كۆرۈش: 2172|ئىنكاس: 27

ئابدۇرېھىم زۇنۇن: كىچىككىنە كارتىنا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئابدۇرېھىم زۇنۇن

كىچىككىنە كارتىنا

(ئەسلىمە)

بۈگۈن ـــ 2011- يىلى 10- ئاينىڭ 5- كۈنى خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، داڭلىق شائىر، يازغۇچى، ئالىم ۋە مەشھۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى ۋاپات بولغىلى 16 يىل توشقان كۈن. 20- ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان داڭلىق ئەدىب، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئېسىل ئادىمىيلىك پەزىلىتى، مول بىلىمى، قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ھۆرمەت ساھىبى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق ئىجادىي ۋە تەرجىمە ئەمگەكلىرى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان.ئۇ «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، «بۇغدا ئانام»، «قەشقەر قىزى»، «ياخشى»، «مەن ئاق بايراق ئەمەس»... قاتارلىق ئۆلمەس، ئېسىل شېئىرلارنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ شېئىرىي تالانتىنى نامايەن  قىلغان بولسا، «بىر تامچە قان»، «چىن مودەن» (ل. مۇتەللىپ بىلەن بىللە يازغان) قاتارلىق دىراممىلارنى يېزىپ، ئۇيغۇر دىراممىچىلىقىغا ئاساس سالغان.«لىيۇ خۇلەن»، «لى يۈسەي قوشاقلىرى»، «خۇاڭ جىگۇاڭ» (رومان)، «سەي ۋېنجى»  (دىرامما)، «باھادىر شاھ لى زىچېڭ» (رومان، 2- قىسىم) قاتارلىق ئەسەرلەرنى خەنزۇ تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەرجىمە ساھەسىدىكى ئىقتىدارىنىمۇ نامايان قىلغان. «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» (ئىككى قىسىم)دىن ئىبارەت تارىخىي رومانلىرىئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى ياراتقان. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈ*رك»، «قۇتادغۇ بىلىك» قاتارلىق دۇنياۋى قامۇسلارنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشرگە تەييارلاشتا ئۆزىنىڭ تارىخ، دىن، پەلەسەپە، تىل، سەنئەت ۋە ئەدەبىيات جەھەتلەردىكى مول، چوڭقۇر بىلىمى ۋە ئىقتىدارىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، بۇ ئەسەرلەرنى دۇنيا ئېتىراپ قىلغۇدەك سەۋيەدە ئىشلەشتە ئاساسلىق رول ئوينىغاندىن باشقا، «قۇتادغۇ بىلىك»، «ئون ئىككى مۇقام» ۋە ئۇيغۇر شېئىرىيىتى، قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى شۇنىڭدەك چاغاتاي تىلى دەۋرى ئەدەبىياتى ھەققىدىكى كۆپلىگەن ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرگەن. ئۇ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇقراق داۋاملاشقان ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات ھاياتىدا ئەدەبىياتنىڭ ھەممە ژانىرلىرىدا دېگۈدەك قەلەم تەۋرىتىپ، بىر مۇنچە مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ۋە ئىلمىي ماقالىلارنى يېزىپ، ئىجادىيىتىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، خەلقىمىزگە ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلارنى ـــ «يۈرەك مۇڭلىرى»(1946-يىلى)، «تارىم بويلىرى» (1948-يىلى)، «قەشقەر كېچىسى» (1982-يىلى)، «ئۆمۈر مەنزىللىرى» (1986-يىلى)، «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» (2010-يىلى) قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى؛ «خەزىنىلەر بوسۇغۇسىدا» (1996-يىلى) قاتارلىق ئىلمىي ئەمگەك مېۋىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا، گۈللىنىشىگە قوشقان ئۆرنەكلىك تۆھپىسى ھەقىقەتەنمۇ كۆپ.

ئۇنىڭ زاماندىشى، دوستى مەرھۇم ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگە باھ ابېرىپ: «كىشى مەڭگۈ ياشىيالمايدۇ. بەزىلەر جىسمانىي جەھەتتە ئۆلۈش بىلەنلا بۇ دۇنيادىن نامىمۇ ئۆچىدۇ، لېكىن بەزىلەر ھاياتىدا ئەزگۈ ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن نام-ئاتىقى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ. بەزىلەر: ‹نامىمنى چىقىرىمەن› دەپ ھەر قىسما ئىشلارنى قىلىپ باقىدۇ.ھەتتا ۋەتەننىڭ، جۈملىدىن مىللەتنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى شەخسى  ھالاۋىتى ئۈچۈن پايمال قىلىۋېتىدۇ.بەزىلەر باشقىلارنىڭ كۆمىچىنى كۈلدە قالدۇرۇپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بولسا، ئەزگۈ ئىشلىرى بىلەن ئەزگۈ نامىنى قالدۇرغان ئەزىز زات!» دېگەنىدى.

مەن بۈگۈن ئۇزۇندىن بۇيان كۆڭۈل تۆرۈمدە مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ مۆھتىرەم زاتنىڭ سۆزنى ئۇدۇل، يالىڭاچ ئوتتۇرىغا قويماستىن، بەلكى ماقال-تەمسىل، ھېكمەتلىك سۆز ۋە شېئىرىي دۇردانىلەر بىلەن بېزەپ، ئەگىتىپ، ئوبرازلىق بايان قىلىدىغان ئادىتىگە دائىر كىچىككىنە بىر كارتىنىنى سۆزلەش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمنى ۋە سېغىنىشىمنى بىلدۈرۈپ ئۆتىمەن.

1991-يىلى، ئەتىياز پەسلىدىكى بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىشقا چۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىشخانامنىڭ ئىشىكى يەڭگىل چېكىلىدى.

ـــ كىرىڭ! ـــ دېدىم مەن تەقەززالىق بىلەن ئىشىككە قاراپ. بويى ئېگىز، ئورۇقراق، دېھقان سۈپەت بىر ئادەم كىرىپ كەلدى ۋە :

ـــ ئۆزىڭىز ئابدۇرېھىم زۇنۇن بولامسىز؟ــ دەپ سورىدى.

ـــ مەن شۇ، ـــ دېدىم، ئۇنىڭغا تەكەللۇپ قىلغاچ، «نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى» دېگەندەك تىكىلىپ قاراپ. ئۇ:

ـــ روزانكامنىڭ ئۆيىگە ئۈرۈمچىدىن مېھمان كەپتىكەن، سىزنى بىر كېلىپ كەتسۇن، دەپ ئەۋەتكەن، ــ دېدى مۇلايىملىق بىلەن. مەن دەررۇ:

ـــ قاچانلىققا بارىدىكەنمەن؟ ـــ سورۇدۇم ئۇنىڭدىن. ئۇ:

ــــ بولسا ھازىي كەلسۇن، ـــ دېگەن دېدى-دە، ئارقىسىغا بۇرۇلدى. مەن ئۇنىڭغا ئەگەشتىم... كېتىۋېتىپ ئۇنىڭدىن:

ـــ كەلگەن مېھماننىڭ ئېتى نېمىكەن،ـــ دەپ سورۇدۇم. ئۇ:

ـــ ئۆتكۈي ئەپەندى،ـــ دېدىمۇ...تازا يادىمدا قالماپتۇ،ـــ دەپ قىسقىلا جاۋاب بەردى. مەنمۇ قايتا گەپ سورىمىدىم. بىز ھە دەپ ئالغا قاراپ جېدەللەيتۇق.«ئۆتكۈر» دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىغان قۇلىقىم يۈرىكىمگە سىگنال بەرگەن بولسا كېرەك.ھاياجان ئىلكىدە ئادەتتىكىدىن تېز سوقۇشقا باشلىدى.نەپەسلىرىممۇ جىدىيلىشىۋاتتى. پۇتلىرىممۇ ئۆزۈمگە بويسۇنمىغاندەك ئالغا تاشلىناتتى. ئەگەر قانىتىم بولسا، ئۇچۇپلا بارغىدەك بىر خىل سېزىم كاللامدا ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى...

ئۇ چاغلاردا خوتەندە ئەڭ ياخشى قاتناش قورالى ئانچە-مۇنچە ئۇچراپ قالىدىغان ئات ھارۋىسى ئىدى. ئۇمۇ كەچ تەرەپتە يولغا چىقاتتى.شۇڭا، پىيادە يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى.مەن ماڭغانسېرى ئارقامغا كېتىۋاتقاندەك، يول ئۇزۇراپ كېتىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ ئىلكىدە كېتىۋاتاتتىم...

بىز يېقىن يول ئىزدەپ، ھەربىي رايوننىڭ ئارقىسى بىلەن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، تار، مەينەت كوچىلار بىلەن شائىر روزى سايىتنىڭ خوتەن شەھىرى توزغاق كوچىسىدىكى شەخسىي تۇرالغۇسىغا يېتىپ باردۇق. ئۇ شائىرنىڭ قوشنىسى بولۇپ، ماڭا خوش ئېيتىپ ئىشىكى ئالدىدا قالدى.شائىر روزى سايىتنىڭ ھويلىسىغا قەدەم باستىم.ھويلىدا شائىرنىڭ خوتۇنى روزىنىساخان باشقا ئىككى ئايال بىلەن تاماق تەييارلىقى قىلىۋاتقان ئىكەن. مېنى كۆرۈپ:

ـــ روزاخۇن، مېھمان كەلدى، ـــ دەپ توۋلىدى. ئىچكىرىدىن شائىر روزى سايىت چىقىپ:

ـــ ھە، قېنى ئۆيگە كىرىڭ، ـــ ئۆتكۈر ئەپەندى كەپتىكەن، سىزنىمۇ يۈز كۆرۈشىۋالسۇن، دەپ چاقىرتتىم، بولاپتۇمۇ؟ ھېلى پاراڭغا سالىمىز ئەپەندىمنى،ـــ دېگەچ مېنى مېھمانخانىسىغا باشلىدى... مەن:

ـــ ئوبدان قىپتىلا، مۇشۇ پۇرسەتتە بىر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن كۆرۈشىۋالىقدىغان بولدۇم، رەھمەت! ــ دېدىم مۇلايىملىق بىلەن ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ دالان ئۆيگە قەدەم بېسىپ، ئوڭغا بۇرۇلۇپ مېھمانخانا ئۆيگە تارتىنىپقىنا كىردىم-دە، ئوڭ قولۇمنى كۆكسىمگە ئېلىپ:

ــــ ئەسسالامۇئەلەيكوم! ـــ دېدىم يەردىن ئۈستۈن قارىيالماي.

ـــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!ـــ دېيىشى مېھمانلار.قورۇنۇپ، ھودۇقۇپ نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغىنىمنى پەمىلىگەن شائىر روزى سايىت ئاكام، ماڭا ئورۇن كۆرسەتتى، مەن ئۇ كۆرسەتكەن ئورۇنغا جايلاشتىم. ئۇ:

ـــ بۇ ئىنىمىز شائىرلىق كوچىسىدا بىزگە ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ئابدۇرېھىم زۇنۇن بولىدۇ، ـــ دەپ قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ قويۇپ، سىرتقا چىقىپ كەتتى.مەن ھاياجان ئىلكىدە بىردەم باش كۆتۈرمەي ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئاستا–ئاستا ئۆزۈمگە كېلىپ، ئۆيگە ۋە ئەتراپتىكى مېھمانلارغا سەپ سېلىپ قاراشقا باشلىدىم. ئۆيگە سۇپا باغلانغان بولۇپ، سۇپا ئۆينى ئىككىگە ئايرىپ تۇراتتى. پەگانىڭ بۇلۇڭ - پۇشقاقلىرىغا ھەر خىل ئۆي جاھازلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، سۇپىدىكى گېلەملەرنىڭ ئۈستىگە تام ياقىلىتىپ يىكەندازلار سېلىنغان. ئوتتۇرىغا داستىخان سېلىنىپ ھەر خىل يەل-يېمىش ۋە تاتلىق-تۈرۈملەر تىزىلغانىدى...سۇپىنىڭ بېشىدا، يەنى تۆردە ئېگىز بويلۇق، قويۇق چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان، مەڭزىدىن قان تەپچىرەپ تۇرىدىغان سالاپەتلىك بىر كىشى ئولتۇراتتى. مەن ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ مۇشۇ كىشى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ ئۈلگۈردۈم. سول يېنىدا ئاق پۇشماق، چېچى سېرىققا مايىلراق، سېمىز، بوغماق بىر ئايال ئولتۇراتتى، ئۇنى «ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئايالى ئىكەن» دېدىم كۆڭلۈمدە. ئاندىن نۆۋەت بويىچە مېھمانلارغا سەپ سېلىشقا باشلىدىم: سورۇندا يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى، شائىر ئابدۇللا سۇلايمان، تارىخ، تەزكىرە تەتقىقاتچىسى ئابدۇقادىر تۇرسۇن، مۆتىۋەرلەردىن مەمتىمىن ھاجىم ...قاتارلىق مەن تونۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغان بىرمۇنچە كىشىلەر بار ئىدى.شائىر روزى سايىت چەبدەس قەدەم بىلەن ھويلىدىن كىرىپ كەلدى-دە :

ـــ تاماق تەييار بولۇپ قالدى، تاماق يېگەچ پاراڭلىشايلى، ـــ دېگەچ دوستىخان ئۈستىدىكى نەرسىلەرنى نېرى- بېرى قىلىپ يۇغۇشتۇرۇپ، قاچا-قۇچا قويىدىغانغا ئورۇن راسلىدى...ئاندىن خوتەننىڭ ئادىتى بويىچە پەتنۇسقا ئىككىدىن تەخسىنى تىزىپ ئەكىرىپ، ئۆتكۈر ئەپەندىدىن باشلاپ تۇتتى.تاماق دۈڭلە (قورۇما) ئىدى. تاماق تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن، روزى سايىت قولىدىكى نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ، ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، تەۋەززۇ بىلەن تاماققا تەكلىپ ئەتتى.چوڭلار بىر-بىرىنى ئالسىلا-باقسىلا دېيىشىپ، تەكلىپ قىلاتتىيۇ، ئالمايتتى. ئارىدا ئۆتكۈر ئەپەندىم قوللىرىنى غاز قانىتى شەكلىدە يېيىپ:

ـــ قېنى، غىزاغا قول كەلتۈرۈشسىلە!ـــ دەپ تەكلىپ قىلدى. خۇددى كېلىشىۋالغاندەك ھەممەيلەن تەڭلا:

ـــ ئۆزلىرىدىن كەلسۇن، ـــ قول كەلتۈرۈپ بەرسىلە، ـــ دېيىشتى.ئۆتكۈر ئەپەندى تاماققا قول ئۇزاتقاندىن كېيىن، ئاندىن ھەممىمىز تەخسىمىزدىكى قورىمىدىن ئېلىقا باشلىدۇق.تاماق گەپ ـ سۆزسىز يېيىلدى...

مەن يەنىلا خۇددى مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا ئېغىزچە ئىمتىھان بېرىۋاتقان تارتىنچاق ئوقۇغۇچىدەك ھودۇقۇپ، قورۇنۇپ ئولتۇراتتىم. ھەتتا قوللىرىم قولاشماي، چوكىغا قىسقان قورۇمام تەخسىگە چۈشۈپ كېتىۋاتتى.ھەقىقەتەن تەسۋېرلىگۈسىز بىر خىل ھايانجان ئىلكىدە قالغانىدىم.چۈنكى بۇ يەردە ئولتۇرغان مېھمانلارغا، بولۇپمۇ ئۆتكۈر ئەپەندىگە نىسبەتەن مەن ھەر جەھەتتىن گۆدەك بىر بالا ئىدىم.تاماق يېيىلىپ بولۇشىغىلا روزى سايىت ئاكام:

ـــ داستىخىاننى بىر ئاز يىغۇشتۇرۇپ قوياي، ئۆيىمىز كىچىك بولسىمۇ، كۆڭۈل-كۆكسىمىز كەڭ، پۇت-قولۇڭلارنى سوزۇپ، ئازادە ئولتۇرۇۇڭلار، يەنە بىر قازان تەييار بولغىچە پېشىۋايىمىز، ئالىمىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىم ئۈرۈمچىدىكى يېڭىلىقلار ۋە ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىرى ھەققىدە پاراڭ قىلىپ بېرىدۇ، ـــ دېگەچ، دوستىخاننى ئوتتۇرىغا پوملاپلا، سامسا تۈگكەندەك يىغىپ قويدى.

ھەممىمىزنىڭ كۆزى گويا ئانىسىنىڭ ئاغزىدىكى لوقمىسىغا تەلمۈرگەن بوۋاق بالىدەك ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئېغىزىغا تىكىلگەنىدى...ئەپەندىم يەنىلا تاماق يېيىشنىڭ ئالدىدىكىدەكلا تەۋەززۇ بىلەن:

ـــ ھەر قايسىلىرىدىن كەلسۇن، بىز ئاڭلايلى، قېنى، ــ دېدى. مېھمانلار تەڭلا:

ـــ ئۆزلىرىدىن كەلسۇن، سىلىنىڭكىنى ئاڭلايلى، دېيىشىپ جىمىپ قالدى.مەن تىلى تۇتۇلۇپ قالغان گاچىدەك زۇۋان سۈرمەيتتىم. ئۆتكۈر ئەپەندىم بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن ، بىر خىل ۋەزمىن، سالماق، ئەمما سىلىق ئاۋاز بىلەن:

ـــ بولىدۇ، ئەيىپكە بۇيرۇشمىسىلا ئەمىسە، بىزنىڭ خوتەنگە كېلىشىمىزدىكى بىرىنچى مەقستىمىز، خوتەننىڭ ئۇستا تېۋىپلىرىغا كۆرۈنۈش ئۈچۈن، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئادەمنى ئۇششاق-چۈشەك كېسەللەر چىرمىۋالىدىكەن، شۇڭا تومۇر تۇتقۇزۇپ، دورا-دەرمەك ئالايلى دەپ؛ ئىككىنچىدىن ھەر قايسىلىدەك مۆتىۋەرلەر بىلەن دىدارى مۇلاقەتتە بولۇپ، سالام بېرىش ئۈچۈن كەلدۇق، ـــ دەپ ئايالىغا ئىما قىلىپ قويدى-دە،  يەنە سۆز ئالدى:

ـــ ئۈرۈمچىدە دەپ بەرگىدەك يېڭىلىقلار يوق، مەن ھەر قايسىلىرىغا بىر-ئىككى ئېغىز لەتىپە دەپ بېرەي، ـــ دېدى-دە، بىرىنچى لەتىپىسىنى باشلىدى:

ـــ بىر ساڭدا، ـــ دەپ بولۇپ، «بىزنىڭ يۇرتتا ئامبارنى‹ساڭ› دەيدۇ» دەپ ئىزاھات بېرىۋىتىپ، گېپىنى داۋاملاشتۇردى :

ـــ بىر ئانا مۈشۈك بار ئىكەن، ئۇ بىر نەچچە يىل مۇشۇ ساڭدا ياشاپ، چاشقانلارنى يوقۇتۇپتۇ.ئۆزىمۇ ياخشى ياشاپتۇ ۋە يىللار مابەينىدە نۇرغۇن ئاسلانلاپتۇ، ئاسلانلىرىمۇ چوڭ بولۇپ كارغا كەلگۈدەك بولۇپتۇ. لېكىن، شۇ چاغقىچە ئاسلانلىرىغا ئۆزىنىڭ چاشقان تۇتۇش ھۈنىرىنى ئۆگەتمىگەنىكەن.بىر كۈنى ئانا مۈشۈك بارلىق ئاسلانلىرىنى يىغىپ:«مەن بىر ئۆمۈر مۇشۇ ساڭدا ياشاپ، ئىگىمىزنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ۋە ھىممىتىگە ئېرىشىپ كەلدىم.ئەمدى قېرىپ، ھالىمدىن كەتتىم، شۇڭا سىلەرگە چاشقان تۇتۇشتىكى ھۈنەرلىرىمنى ئۆگىتىپ قويۇپ، ئارام ئېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن، قانداق، بولامدۇ؟» دەپتۇ. «ئاسلانلار: ۋاي بولىدۇ، بىزگە ھۈنەرلىرىڭىزنى ئۆگىتىپ قويۇڭ، ياخشى ئۆگىنىمىز...» دەپ ۋارقىرىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئانا مۈشۈك بىر نەچچە كۈن ئاسلانلارغا ھۈنىرىلىنى ئۆگىتىپتۇ ۋە: «بارلىق ھۈنىرىمنى سىلەرگە ئۆگىتىپ بولدۇم، ئەمدى مەن ئارام ئالاي، ساڭنىڭ ئامانلىقى سىلەرگە قالدى...» دەپ قويۇپ، خورەكنى دۆڭ تارتىپ ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. بىر چاغدا ئاسلانلىرى تەرەپ-تەرەپتىن ئانا مۈشۈكنى تۈرتۈپ ئويغۇتۇپ: «ئانا-ئانا قاراڭ، ساڭدىكى بارلىق چاشقانلارنى تۇتۇپ، دۆۋلىۋەتتۇق. كۆرۈپ بېقىڭ...» دەپ چۇقان سېلىشىپتۇ. قارىسا ھەقىقەتەن چاشقانلارنى قويماي تۇتۇپ دۆلىۋەتكەنىكەن. ئانا مۈشۈك بۇ ئەھۋانى كۆرۈپ: پېشانىسىگە بىرنى ئۇرۇپتۇ-دە: «ئىگىمىز بىزنى مۇشۇ چاشقانلارنى تۇتۇپ يوقۇتىدۇ، ساڭنىڭ ئامانلىقىنى قوغىدايدۇ» دەپ باقمىسا، بىزنى بېقىپ نېمە قىلىدۇ؟ ئەمدى بىزنىڭ بۇ يەردىكى كۈنلىرىمىز ئاخىرلىشپتۇ، ساڭدىن قوغلاندى قىلىنىمىز، ھەي... دەپ ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپتۇ،ـــ دەپ لەتىپىسىنى ئاخىرلاشتۇردى.ئۆي ئىچى چىۋىن ئۇچسا ئاۋازى ئاڭلانغىدەك جىمجىت بولۇپ، بەزىلەرنىڭ بېشى ساڭگىلاپ كەتكەنىدى... مەن بۇ لەتىپىنىڭ تېگىگە يېتىپ بولغىچە ئىككىنچى لەتىپىسىنى باشلىدى:

ـــ بۇرۇنقى زاماندا بىر ئەل بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ دۆلىتى ناھايىتى تېز پۇرسەتتە ھەر قايسى جەھەتلەردىن قۇدرەت تېپىپ، گۈللىنىپ كېتىپتۇ.پۇقرالارنىڭ ئەھۋالىمۇ كۈندىن-كۈنگە ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇلار باياشات، خاتىرجەم ۋە ئىناق ياشايدىكەن. پادىشاھنىڭ بۇ ئىشلارغا ھېچ ئەقلى يەتمەيدىكەن ھەم داۋاملىق مۇشۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى بىلىشنى ئويلايدىكەن.بۇ ئىشنىڭ ئوڭ قول ۋە سول قول ۋەزىرلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى پەرەز قىلسىمۇ، ئەمما ئېنىق جاۋاب تاپالمايدىكەن.ئوڭ قول ۋەزىر ئورۇق، ئېگىز ۋە قاتاڭغۇر ئادەم بولۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسەت ۋە مەمۇرى ئىشلىرىنى باشقۇرىدىكەن؛ سول قول ۋەزىر دىقماق، سېمىز، پاكار ۋە كۈچتۈڭگۈر ئادەم بولۇپ، ئاساسەن دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ۋە پۇقرالارنىڭ ئامانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرىدىكەن.پادىشاھ ئۆز پەرىزىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، چارە ئويلاپ تېپىپتۇ بىر كۈنى ئۇزاق بىر يەرگە شىكارغا ئاتلىنىپتۇ ۋە بۇ ئىككى ۋەزىرىنى ھەمراھ قىلىپ ئېلىۋاپتۇ. ئىككى كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن، ناھايىتى قويۇق بىر چاتقاللىققا كىرىپ قاپتۇ.سىرنى يېشىشنىڭ پۇرسىتى كەلگەنلىكىنى پەمىلىگەن پادىشاھ : «مەن ھاجەت قىلىمەن. باشقىلار ماڭغاچ تۇرسۇن، سىز مەن بىلەن قېلىڭ!» دەپ ئالدى بىلەن ئورۇق ۋەزىرنى ئېلىپ قاپتۇ ۋە ئاۋۇ سېمىز ۋەزىر سىزنى ئۇنى دېدى، بۇنى دېدى، ئانداق قىلىدى، مۇنداق قىلدى دەپ ماڭا چېقىشتۇردى...دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ داتلاپتۇ. ئەمما ئورۇق  ۋەزىر دەپتۇكى: «ياق، شاھ ئالىيلىرى، ئۇ بۇنداق گەپلەرنى ھەرگىز قىلمايدۇ، سېلى خاتا ئاڭلاپ قالغان ئوخشايدىلا، ئۇنىڭ باتۇرلىقى، شىر سۈپەت مەردانىلىقى، جەڭ ئىشلىرىغا پۇختىلىقى، جەڭدىكى ماھارىتى، تەدبىركارلىقى ۋە ئادەمىيلىك بابدىكى پەزىلىتىنىڭ ئۈستۈنلىكىدىن ئۇنى يەر شارىنىڭ كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىغا ھەيرانمەن...» دەپ گەپنىڭ قۇيرىقىنى چورتلا كېسىپ تاشلاپتۇ...

يەنە ئالغا قاراپ يۈرۈپتۇ، يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ.بىر كۈن ئۆتكەندە يۇقىرىقى ئۇسۇل بىلەن سېمىز ۋەزىرنى ئېلىپ قاپتۇ-دە، ئۇنىڭغىمۇ ئورۇق ۋەزىرگە دېگەنلىرىنى تەكرارلاپتۇ. سېمىز ۋەزىرمۇ خۇددى ئورۇق ۋەزىر بىلەن دېيىشىۋالغاندەكلا، ئورۇق ۋەزىرنىڭ سۆزىنى ئەينەن تەكرارلاپتۇ...پادىشاھ: «بولدى، ئورنۇڭغا قايت!» دەپتۇ-دە، بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن سەپەرداشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوردىغا قايتىشقا بۇيرۇپتۇ ھەمدە دۆلەتنىڭ شۇنچىلا قۇدرەت تېپىشى ۋە پۇقرالارنىڭ باياشات بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ سىر-ئەسرارلىرىنىڭ مۇشۇ ئىككى ۋەزىرنىڭ پەزىلىتىدىن ئىكەن، دپ ھۆكۈم چىقىرىپتۇ... شۇندىن كېيىن ھەر قانداق ئىشتا بۇ ئىككى ۋەزىرنىڭ مەسلىھەتىنى ئالىدىغان، ئۇلارغا تولۇق ئىشىنىدىغان بولۇپ، ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپتۇ ۋە دۆلەت ئۇلىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە چاقىرىپتۇ...

دېمەك، ھەر قانداق جايدا، ھەر قانداق ۋاقىتتا بىر-بىرىمىزنىڭ تەۋسىپلىرىنى قىلساق، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشساق، بىر-بىرىمىزگە يار-يۆلەك بولساق، ئىشىلىرىمىز چوقۇم روناق تاپىدۇ،گۈللەپ ياشنايدۇ...دەپ گېپىنى ئاخىرلاشتۇردى. بۇ چاغدا سورۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى خۇددى قېتىپ قالغاندەك جىممىدە ئولتۇراتتى... بۇ چاغدا مەن: «ئۆتكۈر ئەپەندىم خوتەندىكى قىسمەن يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئىناقسىزلىقنى بىلىپ قالغان بولغىمىدى...» دېگەنلەرنى ئويلاپ ئۈلگۈردىم.

ئارىدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى يەنە ئدەبىياتىمىزنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى، جەمئىيەت، ۋەزىيەت ئەھۋالى، كىتاب چىقىرىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ كېلىپ، ئاخىرىدا خوتەندىكى ئەدىبلەرنىڭ قەلەم قۇۋىتىنىڭ كۈچلۈكلىكى، ئاپتورلار قوشۇنىنىڭ زورلىقى، خوتەنلىك ئاپتورلارنىڭ ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەسەرلەرنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى ھەم سۆيۈنىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلدى، ئاندىن خوتەننىڭ تىل ئالاھىدىلىكى، يازغۇچى-شائىرلارنىڭ كىتاب نەشر قىلدۇرۇش ئەھۋالى، كىمنىڭ نېمىلەرنى يازغانلىقى قاتارلىق بىر قىسىم ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، سۆھبەتلەشتى. بەزىلەر بىلىدىغانلىرىنى بايان قىلىشتى. ئۆتكۈر ئەپەندى ئۇلارنىڭ گېپىنى زەن قويۇپ ئاڭلايتتى...

بىر چاغدا شائىر روزى سايىت :

ـــ قاراغوجىكام ئاتتىن چۈشتى، قورساقمۇ ئېچىپ قالغاندۇ، تاماق يېگەچ پارڭلىشايلىمۇ؟ ـــ دەپ  سۆھبەتنى ئۈزدى ۋە بىزنى خىيال ۋە خىجالەت «پاتقىقىدىن سۆرەپ» چىقتى-دە، بايا تۈگۈپ قويغان «سامسى»نىڭ قېتىنى كەڭ يېيىپ، تاماق تارتتى. تاماق پولۇ ئىدى. پولۇ يېيىلىپ بولغاندا، ئەتراپقا گۇگۇم پەردىسى يېيىلغانىدى. مېھمانلار ئۇزاش ئۈچۈن تەرەددۇت قىلىپ، ئورنىدىن قوزغۇلۇشتى ۋە راست بولسۇن ياكى تەكەللۇپ يۈزسىدىن بولسۇن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنى ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىشلىشتى.ئەپەندىم ئالدىراش ئىكەنلىكىنى، ئەتە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا چىقىپ، كېسەل كۆرسىتىپ بولۇپلا قايتىدىغانلىقىنى، يەنە باشقا زۆرۈرىيەتلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئەتە پەقەت روزى سايىتنىڭ ھەمراھ بولۇپ چىقىشىپ بەرسىلا بولىدىغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ ئاۋارە بولماسلىقىنى ئېيتىپ، ئۆزرە سوراپ، پەگاغا چۈشۈپ قول باغلاپ تۇردى. بىزمۇ ئەپەندىمنىڭ ئوبدان ئارام  ئېلىپ، ئەتە قىلىدىغان ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلىشىنى، ياردەم قىلىدىغان ئىشلار بولسا دېيىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇشتۇق. ئۆتكۈر ئەپەندى:

ــ بولدى، ھەر قايسىلىرىنى مالال قىلماي، ئامان بولۇشسىلا، ــ دەپ ئارقىمىزدىن روزى سايىت ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىللە تا ئىشىك تۈۋىگىچە چىقىپ، قول باغلاپ تۇرۇپ، بىزنى ئۇزاتتى. بىز ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ سەپىرىگە ئاق يول تىلەش بىلەن خەيرلىشىپ ئۆز يولىمىزغا راۋان بولۇشتۇق...

مانا شۇ كۈندىن بۇيان بۇ ئەپەندىمنىڭ سالماق، ۋەزمىن ئەمما سىپايە سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىسا، نۇرلۇق سېماسى، باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، كەمتەر، مۇلايىم قىياپىتى كۆز ئالدىمدا تېخى تۈنۈگۈنكىدەكلا تۇرىدۇ. شۇ كۈندىن بۇيانقى 20 يىلدىن ئارتۇقراق  ۋاقىت جاريانىدا «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر» دېگەن ئىسىمنى ھەر قېتىم ئاڭلىسام، كۆرسەم، ياكى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇسام، شۇ كۈننى ئەسلەپ، بىرەر پارچە سۈرەتكە چۈشىۋېلىش ھېچكىمنىڭ يادىدىن كەچمىگەنلىكىگە ئۆكۈنىمەن. مىڭ قېتىلاپ ئىست، ئەپسۇس، دەپ نادامەت چېكىمەن.شۇنىڭدەك ئۇ زاتنى يۈكسەك ھۆرمەت، چوڭقۇر قايغۇ ۋە چەكسىز سېغىنىش بىلەن ئەسلەيمەن، ئۆلۈمىگە ئېچىنىمەن.

ئىنسان قايتقۇچى ئىكەن، ئۇ ئارىمىزدىن كەتتى.ئامال قانچە؟ بىزمۇ ھامان بىر كۈنى كېتىمىز.شۇڭا، ئەجىر-ئەمگەكلىرىمىز ۋە ياخشى پەزىلەتلىرىمىز بىلەن ياشايلى، ئەلگە نەپ بېرەيلى! دەيمەن ئۆز-ئۆزۈمگە.  

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈردىن ئىبارت بۇ مۆھتىرەم زات ئەجىر-ئەمگەكلىرى ۋە خىزىر سۈپەت خۇلق–مىجەز، پەزىلەتلىرى بىلەن تۇپراققا ئەمەس، خەلقىمىزنىڭ قەلبىگە كۆمۈلدى. شۇڭا ئۇنىڭغا شۇنداق خىتاب  قىلىمەن: تىنچ يېتىڭ ئەدەبىياتىمىزنىڭ پەرۋىشكار باغۋەنى، سۆيۈملۈك ئۇستاز، سىز بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات!



ئاپتورنىڭ ئەسكەرتمىسى: «قۇمۇل ئەدەبىياتى» 2011- يىللىق 6 –سانىدن يوللاندى.

  بۇ ئەسلىمىنى «كونا مۇنبەر» دىن سۆرەپ چىقىپ يوللاپ قويدۇم. سەۋەب كۆرمىگەنلەرگە ئاز بولسىمۇ نېسىۋە تېگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس...


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-22 23:06:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ماۋزۇنى چوڭايتىپ قوياي دەپ چېقىلىپ بولغۇچە قېچىپ چىقىپ كەتىغۇ، بۇ ئەسەر؟ قايتا تەستىقلىنىشقا بەك-بەك خۇشتار ئوخشايدۇ.
    قۇلاقنىڭ تۈۋىگە تەستەك بىلەن ئىككىنى سېلىپ، ھەيدىۋەتسەڭلار بولغانىكەن، ئەپەندىلەر!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-22 23:08  


ۋاقتى: 2012-4-23 16:13:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدىرىھىم ئۆتكۈر مىنىڭ نەزىرىمدە ئۇيغۇر ئەدىبىياتىغا قايتا نىسىپ بولمايدىغان مەڭگۈلىك نامايەندە.مىنىڭ بۇنداق ھىس قىلىشىم ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىپلا قالماي ئەدەپ-ئەخلاق،ئىتىقات،ئادىمىيلىكنىڭمۇ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقانلىقىدا دەپ ئويلايمەن.مەن ئەسەرلىرىدىن زۇق ئالىدىغان ،پەخىرلىنىدىغان بەزى ئەدىپلىرىمىزنىڭ بەزىبىر سەلبى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمدا ئۆتكۈر ئەپەندىمنى ۋە ھىدايەتنامىنى سېغىنىش بىلەن ئەسكە ئالىمەن.
ئابدىرىھىم مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-23 19:46:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋارىس يوللىغان ۋاقتى  2012-4-23 16:13
ئابدىرىھىم ئۆتكۈر مىنىڭ نەزىرىمدە ئۇيغۇر ئەدىبىياتىغ ...


    ئۇكام ۋارىس، راست دەيسىز. مەنمۇ ئۇ زاد بىلەن ئۆمرۈمدە پەقەت بىرلا قېتىم ئەسرارلاشقان. ئۈرۈمچىدە ئوقۇيدىغان چېغىمدا تولا ئۇچرىسىمۇ، پېتىنىپ گەپ قىلالماي، پۇرسەتلەرنى ئۆتكۈزىۋەتكەن. شۇ بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئۇ زادنىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولغاچقا، ساق 20 يىلدىن كېيىن بۇ ئەسلىمىنى يېزىپ چىقتىم. ئاللا ئۇ دۇنيالىقىنى بەرسۇن، ئامىن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-10 13:17  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-25 11:24:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-6 18:02  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-19 17:15:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇنى ئوقۇپ قويۇڭلار، بۇرادەرلەر!

ئىنكاس ئۆچۈرۈلدى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-19 19:45  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-6 18:04:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.

   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-2 19:28  


ۋاقتى: 2014-11-6 18:09:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسلىمىلىرىڭىز تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ ،مەمنۇن بولدۇم !

ۋاقتى: 2014-12-3 18:44:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ئاكا ، ياخشى ئەسلىمە ئىكەن .

ۋاقتى: 2014-12-3 18:51:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تامچە سۇدىمۇ قۇياش نۇرى ئەكس ئېتەر،ئالىم بىلەن ھۆمسۆھبەت بولغان بىر كۈن نادان بىلەن ئۆتكەن مىڭ كۈندىن ئەۋزەل...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-14 23:11:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Wolkani يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 18:09
بۇ ئەسلىمىلىرىڭىز تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ ،مەمنۇن بولدۇم ...





       قانداق كۈندە يوللاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن. بىركىم ئوقۇمىغانىدى...  بويۇن قىسىپ قالغان بۇ ئەسىرىمنى ئوقۇپ ئىنكاس يازغىنىڭىزدىن خۇش بولدۇم. رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-22 17:14:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشتۇغ يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 18:44
رەھمەت سىزگە ئاكا ، ياخشى ئەسلىمە ئىكەن .





       شۇنداق، ياخشى ئەسلىمە ئىدى، ئەمما ئوقۇيدىغان ئادەم يوق مۇشۇنداق بېزىرىپ تۇرىدۇ. رەھمەت!

ۋاقتى: 2014-12-22 19:50:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2014-12-22 17:14
شۇنداق، ياخشى ئەسلىمە ئىدى، ئەمما ئوقۇيدىغان ئ ...

        ياخشى  ئادەملەرنى ئەسلەش ، سېغىنىش  ياخشى ئادەملەرنىڭ ئىشىدۇر . ئا . ت ، ئۆتكۈرنىڭ ئىزى ھەممە يەردە بار ئىدى .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-25 12:24:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qaraxan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 18:51
تامچە سۇدىمۇ قۇياش نۇرى ئەكس ئېتەر،ئالىم بىلەن ھۆمسۆھ ...





            شۇنداق، ئۇ زاتى مۇبارەكنىڭ شۇ چاغدىكى كەمتەر، سىپايە سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى، كىشىلەرنى ھۆرمەتلىگەندىكى تۇرقلىرى كۆز ئالدىمدا سۈرەتتەك نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭىمۇ 20 يىل كۆڭلۈمنىڭ ئەڭ يارقىن جەيىدا ساقلاندى... رەھمەت! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-25 12:37  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-31 13:32:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.جۇدۇن يوللىغان ۋاقتى  2014-12-22 19:50
ياخشى  ئادەملەرنى ئەسلەش ، سېغىنىش  ياخشى ئادەملە ...




        توغرا دەيدىلا، رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش