«كروران»دىكى روزى كېرەم يارى
رۇزى كېرەم ، 1979 – يىلى 8 – ئاينىڭ 20 – كۈنى كورلا شەھرى تېكىچى يېزا تېكىچى كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئالىي تېخنىكۇم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە . ھازىر تېكىچى كەنت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكىتارى . ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقىۋاتقان ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلىغان بۇلۇپ ، ئۆزلىكسىز تۈردە ئۆگىنىش ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان . 2006 – يىلى كىروران ژورنىلىنىڭ 2 – سانىدا ئېلان قىلىنغان «دېھقىنىم !» ناملىق شېئىرى ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ئەدەبىيات سىپىگە كىرىپ كەلگەن . 2007 – يىلى 1 – سان ژورنالدا تەرجىمھالى تۇنۇشتۇرۇلغان . ھازىرغا قەدەر «كىروران ژورنىلى» دا بىر قىسىم شېئىر ، نەسىر ، ئوبزورلىرى ئېلان قىلىنغان . ھازىر ئۇ ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى .
شېئىر ۋە مەن
خىياللارغا غەرىق بولغىنىمدا «رۇزى كېرەم» دىگەن ئىسىم بىلەن «شېئىر»نىڭ ھېچقانداق باغلىنىشى يوقتەك بىلىنىدۇ . لېكىن سىنچى كۆزدە قارىغاندا يەنىلا ئازراق باغلىنىشى باردەك ! گويا بۇ باغلىنىش ئادەملەر ئارىسىدىكى رىشتىدەك ناھايىتىمۇ خىلۋەتتە ، مۇققەددەس بىر ھېستا دولقۇنلاپ تۇرغان بولىدۇ . ئىسمىم شېئىرغا قاچاندىن باشلاپ باغلىنىپ قالدى . بۇ گويا «شېئىر دىگەن نىمە ؟» دىگەن سۇئالغا جاۋاب بىرىشتەك بىر قارىسا ئاددى ، بىر ئويلىسا ناھايىتىمۇ مۇرەككەپ . ئۇنىڭ ئاددىيلىقى مېنىڭ بۇ شېئىرلارنى يازغانلىقىم بولسا ، مۇرەككەپلىكى شۇ قۇرلانى قاچاندىن باشلاپ ئويلاپ قوراشتۇرۇپ ، «شېئىر» دىگەن مۇشۇ رامكىلارنى پۈتتۈرۈپ چىققانلىقىم بولسا كېرەك . ھازىر «شېئىر دىگەن نېمە ؟» دەپ سورايدىغانلار ئازلاپ كەتتى . «نېمە ئۈچۈن شېئىر يازىسەن ؟» دەپ سورايدىغانلار كۆپ . بۇ مېنىڭ خىيالىم . ھازىرقى لەيلەپ ياشاش ئادىتى ئومۇملاشقان شارائىتتا چۈكۈندى بۇلۇش پاسسىپلىق بۇلۇپ قالدى . رۇزى كېرەم دىگەن ئىسىم شۇ چۈكۈندىلەرنىڭ بىرى بۇلۇشى مۇمكىن . ئۇنى تېرەنلىككە چۆكتۈرىۋاتقىنى نىمە ؟ ئۇنى شېئىردىن ئايرىپ قارىغاندا بىر پارچە ئاق تاش ياكى بىر دانە يۇمىلاق بۆرەك تاش بۇلۇپ قالغۇدەك ...
كىشىلەر ھىكايىلەرگە قىزىقىشىدۇ . ئۇلارنىڭ ھىكايە ئىچىدىن ئىزدەيدىغىنى ھېسىيات ، قۇيۇق لىرىك ھېسىيات ! لىرىك ھېسىيات – شېئىردۇر ! شېئىر دەل لىرىك ھېسىياتنىڭ يوقىرى باسقۇچى ياكى پارتىلىشى . ئۇلار شېئىر ئوقۇيدۇ ، لېكىن شېئر شەكلىدە ئەمەس !
مەن شېئىر يېزىش ئارقىلىق ئۆزەمنى چۈشەندۈرىۋاتىمەن . چۈنكى شېئىر مېنىڭ كىشىلەر ئىنتىلگەن چوڭقۇرلۇق ئىچىدىن سۈزۈپ چىققان ، ئەڭ تۈجۈبىلەنگەن قىسقا ھىكايىلىرىم !
دېھقىنىم
دېھقىنىم !
يۈزۈڭدىكى قۇرۇقلاردىن
سىرغىپ چۈشكەن مېنىڭ بەختىم !
ئايسىز كېچە سانسىز يۇلتۇزلار
تېمتاس ، جىمجىت سەھرا كېچىسى
بۇندا خوشال خوشالمەن چەكسىز
ئاڭلانمايدۇ ماتور ئاۋازى .
ئاڭلانمايدۇ سۆرەن چوقانلار
جىمجىتلىقنى بۇزىدۇ پەقەت
چېكەتكىنىڭ چىرىلداشلىرى .
گويا ئەزىز مېھماندەك كۈرۈپ
دېھقان بىزنى باشلىدى ئۆيگە .
غەمسىزدۇرمەن ئۆز ئۆيۈمدىكىدەك
تەييار تاماق ، يوتقان ھەم كۆرپە .
ئاھ ، دېھقىنىم ! يەنە سەن سېخى
بۇ پەسىلدەك – كۈز داستىخىنىدەك
شۇڭا بەخت قۇچاق ئاچىدۇ
سەن باھادىر ، ھاسىلى تىلەك !
چەكسز كەتكەن ئېكىنزارلارنى
بەرپا قىلغان دېھقاننىڭ قۇلى
دېھقان –
زەيتۇن شېخى چىشلىگەن كەپتەر !
سەن دېھقىنىم سەھرادا مەشئەل !!
ھايات
ئادەم ھاياتى – بىر ناخشا ! ئۇ شۇنداق ناخشىكى ، ئۇنىڭ تاكىت ۋە مىلودىيىلىرىنىڭ بەزىلىرى خوشاللىق ، بەزىلىرى غەم – قايغۇ ، دەرت – ئەلەم ، جاپا – مۇشەققەت ، مېھىر – مۇھەببەت بىلەن ئۆز – ئارا ماسلاشقان ھالدا ئاجايىپ گۈزەل بىر ئاھاڭنى ۋۇجۇتقا چىقارغان . شۇڭا ئۇنى ھەرقانداق ئادەم سۈيۈپ ئېيتىدۇ . بۇ ناخشا قايتا – قايتا ئېيتىلىش جەريانىدا بەزىلەر تەرىپىدىن تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇلسا ، بەزىلەر تەرىپىدىن خۇنۇكلەشتۈرۈۋېتىلىدۇ . خۇنۈكلەشتۈرۈۋەتكەنلەر ھاياتنىڭ لەززىتىدىن ھۇزۇرلىنالمايدۇ . يەنى بۇ ناخشىدىن زوق ئالالمايدۇ . بەزىلەر بۇ ناخشىنى ئېيتىش جەريانىدا ئۇنىڭغا يېڭىدىن يېڭى مىلودىيىلەرنى قۇشۇپ ، ئۇنى تېخىمۇ زور ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ . شۇڭا بۇنداق كىشىلەر تارىخ دەستۇرىنىڭ ئالتۇن بەتلىرىگە يېزىلىپ ، ئەشۇ ناخشىنىڭ ئىجادكارى سۈپىتىدە كىشىلەرگە روھى ئوزۇق ئاتا قىلىدۇ . ناخشىنى ياخشى ئېيتالمىغانلار قاغىغا ئوخشىسا ، ياخشى ئېيتالىغانلار بۇلبۇلغا ئوخشايدۇ . بۇلبۇلنىڭ ناخشىسىنى ھەممەيلەن ياخشى كۆرىدۇ . ئۇنى باغلىرىدىكى ئەڭ چىرايلىق گۈللەرگە قونسىكەن ، دەيدۇ . قاغا ھېچ ئەيمەنمەستىن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ لەمپىسىگە قۇنۇپ ، يېقىمسىز ئاۋازى بىلەن كېچە – كۈندۈز قاقىلدىسىمۇ ، كىشىلەرگە بىزارلىقتىن باشقا ھېچنېمە ئاتا قىلالمايدۇ . دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھاياتنى سۆيۈشى مۇمكىن . ئەمما ، قانداق سۆيۈشنى بىلىدىغانلىرى ناھايىتىمۇ ئاز ...
گۈزەل خاتىرجەم تۇرمۇش بىزدىن ناھايىتىمۇ كۆپ بەدەل تەلەپ قىلىدۇ .
*
جاھىللىق – گۈزەللىكنىڭ دۈشمىنى !
*
ئىزدىنىش ئىچىدە تېڭىرقاش – توختاپ قېلىش ئەمەس !
*
قۇربان قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكىنىم ئۇنتۇلغۇسىز خوشاللىق !
*
تەغدىرچىلىق قارشى ئېغىر ئادەم ئۆزىگە ئىشەنمەيدۇ .
*
چىن مۇھەببەت – يارىلانغان يۈرەكنىڭ شىپاسى .
مۇھەببەتنىڭ باھار پەسلىدە
شېئىر يازدىم ،
شېئىر مېنى ئۇقۇپ بەرگەندىن كىيىن ...
ئەي مۇھەببەت ! يانغىن پاراسلاپ ،
مەن سېنىڭ سەمەندەرىڭ !
نەچچە تىلەپ كەلدىم كوچاڭغا
سېزەلمىدىڭ ئاتىغىنىڭ بولسا ئېلىپ چىق
مەن سېنىڭ قەلەندەرىڭ !
بىلىمەن
ھېچكىم مېنى شائىر دېمەيدۇ
ھېچكىم قورسىقى ئاچسا شېئىر يېمەيدۇ .
ئادەم شېئىر يېمىگەن بىلەن ،
شېئىر ئادەم يەيدۇ !
سېنىڭ بىلەن تەڭ ئۇيۇلسۇن مېنىڭ كۆزلىرىم ،
سېنىڭكىدەك خازان بۇلۇپ ئۇچسۇن سۆزلىرىم
مۇھەببەتنىڭ باھار پەسلىدە ...
قىزىلگۈل
خىلۋەتتىكى ئەشۇ قىزىلگۈل ،
نېچۈن قىلار مېنى مەھلىيا .
سۈيۈملۈكۈم دىگۈم بولسىمۇ ،
تىلىم كۆيەر ئېيتىشقا ئەمما ...
ئانام ئېيتار : - قىزىلگۈل تىكسەڭ !
خىلۋەتكە تىك ، ئاينىپ باغجانلار .
كىشى كۆزى يامان ئەسلىدىن ،
كۆپ كۆز كۆرسە ئۇ قۇرۇپ قالار .
نەۋ باھارنىڭ قوينىدا شۇدەم ،
ئاچقان پورەك ، بەرگىدە شەبنەم .
پۇراپ – پۇراپ خەقتىن يۇشۇرۇن ،
ئېزىۋەتتىم بەرگىڭنى بۇدەم ...
نېمىسىگە ھېرىسمەن ئۇنىڭ ،
ھېچ گۈلدە يوق ئۇندىكى پۇراق .
نېمىسىگە ھېرىسمەن ئۇنىڭ ،
ھېچ گۈلدە يوق ئۇندىكى سىياق .
يول سۈپۈرگەن ئايال
(قىز بالا سەھەر تۇرۇپ ، ھويلا – ئارام يوللارنىڭ يۈزىنى ئاچسا بەختى ئېچىلىدۇ .
- ئانىلار سۆزى)
يول سۈپۈرگەن ئايالنىڭ تۇرقى ،
ئەڭ قەدىم ئۇدۇمنى قىلسا نامايان .
ئاقلىق ئىچىدە يانغان قارا كۆز –
قوزغار يوللاردا ئىللىق ھاياجان !
ئۆچلۈگۈم كېلەر ماشىنىلارغا ،
ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتسە ياندىشىپ .
ئۆچلۈگۈم كېلەر شۇم چىراقلارغا ،
يانسا كۆزىدىن نۇرلار تالىشىپ .
ئاتتىم ئۆزۈمنى ئۇنىڭ يېنىغا ،
بىلمەيمەن ، كىملەردىندۇر يەنە تالىشىپ .
ئېيتاي سۆزۈمنى ، بىرىپ لەۋزىمنى ،
قاراپتۇر ! دۇنياقالسۇن قارىشىپ .
چىغ سۈپۈرگە ئايال قۇلىدا ،
پاكلىماقتا زېمىن يۈزىنى .
تەڭكەش بۇلۇپ ئاڭا بىر ناخشا ،
جاكار قىلار ئانا سۆزىنى ...
بەختىم
سەن ئۇنىڭكى كۈلكىلىرىدە ،
تېڭىرقاشتىن ياش بۇلۇپ قاتقان .
سېنىڭ جىمجىت تىنىچ كۆڭلۈڭگە ،
تۇيدۇرماستىن ئۇ چالما ئاتقان .
كۈرۈپ قالساڭ خىلۋەت باغچىدا ،
ئېرىقلاردا سۇ بۇلۇپ ئاققان .
پىشىپ راسا مەي بولغۇچە جىم ،
بىراق ئۆزگە غورىنى قاققان .
غۇنچىلىسا كۈتۈشلىرىڭدە ،
سەن بىخەۋەر ، ئۇ پورەك ئاچقان .
تەشنالىقتا مۇڭلانغىنىدا
بىراۋ كىلىپ لېۋىگە ياققان .
بەلكىم باردۇر تەغدىر ئەزەلدىن
ھەركىم شۇندىن ئۆز مەنە تاپقان .
يوقاتقىنىم ئازاپ بولغاندا
بەختىم مېنىڭ باغرىمغا باسقان .
شېئىر
شېئىر شۇنداق ئىلاھى يېزىق ،
تىترەپ تۇرغان لەۋگە يېزىلغان .
بايقاپ بىردىن شائىرنىڭ كۆزى ،
ئاۋايلاپ ھەم جىددى قېزىلغان .
سۈرتىۋېتەر ، شورىۋېتەر كىم ؟
يۇتىۋەتكەن ، تۈكۈرۋەتكەن كىم ؟
ئۇنى ئوقۇ يۈرىكىڭدە سەن !
قۇيىۋەتكىن ئۈنۈڭنى ئۈنلۈك !
سادا قوشار ھېچبىر غەرەزسىز
كۆككە باققان قاپقارا تۈڭلۈك ...
كېچىڭىزگە ئاقلىق يار بولسۇن
ئوبزور
ئۇيغۇرلار رەڭ چۈشەنچىسى ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە مول خەلق . ئاقتىن ئىبارەت بۇ سۆز – پاكلىقنىڭ ، پاكىزلىقنىڭ ، توغرىلىقنىڭ ۋە بەخت سائادەت ، ئۇلۇغلۇغنىڭ سىمۇۋولى ئىدى . شۇڭا ئەجەپ ئەمەسكى «كىروران ژورنىلى» نىڭ 2008 – يىل 5 – سانىدا ئېلان قىلىنغان ئەخمەتجان ئوسمان كۆلچىنىڭ «ئاق كېچە» ناملىق ھىكايىسى مېنى «ئاق» توغرىسىدا تېخىمۇ كەڭ خىيالەت بوستانلىقىغا باشلاپ باردى .
بۇ ھىكايە ئۇنچە ئۇزۇنمۇ ئەمەس بولغاچقا ، مىكرو ھىكايە تۈرىگە كىرەتتى . ھىكايىدىكى ۋەقەلىك ۋە تەپسىلات ، ھىكايە قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولمايلا قالماستىن ، ھىكايىدىن بىز ھېچقانداق قانائەت ياكى نەتىجە ھاسىل قىلالمايتتۇق .
«كىروران ژورنىلى» خېلى بۇرۇنلا مۇشۇنداق تۈردىكى ھىكايە ، پوۋېست ، راست ئىشلار خاتىرىسى ۋە دېلو مىساللىرىغا سەھنە ھازىرلاپ ، ئىزچىل تۈردە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇپ كەلدى . بەزىلىرىمىز ياقتۇرساق ، بەزىلىرىمىز ياقتۇرمىدۇق . ياقتۇرساقتۇ ياكى ياقتۇرمىساقتۇ ئىشقىلىپ ئوقۇپ كەلدۇق . بۇ ساندا ئېلان قىلىنغان «ئاق كېچە» دىن ئىبارەت بۇ ھىكايىمۇ ئەلۋەتتە ئەنە شۇنداق نەزەرلەردىن ساقىت بولالمىدى دەپ ئويلايمەن .
«ئاق كېچە» ھىكايىسى خۇددى بىز ئۇقۇغۇنىمىزدەكلا ئەنە شۇنداق ئاددى ھىكايىلەر ئىچىدىكى بىر ئاددى ھىكايە ! ئۇنىڭ ئاددىيلىقى ئاپتۇرنىڭ ھىكايە تەپسىلاتلىرىنى ئۇنچە بەك چەككىلەپ ، زىيادە ئەدەبىيلەشتۈرىۋەتمىگەنلىكىلا بولماستىن ، خۇددى بىز ئەتىلا ئۇچراپ قالىدىغاندەك تەپسىلاتلار ئارقىلىق ، ئىنتايىن پەرۋاسىزلىق بىلەنلا ھەتتاكى ھىكايىدىكى «مەن» دىنمۇ بىپەرۋا ھالەتتە يېزىپ تاماملىغانلىقىدۇر . ئەمەلىيەتتە ھىكايە ئاپتورى ، ھىكايىدىكى «مەن» ، مەن – بىز ، سىز – سىلەر ، ئۇ – ئۇلار ھەممىمىزلا بىلىپ – بىلمەي بىپەرۋالىق كوچىسىغا كىرىپ كېتىۋاتىمىز ! ئۇنداق بولمىسا بۇ ھىكايىدىكى ۋەقەلىكلەر نېمە ئۈچۈن سىزنى ئۇنچە ھەيران قىلالمىدى ؟!
مەن ئۆزەمچىلا ئۆزەمنى خۇددى ھىكايىنىڭ ئارقا كۈرۈنۈشىنى بىلىۋالغاندەك ؛ ئاپتۇرنىڭ بىزگە بۇ ھىكايىنى سۆزلەپ بېرىپ ، بىزنى ئېنىق تۇنۇش ھاسىل قىلىشقا يېتەكلىمەكچى بۇلۇۋاتقان نوقتىلارنى بايقىۋالغاندەك بىر تۇيغۇدا سېزىشكە باشلىدىم .
جاھان تەرەققىياتى ئۇچۇردىن ئىبارەت «شەيتان» نىڭ ۋەسۋەسىسى ئىچىدە ئۇچقاندەك سۈرئەتتە ئىلگىرلىدى . ئادەملەر ھاڭ – تاڭ بۇلۇشتى . ئۇلار دۇنيانى تۇيۇقسىز تارىيىپ قالغاندەك ، يەنە تېخىمۇ تارىيىۋاتقاندەك ھېس قىلىشتى ۋە شۇندىلا بۇ پۇرسەتنىڭ ئۆزلىرىنى چۈشىدىمۇ ئېرىشەلمىگەن شارائىتلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدى . شۇنىڭ بىلەن جاھان مىللەتلىرى مەدەنىيىتى گويا يېقىن تۇرغان كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرىدىن ئۆتۈشكەن ئىسسىقتەك ناھايىتى تېزلىكتىلا ئۆز – ئارا ئۆتۈشۈپ ، بىر - بىرىنى تۇنۇش ، بىر – بىرىدىن ئۆگىنىش ، بىر – بىرىنى دوراش ، بىر – بىرىگە ئەگىشىشتەك ئەسەبىي قىزغىنلىق تېزلا روياپقا چىقىپ ، بىر مەيدان ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى .
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلاتمۇ ئەۋلات مىراس بۇلۇپ كىلىۋاتقان ئەخلاق ، مۇھەببەت ئۇدۇملىرى ، ئۆرپ – ئادەت ، ئەنئەنىلىرى سەلتەنەتلىك ئوبرازىنى ساڭلاپ قالالىغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ مۇكەممەللىكى خۇددى مىڭ ئۆيلەردىكى تام رەسىملىرىدەكلا ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچىرىدى . ئادەملەرنى تېزگىنلەپ تۇرىۋاتقان ئەدەب – ئەخلاق ئەھكاملىرى ئۇلارغا نېسبەتەن بۇيۇنتۇرۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەستەك تۇيۇلۇشقا باشلىدى . باشقا مىللەتلەر ۋە رايۇنلاردىكى مەدەنىيەت ئوخشىماسلىقلىرى بۇ بۇيۇنتۇرۇققا نېسبەتەن ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى .
يەنە «ئاق كېچە» دىن ئىبارەت ھىكايىغا قايىتىپ كەلسەك ، ھىكايىدىكى مۇھىت دەل مانا شۇنداق نۇرمالسىزلىقلار بىلەن تولغان مۇھىتتىن باشقا مۇھىت ئەمەس ! ھىكايىدىكى ئوتتۇرىغا قۇيۇلىۋاتقان مەسىلە دەل جەمئىيىتىمىزدىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلىگە ئايلىنىۋاتقان ئەخلاق مەسىلىسى . كونكىرىتلاشتۇرساق مۇھەببەت ئەخلاقى مەسىلىسى ، تېخىمۇ كونكىرىتلاشتۇرساق ئىشقى – مۇھەببەت ئەخلاقى ئۇچرىغان ئېغىر كىرزىستۇر .
ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە ! 90 – يىللارنىڭ باشلىرىدا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمىزدا ، سىنىپتا ياكى مەكتەپتە مۇھەببەتلىشىۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنى بىلسەك ، ھەيران بولاتتۇق ھەم ئۇلارنى زاڭلىق قىلاتتۇق .بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى ئەخلاقسىزلىق ، نۇمۇسسىزلىق جۈملىسىدىكى ئىشلارغا كىرەتتى . ئاتا – ئانىلىرىمىز ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بالدۇر مۇھەببەتلەشمەسلىك توغرىسىدا قاتتىق ئاگاھلاندۇراتتى . بىئولوگىيە ، گىگىنا دەرىسلىرىدە مۇئەللىم «جىنىس ، ئاتىلىق ، ئانىلىق ، ئەركەك جىنسى ، مەقەت ، كۆپىيىش ئەزالىرى ، سۈيدۈك يوللىرى» دىگەندەك ئاتالغۇلارنى سۆزلىگەندە قىزلار بېشىنى جوزىدىن ئۈستۈن قىلالمايتتى . 10 يىلدىن كىيىنكى بۆگۈنكى كۈندە بولسا يەسلى بالىلىرى ئىچىدە ئوغۇل – قىزلارنىڭ سۆيۈشۈشى ؛ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىشى ؛ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشى ؛ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھامىلدار بۇلۇپ قېلىشى ؛ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زەھەر چېكىشى ، «ھەمرا خېنىم» بۇلۇپ تېنىنى سېتىشىنى ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش دەپ چۈشەنمەيدىغان بولدۇق .
مۇھەببەتلەشكەن يىگىت – قىزلارنىڭ تويدىن بۇرۇن سىنىشىشى ؛ قىزلارنىڭ «بەخت ئىزدەپ» قىزلىق سالدۇرۇشى ؛ توي قىلماي تۇرۇپ بىر – ئىككى قېتىم ھامىلە ئالدۇرۇۋېتىشلىرىنى سۆز – چۆچەك قىلىشساقمۇ ، ئۇنىڭدىن زىيادە نۇمۇس ھېس قىلىپ كەتمەيدىغان بۇلۇپ قالدۇق . كوچىدا كېتىۋېتىپ قول تۇتۇشۇش ،قۇچاقلىشىش ، يول ياقىلىرىدا بىر – بىرىگە ئېسىلىشىپ سۈيۈشۈش ؛ پۇل تاپقانلار ئىككىنچى خۇتۇن ئېلىش ؛ ئاشنا ئويناش ؛ تۇرمۇش قۇرغان ئەرلەر توي قىلمىغان قىزلارنىڭ كۆزىگە قاراش ، قىزلار ئۇلارنىڭ يانچۇقىغا قاراشتەك ئىشلار ئادەت بۇلۇپ قالايلا دېدى .
كىچىكلەرنىڭ چوڭلارغا قارىغاندا ئۆزگە مەدەنىيەتلەرنى قۇبۇل قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىنكاسى ناھايىتى تېز بۇلۇپ ، مەدەنىيەت ، ئەخلاق ، ئەنئەنىگە يات ئىللەتلەر ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر تەرىپىدىن تېزلا قۇبۇل قىلىنىپ ھەرقايسى جەھەتلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى . ھاۋايى – ھەۋەس ئۈچۈن مۇھەببەتلىشىش ياشلاردىن ئوتتۇرا – چوڭ ياشلىقلارغا ، ئاندىن ياش – ئۆسمۈرلەر ئارىسىغا ناھايىتى تېزلا يامراپ ، ھازىر بىز كۈرۈپ تۇرىۋاتقان بىر مەيدان مۇھەببەت تىراگىدىيىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بۇلىۋاتىدۇ . بىز تېخى بۇ ئويۇننىڭ ئاخىرىنىمۇ كۆرىمىز !
قىسقىسى ، ئەخلاق گۈلىستانلىقىدىكى مەڭگۈلۈك تۇتقۇن جىنسىيەت ئۆز چۈمبىلىنى ئېلىپ تاشلىدى . ئۇ ئۆزىنى «ئەركىنمەن!» دەپ جاكارلىدى . بىز ئۇنىڭغا ئىختىيارسىز قاراپ سالدۇق . ئۇنىڭ يالىڭاچلىقى نۇرغۇنلىغان ئازغۇنلارنى ئۆزىگە ئەسىر قىلدى . جىنسىيەت – گويا قىيامەت كۈنى كوچىغا چىقىدىغان دەججالدەك ھەر تۈكىدە مىڭ قوڭغىراقنى جاراڭلىتىپ ئۇسۇلغا چۈشتى . ئۇنىڭغا قاراپ قۇيۇپ ئەقلى – ھوشىنى يوقاتقان ، ئۆزىنىڭ پاكىز ۋە ھالال نىكاھىنى ، ئىللىق ئائىلە ئېشىكىنى چېقىۋېتىپ ، دەججالغا ئەگىشىپ كېتىۋاتقان ئاتىلارغا ، ئانىلارغا ، ئەرلەرگە ، ئاياللارغا ، يىگىتلەرگە ، قىزلارغا قاراڭلار ! ئۇنىڭ يەمچۈگىگە ، ۋاقىتسىز قۇربانلىقىغا ئايلىنىۋاتقان نارىسىدىلەرگە قاراڭلار !!! ئىشىكى چېقىۋېتىلگەن ئۆي ، ئائىلە يەنە قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولاركىن ؟! دەججالغا ئەگەشكەنلەرچۇ ؟؟؟
مېنى ھەيران قىلىۋاتقىنى يەنىلا ھىكايىنىڭ ئاددىيلىقى ئەمەس بەلكى ھىكايە تەپسىلاتلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەنە شۇنداق ئارقا كۈرۈنۈشلەرنىڭ ئۆز تۇرمۇشىمىزدا گويا مۇشۇ ئاددى ھىكايىدەكلا ئانچە بەك دىققىتىمىزنى تارتىپ كېتەلمەيۋاتقانلىقى ۋە ئاستا – ئاستا ئەنە شۇنداق تۇرمۇش مۇھىتىغا ناھايىتى ئاسانلا ئۆزلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىمىزدۇر !
يازغۇچى ياكى قەلەمكەش ھەرقانچە كونىلىقپەرەس ياكى غايىۋى خىيالپەرەس بولسۇن ئۇ ھامان ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت ، جەمئىيەت ، دەۋىرنى ئۆز ئەسىرىدە ئەكىس ئەتتۈرمەي قالمايدۇ . يەنە شۇ مۇھىت ، جەمئىيەت ، دەۋىر ئىچىدە يۈز بەرگەن تارىخىي ، سىياسى ، ئىجتىمائىي ئىشلار ؛ ئادەملەرنىڭ مەدەنىيەت ، تۇرمۇش ، روھىي ھالەتلىرىنى يەنە ئۆزى تەۋە توپنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى ، تەرەققىيات نەتىجىللىرى ، مەغلۇبىيەت – كىرزىسلىرىنى ، خوشاللىق – ئازاپلىرىنى ئىلگىرلەش يۆلىنىشى بۇيىچە ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكىس ئەتتۈرۈپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشى ئۇنىڭ مۇشۇ نوقتىلاردا ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ، بۇلارغا نىسبەتەن ئۇنىڭ روھى دۇنياسىدا داۋالغۇش بۇلۇپ ، كۆپچىلىكتىن مەلۇم ئۈمىدلەرنى كۈتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . دېمەك ، يازغۇچى ، قەلەمكەشلەرنىڭ بۇلاردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشى ئۇنىڭغا نىسبەتەن مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە نۇمۇس . چۈنكى ئۇ ئۆزى تەۋە توپنىڭ بىرقەدەر ئاڭلىق ۋە سەزگۈر - يەنە كىلىپ ، بىلىملىك ۋە مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ئويلايدىغان سەركىلىرىگە تەۋە بولغانلىقتىن ئۇنىڭ بۇ نوقتىلاردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئەڭ ياخشى تەرىپى ئۇ كۆپچىللىكتىن ناچار ئىش – ھەركەتلەرگە ئەگىشىش ، قىيىنچىلىق ۋە كىرزىسلارنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلماستىن ، بەلكى بۇنداق ناچار ئىللەتلەرنى قەتئىي تۈگىتىپ ، ئىجابىي تەرەپكە يۈزلىنىشنى ئۈمىد قىلىشى ئوقۇرمەننىڭ يازغۇچى ۋە قەلەمكەشلەرگە نېسبەتەن ئەسىرلەردىن بۇيان ھۆرمەت ۋە چوڭ بىلىش ھېسىياتىنى ئۆزلىكسىز كۈچەيتىپ كەلگەن ئىزچىللىققا ئىگە بىر تەرىپى بولسا كېرەك . شۇ نوقتىدىن ئويلىغىنىمىزدا «ئاق كېچە» ئاپتۇرىنىڭ ئىشقى – مۇھەببەت ئەخلاقىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قۇيۇپ ، جەمئىيەت ئەخلاقىغا نېسبەتەن بىپەرۋا ، مەسئۇلىيەتسىز ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئەر – ئاياللار ، يىگىت قىزلار ، ئاتا – ئانىلارنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ، جەمئىيىتىمىزدە ئېغىر كىرزىس بۇلۇپ تۇرىۋاتقان بىر قاتار ئەخلاقى بۇلغۇنۇشلارنى ئۆز يۇلى بىلەن ئاددىي تەسۋىرلەر ئارقىلىق ، بىزنىڭ نەزىرىمىزگە قايتا تاشلىشى ، بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىپ ، ھەمىمىزنىڭ بۇ جەھەتتە ئويلىنىش ھاسىل قىلمىغان كاللىمىز ، يۈرىكىمىز ، ئەقىل – ئىدراكىمىزغا قايتا ئويلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەكچى بولغانلىقى بولسا كېرەك .
ئەلۋەتتە ، يەنە تەكرارلاپ ئۆتسەك – يازغۇچى ياكى قەلەمكەشلەرنىڭ بىزگە بىر پارچە ئەسەرنى سۇنۇشى بىزنىڭ ئۇنى ئوقۇپ ، ئىستېتىك ۋە بەدىئىي زوق ئېلىشىمىزنىلا ئۈمىد قىلىش بولسا ياكى بىز شۇ نوقتىلارنىلا مەقسەت قىلساق ، بۇ يازغۇچىنىڭمۇ ۋە ئوقۇرمەننىڭمۇ تېخى ئۆز نەپسانىيىتىنى يېڭىپ بولالمىغان كىچىك بالا ، نادانلىقى ۋە روھى گادايلىقى پاكىزلانمىغان بىچارە ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى خالاس !
ئەخلاق ، مۇھەببەت – بۇلار قەدىمىي ھەم چوڭ تېما . ئىشقى – مۇھەببەت ئەخلاقى مۇھەببەت ئەخلاقىنىڭ يىلتىزى . دۇنيا ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى كۆزىمىزگە كۈندە نەچچە مىڭ خىل ئۆزگىرىش ۋە يېڭى شەيئىلەرنى تاشلاپ ، تاللىۋېلىشىمىزغا پەرۋايى پەلەك ھالدا راۋاجلىنىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋەردە ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان جەۋھىرى دۇردانىلەرنى ئۆزلىرىمىز بىلىپ بىلمەي ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز ياكى يوقىتىۋاتىمىز . ئائىلە – نىكاھ ، شەرمى – ھايا ، مېھىر – شەپقەت ، ۋاپا – ساداقەت بەتلىرى شەھۋانىيلىق ، ھاۋايى – ھەۋەس ، نادانلىق ، گۇمراھلىق چىقىرىندىللىرى بىلەن بۇلغىنىۋاتىدۇ . ئەزىز تەن ، سۈيۈملۈك ۋە ئۇلۇغ ھاياتلىق پۇرسىتى شۇ ۋەجىدىن ئۆزىنىڭ بۇدۇنيا ۋە ئۇدۇنيا ئالدىدىكى بۇرچ – ۋەزىپىلىرىنى ۋە بەخت – سائادەت ئىنئاملىرىنى ئېلىشقا قادىر بولالمايۋاتىدۇ .
* * *
«ئاق كېچە» ھىكايىسىنى ئوقۇپ تۈگەتتىم . ژورنال بەتلىرىنى يېپىۋېتىپ ، خىيال دېڭىزىدىن رېئاللىق گىرۋەكلىرىگە ئۆزەمنى ئاتتىم . قۇمساڭغۇ ساھىلدا كۆپكۆك ئاسمانغا قاراپ يېتىپ : كېچىڭىزگە ئاقلىق ھەمراھ بولسۇن ! دەپ پىچىرلىدىم .
2008 – يىل 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى
«سۇنامە»نىڭ يىشىمى - ھەممە نەرسە ئەركىنلىككە مۇھتاج
ئوبزور
مەن ئەزەلدىن سۇ توغرىسىدا بۇنداق ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر ئويلىنىپ باقماپتىكەنمەن . گەرچە سۇنىڭ تەكلىماكاندىكى ھەربىر جانلىق ۋە جانسىز مەۋجۇداتلار ھەم پىلانېتىمىز ئۈچۈن شۇنچە مۇھىملىقىنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلىپ تۇرساممۇ ، ئۇنىڭ تەپەككۇر بوشلۇقىدىكى قانىتىنىڭ مەن ئويلاپ يەتكەن دائىرىدىن چەكسىز ۋە تولىمۇ چەكسىزلىككە يېيىلغانلىقىنى «سۇنامە» ماڭا دەپ بەردى .
شائىر ئادەتتىكى ھالىتىدە نىسپىي ئەركىن بولسىمۇ ، لېكىن شېئىر يېزىۋاتقان ھالىتىدە شۇ ۋاقىتتىكى تەپەككۇر ۋە روھىي جەھەتتىن مۇتلەق ئەركىنلىك پۇرسىتىدە تۇرغان بولىدۇ . شۇ بۇيىچە بولغاندا سۇنامىنىڭ ئاپتۇرى ئېيىتقاندەك پىكىر جەھەتتىكى ، مەنە جەھەتتىكى ئەركىنلىككە ئىگە بولغان شائىر باشقىلارنىڭ سايىسىگە ئايلىنىپ قالمايدۇ .
گەپنى باشلاشتىن بۇرۇن شېئىرنى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش شۇ شېئىرنىڭ ئىجادچىسىنىڭلا قۇلىدىن كېلىدىغان مۇمكىنلىك بولسىمۇ ، بىر ئوقۇغۇچى بۇلۇش سالاھىيىتىدە ئۇنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس چۈشىنىش شەكلىدە چۈشۈنۇپ بېقىشىنىڭمۇ بىر ئەركىنلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈر . شۇڭا بۇيەردە مەن ئۆز چۈشەنچەم بۇيىچە مەزكۇر داستاندىكى كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق توغرىسىدا ئاز – تولا بىر نەرسە دەپ باقسام ئانچە ئارتۇقلۇق قىلماس .
مەن داستاننى ئوقۇغاندىن كىيىن ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان «تۆت ئاناسىر» ھەققىدىكى پەلسەپەۋى قاراشلىرى يەنە بىر قېتىم ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم . چۈنكى سۇ ئەنە شۇلار ئىچىدىكى ئاساسلىق پەيدا قىلغۇچى بىر زات ئىدى .
شۇڭا مەن داستاندىن ئىلھام ئېلىپ سۇ مۇھەببەت ئىدى دىيەلىدىم .
مۇھەببەت خۇددى تەبىئەتتىكى سۇدەك مۇھىم ئىدى . سۇ تەبىئەتكە يىشىللىقتىن ئىبارەت لەتاپەتنى ئاتا قىلغان بولسا ، مۇھەببەت ئادەمگە مېھرىبانلىقتىن ئىبارەت شاھانىلىقنى ئاتا قىلغانىدى . بۇ خىل باغلىنىش داستاننى ئوقۇغۇچىنى تۇيۇقسىز ئۇلانما تەسەۋۋۇر ئىچىگە باشلاپ كىرىدۇ . بىز بۇ ئېقىنغا ئەگىشىپ دۇنيا ۋە ئادەمنىڭ پەيدا بۇلۇشى ، توپان بالاسى ، بۇلغىنىۋاتقان ۋە ساختىلىشىپ ئۆزىنىڭ قەدىر – قىممىتىنى يوقىتىۋاتقان ئىشقى - مۇھەببەت ۋە بۇ تانىلارغا باغلانغان ئېتىقاد ، ئەخلاق توغرىسىدا ئىختىيارسىز ئويغا چۆكىمىز.
ئىككىنچى قىلىپ سۇ ئېتىقاد ئىدى دىيەلىدىم . ئادەملەرنىڭ روھىيەت ئىكىلوگىيىسىدە بۇلغىنىشقا ئۇچراۋاتقان ئېتىقادنىڭ تەغدىرى تەبىئەت ئىكىلوگىيىسىدە ئەڭ ئېغىر بۇلغىنىشقا ئۇچراۋاتقان سۇنىڭ تەغدىرى بىلەن پەرىقلىنىپ كەتمەيتتى ۋە بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئىدى . ئېلىپ كېلىدىغان ۋەيرانچىلىقى بولسا سۇنىڭ ۋاستىلىق بولغان بولسا ئېتىقادنىڭ بىۋاستە ئىدى . بۇ يەردىكى تەققەززالىق بىزنى يەنە بىر ئېقىنغا نەزەر تاشلاتقۇزدى .
ئۈچىنچى قىلىپ سۇ ئەخلاق ئىدى دىيەلىدىم . بەلكىم ، سۇنىڭ مولىكولا تۈزۈلۈشىگە ئوخشاش ئېتىقاد بىلەن ئەخلاق ئىنسانىيەت روھىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئىككى ئاساس بۇلۇشىمۇ مۇمكىن . شۇڭا ، پاكلىق ۋە ساپلىقتا ئۇلارغا قۇيۇلىدىغان تەلەپ ئەزەلدىن ئىنتايىن يۈكسەك بۇلۇپ كەلدى . بىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا ياكى يۇقۇملانغاندا يەنە بىرىدىمۇ دەرھال ئەكىس تەسىر كۈرۈلۈپ كەلدى . بۇ خىل باغلىنىش ئادەملەرنىڭ ئەركىنلىك توغرىسىدىكى ئىدىيىلىرىنى ئازاپلاپ كەلدى .
تۆتىنچى قىلىپ سۇ ئازاپ ئىدى دىيەلىدىم . بۇ خىل تۇيغۇ ئادەمنى ھەر ۋاقىت ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ۋە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل مۇمكىنلىك بىلەنلا يېتەكلەپ كەلدى . شۇڭا ئازاپنىڭ ئازابى تېخىمۇ چوڭقۇر يارا ئىدى . تەبىئەتنىڭ ، ئادەملەرنىڭ ، بۇ دۇنيانىڭ ... تەغدىرى بىزنى ئېغىر ئازاپلارغا مۇپتىلا قىلدى . سۇنىڭ ئېقىشى ، قېتىشى ، يېتىشى ، سېسىشى ... بىزنى باشقا بىر ئېقىنغا باشلايدۇ .
بەشىنچى قىلىپ سۇ ئىستەك ئىدى دىيەلىدىم .
سۇنىڭ ئارقىغا چاڭقاشتىن ئىبارەت بىر مۇقەرەرلىك يۇشۇرۇنغان . بۇ مۇقەرەرلىك بىزگە سۇنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلدۇرغان .
ئالتىنچى قىلىپ سۇ ئەركىنلىك ئىدى دىيەلىدىم .
ئەركىنلىك ئەخلاق ۋە ئېتىقاد بىلەن مۇنازىرلىشەتتى . بۇ مۇنازىرە «تۇخۇم ئىلگىرى پەيدا بولغانمۇ ياكى تۇخۇمۇ ؟» دىگەندەك ئىسپاتلاش ھاجەتسىز بولغان مۇنازىرگە ئوخشاش يىشىلمەس ئىدى . شۇنىسى بىزگە ئايان ئىدىكى بىزگە ھەممىسى كېرەك ئىدى .
يەتتىنچى قىلىپ سۇ جان ئىدى دىيەلىدىم .
تۇنجى ئادەم تۇپراقتىن يارىتىلغان بولسىمۇ ، ئادەم بالىلىرى بىر تامچە سۇدىن تۆرەلدى . ئۇ سۇ ھالىتىدە ئەر ياكى ئايال ئەمەس بەلكى بىر جانلىق ئىدى . ئۇ يىتىلدى ، جىنسى ئايرىلدى ، تۇغۇلدى ، ئادەم بولدى . لېكىن ، ئۇ يەنە ئەسلىگە قايىتىپمۇ قالاتتى . بەزىدە ، ھەتتا كۆپ ھاللاردا بىز بىر – بىرىمىزدىن پەرىقلەنمىدۇق .
مەيلى بىز داستاندا بۇلارنى قانچىنچى ئورۇنغا قويمايلى بۇلار ئەركىنلىكتە خۇددى سۇغا ئوخشاش بىر - بىرىدىن ئايرىۋېتىش تەس ھەم مۇمكىن بولمايدىغان بىر شارائىتتا جىپسىلىشىپ كەتكەن بۇلۇپ ، بۇلاردىكى ئېقىم تاشقى ئەمەس بەلكى ئىچكى جەھەتتىكى ماھىيەت بىلەن گىرەلىشىپ تۇرۇپتۇ . شۇڭا سىز ئۇلارنى نۇقۇل بىر خىل ھالەتتىكى سۇغا ئوخشاتماي ، ھەرقانداق بىر ھالەتتىكى سۇغا ئوخشىتىۋېرىڭ . چۈنكى ھەممە نەرسە ئەركىنلىككە مۇھتاج .
يۇقۇرقى ئەسەرلەرنىڭ مەنبەسى : «كروران» ژورنىلى