مۇھەببەتكە خوش دېمەڭ
ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرىنىڭ «خەير- خوش مۇھەببەت» داستانى ئوقۇپ
رۇزى كېرەم يارى
پايانسىز ئالەم ۋە ساناقسىز ئادەملەر مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدىغان بىر رىشتە بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ . يەر بىنا بۇلۇپ ئۇنىڭدا تۇنجى ئادەم بارلىققا كەلگەندە بۇ رېشتە ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ بايقالغان ۋە مەڭگۈلۈك ئورۇق بۇلۇپ ئىنسان قەلبىگە كۈمۈلگەن .
«خەير – خوش مۇھەببەت» داستانى بىزنى بۇ ئۇرۇق توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم تەلقىن قىلىپ بېقىشقا يېتەكلىدى . ئادەم ھاياتى مۇھەببەت بىلەن تولغان ھايات . مۇھەببەت قەدىمى ھەم چوڭ تېما ھەم بۇندىن كىيىنمۇ مەڭگۈلۈك تېما بۇلۇپ قالغۇسى .
داستان بىزگە يۇرۇتۇپ بەرگەن ياكى مەن داستاندىن ھېس قىلغان مۇھەببەت بايانلىرى – ئۇنىڭ بىزگە ئىشقى مۇھەببەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر ئايرىملىقنى ئاشكارا قىلىپ تۇرۇپتۇ . ئەمما بۇ يەردە يەنە تەكىتلايمەنكى ئىشقى مۇھەببەت بايان قىلىنغاندا ، ئۇنىڭغا ياندىشىپ كېلىدىغىنى ۋەتەن ، يۇرت مۇھەببىتى ، ئاتا – ئانا مۇھەببىتى ، ئۆتمۈشكە بولغان مۇھەببەت ... دىگەندەك بىرقاتار ئىنسانىي تۇيغۇلار ئىكەنلىكىنى ئونۇتماسلىقىمىز كېرەك . چۈنكى مۇھەببەتنى بىرلا نوقتىدىن چۈشىنىش ئۇنىڭ چەكسىزلىككە يېيىلغان قانىتىنى
كۆرمىگەندەكلا بىر ئىش .
لەيلەپ چۈشتۈم ئاچچىق ئازاپ بۇپ ،
ئېتىقادتەك چەكسىز مۇققەددەس
لىرىكامنىڭ ئوربىتاسىغا .
بىز شائىردىن شۇنى كۈتەتتۇق . كۈتكىنىمىز ئۇشبۇ داستان ئىدى . شۇڭا مەن مۇھەببەتنى تەلقىن قىلغاچ داستان توغرىسىدىكى ئوي – خىياللىرىمنىمۇ داۋاملاشتۇرىمەن .
شېئىر نېمە بىلمەيمەن پەقەت ،
بەلكىم شېئىر قانلىق مۇھەببەت .
شائىر نېمە بىلمەيمەن بەلكىم ،
شائىر دېمەك قايغۇ نادامەت .
ھايات نېمە ؟ ھايات ئېھتىمال ،
روھقا قارشى مەڭگۈلۈك نەپرەت .
مەن مىسرالاردىن شۇنى ھېس قىلدىم : ئۇشبۇ داستان مۇھەببەتنىڭ مېۋىسى !
ئىشقى مۇھەببەت نۇرمال ئادەمنىڭ ھاياتىدا چۇقۇم پەيدا بولىدىغان ، تەرەققىي قىلىدىغان ، يوقىرى پەللىگە چىقىدىغان ھەم ئاخىرقى نەپەسلىرىگە داۋاملىشىدىغان بىرخىل ھېسسى كەچمىش ھەم بەلگىلىك شارائىت ۋە مۇھىتتا يوقارقى دىيالىكتىكا توختىماي داۋاملىشىشى مۇمكىن . ئۇنىڭ غەلبىسى – ۋىسالى قانچە تاتلىق ، شېرىن ۋە ئۇنتۇلماس بولسا ، ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتىمۇ شۇنچە ئاچچىق ، زەھەردەك ۋە ئۆچمەس بولىدۇ .
شائىر دەل مەغلۇب مۇھەببەتنىڭ مېۋىسى بولغان ئۇشبۇ داستان ئارقىلىق قەلبىمىزگە بېسىپ كىرىپ ، مەغلۇبلۇقنىڭ زەھەردەك ئاچچىقىنى ۋە ئۆچمەس نادامىتىنى گۈزەل مىسرالارغا ئايلاندۇرۇپ ، بۇلبۇل تىلىدا سۆزلەپ بەردى .
يارالمىش قىسسىسى ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ ئاپرىدە قىلىنىشى ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى ئىشقى مۇھەببەت قىسسىسى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولغىنىدا ھايات ۋە ئۈلۈم توغرىسىدا چەكسىز خىيال قاينىمىغا غەرق بولدۇم .
ئادەم ھېجران ئازاۋىدا قىيلىنىپ ھاۋانىڭ ۋىسالىغا يىتىش ئوتىدا پۇچىلىنىۋاتقىنىدا ئىشقى مۇھەببەتنىڭ بىردىن بىر ۋەتىنى ھەققىدە ئىزدەندىم .
ئاشىق ئارىلى
خەرىتىسىز يىگانە شەھەر ...
ۋىسال دەقىقىلىرى ئۆزىنى ئەپقاچقان ۋاقىت – ئاشىق ئارىلى پەيدا بولغان ۋاقىت ئىكەن . تەنھالىق ئازابى ئادەمدىن ئۇنىڭ ئەۋلادى بولمىش ئىنسان بالىلىلرىغا قالدۇرۇلغان . شۇنىڭ بىلەن بىر ئادەمگە خاس تۇمەنمىڭ ئازاب ھەرخىل شەكىلدە ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئىشقى مۇھەببەت ئازاۋىدا گەۋدىلىنىپ كەلگەن .
يوق ئۇ يەردە غېرىب ۋە سەنەم
تاھىر – مەجنۇن ئۇندا يۈرگىنى
بىز ئاشىق ئارىلىنى ئاشىق چۆلى دېسەكمۇ بولىدۇ . گەرچە ئۇ خەرىتىدە كۈرۈلمەيدىغان بولسىمۇ ، ئىشقى مۇھەببەت ئىنسان ھاياتىغا ئۇنىڭ خەرىتىسىنى ئويغان بولىدۇ .
گۈل بىلەن بۇلبۇلنىڭ قىسمىتى ئىشقى مۇھەببەت ھىكايىلىرى ئىچىدە ئادەمنىڭ يۈرىكىگە ئەڭ دەل تېگىدىغان تەمسىل .
ئەمما ، بۇ ۋىسالسىز قىسمەتكە نۇرغۇن سىرلار يۇشۇرۇنغان . گۈل توغرىسىدا ، بۇلبۇل توغرىسىدا ھەربىرىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە تۇشلۇق پەرەزلىرىمىز ، غەرەزلىرىمىز بار . تەبىرلىرىمىز ،تەدبىرلىرىمىز بار . بۇ يەردە شۇنى ئۇنۇتماسلىقمىز لازىمكى :
كىم بىلىدۇ بۇلبۇل تىلىنى ؟! ...
مەيلى نىمىلا دېمەيلى بىز پەقەت بۇ ئىشقى مۇھەببەتنىڭ زوقمەنلىرى . بۇلبۇل ئۆزىگە خاس تىلدا ، ئۆزىنىڭ تىلىدا بۇ گۈزەل قىسسىنى بىزگە يەتكۈزدى ھەم داۋاملىق يەتكۈزىدۇ .
ئاناتىل ،
مۇققەددەستۇر خۇددى تەڭرىدەك !
بۇلبۇل
بىر ئۆزىگە تەۋە يېزىقتا
نەقىشلەيدۇ شۇنداق خاتىرە ؛
ۋىسال – ئاشىقلارنىڭ مەڭگۈلۈك قىبلىسى ! دۇنيا – ئۈمىدكە تولغان . ئۈمىدنى ئىنسان قەلبى ، ئاشىقلارنىڭ قەلبى تۇغقان .
بەلكىم ، يەنە كۈلەرمەن قايتا ،
مۇھەببىتىم تاپقاندا ۋىسال .
مۇھەببەت – ئۇنىڭ تەبىرى چەكسىز . لېكىن ، چالما دەپ تاشلانغانلارنى ئالما دەپ پۇرايدىغانلار مۇھەببەتنىڭ مەڭگۈلۈك ھامىيلىرىدۇر . شۇڭا ئىشقى مۇھەببەت لەيلەپ يۈرگەن قارنىڭ گۈلىدەك ھامان بىر جايدا قارار تاپىدۇ . ئۇ ئادەمگە ، دەل – دەرەخكە ، ئوت – چۆپكە ، يولغا ، توپىغا ، ... ، تېزەككە ، . .. قۇنۇشى مۇمكىن . شۇڭا مۇھەببەتكە خوش دېمەڭ !!!
رۇزى كېرەم
كورلا
2011 – يىل 11 – ئاي
ئەسكەرتىش : بۇ يازمامنى ئەسلى داستان تورغا يوللانغاندا بىراقلا يوللاش خىيالىم بار ئىدى . ئۇ ۋاقىتتا بۇ يازما تېخى چالا ھالەتتە بولغاچقا ئىمكان بولمىغان ھەم داستاننى يوللاشقا ئالدىراپ كەتكەن ئىدىم . يەنە كام قالغان جايلىرى بولسا دوستلار ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر !
|