كۆرۈش: 1965|ئىنكاس: 34

«كروران»دىكى روزى كېرەم يارى(20) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 636
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2398
تۆھپە : 234
توردا: 1300
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-12

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 12:58:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

     «كروران»دىكى روزى كېرەم يارى
                                                               
   56384329201102021833594309856779541_000_640.jpg


ruzi.jpg


   رۇزى كېرەم ، 1979 – يىلى 8 – ئاينىڭ 20 – كۈنى كورلا شەھرى تېكىچى يېزا تېكىچى كەنتىدە  دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئالىي تېخنىكۇم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە . ھازىر تېكىچى كەنت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكىتارى . ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقىۋاتقان ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلىغان بۇلۇپ ،  ئۆزلىكسىز تۈردە ئۆگىنىش ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان .  2006 – يىلى كىروران ژورنىلىنىڭ 2 – سانىدا ئېلان قىلىنغان  «دېھقىنىم !» ناملىق شېئىرى ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ئەدەبىيات سىپىگە كىرىپ كەلگەن . 2007 – يىلى 1 – سان ژورنالدا تەرجىمھالى تۇنۇشتۇرۇلغان . ھازىرغا قەدەر «كىروران ژورنىلى» دا بىر قىسىم شېئىر ، نەسىر ، ئوبزورلىرى ئېلان قىلىنغان . ھازىر ئۇ ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى .

شېئىر ۋە مەن

   خىياللارغا غەرىق بولغىنىمدا «رۇزى كېرەم» دىگەن ئىسىم بىلەن «شېئىر»نىڭ ھېچقانداق باغلىنىشى يوقتەك بىلىنىدۇ . لېكىن سىنچى كۆزدە قارىغاندا يەنىلا ئازراق باغلىنىشى باردەك ! گويا بۇ باغلىنىش ئادەملەر ئارىسىدىكى رىشتىدەك ناھايىتىمۇ خىلۋەتتە ، مۇققەددەس بىر ھېستا دولقۇنلاپ تۇرغان بولىدۇ . ئىسمىم شېئىرغا قاچاندىن باشلاپ باغلىنىپ قالدى . بۇ گويا «شېئىر دىگەن نىمە ؟» دىگەن سۇئالغا جاۋاب بىرىشتەك بىر قارىسا ئاددى ، بىر ئويلىسا ناھايىتىمۇ مۇرەككەپ . ئۇنىڭ ئاددىيلىقى مېنىڭ بۇ شېئىرلارنى يازغانلىقىم بولسا ، مۇرەككەپلىكى شۇ قۇرلانى قاچاندىن باشلاپ ئويلاپ قوراشتۇرۇپ ، «شېئىر» دىگەن مۇشۇ رامكىلارنى پۈتتۈرۈپ چىققانلىقىم بولسا كېرەك . ھازىر «شېئىر دىگەن نېمە ؟» دەپ سورايدىغانلار ئازلاپ كەتتى . «نېمە ئۈچۈن شېئىر يازىسەن ؟» دەپ سورايدىغانلار كۆپ . بۇ مېنىڭ خىيالىم . ھازىرقى لەيلەپ ياشاش ئادىتى ئومۇملاشقان شارائىتتا چۈكۈندى بۇلۇش پاسسىپلىق بۇلۇپ قالدى . رۇزى كېرەم دىگەن ئىسىم شۇ چۈكۈندىلەرنىڭ بىرى بۇلۇشى مۇمكىن . ئۇنى تېرەنلىككە چۆكتۈرىۋاتقىنى نىمە ؟ ئۇنى شېئىردىن ئايرىپ قارىغاندا بىر پارچە ئاق تاش ياكى بىر دانە يۇمىلاق بۆرەك تاش بۇلۇپ قالغۇدەك ...
كىشىلەر ھىكايىلەرگە قىزىقىشىدۇ . ئۇلارنىڭ ھىكايە ئىچىدىن ئىزدەيدىغىنى ھېسىيات ، قۇيۇق لىرىك ھېسىيات ! لىرىك ھېسىيات – شېئىردۇر ! شېئىر دەل لىرىك ھېسىياتنىڭ يوقىرى باسقۇچى ياكى پارتىلىشى . ئۇلار شېئىر ئوقۇيدۇ ، لېكىن شېئر شەكلىدە ئەمەس !
مەن شېئىر يېزىش ئارقىلىق ئۆزەمنى چۈشەندۈرىۋاتىمەن . چۈنكى شېئىر مېنىڭ كىشىلەر ئىنتىلگەن چوڭقۇرلۇق ئىچىدىن سۈزۈپ چىققان ، ئەڭ تۈجۈبىلەنگەن قىسقا ھىكايىلىرىم !

دېھقىنىم

دېھقىنىم !
يۈزۈڭدىكى قۇرۇقلاردىن
سىرغىپ چۈشكەن مېنىڭ بەختىم !
ئايسىز كېچە سانسىز يۇلتۇزلار
تېمتاس ، جىمجىت سەھرا كېچىسى
بۇندا خوشال خوشالمەن چەكسىز
ئاڭلانمايدۇ ماتور ئاۋازى .
ئاڭلانمايدۇ سۆرەن چوقانلار
جىمجىتلىقنى بۇزىدۇ پەقەت
چېكەتكىنىڭ چىرىلداشلىرى .
گويا ئەزىز مېھماندەك كۈرۈپ
دېھقان بىزنى باشلىدى ئۆيگە .
غەمسىزدۇرمەن ئۆز ئۆيۈمدىكىدەك
تەييار تاماق ، يوتقان ھەم كۆرپە .
ئاھ ، دېھقىنىم ! يەنە سەن سېخى
بۇ پەسىلدەك – كۈز داستىخىنىدەك
شۇڭا بەخت قۇچاق ئاچىدۇ
سەن باھادىر ، ھاسىلى تىلەك !
چەكسز كەتكەن ئېكىنزارلارنى
بەرپا قىلغان دېھقاننىڭ قۇلى
دېھقان –
زەيتۇن شېخى چىشلىگەن كەپتەر !
سەن دېھقىنىم سەھرادا مەشئەل !!

ھايات

    ئادەم ھاياتى – بىر ناخشا ! ئۇ شۇنداق ناخشىكى ، ئۇنىڭ تاكىت ۋە مىلودىيىلىرىنىڭ بەزىلىرى خوشاللىق ، بەزىلىرى غەم – قايغۇ ، دەرت – ئەلەم ، جاپا – مۇشەققەت ، مېھىر – مۇھەببەت بىلەن ئۆز – ئارا ماسلاشقان ھالدا ئاجايىپ گۈزەل بىر ئاھاڭنى ۋۇجۇتقا چىقارغان . شۇڭا ئۇنى ھەرقانداق ئادەم سۈيۈپ ئېيتىدۇ . بۇ ناخشا قايتا – قايتا ئېيتىلىش جەريانىدا بەزىلەر تەرىپىدىن تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇلسا ، بەزىلەر تەرىپىدىن خۇنۇكلەشتۈرۈۋېتىلىدۇ . خۇنۈكلەشتۈرۈۋەتكەنلەر ھاياتنىڭ لەززىتىدىن ھۇزۇرلىنالمايدۇ . يەنى بۇ ناخشىدىن زوق ئالالمايدۇ . بەزىلەر بۇ ناخشىنى ئېيتىش جەريانىدا ئۇنىڭغا يېڭىدىن يېڭى مىلودىيىلەرنى قۇشۇپ ، ئۇنى تېخىمۇ زور ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ . شۇڭا بۇنداق كىشىلەر تارىخ دەستۇرىنىڭ ئالتۇن بەتلىرىگە يېزىلىپ ، ئەشۇ ناخشىنىڭ ئىجادكارى سۈپىتىدە كىشىلەرگە روھى ئوزۇق ئاتا قىلىدۇ . ناخشىنى ياخشى ئېيتالمىغانلار قاغىغا ئوخشىسا ، ياخشى ئېيتالىغانلار بۇلبۇلغا ئوخشايدۇ . بۇلبۇلنىڭ ناخشىسىنى ھەممەيلەن ياخشى كۆرىدۇ . ئۇنى باغلىرىدىكى ئەڭ چىرايلىق گۈللەرگە قونسىكەن ، دەيدۇ . قاغا ھېچ ئەيمەنمەستىن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ لەمپىسىگە قۇنۇپ ، يېقىمسىز ئاۋازى بىلەن كېچە – كۈندۈز قاقىلدىسىمۇ ، كىشىلەرگە بىزارلىقتىن باشقا ھېچنېمە ئاتا قىلالمايدۇ . دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھاياتنى سۆيۈشى مۇمكىن . ئەمما ، قانداق سۆيۈشنى بىلىدىغانلىرى ناھايىتىمۇ ئاز ...

گۈزەل خاتىرجەم تۇرمۇش بىزدىن ناھايىتىمۇ كۆپ بەدەل تەلەپ قىلىدۇ .
*
جاھىللىق – گۈزەللىكنىڭ دۈشمىنى !
*
ئىزدىنىش ئىچىدە تېڭىرقاش – توختاپ قېلىش ئەمەس !
*
قۇربان قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكىنىم ئۇنتۇلغۇسىز خوشاللىق !
*
تەغدىرچىلىق قارشى ئېغىر ئادەم ئۆزىگە ئىشەنمەيدۇ .
*
چىن مۇھەببەت – يارىلانغان يۈرەكنىڭ شىپاسى .

مۇھەببەتنىڭ باھار پەسلىدە

شېئىر يازدىم ،
شېئىر مېنى ئۇقۇپ بەرگەندىن كىيىن ...
ئەي مۇھەببەت ! يانغىن پاراسلاپ ،
مەن سېنىڭ سەمەندەرىڭ !
نەچچە تىلەپ كەلدىم كوچاڭغا
سېزەلمىدىڭ ئاتىغىنىڭ بولسا ئېلىپ چىق
مەن سېنىڭ قەلەندەرىڭ !
بىلىمەن
ھېچكىم مېنى شائىر دېمەيدۇ
ھېچكىم قورسىقى ئاچسا شېئىر يېمەيدۇ .
ئادەم شېئىر يېمىگەن بىلەن ،
شېئىر ئادەم يەيدۇ !
سېنىڭ بىلەن تەڭ ئۇيۇلسۇن مېنىڭ كۆزلىرىم ،
سېنىڭكىدەك خازان بۇلۇپ ئۇچسۇن سۆزلىرىم
مۇھەببەتنىڭ باھار پەسلىدە ...

قىزىلگۈل

خىلۋەتتىكى ئەشۇ قىزىلگۈل ،
نېچۈن قىلار مېنى مەھلىيا .
سۈيۈملۈكۈم دىگۈم بولسىمۇ ،
تىلىم كۆيەر ئېيتىشقا ئەمما ...
ئانام ئېيتار : - قىزىلگۈل تىكسەڭ !
خىلۋەتكە تىك ، ئاينىپ باغجانلار .
كىشى كۆزى يامان ئەسلىدىن ،
كۆپ كۆز كۆرسە ئۇ قۇرۇپ قالار .
نەۋ باھارنىڭ قوينىدا شۇدەم ،
ئاچقان پورەك ، بەرگىدە شەبنەم .
پۇراپ – پۇراپ خەقتىن يۇشۇرۇن ،
ئېزىۋەتتىم بەرگىڭنى بۇدەم ...
نېمىسىگە ھېرىسمەن ئۇنىڭ ،
ھېچ گۈلدە يوق ئۇندىكى پۇراق .
نېمىسىگە ھېرىسمەن ئۇنىڭ ،
ھېچ گۈلدە يوق ئۇندىكى سىياق .

يول سۈپۈرگەن ئايال

(قىز بالا سەھەر تۇرۇپ ، ھويلا – ئارام يوللارنىڭ يۈزىنى ئاچسا بەختى ئېچىلىدۇ .
- ئانىلار سۆزى)


يول سۈپۈرگەن ئايالنىڭ تۇرقى ،
ئەڭ قەدىم ئۇدۇمنى قىلسا نامايان .
ئاقلىق ئىچىدە يانغان قارا كۆز –
قوزغار يوللاردا ئىللىق ھاياجان !
ئۆچلۈگۈم كېلەر ماشىنىلارغا ،
ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتسە ياندىشىپ .
ئۆچلۈگۈم كېلەر شۇم چىراقلارغا ،
يانسا كۆزىدىن نۇرلار تالىشىپ .
ئاتتىم ئۆزۈمنى ئۇنىڭ يېنىغا ،
بىلمەيمەن ، كىملەردىندۇر يەنە تالىشىپ .
ئېيتاي سۆزۈمنى ، بىرىپ لەۋزىمنى ،
قاراپتۇر ! دۇنياقالسۇن قارىشىپ .
چىغ سۈپۈرگە ئايال قۇلىدا ،
پاكلىماقتا زېمىن يۈزىنى .
تەڭكەش بۇلۇپ ئاڭا بىر ناخشا ،
جاكار قىلار ئانا سۆزىنى ...

بەختىم

سەن ئۇنىڭكى كۈلكىلىرىدە ،
تېڭىرقاشتىن ياش بۇلۇپ قاتقان .
سېنىڭ جىمجىت تىنىچ كۆڭلۈڭگە ،
تۇيدۇرماستىن ئۇ چالما ئاتقان .
كۈرۈپ قالساڭ خىلۋەت باغچىدا ،
ئېرىقلاردا سۇ بۇلۇپ ئاققان .
پىشىپ راسا مەي بولغۇچە جىم ،
بىراق ئۆزگە غورىنى قاققان .
غۇنچىلىسا كۈتۈشلىرىڭدە ،
سەن بىخەۋەر ، ئۇ پورەك ئاچقان .
تەشنالىقتا مۇڭلانغىنىدا
بىراۋ كىلىپ لېۋىگە ياققان .
بەلكىم باردۇر تەغدىر ئەزەلدىن
ھەركىم شۇندىن ئۆز مەنە تاپقان .
يوقاتقىنىم ئازاپ بولغاندا
بەختىم مېنىڭ باغرىمغا باسقان .

شېئىر

شېئىر شۇنداق ئىلاھى يېزىق ،
تىترەپ تۇرغان لەۋگە يېزىلغان .
بايقاپ بىردىن شائىرنىڭ كۆزى ،
ئاۋايلاپ ھەم جىددى قېزىلغان .
سۈرتىۋېتەر ، شورىۋېتەر كىم ؟
يۇتىۋەتكەن ، تۈكۈرۋەتكەن كىم ؟
ئۇنى ئوقۇ يۈرىكىڭدە سەن !
قۇيىۋەتكىن ئۈنۈڭنى ئۈنلۈك !
سادا قوشار ھېچبىر غەرەزسىز
كۆككە باققان قاپقارا تۈڭلۈك ...

كېچىڭىزگە ئاقلىق يار بولسۇن

ئوبزور

   ئۇيغۇرلار رەڭ چۈشەنچىسى ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە مول خەلق . ئاقتىن ئىبارەت بۇ سۆز – پاكلىقنىڭ ، پاكىزلىقنىڭ ، توغرىلىقنىڭ ۋە بەخت سائادەت ، ئۇلۇغلۇغنىڭ سىمۇۋولى ئىدى . شۇڭا ئەجەپ ئەمەسكى «كىروران ژورنىلى» نىڭ 2008 – يىل 5 – سانىدا ئېلان قىلىنغان ئەخمەتجان ئوسمان كۆلچىنىڭ «ئاق كېچە» ناملىق ھىكايىسى مېنى «ئاق» توغرىسىدا تېخىمۇ كەڭ خىيالەت بوستانلىقىغا باشلاپ باردى .
بۇ ھىكايە ئۇنچە ئۇزۇنمۇ ئەمەس بولغاچقا ، مىكرو ھىكايە تۈرىگە كىرەتتى . ھىكايىدىكى ۋەقەلىك ۋە تەپسىلات ، ھىكايە قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولمايلا قالماستىن ، ھىكايىدىن بىز ھېچقانداق قانائەت ياكى نەتىجە ھاسىل قىلالمايتتۇق .
«كىروران ژورنىلى» خېلى بۇرۇنلا مۇشۇنداق تۈردىكى ھىكايە ، پوۋېست ، راست ئىشلار خاتىرىسى ۋە دېلو مىساللىرىغا سەھنە ھازىرلاپ ، ئىزچىل تۈردە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇپ كەلدى . بەزىلىرىمىز ياقتۇرساق ، بەزىلىرىمىز ياقتۇرمىدۇق . ياقتۇرساقتۇ ياكى ياقتۇرمىساقتۇ ئىشقىلىپ ئوقۇپ كەلدۇق . بۇ ساندا ئېلان قىلىنغان «ئاق كېچە» دىن ئىبارەت بۇ ھىكايىمۇ ئەلۋەتتە ئەنە شۇنداق نەزەرلەردىن ساقىت بولالمىدى دەپ ئويلايمەن .
«ئاق كېچە» ھىكايىسى خۇددى بىز ئۇقۇغۇنىمىزدەكلا ئەنە شۇنداق ئاددى ھىكايىلەر ئىچىدىكى بىر ئاددى ھىكايە ! ئۇنىڭ ئاددىيلىقى ئاپتۇرنىڭ ھىكايە تەپسىلاتلىرىنى ئۇنچە بەك چەككىلەپ ، زىيادە ئەدەبىيلەشتۈرىۋەتمىگەنلىكىلا بولماستىن ، خۇددى بىز ئەتىلا ئۇچراپ قالىدىغاندەك تەپسىلاتلار ئارقىلىق ، ئىنتايىن پەرۋاسىزلىق بىلەنلا ھەتتاكى ھىكايىدىكى «مەن» دىنمۇ بىپەرۋا ھالەتتە يېزىپ تاماملىغانلىقىدۇر . ئەمەلىيەتتە ھىكايە ئاپتورى ، ھىكايىدىكى «مەن» ، مەن – بىز ، سىز – سىلەر ، ئۇ – ئۇلار ھەممىمىزلا بىلىپ – بىلمەي بىپەرۋالىق كوچىسىغا كىرىپ كېتىۋاتىمىز ! ئۇنداق بولمىسا بۇ ھىكايىدىكى ۋەقەلىكلەر نېمە ئۈچۈن سىزنى ئۇنچە ھەيران قىلالمىدى ؟!
مەن ئۆزەمچىلا ئۆزەمنى خۇددى ھىكايىنىڭ ئارقا كۈرۈنۈشىنى بىلىۋالغاندەك ؛ ئاپتۇرنىڭ بىزگە بۇ ھىكايىنى سۆزلەپ بېرىپ ، بىزنى ئېنىق تۇنۇش ھاسىل قىلىشقا يېتەكلىمەكچى بۇلۇۋاتقان نوقتىلارنى بايقىۋالغاندەك بىر تۇيغۇدا سېزىشكە باشلىدىم .
جاھان تەرەققىياتى ئۇچۇردىن ئىبارەت «شەيتان» نىڭ ۋەسۋەسىسى ئىچىدە ئۇچقاندەك سۈرئەتتە ئىلگىرلىدى . ئادەملەر ھاڭ – تاڭ بۇلۇشتى . ئۇلار دۇنيانى تۇيۇقسىز تارىيىپ قالغاندەك ، يەنە تېخىمۇ تارىيىۋاتقاندەك ھېس قىلىشتى ۋە شۇندىلا بۇ پۇرسەتنىڭ ئۆزلىرىنى چۈشىدىمۇ ئېرىشەلمىگەن شارائىتلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدى . شۇنىڭ بىلەن جاھان مىللەتلىرى مەدەنىيىتى گويا يېقىن تۇرغان كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرىدىن ئۆتۈشكەن ئىسسىقتەك ناھايىتى تېزلىكتىلا ئۆز – ئارا ئۆتۈشۈپ ، بىر - بىرىنى تۇنۇش ، بىر – بىرىدىن ئۆگىنىش ، بىر – بىرىنى دوراش ، بىر – بىرىگە ئەگىشىشتەك ئەسەبىي قىزغىنلىق تېزلا روياپقا چىقىپ ، بىر مەيدان ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى .
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلاتمۇ ئەۋلات مىراس بۇلۇپ كىلىۋاتقان ئەخلاق ، مۇھەببەت ئۇدۇملىرى ، ئۆرپ – ئادەت ، ئەنئەنىلىرى سەلتەنەتلىك ئوبرازىنى ساڭلاپ قالالىغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ مۇكەممەللىكى خۇددى مىڭ ئۆيلەردىكى تام رەسىملىرىدەكلا ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچىرىدى . ئادەملەرنى تېزگىنلەپ تۇرىۋاتقان ئەدەب – ئەخلاق ئەھكاملىرى ئۇلارغا نېسبەتەن بۇيۇنتۇرۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەستەك تۇيۇلۇشقا باشلىدى . باشقا مىللەتلەر ۋە رايۇنلاردىكى مەدەنىيەت ئوخشىماسلىقلىرى بۇ بۇيۇنتۇرۇققا نېسبەتەن ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى .
يەنە «ئاق كېچە» دىن ئىبارەت ھىكايىغا قايىتىپ كەلسەك ، ھىكايىدىكى مۇھىت دەل مانا شۇنداق نۇرمالسىزلىقلار بىلەن تولغان مۇھىتتىن باشقا مۇھىت ئەمەس ! ھىكايىدىكى ئوتتۇرىغا قۇيۇلىۋاتقان مەسىلە دەل جەمئىيىتىمىزدىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلىگە ئايلىنىۋاتقان ئەخلاق مەسىلىسى . كونكىرىتلاشتۇرساق مۇھەببەت ئەخلاقى مەسىلىسى ، تېخىمۇ كونكىرىتلاشتۇرساق ئىشقى – مۇھەببەت ئەخلاقى ئۇچرىغان ئېغىر كىرزىستۇر .
ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە ! 90 – يىللارنىڭ باشلىرىدا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمىزدا ، سىنىپتا ياكى مەكتەپتە مۇھەببەتلىشىۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنى بىلسەك ، ھەيران بولاتتۇق ھەم ئۇلارنى زاڭلىق قىلاتتۇق .بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى ئەخلاقسىزلىق ، نۇمۇسسىزلىق جۈملىسىدىكى ئىشلارغا كىرەتتى . ئاتا – ئانىلىرىمىز ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بالدۇر مۇھەببەتلەشمەسلىك توغرىسىدا قاتتىق ئاگاھلاندۇراتتى . بىئولوگىيە ، گىگىنا دەرىسلىرىدە مۇئەللىم «جىنىس ، ئاتىلىق ، ئانىلىق ، ئەركەك جىنسى ، مەقەت ، كۆپىيىش ئەزالىرى ، سۈيدۈك يوللىرى» دىگەندەك ئاتالغۇلارنى سۆزلىگەندە قىزلار بېشىنى جوزىدىن ئۈستۈن قىلالمايتتى . 10 يىلدىن كىيىنكى بۆگۈنكى كۈندە بولسا يەسلى بالىلىرى ئىچىدە ئوغۇل – قىزلارنىڭ سۆيۈشۈشى ؛ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىشى ؛ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشى ؛ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھامىلدار بۇلۇپ قېلىشى ؛ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زەھەر چېكىشى ، «ھەمرا خېنىم» بۇلۇپ تېنىنى سېتىشىنى ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش دەپ چۈشەنمەيدىغان بولدۇق .
مۇھەببەتلەشكەن يىگىت – قىزلارنىڭ تويدىن بۇرۇن سىنىشىشى ؛ قىزلارنىڭ «بەخت ئىزدەپ» قىزلىق سالدۇرۇشى ؛ توي قىلماي تۇرۇپ بىر – ئىككى قېتىم ھامىلە ئالدۇرۇۋېتىشلىرىنى سۆز – چۆچەك قىلىشساقمۇ ، ئۇنىڭدىن زىيادە نۇمۇس ھېس قىلىپ كەتمەيدىغان بۇلۇپ قالدۇق . كوچىدا كېتىۋېتىپ قول تۇتۇشۇش ،قۇچاقلىشىش ، يول ياقىلىرىدا بىر – بىرىگە ئېسىلىشىپ سۈيۈشۈش ؛ پۇل تاپقانلار ئىككىنچى خۇتۇن ئېلىش ؛ ئاشنا ئويناش ؛ تۇرمۇش قۇرغان ئەرلەر توي قىلمىغان قىزلارنىڭ كۆزىگە قاراش ، قىزلار ئۇلارنىڭ يانچۇقىغا قاراشتەك ئىشلار ئادەت بۇلۇپ قالايلا دېدى .
كىچىكلەرنىڭ چوڭلارغا قارىغاندا ئۆزگە مەدەنىيەتلەرنى قۇبۇل قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىنكاسى ناھايىتى تېز بۇلۇپ ، مەدەنىيەت ، ئەخلاق ، ئەنئەنىگە يات ئىللەتلەر ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر تەرىپىدىن تېزلا قۇبۇل قىلىنىپ ھەرقايسى جەھەتلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى . ھاۋايى – ھەۋەس ئۈچۈن مۇھەببەتلىشىش ياشلاردىن ئوتتۇرا – چوڭ ياشلىقلارغا ، ئاندىن ياش – ئۆسمۈرلەر ئارىسىغا ناھايىتى تېزلا يامراپ ، ھازىر بىز كۈرۈپ تۇرىۋاتقان بىر مەيدان مۇھەببەت تىراگىدىيىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بۇلىۋاتىدۇ . بىز تېخى بۇ ئويۇننىڭ ئاخىرىنىمۇ كۆرىمىز !
قىسقىسى ، ئەخلاق گۈلىستانلىقىدىكى مەڭگۈلۈك تۇتقۇن جىنسىيەت ئۆز چۈمبىلىنى ئېلىپ تاشلىدى . ئۇ ئۆزىنى «ئەركىنمەن!» دەپ جاكارلىدى . بىز ئۇنىڭغا ئىختىيارسىز قاراپ سالدۇق . ئۇنىڭ يالىڭاچلىقى نۇرغۇنلىغان ئازغۇنلارنى ئۆزىگە ئەسىر قىلدى . جىنسىيەت – گويا قىيامەت كۈنى كوچىغا چىقىدىغان دەججالدەك ھەر تۈكىدە مىڭ قوڭغىراقنى جاراڭلىتىپ ئۇسۇلغا چۈشتى . ئۇنىڭغا قاراپ قۇيۇپ ئەقلى – ھوشىنى يوقاتقان ، ئۆزىنىڭ پاكىز ۋە ھالال نىكاھىنى ، ئىللىق ئائىلە ئېشىكىنى چېقىۋېتىپ ، دەججالغا ئەگىشىپ كېتىۋاتقان ئاتىلارغا ، ئانىلارغا ، ئەرلەرگە ، ئاياللارغا ، يىگىتلەرگە ، قىزلارغا قاراڭلار ! ئۇنىڭ يەمچۈگىگە ، ۋاقىتسىز قۇربانلىقىغا ئايلىنىۋاتقان نارىسىدىلەرگە قاراڭلار !!! ئىشىكى چېقىۋېتىلگەن ئۆي ، ئائىلە يەنە قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولاركىن ؟! دەججالغا ئەگەشكەنلەرچۇ ؟؟؟
مېنى ھەيران قىلىۋاتقىنى يەنىلا ھىكايىنىڭ ئاددىيلىقى ئەمەس بەلكى ھىكايە تەپسىلاتلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەنە شۇنداق ئارقا كۈرۈنۈشلەرنىڭ ئۆز تۇرمۇشىمىزدا گويا مۇشۇ ئاددى ھىكايىدەكلا ئانچە بەك دىققىتىمىزنى تارتىپ كېتەلمەيۋاتقانلىقى ۋە ئاستا – ئاستا ئەنە شۇنداق تۇرمۇش مۇھىتىغا ناھايىتى ئاسانلا ئۆزلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىمىزدۇر !
يازغۇچى ياكى قەلەمكەش ھەرقانچە كونىلىقپەرەس ياكى غايىۋى خىيالپەرەس بولسۇن ئۇ ھامان ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت ، جەمئىيەت ، دەۋىرنى ئۆز ئەسىرىدە ئەكىس ئەتتۈرمەي قالمايدۇ . يەنە شۇ مۇھىت ، جەمئىيەت ، دەۋىر ئىچىدە يۈز بەرگەن تارىخىي ، سىياسى ، ئىجتىمائىي ئىشلار ؛ ئادەملەرنىڭ مەدەنىيەت ، تۇرمۇش ، روھىي ھالەتلىرىنى يەنە ئۆزى تەۋە توپنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى ، تەرەققىيات نەتىجىللىرى ، مەغلۇبىيەت – كىرزىسلىرىنى ، خوشاللىق – ئازاپلىرىنى ئىلگىرلەش يۆلىنىشى بۇيىچە ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكىس ئەتتۈرۈپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشى ئۇنىڭ مۇشۇ نوقتىلاردا ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ، بۇلارغا نىسبەتەن ئۇنىڭ روھى دۇنياسىدا داۋالغۇش بۇلۇپ ، كۆپچىلىكتىن مەلۇم ئۈمىدلەرنى كۈتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . دېمەك ، يازغۇچى ، قەلەمكەشلەرنىڭ بۇلاردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشى ئۇنىڭغا نىسبەتەن مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە نۇمۇس . چۈنكى ئۇ ئۆزى تەۋە توپنىڭ بىرقەدەر ئاڭلىق ۋە سەزگۈر - يەنە كىلىپ ، بىلىملىك ۋە مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ئويلايدىغان سەركىلىرىگە تەۋە بولغانلىقتىن ئۇنىڭ بۇ نوقتىلاردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئەڭ ياخشى تەرىپى ئۇ كۆپچىللىكتىن ناچار ئىش – ھەركەتلەرگە ئەگىشىش ، قىيىنچىلىق ۋە كىرزىسلارنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلماستىن ، بەلكى بۇنداق ناچار ئىللەتلەرنى قەتئىي تۈگىتىپ ، ئىجابىي تەرەپكە يۈزلىنىشنى ئۈمىد قىلىشى ئوقۇرمەننىڭ يازغۇچى ۋە قەلەمكەشلەرگە نېسبەتەن ئەسىرلەردىن بۇيان ھۆرمەت ۋە چوڭ بىلىش ھېسىياتىنى ئۆزلىكسىز كۈچەيتىپ كەلگەن ئىزچىللىققا ئىگە بىر تەرىپى بولسا كېرەك . شۇ نوقتىدىن ئويلىغىنىمىزدا «ئاق كېچە» ئاپتۇرىنىڭ ئىشقى – مۇھەببەت ئەخلاقىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قۇيۇپ ، جەمئىيەت ئەخلاقىغا نېسبەتەن بىپەرۋا ، مەسئۇلىيەتسىز ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئەر – ئاياللار ، يىگىت قىزلار ، ئاتا – ئانىلارنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ، جەمئىيىتىمىزدە ئېغىر كىرزىس بۇلۇپ تۇرىۋاتقان بىر قاتار ئەخلاقى بۇلغۇنۇشلارنى ئۆز يۇلى بىلەن ئاددىي تەسۋىرلەر ئارقىلىق ، بىزنىڭ نەزىرىمىزگە قايتا تاشلىشى ، بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىپ ، ھەمىمىزنىڭ بۇ جەھەتتە ئويلىنىش ھاسىل قىلمىغان كاللىمىز ، يۈرىكىمىز ، ئەقىل – ئىدراكىمىزغا قايتا ئويلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەكچى بولغانلىقى بولسا كېرەك .
ئەلۋەتتە ، يەنە تەكرارلاپ ئۆتسەك – يازغۇچى ياكى قەلەمكەشلەرنىڭ بىزگە بىر پارچە ئەسەرنى سۇنۇشى بىزنىڭ ئۇنى ئوقۇپ ، ئىستېتىك ۋە بەدىئىي زوق ئېلىشىمىزنىلا ئۈمىد قىلىش بولسا ياكى بىز شۇ نوقتىلارنىلا مەقسەت قىلساق ، بۇ يازغۇچىنىڭمۇ ۋە ئوقۇرمەننىڭمۇ تېخى ئۆز نەپسانىيىتىنى يېڭىپ بولالمىغان كىچىك بالا ، نادانلىقى ۋە روھى گادايلىقى پاكىزلانمىغان بىچارە ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى خالاس !
ئەخلاق ، مۇھەببەت – بۇلار قەدىمىي ھەم چوڭ تېما . ئىشقى – مۇھەببەت ئەخلاقى مۇھەببەت ئەخلاقىنىڭ يىلتىزى . دۇنيا ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى كۆزىمىزگە كۈندە نەچچە مىڭ خىل ئۆزگىرىش ۋە يېڭى شەيئىلەرنى تاشلاپ ، تاللىۋېلىشىمىزغا پەرۋايى پەلەك ھالدا راۋاجلىنىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋەردە ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان جەۋھىرى دۇردانىلەرنى ئۆزلىرىمىز بىلىپ بىلمەي ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز ياكى يوقىتىۋاتىمىز . ئائىلە – نىكاھ ، شەرمى – ھايا ، مېھىر – شەپقەت ، ۋاپا – ساداقەت بەتلىرى شەھۋانىيلىق ، ھاۋايى – ھەۋەس ، نادانلىق ، گۇمراھلىق چىقىرىندىللىرى بىلەن بۇلغىنىۋاتىدۇ . ئەزىز تەن ، سۈيۈملۈك ۋە ئۇلۇغ ھاياتلىق پۇرسىتى شۇ ۋەجىدىن ئۆزىنىڭ بۇدۇنيا ۋە ئۇدۇنيا ئالدىدىكى بۇرچ – ۋەزىپىلىرىنى ۋە بەخت – سائادەت ئىنئاملىرىنى ئېلىشقا قادىر بولالمايۋاتىدۇ .
*   *   *
«ئاق كېچە» ھىكايىسىنى ئوقۇپ تۈگەتتىم . ژورنال بەتلىرىنى يېپىۋېتىپ ، خىيال دېڭىزىدىن رېئاللىق گىرۋەكلىرىگە ئۆزەمنى ئاتتىم . قۇمساڭغۇ ساھىلدا كۆپكۆك ئاسمانغا قاراپ يېتىپ : كېچىڭىزگە ئاقلىق ھەمراھ بولسۇن ! دەپ پىچىرلىدىم .

2008 – يىل 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى

«سۇنامە»نىڭ يىشىمى - ھەممە نەرسە ئەركىنلىككە مۇھتاج

ئوبزور

مەن ئەزەلدىن سۇ توغرىسىدا بۇنداق ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر ئويلىنىپ باقماپتىكەنمەن . گەرچە سۇنىڭ تەكلىماكاندىكى ھەربىر جانلىق ۋە جانسىز مەۋجۇداتلار ھەم پىلانېتىمىز ئۈچۈن شۇنچە مۇھىملىقىنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلىپ تۇرساممۇ ، ئۇنىڭ تەپەككۇر بوشلۇقىدىكى قانىتىنىڭ مەن ئويلاپ يەتكەن دائىرىدىن چەكسىز ۋە تولىمۇ چەكسىزلىككە يېيىلغانلىقىنى «سۇنامە» ماڭا دەپ بەردى .
شائىر ئادەتتىكى ھالىتىدە نىسپىي ئەركىن بولسىمۇ ، لېكىن شېئىر يېزىۋاتقان ھالىتىدە شۇ ۋاقىتتىكى تەپەككۇر ۋە روھىي جەھەتتىن مۇتلەق ئەركىنلىك پۇرسىتىدە تۇرغان بولىدۇ . شۇ بۇيىچە بولغاندا سۇنامىنىڭ ئاپتۇرى ئېيىتقاندەك پىكىر جەھەتتىكى ، مەنە جەھەتتىكى ئەركىنلىككە ئىگە بولغان شائىر باشقىلارنىڭ سايىسىگە ئايلىنىپ قالمايدۇ .
گەپنى باشلاشتىن بۇرۇن شېئىرنى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش شۇ شېئىرنىڭ ئىجادچىسىنىڭلا قۇلىدىن كېلىدىغان مۇمكىنلىك بولسىمۇ ، بىر ئوقۇغۇچى بۇلۇش سالاھىيىتىدە ئۇنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس چۈشىنىش شەكلىدە چۈشۈنۇپ بېقىشىنىڭمۇ بىر ئەركىنلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈر . شۇڭا بۇيەردە مەن ئۆز چۈشەنچەم بۇيىچە مەزكۇر داستاندىكى كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق توغرىسىدا ئاز – تولا بىر نەرسە دەپ باقسام ئانچە ئارتۇقلۇق قىلماس .
مەن داستاننى ئوقۇغاندىن كىيىن ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان «تۆت ئاناسىر» ھەققىدىكى پەلسەپەۋى قاراشلىرى يەنە بىر قېتىم ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم . چۈنكى سۇ ئەنە شۇلار ئىچىدىكى ئاساسلىق پەيدا قىلغۇچى بىر زات ئىدى .
شۇڭا مەن داستاندىن ئىلھام ئېلىپ سۇ مۇھەببەت ئىدى دىيەلىدىم .
مۇھەببەت خۇددى تەبىئەتتىكى سۇدەك مۇھىم ئىدى . سۇ تەبىئەتكە يىشىللىقتىن ئىبارەت لەتاپەتنى ئاتا قىلغان بولسا ، مۇھەببەت ئادەمگە مېھرىبانلىقتىن ئىبارەت شاھانىلىقنى ئاتا قىلغانىدى . بۇ خىل باغلىنىش داستاننى ئوقۇغۇچىنى تۇيۇقسىز ئۇلانما تەسەۋۋۇر ئىچىگە باشلاپ كىرىدۇ . بىز بۇ ئېقىنغا ئەگىشىپ دۇنيا ۋە ئادەمنىڭ پەيدا بۇلۇشى ، توپان بالاسى ، بۇلغىنىۋاتقان ۋە ساختىلىشىپ ئۆزىنىڭ قەدىر – قىممىتىنى يوقىتىۋاتقان ئىشقى - مۇھەببەت ۋە بۇ تانىلارغا باغلانغان ئېتىقاد ، ئەخلاق توغرىسىدا ئىختىيارسىز ئويغا چۆكىمىز.
ئىككىنچى قىلىپ سۇ ئېتىقاد ئىدى دىيەلىدىم . ئادەملەرنىڭ روھىيەت ئىكىلوگىيىسىدە بۇلغىنىشقا ئۇچراۋاتقان ئېتىقادنىڭ تەغدىرى تەبىئەت ئىكىلوگىيىسىدە ئەڭ ئېغىر بۇلغىنىشقا ئۇچراۋاتقان سۇنىڭ تەغدىرى بىلەن پەرىقلىنىپ كەتمەيتتى ۋە بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئىدى . ئېلىپ كېلىدىغان ۋەيرانچىلىقى بولسا سۇنىڭ ۋاستىلىق بولغان بولسا ئېتىقادنىڭ بىۋاستە ئىدى . بۇ يەردىكى تەققەززالىق بىزنى يەنە بىر ئېقىنغا نەزەر تاشلاتقۇزدى .
ئۈچىنچى قىلىپ سۇ ئەخلاق ئىدى دىيەلىدىم . بەلكىم ، سۇنىڭ مولىكولا تۈزۈلۈشىگە ئوخشاش ئېتىقاد بىلەن ئەخلاق ئىنسانىيەت روھىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئىككى ئاساس بۇلۇشىمۇ مۇمكىن . شۇڭا ، پاكلىق ۋە ساپلىقتا ئۇلارغا قۇيۇلىدىغان تەلەپ ئەزەلدىن ئىنتايىن يۈكسەك بۇلۇپ كەلدى . بىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا ياكى يۇقۇملانغاندا يەنە بىرىدىمۇ دەرھال ئەكىس تەسىر كۈرۈلۈپ كەلدى . بۇ خىل باغلىنىش ئادەملەرنىڭ ئەركىنلىك توغرىسىدىكى ئىدىيىلىرىنى ئازاپلاپ كەلدى .
تۆتىنچى قىلىپ سۇ ئازاپ ئىدى دىيەلىدىم . بۇ خىل تۇيغۇ ئادەمنى ھەر ۋاقىت ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ۋە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل مۇمكىنلىك بىلەنلا يېتەكلەپ كەلدى . شۇڭا ئازاپنىڭ ئازابى تېخىمۇ چوڭقۇر يارا ئىدى . تەبىئەتنىڭ ، ئادەملەرنىڭ ، بۇ دۇنيانىڭ ... تەغدىرى بىزنى ئېغىر ئازاپلارغا مۇپتىلا قىلدى . سۇنىڭ ئېقىشى ، قېتىشى ، يېتىشى ، سېسىشى ... بىزنى باشقا بىر ئېقىنغا باشلايدۇ .
بەشىنچى قىلىپ سۇ ئىستەك ئىدى دىيەلىدىم .
سۇنىڭ ئارقىغا چاڭقاشتىن ئىبارەت بىر مۇقەرەرلىك يۇشۇرۇنغان . بۇ مۇقەرەرلىك بىزگە سۇنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلدۇرغان .
ئالتىنچى قىلىپ سۇ ئەركىنلىك ئىدى دىيەلىدىم .
ئەركىنلىك ئەخلاق ۋە ئېتىقاد بىلەن مۇنازىرلىشەتتى . بۇ مۇنازىرە «تۇخۇم ئىلگىرى پەيدا بولغانمۇ ياكى تۇخۇمۇ ؟» دىگەندەك ئىسپاتلاش ھاجەتسىز بولغان مۇنازىرگە ئوخشاش يىشىلمەس ئىدى . شۇنىسى بىزگە ئايان ئىدىكى بىزگە ھەممىسى كېرەك ئىدى .
يەتتىنچى قىلىپ سۇ جان ئىدى دىيەلىدىم .
تۇنجى ئادەم تۇپراقتىن يارىتىلغان بولسىمۇ ، ئادەم بالىلىرى بىر تامچە سۇدىن تۆرەلدى . ئۇ سۇ ھالىتىدە ئەر ياكى ئايال ئەمەس بەلكى بىر جانلىق ئىدى . ئۇ يىتىلدى ، جىنسى ئايرىلدى ، تۇغۇلدى ، ئادەم بولدى . لېكىن ، ئۇ يەنە ئەسلىگە قايىتىپمۇ قالاتتى . بەزىدە ، ھەتتا كۆپ ھاللاردا بىز بىر – بىرىمىزدىن پەرىقلەنمىدۇق .
مەيلى بىز داستاندا بۇلارنى قانچىنچى ئورۇنغا قويمايلى بۇلار ئەركىنلىكتە خۇددى سۇغا ئوخشاش بىر - بىرىدىن ئايرىۋېتىش تەس ھەم مۇمكىن بولمايدىغان بىر شارائىتتا جىپسىلىشىپ كەتكەن بۇلۇپ ، بۇلاردىكى ئېقىم تاشقى ئەمەس بەلكى ئىچكى جەھەتتىكى ماھىيەت بىلەن گىرەلىشىپ تۇرۇپتۇ . شۇڭا سىز ئۇلارنى نۇقۇل بىر خىل ھالەتتىكى سۇغا ئوخشاتماي ، ھەرقانداق بىر ھالەتتىكى سۇغا ئوخشىتىۋېرىڭ . چۈنكى ھەممە نەرسە ئەركىنلىككە مۇھتاج .


يۇقۇرقى ئەسەرلەرنىڭ مەنبەسى : «كروران» ژورنىلى


mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  297
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 181
تۆھپە : 2
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-19

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 13:34:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم يارى! مېھىرلىك مۇنبىرىمىزنىڭ «ياش قەلەم » بەتلىرى بۇ قېتىم سىز ئۈچۈن سەھىپە ئاجرىتىپتۇ. تەرجىمەھالىڭىزنى بىلىۋالدىم. ئاللاھ بۇ كوچىدا سىزنى بەرىكەتلىك قىلسۇن. سىزدىنمۇ زور ئۈمىدلەرنى كۈتىمەن. ئاللاھ سىزگە يار بولسۇن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 909
تۆھپە : 6
توردا: 571
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 13:35:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىلار ياشىسۇن!!!

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  766
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 168
تۆھپە : 0
توردا: 23
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-16

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 13:45:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روزى كىرەمنىڭ قەلىمىدىكى تەبىئىيلىك،تەپەككۇرىدىكى خاسلىقتىن سۈيىنىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 646
تۆھپە : 10
توردا: 99
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 14:04:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«چىمەنىستان» دىكى تىراگىدىيە

رۇزى كېرەم يارى

مەن «چىمەنىستان» غا تەپەككۇر كۈزۈم بىلەن نەزەر سالدىم . «چىمەنىستان» دا «ھاۋا» ھەسرەت ، ئىنتىلىش ، تەشنالىق ، كۈتۈش بىتاقەتلىكى ئىچىدە بىرسىنى ئىزدەۋاتاتتى ...
مەن بۇ جايدا ياۋا گۈللەرنىڭ مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغانلىقىنى ، بىراق ئۇنىڭ بەرگىنى چاڭ – توزان بېسىپ ، قاغجىراپ كەتكەنلىكىنى ؛ سۈپ – سۈزۈك ئاسماندا قۇشلارنىڭ قانات قېقىۋاتقانلىقىنى ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىلگىرلىيەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆردۈم . «ھاۋا» غا زەڭ سالدىم : ئۇنىڭ جىسمىدىن ئۇرغۇپ تۇرغان جاسارەتتىن تاغلار جاراڭلايتتى ؛ ئۇنىڭدىن تارىلىۋاتقان ھەسرەت پۇرىقى بۇرنۇمنى ئېچىشتۇراتتى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن «ئادەم !» دىگەن سادا چەمبەرسىمان دولقۇنلاپ چىقىپ باشنى قايدۇراتتى .
- ئاھ ، ئادەم ! نەدىسەن ؟!
ئۇ ھەقىقىي ئەركەكنى – ئۆزىنى سۆيىدىغان ھەم قەدىرلەيدىغان ؛ ئۆزىنى باشقۇرۇپ ، ئىگە بولالايدىغان ، تەغدىرىنى قۇلىغا ئالالايدىغان ؛ جىسمىدىن كۈچ – قۇۋۋەت ، غەيرەت – جاسارەت ، قاراملىق ؛ روھىدىن ئەقىل – پاراسەت ، غورور ، ۋىجدان ، ئىمان – ئېتىقاد ، قىسقىسى يۈكسەك بىر قەدىمى روھ ئوخچۇپ تۇرىدىغان ئادەمنى كۈتىۋاتاتتى ...

*  *  *



مەن تۇرپان ژورنىلىنىڭ 2004 – يىل 3 – سانىغا بېسىلغان چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ «چىمەنىستان» ىدا چىمەنگۈلنىڭ روھى بىلەن ئۇچرىشىپ سىرداشتىم ھەم بىر قىسىم «سىرلىرى» نى ئاشكارىلاشقا مۇۋەپپەق بولدۇم . ئەمدى بىز بۇ پىنھان «چىمەنىستان» نىڭ ئاشكارا مەنزىرىسىنى بىرلىكتە تاماشا قىلايلى :

ئۇ شېئىرىنى ھەسرەتتىن باشلايدۇ . ئۇنىڭ جىسمىدا ئەزەلدىنلا چوڭقۇر يىلتىز تاتقان نۇمۇسچانلىق ئۇنى چەكسىز ئازاپلىق ھېسلار قاينىمىغا تاشلايدۇ . ئۇ ھايات يۇلىدا قايتا – قايتا سانسىز ئازا- ئوقۇبەتلەرگە ئۇچرىغاندىن كىيىنلا تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ بىر يۆلەككە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى سېزىپ قالىدۇ . بىراق ، بۇنى قانداق ئاشكارىلاش كېرەك ؟ ئۇنىڭ چوڭقۇرلۇققا يۇشۇرۇنغان سىرلىرى بىلىشكە ئېرىشەلمەيدۇ . ئۇ بىردىنلا يېنىدا تۇرغان ئۇ ئەرنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئەرلىك سالاھىيىتىنى يوقاتقان ، پەقەت جىسمانىي مۇھەببەتنىڭ قۇلى ، ھېسىياتنىڭ كورى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۈمىدسىزلىنىدۇ .



قانىغان لېۋىمدە ئىسسىق بىر قىيان ،

تاشالماي مېھرىمگە سىڭىدۇ تەكرار .

تەبىئەت مۇڭىنى يالمايدۇ تاتلىق ،

ئىشىكىم تۈۋىدە قۇرىغان چىنار .



ئۇنىڭ ئەلەملىك شىۋىرلاشلىرى چۈشەنمەسلىك ھەيرانلىقى ئىچىدە تېڭىرقايدۇ . چىمەنگۈل شۇندىلا «چىمەنىستان» دىكى «ھاۋا» غا پىچىرلاپ تەسەللىي بېرىدۇ .

ھەسرەت – ئادەمنىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرى تۇلۇق قېنىپ رىغبەت تاپمىغاندا كىلىپ چىقىدىغان تىراگىدىك روھى – ھالىتى بۇلۇپ ئۇ ئاجىزلارنى روھى جەھەتتىن چۈشكۈنلۈككە باشلىسا ، قەيسەرلەرنى غايەت بىر پارتىلاش كۈچىگە ئىگە قىلىدۇ .

ئۇ بىردىنلا ئەرلىك جاسارەتكە ئىرىشىپ ، لەيلىنى يېتىلىگۈچى مەجنۇنغا ئايلىنىپ ، «تەكلىماكان»غا سەپەر قىلىدۇ . بىراق ، بۇنى كىم چۈشىنەر ؟ پىغان بىلەن كەلگەن ھاياجان ئۇنى قاتتىق كۈلكىگە مۇپتىلا قىلىدۇ . ئۇ ئۆزىنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنىڭ پەقەت بالىلىقتىكى خىياللىرىدەك تولىمۇ شېرىن ، تولىمۇ غۇۋا ئىكەنلىكىنى ؛ شۇنداقلا ، بۇ ئارزۇلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى بۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ رىئاللىققا قايىتىش سەپىرىگە ماڭىدۇ . ئۇ بۇ سەپىرىدە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئېرىشمەكچى بولغانلىرىنى ئاشكارىلايدۇ :



ئىپارخان پۇرىغان جىگدە چېچىكى ،

تۇزىدى قاياققا ، قاچان ، قەيەردە ؟

نۇزۇگۇم يۇلۇقمىدى قۇمۇشلۇق ئارا ،

نېمىشقا ئېپ قاچقۇدەك مەردانە ئەرگە ؟



ئۇ ئۆزىنى تارىختىكى تەكرارلىق ئۈستىگە قويىدۇ . بۇ ئازاپ ۋە ئىزتىراپ پۈتۈن ئايال زاتىغا ئورتاق . ئۇ ئەزەلدىن «ئەر – ئايال» دىگەن ئىسىمدىن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلىپ كەلگەن (ئەر بولغاچقا ، ئايال بولغان . ئايال ئەرنىڭ بىر دانە قوۋۇرغىسىدىن يارالغان) . ئەر ئالدىدا يېتەكلىگەچكە ، ئايال ئۆزىنى ھەر ۋاقىت خاتىرجەم ، بەخىتلىك ھېسابلاپ ، ئەردىن پەخىرلەنگەن .

ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا قاچانلاردىدۇ خاتىرىسىگە كىرگەن بىلەيچى بوۋاي كېلىدۇ . ئۇ ئاددى ۋە تولىمۇ جاپالىق تۇرمۇش ئىچىدە قىزلىرىغا ۋە مومىيىغا بەخت ئىزلەيدۇ . ئۆزىنىڭ ھالال ، پاك قان- تەرى بەدىلىگە خاتىرجەم ، مېھىر – مۇھەببەتلىك ، كۆڭۈللۈك تۇرمۇش يارىتىدۇ ھەم ئۆز مومىيىدىن چەكسىز مىننەتدار بولىدۇ .

بۇ ئۇنىڭ قانائەت تاپمىغان يەنە بىر ئىستىكىنىڭ ئاشكارىلىنىشى .

ئەمدى ئۇ كىمدىن ، نېمىشقا قىساس ئالماقچى ؟



ئوخشىمىغاچ ئەركەكلەر ياشلىق چېغىمغا ،

ھەتتا سۇ تالىشىشقىمۇ بارمايدۇ رايى .

خۇتۇن تالىشىشنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن ھەي ...

ئاتىغا بولارمىش بالا گۇناھى » .

ئۇ بىردىنلا غورورلۇق بوۋاي روھىدا ساقلانغان قەدىمى ئېسىل روھ بىلەن ھازىرقى ئەركەكلەردە شەكىللىنىپ قالغان «ناجىنىس» روھنى سېلىشتۇرىدۇ ۋە قاتتىق ئاۋازدا : « - بۇ ئۇلارنىڭ روھىغا – ئەجدات روھىغا قىلىنغان ھاقارەت ! » دەيدۇ . توغرا ، بۇ ئەجدات روھىغا قىلىنغان ھاقارەت . ئۇ قىساس خەنجىرىنى ئەجەللىك يەرگە سالدى . جاراھەتتىن ئېتىلىپ چىققان ئىسسىق قان ئۇنى روھلاندۇرىدۇ . ھازىرقى ئەرلەرنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقان ئىسسىق قانلا – ئەسلى قان ! ئۇ قان ھەركىمگە ھەقىقەتنى قايتا تۇنىتىدۇ . ئۇ پەسكويغا چۈشۈپ ئەركەكلەر بىلەن – ئۆز روھىنى يوقاتقان تەن ، ئەسلىنى ئۇنۇتقان روھ بىلەن مۇڭدىشىدۇ .

ئىسسىق قاندىن كۆتۈرۈلگەن ھور ئوغۇزخان روھىنى تىرىلدۈرۈپ ، «ھاۋا» نىڭ يېنىغا باشلايدۇ . بىز بىردىنلا «چىمەنىستان» دا ئوغۇزخاندىن باشلانغان ئۇيغۇر شەجەرىسىنىڭ دولقۇنلۇق ئېقىنىغا غەرق بۇلۇپ ، ئەسلى ئاتا روھ ماكانىغا قايىتىمىز . كۆكتىن چۈشكەن نۇر ئىچىدە «ھاۋا» نى ، دەرەخ كاۋىكىدا «چىمەنگۈل» نى ئۇچرىتىمىز . ئات ئۈستىدىكى ئوغۇزخان ، جەڭ مەيدانىدىكى قىقاس – چوقان ، چېپىلغان تەن ، ئۈزۈلگەن باش ، قان ... ، ... قان ... ، ھەممە يەر قان ... مانا بۇ ئەرلەرنىڭ زېمىنى ! مانا بۇھەقىقى ئەركەكلىك روھى ! بۇ يەردە تەكىتلىنىۋاتقىنى – ھەقىقى ئەرلىك جاسارەت ھەم ۋاقىتنىڭ شامىلىدا ئۇپراپ كەتكەن ، ئەمما پارقىراقلىقىنى ساقلاپ قالغان ئوغۇزخان روھىنىڭ قايتا جەۋلانى – جاپا مۇشەققەتكە ، خىيىم – خەتەرگە باش ئەگمەيدىغان ، پىداكارلىق ، ئەلسۆيەرلىكتەك قەيسىرانە روھ ..........

«ھاۋا» بىلەن «چىمەنگۈل» ماھىيەتتە بىر . بىراق ، رىۋايەت قەلئەسىدىن چىققىنىمىزدا بىزگە قالغىنى – چىمەنگۈل + ؟ = ئىزتىراپ . ئۇ غايىپتىن بىر ئاۋاز ئاڭلىدى . ئەمما ، ھەممە يۈرەك شۇنداق دەپ سۇقۇۋاتاتتى :

- سېيىت نوچى ، سادىر پالۋانلار ئۆلۈپ كەتتى . ئۇلاردەك شىرمەتلەر قايتا تۇغۇلمىدى ...

دېمەك ، ئوغۇزخاندىن باشلانغان بۈيۈك تارىخ ۋە ئەركەكلىك روھ تەدرىجى سۇسلاپ كەتتى ياكى يوقالدى(يازما تارىخ كۆزدە تۇتۇلدى . ئاشكارىلانغان تارىخلار ئوغۇزخان تارىخىدىنمۇ نەچچە مىڭ يىل ئالدىغا سۈرۈلىدۇ ، ئەلۋەتتە !) . ئۇ ئىزتىراپ چەكتى . گۈزەل ئۆتمۈش ھەر ئويلىساڭ يۈرەكنى تىترىتىدۇ . بىراق ، ھازىرغا قارىساڭ ئۇ دەۋىرنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ھەم سېنى قايتا ئېرىشكىلى بولمايدىغاندەك ئۈمىدسىزلىك ئىچىگە تاشلايدۇ . ئۇ ھەسرەت ، ئىنتىلىش ، تەشنالىق ، كۈتۈش بىتاقەتلىكى ئىچىدە رېئاللىقتىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ  ...

«كىرىشكەن چىشلىرىم ، چۇۋۇلغان چاچلىرىمغا قاراپ ئالدىمدىكى ئەينەكنى زەرب بىلەن ئۇرۇپ چېقىۋەتتىم ...».



ئۇنىڭ ئازاپلىق تۇرقى ۋىجدانلىق ئەركەكلەرنى چۇقۇم سىلكىپ ئويغىتىدۇ . بىز چېقىلغان ئەينەك پارچىللىرىغا قاراپ باقايلى :

تىنىچ ۋە باياشاد تۇرمۇش ئەرلەرنىڭ جاسارىتىنى يەپ كەتتى . ئۇلار ئۆزىدىكى ئېسىيانكار ، تەلۋە ، قارام كۈچنى تارىخنىڭ  چاڭ – توزان ۋە قان – ياش بىلەن تولدۇرغان جەڭ خارابىللىرىگە تاشلاپ ، بۇ باياشاد زېمىنغا تېنىنىلا ئېلىپ كەلدى . ئەرلەر ئۆزىنىڭ جاسارىتىنى نامايەن قىلالايدىغان ئەڭ ئەۋزەل سەھنىدىن ئايرىلدى . ئۇلارنىڭ ئەرلىك قەددى بۇ ئىلمان جەمئىيەتتە تەدرىجى ئېۋىپ بوشىدى . ئۇلار ئائىلىدە تۈگىمەس ئىشلارنىڭ ، ئايىقى چىقماس خىزمەت ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىنىڭ پاتقىقىدا ھالسىرىدى . ئەرلەردىكى بۇخىل بۇرۇلۇش ئاياللارغا بولغان روھى ۋە جىسمانى بېسىمنى زور دەرىجىدە يىنىكلىتىۋەتتى . ئاياللار ئاستا – ئاستا ئەرلەرنىڭمۇ ئۆزلىرىدەكلا ئادەم ھەم مۇئەييەن ئاجىزلىققا ئىگە ئادەم ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتى ۋە ئەرلەرنىڭ ئاياللار ئۈستىدىكى ھاكىممۇتلەقلىكىگە قارىتا «ئېسىيان» كۆتۈردى . بۇنى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە تاشقى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدىن دەپ قارىساقمۇ ، بۇنىڭ سەۋەبىنى تېگى – تەكتىدىن ئالغاندا ئەرلەرنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى – ئەركەكلىك ھوقۇقىنى تۇلۇق ئادا قىلالماسلىقىدىن ئىزدەش ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇن بۇلۇشى مۇمكىن . دېمەك ، ئاياللار «ئەر – ئاياللار باراۋەر بۇلۇش»تىن ئىبارەت «ئازاتلىق بايرىقى»نى كۆتۈرۈپ چىقتى ۋە ئۆزىدىكى ئەزەلدىن كۈرۈلۈپ باقمىغان ياكى يۈز ، مىڭ يىلدا غۇۋا كۈرۈلۈپ قالىدىغان جەڭگىۋار روھنى نامايەن قىلدى(گەرچە بۇ ھۆكۈمىران كۈچلەرنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىدىن بولسىمۇ ) . ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ يوقاتقانلىرىنى تەدرىجى ھېس قىلدى ھەم ئۇنى ئۆز ھەركىتىدە ئىپادىلىگەن ئاياللىرىغا قايىل بولدى . شۇنداقلا ، ئەرلىك ھوقۇق بايرىقىنى يېرىم چۈشۈردى . بۇ ئەرلەرنىڭ تىراگىدىيىسى ئىدى . مەغلۇبىيەت ۋە خورلۇق ئەرلەر دۇنياسىدا قاتتىق زىلزىلە پەيدا قىلدى . ئەركەكلەر روھىدىكى بۇ خىل سىلكىنىش روھى جەھەتتە ئويغىنىش ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، جەمئىيەتتىكى «ئەر» ئوبرازىدا ئەڭ تۆۋەن تۇرغۇنلۇق داۋاملىق ساقلاندى . بىر قىسىملىرى مەغلۇبىيەتكە جەڭ ئېلان قىلىپ ئەسلى ئۆزلىكىنى ئىزلىدى . بىر قىسىم قايىل بولمىغانلار توغرا يول ئىزدىگەن بولسىمۇ ، ھېسىياتقا بىرىلىپ ، بىردەملىك روھى ئۈستۈنلۈك ئىزدەپ ، زەھەرلىك چېكىملىك ، ئىچىمىلىك ۋە پاھىشۋازلىقتەك ئىشرەت كوچىسىغا كىرىپ كەتتى (گەرچە بۇلارنىڭ يۈز بىرىشىنى ئەرلىك ھوقۇقنىڭ ئاجىزلىشىشىغا باغلاش ئىنتايىن بىر تەرەپلىمىلىكتەك بىلىنسىمۇ ، لېكىن بۇ نوقتىنى ئىنكار قىلىش ئەلۋەتتە ئوخشاشلا بىر تەرەپلىمىلىككە يول قويغانلىق) .

ئەركەكلەر زاتىدىكى بۇخىل روھى چۈشكۈنلۈك ئايال زاتى دۇنياسىدىمۇ زىلزىلە پەيدا قىلدى . بىر قىسىم پۇرسەتپەرەسلەر بۇ توپىلاڭدىن پايدىلىنىپ توغاچ ئوغىرلاپ ، ئۆزىنىڭ قەدىر – قىممىتىدىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ ، يەنە بىر قىسىم غورورلۇق قىز – ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئېرىشكەنلىرىنىڭ يوقاتقانلىرى ئالدىدا ھېچنەرسىەە ئەرزىمەس «تۇتىلىق ھۈنىرى» ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشتى ھەم بىلىپ يەتتى . دۇنيا زىدىيەت ئىچىدە تەرەققىي قىلىدۇ . بىراق ، مۇشۇنداق زىدىيەتلەرنى كۆڭۈل كۆزىدە كۈرۈپ ، خەلقنىڭ نەزىرىگە تاشلاپ ۋاقتىدا ھەل قىلمىغاندا ، بۇنداق زىدىيەتلەرنىڭ ئاخىرى يەنە بىر يېڭىلىنىش ئەكېلىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك .

«ھاياتلىق دەسلەپتە يەر تەۋرەشتىن ، ئاندىن قانلىق قىرغىندىن ، كىيىن ئىلغار قورالدىن ، ئاخىرىدا توپان سۈيىدىن يوقىلىپ يېڭىلانغان . بۇنىڭ ھەممىسىنىڭ گۇناھكارى ئادەملەرنىڭ مەنىۋى يىمىرلىشى – ئىمانسىزلىقى ، تەبىئەتنى ۋەيران قىلىشىدىن ئىكەن . ئەمدىكى مەسىلە بەشىنچى ھاياتلىق بولغان بىزلەرگە كەلگەندە يەرشارىنى ساقلاپ قالالايمىزمۇ - يوق ؟ دىگەندىن ئىبارەت»(«قىيادىكى ئوۋچىنىڭ نالە – زارى» دىن) . چۈنكى ، ھازىرقى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى يەر تەۋرەش ، قانلىق قىرغىن ، ئىلغار قورال ۋە ھېكىدىن ئاشقان ئەخلاقسىزلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ھامىي بولدى . ئۇلار يەنە شۇنچە زور غەيرەت بىلەن ئەڭ يوقىرى چەككە قاراپ ئۆرلەۋاتىدۇ .

ئۇ ئەلۋەتتە بۇ ئەھۋالنى چۈشىنىدۇ . چۈنكى ، ھەقىقى ۋىجدانلىق ئەركەكلا بۇ خىل ئېچىنىشلىق تىراگىدىيىنى ئالدىن بايقىغۇچى ۋە تۇسۇپ قالغۇچى يۇشۇرۇن كۈچكە ئىگە مەنىۋى قورغان . شۇڭا ئۇ بىردىنلا ئەركەكلەرگە ئىچ ئاغرىتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىگە ، مۇھەببەت ئازاۋىغا ، غېرىبلىقىغا تەسەللىي بېرىدۇ . بۇ مۇھەببەت ھەرقانداق ئەركەكنى تەسىرلەندۈرىدۇ . بىراق ، تەسىرلىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ . ئەۋزىلى جاناننىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن يۈكسەك پەللىدىكى ئۇلۇغۋار روھ ھەم تەۋرەنمەس ئېتىقاد بۇلۇشى كېرەك .

بىراق ، رېئال تۇرمۇشتا ئۇنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەت ، ئارزۇ – ئۈمىد ، ئىستەكلەر چەكسىز چاڭقاش جەريانىدا تاش بۇلۇپ قاتتى . دوختۇرلار ئۇنىڭ تېنىدىن بۇ تاشنى ئالغاندا ، ئۇنىڭ ئەڭ گۈزەل ھېسلار بىلەن تۇيۇنغان چۆكمە ئىكەنلىكىنى سېزەرمۇ ؟

*  *  *

«ھاۋا» قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن غۇۋا بىر نۇرنى كۆردى . بۇ «ئادەم» دىن تارىغان نۇر ئىدى . ئۇ «ھاياجاندىن جۇغۇلداپ» كەتتى . «ھاۋا» «ئادەم» نى پۈتۈنلەي كەچۈرىۋەتتى . بۇ يۈكسەك مۇھەببەتنىڭ كۈچى ئىدى . يۈكسەك مۇھەببەتنىڭ كۈچىدىن ئۇنىڭ قەلبىدىكى داغلار يۇيۇلۇپ كەتتى . بىراق ، ئۇ يەنىلا نىمىگىدۇر تەلپۈنىدۇ ، نېمىنىدۇ زارىقىپ كۈتىدۇ ، يەنە نېمىگىدۇر ئۈمىد باغلايدۇ .



قىياندەك يامرايمەن شۇقەدەر ئەركىن ،

قەلىب ئېتىزىمنى قىلمايمەن قىرغىن ...
بىز ھەممىمىز رىئاللىققا قايىتتۇق . يامغۇر يېغىۋاتاتتى . بەلكىم ، ھەممىمىز كۈنلۈك ئېلىۋېلىشنى ئۇنۇتتۇق . بۇ يامغۇر گۈل بەرگىدىكى چاڭ - توزانلارنى يۇيىۋېتىشكە قادىر بولالارمۇ ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايزىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-17 14:12  


توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
شۇ ئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 646
تۆھپە : 10
توردا: 99
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 14:06:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسىلام ؟

سىزگە ئۆز ئەسىرىڭىز ئارقىلىق سالام يوللايمەن.ئىجادىيىتىڭىزگە بەركەت يار بولسۇن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايزىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-17 14:08  


توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
شۇ ئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1260
تۆھپە : 4
توردا: 265
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 14:26:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەت يولىڭىزدا خۇش پۇراق گۈللەر ئۈنگۈسى.سالامەت بولۇڭ.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  150
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 36
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 15:22:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇزى كېرەمنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيتى تېخىمۇ مول بولغاي!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 893
تۆھپە : 0
توردا: 210
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 15:57:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئېىرلىرىڭزدىن قەلىمىڭىزدىكى يۇقۇرى بەدىئىي ماھارەتنى ھىس قىلدىم. تىرىشچانلىق ئاللاھنىڭ كىشىگە بەرگەن ئىسىل نىمەتلىرىدىن بىرى. ياخشى نەتىجىلەردىن كەلگۈسىڭىزگە نۇرانە يول ئېچىشىڭىزغا تىلەكداشمەن! ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق، تىنىڭىزگە سالامەتلىك يار بولسۇن!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 936
تۆھپە : 5
توردا: 120
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-2

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 16:15:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يارى ئاكامنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن. ئەسەرلىرىڭىز بىلەن كۆپ ئۇچرىشىپ تۇرغايمىز.

كۆڭۈلدىن  كۆڭۈلگە يول بولسۇن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 669
تۆھپە : 0
توردا: 186
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 16:24:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  كۆرۈشكەندەكلا تۇيغۇدا بولدۇم. سالام بولسۇن يارى.

http://bbs.xjmukam.cn/thread.php?fid=91
بۇ يەردە، شېئىرىيەتكە قەدەم ئېلىڭ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 736
تۆھپە : 1
توردا: 115
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 16:33:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارغا ئالىي ئېھتىرام ۋە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!

بةخصت سصنص جاپا- مذشةققةتتة كأپرةك سصنايدذ

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  262
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 440
تۆھپە : 4
توردا: 194
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-10

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 16:36:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇزى كېرەمنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيتى تېخىمۇ مول بولغاي!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  232
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1577
تۆھپە : 10
توردا: 203
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 20:10:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن !!!

ئاتاسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
ئاناسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
بۇ يۇرتتا نىمەسى بار -
مېنىڭدەك بەختى قاچقاننىڭ ؟

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  396
يازما سانى: 398
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2048
تۆھپە : 0
توردا: 256
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 21:02:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە يەنىمۇ زور ئۇتۇق تىلەيمەن!

گۈل ئۈزسەڭ سەھەردە ئۈز،
چولپان كېلۇر كۆز قېسىپ!
         
                                        __ ئاپتۇرى نامەلۇم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش