم ۋە يېزىشقا كىرىشتىم. بىراق يازغانلىرىمنى <ئون يىللىق جۇت> شىۋىرغانلىرى ئۇچۇرۇپ كەتتى. قەلىمىم سۇندى.


قەلەم سۇندى، ئەلەم ئەزدى دىلىمنى،
شامال دارىپ، كىكەچ قىلدى تىلىمنى.
قۇلۇم تۇتماس، پۇتۇم باسماس، پالەچ مەن،
نىمەم بىرلە قىلاي رازى ئىلىمنى!


يۈزمىڭ شۈكرىكىم، قايتا باھار باشلاندى. باھار يامغۇرلىرى يېغىپ، سۇلىرى تاشتى. باھار قۇشلىرى سايراپ دىلىمغا ئىلھام ۋە ئۈمىت، قۇلۇمغا كۈچ ۋە قۇۋۋەت بەخش قىلدى. دەۋران ماڭا يېڭى قەلەم بەردى. ئەمدى يازماي قاچان يازغۇلۇق!»( ئۆتكۈر،1985، 6)
ئۆتكۈر روماننىڭ پىرسۇناژى تۆمۈر خەلپىنى «يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىنىڭ قانلىق سەھىپىلىرىدىكى بىر قەھرىمان شەخس. ئۇ تارىخنىڭ كۆز يېشى» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. (ئۆتكۈر،1985، 6) شۇنىڭ بىلەن تۆمۈر خەلپە ئەسەردە ئۇيغۇر تۈرك ھۆرلۈك كۆرىشىنىڭ ئۇنتۇلماس بىر قەھرىمانى سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ.
   
  ئۆتكۈر رومان ھەققىدىكى چۈشەنچە ۋە بۇ روماننىڭ يېزىلىش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنىمۇ بەرگەن. بۇ توغرىىسدا ئۇ ماركىسنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ مۇنداق يازىدۇ: «تارىخ – ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ ئاددىي خاتىرىسى ئەمەس، بەلكى ماركىس ئېيتقاندەك،<ئۆز مەقسىتىنى ئىزلەپ يۈرگەن ئادەمنىڭ پائالىيىتىدىن ئىبارەت> بولغاچقا، تارىخىي تېمىدا يېزىلغان رومان، چىن مەنىسىدىن ئېيتقاندا، ھەم ھەقىقىي تارىخ، ھەم بەدىئىي ئەسەر بولۇشى، يەنى تارىخشۇناسلىق بىلەن رومانچىلىق سەنئىتىنىڭ قانلىق بىرىكمىسى بولالىشى، ھەممىدىن ئاۋۋال، تارىخىي چىنلىقنى ئاساس ۋە ئالدىنقى شەرت قىلىشى لازىم. مۇنداق بىر ئەسەر مۇئەللىپتىن تارىخ ئىچىگە چوڭقۇرلاپ كىرىشنى ۋە تارىخ ئىچىدىن قاڭقىپ چىقىش ماھارىتىنى بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.»( ئۆتكۈر، 1985،7) ئۆتكۈر بۇ قاراشنىڭ تامامەن ئۆزىنىڭ رومان چۈشەنچىسىنىمۇ خۇلاسىلىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

  ئۆتكۈر بۇ بايانلاردىن كېيىن 28 باپتىن تەشكىل تاپقان ئەسلى ۋەقەگە ئۆتكەن. بۇ باپلارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن خاس ماۋزۇلارنى قويغان، يەنە بۇ باپانلارنىڭ باش قىسمىغا شۇ بابتىكى ۋەقەلەرنى خۇلاسىلايدىغان بىر كۇپلىت شېئىر، ماقال- تەمسىل ۋە ھىكمەتلىك سۆز قىستۇرغان. يەنە ھەر بىر باپ ئۆز ئىچىدىن نۇرغۇن بۆلۈملەرگە ئايرىلغان. روماننىڭ ئاخىرىغا «خاتىمە» دېگەن ماۋزۇ بىلەن يازغۇچىنىڭ ۋەقەلەرنىڭ نەتىجىسىدە نىمىلەرنىڭ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىغان سۆزى بىر بۆلۈم قىلىپ قوشۇلغان.
ئاپتور بىرىنجى باپنى بىر ياز تەسۋىرى بىلەن باشلايدۇ. تەسۋىر توختىغان يەردە بىردىنلا جانلىق بىر مەزمۇنغا كىرىدۇ. بۇنىڭدا بىر يىگىت ئېيىق قوغلاپ كىلىۋاتقان بىر قىزنى قۇتقۇزىۋالىدۇ. بۇ ۋەقەنىڭ  پىرسۇناژلىرى ۋە باشقا باپانلار ئەسلىدە باش تېمىنى ۋە باش  پىرسۇناژنىڭ پائالىيىتىنى يورىتىشنىڭ بىر لاھىيىسى سۈپىتىدە قوللىنىلغان. كلاسسىك رومان چۈشەنچىسىدە ۋەقە، زامان ۋە پىرسۇناژلارنىڭ بۇ خىل شەكىلدە ئەكىس ئەتتۈرىلىشى كىتاپخانلارنى دەرھال ۋەقەلىكنىڭ ئىچىگە باشلاپ كىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇ ئۆتكۈرنىڭ كلاسسىك شەكىلدىكى ئىپادىلەش ئۇسلۇبىنىڭ سىرتىدا ھازىرقى زامان ئۇسلۇبىنىمۇ سىناق قىلىشقا تىرىشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.  بۇ باپتىن باشلاپ كىتاپخانلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈرەل ھاياتنىڭ خېلىلا مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. ئاپتور ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئاياللار ھەققىدىكى قاراشلىرىدىن نىكاھ تۇرمۇشىغا، ئېتىقاتىدىن قائىدە -- يۇسۇنلىرىغا قەدەر ھەر خىل مەلۇماتلارنى بۇ ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى ئىچىگە قويۇپ تۇرۇپ كىتاپخانلارغا يەتكۈزىدۇ. بۇ باپ فولكلورىك نوقتىدىن خېلىلا مول مەزمۇنغا ئىگە. بۇ باپتا مۇشۇ مەلۇماتلار بىلەن بىرلىكتە لىرىكىزممۇ ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان.
ئۆتكۈر ئىككىنجى باپتا قازاق قىزى ئايقىزنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىگە دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق كىتاپخانلارنى ئەسلى ۋەقەگە باشلاپ كىرىپ، خۇسۇسىي ھاياتتىن ئىجتىمائىي ۋەقەگە كۆچىدۇ. روماننىڭ يېزىلىش شەكلى جەھەتتە ۋەقە بىلەن زاماننىڭ تەرەققىياتى سەخستىن جەمئىيەتكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئۆتكۈرنىڭ بىر تەرەپتىن بۇ چۈشەنچىنى، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرلۈك تۈرك توپلۇقلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇق تارىخىنى خىيالىي قەھرىمانلار ئارقىلىق كىتاپخانلارغا يەتكۈزۈشكە تىرىشقانلىقىنى كۆرىمىز.
  بۇ ۋەقەلىكلەر ئىچىدە ئايقىز بىلەن ئامانقۇل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئاخىرى مۇھەببەتكە ئايلىنىشى، مىھمان سۈپىتىدە تۈرىۋاتقان ئايقىزغا شۇ يەرلىك بىر بەگنىڭ كۆز تاشلىشى روماننىڭ ۋەقەلىكىنى بېيىتىپ، قىزىقىشنى كۈچەيتكەن. ئاپتورنىڭ بۇ ۋەقەلەرنىڭ بايانى داۋامىدا ئىسلامدىكى خاتا پەتىۋالار بىلەن مۇناسىۋەتلىك نوقتىلار ھەققىدىمۇ ۋەقەلەر ئارقىلىق توختالغانلقىنى كۆرىمىز. بۇ يەردە ھەم ۋەقەلەرنى ئەسلى ئېقىمىغا يۆتكىشى ھەم باش  پىرسۇناژنى روماندا ئوتتۇرىغا چىقىرىشى دىققەتنى تارتىدۇ. ئۈچۈنجى بابتا «بوز ئاتلىق» دېگەن ئىسىم قويۇلغان تۆمۈر خەلپە دانالىقى بىلەن ھەم ياخشى بىر چارە تاپىدۇ، ھەم ئىسلامىي نوقتىدىن توغرا بىر پەتىۋا چىقىرىپ مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن روماننىڭ باش پىرسۇناژى تۆمۈر خەلپە ئەسلى سالاھىيىتىنىڭ سىرتىدا يەنە بىر قىياپەت بىلەن روماندا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
  روماننىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى باپانلىرىدىكى قىياپەت تەسۋىرلىرىدە تۆمۈر خەلپە ئەڭ مۇھىم كىشىگە ئايلىنىدۇ. ئۆتكۈرنىڭ تۆمۈر خەلپە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر تۈرلۈك دېتاللارغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز. يەنى مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ: «بۇ بوز ئاتلىق كىشى تۆمۈر خەلپە ئىدى. ئۇ چاغلاردا خەلق ئۇنى كەسپىگە قاراپ تۆمۈر مۇجاڭ(ياغاچچى) دەپ ئاتايتتى. كېيىنچە قوزغىلاڭ جەرىيانىدا خەلق ئۇنىڭغا <خەلپە> دەپ ئۈنۋان بەردى. تۆمۈر خەلىپە تەخمىنەن 1871-يىلى قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ چەت يېزىلىرىدىن بولغان بوغاز دېگەن يەردە  بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئۈچ قىز ئىچىدە بىر ئوغۇل ئىدى»(ئۆتكۈر،  1985 ،32) دېگەن بايانلىرى ئۇنىڭ بىئوگرافىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، جىسمانىي خۇسۇسىيەتلىرىنى تۈۋەندىكىدەك بايانلار ئارقىلىق تەسۋىرلەيدۇ :«سەپەرقۇل بۇ ئوتتۇرا بوي، كەڭ غوللۇق، كەكە ساقال، قاتۇراڭغۇ كىشى بىلەن قۇچاقلىشىپ كەتتى، رەۋىخان موماي<خويمۇ ئوبدان ۋاقىتتا كەپتىلا، ئۇكام> دەپ ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى. مىھمان قىزىق پاراڭ بىلەن چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ، بېشىدىن كىگىز قالپىقىنى ئالغاندا، ئۇنىڭ قويۇق قاشلىرى ئاستىدىكى قوي كۆزلىرى چىراق شولىسىدا ئوتتەك پاقىرايتتى. كەڭ ماڭلىيىدىكى چوڭقۇر قورۇقلىرى، ئاتتاپتا قارىداپ كەتكەن يۈزلىرى، قول -- بىلەكلىرىدىكى كۆپجۈپ چىققان تومۇرلىرى ئۇنىڭ كۆپ جەۋرى-- جاپا چەككەنلىكىدىن دىرەك بىرەتتى.» (ئۆتكۈر،  1985 ،31 ) ئۆتكۈر تۆمۈر خەلپىنىڭ ھۆرلۈك كۆرىشىدە بىر سىمۋولغا ئايلىنىشىنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۆزى ھەققىدىمۇ سۆز ئېچىش ئارقىلىق ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا چۈشەندۈرىدۇ. تۆمۈر خەلپىنىڭ تەربىيىلىنىش جەريانىنى، بولۇپمۇ دادىسىنىڭ ئارزۇسى بىلەن ياغاچچى بولۇشىنى، دادىسىنىڭ قەرزى سەۋەبىدىن ئون ئىككى يىل قۇلدەك ئىشلىگەنلىكىنى، شۇنداقتىمۇ تۆمۈرنىڭ كىشىلىكىدە كىچىككىنىمۇ بىر ئازغۇنلۇقنىڭ يوقلىقىنى، ئەكسىچە ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىدا ھۆرمىتىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ جەرىياندا ئۆتكۈر تۆمۈر خەلپىنىڭ يىتەكچىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. سەۋرىچان، پاراسەتلىك، ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلىشى ۋە ئىسلام دىنى بىلىملىرىنىڭ مول ئىكەنلىكى بۇ ئالاھىدىلىكلەردىن بىر قانچە مىسال ھېساپلىنىدۇ. تۆمۈر خەلپىنىڭ  تەمكىن، كىلىشتۈرگۈچى ۋە سەۋرىچان پوزىتسىيىسى يازغۇچى تەرىپىدىن تەكىتلىنىش بىلەن بىرلىكتە  ئاسان ئالدانغانلىقى ياكى ئىتتىكلا تىت -- تىت بولۇشى سەۋەبىدىن خاتا ئىشلارنى قىلىپ قويغانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھەتتا بۇ خىل ئالاھىدىلىكلىرى سەۋەبىدىن ئاخىرى چىن ھإكۈمىتى(مىلىتارىست ياڭ زىڭشىڭ ھإكۈمىتى—ت) تەرىپىدىن ئالدانغانلىقىمۇ روماندا ئېنىق كۆرسىتىلگەن. تۆمۈر خەلپىنىڭ تراگىدىيىلىك ئاقىۋىتىمۇ ئۇنىڭ مۇشۇ خىل ئۈمۈدۋارلىقىدىن بولغان.
  بۇلار ئۆتكۈر تۇنۇشتۇرماقچى بولغان ئازاتلىق چۈشەنچىسىنىڭ ئاستىقۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلغان. رومان تۆمۈر خەلپىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن خۇسۇسىي ۋەقەلەردىن ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرگە يۆتكىلىدۇ. ۋەقەلىك بايانى ئاۋۋال ئۇيۇشۇش، تەشكىللىنىش، ئۇنىڭدىن كېيىن ھاكىمىيەتكە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈش باسقۇچىغا ئۆتىدۇ. ئۆتكۈرنىڭ بۇ ۋەقەلەرنى ئەكىس ئەتتۈرگەندە دەۋرنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەقەلىرىنىمۇ ئارخىپ مەلۇماتلىرىغا تايىنىپ كىتاپخانلارغا سۇنغانلىقى كۆرىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى «تورپاق يېغىلىغى» دۇر. ئۆتكۈر چىن ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنى قانداق ئالدىغانلىقى، كېيىن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مۇھىم يول باشچىلىرىنى قانداق ھېيلە مىكىر بىلەن يوقاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
  تۆمۈر خەلپە بۇ ۋەقەگە قاتناشقان ۋە بۇھەقتە ئويلانغان بىر قەھرىمان سۈپىتىدە ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. روماننىڭ باش پىرسۇناژىغا ئايلىنىشىمۇ مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكىدىن بولىدۇ. تۆمۈر خەلپە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ بىر ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، تەشكىللەش  باسقۇچىغا ئۆتىدۇ. قارشىلىقنى تاغدا ئىسيان كۆتۈرۈش ئارقىلىق باشلاشقا قارار قىلىشى روماننى تېخىمۇ  جانلىق بىر باسقۇچقا كۆتۈرىدۇ. بۇ مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ: «يېرىم يىل ئىچىدە، قۇمۇل ۋە ئۈرۈمچىدە بولۇپ ئۆتكەن بۇ ۋەقەلەر، بۇ تۆكۈلىۋاتقان قىپ-- قىزىل قانلار تۆمۈر خەلپىنى باشقىچە بىر ئادەم قىلىپ قويدى. ئۇ، نىمىدۇر خىيال قىلاتتى، نىمىنىدۇر ئىستەپ تاپقۇسى كىلەتتى، ئۆز يۈرىگىنىڭ نىمىگىدۇ تەلپىنىۋاتقانلىقىنى سىزەتتى. شۇنداق خىياللار بىلەن يۈرۈپ ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ شىمال تەرىپىدە سېلىنىۋاتقان يوغان بىر بۇتخانا قۇرۇلۇشىدا ئىككى يىللىق ئۆمرىنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قالدى. ئەمما، بۇ بۇتخانا قۇرۇلۇشىدا ئىشلەپ يۈرۈپ، تۇرپانلىق مۆيدىن، ئۈرۈمچىلىك گامازا تۇنگاندەك نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن تۇنۇشۇپ، جان دوست بولۇشۇپ كەتتى. ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۆز ئارىلىرىدا  قانداقتۇ بىر ئوخشاشلىق بارلىقىنى سېزەتتى. قاياققىدۇ كېتىۋاتقان بىر كارۋانغا قوشۇلۇپ، ئۈچەيلەن بىللە كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى. بۇ كارۋاننىڭ نەگە بېرىپ، نەدە توختايدىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ، ئۇنىڭدىن زادى ئايرىلماسلىقنىڭ لازىملىغىنى چۈشەنگەندەك بولاتتى »(ئۆتكۈر،1985، 43)
بۇ كۆرەش جەريانىنىڭ باشقا بىر ھالىتى بىزگە ئورخۇن ئابىدىلىرىنى ئەسلىتىدۇ. چىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىغا ئەۋەتكەن جاسۇسلىرى ۋە ئۇلارنى پارچىلاش ئۈچۈن قۇرغان تۇزاقلىرىغا ئائىت بابلار كىتاپخانلارغا ئادەتتە تارىختا ھىچنىمىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرىدۇ:«-- شۇنىڭ ئۈچۈن،-- دەپ داۋام قىلدى ياڭ جاڭجۇڭ،-- سىز مۇپەتتىشنى ئىككى كۈن ئىچىدە يولغا چىقىشقا بۇيرۇيمەن. بەي ۋىنچاۋ بىلەن شامەخسۇت ۋاڭغا مېنىڭ گەپلىرىمنى ئېنىق چۈشەندۈرۈڭ ۋە ئۆزىڭىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن يەرلىكلەردىن لايىق ئادەملەرنى تېپىپ، يارىشىش توغرىسىدا تۆمۈرگە ئەلچىلىككە چىقىرىڭ. قانچە راسخۇت كەتسە مەيلى، لازىم تېپىلغاندا ئۆزىڭىزمۇ چىقىڭ. گەپ ناھايىتى يۇمشاق بولسۇن. قۇرۇت ئۆزىنىڭ يۇمشاقلىقى بىلەن ھەر قانداق قاتتىق ياغاچنى يەۋېتىدۇ ئەمەسمۇ؟ مۇۋاپىق پەييتە، ھاپىز يىڭجاڭ بىلەن نىياز يىڭجاڭنىڭ چىرىكلىرىنى رەتكە سېلىپ، ئۈچ ئاتلىق باتالېيون ئەۋەتىمەن. بۇ ئۇيغۇر – مۇسۇلمان باتالېيونلىرى تاغقا يېقىنلاشماي، يىراقتا باراڭ كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئەگەر تۆمۈر ياخشىلىقچە ئەل بولمىسا، يەنە بىر توپچى ۋە ئىككى پىيادىلەر باتالىيونى يىتىپ بارىدۇ. ئۇ چاغدا قىلىچىمىزنى قانغا قانچە مىلىساق شۇنچە ياخشى... ئۇيغۇرلارنى خەنزۇلارغا، خەنزۇلارنى ئۇيغۇرلارغا قارشى قىلىپ قويغاندىلا، بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. مەن خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ  ئىتتىپاقلىشىپ قېلىشىدىن ناھايىتى قورقىمەن. مائارىپ بىلەن كۆزى ئېچىلىپ قىلىشتىن تېخىمۇ قورقىمەن. مىللەتلەر ئاڭ--سەۋىيىلىك بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىۋالسا، ئۇلارنى باشقۇرماق تەس، نادان ھالەتتە بۆلۈنۈپ تۇرسا، ئىدارە قىلماق ئاسان. شۇڭا قايسى جەھەتتىن بولمىسۇن، كۈچ تەڭپۇڭلىغىنى ساقلاش مۇۋاپىق. ئۇلارنى ھەرگىزمۇ چوڭ ئىتتىپاقلىققا ئىگە قىلدۇرماسلىق لازىم. شۇنداق قىلغاندا ھەر قايسى ئۆز غېمى بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئىسيان قىلالمايدىغان بولىدۇ. ئىككىنجىدىن، ئۇيغۇرلاردا <ئۆز گإشىنى ئۆزىنىڭ يېغى بىلەن قورۇش> دېگەن گەپنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىدىم. دەرۋەقە، قوينىڭ گۆشىنى ئۆزىنىڭ يېغى بىلەن قورىسا، ھەم تاتلىق، ھەم تىجەشلىك بولىدىكەن. ئۇيغۇرلاردا يەنە <سېپى ئۆزىدى> دېگەن گەپمۇ بار ئىكەن. بۇنىڭ مەنىسى ئادەتتە پالتىنىڭ سېپى ياغاچتىن بولىدۇ، پالتا بېرىپ ياغاچنى كېسىدۇ دېگەن بولىدىكەن. دەرۋەقە، پالتىنىڭ سېپى تۆمۈر ياكى باشقا مېتالدىن بولسا، قولنى قېقىپ ئاغرىتىدۇ. شۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئەگەر ئۇيغۇر – مۇسۇلمان پۇقرالار ئىسيان كۆتەرسە، مەسىلەن قۇمۇلدىكى تۆمۈر بىلەن تۇرپاندىكى مۆيدۈنگە ئوخشاش، ئۇلارنى ئۆز كىشىلىرىنىڭ قولى بىلەن باستۇرغاندا، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقىسەن، يەنى ئۆلگۈچىمۇ، ئۆلتۈرگۈچىمۇ شۇلارنىڭ ئۆزى بولىدۇ. سېنىڭ قولۇڭغا قان يۇقمايدۇ. بۇ قەدىمكى دانىشمەنلەرنىڭ <ياتنى ياتنىڭ قولى بىلەن ئىدارە قىلىش> دېگەن سۆزنىڭ دەل ئۆزى. دېمەك، ئۇيغۇر-- مۇسۇلمانلاردىن پايدىلىنىشنى بىلمىسەم، مىنىڭ شىنجاڭدا پۇت تىرەپ تۇرالىشىم مۇمكىن ئەمەس... -- ياخشى دىدى،-- ياڭ جاڭجۇڭ،-- ئۇنداق بولسا، بىز قىلىچنىڭ ئورنىغا مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان قۇرئاندىن پايدىلىنىپ كۆرسەك بولغىدەك. مېنىڭ ئۇقۇشۇمچە، مۇسۇلمانلار قۇرئان تۇتۇپ قەسەم ئىچكەننى ھەر قانداق ھۆكۈمنىڭ ئاخىرقى خۇلاسىسى قىلىدىكەن. بۇ بىز ئۈچۈن ياخشى ۋاسىتە. ئەمدى مەن شۇنداق بىر ئىش قىلايكى، يا تۆمۈر ماڭا ئەل بولسۇن، ياكى ئۆزىنىڭ جاھىللىغىدا تۇرۇپ، شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا خۇداسىنىڭ دەرگاھىغا كېتىدىغان بولسۇن.»( ئۆتكۈر، 1985، 329، 330،331، 347)
  ئۆتكۈر تارىخىي ئارخىپلاردىن ئىلھاملىنىپ بەرگەن مەلۇماتلار ۋە بەتنىڭ ئاستىغا قىستۇرغان ئىزاھاتلار ئارقىلىق روماندىكى ئېنىقلىق ۋە رېئاللىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەن: «قوراي-- قۇمۇلنىڭ شىمالىدىكى تىيانشان تاغ تىزمىلىرى مەركىزىگە جايلاشقان تاغلىق يېزا. ئۇنىڭ شىمال ۋە شەرق تەرىپى ئىگىز تاغ تىزمىلىرىدىن، غەرپ ۋە جەنۇپ تەرىپى ئىدىرلىقتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئېرغايتۇ، قىزىليار، قوراي، نېرىن، تۆرۈك، كۆشۈتە دېگەن ئالتە مەھەللە بىر دورغىلىق يەر بولۇپ، ئومۇمىي نامى <قوراي> دەپ ئاتىلاتتى. كۆشۆتۈدىن باشقا مەھەللىلەرنىڭ ھەممىسى تۆمۈرتۈ دېگەن تاغدىن كېلىدىغان ئېقىن بويلاپ، بىر غولغا جايلاشقان ئىدى. بۇ ئىقلىمى مۆتىدىل، ھۆل-- يېغىنى كۆپ، يازلىغى قاتتىق ئىسسىقتىن، قىشلىغى ئاچچىق سوغاقتىن خالىراق يەر بولغاچقا، تېرىقچىلىق ۋە مال بېقىشقا ئەپلىك ئىدى. بىراق تېرىلغۇ يەرلەر بىلەن ئۇلاقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شامەخسۇت ۋاڭ بىلەن ئۇنىڭ بەگلىرىنىڭ قولىدا ئىدى. دېھقانلار ئاساسەن يەرلەرنى ئىجارىگە ئېلىپ تېرىيتتى. ئومۇمىي نۇپۇسى تەخمىنەن بىر مىڭ ئالتە يۈز كىشى ئىدى. ئاھالە ئاتمىش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇمۇل بازىرىغا كۆتەك ھارۋىلاردا ئوتۇن، تەڭنە ئاپىرىپ سېتىپ، بىر قىسىم ئېھتىياجىنى تەمىن قىلاتتى.»( ئۆتكۈر،1985، 48)
  يەنە پەرقلىق تۇرمۇشنى بۇ كۈرەشنىڭ پەرقلىق بىر دائىرىسى سۈپىتىدە روماندا ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە خىل ۋەقەنى «ئارىلاشما» بىر ئۇسلۇب بىلەن كىتاپخانلارنىڭ دىققىتىگە سۇنىدۇ. بۇ مەنىدە شامەخسۇت ۋە ئۇنىڭ تۇرمۇش جەرىيانلىرى دىققەتنى تارتىدۇ:«شۇ ئارىدا، مېھرىبانۇنىڭ چوڭ قىزى(چوڭ ئايلا خېنىم) تېخى ياتلىق قىلىنماي تۇرۇپلا، تۇيۇقسىز بىر ھادىسىگە ئۇچراپ قازا تاپتى. كىچىك قىزى(كىچىك ئايلا خېنىن)مۇ بويىغا يېتىپ، ھەتتا شۇ زاماننىڭ قائىدىسى بويىچە ئېيتقاندا، ۋاقتىدىن ئۆتۈپ كەتتى. چۈنكى قۇمۇل تەۋەسىدە <ئاق سۆڭەك>(ۋاڭ جەمەتى)دىن ئۇنىڭغا لايىق تېپىلمىدى. ئاددىي پۇخرالارنى ئۇلار ئۆزىگە لايىق كۆرمەيتتى. مېھرىبانۇ چىڭ ۋاڭ مۇشۇ ئىش ئۈچۈن بېشىنى قاتۇرۇپ تۇرغاندا، ئۆز ۋاقتىدا مۇھەممەد بېشىر ۋاڭنىڭ تەيجىسى ھەم ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنى بولغان تاجىددىن تەيجى دېگەن كىشىنىڭ قۇمۇل تاغلىرىنىڭ بىرىدە ئامان ساقلىنىپ قالغان بىر ئوغلى بارلىقىنى ئاڭلاپ قالدى--، دەرھال ئۇنى تېپىشقا شۇمشۇقلۇق تاھىر مىراپنى ئەۋەتتى. تاھىر مىراپ نەرناسۇ دېگەن تاغدا ياشايدىغان بىر موماينىڭ ئۆيىدىن ئىزلىگەن كىشىسىنى تاپتى. بۇ راستىنلا تاجىدىن تەيجىنىڭ ئوغلى شامەخسۇت بولۇپ، يېغىلىق يىللىرى دادىسى قوزغىلاڭچىلاردىن قېچىپ تاغقا چىققاندا، ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ بارغان ۋە ئاتا – بالا ئىككىسى پۇقراچە ياسىنىپ جان بېقىپ يۈرگەن ئىدى. ئۇ چاغلاردا شامەخسۇت ئون نەچچە ياشلىق بالا ئىدى. ئۇ، دادىسىدىن كېيىن، ھېلىقى موماينىڭ قويىنى بېقىپ جان ساقلىغان. موماي باشقىلارغا  تۇنۇتماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭ بېشىغا گۈڭگۈرت پوقىنى سۈرتۈپ، تازغا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى. ئۇ يىگىرمە ئالتە يېشىغىچە ئۈستىدە ياغاق جۇۋا، پۇتىدا چۇرۇق بىلەن شۇ تاغدا ياشىغان. مېھرىبانۇ ئۇنى ئوردىغا كەلتۈرۈپ، بىر نەچچە ۋاقىت پەرۋىش قىلغاندىن كېيىن، چوڭ توي ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى ئۆزىگە كۈيوغۇل قىلىپ ئالغان ۋە ئوردىنىڭ مۆھۈردارلىق(تامغىچى) مەنسىۋىنى بەرگەن.
ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندە، مېھرىبانۇ چىڭ ۋاڭ:<نىمىلا دېگەن بىلەن مەن ئايال كىشى، گايى -- گايىدا ئۆزەمنى بىر قانىتى يوق قۇشتەك سېزىپ قالىمەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۈلۈم دېگەن قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا، مېنىڭدىن كېيىن ۋاڭلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ئوغلۇم يوق، شۇڭا، كۈيوغلۇم شامەخسۇت بەگنى ئۆزۈمگە ياردەمچى ۋاڭ قىلىپ بېرىش توغرىسىدا بېيجىڭ خانغا خەت سۇنساممىكىن> دېگەن خىيالغا كېلىپ، بۇنى ئۆزىنىڭ مەسلىھەتچىسى نەمىتۇللا قېزىبەككە ئېيتىدۇ.
  نەمىتۇللا قېزىبەگ ئاددى خەلق ئىچىدىن چىققان، كۆڭلى تۈز، گېپى ئۇچۇق ساددە ئادەم ئىدى. كۆپىنچە پۇقرالار تەرەپتە تۇرۇپ، مېھرىبانۇ چىڭ ۋاڭغا ياخشى مەسلىھەتلەر بېرەتتى. شۇڭا، مېھرىبانۇ چىڭ ۋاڭمۇ ئۇنى قەدىرلەپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى ۋە بەزى ئىشلاردا ياردەمچىسى قىلىۋالغان ئىدى. نەمىتۇللا بولسا، ئۆزىنىڭ ساددىلىغىدىن،<كىم بىلىدۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مېھرىبانۇ چىڭ ۋاڭنىڭ كۆڭلى ماڭا چۈشۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. ئۇ نىملا دېگەن بىلەن ئېرى يوق ئايال كىشى ئەمەسمۇ. شۇنداق بولۇپ قالسا، بىرىمىز ۋاڭ، بىرىمىز پۇجۇڭ ئاغىچا بولۇپ ئالەمدىن ئۆتمەيمىزمۇ> دەپ ئويلاپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شامەخسۇتنىڭ پۇقرالارغا نىسبەتەن قاتتىق كۆڭۈللىكى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مۇغەمبەرلىك ئويناپ تۇرىدىغان قوڭۇر كۆزلىرى نەمىتۇللاغا زادى ياقمايتتى. شۇڭا مېھرىبانۇنىڭ بايىقى پىكرىنى قەتئىي رەت قىلدى.
  بىراق، مېھرىبانۇ چىڭ ۋاڭ ئۆز پىكرىدىن يانماي، يۇقىرىدىكى مەزمۇندا مانجۇ خانغا ئىلتىماس يېزىشنى ئوردىنىڭ خەنزۇ كاتىپلىرىغا تاپشۇردى. شامەخسۇت ئىلتىماسقا تامغا باسىدىغان چاغدا، بۇ ئەھۋالنى بىلىپ قېلىپ، مەسئۇل كاتىپنى نۇرغۇن نەق پۇل ۋە كىلىچەككە مەنسۇپ ۋەدە قىلىش بەدىلىگە سېتىۋالىدۇ -- دە، بۇ ئىلتىماسنى ئۆز پايدىسىغا يازدۇرۇپ، بېيجىڭغا ماڭدۇرىدۇ. بېيجىڭدىن :<ئىلتىماسىڭلارغا بىنائەن، شامەخسۇت چىڭ ۋاڭ،  مېھرىبانۇ ياردەمچى ۋاڭ بولسۇن> دېگەن مەزمۇندا جاۋاپ كىلىدۇ. مېھرىبانۇ ھەيرەت ۋە غەزەپ بىلەن ئالا -- توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، بۇ سۇيىقەستنىڭ سىرىنى ئېچىشقا نەمىتۇللانى بۇيرىدۇ. نەمىتۇللا قاتتىق تەپتىش قىلىپ، شامەخسۇتنىڭ نەيرىڭى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. دەل شۇ چاغدا، شامەخسۇت ئۆز كىشىلىرى ئارقىلىق خەلق ئىچىگە <مېھرىبانۇ خېنىم نەمىتۇللا قېزىبەككە ئۈگىنىپ قاپتۇ، كىچىلىرى بىللە بولىدىكەن> دېگەن ئىغۋانى تارقىتىدۇ -- دە، ئۆزى مېھرىبانۇ چىڭ ۋاڭنىڭ قېشىغا كىرىپ، <بۇ نىمە دېگەن سەت گەپ! سۈۈشتۈرۈپ كۆرسەم، نەمىتۇللا دېگەن قارا يۈزنىڭ ماختانچاقىلىق قىلىپ، ئۆزى تارقاتقان گەپلەر ئىكەن> دەپ چاقىدۇ.  مېھرىبانۇ نومۇس ۋە غەزىۋىدىن ھۇشىدىن كەتكىدەك دەرىجىگە يىتىپ، <ئۇ قارا يۈزنى نىمە قىلسىڭىز قىلىڭ، مېنى بۇ بەدنامدىن قۇتۇلدۇرۇڭ> دەيدۇ. دەل شۇنداق بۇيرۇقنى كۈتۈپ تۇرغان شامەخسۇت نەمىتۇللانى تاياققا بېسىپ، يوتا ئىلىگىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ. نەمىتۇللا تاياقنىڭ زەربىسى بىلەن ئۇزۇنغا بارماي ئۆلۈپ كىتىدۇ. شامەخسۇت ئۆز رەقىبىنىڭ ئۇرۇق – ئەۋلاتلىرىدىنمۇ قىساس ئالىدۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن مانجۇ خاننىڭ قۇمۇلدىكى ھەربىي مەمۇرى ئەمەلدارى زوزۇڭتاڭ باشچىلىغىدا زور داغدۇغا بىلەن ۋاڭ ئوردىسىغا كىرىپ، شامەخسۇتقا چىڭ ۋاڭلىق تاجىنى كىيدۈرىدۇ. مېھرىبانۇ ياردەمچى ۋاڭ نامىدا بىر نەچچە يىل ئۆمۈر كۆرۈپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ.»(ئۆتكۈر،1985، 101-104)
بۇ پارچىلاردا پسىخىلوگىيىلىك تەھلىللەر ۋە ئىچكى مونولوگلارمۇ دىققەتنى تارتىدۇ. بولۇپمۇ شامەخسۇت ۋاڭنىڭ كۆرگەن چۈشلىرى تەسۋىرلەنگەن شۇ  بۆلەك بۇنىڭغا ئۆرنەك بولىدۇ. يەنى«بىر كۈنى، شا مەخسۇت پۇجۇڭ ئاغىچىنىڭ يېنىدا قۇنۇپ قالدى. ئاجايىپ چىرايلىق نەقىشلەنگەن مورىدا ئۈرۈك ئوتىنى خۇش پۇراق چېچىپ كۆيۈپ تۇراتتى. بىردەملىك ئۇيقۇغا كەتكەن شامەخسۇت ۋاڭنى يەنە قارا باستى: شەرق تەرەپتىن ھەيۋەتلىك ئاۋاز بىلەن ئۇچۇپ كەلگەن يوغان بىر ئەجدەرھا شىڭشىڭشا تاغلىرىنىڭ بېشىغا قونىۋېلىپ، ئاغزىدىن ئوت چېچىۋاتقۇدەك؛ بىر دەمدە قارا بوران كۆتۈرىلىپ، ئوردىنىڭ ئىگىز راۋىغىنى ئۆرۈپ تاشلىغىدەك. ئەجدىرھا بىر قولىنى سوزۇپ، شامەخسۇتنى گېلىدىن سىققان پېتى ئالدىغا تارتىپ بېرىپ ،<ھە سىنى نىمە قىلسام بولۇر> دېگىدەك. شۇ ئارىدا يەڭلىرىنى جەينىكىگىچە تۈرۈۋالغان بىر قارا ساقاللىق كىشى يەغاچچىلار ئىشلىتىدىغان ئۆتكۈر پالتىنى كۆتۈرۈپ ئەجدىرھانىڭ ئالدىغا كەپتۇ-- دە، <بۇنى ماڭا بىرىڭ، قۇمۇل خەلقىنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلاي> دېگىدەك. ئەجدەرھا قاقاقلاپ كۈلۈپ،<خالىغىنىڭنى قىل> دەپ شامەخسۇتنى ھېلىقى كىشىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بەرگىدەك. ھېلىقى كىشى ئوردا قوۋىقىنىڭ ئالدىغا يىغىلغان قېلىن خەلق توپى ئىچىدە ئۇنى بىر كۆتەككە بېسىپ تۇرۇپ، پالتىسىنى ئىگىز كۆتۈرگىدەك...
شۇ چاغدا شامەخسۇت <ۋاي جان> دەپ قاتتىق چۆچۈپ ئويغاندى. پۇجۇڭ ئاغىچىمۇ ئويغىنىپ كېتىپ، دەرھال يوغان كىرسىن لامپىنى ياقتى-- دە، ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ قورقۇپ كەتتى ۋە يۈز-- كۆزلىرىدىكى تەرلەرنى سۈرتۈشكە باشلاپ، <تىۋىپ چاقىرايمۇ> دىدى. شامەخسۇت بېشىنى چايقىدى. شۇ ئارىدا ئوردا مەسچىتىنىڭ مەزىنى ناماز بامداتقا ئەزەن ئېيتتى. شامەخسۇت نامازنى ئۆيىدىلا ئوقۇپ، سەۋسەر تۇمىغى بىلەن قاما جۇۋىسىنى ئىلدام كىيدى-- دە، بايا چۈشىدە بوران ئۆرىۋەتكەن ئوردا راۋىقى تەرەپكە ماڭدى. ئۇنىڭ كەينىدىن قوراللىق مۇھاپىزەتچىلىرى ئەگەشتى.

  شامەخسۇت راۋاققا چىقىپ دەرھال شەرققە قارىدى. ئۆرلەپ چىقىۋاتقان كۈننىڭ نۇرلىرى قېلىن بۇلۇتلارنى خۇددى نەيزىدەك تېشىپ، تاغ باشلىرىغا سانجاق-- سانجاق ئەلەملەرنى سانجىۋاتقىدەك كۆرىنەتتى. بىراق، شامەخسۇتقا كۈن ئەمەس، بايا چۈشىدە كۆرگەن ئەجدەرھانىڭ ئوت چېچىۋاتقان ئاغزى، تاغ ۋە بۇلۇتلار بولسا ئۇنىڭ گەۋدىسى بولۇپ كۆرۈندى. – دە، ئۇ ئالقىنى بىلەن دەرھال كۆزىنى ئىتىۋېلىپ، ئارقىسىغا ئۆرۈلدى. ئوردىنىڭ غەرپ ۋە جەنۇپ تەرەپلىرىنى يېرىم چەمبەرسىمان ئوراپ تۇرغان ساناقسىز پاكار-- پاكار ئۆيلەرنىڭ تۇرخۇنلىرىدىن چىقىۋاتقان كۆكۈش ئىس ھالقىلىرىمۇ ئۇنىڭ كۆزىگە خۇددى ئۆزى تەرەپكە خىرىس قىلىپ كىلىۋاتقان بىر توپ ئەجدەرھادەك كۆرۈنۈپ كەتتى. ئوردىغا يېقىنراق جايلاشقان مەسچىتلەردىن ئۆيلىرىگە تارقىلىۋاتقان توپ – توپ جامائەت شامەخسۇت ۋاڭنىڭ راۋاقتا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھەر قايسىسى ئورۇنلىرىدا يەرگىچە ئىگىلىپ تۇرۇپ قالغان ئىدى. شامەخسۇت  ئۇلارغا قارىدى – دە، ئۇنىڭ ئىچىدىمۇ بايا چۈشىدە كۆرگەن ھېلىقى قارا ساقاللىق كىشى پالتا تۇتۇپ تۇرغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. شامەخسۇت:<يا ئاللا، بۇ نىمە كارامەت؟ مەن نىمە بولىۋاتىمەن!> دەپ خىيالغا چۆمدى.»( ئۆتكۈر،1985، 106- 108)
روماننىڭ بېشىدىن باشلاپلا ئايقىز بىلەن ئامانقۇلنىڭ ھايات سەرگۈزەشتلىرى بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ تويى بولغىچە بولغان ئارىلىق روماننىڭ تېمىسىگە ئايلانغان. بۇ باپ ئاساسەن بارلىق رومانلاردىكىگە ئوخشاش ئەسەرنىڭ لىرىكىلىق ۋە مۇھەببەتلىك تەرىپىنى كۈچەيتكەن.«قىزنىڭ چۇگۇلۇپ كەتكەن قاپ-- قارا چاچلىرى ئارىسىدا خۇددى بۇلۇتلار ئىچىدىن يېرىم كۆرۈنۈپ تۇرغان تولۇن ئايدەك يومىلاق يۈزى مومدەك ئاقىرىپ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئىدى؛ گەز باغلاپ كەتكەن نىپىز لەۋلىرى مەھكەم يۇمۇقلۇق تۇراتتى. يىگىت بىر قاراپلا ئۇنىڭ ئاچلىق ۋە ھارغىنلىقتىن دەرمانى كەتكەنلىكىنى چۈشىنىپ، نېرىراقتا  قۇلاقلىرىنى دىڭ قىلىپ تۇرغان ئېتىنى تۇتۇپ كەلدى -- دە، تېرە خۇرجۇندىن چايجۆشنى چىقىرىپ، چاي قاينىتىشقا كىرىشتى.  چاي قايناتقاچ، ئۇنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ، ياغاچ چۆچەكتە چاي ئىچكۈزۈشكە باشلىدى. قېنىق چاي بىلەن بىر پارچە پىشلاق قىزغا دەرمان بولدى چېغى، ئۇ خېلى تىتىكلىشىپ، بوينىغا چۈشۈپ قالغان ھال شايى ياغلىغىنىمۇ بېشىغا چىگىۋالدى. شۇ ئارىدا ئۆتكۈنچى يامغۇر قۇيىۋەتتى. يىگىت بىلەن قىز بىر قارىغاي تۈۋىگە كېلىپ، يانمۇ -- يان ئولتۇرۇشتى. قىز شۇنداق چىرايلىق ئىدىكى، يىگىت ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭغا بىر-- ئىككى قېتىم قارىۋالدى. قىزنىڭ يېشىل مەخمەل كەمزۇلىغا قادالغان ئۇششاق كۆمۈش تەڭگىلەر بىلەن تۇمشۇقلىرى تاشتا تىلىنىپ كەتكەن گۈللۈك ئۆتىگى يىگىتكە غەلىتە كۆرۈندى. <ھەي بۇ قىز بىز خەقتىن ئەمەسقۇ؟  نەدىن كېلىپ بۇ يەردە يالغۇز تىنەپ يۈرگەندۇر !؟> دەپ ئويلايتتى ئۇ، ئەمما گەپ سوراشقا پېتىنالمايتتى. قىز بولسا، ئۆزىنىڭ نىجادچىسى بولغان بۇ يىگىتكە ئاستىرىتتىن قاراپ، نىمىدۇر دېمەكچى بولدىيۇ، گەپ قىلالماي لەۋلىرى تىترەپ كەتتى.»( ئۆتكۈر، 1985، 10)
روماننىڭ كىرىش سۆزىدە بىلدۈرىلگىنىدەك، ئاپتورنىڭ  مەخسىتى يالغۇز تۆمۈر خەلپىنى ياكى ئۇ باشلىغان مىللى ئىنقىلاپ ھەركىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشلا ئەمەس ئىدى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بۇ ۋەقەلەر بىلەن بىرلىكتە بىر كۈرەشنىڭ تارىخىي كۆلىمىنىمۇ كۆرسىتىپ بىرىشكە تىرىشقان. ئۆتكۈرنىڭ بۇ دىداكتىك مەۋقەسى روماننىڭ شەكلىنى ئاجىزلاتقاندەك ھېس قىلىنسىمۇ، ئاپتور مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھەقىقىي مەلۇماتلارنى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مىللىي ئاڭنى ئويغاق تۇتۇش مەقسىتىمۇ كۆرسەتمەكچى بولغان. ئۆتكۈرنىڭ (ئۆزنىڭ تەبىرى بىلەن  ئېيتقاندا) بىر تەرەپتىن  بىر بەدىئىي  ئەسەر يارىتىش، يەنە بىر تەرەپتىن بىر زىيالىنىڭ ئۆز مىللىتىگە بولغان مەسئۇلىيىتىنىمۇ ئورۇنداش مەخسىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. روماندىكى شەخسلەر، ماكان ۋە زامان قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسۋىرىدە ئاشۇ مەقسەتكە دىققەت قىلىنغانلىقىنى كۆرۈمىز. ھەم بارلىق كىشىلەر، ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى، ماكان قاتارلىق ئامىللار تامامەن تارىخىي رىئاللىققا ئۇيغۇن بولغان. ئۆتكۈرنىڭ ئارىلاپ-- ئارىلاپ تەپسىلىي يازغان بابلىرىنى بۇ «رىئالىزمچى» مەۋقەنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە چۈشىنىش لازىم.
«ئىز» رومانى باشتىن ئاخىر «قۇمۇل تەلەپپۇزى» بىلەن قەلەمگە ئېلىنغان بولۇپ، ناھايىتى مول بىر فولكورىك قۇرۇلمىغا ئىگە. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر روماندا ئىنتايىن راۋان ۋە چۈشىنىشلىك بىر تىل  ئىشلەتكەن ۋە تەسۋىرلەر ئارقىلىق ئىپادىلەشنى كۈچەيتكەن. ئاپتور ئەسەردە ئىشلەتكەن يات سۆزلۈكلەر خەلق تەرىپىدىنمۇ ئىشلىتىلىۋاتقان ئورتاق تۈرك(ئۇيغۇر) ئەدەبىي تىلىنىڭ سۆزلۈكلىرى ئىدى. ئىدىيوملار ، ماقال-- تەمسىللەر ۋە قوشاقلار مەۋجۇت تىلنىڭ تەركىپلىرى سۈپىتىدە روماندا ئۇتۇقلۇق ھالدا قوللىنىلغان. ئۆتكۈر ھەر قانداق ۋەقەنى خۇلاسىلاپ، تەسۋىرلەپ ۋە ئارىفانە بىر ئۇسلۇپ بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنىدىغان ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئىدىيوملار، ماقال-- تەمسىللەر ۋە ھىكمەتلىك سۆزلەرگە ئورۇن بەرگەن. بۇ ئارقىلىق مەۋجۇت تىلنىڭ بارلىق تەركىپلىرىنى رومانغا ئېلىپ كىرگەن ۋە «تىل»نىڭ مىللىي كۈلتۈرنىڭ داۋاملىشىشىدىكى ئورنى ۋە ئەھمىتىنى تەدبىقلاپ كۆرسەتكەن. دىققەتنى تارتىدىغان باشقا بىر نوقتا بولسا، بۇ خىل تىل ۋە ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكلىرى، ماقال-- تەمسىل، ئىدىيوملار ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر ئانادولۇ تەۋەسىدىكى شۇ خىل تەركىپلەر بىلەن بىر مۇنچە تەرەپتىن ئوخشاشلىققا ئىگە ئىدىكى، بۇ خۇسۇس ئايرىم بىر ماقالىنىڭ تېمىسى بولغىدەك دەرىجىدە مول ۋە ئەھمىيەتلىكتۇر. مەسىلەن:

ئاق ئىت، كۆك ئىت-- ھەممىسى بىر ئىت(ئۆتكۈر، 1985، 36)
قۇشنى دان ئالدايدۇ، ئادەمنى گەپ. (ئۆتكۈر، 1985، 40)
ئاققىنا ياغلىق ئىچىدە،
بىر تۈگۈن گۈل ساقلىدىم.
گۈلنى ئېلىپ بېشىمغا،
تاجى قىلىپ سانجىدىم.
(ئۆتكۈر، 1985. 3.10)


  بۇ خىل ئەسەرلەردە شەكىل جەھەتتىكى تەپسىلاتلاردىن بەكرەك دىداكتىك قۇرۇلمىغا دىققەت قىلىشنى تېخىمۇ توغرا دەپ قارايمىز. چۈنكى تۈرك ئەدەبىياتى ئانادولۇ ئەدەبىياتى بىلەن چەكلەنگەن ئەمەس. بۇ ئۇقۇمنىڭ ئىچىگە بالقاندىن كاۋكازغا، جەنۇپتا ئەرەپ يېرىم ئارىلىغا ۋە ئاسىياغا سوزۇلغان ناھايىتى كەڭ بىر جۇغراپىيىلىك بۆلگە ۋە بىر مۇنچە تۈركىي قەۋملەر، توپلۇقلار ۋە دۆلەتلەر كىرىدۇ. «ئىز» رومانى ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى بىلەن بىر مەۋجۇتلۇق كۆرىشىنىڭ داستانىي ئىپادىسىدۇر. ئۆتكۈر تېخىمۇ ئىلگىرلەپ، بۇ خىل ئەسەرلەرنىڭ  مەۋجۇتلۇق كۆرىشىنىڭ داستانلىرىنى تېما قىلىش كىرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ يەردە «جەمئىيەت ئۈچۈن سەنئەت» بىلەن «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» ئوتتۇرسىدىكى مۇنازىرىنىمۇ ئەسكە ئېلىش مۇمكىن. ئۆتكۈرنىڭ بۇ چۈشەنچىسىدىن ئۇنىڭ «جەمئىيەتچى» تەرەپتە  ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. ھۆرلۈك كۆرىشى ئىچىدە تۇرىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ شائىرلىرى ۋە يازغۇچىلىرى ئومۇمەن ھەر ۋاقىت بۇ خىل مەۋقەنى(قىسمەن ئەھۋاللانى بۇنىڭ سىرتىدا) قوبۇل قىلغان.
  ئەدەبىياتنى جەمئىيەتنىڭ ئەينىكى دەيدىغان نوقتىدىن ئېيتقاندا، ئۆتكۈرنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى «ئۆزىنى ۋە جەمئىيەتنى چۈشىنىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇش»، «مىللىي ئاڭنى ئويغاق تۇتۇش» ھەرىكىتى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش كېرەك. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەدەبىياتتىكى ھەر بىر يېڭى تۈر ئاۋۋال تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. خۇددى ئانادولۇ ئەدەبىايتىدا تانزىمات ئارقىلىق ئەدەبىياتىمىزغا كىرگەن تۈرلەرگە ئوخشاش، رومان تۈرىنىڭ بىزدىكى ئۆرنەكلىرىمۇ بەزىدە ئۆتكۈرنىڭ رومانىدا ئۇچرايدىغان شەكىل خاتالىقلىرىدىن خالى بولالمىغان ئىدى.  لېكىن بۇ خىل ئەسەرلەر پەقەت بىر باسقۇچنى تەشكىل قىلىش ۋە كېيىنكى زىيالىلارغا يول كۆرسىتىش جەھەتتىن ھەر ۋاقىت ئەھمىيەتلىكتۇر.

مەنبە : توردىن چۈشۈرۈپ ساقلىۋالغان ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگە موناسىۋەتلىك ماتېرىياللار


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-14 02:19  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-14 02:27:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دېڭىزدىن سادا

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر


قاپقاراڭغۇ بىر كېچە...چەكسىز كەتكەن كۆپكۆك بىر دېڭىز..... ئۇ، قاراڭغۇ كېچىنىڭ سۈرى بىلەن گويا قارا بولۇپ كۆرۈنەر، دەھشەت بىلەن دولقۇنلىنار، قويۇق كۆپۈكلەر چاچرىتار.
ئەنە ئۇنىڭ تېشىپ چىققان جۇشقۇن سادالىرى...
ئەنە ئۇ دېڭىز بويىدا ئاسمان بىلەن قۇچاقلاشقان تىك تاغ. ئۇنىڭ قىلىچ كەبى ئۆتكۈر تاشلىرى دولقۇنلۇق دېڭىزغا غەلىتە بىر تۈستە باقار، ئۇنىڭدىن بىر نەپەس كۆزىنى ئالماس، ھامان قاراپ تۇرار، ھامان ئىنىتىلۇر. ئەنە شۇ تاغنىڭ يان باغرىدا ئاللىقانداق خىيالغا چۆمگەن بىر شائىر. ئۇ سۆز باشلاپ، گويا دېڭىزغا ئەرز ئېيتار،ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاپئاق كۆپۈكلەر قاينار.....
_ئەي دېڭىز، نېچۈن مۇنچە دولقۇنلىنارسەن؟ توختا بىردەم، مېنىڭ سوئاللىرىمغا جاۋاپ بەر.
نېچۈن ئۇزاق چاغلاردىن بېرى بىزگە كۈن نۇرى تەگمەس؟ نېچۈن ئاسمىنىمىز ھامان تۇمانلىق، ھامان بۇلۇتلۇق، ھامان تۇتۇق؟ بىر كۈنمۇ ئوچۇق بولغىنى يوق، بىر كۈنمۇ ! ھامان بىزگە تۈن! ئۆمۈر لاي سۇ كەبى ئېقىپ كەتمەكتە. ھەر چاغ، ھەر زامان كۆڭلمىز سۇنۇق.....
يىللار، ئەسىرلەر شۇنداق ئۆتتى. ھەريىل، ھەر ئەسىر بىزنى قاقشىتىپ، بەك كۆپ غەنىيمنەلەرنى ئېلىپ كەتتى، ئۆمۈرنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئوغرىلاپ قاچتى، لېكىن بىزگە ھېچنىمە بىرىپ كەتمىدى، پەقەت مۇڭ بىلەن ھەسرەت، قايغۇ بىلەن ئەلەم، كۆزلىرىمدە قۇرۇما نەم قالدۇرۇپ كەتتى، بىزگە بەرگەن سوۋغىتى شۇ بولدى...
بىز ھەمىشە نۇرغا تەشنامىز! بىراق، ئۇ بىزدىن جامالىنى يوشۇردى، بىر قارا پەردە ئۇنڭ يۈزىنى توستى، ياق، بەلكى بىزنىڭ كۆزىمىزنى توستى. شۇنداق قىلىپ، بىز ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالدۇق، پۈتۈنلەي.... شۇنىڭ ئۈچۈن، چىرايىمىز سارغايدى، يۈرەكتىكى قان- زەرداپ سۇغا ئايلاندى.
ئاھ، قېنى ئۇ بەخت قۇياشى، قېنى ئۇ نۇر؟ قېنى ئۇ گۈزەل باھار؟  
يوق، بىرىمۇ يوق،بىز ھەممىمىز مەھرۇم!
ئەنە تەڭرىتاغ، ئالتاي، كوئېنلون، پامىر تاغلىرىنىڭ ئۈستىدە ھامان شۇ قارا بۇلۇتلار، ھامان بىر قارا پەردە... ئىلى، تارىم، ئېرتىش ۋە باغراش سۇلىرى ئۈستىدە ھامان بىر قارا تۇمان! قاچانغىچە شۇنداق؟ قاچان بىزگە تاڭ ئاتار؟  

يادىڭدىدۇر بەلكىم، بىزدە بىر ئەمەس، قانچە - قانچە قېتىملاپ قاتتىق بوران سوققان بىپايان دەشت - جاڭگاللاردا قىپقىزىل قانلار دەريا بولۇپ ئاقمىغانمىدى؟ ئىگىسىز قالغان جەڭ تۇلپارلىرى تىزگىنلىرىنى سۆرەپ، كۆككە قاراپ ھەسرەت بىلەن كىشنەشمىگەنمىدى؟ گىياھلارغا ئىلىنىپ قالغان ئادەم ئۇچەيلىرى سىم تاناپنىڭ سىملىرىدەك ۋىڭىلداپ، ئەتراپقا دەھشەت سالمىغانمىدى؟ بۇ بورانلار سوقماقتا تېخى، بەلكى يەنىمۇ سوقار...
ئەجىبا! شۇنچە بورانلار بۇ قارا بولۇتلارنى نېمىشقا سۈپۈرۈپ تاشلىيالماس، نېمىشقا بۇ قارا تۈن پەردىسىنى يىرتىۋېتەلمەس، نېمىشقا؟
قاچان بىزگە تاڭ ئاتار؟ ئېيتقىنا، قاچان؟
بىلىمەن، بوران سوقماقتا، بوران.
بىراق، قورقىمەنكى، بۇ بوران توختاپ قالمىغاي دەپ، يەنە بىزگە تاڭ ئاتماي قالمىغاي دەپ.
ئېيتقىنا، بىزگە تاڭ ئاتامدۇ _ يوق؟ ئۇ قاچان ئاتىدۇ؟ قاچان، ئۇ تاڭ قايسى تەرەپتىن يورۇپ، قايسى تەرەپتىن بەخت تۇغار؟!
دولقۇنلۇق دېڭىزدىن جۇشقۇن بىر سادا كەلدى.
_توختا، ئەنە، تاڭ ئېتىشقا ئاز قالدى. تاڭ كۈنچىقىشتىن ئاتىدۇ، ئەمما يەنە كۆپ چېلىش بورانلىرى سوقسۇن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-14 02:28  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-14 02:41:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ئىلاھا ھىكمىتىڭ كۆپتۇر بىلەي دەپمۇ بىلەلمەيمەن.
ئۆزىڭدىن بولمىسا رەھمەت ئۆزۈم يىغلاپ كۈلەلمەيمەن،

كۈلەرمەن دەپ ئۈمۈت قىلسام قالارمەن گاھىدا يىغلاپ.
تۇرۇپ بىردەم بۇلۇر ئىشنى ماراپ تۇرسام كۆرەلمەيمەن.

ئۈزۈم قىلدىم ئۈزۈم بىلدىم دىگەن بىرلا جاھالەتتە .
ئۈزۈڭدىن بولمىسا رەھمەت بازاردىنمۇ كىلەلمەيمەن.

بېرىپ كەلدىم پەقەت بىرلا ھەرەم ، مەككە مەدىنەمگە.
ئۈزۈڭ بىلدۈرمىسەڭ يا رەب ئۈزۈمنى ھەم بىلەلمەيمەن.

ئەجەپ ئاجىز ئىكەن بەندە ، جېنى بولغان بىلەن تەندە.
ئۈزۈڭ يەتكۈزمىسەڭ يا رەب باراي دەپمۇ بارالمايمەن.

تېنىمنىڭ ساقلىقى بىلسەم، سىنىڭ فەزلى كەرەمىڭدۇر.
ئۈزۈڭدىن بولمىسا ساقلىق ، تېنىمنى ساق ئىتەلمەيمەن.

ئۈزۈڭنىڭ قۇدرىتى بىرلە كۈزۈم ئاچتىم بۇ ئالەمگە.
ئۈزۈڭ ئەپكەتمىسەڭ يا رەب ، كىتەي دەپمۇ كېتەلمەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-14 02:56:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارا ھىجران ئاۋازلىق ئەسەر نۇسقىسى

ئومۇمى پىرىسلانغاندىكى سىغىمى: 50.06M

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-14 03:00  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش