ئەيىپناقمۇ سىز ؟ (فىليەتون)
ئاساسى قاتلامدا ئىشلەش - جاپاسى كۆپ ، ھالاۋىتى ئاز خىزمەت . ئاساسىي قاتلام پۇقرالارغا يەنى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغان دېھقانلار ياكى خەلق ئاممىسىغا ئەڭ يېقىن بىر ئىستېھكام .
ئەمما بۇئىستېھكامدىكى كۈڭۈل بۈلۈپ ھەل قىلىشقا تىگىشلىك ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە دېھقانلار ياكى خەلق ئاممىسى بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بۇلۇش ۋە ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش بولماستىن ، بەلكى يوقىرى دەرىجىلىك رەھبەرگە قانداق ماسلىشىش ۋە ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق تەڭشەپ تۇرۇش مەسىلىسىدۇر . چۈنكى ، بۇ ھالقا سىزنىڭ ھوقۇق - ئەمىلىڭىزنىڭ ئۆسۈشى ، نام - مەنپەئەتىڭىزنىڭ ئېشىشى ۋە يەنە ئاللىقانداقتۇر ئىمتىيازلىرىڭىزنى ساقلاپ قېلىش ياكى كېڭىيتىشىڭىزگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
مېنىڭچە ئاساسىي قاتلامدىكى كۆپ قىسىم رەھبىرى كادىرلار قول ئاستىدىكىلەرنىڭ <ئەيىپناق> بۇلۇشىنى بەكرەك ياقتۇرىدۇ . مېنىڭ بۇ مەسىلىنى ياكى قارشىمنى كۆتىرىپ چىقىشىم - ئىستېھكامدىكى تاكتىكا مەسىلىسىدۇر .
مېنىڭ بايقىشىمچە ، ئاساسىي قاتلامدىكى كۆپ قىسىم رەھبەرلەر قول ئاستىدىكىلەرنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار جەھەتلەردە <ئەيىپناق> بۇلۇشىنى ياقتۇرىدۇ .
1 . ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ <كۆزىنىڭ كۆرمەس> بۇلۇشىنى ياقتۇرىدۇ .
كۈزى كۆرىدىغان تۇرۇپ ، كۆرمەسكە سېلىش ؛ كۆرسىمۇ كۆرمىگەن بۇلۇۋېلىش ... ياقتۇرۇشقا ئېرىشىشنىڭ ئالدىنىقى شەرتى بۇلۇشى مۇمكىن . مانا مۇشۇنداق بولغاندا رەھبەر سالاپىتىدىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ . ئىش - ھەركىتى مەڭگۈ يوللۇق بۇلۇپ قېلىۋېرىدۇ .
ئەگەر سىز <ئەيىپناق> بولماي ، كۆرمەسلىككە تىگىشلىك بىر ئىشنى كۈرۈپ قالسىڭىز ئەڭ سىر ساقلىيالايدىغان ئادەم بولسىڭىزمۇ يەنىلا ئۈچ كۈن ئىچىدە بۇ مەخپىيەتلىكنى ئەڭ بولمىغاندا ئايالىڭىزغا دەپ قۇيۇشىڭىز مۇمكىن .
2 . <سۆزلىيەلمەس> بۇلۇشىنى ياقتۇرىدۇ .
چۈنكى سۆزلىيەلەيدىغان ئادەم - ئامما ئالدىدا ، رەھبەر ئالدىدا ھەقنى ھەق ، ناھەقنى ناھەق دىيەلەيدۇ . بۇنداق ئادەم ھەق ناھەق مەسىلىسىدە ئاياپ ئولتۇرمايدىغان بولغاچقا ، ناھايىتى كۆپ ئادەم ئېھتىيات قىلىدىغان ئادەم بۇلۇپ قالىدۇ .
3 . <قۇلىنىڭ تۇتماس ، پۇتىنىڭ باسماس> بۇلۇشىنى ياقتۇرىدۇ .
بۇنداقلار باشلىق بەلگىلەپ بەرگەن ئۇرۇندىلا ئولتۇرىدۇ . ئۇلارنىڭ تۆۋەندە ئامما ئارىسىغا بېرىش ، يوقىرىدا يوقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولمايدۇ . بۇنداق بولغاندا ، بۇئادەمنىڭ باشلىق دىگەننى قىلىشتىن باشقا ئىش بىجىرىش ئۇسۇلى ، باشلىق دەپ بەرگەندىن ئۆزگە تەپەككۇر قىلغۇدەك يۈرىكى بولمايدۇ .
4 . <قۇلىقىنىڭ ئاڭلىماس> بۇلۇشىنى ياقتۇرىدۇ .
بۇنداق بولغاندا ئىچكى جەھەتتىكى <كۇس - كۇس> لارنى ؛ سىرىتتىكى <مىش - مىش> لارنى ؛ يوقىرىدىن تارقىلىدىغان <ئاخبارات> لارنى بىلمەيدۇ .
<ئاللاھ ، ئەڭ يېقىن بەندىلىرىنى قۇلاقتىن ئايرىيمىش ...> . بۇ سىزنى ھەرخىل ۋەسۋەسە ۋە ئىنتىلىشلەردىن ساقلاپ قالىدۇ .
5 . <چىشى بولماسلىق> ىنى ياقتۇرىدۇ .
ئەلۋەتتە ، كىم ئۆزىنى چىشى بارلارنىڭ چىشلىۋېلىشىنى ، ياخشى نەرسىللىرىنى تارتىۋېلىشىنى ياقتۇرىدۇ .
رەھبەرلىك بىزدىن ھەرۋاقىت <خەلق ئۈچۈن جان دىل بىلەن خىزمەت قىلىش> نى ئۈمىد قىلىدۇ .
ئەمما ، رەھبەر بىزدىن ھەرۋاقىت ئۆزى ئۈچۈن جان - دىل بىلەن خىزمەت قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ .
قىسقىسى ، ئاساسىي قاتلامدا روناق تېپىشنى ئويلىغانلار <ئەيىپناق بۇلۇش> ى ياكى قايسى ۋاقىت ، قانداق ۋاقىتتا <ئەيىپناق بۇلۇۋېلىش> نى بىلىشى كېرەك .
ئەلۋەتتە ، سىز ئەيىپناق بولسىڭىز باشلىقنىڭ پۇت - قۇلى ؛ سەترەك ئېيىتقاندا قول - چومىقىغا ئايلىنىسىز - دە ، سىز ئۈچۈن ئىشلار ئوڭۇشلۇق ، يوللار داغدام ، كەلگۈسى پارلاق بولغۇسى ........
رۇزى كېرەم
كورلا شەھرى
2011.03.08
مەنبە : كونا مۇنبەر
|