يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: maripatogli

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-2-16 22:29:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر جەھەتتىن مۈكەممەل تېما بوپتۇ ، جەۋھەرلەپ قويسىمۇ بولغۇدەك ، ئەمما ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ نادىر شېئىرلىرى بەكلا  كۆپ ، مۇمكىن بولسا ھەممىنى تولۇقلاپ يوللاپ قويايلى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-21 02:15:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى سۆزى


    غەرىبتە نىمىشقا پۇلداركاپتالىستلار، شەرىقتە نىمىشقا گادايلار ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىدىغاندۇ دەپ ئويلايتتىم. كاپتالىستلار قان-تەر تۆكۈپ ئىشلەپ ھالاللاپ پۇل تېپىپ مال دۇنياغا تىقىلىپ، ئەمىلى ئۆسكەچكە ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىيانەتچىلىك، بۇزۇقچىلىق، ھارامخورلۇق بولمايدىكەن. شۇڭا شەرىقتە « مانتاكۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشەر» دېگىنى ھەقىقەتكەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن مىللەتنىڭ زىيالىيلىرى تويۇنۇپ ماددىي مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلۇپ، كۆزى تويمىغۇچە، مىللەتكە چىن يۈرىكىدىن كۆيۈنىشى ناتايىن. پۇللۇق لېكسىيە سۆزلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۆز نەپىسىنىڭ قۇللىرى. مىللەت مەنىۋىي كىرزىسقا پېتىپ، پۈتۈن دۇنيا ئۈمىدىنى زىيالىيلارغاباغلاپ تۇرغان مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەردە، زىيالىيلارنىڭ بىلىۋالغان ئازغىنە نەرسىسىنىمۇ ئۆز خەلقىگە سېتىپ جان بېقىشى مىللەتنى تېخىمۇ چوڭ ئۈمىدسىزلىككەپاتۇرىدۇ.
ئەتتىگەنلىك شېرىن ئۇيقۇنىڭ مېھرىدىن، كۈندۈزدىكى پايدا- تاپاۋەت، ھوزۇر-ھالاۋەتتىن كېچىپ، جاپا-مۇشاقەتلىك تۇرمۇش ئىچىدىنمۇ ۋاقىت چىقىرىپ تەڭرىگە قۇلچىلىق قىلىش پەقەت نەپسىدىن كەچكەندىلا قىلغىلى بولىدىغان ئىشتۇر، قالغىنى رىياكارلىقتۇر.
مۇمكىن بولسا، جىمىي خەلق بىرلىشىپ ئاتالمىش زىيالىيلارنى ماددىي مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇرايلى، ئۇلار ئاندىن خەلقىنى مەنىۋىي مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇرسۇن. لېكىن، مەنىۋىيتى تويۇنغان كىشىلەر  ماددىي جەھەتتىن ھەر قانچە گاداي بولسىمۇ، بۇنى ھېچكىمگە چاندۇرماي روھىيىتىنىپادىشاھتىنمۇ ئۈستۈن تۇتۇپ ياشىيالايدىكەن.
مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىم 1948-يىلى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىبلىقىدىن ئايرىلغاندىن تارتىپ تاكى 1978-يىلىغىچە 30يىل ئىشسىز قېلىپ، تۇرمۇشتا قاتتىق سورۇقچىلىق تارتقان. تاش چېقىش، ياغاچچىلىققىلىشتەك ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن شوغۇللانغان. ھەتتا بەزىدە دادىسى ئوسمان ھاجىمدىن تەۋەرۈك قالغان ئازغىنە نەرسە-كېرەكلەرنى سېتىپ تۇرمۇشىنى قامداشقا مەجبور بولغان. 1978-يىلى خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، تۇرمۇشى نورمال كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندىن تارتىپ تاكى 1995-يىلى ۋاپات بولغۇچى بولغان 17 يىل ئىچىدە كېچە-كۈندۈز دېمەي مىللىتىنىڭ خىزمىتىنى قىلغان. 1988-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسېتىدا ئۈچ ئاي ھەقسىز لېكسىيە سۆزلىگەن. چاغاتاي تىلى دەرسلىكىنى تۈزۈپ 6 ئايدەك دەرس بەرگەن. 10 توم ئەسەر يازغىدەك ئالتۇندىن قىممەتلىك ۋاقتىنى جامائەتچىلىك ئىشلىرىغا سەرپ قىلغان. ۋاپات بولۇشتىن نەچچە ئاي بۇرۇنقى تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە ئۆتكۈر ئەپەندىم ئۆز كېسىلىنىڭ دەردى ھەققىدە ئەمەس، مىللەتنىڭ دەردى ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ « بىزنىڭ غېمىمىز كەلگۈسى ئەۋلادلاردا » دېگەنىكەن.
ئىشەنمىسىڭىز بېرىپ كۆرۈڭ، ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ قەدىناسى، قابىل ياردەمچىسى غەمگۇزارى، بۇ يىل 86 ياشقا كىرگەن خەلچىخان ئاپىمىز « بۇغدا » يولىدىكى ئاشۇ قىش-ياز كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان بىرىنچى قەۋەتتىكى زەي ئۆيدە ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ چىرىقىنى يېقىپ كەلمەكتە. شۈكرى قانائەت بىلەن ياشىماقتا. ئۆتكۈر ئەپەندىم بۇ ئائىلىگە شۈكرى قانائەت قىلىش، كىبىر-تەمەننادىن قەتئىي يىراق تۇرۇشتەك پەزىلەتنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۆتكۈر ئەپەندىم بۇ ئائىلىگە ئۆزگە ھېچقانداق بايلىق قالدۇرغىنى يوق. بىراق، ئۆتكۈر ئەپەندىم قالدۇرغان بايلىق نەشىرىياتتىكىنەچچە يۈز ئادەمنى باقماقتا. بۇ بايلىقتىن 10 مىليون خەلق بەھىر ئالماقتا...
مىللەت تۆت كوچا دوقمۇشىدا قاياققا مېڭىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ تۇرغان مۇشۇنداق چاغلاردا، ئۆتكۈر ئەپەندىمدەك ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ قەدىرى ئۆتۈلمەكتە.
خەلقىدىن بىلىم ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلغان زىيالىي، دوقمۇشتا تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان بەر بەر لەردىن قىلچە پەرىقسىزدۇر.

مەنبە : ئۈندىدار <<ئەپەندىم>>سالۇنى
2015-يىلى2-ئاينىڭ21-كۈنىدىكى يوللانمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 03:34  


داۋۇت2 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2015-2-21 02:43:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-23 03:19:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بـاش ئـەگـىــم

(نەسىر)
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ئەجەبمۇ ياراشقان بۇ ئىسمىڭ ساڭا، زاتىغا قاراپ ئېتى بولۇر دېگەندەك، زۆھرەنىڭ ئىشىكىدىن كۈندە مىڭ ئەگىپ ئۆتكەن تاھىر كەبى ھەر دوقمۇشتا يۈز قېتىم ئەگىپ ئاقىسەن، خۇددى كىمنىڭدۇر ئارقىسىدىن يەتمەك بولۇپ قوغلاشقاندەك تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ شىددەت بىلەن چاپىسەن.... نېمە بۇنچىۋالا تەشۋىشتە قالدىڭ؟؟بىر قاراپلا بىلدىم، چېھرىڭدە چوڭقۇر بىر قايغۇنىڭ، ئاچچىق بىر ئەلەمنىڭ ئىزى بار، خۇددى يىلاندەك تولغۇنۇشلىرىڭمۇ مەنىسىز ئەمەس، تاپتايىنلىق ئوبدان بىلىمەنكى ئۇ بىر جان ئاچچىقىدۇر.....    
ئايدىڭ كېچىلەردە بولسا مۇڭلىنىپ ئېيتقان قوشاقلىرىڭ خۇددى قاناتلانغان قۇشلاردەك ئۇچۇپ بېرىپ ئالەمنى قاپلار، ئۇزاقلاردا تۇرۇپ بۇ مۇڭلۇق قوشاقلىرىڭنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ يۈرەك باغرى خۇددى سىمابتەك تىتىرەر، ئۇ ئۆزىنى ئۇنتار، يېقىن كەلگەنسىرى ھېچ تاقىتى قالماس، چىداپ تۇرالماي مۇڭلىرىڭغا قۇشۇلۇپ تاھىر ئاققان جىلغىلىرىڭدا كۆز ياشلىرى بىلەن ئاققۇسى كېلەر....
ھەي، باش ئەگىم! دىمىقىڭدىن ھامان بىر ھىجران پۇرىقى پۇرار، بۇنىڭغا قاراپ پەقەت كۆز ياشلىرىم بىلەن كۆمۈلۈپ قالىمەن . سەنچۇ؟ ھامان ئۆز غېمىڭ بىلەن . قىلچىلىكمۇ پەرۋا قىلمايسەن . ئېيتقىنا! نېمە بۇنچىلا دەرتلىكسەن؟ قاچاندىن بىرى شۇنداق مۇڭلۇقسەن؟ ھەي مۇڭلۇق باشئەگىم، ئېيتمىساڭمۇ ئوبدان بىلىمەن نىچۈن غەمكىن نىچۈن مۇڭلۇقلىقىڭنى... ئەگەر بىلمىسەم، دەردىڭگە ئورتاقلاشمىسام قاپقارا ۋاپاسىزلىق، ئۇياتسىزلىق توغرىسى خائىنلىق قىلغان بولىمەن . چۈنكى سۆيگۈ، ۋاپا، نومۇس ۋە ئەزگۈلۈك سېنىڭ ئۇلۇغلىقىڭدىن،يۈكسەكلىكىڭدىن يارقىن بىر نەمۇنە ئەمەسمىدى؟ سەن ئەزەلدىن بىزگە شۇنى _ سۆيگۈ، ۋاپا، نۇمۇس ۋەئەزگۈلۈكنى ئۆگەتمىگەنمىدىڭ؟سۆيگۈ تۇتقىنى تاھىر تاغدىن تاشلانغاندا سېنىڭ سۈرلۈك، قاتتىق ۋە قىلىچتەك ئۆتكۈر تاشلىرىڭ مامۇق بولۇپ قارشى ئالغان ئەمەسمىدى؟ تاھىرنىڭ ساندۇق بىلەن بىر ئەگىمدە ئۈچ كېچە - كۈندۈز تۇرالىشى سېنىڭ ئەزگۈلۈك ۋە ۋاپادارلىقىڭ ئەمەسمۇ؟ كىم بىلمەيدۇ تاھىر ساندۇقىنىڭ ئىسسىق قوينۇڭدا نەچچە يىللار كۆز قارچۇقىڭدەك ئاسرالغىنىنى! بۇ كىمنىڭ قولىدىن كېلىدىغانلەرگە خاس ئەزگۈلۈك ۋەيۈكسەكلىكتۇر...... « پەرىشتە » ئەزگۈلۈك؟ بۇ ساڭا ۋەئەمدىلىكتە بولسا، دەردلىك كۆزلىرىڭ بىلەن ئېگىز تاغ بېشىغا قارايسەن، ياش ئۈنچىللىرى بىلەن تولغان كۆزلىرىڭنى بىر نەپەسمۇ ئۈزەلمەيسەن. نېمە كۆرۈنەر؟ تۇغ قادالغان كونا بىر مازار ... ئۇزاق ئەسىرلەرنىڭ، ئېغىر يىللارنىڭ، قاراكۈنلەرنىڭ قانلىق يەكۈنى ... نە سۆيگۈ، نە ھايات، نە تەنتەنە!
بىر جۈپ قىزىل گۈل ئارىسىدا ھامان بىر تال ياۋۇز تىكەننىڭ ئىپلاس ۋە تەكەببۇر گەۋدىسى ياتار... مانا، سەن شۇنى كۆرىسەن. ئوبدان بىلىمەن، ئۇ ئىپلاس، تەكەببۇر تىكەننىڭ يىرتقۇچلارچە قىچقارغان ئۆلۈك كۈلكىسى قۇلىقىڭغا خۇددى نەشتەردەك سانچىلار ... قارا كۈنلەرنىڭ ئۇ بىر جۈپ مەسۇم قۇربانى سېنى قانچە ئاچچىق ھەسرەتكە، چوڭقۇر مەيۈسلۈككە، چەكسىز قايغۇغا سالسا، ئۇلارنىڭ قاتىلى شۇ ئىپلاس تىكەن سې نى شۇنچە تىنىچسىزلاندۇرار، غەزەپلەندۈرەر، كايىتار ... ناھايەت، ئىنتىقام ئۈچۈن قوزغار!

ھەممە دەردىڭ، ھەممە قايغۇڭ، ھەممە تەشۋىشىڭ، ھەممە ئاچچىقىڭ شۇنىڭ ئۈچۈندۇر.
ئەي، مەسۇم قۇربانلار مازىرى، سۆيگۈ دەرياسى ھەسرەتلىك باش ئەگىم ! ھامان سېنىڭ ئۈستۈڭنى بىر قارا ھىجران تۇمانى باسقان، سەن شۇنىڭ ئۈچۈن دەرتلىنىسەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇڭلىنسەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاچچىقلىنىسەن، غەزەپلىنىسەن، ئاچچىقىڭدىن تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ، ئاپئاق كۆپۈكلەر چاچرىتىسەن، جان ئاچچىقىڭدىن دېڭىزدەك دولقۇنلىنىپ، شىردەك ھۇۋلايسەن. ھەققىڭ بار! ھەر نېمە قىلماققا ھەققىڭ بار! يەنە دەرتلەن، يەنە مۇڭلان، يەنە ئاچچىقلان!
تاشتىن - تاشقا ئۇرۇل، دولقۇنۇڭ بىلەن كۆتۈرۈل... يەنە تاش! تاھىر بىلەن زۆھرەنىڭ ياناق كۆزلىرى ھامان ساڭا تىكىلىپ تۇرماقتا . سۆيگۈ، ۋاپا، نومۇس ۋە ئەزگۈلۈك ئۈچۈن ئۇلارنىڭ روھىنى يادلان ! تاھىر داستانى بىلەن دولقۇنلان !! ئۇنىڭ ئۈچۈن چەككەن ئەلىمىڭ، تارتقان دەردىڭ، جاپا- ئەمگىگىڭ مەڭگۈلۈك راھەت، مەڭگۈلۈك سائادەت!
«بېشىمغا ھەر بالا كەلسە، ئۆزۈڭنىڭ شورى دەڭلار! »


مەنبە: ئۆتكۈر ئەپەندىگە مۇناسىۋەتلىك ساقلىۋالغان ماتېرىياللار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 03:20  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-23 03:47:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ۋە شـائـىـر

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر


شېئىر مارجان ئەمەس ، يىپقا تىزىپ قويسا تۇرۇۋېرىدىغان ياكى ئەزان ئەمەس ، قۇلاقنى تۇتۇپ ئېيىتسا بولۇۋېرىدىغان .   شېئىر ئايەت ئەمەس ، مەنىسىنى ئۇقماي ئوقۇسىلا بولۇۋېرىدىغان ياكى ماتا ئەمەس ، دۇكان قۇرۇپ توقۇسىلا چىقىۋېرىدىغان . شېئىر - كەشتە ئەمەس ، رەڭدار مەشۇت بىلەن لاتىغا تىكىپ قويىدىغان ياكى سۈرەت ئەمەس ، قەغەزگە سىزىپ قويسىلا بولۇۋېرىدىغان . شېئىر ھەم ھۆسنى ، ھەم پۇرىقى ، ھەم تىكىنى ، ھەم يوپۇرمىقى بار گۈلگە ئوخشىشىپ كىتىدۇكى ، ھۆسنى بىلەن دىلنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلار ؛ پۇرىقى بىلەن جانغا راھەت ۋە ھوزۇر بەخش ئېتەر ؛ ئىشىق ئەھلى ئۇنى قۇلاققا قىسار ياكى گۈلدەستە ياساپ جانانىغا تۇتار .شېئىر -ئاسماندىكى يۇلتۇز ئەمەس ، كېچىسى پارقىراپ كۆرۈنگەن بىلەن نەئىسسىقى ، يورۇقى تەگمەيدىغان ، شېئىر-خۇددى بىر مەشئەلدۇركى ، كېچە زۇلمىتىدە ئىنسانغا يول كۆرسەتكۈچى ياكى بىر گۈلخاندۇركى پايانسىز دەشىتلەرنى يورۇتۇپ ، سوغدىن تىترىگەن تەنلەرگە ئارام بەرگۈچى . شېئىر-چۆلدىكى ئالۋۇن ئەمەس ، گاھى كۆك ، گاھى دەريا ، گاھى شەھەر ، گاھى گىياھ بولۇپ كۆرۈنگەن بىلەن قوغلاپ يەتكىلى بولمايدىغان . شېئىر-بىر قاينام بۇلاققا ئوخشىشىدۇكى ، تەشنالارغا ئارام ، دەرتمەنلەرگە داۋا ، بىمارلارغا شىپا ، غەمكىنلەرگە شاتلىق ، ئاجىزلارغا كۈچ ۋە ئۈمىد بەخش ئەتكۈچى .شېئىر - ھاپىزنىڭ ناخشىسى ئەمەسكى ، ئاڭلىغانسېرى كىشنى مۈگدەك باسىدىغان . شېئىر-بىر گۈلدۈرمامىدۇركى ، ئۇنىڭ ئاۋازى جاھاننى تىترىتىپ;، خامۇش كۆڭۈللەرنى ئويغاتقاي ؛ كىشىنى سەگەك قىلىپ جەڭگە ئۈندىگەي ، ئەبەدىي ھاياتقا چاقىرغاي !
شائىر-قاغا ئەمەس ، كۆرۈنگەن دەرەخكە قونۇۋېلىپ قاقىلداۋېرىدىغان . شائىر -خۇددى تاڭ توخۇسىدۇركى ، كېچە تاڭنى تىللاپ تىنماس ؛تاڭ ئاتقاندا ، ئەلنى ئىشقا ، ھاياتقا ، ئەمگەك ۋە ئىجادقا ئۈندەر . شۇڭا ، كىشىلەرنىڭ ئالتۇن خوراز ھەققىدە قىسسە -رىۋايەتلەر توقۇشى ، شەھەر دەرۋازىلىرى بىلەن قەسىر -ئايۋان مۇنارلىرىنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىشى ھەرگىز تاسادىپىي ئەمەس ،ھالبۇكى جاھان-جاھان بولغاندىن بۇيان ، ھېچكىم قاغىنىڭ ھەيكىلىنى ئورناتقىنى يوق . شائىر-تۇتىقۇش ئەمەس ، نېمىنى ئۆگەتسە شۇنى دورايدىغان ، ياكى ئۆمۈر بويى دوراشتىن بۆلەكنى بىلمەيدىغان . بۇ يەردە ئۇلۇغ ئەزەربەيجان شائىرى فۇزۇلىنىڭ مۇنۇ بېيتىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئورۇنسىز بولماس :


قاراتاشتىن ئەگەر قان بىرلە رەڭگىم ئەيلىسەڭ،
رەڭگى تەغيىر بولۇر ، ئەمما لەئلى بەدەخشان ئولماس .
تۇتىغا تەلىمى ئادايى كەلىمات ئەيلىسەڭ ،
نۇتقى ئىنسان بولۇر ، ئەمما ئۆزى ئىنسان ئولماس .

شائىر چىن مەنىسى بىلەن بۇلبۇلدۇر . بۇلبۇل ھېچقاچان باشقا قۇشلارنى دورىمايدۇ ، باشقا قۇشلارمۇ بۇلبۇلنى ھەرگىز دورىيالمايدۇ .چۈنكى ، بۇلبۇلنىڭ ئۆزى تىلى ، ئۆز سۆيگۈسى ، ئۆز تەپەككۇرى ۋە ئۆز تۇيغۇسى بار .
شائىر-كېپىنەك ئەمەس ، كۆرۈنگەن گۈلنىڭ ھەممىسىگە پەرقسىز قونۇپ ، ھوزۇر-ھالاۋەت ئېلىشنىلا بىلىدىغان .

شائىر -چىراغ پەرۋانىسىدۇركى ، ھالاك بولۇشىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئوتقا ئۇرغۇچى ....
شائىر -شاھ ۋە سۇلتانلارنىڭ نازۇ-نېمەتكە تولغان داستىخانلىرى ئەتاراپىدا چۆرگىلەپ يۈرىيدىغان ياكى زاھىتلارنىڭ ئېتىكىدە خورۇلداپ ياتىدىغان مۈشۈك ئەمەس ، بەلكى پايانسىز دەھشەتلەردە ئەركىن كېزىپ يۈرىيدىغان تەمەسىز ئارىسلاندۇركى ، ئۇنىڭ بىر ھۆركىرىشى بىلەن تاغۇ-تاشلار زىلزىلىگە كېلىپ ، تۈلكە -بۆرىلەر ھۇشىنى يىغماي <<پادىشاھ نىكولاي ئۈستەلگە بىر مۇشت ئۇرغاندا پۈتۈن ئوردا تىترەپ كېتەتتى ؛ لېف تولىستوي ئۈستەلگە بىر ئۇرسا پۈتكۈل روسىيە زىلزىلىگە كېلەتتى>> دېگەن رىۋايەت مۇبالىغە بولمىسا كېرەك . چۈنكى ، لېف تولىستوي شېئىر يازمىغان بىلەن چىن شائىر ئىدى . شائىر پەقەت خەلق بىلەن ، خەلق بىلەنلا شائىردۇر ۋە مەڭگۈ ئۆلمەستۇر .
مەسىلەن ، چۈيۈەن بىلەن ئەلىشىر ناۋائى ؛ لىبەي بىلەن پوشكىن ؛ بايرۇن بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئوخشاش .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 03:47  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-23 13:27:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قـەشـقـەر كـېـچـىــســى






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 13:35  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-23 13:29:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋۇت2 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 02:43
ئۆتكۈر ئەپەندى زۇلپىقار بارات ئۆزبەكنىڭ لىكسىيە سۆزل ...

خىزىر سۈپەت كىشى تۇرسا.....  ئىيىتقانلىرى كىلىۋاتىدۇ ، كۆرۈۋاتىمىز ئەمەسمۇ؟!....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-23 13:43:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكۈر ئەپەندى ئۈچتۇرپاندا
( ماقالە)
ئابدۇلۋاھىد مۆلجەرى

كېرەكمەس يالتىراق شۆھرەت بىلەن مەستانە غاپىللار،
ۋەتەننىڭ دەردىگە دەرمان جاپاكەش ئاشنا ياخشى.
مالامەت يەتسىمۇ بەزەن دىلىمغا ئۆز دىيارىمدا،
بوسۇقتىن دالجىماس ئىتتەك ماڭا ئەھدۇ-ۋاپا ياخشى.


  شۇنداق مىسرالارنى يېزىپ ۋە ئۇنى ئۆز ئەمىليىتى بىلەن ئىسپاتلاپ بەرگەن ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى ۋە ئەدەبىياتشۇناس ئالىم، مەرھۇم ئابدۇرېھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈر ئەپەندىنى ئەسلەش كىشىگە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بەخىش ئېتىدۇ. ئۆتكەن بىر ئەسىردە دىيارىمىز شىنجاڭدا ياشاپ ئۆتكەن بىر قاتار مەشھۇر شەخىسلەر ئىچىدە ئۆتكۈر ئەپەندى مەيلى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى نوقتىسىدىن بولسۇن ياكى شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخى نوقتىسىدىن بولسۇن چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم تارىخى شەخىس. شۇنداقلا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ھايات پائالىيىتىنى تەتقىق قىلىش ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە نازۇك تېما.
  ئۆتكۈر ئەپەندى بېقىۋالغان ئۈگەي دادىسى ئوسمان ھاجىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئەينى دەۋىر شارائىتى تۈپەيلى قۇمۇلدىن ئۇچتۇرپانغا كۆچۈپ كېلىپ، ئۇچتۇرپاندىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. ئەينى دەۋىر تارىخىنى بىلىدىغان، تارىخنى ئاغزاكى سۆزلەپ بېرەلەيدىغان، ئۆتمۈشتىكى جىق ئىشلارنىڭ شاھىدى بولغان، خاتىرىسى ئۇچۇق، ئەقلى ئويغاق، يىراقنى كۆرەلەيدىغان مويسىپىتلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىپ ئازلاپ كېتىۋاتقان بۇ  ئاي-بۇ كۈنلەردە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بۇندىن 70-80-يىل بۇرۇنقى بالىلىق دەۋرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىلىدىغان كىشىلەر ئۇچتۇرپاندا يوق دىيەرلىك بولغاچقا ۋە بار بولغانلىرىنىڭمۇ ئېيتىپ بەرگەنلىرى تازا ئىشەنچىلىك بولمىغانلىغى ئۈچۈن، بۇ يەردە ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىپ قالدۇرغان «مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىم »① دېگەن سەرلەۋھىدىكى گۈزەل ئەسلىمىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈش مۇۋاپىق بولسا كېرەك. ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆز ئەسلىمىسىدە مۇنداق يازىدۇ :
  «ئوسمان ھاجىم دادام بىلەن ئىسمايىل داتو باي تاغام قۇمۇل قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بولغاچقا، ئۇلارمۇ خوجىنىياز ھاجىم بىلەن تۇرپان تەرەپكە كەتتى... 1934-يىلى ئەتىيازدا، ئوسمان ھاجىم دادام بىزنى ئۇچتۇرپانغا كۆچۈرۈپ كەتتى.  شۇندىن باشلاپ،  يېڭىچە (پەننى) مەكتەپتە  ئوقۇشقا  باشلىدىم...
1934-يىلىنىڭ كۆكلەم ئايلىرىدا خوجىنىياز ھاجى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە، مەھمۇت مۇھىت جەنۇبىي شىنجاڭ گارنىزۇن قۇماندانىنىڭ مۇئاۋىنلىقى، قۇشۇمچە 6-شى(دىۋىزىيە) نىڭ سىجاڭلىقىغا تەيىنلەندى. نازىر، ۋالىي، ناھىيە ھاكىملىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىدارە جەمىئيەتلەرنىڭ باشلىقلىقىغا ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار كۆپلەپ تەيىن قىلىندى. ئىقتىساد ۋە سودا جەھەتتە، سوۋېت-شىنجاڭ سودا شىركىتى تەسىس قىلىنىپ، ئۇنىڭ مۇھىم تارماقلىرىغىمۇ  مىللىيلاردىن  باشلىقلار قويۇلدى. جۈملىدىن مېنىڭ دادم ئوسمان
ھاجىم ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى سوۋېت-شىنجاڭ سودا شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى ۋە ئۇچتۇرپاندا قۇرۇلغان تاشقى سودا تامۇژنا باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن ئىكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي بىزنىمۇ ئۇچتۇرپانغا كۆچۈرۈپ كەتتى.
  بىز قۇمۇلدىن ئات-ھارۋىلىق يولغا چىقىپ، تەخمىنەن بىر يېرىم ئايدا ئۇچتۇرپانغا يېتىپ باردۇق.
  ئۇچتۇرپان-ھاۋاسى ياخشى ۋە مۆتىدىل، يېرى مۇنبەت، سۈيى ئەلۋەك، دەل-دەرەخلىرى باراقسان، مەنزىرىسى گۈزەل بىر يۇرت بۇلۇپ، شەھەرنىڭ بىر چېتىدىكى مۆلجەر تاغ ۋە ئۇنىڭ باغرىغا جايلاشقان «توققۇز بۇلاق»، ئاندىن «يەتتە قىزلىرىم»، «سوۋىتقا»، «ئىماملىرىم» دېگەن سەيلىگاھلىرى بىلەن كىشىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدىكەن... ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن، ھەتتا قىرغىزىستاننىڭ قاراقول رايۇنىدىن كەلگەن ئاھالە ئۆزى بىلەن بىللە شۇ يۇرتلاردىكى مەدەنىيەتنىمۇ (مەسىلەن، ھۈنەر-سەنئەت، سودا-تىجارەت ئۇسۇللىرى، ئۆرپ-ئادەت ۋە قائىدە-يۇسۇنلارنى) بىللە ئېلىپ كەلگەچكە، بۇ يۇرتتا بىر خىل ئارلاشما مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى مەيدانغا كەلگەن. ئۇچتۇرپان قىرغىزىستان بىلەن چېگىرداش بولغانلىقتىن ، سوۋېت-شىنجاڭ سودا شىركىتىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى، يەنى سوۋېت ئىتتپاقى بىلەن بولىدىغان تاشقى سودا تامۇژنىسى مۇشۇ يۇرتتا تەسىس قىلىنىپ، 1934-يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ تاشقى سودا پائالىيەتلىرى  كەڭ قانات يايغان ئىكەن. ئۇچتۇرپان بىلەن قارا قول ئوتتۇرىسىدا ھەپتىسىگە بىرەرمىڭ ئات قاتناپ ، بۇياقتىن يۇڭ، تېرە، ئۈچەي ۋە  دېقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۇياققا، ئۇياقتىن زاۋۇت-فابىركىلاردا ئىشلەنگەن سوۋىت تاۋارلىرىنى بۇياققا تۇشۇيدىكەن، جۈملىدىن قوي، كالا، ئات قاتارلىق تىرىك ماللارمۇ سوۋىت يېرىگە تۈركۈم-تۈركۈملەپ مېڭىپ تۇرىدىكەن. مۇشۇنداق سودا ئالاقىسىنىڭ كەڭ يولغا قۇيۇلغانلىغى ئارقىسىدا، خەلق ئىگىلىگى بىردىنلا جانلىنىپ، بازارلار ئاۋاتلىشىپ، خەلق تۇرمۇشى پاراۋانلىشىشقا باشلاپتۇ.
  بۇ چاغلاردا قۇمۇل تەرەپلەردە چىبەرقۇتتىن كىيىم تىكتۈرۈپ كىيىش باشلانغاندى. ئۇچتۇرپاندا بولسا، سارجا، سۆكنى، دۇراپ، كوۋېركوت، قاتارلىق يۇڭ رەخىتلەر؛ غىژىم رومال، گىرىپشىن، ئەنگىلشىن قاتارلىق يىپەك گەزلىمىلەر؛ پاتېفون، گازۋاي لامپا، ئاياغ ماشىنىسى، ۋېلسىپىت قاتارلىق سانائەت بۇيۇملىرى؛ قەنىت-شېكەر، كەمپۈت-مەرمىلات، شاكىلات قاتارلىق تاتلىق تۈرۈملەر؛ خۇرۇم ئۆتۈك، بەتنىكە، توپلەي، كالاش قاتارلىق ئاياغ كىيىملىرى خېلىلا ئومۇملىشىپ كېتىپتۇ. چۈنكى، شەھەر ۋە يېزا ئاھالىسى قانچىلىك تاپسا شۇنچىلىك خام مال ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تاشقى سودا تامۇژنىسىغا ئۆتكۈزسە ، ئۇنىڭ بەدىلىگە سوۋېت تاۋارلىرىنى ئالالايدىكەن.
  بۇ چاغلاردا ، ئۇچتۇرپان جەنۇبىي شىنجاڭ بۇيىچە باشقا شەھەرلەرگىمۇ سوۋېت تاۋارلىرىنى تارقىتىش مەركىزى بولۇپ قالغانىكەن.
  سودا-ئىقتىسادنىڭ ئاشۇنداق گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، مەدەنىي-مائارىپمۇ ئالاھىدە تەرەققى قىلىشقا باشلىغان. ئۇچتۇرپان شەھرىنىڭ ئۆزىدىلا ئوغۇل-قىزلار ئايرىم-ئايرىم ئوقۇيدىغان باشلانغۇچ مەكتەپلەر، چوڭلارنىڭ ساۋات چىقىرىش كۇرسلىرى ئېچىلغانكەن. بۇ مەكتەپلەر ئىچىدە سۇ بۇيى مەھەللىسىدىكى «سۇتۇق بۇغراخان» مەكتىپى مەركىزىي مەكتەپ ھېساپلىنىدىكەن.
  بىز ئۇچتۇرپانغا بېرىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا دادم مېنى شۇ مەكتەپكە بەردى، مەن 3-سىنىپقا يارىدىم. بۇ مەكتەپتە ئىككى يۈزدىن ئۇشۇق بالا ئوقۇيدىكەن. بىزنىڭ سىنىپىمىزدا ئانا تىل، ھېساب، جۇغراپىيە، تەبىئەت، ئىنشا دەرىسلىرى ئۆتۈلۈپ، تەنتەربىيىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلەتتى. مۇئەللىملىرىمىز ئەسئەت ياقۇبى، ئىبراھىم ئىدرىس، ھاجى ياقۇپ قاتارلىق كىشىلەر ئىدى. كېيىن ئۇقساق، ئۇلار ئاقسۇدا ئېچىلغان مۇئەللىملەر كۇرسىدا تەربىيلەنگەن تۇنجى ئوقۇتقۇچىلار ئىكەن. مەكتەپ بۇيچە «ئىزچىلار ھەركىتى» قۇرۇلۇپ، ياز كۈنلىرى ھەممەيلەن ماش رەڭدىكى سېتسېلىن دېگەن رەخىتتىن بىرخىل فورمىدا تىكىلگەن بىر قاراشتا ھەربىي فورمىغا ئوخشاپ كېتىدىغان كىيىم، بېشىمىزغا قالپاق، پۇتىمىزغا بەتنىكە كىيەتتۇق. قولى قىسقا ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىنى بايلار تەمىنلەيتتى. تۈركىيە سۇلتانلىقىدا ئوفېتسىر بولۇپ، كېيىن سوۋېت ئىتتپاقىدىن شىنجاڭغا قېچىپ ئۆتكەن كازىم ئەپەندى دېگەن كىشى ئىزچىلارغا ھەربىي مەشىق بېرەتتى. مەن شۇ مەكتەپتە 5-سىنىپقىچە ئوقۇدۇم.
  ئۇ زامانلاردا، قول-ئىلكىدە بار كىشىلەر مەدەنىي-مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشنى، ھەتتا مۇئەللىملەرنىڭ تەمىناتىنى ئۆز يېنىدىن بېرىش، قولى قىسقا كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇش ماتىرياللىرى بىلەن تەمىنلەش ھەتتا ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ مەكتەپ سېلىش ئىشلىرى بىرخىل ئىجتىمائىي كەيپىياتقا ئايلىنىپ قالغانىدى. ئاقسۇ، كۇچار، قەشقەر دىيارلىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى شۇنداق يوللار بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن. جۈملىدىن، ئوسمان ھاجىم دادام ئۇچتۇرپان شەھرىنىڭ يېنىدىكى بېدىلىك دىگەن يەردە ئۆز پۇلى بىلەن12 سىنىپلىق بىر مەكتەپ بىنا قىلدۇردى.
  ئابدۇكېرىم ئابباسۇفنىڭ دادىسى ھاشىم ئاقساقال، تاغىسى مامۇتچان ئاكا قاتارلىق كىشىلەر ئۇچتۇرپان مەدەنىي-مائارىپنى گۈللەندۈرۈشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇلار مەكتەپ ۋە مۇئەللىملەرگە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بەرگەندىن تاشقىرى ئۇيغۇر مەدىنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى تۈزۈپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرققىياتىغا زور ھەسسىلەرنى قوشتى. جۈملىدىن، ئۇيۇشما  قارمىقىدا سانائىيە نەفىسە بۆلۈمى تەشكىل قىلىنىپ، ئۇيغۇر مىللى تىياتىرچىلىقىنىڭ دەسلەپكى ھۇلىنى بەرپا قىلدى. ئاتاقلىق كومپوزىتۇر مۇھىدىن خوجا ۋە مۇھىدىن نىياز، ئابلىمىتخان قاتارلىق كىشىلەرنىڭ پائال تىرىشچانلىقى بىلەن تىياتىر ۋە كونسېرت نۇمۇرلىرىنى كۆرسىتىش يولغا قۇيۇلدى. «يېتىملار كۆز يېشى»، «يالغان تېۋىپ» دېگەن سەھنە ئەسەرلىرىنى مەن تۇنجى قېتىم ئۇچتۇرپاندا كۆرگەندىم. بۇ ئىشلار شۇ زامانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاجايىپ بىر كارامەت ئىدى.
  5-سىنىپنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۇچتۇرپاندا ئوتتۇرا مەكتەپ بولمىغاچقا، دادام مېنى ئاقسۇدىكى قىسقا مۇددەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇشقا ئەۋەتتى. بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇش ئالتە ئاي ئىچىدىلا تۈگەپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ، دادم بىلەن ھاشىم ئاقساقال ئابدۇكېرىم ئابباسۇف بىلەن ئىككىمىزنى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ئەۋەتمەكچى بولدى. شۇنداق قىلىپ، 1936-يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا گۈزەل ئۇچتۇرپان بىلەن خوشلىشىپ، ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتۇق.
ئۇچتۇرپان ئۆزىنىڭ گۈزەل مېھرى ۋە ئىسسىق مېھرى بىلەن، شۇنىڭدەك تەرەققىيات ۋە مەدەنىي-مائارىپقا تاشلىغان دادىل قەدىمى بىلەن مېنىڭ بالىلىق قەلبىمدە ناھايتى چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. ئېزىز يۇرتۇم قۇمۇلنى قانداق قىزغىن سۆيسەم، ئۇ يۇرتنىمۇ شۇنداق قىزغىن سۆيىدىغان بولۇپ قالدىم. بۇ يۇرتقا بولغان مېھرى-مۇھەببىتىم خۇددى دەسلەپكى سۆيگۈ-مۇھەببىتىمدەك مېنىڭ قەلبىمدە مەڭگۈ ياشىغۇسى.
                            1993-يىل ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى »
  تارىخى مەنبەلەر ۋە ئەينى زامان تارىخىدىن ئاز-تولا خەۋىرى بار بەزى مويسىپىتلەرنىڭ ئاغزاكى بايانىغا قارىغاندا، قانخور جاللات شېڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبەرلىرى قاتارىدا يۇقۇرىدا ئۆتكۈر ئەپەندى قەيىت قىلىپ ئۆتكەن ئىسمايىل داتۇ دېگەن كىشى بىلەن ئوسمان ھاجىمنىمۇ ئۆلتۈرۋەتكەن. ئوسمان ھاجىمنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى چوڭ قورۇ-جاي شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ بىردىنبىر ۋارىسى ۋە مىراسخورى بولغان ئۆتكۈر ئەپەندىگە تەئەللۇق بولغان.
  ھازىرمۇ «ئۆتكۈر ئەپەندى قورۇسى» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان چوڭ قورۇ ئەسلىدە مادارىن دېگەن بىر خۇيزۇنىڭ جايىكەن. ئۇ كىشى قەشقەردىن داڭلىق ياغاچچى، تامچى ئۇستىلارنى تەكلىپ قىلىپ، تاشكەنت پاسۇنىدىكى ھەممىسى تاختايلىق– پىشايۋانلىق 12ئېغىزلىق كاتتا ئۆي سالدۇرغان ئىكەن. كېيىن ئوسمان ھاجىم بۇ قورونى سېتىۋالغان بولسا كېرەك. ئۆتكۈر ئەپەندى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كېتىپ، بىر مەزگىل ئۈرۈمچىدە ئوقۇش ۋە خىزمەت بىلەن ئۇچتۇرپانغا كېلەلمىگەن. ئوسمان ھاجىممۇ شېڭ شىسەينىڭ قولىدا ئۆلۈپ كەتكەچكە، ئىگىسىز قالغان بۇ قورۇغا شۇ چاغدىكى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىق قىلىغان. بۇ قورۇنىڭ (ئۆي ۋە ھويلىنىڭ) ئىگىلىگەن كۆلىمى بىريېرىم مو ئەتراپىدا بولۇپ، يەنە 50مو ئەتراپىدا مېۋىلىك بېغى بار ئىكەن. باغدا ياڭاق ، ئۈرۈك، ئالما، شاپتۇل قاتارلىق تۈرلۈك مېۋىلەر بار ئىكەن. باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا كىچىك بىر كۆل بار ئىكەن.
ئۆتكۈر ئەپەندى 1982-يىلى11-ئايلاردا ئۇچتۇرپانغا كېلىپ (ئارلىقتا بىرقانچە قېتىم كەلگەن) ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان
قورۇ-جاينى ئۆز ئىلكىگە تاپشۇرۇپ ئېلىپ ساتماقچى بولغان. بۇ قورۇنى ئارلىقتا بىر مەزگىل ناھىيىلىك مالىيە ئىدارىسى باشقۇرۇپ تۇرغان ئىكەن. شۇ قېتىم كەلگەندە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قولىدا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ خېتى بار ئىكەن. ئۇ ئاشۇ خەت بۇيىچە قورۇنى ئۆز ئىلكىگە قايتۇرۇپ ئېلىپ، يەنە ساتماقچى بولغاندا، بۇ قورۇ-جايغا شۇ چاغدا 12مىڭ يۈەنگە خېرىدار چىققان. ناھىيىلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى مەسئۇللىرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، بۇ جايغا بىر يىتىم-يېسىرلار مەكتىپى قۇرۇشنى ئويلىشىپ ئۆتكۈر ئەپەندىگە بۇ مەسلىھەتنى ئېيتقاندا، ئۆتكۈر ئەپەندى بۇ گەپنى ئاڭلاپ قەۋەت خوش بولۇپ 4000 يۈەن ئەرزىنىغا (8000 يۈەنگە) ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىغا ساتقان. مىڭ يۈەن پۇلنىڭمۇ راۋۇرۇس كۈچى بار شۇ مەزگىللەردە ناھىيە بازىرىدىن ئىككى كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر قورۇنىڭ باھاسىنىڭ شۇنچە قىممەت پۇلغا يارىغىنىغا قارىغاندا بۇ قورۇ-جاي ئۆز ۋاقتىدا ھەقىقەتەنمۇ كاتتا سېلىنغان بولسا كېرەك. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ يىتىم-يېسىرلانىڭ ئوقۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت بۇ خاسىيەتلىك ئىشنى ئاڭلاپ ئۆز نەپسىدىن كېچىپ 12 مىڭ يۈەنگە سېتىشقا تېگىشلىك بولغان قورۇنى 4000مىڭ يۈەن زىينىغا ساتقانلىغى ئۇنىڭ ئالىيجاناپ پەزىلىتىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتتۇر. ئەپسۇسكى بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى يىتىم-يېسىرلار مەكتىپى سېلىش پىلانى يوققا چىقىپ، بۇ جايغا ناھىيىلىك ساناتورىيە سېلىنغان. ساناتورىيە قۇرۇلۇشى 1983-يىلى 4-ئايدا باشلىنىپ، 1985-يىلى 6-ئايدا پۈتكەن. شۇندىن تارتىپ بۇ قورۇنىڭ ئورنى ناھىيىلىك سانوتورىيەگە ئايلانغان. ھازىر بۇ جاي ناھىيە تەۋەسىدىكى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئورۇنغا، يەنى «ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنى»غا ئۆزگەرتىلدى. ھازىرمۇ بۇ يەردە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئىلكىدىكى ۋاقتىدا بار بولغان ئالتە-يەتتە تۈپ ياڭاق شۇ پېتى بار. يېقىن ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ جاينى ھېلھەم «ئۆتكۈر ئەپەندى قورۇسى» دەپ ئاتىشىدۇ.
  ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ھاياتىدىكى خېلى مۇھىم ئىشلار ئۇچتۇرپان بىلەن زىچ باغلانغان. ئۆتكۈر ئەپەندى يۇقۇرقى ئەسلىمىسىدە ئۇچتۇرپاننى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغىندەك، ئۇچتۇرپان تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر تارىخىي شەخىسلەرنىمۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. مەسىلەن : «ئىز» رومانىنىڭ مۇقەددىمە قىسىمىدا مۇنداق  يازىدۇ : « قەدىمكى ئىتالىيىدە قۇلللار ئارىسىدىن چىققان سىپارتاك، خۇاڭخې دەرياسى بويلىرىدىن چىققان باھادىر شاھ  لى زىچېڭ بىلەن <تەيپىنەم> زامانىسىنڭ <ساماۋى شاھى> خۇڭ شىيۇچۈن، كونا رۇسىيىدىكى كازاكلاردىن چىققان سىتىپان رازىن بىلەن يېمىلىيان پۇگاچېۋ، ئۇچتۇرپان شەھرىدىن چىققان رەھمىتۇللا بەگ بىلەن قۇمۇل تاغلىرىدىن تۆمۈر خەلىپىمۇ  ئاشۇ دانكوغا ئوخشايدىغان كىشىلەر ئىدى.»①
ئۆتكۈر ئەپەندى تۇنجى قېتىم رەھمىتۇللابەگنى دۇنيا تارىخىدا نامى مەشھۇر بولغان سىپارتاك، لى زىچېڭ، پۇگاچېۋ قاتارلىقلار بىلەن بىر ئورۇندا قويۇپ، ئۇنىڭ ئوبرازىنى، تارىختىكى شان-شۆھرىتنى تۇلۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىدى. بۇمۇ ھەرگىز سەۋەپسىز بولمىسا كېرەك. رەھمىتۇللا بەگنىڭ قەبرىسى بىلەن ئۆتكۈر ئەپەندى قورۇسىنىڭ ئارلىقى ناھايتى يېقىن بولۇپ،  بەك كەلسە 200-300 مېتىرچە كېلىدىكەن. شۇنداقلا يەنە رەھمىتۇللا بەگ بىلەن بىر سەپتە جەڭ قىلىپ مەردلەرچە قۇربان بولغان يەتتە قىزنىڭ قەبرىسى _ «يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى» ۋە ئۇلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان مەشھۇر تاغ _«مۆلجەر تېغى» مۇ ئۆتكۈر ئەپەندى قورۇسىغا بەك يېقىن بولۇپ، ئىككى كىلومېتىردىن ئاشمايدىكەن. دېمەك، ئۆتكۈر ئەپەندى ئۇچتۇرپاندىكى چاغلاردا بوۋاي-مومايلاردىن «جىگدە يېغىلىقى» توغرىسىدىكى تارىخى ھېكايىلەرنى كۆپ ئاڭلىغان ۋە بۇ ۋەقەلەر ئۇنىڭ گۈدەك قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
  پۈتۈن ھاياتى ئىزدىنىش بىلەن تولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ئۆتكۈر ئەپەندىنى دىيارىمىز شىنجاڭدا يۈز بەرگەن نۇرغۇن زور تارىخىي ۋەقەلەر ۋە تارىخىي
شەخىسلەرنىڭ ھاياتىغا شاھىد بولغان ئاجايىپ كىشى دىيىشكە بولىدۇ. بۇ يۇرتتا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان مەشھۇر جامائەت ئەربابى _ئۆتكۈر ئەپەندىنى ئۇچتۇرپان خەلقى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ!

①ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : «مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىم»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى» 1995-يىل 4-سان.
    ② ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : «ئىز»، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1985-يىل 1-نەشىرى،  1986-يىل 2-بېسىلىشى،3-بەت.

تورغا يوللاشتىن بۇرۇنقى مەنبە:  «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» 2010-يىل 1-سان.

مەنبە؛ئۇيغۇر شېئىرىيەت مۇنبىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 15:39  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-23 13:46:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكۈر ئەپەندى ھاياتىغا بېغىشلاپ
ئەلۋىدا شائىر

ئاپتۇرى:ياسىن زىلال

تومۇرىدا تارىم، يۇرۇڭقاش،
روھ-ۋەسلىدە نوم ئاھى، باغراش.
يۈرىكى ئوت يالقۇنتاغ ئوخشاش،
بېشى بۇغدا كەبى ئاپئاق باش.
تارىم، جۇڭغار ئىككى قۇلىدا،
سۆيگۈسىدە ئاي بىلەن قۇياش.
كۆڭۈل كۆكسى يايلاقتەك چەكسىز،
دىلى مىليون دىللارغا تۇتاش.
ئولتۇراتتى نۇر ئارا بىر زات،
تەڭرىتاغنىڭ يېنىدا-يانداش.

ئولتۇراتتى بىر نۇر پەرىشتە،
شۈنچە ساھىپ، شۈنچە مۇكەررەم.
كۆزلىرىدە ئۆمىد يۇلتۇزى،
قولىدا بىر مۇقەددەس قەلەم.
خىيالىدا دۇنيا ئايلىنىپ،
گاھ چېكەتتى شادلىق، گاھ ئەلەم.
ئەجەب ئىسسىق ئىدى نەپىسى،
گويا جانغا خۇش ناۋا-ئەجەم.
ئۇ پەرىشتە ئەمەستۇر ئەسلىي،
ئۇ ئۇيغۇرنىڭ ئەسلىي مۆھتەرەم.

ئاھ...شۇم پەلەك...ئەجەل شامىلى،
ناگاھ ئاڭا ئۇرۇلدى بىۋاخ.
ئاپئاق بەتلەر قالدى ئاق پېتى،
ئاق دەپتەرلەر تاشلىدى ۋاراق.
ئاپئاق بەتلەر ئاق باغاق بولۇپ،
يىغلاپ-يىغلاپ يول ئالدى ھەر ياق.
نېمە گەپ بۇ باغاقلاردىكى،
بۇ شۇم خەۋەر راستمىدۇ؟ ياق-ياق!
ئەنقا بولۇپ شائىرنىڭ روھى
كۆككە ئۇچتى، بېھىشلەرگە باق!

مەنبە: ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى تۆتىنچى توم، بىرىنچى كىتاب.



ۋاقتى: 2015-3-4 08:04:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-11 16:32:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەزىلەتلىك جامائەت ئەربابى، داڭلىق شائىر، مەشھۇر يازغۇچى،
يىتۈك ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئىددىيىۋى قاراشلىرى


تۇردى سۇلتان

(مەرھۇم ۋاپاتىنىڭ ئون يىللىقىغا بېغىشلاپ)




    20- ئەسىرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىسى ، ھەممە كىشى تەرىپىنى قىلىدىغان ئېسىل ئىنسانىي پەزىلەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ۋە باشقا قېرىنداش خەلقلەر ئارىسىدا يۈكسەك ئابرويغا ئېرىشكەن جامائەت ئەربابى ، 《 ئىز 》 ، 《 ئۆمۈر ھەققىدە مەخەممەس 》 قاتارلىق ئېسىل شېئىرلىرى بىلەن ئومۇمىي ئېتىراپقا ، ياخشى باھالارغا سازاۋەر بولغان داڭلىق شائىر ، 《 شېئىر ۋە شائىر 》 ، 《 قاشتېشىغا مەدھىيە 》 قاتارلىق ئېسىل نەسىرلىرى ۋە 《 ئىز 》 ، 《 ئويغانغان زېمىن 》 قاتارلىق نادىر تارىخىي رومانلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر نەسىرچىلىكى ۋە تارىخى رومانچىلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان مەشھۇر يازغۇچى، 《 قۇتادغۇبىلىك 》 شۇناسلىق ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت تەتىقاتى ساھەسىدىكى قىممەتلىك ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادا يۇقىرى ئابرويغا ، زور ئالقىش ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان يېتوك ئالىم ئابدورېھىم تىلەشۈپ ئۆتكۈر 1923- يىلى 6 – ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوننىڭ قۇمۇل شەھىرىدە تۇغۇلغان . 1995- يىل 10- ئاينىڭ 5 – كۈنى ئۈرۈمچىدە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان.
       ئۇ ئۆز ھاياتىدا بارلىق ئىجادىيىتىنى ۋەتەنگە ، خەلققە بېغىشلاپ ، خەلقنىڭ كۈلكىسىنى كۈلۈپ ، يىغىسىنى يىغلاپ ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا موھىم ئورۇن تۇتىدىغان نادىر ئەسەرلىرى ئارقىلىق ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ، جۈملىدىن ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت- سەنئىتىگە زور تۆھپە قوشقان . شۇنداقلا، ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە ھاياتى ئارقىلىق ، بىر قاتار قىممەتلىك ئىدىيە – قاراشلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، ئىسپاتلاپ بەرگەن . تۆۋەندە مەن بۇ ئىنسانىي پەزىلەت ، ھۆرمەت ، شان – شەرەپ ۋە ئىستېدات ساھىبىنىڭ بىر قىسىم ئىددىيىۋى كۆز قاراشلىرىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

ئۆتكۈر ئەپەندى : ئىنسانىي قىممەت ۋە پەزىلەت توغرىسىدا
    ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆزىنىڭ مول ئىجادىيەت نەتىجىلىرى ، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى تۆھپىسى، مۇۋەپپىقىيەتلىرى ۋە ھەممە كىشى تەرىپىنى قىلىدىغان ئېسىل ئىنسانىي پەزىلەتلىرى ، سېھرىي كۈچىگە ئىگە گۈزەل قەلبى بىلەنمۇ خەلق قەلبىدە يۇقىرى ئورۇنغا، يۈكسەك ئابرويغا ئېرىشكەن داڭلىق ئەدىب ۋە مەشھۇر ئالىم. ئۇ ئۆزىنىڭ كېلىشكەن قەددى- قامىتى ، خۇشخۇي ، كەمتەر ، سەمىمىي ، قىزغىن ، مېھماندوسىت ، چاقچاقخۇمار ، بىلىملىك ، ئۆزىنى كۆرسىتىشنى راۋا كۆرمەيدىغان ، باشقىلار بىلەن تۆر تالاشمايدىغان ئالىيجاناپ ئىنسانىي پەزىلەتلىرى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر زات ئىدى . مەرھۇمنىڭ زاماندىشى، يېقىن دوستى ، دەۋرىمىزدىكى يېتىشكەن تىلشۇناس ، داڭلىق ئەدىب ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ 《 زامانداشنىڭ ھەسرىتى 》 ناملىق ئەسلىمىسىدە : 《 ئۆتكۈر بولسا ئەزگۈلۈك ئىشلىرى بىلەن ئەزگۈ نامىنى قالدۇرغان ، قەلەمكەش دوسىتلارنىلا ئەمەس ، پۈتكۈل قوۋمىنى ھەسرەتكە قويغان ئەزىز زات… ئۆتكۈر ئۆز خەلقىنى تونۇش ۋە خەلقىنى ئۆزىگە ھەم ئۆزگىلەرگە تونۇتۇش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تېرىشتى ھەم يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلدى… 》 ① دەپ يازغانىدى. ئۆتكۈر ئەپەندى يۇقىرىقىدەك ئىزگۈ پەزىلەتلىرى بىلەن مىللىتىمىز ئارىسىدا يۇقىرى ئابرويغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن ، قېرىنداش مىللەتلەر ، ھەتتا ، چەت ئەللىكلەر ئارىسىدىمۇ يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە ئىدى . شۇ ۋەجىدىن ، تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنۋېرىستېتى پەن ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورى ھۇليا قاسساپئوغلۇ چەرگەنمۇ : 《 ئۆتكۈرنى كۆرۈش، ئۇنى قۇچاقلاش ، قولىغا سۆيۈش – دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك ئارزۇلىرىمنىڭ بىرىدۇر . 》 ② دەپ يېزىپ ، ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر ئەپەندىگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى ، مۇھەببىتى ، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئۆز قەلبىدىكى يۈكسەك ئابرويىنى تەسۋىرلىگەنىدى . ئەلۋەتتە ، ئۆتكۈر ئەپەندىنى سېغىنىدىغان ، ئەسلەيدىغان ، تەرىپلەيدىغان ، ھۆرمەتلەيدىغان ئىنسانلارنىڭ يالغۇز بىر ياكى بىر نەچچە ، ھەتتا ، نەچچە ئون ، نەچچە يۈز بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ زامانداشلىرىغا ئايان پاكىت .
      ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئىزگۈ پەزىلەتلىرى ، قىممەتلىك ھاياتى ئەمەلىيتى ئارقىلىق ، بىر قاتار ئىنسانىي قىممەت ۋە پەزىلەت ھەققىدىكى يارقىن پىكىرى، كۆز قاراشلىرىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ئۇنىڭ ئۆز ئەمەلىيتى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ، يەكۈنلەپ چىققان بۇ كۆز قاراشلىرى ئەينى چاغلاردىمۇ ، بۈگۈنكى دەۋىردىمۇ ، كەلگۈسىدىمۇ ئۆزىنىڭ قىممىتى ، تەسىرى ۋە نوپۇزىنى يوقاتمايدۇ .
    ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە《 ئالىم بولماق ئاسان ، بىراق ، ھەقىقىي ئىسمى- جىسمىغا لايىق ئادىمىيلىك پەزىلەت بىلەن ياشىماق تولىمۇ قىيىن .》 ③ ئىنساننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ، مۈكەممەللىشىشىدە ئادىيمىي پەزىلەت ئىنتايىن موھىم ، ئادىمىيلىك پەزىلەت – ئالەمدىكى ئىزگۈ پەزىلەتلەرنىڭ مۈجەسسەملىنىشى بولۇپ ، ئۇ ئىنساننىڭ مەنىۋى كامالىتىنىڭ ئاساسى .《 ئىنساننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مەنىۋى كامالەت ھەممىدىن قىيىن . بۇنداق كامالەت ئىگىللىرى چىقمايدىكەن ، مەدەنىيەت تارىخى ئۈزۈلىدۇ. 》④
     ئۆتكۈر ئەپەندى ئىنسان ھەققىدە كۆپ ئىزدەنگەن ، ئىنسانىي پەزىلەتنى ئىزچىل ئۇلۇغلاپ كەلگەن شائىر . ئۇنىڭ قارىشىچە ، ئىنساننىڭ قىممىتى – ئىنسانىي پەزىلەتتە . بۇ ھەقتە ئۇ بىر رۇبائىيسىدا مۇنداق يازغان :

《 قارىغاينىڭ كۆكلۈكى – ئۇنىڭ زىننىتى ،
تۈزلۈكى – ئۇنىڭكى قەدىر- قىممىتى.
ھەر كىشى قارىغايدەك بولالىسا تۈز،
ئەل ئىچىدە ساقلىنار ئىززەت- ھۆرمىتى . 》⑤



     بۇ رۇبائىيدا ئۆتكۈر ئەپەندى ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ ھاياتنىڭ زىننىتى ئىكەنلىكىنى ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە، راستچىللىقنىڭ موھىم پەزىلەت ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرگەن.
    ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆز ئۆمۈر مەنزىلى ، ھاياتىدىن يەكۈنلەپ چىققان مۇنداق بىر قىممەتلىك قارىشى بار . ئۇ مۇنداق قارايدۇ : ئىنسان ھامان ئۆلىدۇ . ئادەم مەيلى ياخشى ، مەيلى يامان ، مەيلى شاھ ، مەيلى گاداي بولسۇن، مەيلى ئۇلۇغ ئەرباب ياكى ئاددىي ئادەم بولسۇن ، ئۇنىڭ ھايات قىممىتى ئۆزىگە باغلىق ، ئادەم ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئۆزى يارىتىدۇ . ئادەمنىڭ ئەمگىكى ، خۇي – پەيلى ، ئىش – ھەركىتى، گەپ – سۆزى… قانداق بولسا ، ئۇنىڭ سۈپىتى ، قەدىر – قىممىتى ، ئورنى ، مەغلۇبىيەت ، مۇۋەپىققىيەتلىرى ، ئۆمۈر مەنىسى ھەم شۇنداق بولىدۇ . ئۇ بۇ ھەقتە ، 《 ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس 》 ناملىق شېئىرىدا مۇنداق ئابىدە قالدۇرغان :



《يېتىپ كۈز سوغ شامال تەگكەچ، غازاڭ بولغان كەبى ياپراق،
ئۆمۈر مەنزىلىدە ئاخىر بولۇرمىز بىر دۆۋە تۇپراق.
بۇ تۇپراقتا ئۈنەر بەزەن تىكەن ياكى خۇنۇك قامغاق،
ئېچىلغاي بەزىدە گۈللەر، چېچىپ خۇش ئەتىرنى ھەرياق،
دېمەك ، ھەر كىم بېرۇر شەخسەن ئۆمۈرگە ئۆزى قىممەتنى .》⑥

بۇ يەكۈن بىز ئۈچۈن بىر ئۆمۈر پايدىلىنىشقا ئەرزىگۈدەك بىر گۆھەر ، ئەلۋەتتە. قاراڭ ، مۇنۇ رۇبائيسىغا :

《 ئىككى پۇتلاپ ماڭىمىش ئېيقمۇ بەزەن تىك بولۇپ ،
ئەرلا بولسا ئەر ئەمەس ، ئادەم سىياقى بولمىسا.
ئادىمىنى ئادىمىي ئەتكەن ئۇنىڭ ھۆسنى ئەمەس،
ھۆسنى بىر سۈرەت ئىرور ، دىلىنىڭ چىراغى بولمىسا . 》⑦

    ئۆتكۈر ئەپەندى ئادىمىيلىك سىياقى ، پەزىلىتى بولمىغان ئەرلەرنىڭ ئەر ئەمەس ، بەلكى ، ئېيىق ئىكەنلىكىنى ، ئادەمنىڭ ئادىمىيلىك قىممىتى ئۇنىڭ ھۆسنى ئەمەس ، بەلكى ، ئىنسانىي پەزىلىتى ، قەلىب گۈزەللىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرگەن .

ئۆتكۈر ئەپەندى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ، قىلغان ياخشىلىقىغا مىننەت قىلماسلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ مۇنداق يازغان :

《ياخشىدىن كەلسە يامانلىق ھەم ئاڭا قىل ياخشىلىق،
يانمىسا ئاندىن ساڭا ، يانغاي پالاندىن ياخشىلىق.
ئىستە ئۆتكۈر ياخشىلىقنى بارچە ئەۋلاد بەختىگە،
كۆرمىسەڭ ھېچگەپ ئەمەس ئەھلى جاھاندىن ياخشىلىق. 》⑧



ئۇ باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىش ، دەردىگە دەرمان بولۇش ، باشقىلارنىڭ بەخىتسىزلىكى ۋە قايغۇسىدىن شادلانماي ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشنىڭ گۈزەل ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ :


《باغرى قان بولغان كىشىنىڭ دەردىنى دەردمەن بىلۇر،
دەردى يوق بىدەرد كىشىلەر بەلكى دەردمەندىن كۈلۇر.
كۈلمىگەي ھېچكىم بىراۋدىن ، ئۆتنە ئالەم بۇ جاھان،
ياخشىنى يامان دېگەن يامان ئۆزى قالماس ئامان . 》⑨


ئۇ ۋاپادارلىقىنى ، ۋىجداننى ئىنسانىي پەزىلەتلەرنىڭ بىرى دەپ قاراپ ، ۋاپادارلىقنى ، ۋىجداننى ئۇلۇغلاپ ، ۋاپازسىزلىق ، ۋىجدانسىزلىققا نەپرەپ ئوقۇپ ، بىر رۇبائىيدا مۇنداق يازغان :


《 ئۇنىكىم دوست دېمە، راھەتتە ئىناق،
ئايرىلسا سېنىڭدىن غۇربەتتە بىراق.
سايەڭگە نەزەر سال تەپەككۇر بىلەن،
يورۇقتا بىللە يۈر ، زۇلمەتتە يىراق. 》⑩


     ئۆتكۈر ئەپەندى 《ئەينەك》 ناملىق شېئىرىدا ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئەينەكنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق ، خالىىسلىق ، راستچىللىق ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ ئادىمىيلىك قىممەتتە موھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى ، ئادەملەر مۇشۇ گۈزەل ئىنسانىي سۈپەتلەرنى جارى قىلدۇرسا ، ئىنسانىي قىممىتىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرالايدىغانلىقىنى ، ئەكسىچە بولغاندا ، ئىنسانىي قىممىتى يوقىلىدىغانلىقىنى مۇنداق يورۇتۇپ بېرىدۇ :



《نېمىدېگەن قالتىس نېمە ئەينەك دېگەن،
كىم ياساپ چىققان بولغاي دەسلەپ ئۇنى.
سۇندۇرۇپ تاشلانسىمۇ ، ھەر پارچىسى-
كۆرسىتەر ھەر نەرسىنىڭ دەل ئەينىنى.
سەتنى ئۇ پەرداز بىلەن قىلماس گۈزەل،
بىر گۈزەلنى سەت قىلىپ قويمايدۇ ھەم.
ھەر كىشى بولالىسا ئەينەك كەبى،
دېگۈلۈك شۇنداق كىشىنى چىن ئادەم . 》⑪


    ئۇ تاشقى گۈزەللىكنىڭ ھامان پايدا بەرمەيدىغانلىقىنى، بىر مەزگىل باشقىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ ئەتىۋارلانسىمۇ ، ھامان ئاشكارىلىنىپ قالىدىغانلىقىنى، ئىچكى گۈزەللىكنىڭ دەماللىققا كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمىسىمۇ ، ھامان ئەتىۋارلىنىدىغانلىقى، ئالقىشلىنىدىغا -نلىقىنى 《 قاپاق》 ۋە 《 ياڭاق 》 ئوبرازى ئارقىلىق مۇنداق گەۋدىلەندۈرۈپ بىرىدۇ :


《خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر، پارقىراق تۇرغان بىلەن،
مېغىزى شېرىن ياڭاق ، تېشى قوتۇر بولغان بىلەن . 》⑫


( 《 سەرلەۋھىسىز شېئىرلار 》دىن)


     ئۆتكۈر ئەپەندى ھاكاۋرلۇق ، مەمەدانىلىق ، پوچىلىقنىڭ ھامان مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ، كەمتەرلىك ، سەمىمىيلىكنىڭ ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتىنى نۇرلاندۇرىدىغان موھىم ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى 《 سۇۋادان تېرەك 》 ۋە 《 مەجنۇنتال 》 ئوبرازى ئارقىلىق مۇنداق سۈرەتلەپ بىرىدۇ :

《سايە بەرمەيدۇ سۇۋادان غادىيىپ ئۆسكەنسېرى،
بەلكى ئاسان سۇنغۇسى بوران- شامال تەگكەنسېرى،
سۇ بويىدا جىلۋە قىلغان لەيلى مەجۇن تالنى كۆر،
ئاشىدۇ كۆركى ئۇنىڭ ئۆز قەددىنى پۈككەنسىرى . 》⑬

(《 سەرلەۋھىسىز شېئىرلار 》دىن .)

    ئۆتكۈر ئەپەندى ھاكاۋۇرلۇق ، كۆرەڭلىكنىڭ ئىنسانغا خاس پەزىلەت ئەمەسلىكىنى ، ئىنسان ھەر قانچە زور نەتىجىگە ، شان- شەرەپكە ئېرىشسىمۇ ، يەنىلا كەمتەر بولۇشى لازىملىقىنى ئوبرازلىق قىلىپ مۇنداق سۈرەتلەيدۇ :

《 ھەر قانچە ئېگىزدە قۇش پەرۋاز قىلار،
ئوزۇقى، ئۇۋىسى يەر ئۈزرە بولار.
يەتتىنچى ئاسمانغا يەتسىمۇ بېشىڭ،
پۇتلىرىڭ يەنە شۇ تۇپراقتا تۇرار . 》⑭

ئۇ بۇ ھەقتە يەنە بىر رۇبائيسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ :

《 بۈيۈك تاغنى تالقان قىلسىمۇ گەر،
ئۆزىگە تەمەنناقويماس يىگىت – ئەر.
كۆر پىلە قۇرۇتى چېغىدا ھەر يىل،
پۈتتۈرگەچ غوزىنى ، بى مىننەت ئۆلەر . 》⑮

   بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى : قىلغان ئىشىغا مىننەت قىلىش، ئۆز نەتىجىسىدىن، تۆھپىسىدىن ماختىنىپ ، ئۆزىگە تەمەننا قويۇش يىگىتلىك ( ئەرلىك ) خىسلىتى ، گۈزەل ئىنسانىي پەزىلەتلەر جۈملىسىدىن ئەمەس.

ئۇ يەنە كۆرەڭلىك ، مەنمەنچىلىكنىڭ يامان ئىللەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق يازىدۇ :

《ئەزىم دەريا ئاقار شاۋقۇن – سۈرەنسىز،
نى ئەرلەر قالدى چۆل – دەشىتتە كېپەنسىز.
نە ھاجەت كۆرەڭلەش بىزگە ئەي دوستۇم،
ئايلىنىۋېرەر يەر سەنسىز ھەم مەنسىز . 》⑯

       ئۆتكۈر ئەپەندى غەيۋەتخورلۇقنىڭ ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدىغان ، ياخشى ئوبرازىنى بەربات قىلىدىغان يامان ئىللەت ئىكەنلىكىنى ، غەيۋەتخورلار ھەر قانچە بىلىملىك ، يۇقىرى مەرتىۋىلىك بولسىمۇ ، بەرىبىر زەھەرلىك چايانغا ئوخشاش باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان خەتەرلىك ئادەملەر ئىكەنلىكىنى ، شۇڭا ، ھەر بىر ئىنسان غەيۋەتخورلاردىن ھەر ۋاقىت ئاگاھ بولۇشى كېرەك دەپ ، غەيۋەتتىن قەتئىي ساقلىنىش ھەققىدە مۇنداق دەپ تەۋسىيە ، نەسھەت قىلىدۇ :


《 ئۇنىڭكىم دوست دېمە، غەيۋەتكە ماھىر،
سېنى ھەم قويمىغاي بىر چەتتە ئاخىرى.
مىسالى شۇكى ، چايانغا بەرى ئوخشاش -
قېرى – ياشۇ ، بوۋاق ، دانىش ، ئاكا بىر .》⑰


   ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆز ئارا پايدا – مەنپەئەت تالىشىپ ، ئىتتىپاقسىزلىق تۇغدۇرۇش ئىنسانىي پەزىلەتكە يات ئىكەنلىكىنى ، شۇڭا ، ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتۇشنى تەكىتلەپ ، مۇنداق يازىدۇ :


《 ئاسمانغا نەزەر سال ، يۇلتۇز بىساناق،
ئۈسۈشمەي ئۆتىدۇ ئەزەلدىن ئىناق.
جاھان كەڭرى دوستۇم ، يېتەر ھەممىگە،
ئادەمگە ياراشماس سۆڭەك تالاشماق . 》⑱

   ئۆتكۈر ئەپەندى ھاياتنىڭ سانسىز قىسمەتلىرىگە بايلىقى ، ئوڭۇشسىزلىق ، مەغلۇبىيەتنىڭ ھەر قەدەمدە ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى ، ياخشىلارنىڭمۇ بەزىدە بىھۇدە خارلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ :

《سۇۋادان تېرەككە تاش ئاتماس كىشى،
سەۋەب شۇكى يوقتۇر ئۇنىڭ يېمىشى.
يېمىشلىك دەرەخكە تېگىپ كۆپ تاياق.
ھەمىشە يېرىقلىق تۇرىدۇ بېشى . 》⑲

《شادلىق بىلەن قايغۇ قوشكېزەك ئىمىش،
مۆلدۈرگە باھارۇ – كۈز بىردەك ئىمىش.
ئۇتۇق يوق دېمە ئوڭۇشسىزلىقنى،
كىشىلىك ھايات شۇ دېمەك ئىمىش .》⑳

دەپ يازسا ، ئىنسان ھەر قانداق ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندىمۇ ، ھەرگز ئۈمىدسىزلەنمەسلىك ، ئۇلۇغ غايىگە ئىگە بولۇپ ، ھاياتنى نۇرلاندۇرۇش لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق يازىدۇ :


《ئاقار دەريا يۈزىمۇ ، قىشتا مۇزلار،
قىزىلگۈلنىڭمۇ بىر كۈن خازانى بار.
ئۇلۇغ غايە بىلەن سۇغىرىلسا دىل،
ئۇنىڭدا تۆت پەسىل ھەمىشە باھار . 》(21)


   ئۆتكۈر ئەپەندى ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ، يالغانچىلىقتىن يىراق بولۇشنى گۈزەل ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ بىرى دەپ ئۇلۇغلايدۇ ۋە بىر رۇبائىيسىدا مۇنداق يازىدۇ :


《يالغانچىنىڭ تىلى چېچەكسىز پىلەك،
چېچەكسىز پىلەكتە نە قىلسۇن خەمەك.
ئۇزارغانسېرى ئۆز ئىگىسىنى،
بوغىدۇ يىلاندەك بولۇپ چەمبىرەك .》(22)


  مانا بۇ شائىرنىڭ يالغانچىلىقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەت بەرمەيدىغانلىقىنى ، ئەكسىچە ، ئۆز ئىگىسىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئوبرازلىق نەسىھىتى .
    ئۇ ھەق ، توغرا يولدا مېڭىش ، مەردانە بولۇش ، ئۆزىگە ئىشىنىشكە ، ھەق – ئادالەتنى، ئەلنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشقا ئۈندەپ مۇنداق يازىدۇ :

《يولۇڭ توغرا بولسا مەردانە بولغىن،
ھەقىقەت شامىغا پەرۋانە بولغىن.
بولسا ئېشىڭ ھالال ، تۆت كوچىدا ئىچ ،
دەيدۇ ئەل ، ھەق ئۈچۈن قۇربانە بولغىن . 》 (23)


ئۆتكۈر ئەپەندى : بىلىم ۋە نادانلىق توغرىسىدا

      ئالىمنىڭ ھاياتىدىكى مول مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى ، ئېرىشكەن شان – شەرەپلىرى، تەسىرى ۋە نوپۇزىنى مول بىلىمى ۋە ئەتراپلىق مەلۇماتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . ئۆتكۈر ئەپەندى كاتتا ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن بىلىمنى قەدىرلىگەن ئۇلۇغلىغان ، بىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى تېنىمسىز ئىزدەنگەن ، شۇ قاتاردا بىلىم ھەققىدە ئۆزگىچە ۋە قىممەتلىك يەكۈنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان .
   ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ، بىلىم زور كۈچ قۇدىرەتكە ، ئالەمشۇمۇل ئىقتىدارغا ئىگە . بىلىم – ئىنسانلارنى بەخىت – سائادەتكە، ھەقىقىي ئادىمىي قىممەتكە ئىگە قىلىشتىكى قورال . بىلىم – بەدىۋىيلىك بىلەن مەدەنىيلىكنىڭ پەرىقلەندۈرگۈچ ئامىلى، 《 ئىنسان بالىلىرى بىلىم ، ئەخلاق ئىگىسى بولۇشقا باشلىغاندىن كېيىنلا ، بەدىۋىيلىكتىن مەدەنىيلىككە قەدەم قويدى .》 (24) بۇ ھەقتە ، ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆز رۇبائىيلىرىدا چوڭقۇر تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ، مول پەلسەپىۋى ھېكمەتكە تويۇنغان قاراشلىرىنى شېئىرىي يول بىلەن مۇنداق شەرھىلىگەن :

《《 قۇتادغۇ 》(25)نى پۈتكەن 《 خاس 》 (26)
بىلىكتىن تاقىدى ئاساس.
بىلىكتىن مەھرۇم كىشى،
ئوچۇق كوردۇر ھەمدە گاس . 》 (27)

    ئۆتكۈر ئەپەندى بۇ رۇبائىيسىدا ، بىلىك (بىلىم)دىن مەھرۇم كىشىنىڭ كۆزى ئوچۇق كور، قۇلىقى ساق گاس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن .

《 بىلىم – ئۇ يۈگەنسىز بىر ئۇچقۇر تۇلپار،
مىنەلىگەن كىشى مۇرادقا يېتەر.
ئۇ شۇنداق ئاجايىپ مۆجىزىدۈركى،
قارا تاش ئۈستىگە تېرىساڭ ئۈنەر . 》 (28)

    بۇ رۇبائىيدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، بىلىم – كىشىنى مۇراد – مەقسىتىگە يەتكۈزىدىغان ئۇچقۇر تۇلپار ھەم قارا تاش ئۈستىگە تېرىسىمۇ ئۇنىدىغان قۇدىرەتلىك ئۇرۇق .
   ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ، بىلىمنى باشقىلاردىن ئۆتنە ئېلىشقا مومكىن ئەمەس . باشقىلارنىڭ بىلىمىگە تايىنىپ جان بېقىش تەمەسىدە ياشاش – ۋىجدانلىق كىشى ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك نۇمۇستۇر . بىلىمنى تىرىشىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈش كېرەك . بىلىم ئېلىش ئاسان ئەمەس ، بىلىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر قانداق جاپا – مۇشەققەت ، توسقۇنلۇقلاردىن قورقماسلىق ، قىلچىمۇ ساختىلىق قىلماسلىق كېرەك، مۇنۇ رۇبائىي سۆزىمىزنىڭ دەلىلىدۇر :

《 قەددىڭنى پۈكۈپ سەن قىلمىغۇنچە يا،
ئاقمىسا تەرىڭدىن ۋە ياكى دەريا.
ئىندەككە كەلمەيدۇ بىلىمنىڭ قۇشى،
قەلبىڭدە گەر بولساق تېرىقچە رىيا. 》 (29)

    ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ، بىلىمنىڭ ئىنتايىن چەكسىزلىكىنى ، ئادەم ھەر قانچە ئۆگەنسىمۇ ، بىلىمنىڭ چېكىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ، شۇڭا ، مەڭگۈ تېرىشىش لازىملىقىنى مۇنداق يازىدۇ :

《كىشى ھەر نەرسىنى بىلمەككە ماھىر ،
بىلىپ بولماققا لېكىن ئۇ ئەمەس قادىر.
ئارېستوتىلدەك ھېكىممۇ ئېيىتقان ئىدىكى:
بىلگەنسېرى بىلدىم بىلمەسلىكنى ئاخىر .》 (30)

     بىلىم ئېلىشتىكى مەقسەت – نام – نىشان ، شان- شۆھرەت ، مال – دۇنيا ، پۇل بايلىققا ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى، ئەل، ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئادىمىي بۇرچىنى ئادا قىلىشتۇر . شۇڭا ، بىلىم ئىگىلەشتىكى مەقسەت ، مۇددىئا ئېنىق ، توغرا ساغلام بولۇشى كېرەك . بىلىمنى توغرا ، ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش كېرەك . 《قورساقتا بىلىم بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ . ئۇنى قانداق ئىشلىتىش ، نېمىگە ئىشلىتىش تولىمۇ موھىم .》 (31) مۇنۇ رۇبائىينى ئەقىل كۆزىمىز بىلەن ئوقۇپ ، ياخشىراق تەپەككۇر قىلساقلا ، ئۆتكۇر ئەپەندىنىڭ يۇقىرىقى قاراشلىرىغا تېخىمۇ قايىل بولىمىز :

《 بىلىملىكتىن مۇراد – نام نىشان ئەمەستۇر،
شۆھرەتكە ئىنتىلىش – رەزىل ھەۋەستۇر.
بىلگەننى دان قىلىپ ئېتىزغا چاچساق،
ھوسۇلى ئەلگە بولسا ئۇشبۇ بەستۇر . 》 (32)

    ئۆتكۈر ئەپەندى بىلىمنى شۇ قەدەر ئۇلۇغلايدۇ . نادانلىق ۋە خۇراپاتلىقتىن قاتتىق يىرگىنىدۇ . شۇڭا ، ئۇ 《 خۇراپاتلىققا چوقۇنۇش ، ئىشىنىش نەتىجىسىدە خەلق ئۆزىنىڭ بەخىت- سائادىتىنى پايمال قىلىدۇ . 》(33) دەيدۇ .
    ئۆتكۈر ئەپەندىدىنىڭ بىلىمنى ئۇلۇغلاش ، نادانلىق ۋە خواپاتلىقتىن نەپرەتلىنىش ئىدىيىسى نوقۇل ھالدا قۇرۇق ۋەز – نەسىھەت تەرىقىسىدە ئەمەس ، بەلكى ، كۈچلۈك ھېسىيات ، مول تەسەۋۋۇر ، ئۆزگىچە بەدىئىي ئۇسلۇب ، مۇكەممەل بەدىئىي ئوبراز ، ئىبىرەتلىك ھەم كۆپ قاتلاملىق ، ئەھمىيەتلىك مەزمۇن ، ۋەقەلەر ئارقىلىق تېخىمۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان . بىز ئۇنىڭ 《 ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك 》ناملىق مەشھۇر شېئىرىي چۆچىكى بىلەن 《 ئويغانغان زېمىن 》 ناملىق مەشھۇر تارىخىي رومانىدىكى بەزى پاكىتلارنى كۆرسەك ، تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتەلەيمىز .
     مەزمۇن كۆپ قاتلاملىقىغا ۋە پىكىر چۇڭقۇرلۇقىغا ئىگە نادىر ئەسەر – 《 ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك 》 ناملىق شېئىرىي چۆچەكتە مۇنداق بىر تەپسىلات بار: بىر تۇل ئايالنىڭ ئوغلى شەھىرى قەمەر دەپ ئاتلىدىغان بىر پادىشاھلىقنىڭ مەلىكىسىنى ياخشى كۆرۇپ قالىدۇ ۋە مەلىكىگە ئۆيلەنمەكچى بولىدۇ . مەلىكە تويلۇق ئۈچۈن يىگىتكە ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى ئىسسىق ئېلىپ كېلىش شەرتىنى قويىدۇ . بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ ، ئانا پەرزەنتىنىڭ بەختى ئۈچۈن يۈرىكىنى سۇغۇرۇۋېلىشقا رازى بولىدۇ . يىگىت ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى ئېلىپ مەلىكىنىڭ قېشىغا كېتىۋىتىپ يىقىلىپ چۈشىدۇ . يۈرەك ئانىنىڭ تېنىگە قايتىپ ، ئانا تىرىلىدۇ . يىگىت بولسا باشقا بىر ئەلگە كېتىپ ، ئۆز يۇرتىنى بېسىۋېلىش قەستىدە يۈرگەن قارانىيەت پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ ھەمدە پادىشاھنىڭ يالغان ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ، قوشون باشلاپ ئۆز يۇرتىغا تاجاۋۇز قىلىپ ، نۇرغۇن يۇرتداشلىرىنى ، قېرىنداشلىرىنى بىھۇدە قىرىپ تاشلايدۇ . بۇ چاغدا ، ئانا ئۆز ئوغلىنى تونۇپ قېلىپ ، ئۇنى قەتلە قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن شەھەر خەلقى دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىپ ، ئۆز يۇرتىنى قوغداپ قالىدۇ. بۇ ئەسەردە ، بىزنىڭ تېما زۆرۇرىيتى سەۋەبىدىن ، تەھلىل قىلىدىغىنىمىز – يىگىتنىڭ پاجىئەسىدۇر . بۇ ھەقتە ، يېتىلىۋاتقان ياش ئوبزورچىمىز كېرىمجان ئابدۇرېھىم مۇنداق يەكۈن چىقىرىدۇ : 《 بىر قاراشتا ئوغلىنىڭ ئاشۇ بىر قاتار سەرگۈزەشتىلىرىگە ، شۇنداقلا ، پاجىئەلىك ئاقىۋەتكە ئۇنىڭ ئۆزىگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان قىزنى – ھېچكىمگە قىزىقمايدىغان ، ھېچكىمنى ياخشى كۆرمەيدىغان يۇقىرى تەبىقىدىكى شاھ قىزىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى سەۋەبچىدەك كۆرۈنىدۇ . دەرۋەقە ، ئوغلىنىڭ شاھ قىزىنى ياخشى كۆرۇپ قېلىشى ۋە شۇ سەۋەبىدىن ئەقلىدىن ئېزىشى بۇ بىر قاتار ۋەقەلەرنىڭ پاجىئەلەرنىڭ باشلىنىش نوقتىسى ۋە سەۋەپچىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ ، لېكىن ، ھەرگىزمۇ ئاساسلىق مەنبەسى ھېسابلانمايدۇ… ئۇنداق بولسا ئۇنىڭ مەنبەسى زادى نەدە ؟ بۇ مەنبە باشقا يەردە ئەمەس ، بەلكى ، ئوغلىنىڭ ئەقلىدە… ئانا سۆزلىرى ئارقىلىق ئوغلىنى ئەقىل بىلەن ئىش كۆرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ . ئەمما ، ئوغۇل ھېسىياتنىڭ ئېزىقتۇرۇشىدىن قۇتۇلالمايدۇ . ئاخىرى ئەقىلدىنمۇ ئېزىپ ، ئانىسىنى ئۆلتۈرۈشتىن ، ئۆز ۋەتىنىنى باشقىلارنىڭ مۇنقەرز قىلىشىغا ياردەم بېرىشتىن يانمايدۇ . ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن ، ھېچبىر ۋىجدان ئازابى تارىتمايدۇ . ئۇ ئەقىلگە ئېتىبارسىز قارىغانلىقى ، ھېسسىياتنىڭ قۇلى بولۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك ، شۇنداق شەخسىيەتچى ، شۇنداق ياۋۇز ، شۇنداق قارام ھەم شۇنداق نادان بولۇپ كېتىدۇ . 》 (كىرىمجان ئابدۇرېھىم . 《 ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرى ھەققىدە 》 . 91 – 92 – بەتلەر . ) دېمەك ، ئۆتكۈر ئەپەندى بۇ تەپسىلاتلار ئارقىلىق ، يۇقىرقىدەك بىر قاتار پاجىئەلەرگە ئەقىلسىزلىقنىڭ ، نادانلىقنىڭ مەنبە بولغانلىقىنى ، ئىنسان ئەقىلسىز ، نادان بولسا ، ھەر قانداق بالادىنمۇ يانمايدىغانلىقىنى ، ھەتتا ئۆز ئانىسىنى ئۆلتۇرۇشتىنمۇ ، ئۆز يۇرتىنى دەپسەندە قىلىشتىنمۇ يانمايدىغانلىقىنى مۇكەممەل شېئىرىي شەكىل ، تاۋلانغان تىل ، ئىبىرەتلىك ۋەقەلىك ، مۇۋەپپىقىيەتلىك يارىتىلغان بەدىئىي ئوبرازلار ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ ، ئەقىلنى ، ئەقىلنىڭ ، بىلىمنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە موھىملىقىنى يۈكسەك بەدىئىي ماھىرلىق بىلەن كۆرسىتىپ بېرىپ ، بىزنى بىلىم ئېلىشقا ،نادانلىقتىن يىراق بولۇشقا ئۈندەيدۇ .
     ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقىنىڭ يۈكسەك پەللىسى ھېسابلىنىدىغان 《 ئويغانغان زېمىن 》 رومانىدىمۇ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بىلىم ۋە نادانلىق ھەققىدىكى قاراشلىرى ئىنتايىن ماھىرلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان . ئۆتكۈر ئەپەندى بۇ تارىخىي رومانىدا نادانلىق ھەققىدە جىرجىس ھاجى تىلى ئارقىلىق مۇنداق يازىدۇ : 《 … بىز ئۇيغۇرلار تارىختا شانۇ – شەۋكەتلىك ئىشلارنى قىلغان ، ئەقىل- پاراسەتلىك مىللەت بولساقمۇ ، كېيىن ، جەبىر- زۇلۇم ، قۇللۇق ، ئاسارەت تۈپەيلى ، قالاق ، نادان ، قاششاق بىر مىللەتكە ئايلىنىپ قالغانمىز . نادان مىللەتتە مەنىۋىي ئىللەت كۆپ بولىدۇ . پۇلغا ، مەنسەپكە ، خوتۇنغا ھېرىسلىق ، خوراپاتلىققا ئىشىنىش ، يۇرتۋازلىق ، قەبىلىۋازلىق ، ئاچكۆزلۈك ، ئۆز غۇرۇرىنى ساقلىماسلىق ، ھەر كىم ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ ، مىللەتنى ئويلىماسلىق ، خۇلاسە كالام ، نادانلىق ، نادانلىق ۋە يەنە نادانلىق – مانا بۇلار ئۇزاق يىللىق ئاسارەتنىڭ مىللەت روھىغا باسقان مەرەز تامغىسى…》 (34) مانا بۇ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ نادانلىقنىڭ ھەممە پاجىئەنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئاجايىپ قىممەتلىك يەكۈنى . ئۆتكۈر ئەپەندى يەنە مەزكۇر رومانىدا ، پۈتكۈل شىنجاڭنى زىلزىلگە سالغان ، ئازادلىق ، ئەركىنلىك ، ھۆرلۈك يولىدا ياڭ زېڭشىن ، جىن شۇرېن ، شېڭ شىسەيدەك قانخور جاللاتلار ، زوراۋان ، ۋەھشىي ھۆكۈمران كۈچلەرگە قارشى ئېلىپ بىرىلغان قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا نادانلىقنىڭمۇ سەۋەب بولغانلىقىنى مەھمۇت موھىتنىڭ خېتى ئارقىلىق مۇنداق يازغان : 《 بىز بەك ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس ئىشنى باشلىغانىدۇق . بۇ ئىشقا پۈتۈن بارلىقىمىزنى ئاتىغان ئىدۇق . نىيتىمىز خالىس بولغىنى ئۈچۈن ، پۈتكۈل ئەل- يۇرت بىزگە ئەگەشكەن ، ئاللا بىزگە نۇسرەت ئاتا قىلغانىدى . ۋاي ئېست ، ئاخىرى يېڭىلىپ قالدۇق . يېڭىلىشىمىزغا نادانلىقىمىز سەۋەب بولدى . نادانلىقىمىز ۋەجىدىن ئالداندۇق ، ئالداندۇق ، بەكلا ئالداندۇق . دۈشمىنىمىز بۆكىمىزگە جىگدە سالسا ئۇنى تۇيمىدۇق . ھېچكىم بىزدەك ھاماقەت بولماس!…》 ( ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 《 ئويغانغان زېمىن 》 ناملىق تارىخىي رومان . 2- قىسىم . ) ئۆتكۈر ئەپەندى يۇقىرى بايانلىرى ئارقىلىق شۇنچە مەشھۇر ، كەڭ كۆلەملىك ، مۇئەييەن تەشكىلىي ، ماددىي ئاساسقا ئىگە ، خەلقنىڭ قوللىشىغا ، ھېمايىسىگە ، ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشكەن چوڭ قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى نادانلىق ئىكەنلىكىنى يورۇتۇپ بىرىپ ، نادانلىق مەۋجۇت بولغان يەردە مەغلۇبىيەت بولىدىغانلىقى ، ھەر قانچە قۇدىرەتلىك كۈچمۇ نادانلىق ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالسا ، مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى مول تارىخىي ۋەقەلىك ، يۈكسەك بەدىئىي ۋە تارىخىي چىنلىق ئاساسىدا سۈرەتلەپ ، نادانلىقنىڭ ئېغىر زىينىنى ، پاجىئەلىك ئاقىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىپ ، بىزنى نادانلىقتىن قۇتۇلۇشقا ، بىلىم ئېلىشقا ، بىلىم ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ، مىللىتىمىزنى ، خەلقىمىزنى كۈچەيتىشكە ، ۋەتىنىمىزنى گۈللەندۈرۈشكە چاقىرىدۇ .
    شۇنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەككى ، ئۆتكۈر ئەپەندى 《ئۆمۈر مەنزىللىرى》 ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن 《غەزەل》 ماۋزۇلۇق بىر غەزىلىدە 《 ئەقىلسىز تەلۋە دوسىتلاردىن زېرەك دۈشمەن ئىمىش ياخشى 》 دەپ يازىدۇ . ئەلۋەتتە ، دۈشمەن ياخشى بولمايدۇ . ئۇ بىزگە ياخشىلىق ، ئاسايىشلىق تىلىمەيدۇ . ئەكسىچە ، يامانلىق ، قايغۇ – ئازاب ، مەغلۇبىيەت ، ھالاكەت تىلەيدۇ . بىراق ، تارىخىي قىسمەتلەر ۋە ئىبىرەتلىك تۇرمۇش رىئاللىقىدىن شۇ نەرسە ئايانكى، زېرەك دۈشمەن ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ، بىزگە ھاياتلىقنىڭ قىممىتىنى ، كۈرەشنىڭ ئەھمىيتىنى ، زىددىيەتنىڭ رولىنى تونۇتىدۇ . بىراق ، نادان ، ئەقىلسىز ، تەلۋە دوسىتتىن بىزگە كىلىدىغىنى ۋاپا ئەمەس ، بەلكى ، كۆپ ھاللاردا يامانلىق ، خىيانەت ۋە ھالاكەت بولىدۇ . شۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا ، ئۆتكۈر ئەپەندى ئېيىتقاندەك نادان ، ئەقىلسىز ، تەلۋە دوستتىن زېرەك دۈشمەن ياخشى . مانا بۇ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بىلىمنىڭ موھىملىقى ، ئەھمىيتى ، نادانلىقنىڭ زىيىنى ۋە پاجىئەلىك ئاقىۋىتى ھەققىدىكى قارىشىدىكى ئۆزگىچە يەنە بىر يەكۈن .


ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : يازغۇچى توغرىسىدا

      ئۆتكۈر ئەپەندى داڭلىق شائىر بولۇپلا قالماستىن ، ناھايىتى كۈچلۈك دەۋىر روھى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ، پىكىر- ئىددىيىسى چوڭقۇر ، ھېسسىيات – لىرىكىغا باي ، تىلى ئۆزگىچىلىككە ئىگە ، موھىم ئىجتىمائىي ، مەنىۋى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە ئوبيېكتى قىلغان ، بەدىئىي ئوبرازلىرى سىموۋۇللۇق ۋە بىشارەتلىك مەنىگە باي ، ئېستېتىك تۈسى قويۇق ، تىلى چۈشىنىشلىك ، مەنتىقىلىق ، مۇھاكىمىلىك ، قايىل قىلارلىق ، تاللانغان ، تاۋلانغان ، قاپىيىلىك ، ئاھاڭدارلىققا تويۇنغان 《 قاشتېشىغا مەدھىيە 》 ، 《 شېئىر ۋە شائىر 》… قاتارلىق نەسىرلىرى بىلەن ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان نەسىرچىلىكىمىزنىڭ خېلى يۇقىرى سەۋىيىسىنى ياراتقان ھەمدە تارىخ بىلەن رىئاللىقنى ئاجايىپ بەدىئىي دىت بىلەن سەنئەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ بىرلەشتۈرەلىگەن ، تارىخنى ھەقىقىي مەنىدە بەدىئىيلەشتۈرگەن ، تىلى پاساھەتلىك ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بەدىئىي ۋاستىلەر قوللىنىلغان ، تارىخىي چىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ، پېرسۇناژلىرى جانلىق ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ۋە بەدىئىي ئىستېتىك قىممىتى يۇقىرى ، كۆپ تەرەپلىمە مەنە قاتلاملىرى ۋە بەدىئىي يۈكسەكلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ، پېرسۇناژلار خاراكتېرى ئىنچىكە ، نەپىس تەسۋىرلەنگەن ۋە مۇۋەپپىقىيەتچىلىك يارىتىلغان ، چىنلىق تۇيغۇسىغا ۋە ئۆزگىچە خاسلىققا باي بولغان راۋان ، جەلىپكار ، ئۆزگىچە قۇرۇلما ئارقىلىق تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچكە ، بەدىئىي مەپتۇنكارلىققا ئىگە ، مەزمۇن – ئىدىيە جەھەتتىن كۆپ قاتلاملىققا ، شەكىل ، بەدىئىيلىك جەھەتتىن ھەر خىل مۇۋەپپىىقىيەتلەرگە ، يۇقىرى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ، تارىخىي ۋەقەلەر ئەتراپلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ، بەدىئىي ئىپادىلەش ، تەسۋىرلەش سەۋىيىسى يۇقىرى ، بەدىئىي ئوبرازلىرى تارىخيي چىنلىققا ھەم خاراكتېر چىنلىقىغا تويۇنغان ، ئوقۇرمەنلەرنى مول تارىخىى بىلىمگە ئىگە قىلالايدىغان ، مول پەلسەپىۋى پىكىرگە ، تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە 《 ئىز 》 ۋە 《 ئويغانغان زېمىن 》 قاتارلىق داڭلىق تارىخىي رومانلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدە ئۆزىنىڭ مۈكەممەل ، نۇرلۇق مەنىۋى ھەيكىلىنى تىكلەپ ، ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقىنىڭ بۈگۈنكى زاماندىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان تالانتلىق ، شۆھرەتلىك يازغۇچى . ئۇ بۇ مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا ، ئىجادىيەت ئەمەلىيتى ئارقىلىق قىممەتلىك يەكۈن ، پىرىنسىپلارنى ئىسپاتلاپ چىقتى . ئۇنىڭ قارىشىچە ، 《 يازغۇچى بىلىم ۋە غايىنى رەھنامە ، تۇرمۇشنى مەنبە ، تەپەككۇر بىلەن تەسەۋۋۇرنى خەزىنە ، سەمىمىيلىكنى ئىجادىيەت پىرىنسپى ، ئەستايىدىللىقنى مەڭگۈلۈك ئادەت ، تىل ماھارىتىنى قورال قىلىش كېرەك . 》(35) 《 يازغۇچى ياكى سەنئەتكارلارنىڭ مەيدانى ، نوقتىنەزىرى جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى بىلەن بىردەك بولالىغاندىلا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ، تونۇش ۋە ئىپادىلەش كۈچى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاندىلا ، ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتىنى تونۇيالايدۇ ھەم توغرا ئەكىس ئەتتۇرەلەيدۇ 》(36) – دەيدۇ ئۆتكۈر ئەپەندى بىر قېتىملىق سۆھبەتتە يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت قارىشى ھەققىدە توختىلىپ .
      ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ، 《 يازغۇچى ئۆزى يېزىۋاتقان ئەسەرنىڭ ئىچىگە ھىسسىيات جەھەتتىن پۈتۈنلەي كىرىپ كېتىشى لازىم . چۈنكى ، يازغۇچى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ يازغان ئەسەر كىتابخانلارغىمۇ تەسىر قىلالايدۇ . 》(37) شۇندىلا مۇۋەپپىقىيەتلىك ، ياخشى ئەسەر مەيدانغا كىلىدۇ .
     يازغۇچىنىڭ تىلى جانلىق ، ئاممىباب ، چۈشىنىشلىك ، پىرسۇناژلار خاراكتېرى ، ئىجتىمائىي موھىت ۋە پىسخىك خاسلىققا ماس بولۇشى ، مەجازى ۋاستىلەرگە تويۇنغان بولۇشى ، ئۆزى مەنسۈپ بولغان خەلقنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇشى كېرەك . شۇڭا ، بۇ ھەقتە ئۆتكۈر ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ : 《 بەزى يازغۇچىلىرىمىزنىڭ قوللانغان تىلى ئاساسەن دېگۈدەك تەرجىمە تىلى، بىر قىسىم ئەسەردىكى ساۋاتسىز پېرسۇناژلار خۇددى داشۆ (ئالىي مەكتەپ) پۈتتۈرگەن ئەپەندىلەردەك گەپ قىلىدۇ . بۇنداق ھالەتنى تېزرەك تۈگىتىش كېرەك… بىزنىڭ ئەسەرلىرىمىزدە خەلقنىڭ تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى كۆرۈنۈپ تۇرۇشى كېرەك .》 (38)
     ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ، يازغۇچىلار بىلەن ئەدەبىي تەنقىدچىلەر ئۆز- ئارا ، پات – پات سۆھبەتلىشىپ ، سىردىشىپ ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى زۆرۇر . 《 يازغۇچىلار بىلەن ئەدەبىي تەنقىدچىلەرنىڭ ئۆز- ئارا سۆھبىتى ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق .》 (39) 《 ئەدەبىي تەنقىدچى يازغۇچىنىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇرىدۇ. چۈنكى، ئادەتتىكى كىتابخان ئەسەرنى تەنقىدچىدەك چۈشەنمەيدۇ .》(40) ئۇنىڭ بۇ باھاسى ئاڭلىماققا بىر تەرەپلىمە بىلىنسىمۇ ، لېكىن ئەسەرنىڭ قىممىتى ۋە مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى ، ئارتۇقچىلىق ۋە نوقسانلىرىنى ئادەتتىكى كىتابخانغا قارىغاندا ئەدەبىي تەنقىدچىنىڭ چوڭقۇر ھەم تولۇق تونۇپ يېتەلەيدىغانلىقى قايىل قىلارلىق پاكىت ، ئەلۋەتتە .
      ئۆتكۈر ئەپەندى يازغۇچىدا سەمىمىيەت بولۇشىنى تەكىتلەيدۇ . ئۇنىڭ قارىشىچە، 《 سەمىميەت ھەر بىر ھەقىقىي ئىنساندا ، بولۇپمۇ ، پۈتۈن بىر مىللەت ، پۈتۈن بىر جەمئىيەتكە مەنىۋى ئوزۇق بېرىدىغان سەنئەتكاردا كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئالىي پەزىلەت ، ھەقىقىي مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشىشنى خالايدىغان يازغۇچى ئۆزى يېزىۋاتقان ئەسەر ، ئەسەردىكى ۋەقە ۋە پىرسۇناژلار ، ھەممىدىن ئاۋال ياكى ئەڭ موھىمى ئەسەرنىڭ ئالدىدا تۇرغان كىتابخانلار ئالدىدا سەمىمىي بولىدۇ . ھەقىقىي يازغۇچى ئۆزىنىمۇ ، كىتابخانلارنىمۇ ئالدىمايدۇ . ئىجتىمائىي ئەخلاق كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىپ ، سەمىمىيەت دېگەن سۆز ئەنقانىڭ تۇخۇمىدەك ئىسمى ، بار جىسمى يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان جەمىيەتتە ، ھەممە كىشىدىن سەمىمىيەتنى تەلەپ قىلىش گەرچە قۇرۇق خىيال بولسىمۇ ، يازغۇچىلار ، ئومۇمەن ، ھەقىقىي سەنئەتكارلار بۇ ئېسىل پەزىلەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىقى كېرەك . مۇباد ا، يازغۇچى سەمىمىي بولمايدىكەن ، ئۇ ئاسانلا چاندۇرۇپ قويىدۇ . چۈنكى ، يازغۇچى ئەسەرنى ئۆزى ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس ، مىڭلىغان – تۈمەنلىگەن كىتابخانلار ئۈچۈن يازىدۇ . ئەگەر يازغۇچى كىتابخاننى ئالداۋاتقان بولسا ، مىڭلىغان – تۈمەنلىگەن كىتابخانلارنىڭ بىرى بولمىسا بىرى ئۇنى چوقۇم سېزىپ قالىدۇ . دېمەك ، يازغۇچىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىدا سەمىمىيەت ئامىلى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . 》 《 تارىم 》 . 1994- يىل 3- سان. ئا، ئۆتكۈر .《 يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرغا ئوچۇق خەت 》 .

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : شائىر توغرىسىدا

      شېئىرىيەت بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە قەدەم قويۇپ ، تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شېئىر يېزىشنى داۋاملاشتۇرغان ، يۇقىرى ئىددىيىۋىلىككە ۋە بەدىئىيلىككە ، پەلسەپىۋى ھېكمەتلەرگە تويۇنغان مول مەزمۇنغا ، رەڭدار شەكىلگە ئىگە بولغان نادىر شېئىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر قەلبىدە ئۆزىنىڭ شائىرلىق ئوبرازىنى تىكلىگەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى شائىر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ : 《 شائىر – رىئال ھاياتتىن ھاسىل قىلغان ئىدراكى (ئەقلى) تونۇش ۋە بىلىمنى ھېس- تۇيغۇ تىلى بىلەن ، يەنى ، بەدىئىي تەسەۋۋۇر بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈچى سەنئەتكاردۇر 》 . (41)
     ئۇنىڭ قارىشىچە ، شائىر كۆرۈنگەن دەرەخكە قونۇۋېلىپ قاقىلداۋېرىدىغان قاغا بولماستىن ، بەلكى ، كېچىچە تاڭنى چىللاپ تىنمايدىغان ، تاڭ ئاتقاندا ، ئەلنى ئىشقا ، ھاياتقا ، ئەمگەك ۋە ئىجادقا ئۈندەيدىغان تاڭ خورىزى ، شۇڭا ، ئۇنىڭ ھەيكىلى كىشىلەر تەرىپىدىن ئورنىتىلىپ ، ئەتىۋارلىنىدۇ . شائىر باشقىلار نېمىنى ئۆگەتسە شۇنى دورايدىغان ياكى ئۆمۈر بويى دوراشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان تۇتىقۇش ئەمەس ، بەلكى ، ھېچقاچان باشقا قۇشلارنى دورىمايدىغان ، باشقا قۇشلارمۇ دورىيالمايدىغان ، ئۆز تىلى ، ئۆز سۆيگۈسى ، ئۆز تەپەككۇر ۋە ئۆز تۇيغۇسى بار بۇلبۇلدۇر . شائىر كۆرۈنگەنلا گۈلگە قونىۋېرىدىغان ، ھوزۇر – ھالاۋەت ئېلىشنىلا بىلىدىغان كېىنەك ئەمەس ، بەلكى ، ھالاك بولۇشىنى بىلىپ تۇرۇپ نۇرغا بولغان چەكسىز تەشنالىق ئىلكىدە ئۆزىنى ئوتقا ئۇرالايدىغان چىراغ پەرۋانىسىدۇر .
       شائىر- شاھ – سۇلتانلارنىڭ داستىخانلىرى ئەتراپىدا چۆرگىلەپ يۈرىيدىغان مۈشۈك ئەمەس ، بەلكى ، پايانسىز دەشتۇ – باياۋانلاردا ئەركىن كېزىپ يۈرىيدىغان تەمەسىز ، باھادىر ئارىسلاندۇر . ئۇنىڭ بىر ھۆركىرىشىدىن تاغۇ – تاشلار زىلزىلگە كېلىپ ، تۈلكە- بۆرىلەر ، ياۋايى يىرىتقۇچلار ئۆز ھۇشىنى تاپىدۇ . چۈنكى ، ئۇنىڭ تىلىنىمۇ ، دىلىنىمۇ ، سۆيگۈسىنىمۇ ، تەپەككۇرىنىمۇ ، تۇيغۇسىنىمۇ خورىماس كۈچ – قۇدىرىتىنىمۇ ، جەسۇر ئىرادىسىنىمۇ ، قىسقىسى ، بارلىقىنى خەلق بەرگەن . شائىر پەقەت خەلق بىلەنلا شائىردۇر ھەم مەڭگۈلۈك ئۆلمەستۇر . شۇ سەۋەبلىك ، شائىر 1945- يىلى يازغان 《 قەلەمگە 》 ناملىق غەزىلىدە ، قەلەمگە خىتاپ قىلىش شەكلى ئارقىلىق ، شائىرلارنى كۆرگەنلا مۇقامغا يورغىلىماستىن ، بارنى سۆزلەشكە ، ھەقنى كۈيلەشكە ، يوق نەرسىلەرنى بار قىلماسلىققا ، قۇرۇق سەپسەتە ساتماسلىققا ، ھەقىقەتكە سادىق بولۇشقا ، ئەجدادلار روھىنى قۇرۇندۇرماسلىققا ، قەلەمنى ئۆتكۈر قورال قىلىپ ، ئەزگۈچىلەر بىلەن كۆرەش قىلىپ ، يېڭى ئىز قالدۇرۇشقا ، ھۆرلۈك ، ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلسا ، 1968- يىلى 3- مارىتتا يازغان 《 شائىر دوستۇمغا 》 ناملىق مۇۋەششەھسىدە ، شائىرلارنى ئوتلۇق يۈرىكى بىلەن ئەلگە يولباشچى بولۇپ ، ۋەتەن بەختىگە جاراڭلىق كۈي ياڭرىتىشقا ، شۆھرەت تەمەسىدە بولماستىن ، بەلكى ، دەھشەت زىمىستانلارغىمۇ بوي بەرمەيدىغان ، تەمەسىز ، مىننەتسىز ، ئېگىلمەس- سۇنماس قەيسەر قارىغاي بولۇشقا ئۇندىگەن ، قاراڭ : ئۇنىڭ مۇنۇ رۇبائىيلىرىغا :

《 ئەل ئۈچۈن يۈگۈرتسەڭ قەغەزدە قەلەم،
تاغلارنىڭ بېشىغا تىكەرسەن ئەلەم
ۋە لېكىن سۇ قوشۇپ قويساڭ سىياھقا،
ئىزلىرىڭ تېز ئۆچۇپ چېكەرسەن ئەلەم. 》 .(46)

    شائىر بۇ رۇبائىيسىدا ، ئەل ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەنلەرنىڭ بەھەيۋەت ، بۈيۈك تاغلارنىڭ بېشىغا مەڭگۈ يىقىلماس بايراق قادىيالايدىغانلىقىنى ، ئەمما ، ساختىلىق ، يالغانچىلىق ، ھىيلىگەرلىك قىلغان ئالا كۆڭۈللەرنىڭ ئىزىنىڭ تېزلا ئۆچۇپ كېتىدىغانلىقىنى ، قەلەم ئىگىسىنى ھەسرەتكە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى ئېچىپ بەرگەن .
    ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شائىر ھەققىدىكى قارىشىدا مۇنداق بىر ئەڭ قىممەتلىك يەكۈنى بار . ئۇ بولسىمۇ ، شائىر خەلققە مەڭگۈ سادىق بولۇشى ، خەلق ئۈچۈن يېزىشى ، خەلق ئۈچۈن ياشىشى ، خەلقنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ ، كۈلكىسىنى كۈلۈپ ، دەردىگە دەرمان بولۇشى كېرەك .
    بۇ ھەقتە ، خەلقپەرۋەر شائىر ، خەلقپەرۋەر يازغۇچى ئۆتكۈر ئەپەندى مەشھۇر نەسىرى 《شېئىر ۋە شائىر 》دا مۇنداق يازىدۇ : 《 شائىر پەقەت خەلق بىلەن ، پەقەت خەلق بىلەنلا شائىردۇر ھەم مەڭگۈ ئۆلمەستۇر .》(47) شائىرنىڭ قارىشىچە ، دۇنيادا ئىككى نەرسە ئۆلمەيدۇ . ئۇنىڭ بىرى خەلق ، يەنە بىرى ھەقىقەت . ھەر قانداق شائىر ھەر ۋاقىت خەلققە سادىق بولسا ، خەلققە ئۆزىنى بېغىشلىيالىسىلا ، ئۇنىڭ نامى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ . ئۇ خەلق بىلەن مەڭگۈ ياشايدۇ . مانا بۇ شائىرنىڭ سانسىز شائىر – ئەدىبلەرنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ھاياتى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىققان مەشھۇر يەكۈنى .
   مۆھتىرەم شائىر ئۆتكۈر ئەپەندى شائىر ھەققىدە قۇرۇق گەپ سېتىشتىن ساقلىنىپ ، يۇقىرى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە يۇقىرقىدەك يەكۈنلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ، ئۆزى ھايات ئەمەلىيتى بىلەن بىرلەشتۈردى . شۇڭا ، 《 ئۇ ئەدەبىيات سېپىگە ئەڭ دەسلەپ شېئىرىيەت بىلەن كىرىپ كەلدى ھەم شېئىر يېزىشنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ جەھەتتىكى مۇۋەپپىقىيەتلىرى بىلەن دەۋرىمىزدىكى مەشھۇر شائىرلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە تونۇلدى . ئىجادىيىتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىلا ئىسمى – جىسمىغا لايىق ئۆتكۈر شائىر ئاتىلىپ ، بۇ شەرەپلىك نامنى ئۆمۈر بويى ساقلاپ كەلدى .》 ( كېرىمجان ئابدۇرېھىم . 《 ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرى ھەققىدە 》 ناملىق كىتاب . 22-23- بەتلەر . ) ئۇنىڭ ھاياتى خەلق بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەچكە ، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى خەلققە بېغىشلىغاچقا ، ئىزگۈ نامى خەلق بىلەن مەڭگۈ ياشايدۇ ، تارىخنىڭ ئالتۇن قۇرلىرىغا پۈتۈلىدۇ ، ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ .


ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : شېئىر توغرىسىدا

      شائىرنىڭ شېئىر ھەققىدىكى پىكىرلىرىمۇ خېلى مۈكەممەللىككە ، تېرەنلىككە ئىگە ، 《 شائىرنىڭ قىممىتى – شېئىردا ، شېئىرنىڭ قىممىتى بولسا ، ئۇنىڭدىكى پىكىر ، يەنى ، مەنە ۋە ئېستېتىك ئامىللاردا ئىپادىلىنىدۇ .》(48) دەپ يازىدۇ شائىر ئۆزىنىڭ بىر ماقالىسىدە . شائىرنىڭ قارىشىچە : 《 شېئىر – كىشىلەرنى ماددىي ھاياتتىن يۇقىرى دەرىجىدىكى يۈكسەكلىككە باشلايدىغان رەھنامە .》(49) 《 شېئىر – ئاخىرقى ھېسابتا يەنە كىشىلەرنى تەربىيلىگۈچى بەدىئىي ۋاستە .》 شېئىر – ھۆسنى، پۇرىقى ، تىكىنى ۋە يوپۇرمىقى بار گۈل . ئۇ ھۆسنى بىلەن دىللارنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ ، پۇرىقى بىلەن جانغا راھەت ۋە ھوزۇر بەخىش ئېتىدۇ . ئىشىق ئەھلى ئۇنى قۇلاققا قىسىدۇ ياكى گۈلدەستە ياساپ ، جانانىغا سوۋغا قىلىدۇ . ياۋا توڭگۇزلار ئۇنىڭغا تۇمشۇقىنى سوزۇپ يېمەكچى ، ئۈزمەكچى ، تالان – تاراج قىلماقچى بولسا ، تىكىنى ئۇنىڭ بۇرنىغا سانجىلىپ قانىتىدۇ . شېئىر كېچىسى پارقىراپ كۆرۈنگەن بىلەن نە ئىسسىقى ، نە يورىقى تەگمەيدىغان ئاسماندىكى يۇلتۇز ئەمەس ، بەلكى ، كېچە زۇلمىتىدە ئىنسانغا يول كۆرسەتكۈچى مەشئەل ياكى پايانسىز دەشتىلەرنى يورۇتۇپ ، سوغۇقتىن تىتىرىگەن تەنلەرگە ئارام بەرگۈچى گۈلخاندۇر . شېئىر كۆرۈنگەن بىلەن قوغلاپ يەتكىلى بولمايدىغان ئالۋۇن ياكى ئاڭلىغانسېرى كىشىنى ئۈگدەك باسىدىغان ھاپىزنىڭ ناخشىسى ئەمەس ، بەلكى ، تەشنالارغا ئارام ، دەردمەنلەرگە داۋا ، بىمارلارغا شىپا ، غەمكىنلەرگە شادلىق ، ئاجىزلارغا ئۈمىد ۋە كۈچ بەخىش ئەتكۈچى قاينام بۇلاق ، شېئىر – ئاۋازى جاھاننى تىتىرىتىپ ، خارامۇش كۆڭۈللەرنى ئويغىتىدىغان ، ئەبەدىي ھاياتقا چاقىرىدىغان گۈلدۈرماما .
     ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆز ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان ئېسىل شېئىرلارنى يېزىش بىلەن بىرگە يەنە ئىزچىل ھالدا شېئىرىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان . بىز ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنى كۆرگىنىمىزدە، شۇنى ھېس قىلالايمىزكى ، بەزى ماقالىلىرىدا مەخسۇس شېئىرىيەت ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولسا ، بەزى ئەسەرلىرىدە باشقا ئەدەبىيات ھادىسىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ شېئىرىيەت ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەسىلەن: ئۆتكۈر ئەپەندى 《 ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئارزۇ ۋەزنى توغرىسىدا 》، (50) 《 رۇبائىي ۋە ئۇنىڭ كېلاسسىك نەمۇنلىرى 》 (51) ، 《 ئۇيغۇر شېئىرىيتىنىڭ رۇبائىي ژانىرى توغرىسىدا 》(52) ، 《 ئۇيغۇر شېئىرىيتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى توغرىسىدا 》 (53) ، 《 ئۇيغۇر شېئىرىيتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشكە دائىر بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە قاراشلىرىم 》 (54) قاتارلىق ئىلمىي لېكسىيىلىرى ۋە ماقالىلىرىدە ، ئۇيغۇر شېئىرىيتىنىڭ ئەنئەنىۋى شەكىللىرىدىن رۇبائىي ، غەزەل ، تەخمىس ، تۇيۇق قاتارلىقلار توغرىسىدا چوڭقۇر تەھلىل – تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ، مۇپەسسەل مەلۇمات بەرگەن . كىتابخانلارنى ئارۇز ۋەزنى ھەققىدە مول بىلىمگە ئىگە قىلغان ، ئۇيغۇر شېئىرىيەت تارىخىنى مۇپەسسەل شەرھىلەپ ، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇپ ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان ھەمدە بۇ تەتقىقات نەتىجىللىرى ئارقىلىق ، مول قىممەتكە ئىگە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان . 《 چاغاتاي ئەدەبىياتى ۋە ئارزۇ ۋەزنى 》(55) ، 《 قەدىمكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى پارلاق نامايەندە – قۇتادغۇبىلىك 》(56) ، 《يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى 》(57) ، 《 قۇتادغۇبىلىكنىڭ شېئىرىي قىممىتى 》(58) ، 《 ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىجادىيىتىنىڭ بەدىئىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى توغرىسىدا 》(59) ، 《 يىپەك يولىدىكى ناخشا ئاۋازى 》 (60) قاتارلىق ماقالىلىرىدە ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۇنياغا مەشھۇر كېلاسسىك ئەسىرى 《 قۇتادغۇبىلىك 》 ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى ھەققىدىكى تەتقىقاتىغا بىرلەشتۈرۈپ ، ئۇيغۇر شېئىرىيتىدىكى ئارزۇ ۋەزنى ۋە باشقا ئەنئەنىۋى شېئىر شەكىللىرى توغرىسىدا قايىل قىلارلىق ، قىممەتلىك ، مۈكەممەل تەتقىقات ئېلىپ بارغان ، ئۇيغۇر شېئىرىيەت تارىخىنى ئىشەنچلىك پاكىتلار ، مول ماتېرىياللار ئارقىلىق سېستىمىلىق شەرھىيلەپ بەرگەن . بۇ جەرياندا شائىر ، يازغۇچى ، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ، تارىخچى ، ئالىم ئۆتكۈر ئەپەندى شېئىرىيەت ھەققىدە ئۆز ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ بىر قاتار كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان .
     شائىرنىڭ قارىشىچە ، 《شېئىر – شائىر ياشىغان رىئال تۇرمۇشنى يۈكسەك دەرىجىدە ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىشى كېرەك . رېئال تۇرمۇشىن ئايرىلىپ قالغان شېئىرنىڭ ئەھمىيتى بولمايدۇ .》(61) شېئىر رېئاللىقنى مەنبە قىلىشى ، رېئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈشى ، رېئاللىقنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۆز قۇدرىتىنى ، سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلىش كېرەك .
    شائىر شېئىرنىڭ بەدىئىيلىكىگىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن . ئۇنىڭ قارىشىچە ، 《 پىكىر – شېئىرنىڭ جېنى . بىراق، يالىڭاچ بېرىلگەن پىكىر شېئىر بولىۋەرمەيدۇ . پىكىر (مەنە) بەدىئىي تۈسكە كىرگەندىلا شېئىر بولالايدۇ . بەدىئىي تۈس پەقەت مەجاز (مېتفورا)لار ياردىمى بىلەنلا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ . شۇڭا ، مەجاز – شېئىرنىڭ قېنى ، ۋەزىن ۋە قاپىيىلەر ئۇنىڭ ھۆسنى ۋە پۇرىقى دېيىلىدۇ . 》 (62) 《 بىر پارچە شېئىر قاپىيە بولسىلا ياخشى بولۇپ كەتمەيدۇ . شېئىرنىڭ جېنى – پىكىر ۋە ھېسسىياتتا . 》(63) 《 بىرەر مەركىزىي پىكىر ، يېڭى ، مەنىلىك پىكىر تۇغۇلمىغىچە شېئىر مەيدانغا كەلمەيدۇ . ناۋايى ، ئابدۇللا توقاي ، چۈيۈەن قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئەڭ ياخشى شېئىرلىرى مۇستەقىل پىكىردىن تۇغۇلغان . ھەتتا ، ياشلارنىڭ گۇڭگا شېئىرلىرىغىمۇ مەنىلىك بىرەر پىكىر يوشۇرۇنغان . مۇنداق پىكىر يالىڭاچ ئېيتىلماي ، بەدىئىي ماھارەت ، پوئىتىك ئۇسۇل بىلەن ئېيتىلسا ، كىتابخانلارغا قاتتىق تەسىر قىلىدۇ . بۇ يەردە مەجازى ۋاستىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ناھايىتى موھىم .》 (64)
       شائىر شېئىر تىلى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ : 《 شېئىرنىڭ تىلى نەسرىي ئەسەرنىڭ تىلىغا قارىغاندا پىششىق ، ئىخچام بولۇشى ، شېئىردا بىرمۇ ئارتۇق ياكى ئورۇنسىز ئىشلىتىلگەن سۆز بولماسلىقى لازىم .》 (65) 《 شېئىرلار مەيلى قايسى خىل شەكىلدە يېزىلسۇن ، خەلق چۈشىنىدىغان ، ھېچبولمىسا ، بىر قىسىم خەلق چۈشىنىدىغان بولۇشى لازىم . ئۆزىدىن باشقا ئادەم چۈشەنمەيدىغان شېئىرلارنىڭ نېمە قىممىتى بولسۇن ؟ 》 . (66) شائىر شېئىرلارنىڭ چۈشىنىشلىك تىل ، يۇقىرى بەدىئىيلىك ، مۈكەممەل شەكىل ، مول مەزمۇنغا ئىگە بولۇشنى تەكىتلەيدۇ . بولۇپمۇ ، ئۇ شېئىرنىڭ تىلىغا ئەھمىيەت بىرىشنى كۆپرەك تەلەپ قىلىدۇ . ئۇ شېئىر تىلىنىڭ خەلق تىلى بولۇشىنى ، خەلقنىڭ قەلىب ساداسىنى ئىپادىلەپ ، خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان ، جېنىغا جان ، قېنىغا قان بولۇشىنى ، شۇنداق بولغاندا ، ھەقىقىي خەلق شائىرى بولالايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ . ئۇ بىر ماقالىسىدە مۇنداق يازىدۇ : 《 ئەدەبىيات تىل سەنئىتىدۇر . بىراق ، ئەدەبىياتنىڭ شېئىرىيەت ژانىرى شائىردىن ئۆزىنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىنى لۇغەتتىن تېپىلىدىغان سۆزلەر بىلەن خاتىرىلەپ قويۇشىنى ئەمەس ، ئوبرازلىق تىل بىلەن يارىتىپ بېرىشنى ، يەنە ، ئوبرازلاشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ . شائىرنىڭ تىل ئۇسلۇبى قانچىكى ئاددىي ھەم خەلقچىل بولسا ، ئۇنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرى خەلققە شۇنچە ئاسان ئۆتۈپ ، چوڭقۇر سىڭىدۇ .》 (67) شائىرنىڭ قارىشىچە ،《 شېئىر – ئۇدۇل ئېيتىلىدىغان نەسىرى ئەسەر ئەمەس . ئۇ مەنىنى مۇمكىنقەدەر يالىڭاچ ئېيتماي ، تۈرلۈك مەجازى (مىتافورا) ۋاستىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەش سەنئىتى . لېكىن ، شېئىر ھەر قانچە مەجازىلاشتۇرۇلغان (مەنا يوشۇرۇن بېرىلگەن) تەقدىردىمۇ ، شائىرنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى كىتابخان چۈشىنەلەيدىغان ، ھېچبولمىغاندا ھېس قىلالايدىغان بولۇشى لازىم . مۇبادا ئۇنى ھېچكىم چۈشىنەلمىسە ، بۇنى ياسالما تېپىشماق دېيىشتىن بۆلەك چارە يوق . ھالبۇكى ، تېپىلمايدىغان تېپىشماقنىڭ بولۇشى مومكىن ئەمەس . 》 (68)
      ئۆتكۈر ئەپەندى ئىزچىل تۈردە شېئىرىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، يۇقىرقىدەك بىر قاتار قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ چىقىپ ، ئۆز ئەمەلىيتى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىقتى . شۇڭ ا، شېئىرلىرى دەۋىر سىناقلىرىدىن ئۆتكەن ، خېلى يۇقىرى ئىددىيىۋىلىككە ۋە بەدىئىيلىككە ئىگە بولغانلىقى ، كۆپ تەرەپلىمە قىممەتنى ئۆزىدە مۈجەسسەملەشتۈرگەنلىكى ، مەزمۇنى چوڭقۇر ، قىممىتى ، ئەھمىيتى ، يېقىشلىقلىقى ھەم ئۈنۈمى كۈچلۈكلۈكى ، تىلى پاساھەتلىك ۋە چۈشىنىشلىك ، پەلسەپىۋى ھېكمەتكە تويۇنغانلىقى ، دېداكتىكىغا بايلىقى، شەكىل جەھەتتىكى نەپىسلىكى ، مۈكەممەللىكى ، ۋەتەن ۋە خەلقنى ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسى قىلغانلىقى ، قويۇق مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە ، دەۋىر روھىغا باي ، كېلاسسىك شېئىرىيەت ئەنئەنىسىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلغانلىقى ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىدىن ئوزۇقلانغانلىقى ، ئىجتىمائىي ئېستېتىك ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقى ، ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچىلىكى… قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بىلەن يالغۇز شائىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىدىلا ئەمەس ، بەلكى ، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ قىممەتلىك موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ ھەم ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلىرى ئارىسىدا ياخشى باھاغا ۋە ئومۇمىي ئېتىراپقا ئىگە. ئۇنىڭ 《 ئىز 》 ، 《 ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس 》 ، 《 مۇزلىغان شەھەر 》 ، 《 خەجلە ، خائىنلار ، خەجلە 》 ،《 سەجدىگاھىمغا 》 ، 《 مەن ئاق بايراق ئەمەس 》… قاتارلىق بىر قاتار شېئىرلىرى ، رۇبائىيلىرى ، 《 قەشقەر كېچىسى 》 ، 《 ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك 》 ، 《 گۈل ۋە ئازغان 》 قاتارلىق داستان- باللادىللىرى يۇقىرىقى پىكىر ۋە باھالىرىمىزنىڭ شاھىدى ، ئەلۋەتتە .


ئۆتكۈر ئەپەندى : ياشلىقنىڭ قىممىتى

      ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ، ياشلىق – ئۆمۈرنىڭ تۈنجى باھارى ، ھاياتنىڭ گۈل بېغى ، سۆلىتى ھەم يۆلەنچۈكى . ياشلىق تېنىم تاپمايدىغان ، تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان پەيت ، ھايات بىر قاچا سۈت بولسا ، ياشلىق ئۇنىڭ قايمىقى ۋە يېغى .
     ئۆتكۈر ئەپەندى ياشلىقنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك ، قەدىرلىك چاغ ئىكەنلىكىنى ، كەتسە قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ، شۇڭا ، ياشلىقنى ئىنتايىن قەدىرلەش لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ . ئۇ بۇ ھەقتە 《 گۈل ئەمەسكەن ياشلىقىم 》 ناملىق شېئىرىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ :

《گۈل ئەمەسكەن ياشلىقىم توزىسا يەنە ئاچلىغىلى،
ياكى كۈزدە تۇرنىدەك كەتسە ، باھاردا يانغىلى . 》(69)

      دەرھەقىقەت، گۈل كۈندە توزىسا ، باھاردا يەنە ئېچىلىدۇ . تۇرنىلار كۈزدە ئۇچۇپ كەتسە ، باھاردا يەنە قايتىپ كېلىدۇ . بىراق ، ياشلىق توزىسا ، قايتا ئېچىلمايدۇ ، كەتسە قايتىپ كەلمەيدۇ . مانا بۇ ئۆتكۇر ئەپەندىنىڭ ياشلىق ھەققىدىكى ئوبرازلىق ، قىممەتلىك يەكۈنى . ئۇنىڭ قارىشىچە ، ئىنساننىڭ پۈتۈن ئۆمرىنىڭ قانداق ئۆتۈشى ياشلىققا باغلىق . يەرگە نېمە تېرىساڭ ، شۇنىڭغا ئېرىشكەندەك ، ياشلىقتا قانچىلىك ئەجىر قىلساڭ ، قانچىلىك تەر تۆكسەڭ ، كېيىنكى ئۆمرۈڭدە شۇنىڭغا لايىق نەتىجىگە ئېرىشىسەن . بۇ ھەقتە ئۆتكۈر ئەپەندى بىر رۇبائىيىسىدا مۇنداق يازىدۇ :

《 ياشلىق – ئۆمۈرنىڭ تۈنجى باھارى،
باھارغا باغلىقتۇر بىر يىلنىڭ كارى.
نېمە چاچسا يەرگە باھاردا دېھقان،
شۇنىڭ بىرلە توشقاي كۈزدە تاغارى . 》 (70)
     شۇڭا ، شائىر ئۆتكۈر ، يالقۇنلۇق مىسرالىرى بىلەن ياشلارنى ۋاقىتنى بىھۇدە ئىشلارغا سەرىپ قىلماي ، ياشلىقنى قەدىرلەش ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ ، بىلىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەش ، خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ ، ياشلىقنى ھەقىقىي نۇرلاندۇرۇشقا چاقىرغان .

ئۆتكۈر ئەپەندى : ۋەتەننىڭ مۇقەددەسلىكى
    ۋەتەنپەرۋەرلىك تارىختىن بۇيان سانسىزلىغان ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيتىنىڭ باش تېمىسى ، شۇنداقلا ، ئىنسانىيەت ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك يارقىن مېلودىيىسى ، دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ، سېھىرلىك تۇيغۇ ، گۈزەل ھېسسىيات بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدىمۇ موھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
    ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ، ۋەتەن ئىنساننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسىي ، ئىنسان ئۆز ۋەتىنى بولغاچقىلا ، ئۆز ۋەتىنى باغرىدىلا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلالايدۇ ۋە ساقلاپ قالالايدۇ . ۋەتەندىن ئايرىلسا، ۋەتىنىنى تەرك ئەتسە ، مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىدۇ . مۇنۇ رۇبائىي بۇ پىكىرىمنىڭ روشەن دەلىلىدۇر :

《 قاياشتۇر ئاي بىلەن قۇياش ئۆمۈربات،
قۇياشسىز قالسا ئاي بولۇر زۇلۇمات.
ھاياتىم بۆشۈكى شۇ ئانا ۋەتەن،
ۋەتەنسىز نە قىلسۇن بۇ تەندە ھايات . 》 (71)

        ئۆتكۈر ئەپەندى ۋەتىنىنى ئىنتايىن ئۇلۇغلىغان . ئۇ ئۆز يۇرتىنى ھەتتا ، بارلىق دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۇلۇغلاپ ، تەلپۈنىدىغان كەئىبىدىنمۇ مۇقەددەس دەپ بىلگەن . ئۇنىڭ قارىشىچە ، ھەر كىمنىڭ تۇغۇلغان ، ئۆسۈپ يېتىلگەن ، ياشاۋاتقان ۋەتىنى دۇنيادىكى ھەر قانداق ئۇلۇغ ماكاندىنمۇ ئۇلۇغ . ئۇ بۇ ھەقتە ، ۋەتەن مەدھىيلەنگەن، ۋەتەن ئۇلۇغلانغان ئەڭ ئېسىل قەسىدىسى 《 سەجدىگاھىمغا 》 ناملىق شېئىرىدا مۇنداق يازغان :

《 ئەگەر رەشىك ئەيلىسە مەيلى ئەرەب يۇرتىدىكى كەئبە،
مۇشۇ تۇپراق – ئانا تۇپراق مۇقەددەس سەجدىگاھىمدۇر.
كۆڭۈل مۈلكىدە جاي يوقتۇر سېنىڭدىن ئۆزگىگە مۇتلەق،
قەساميادىم ئۈچۈن مىسكىن مېنىڭ ئۆلمەس گۇۋاھىمدۇر . 》 (72)

مانا بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىپادىسى ئەمەسمۇ ؟ ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆز ۋەتىنىنى جەننەتتىنمۇ ئارتۇق كۆرىدۇ . ئۇ ھەر قانداق ئىنسان ئۈچۈن ئۆز ۋەتىنى ھەممىدىن ياخشى ، شۇڭا ئىنسان بېشىغا ھەر قانچە كۈپەت ، مالامەت يەتسىمۇ ، ئۆز ۋەتىنىگە ، ئانا دىيارىغا قىلچە ۋاپاسىزلىق ، قارا كۆڭۈللۈك قىلماسلىق كېرەك دەپ قاراپ ، 《 ياخشى 》 ناملىق شېئىرىدا مۇنداق يازغان :

《نە ھاجەت جەننەتۇل مەئۋا ، ۋەتەننىڭ قوينى بىر جەننەت ،
بېلىق دەريادا ئەركىندۇر ، لاچىنغا كەڭ ساما ياخشى.
مالامەت يەتسىمۇ بەزەن دىلىمغا ئۆز دىيارىمدا،
بوسۇغتىن دالجىماس ئىتتەك ماڭا ئەھدۇ- ۋاپا ياخشى. 》(73)

     ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆزىنىڭ 《 مەن ئاق بايراق ئەمەس 》 ناملىق شېئىرىدىمۇ ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ، ۋەتەننى قوغداش ئىرادىسىنى 《 خانتەڭرى 》 ئوبرازى ئارقىلىق ئىنتايىن جانلىق ئەكىس ئەتتۈرگەن . 《 يىراقتىن خەت 》 ناملىق شېئىرىدا بولسا ، ۋەتەندىن ئايرىلغىنىغا ئۇزاق يىللار بولغان ، ۋەتىنىنى شۇنچە سېغىنغان بىر مۇھاجىرنىڭ تىلى ، ھېسسىياتى ئارقىلىق ، دۇنيادا ۋەتەندىن ئۇلۇغ ، ۋەتەندىن مۇقەددەس يەر يوق ، ھەقىقىي بەخت ، ھەقىقىي بايلىق ۋە ھەقىقىي خاتىرجەملىك پەقەت ۋەتەن قوينىدىلا ئاندىن رېئاللىققا ئايلىنىدۇ ، دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن . ئۇ يەنە ، ئەگەر كىمىكى ۋەتەن ئىشقىنى قەلبىگە پۈكۈپ ، ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىسا ، ھەر قانداق مۈشكۈلمۇ ئاسان بولىدۇ دەپ قاراپ ، 《 تېخى كۆپ ئىمتىھان شۇنچە 》 ناملىق شېئىرىدا مۇنداق دەپ يازغان:

《 كىمكى باغلىسا مەڭگۈ ۋەتەنگە ئىشقىنى بىشەرت،
نى مۈشكۈل ئىمتىھانلارمۇ بولۇر قەتئىي ئاسان شۇنچە . 》(74)


ئۆتكۈر ئەپەندى : خەلقپەرۋەرلىك توغرىسىدا


     ئۆتكۈر ئەپەندى 《 تەخمىنەن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك شۇغۇللانغان ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا بېغىشلاپ، خەلقنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرىنى ، تۇرمۇشى ۋە ئىددىيىۋى ھېسسىياتىنى بەدىئىي يۈكسەكلىكتە كۆرسىتىپ بېرىشكە تېرىشقان ۋە ئەجرىگە لايىق زور مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكەن . ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆزىنىڭ يىرىك ئەسەرلىرىدە خەلقنىڭ دەردى ئۈچۈن يىغلاپ ، خۇشاللىقى ئۈچۈن كۈلگەن ؛ خەلقنىڭ ئۆتمۈشتە باشتىن كەچۈرگەن كۆڭۈلسىز قىسمەتلىرى ئۈچۈن ئېچىنىپ ، گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرىنى كۈيلىگەن : شۇنداق قىلىپ ، خەلقنى ئۇلۇغلاپ ، خەلقنى مەدھىيلەش – ئۆتكۈر ئەپەندى ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسلىق تېما ئالاھىدىلىكىگە ئايلانغان ، مانا شۇ سەۋەبتىن ، خەلققە بارلىقىنى بېغىشلىغان بۇ سۆيۈملۈك ئوغلانغا خەلقىمىزمۇ ئۆز قەلبىدىن ، ئەدەبىيات مۇنبىرىدىن ۋە ئىلىم ساھەسىدىن ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن .》 ( كېرىمجان ئابدۇرېھىم . 《 ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرى ھەققىدە 》 ناملىق كىتاب . 1- بەت .)
     شائىرنىڭ قارىشىچە ، بۇ دۇنيا ھېچكىمگە مەڭگۈلۈك باقىي ئەمەس . ئىنسانلار پەقەت بۇ دۇنياغا كېلىپ – كېتىدىغان كارۋان . ھەممە ئۆتۈپ كېتىدۇ . تارىخنىڭ سەھنىسىدە يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ، ھەر قانداق مەشھۇر سەلتەنەتمۇ ئۆز ھەيۋىتىنى يوقىتىدۇ . بىراق ، پەقەت خەلقلا مەڭگۈ دەۋران سۈرىدۇ . ئۇ بۇ ھەقتە ، ئۆزىنىڭ پۈتكۈل شېئىر ئىجادىيىتىدىكى ، جۈملىدىن ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان شېئىرىيتىدىكى نادىر شېئىرلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان《 ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس 》 ناملىق شېئىرىدا مۇنداق دەپ يازغان :

《جاھان باقى ئەمەستۇر ، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كېلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بېھېساب كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا ، كېچەر دۇنيا ، پەقەتلا خەلق سۈرەر دەۋران،
ئۆمۇر مەنزىلىدىن تاپتىم نىھايەت شۇ ھەقىقەتنى . 》(75)

   مانا بۇ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئۆزىنىڭلا ئەمەس ، سانسىز ئىنسانلارنىڭ ئۆمۈر مەنزىلىدىن يەكۈنلەپ چىققان قىممەتلىك يەكۈنى ۋە مەڭگۈلۈك ھەقىقەتتۇر .ئۆتكۈر ئەپەندى : جاھاندا ئىككى نەرسە ئۆلمەيدۇ ، بىرى – خەلق ، يەنە بىرى – ھەقىقەت . ئەگەر سەن ئەلگە سادىق بولساڭ ، ئەل ئۈچۈن ، خەلق ئۈچۈن ئەجىر قىلىپ ، تۆھپە قوشساڭ ، خەلق چوقۇم ئەجرىڭگە لايىق جاۋاب قايتىدۇ دەپ قاراپ ، مۇنداق يازىدۇ :

《 نى ئەرلەر كەچتى قان ، يەنە قان كېچەر ،
ئەل بەختى يەنە كۆپ قان – تەرنى تىلەر .
ھەر قانچە تەر تېمىپ بولۇپ بىر ئۆستەڭ،
قاندۇرساڭ چۆللەرنى ، ئەل ئەجرىڭ بېرەر .》 (76)

    شۇڭا ، ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆزىنى خەلققە بېغىشلىغان ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھايات ئەمەلىيتىنى ئارقىلىق ، بېشىغا ھەر قانچە بالايىئاپەت كەلسىمۇ ، خەلققە خىيانەت قىلماسلىقنى ، خەلقتىن ئايرىلماسلىقنى ، ئۆزىنىڭ خەلقسىز ياشىيالمايدىغانلىقىنى مۇنداق ئىزھار قىلغان :


《 بۇلبۇل ئېيتۇر : گۇلزارىمدىن ئايرىلما ،
لىچىن ئېيتۇر : قاناتىمنى قايرىما .
مەن ئېيتۇرمەن : بېلىق سۇسىز نەقىلسۇن ؟
مېنى خەلقىم قۇچاقىدىن ئايرىما .》(77)

     قاراڭ : ئىنسان بىر بۇلبۇل بولسا ، ۋەتەن بىر گۈلزاردۇر . ئىنسان بىر لاچىن بولسا ، خەلق ئۇنىڭ قانىتىدۇر . ئىنسان بېلىق بولسا ، خەلق سۇدۇر . بۇلبۇل گۇلزاردىن ، لاچىن قانىتىدىن ، بېلىق سۇدىن ئايرىلسا ، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىدۇ . شۇڭا ، ھەر بىر ئىنسان خەلقنىڭ ئىللىق قۇچىقىدىن مەڭگۈ ئايرىلماسلىقى لازىم . مانا بۇ خەلقنى ئۇلۇغلاش ھەققىدىكى يەنە بىر ئېسىل لىرىك ناخشا ئەمەسمۇ !


ئۆتكۈر ئەپەندى : ئەنئەنە ۋە يېڭىلىق توغرىسىدا


      ئۆتكۈر ئەپەندى يېتۈك شائىر ۋە يازغۇچى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ، يەنە ، ئۆز نۆۋىتىدە ئىلىم ساھەسىدە ئومۇمىي ئېتىراپقا ھەم كاتتا ھۆرمەتكە ئېرىشكەن ، دەۋىرىمىزدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى داڭلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ، سېلىشتۇرما ئەدەبىياتشۇناسلىق ، تىلشۇناسلىق ، كېلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى ، قۇتادغۇبىلىكشۇناسلىق….. قاتارلىق ساھەلەردە يۇقىرى قىممەتكە ئىگە تەتقىقات ماقالىلىرى ، ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن ئۆزىگە خاس قىممەت ياراتقان ھەمدە يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىللار ، ئەدەبىي مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ھەققىدە نوپۇزلۇق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان . ئۇنىڭ ئەنئەنە ۋە يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى ئىدىيىۋى قارىشىمۇ يۇقىرى قىممەتكە ئىگە .
     ئۇنىڭ قارىشىچە ، 《 ئەنئەنە دېگەنلىك – قەدىمكى شەكىلنىلا ساقلاش دىگەنلىك ئەمەس . يېڭى شەكىللەرنى ئېلىپ كىرىشكە بولىدۇ . لېكىن ، ھەر قانداق شەكىل مەزمۇن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ . ئەنئەنە شەكىل ھەم مەزمۇندا ئىپادىلىنىدۇ . 》(78) ئۆتكۈر ئەپەندى ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا ، يېڭىلىق يارىتىشنى ، تېخىمۇ مۈكەممەللىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ . شۇڭا ، ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ : 《 ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە (جۈملىدىن مەدەنىيەت مىراسلىرىغا) قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسى ئەمەلىيەتتە ، قەدىمكىنى بۈگۈنكى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش مەسلىسى ، يەنى ، مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قانداق تەدبىق قىلىش مەسلىسى…. مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ بۈگۈنكى ئەمەلىي ئېھتىياجىغا مۇناسىپ كېلىدىغانلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ، مۇناسىپ كەلمەيدىغانلىرىنى دادىللىق بىلەن شاللىۋېتىش لازىم . 》 (79) ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ، 《 ئەنئەنىگە قەتئىي ھۆرمەت قىلىش كېرەك . بۇ چوقونۇش ئەمەس . ئەگەر ئەنئەنىنى ئەينەن ساقلايمىز دېسەك مۇتەئەسسىپلىك بولىدۇ . ئەنئەنىنى ئىنكار قىلىش قاتتىقراق ئېيىتقاندا جىنايەت بولىدۇ . بىز پەقەت ئەنئەنىلەرنىڭ مۇنەۋۋەر تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ، يېڭىلىق يارىتىشىمىز لازىم. بىزنىڭ ياراتقان يېڭىلىقلىرىمىزمۇ مىللىي ئەنئەنە پۇرىقىدا بولۇشى لازىم . يېڭىلىق ياراتتۇق دەپ ، چەت ئەلنىڭ نەرسىلىرىنى بىراقلا كۆچۈرۈپ كېلىشكە بولمايدۇ . ئەدەبىياتىمىز مىللىي ئەنئەنە ئاساسىدا دادىللىق بىلەن يېڭىلىق ياراتقاندىلا ، مەملىكەت ۋە دۇنيا سەھنىسىدە ئۆزىگە خاس ئورۇن تۇتالايدۇ . 》 (80) ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ يەنە مۇنداق دەيدۇ : 《 مەن مىللىي ئىنكارچىلىققا قارىشى تۇرىمەن . مىللىي ئىنكارچىلىق بىر خىل ئاسىيلىق دەپمۇ قارايمەن . بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيتىدە بۈگۈن ئۈچۈن كېرەك بولىدىغان نەرسىلەر چوقۇم بولىدۇ . مەيلى مەدەنىيەت جەھەتتە بولمىسۇن ، مەيلى پىسخىكا ئۆرىپ – ئادەت جەھەتتە بولمىسۇن ، ياخشى تەرەپلەرلا بولىدىكەن داۋاملاشتۇرۇش لازىم . ئەمما ، مىللىتىمىزدە نۇرغۇن ئىللەتلەرمۇ بار . بۇ ئەخلاق جەھەتتىكى چىرىكلىكتە روشەن كۆرۈلىۋاتىدۇ . بۇ ئىللەتلەر تۈزەلمىگىچە مىللەت تۈزەلمەيدۇ . 》(81)
     ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئەنئەنە ۋە يېڭىلىق ھەققىدىكى قاراشلىرى ئۇنىڭ ئەنئەنە بىلەن يېڭىلىقنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى بىر تەرەپ قىلىنغان ، ئەنئەنىگىمۇ ۋارىسلىق قىلغان ، يېڭىلىقمۇ يارىتىلغان ئىجادىيەت مېۋىلىرىدە تېخىمۇ ياخشى ئىسپاتلانغان . بۇ كۆز قاراش ۋە ئىجادىي ئۈلگىلەر بۈگۈن ئۈچۈنمۇ ، كەلگۈسى ئۈچۈنمۇ بىزگە نىسبەتەن خېلى زور پايدىلىنىش قىممىتىگە ، موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ، ئۇنىڭ تۆۋەندىكى سوغۇققان ، ئىلمىي ، ئەقلىي يەكۈنلىرى سۆزىمىزنىڭ ياخشى دەلىلى : 《 خەلق ياكى مىللەت تارىخى مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا ، مەدەنىيەت تارىخى دېمەكتۇر . 》 (82) 《 مەدەنىيەت ۋە ئۇنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولغان ئەدەبىياتتا ، مەيلى قاچان ۋە قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئۆز- ئارا ئالاقە ۋە تەسىر كۆرسىتىش تارىختىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن ئېسىل ئەنئەنە . 》 (83) 《 تارىختىن بۇيان مىللەتلەر ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ، جۈملىدىن ، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئۆز – ئارا تەسىر كۆرسىتىش ۋە تەسىرلىنىش مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىياتنىڭ ئۈزلۈكسىز ياشناپ گۈللىنىشىدىكى موھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى . 》 (84) 《 پەن- تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ ، ئىنسانىيەت دۇنياسى ئاجايىپ مۆجىزىلەر ئالىمگە كىرگەن بۈگۈنكى كۈندە ، ھېچكىم كونا ئەنئەنىلەرگە قاتتىق يېپىشىۋېلىشنى خالىمايدۇ . ئەنئەنىنى مۇقەددەس بىلىپ ، ئۇنىڭغا تىل تەگكۈزگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە چوقونۇشتىن ساقلىنىش لازىم. ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ھېلىمۇ ئەلمىساقتىكى ھالىتىدە قالغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئەنئەنىگە تەنقىدىي قاراپ ، ئىسلاھات روھى بىلەن يېڭىلىق ۋە بۆسۈشنى يارىتىش بۈگۈنكى دۇنيانىڭ جىددىي تەقەززاسى… ئەدەبىياتىمۇ شۇنداق . بولۇپمۇ ، ئۇسلۇب مەسلىىسىدە ئەنئەنىگە چوقۇنماي يېڭىلىق يارىتىش بۈگۈنكى دەۋرىمىزنىڭ ئاكتىۋال تەلىپى… مېنىڭچە ، ئەدەبىيات- سەنئەتتىكى ئىسلاھات ۋە بۆسۈش- ئەنئەنىلەرنى قارىقويۇق ھالدا تۈپتىن ئىنكار قىلىپ تاشلاش دېگەنلىك ئەمەس . بەلكى ، ئەنئەنىگە ھۆرمەت قىلىپ ، ئۇنىڭ مۇنەۋۋۋەر ئامىللىرىغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىش دېگەنلىكتۇر . 》 (85)
     ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ، 《 … ئەنئەنىگە قارىغۇلارچە چوقونۇش ئۆزىمىزنىڭ پۇت- قولىنى ئۆتمۈشنىڭ ئارغامچىسى بىلەن چۈشەپ قويغانلىق بولىدۇ . ئەنئەنىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىش ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئىنكار قىلغانلىققا تەڭ… ئەدەبىي مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىش كونا تارىخنى تەكرارلاش ئەمەس . تارىخ ھامان ئۆلگەن نەرسە، بىراق ، ئۇنىڭ بۈگۈنكى كۈن بىلەن ئاجرالماس قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار . بىز ياراتقان ھەر بىر يېڭىلىقنىڭ ھامان تارىخىي يىلتىزى بولىدۇ . ھەر بىر يېڭىلىق تارىخىي مەنبەسىز بولمايدۇ… ئەدەبىي مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىشتىن مەقسەتمۇ يېڭىلىق يارىتىشقا ئوبدانراق ئاساس سېلىشتىن ئىبارەت .》 (《 تارىم 》 . 1994- يىل 3- سان . ئا، ئۆتكۈر : 《 يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرغا ئوچۇق خەت 》 .)

ئاخىرقى سۆز

      ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ۋاپات بولغىنىغا ئون يىل بولغان بۈگۈنكى كۈنلەردە ، مەرھۇمغا بولغان چەكسىز قايىللىقىم ۋە ھۆرمىتىمنىڭ تۈرىتكىسىدە ، بۇ ئاددىي قوليازمىنى يېزىپ چىقتىم ھەمدە ئۆز – ئۆزۈمگە : 《 ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ھاياتى قانچە قازسىمۇ تۇگمەيدىغان سىرلىق تىلسىمات . ئۇ پۈتكۈل مىللىتىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك پەرخرى ، شۇنداقلا ئۈلگىسى . ئۇنىڭ يالقۇنلۇق، قىممەتلىك ھاياتى ۋە ھاياتلىق سەپىرىدىكى نادىر ئەسەرلىرى ، يۇقىرى پايدىلىنىش قىممىتىگە ، زور ھاياتى كۈچكە ئىگە ئىددىيىۋى قاراشلىرى ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش خەلقلەر ئارىسىدا مەڭگۈلۈك سېھرىي كۈچى ۋە تەتقىقات قىممىتىنى يوقاتمايدۇ . بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشمۇ توختاپ قالمايدۇ… 》 دەپ پىچىرلىدىم .


پايدىلانغان مەنبەلەر:

① 《 قۇمۇل ئەدەبىياتى 》، 1996- يىل 1- سان. ئىمىن تۇرسۇن. 《 زامانداشنىڭ ھەسىرىتى 》ناملىق ئەسلىمە.
② يۇقىرىقى ژورنال، 2000- يىل 4- سان. 2- بەت. ئوسمان ئىسمايىل . 《 قالغۇسى خانتەڭرىدە مەغرۇ كۈلۈپ قەبرە تېشى .》
③ يۇقىرىقى ژورنال. 1996- يىل 2- سان. بەگمەت يۈسۈپ . 《 قىممەت قىسىسى 》 ناملىق ئەسلىمە.
④ 《 تەڭرىتاغ 》 ژورنىلى. 1996- يىل 2- سان. 58- بەت، ئابدۇقادىر جالالىدىن .《 ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بىلەن سۆھبەت 》. سۆھبەت خاتىرىسى.
⑤ – (23) – بۇ شېئىر – رۇبائىيلار ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ 《 ئۆمۈرمەنزىللىرى 》ناملىق شېئىرى، نەسىر، داستانلار توپلىمىدىن ئېلىندى .

(24) ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر《 خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا 》 . ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1996- يىل 6- ئاي 1- نەشىرى، 57- بەت.
(25) 《 قۇتادغۇ 》 – 《 قۇتادغۇبىلىك 》 ناملىق شاھانە ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ.
(26) 《 خاس 》 – يۈسۈپ خاس ھاجىپنى كۆرسىتىدۇ.
(27) – (32) – ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ 《 ئۆمۈر مەنزىللىرى 》 ناملىق شېئىر، نەسىرلەر توپلىمىدىن ئېلىندى.
(32) 《 قۇمۇل ئەدەبىياتى 》 1996- يىل 2- سان. بەگمەت يۈسۈپ .《 قىممەت قىسىسى 》 ناملىق ئەسلىمە.
(33)(37)39)(4)(49)(61)(64)(65)(66)(68)(80)لەر – 《 قۇمۇل ئەدەبىياتى 》 2001 – يىل 1- سان، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم : 《 مىنى خەلقىم قۇچاقىدىن ئايرىما 》 ناملىق سۆھبەت خاتىرىسىدىن ئېلىندى.
(34) ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر: 《 ئويغانغان زېمىن 》 . تارىخىي رومان 2- قىسىم.
(35) (36)(38)(63)(81) 《 تەڭرىتاغ 》 ژورنىلى. 1996- يىل 2- سان. ئابدۇقادىر جالالىدىن : 《 ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بىلەن سۆھبەت 》تىن ئېلىندى.
(41) ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر: 《 خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا 》 ناملىق كىتاب، 75- بەت.
(48) ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : 《 خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا 》 ناملىق كىتاب 230- بەت.

(62) ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : 《 خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا 》 ناملىق كىتاب 75-بەت.
(67) ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : 《 خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا 》 ناملىق كىتاب، 233- بەت.
(68) ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : 《 خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا 》 ناملىق كىتاب، 234 – بەت.
(79) ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر: 《 خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا 》 265- بەت.
(82) ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : 《 خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا 》 ناملىق كىتاب، 143- بەت.
(83) ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : 《 خەزىنىلىلەر بوسۇغىسىدا 》 ناملىق كىتاب، 216- بەت.
(84) ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : 《 خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا 》 ناملىق كىتاب، 221- بەت.
(85) ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر: 《 خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا 》 ناملىق كىتاب، 235-236- بەت.
(50)(53)(55) – (60) – ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ 《 خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا 》 ناملىق ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن بىر قىسىم ماقالىلىرىنىڭ نامى.
(54) بۇ 1985- يىل ماي ، تۇرپاندا ئۆتكۈزۈلگەن《 ئۇيغۇر شېئىرىيتى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى 》 دا سۆزلەنگەن ئىلمىي لېكسىيە.
(52) بۇ 1979- يىل ئاۋغۇسىت، شىنجاڭ ئۇنۋرىستېتىدا سۆزلەنگەن لىكسىيە.
(46)(47)(69) – (77) – ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ 《 ئۆمۈر مەنزىللىرى 》ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى.
2005- يىل 8 – ئاي . قەشقەر.



     مەنبە : << قۇمۇل ئەدەبىياتى >> ژۇرنىلىنىڭ 2005 – يىللىق  5- سانىدىن ئېلىندى .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-11 16:36:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاشتېشىغا مەدھىيە

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر


ئەي گۈزەل قاشتېشى!نېمىشقىدۇر سەندىن كۆزۈمنى ئالالمايمەن،قاراپ_قاراپ ھۆسنىڭگە تويمايمەن،بېقىپ_بېقىپ مېھرىڭگە قانمايمەن،گوياكى سېنىڭ ئىشقىڭ قەلبىمنى چۇلغىۋالغاندەك...ئەلنىڭ ئېيتقىنى بىلەن ئېيتسام:‹‹ھەربارە كۆزۈم سەندە!››

قىزىق ئىش:سەن بىلەن بىر ئۇرۇقتىن بولغان ياقۇت بىلەن پىرۇزە،زۇمرەت بىلەن كەھرىۋا ھۆسنى_ جامالدا سېنىڭدىن گۈزەلرەك،جىلۋە_كامالدا سېنىڭدىن ئەۋزەلرەك ئىدىيۇ،نېمىشقىدۇر بىلمەيمەن،‹‹ھەر بارە كۆزۈم سەندە،ياندۇرۇپ يەنە سەندە!››

كۆزۈم سەندە،ئويۇم سەندە،كۈندۈزىغۇ شۇنداق،تاڭ_تاڭلار ئېتىپ كەتكۈچە،يەنىلا پىكرىم سەندە،سېنى ئويلىسام ھەر چاغ،خىيالىم قانات قېقىپ،قاپىيەلەر گۈلزارىغا قونىدۇ؛سۆزلەر جىلۋىگە كىرىپ،قاتار_قاتار قوشاقلار توقۇلۇپ چىقىدۇ.

قاشتېشىيۇ،قاشتېشى،
ماڭا بولدى سۆز بېشى.
تەرىپلىمەي قويارمۇ،
ئۇنى كۆرگەن ھەركىشى.

قاشتېشىيۇ ،قاشتېشى،
ئوخشاش ئىكەن ئىچ_تېشى.
سۈزۈكلىكى_دۇر،سەدەپ،
غۇۋالاشماس قىش-يېزى.



ياق!ياق!سېنى تەرىپلەشكە مۇندق قوشاقلار قانداقمۇ لايىق بولالىسۇن!قوشاق قاتىمەن دەپ،ۋەزىن ۋە قاپىيىلەر بىلەن بوغۇلۇپ قېلىشنىڭ ھاجىتى نىمە؟ئەڭ ياخشىسى، سەبىي بالا كۆڭلىگە نىمە كەلسە،شۇنى ئېيتىۋەرگەندەك ،مەنمۇ سۆزۈمنى ئازادە قىلاي،خىيالىم قۇشلىرى كەڭ سامدا پەرۋاز قىلغان لاچىندەك ئەركىن قانات قاقسۇن!

دۇنيادا تاشلارنىڭ خىللىرى كۆپ؛قۇم تاش،شېغىل تاش،بىلەي تاش،قورام تاش.....ساناۋەرسەك،جىقلا بولۇپ كېتىدۇ،ھەتتا شاھلارنىڭ تاجىلىرى بىلەن نازىنىنلارنىڭ ئۈزۈكلىرىگە كۆز بولىدىغان ياقۇتمۇ تاش،پىرۇزىمۇ تاش،تەخىتلەرگە پايە،قەسىر_ئايۋانلارغا تۈۋرۈك،مەسچىت_چىركاۋلارغا مېھراب بولىدىغان مەرمەرمۇ تاش،بىراق ،نېمىشقىكىن،ئەي گۈزەل قاشتېشى،سېنىلا ئويلايمەن ،ساڭىلا قارايمەن،‹‹ھەر بارە كۆزۈم سەندە،ياندۇرۇپ يەنە سەندە!››

خىسلىتىڭ قانچە ،ھۆسنۈڭمۇ شۇنچە؛ھۆسنەڭگە بېقىپ،مېھرىڭمۇ شۇنچە،مەيلى ئاق ياكى قارا،مەيلى كۆك ياكى يېشىل،مەيلى سېرىق ياكى قىزىل......قايسىلا رەڭدە بولساڭ،خۇددى يامغۇردىن كېيىنكى،ھەسەن_ھۈسەندەك مەپتۇن قىلىسەن مېنى،قاراپ_قاراپ تويمايمەن،مېھرىڭگە زادى قانمايمەن.

ئاقلىقىڭنى كۆرگەندە،سۈزۈلۈپ ئاتقان تاڭنىڭ پارلاق نۇرى بىلەن باھاردا كېلىدىغان ئاق قۇلارنىڭ قانىتى،بۇغدا چوققىسىدىكى قار_مۇزلار بىلەن مومام رەھمىتىنىڭ بېشىدىكى ئاپئاق لېچىكى،ئانامنىڭ ماڭا بەرگەن سۈتى بىلەن دادامنىڭ ئورمىدا كېيىدىغان ئاق ماتا كۆڭلىكى،ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ بادام دوپپىسىدىكى گۈلى بىلەن خوتەن شايىسىنىڭ ئاقلىقى ياكى ئايدىڭ كېچىلەردە يەرگە چېچىلغان ئاي شولىسى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولىدۇ.

ئاقلىقىڭدۇر پاكلىقىڭ ۋە ساپلىقىڭ،
ھەم ئۇلۇغۋار،ئەزگۈلۈككە بابلىقىڭ.
كىمكى بولسا ئەھلى ۋىجدان،تۈز نىيەت،
ئاڭا ھەم لايىق بولۇر بۇ ئاقلىقىڭ.


قارىلىقىڭنى كۆرگەندە،ئادەمزاتقا مەدەنىيەت تېڭى ئاتقان،يەنى يېزىق تېپىلىپ،ئىنسانىيەت تارىخى يېزىلىشقا باشلىغان چاغلارنى ئەسلەيمەن.بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى،مەيلى يۇڭ،مەيلى قۇمۇش،مەيلى قاناتنى قەلەم قىلسۇن،ئىنسان تارىخىنى قارا رەڭ بىلەن پۈتكەن ئەمەسمىدى؟سېنىڭ قارىلىقىڭنى تارىخىنىڭ خېتىگە ئوخشىتالىغىنىم ئۈچۈن خۇشالمەن.ئۇنى دېسەڭ ،خوتەن كىيىكىنىڭ كىندىكىدىن چىقىدىغان ئىپارمۇ قارا؛شەرق گۈزىلىنىڭ كۆزىمۇ قارا،قېشىمۇ قارا،يەلپۈنۈپ تۇرغان چېچىمۇ قارا،رىۋايەتلەرگە قارىغاندا،لوقمان ھېكىممۇ قارا ئىمىش،مەجنۇننىڭ لەيلىسىمۇ قارا،كۆكتە پەرۋاز قىلىدىغان بۈركۈت بىلەن سۇدا ئوينايدىغان قۇندۇزمۇ قارا؛ئالتۇننىڭ بىر خىلى بولغان كۆمۈرمۇ قارا؛ۋەتەننىڭ شۆھرىتى_قاراماينىڭ نېفىتىمۇ قارا؛باھار كۈنلىرى ھاۋانى گۈلدۈرلىتىپ ،يامغۇر ياغدۇرۇش بىلەن تەشنا جانلارغا ھايات بەخىش ئەتكۈچى بۇلۇتمۇ قارا.

كۆكلۈكۈڭ -كەڭلىكىڭ،بۈيۈكلۈكدۇر.چەكسىز ساماغا باقسام،گۈمبەزسىمان ئاسمانمۇ كۆك،يىراقتىن مەغرۇر كۆرۈنگەن تىيانشانمۇ كۆك،نىلمۇ كۆك،چاڭجىياڭمۇ كۆك،دىنپىرمۇ كۆك،دونايمۇ كۆك،كىچىككىنە سايراممۇ كۆك،چەكسىز دېڭىز-ئوكيانمۇ كۆك.

مانا گۈزەل ئالتاي يايلىقى،خۇددى يېشىل گىلەمنىڭ ئۆزى،ئۇنى ھەر كۆرسەم،سېنى ئەسلەيمەن؛سېنى ھەر كۆرسەم ،ئۇنى ئەسلەيمەن،تىيانشان باغرىدا قاتار قارغايلار،چەكسىز قىرلاردا يۇمران مايسىلار،باغلاردا چىمەن يېشىل بوستانلار،گۈلشەندە كۈلەر گۈلى رەيھانلار-بۇلارنىڭ ھەممسى يېشىللىق دېمەك.

ئەي گۈزەل قاشتېشى!ھۆسنىڭ قانچە، پەزلىڭ شۇنچە؛پەزلىڭ بىلەن قەدرىڭمۇ شۇنچە.ھەممىدىن مۇھىمى شۇكى،تېشىڭ بىلەن ئىچىڭ بىر،ھۆسنىڭ بىلەن خۇلقىڭ بىر،ئىسسىقىنى كۆرۈپ ئىرىپ كەتمەيسەن،سوغۇقنى كۆرۈپ توڭلاپ قالمايسەن،بوران-چاپقۇندىمۇ ئوخشاش،يامغۇر-كەلكۈندىمۇ ئوخشاش،قەسىر_ئايۋانلارغا قەندەل بولساڭمۇ بىر خىل،پايە بولۇپ يەردە ياتساڭمۇ بىر خىل،ھەيكەل ياساپ تەكچىدە قويسىمۇ بىرخىل.كۆتۈرگەنگە ئۇچمايسەن،تاشلىغانغا سۇنمايسەن،گۈزەللەرنىڭ قۇلىقىدا ھالقا،بىلىكىدە بىلەيزۈك،بارمىقىدا ئۈزۈك بولغانغا پەخىرلەنمەيسەن،قىسقىسى ئىنساننىڭ ھاجىتى نىمە بولسا،سەن شۇنىڭغا تەييارسەن،بۇ نىمە دېگەن ئالىيجانابلىق!

ئەي گۈزەل قاشتېشى! سېنى قانداقمۇ تەرىپلەپ بولاي،ئەڭ ياخشىسى،سۆزۈمنى قىسقا قىلاي،ئوغۇلنىڭ مەردلىكى ئاتىغا تالىق،قىزنىڭ ئۇزلىقى ئانىغا تالىق.داننىڭ توقلۇقى تۇپراققا باغلىق،گۈلنىڭ جامالى ياپراققا باغلىق.سېنى تۇغۇپ ئۆستۈرگەن قاراقاش دەرياسى بىلەن يورۇڭقاش دەرياسىغا بارىكاللا!شۆھرىتىڭنى جاھانغا يايغان ھۈنەرۋەن خوتەن خەلقىگە ھەشقاللا!



مەنبە: « ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى » ناملىق كىتاب
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-11 16:36  


ۋاقتى: 2015-4-27 16:06:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   يىتۈك ئالىم ، شائىر، يازغۇچى، تىلشۇناس ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئاكىنىڭ بارلىق ئەسەرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمىلەر بىلەن رەسىملەرنى كۆرۈپ بەك خۇش بلدۇم، ھەم تولۇق ئوقۇپ چىقىپ چۈشۈرۈۋالدىم. بەك ئىسىل ئىشنى قىلغىنىڭىزغا مىڭلارچە تەشەككۇر ئۇكام، ھەر كىم قىلسا شۇنچىلىك قىلار، بەك خوش بولدۇم، قولىڭىز دەرت كۆرمىسۈن. تۇرمۇشىڭىز كۆڭۈللۈك، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن ئۇكام !ئامان بوللۇڭ.

ۋاقتى: 2015-4-27 18:01:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    ناھايىتى ياخىشى ئىش قىپسىز مائارىپ ئوغلى. مەنمۇ سىزنى قوللاش يۈزسىدىن ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا يازغان ئەسلىمەمنى چاپاپ قويدۇم. سىزگە ئامەت يار بولسۇن!
              مانا بۇ يەردە:

                     forum.php?mod=viewthread&tid=1281
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-28 09:48  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-1 17:13:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
gheyurani يوللىغان ۋاقتى  2015-4-27 16:06
يىتۈك ئالىم ، شائىر، يازغۇچى، تىلشۇناس ئابدۇرېھىم ئۆ ...

مىنى قوللىغىنىڭىزغا ، مەدەت بەرگىنىڭىزگە، ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش