ئۆتكۈر
مۇھەممەد قادىر بارخان
كەرەمىڭدىن دۇئاخالىس تىلەي جەننەت ساڭا ئۆتكۈر،
ئۇلۇق قۇدرەت نىسىپ ئەتكەي:سۇتۇق سۆھبەت ئارا ئۆتكۈر.
بۇ تۈركىي تىل تۇمارىمنى<<دىۋان>>چە بەيگىگە راسلاپ،
تۇران نۇسرەت ئىرانىيدىن ئوغۇل<<ئەفرا>>ئايا ئۆتكۈر.
ئۆمەرھەييام،ناۋائىدىن غەزەلىڭ <<ئىز>> مۇشائىرلىق،
قەلەمىڭ يازغۇ- شائىرلىق خىتابىڭ خوپ راۋا ئۆتكۈر.
تۇمەن ئاشىق ئۇدۇمىڭدىن قەلەم تۇتتى ئەلەم كۆزلەپ،
سۆزىڭ نەۋرۇز،<<ئوغۇز>>داستان ۋۇجۇدۇڭ ئوت-لاۋا ئۆتكۈر.
پىغانىڭدا قەپەز نىمجان، غۇرۇرىڭدا زەپەر: پەرمان،
تىنىمگە پاتمىدى بۇجان، مۇقامچە مۇڭ-ناۋا ئۆتكۈر.
سامادىن سىرغىدى چولپان قارا تۈن ئىلكىدىن ئوخچۇپ،
قېنىدا<<ياغما>>نىڭ پەخرى<<چېڭى چىقماس>>زايا ئۆتكۈر.
يېشىمنىڭ سەل-قىيانىدىن سۈرۈلگەي لۆجىلەر ئاخىر،
قالار بۇندا نى ئەزمەتلەر تەڭرتاغدەك قىيا ئۆتكۈر.