قاراماي ئەدىبلىرى ئىجادىيەت كۇرسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى
2012-يىل 10-ماي چۈشتىن كېيىن، قاراماي ئەدىبلىرى ئىجادىيەت كۇرسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. ئاخىرلىشىش مۇراسىمىغا قاراماي شەھىرى، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىسى مۇتەللىپ كېرىم، قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، قابىل ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتچىسى دولقۇن تۇرغۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئىجادىيەت-ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەيبۇ ياقۇپ، داڭلىق يازغۇچى ئالىمجان ئىسمائىل، بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى ئابلىكىم ھەسەن، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى ئىجادىيەت كۇرسىغا قاتناشقان كۇرسانتلار بولۇپ يىگىرمىگە يېقىن كىشى قاتناشتى.
يىغىندا، ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى ئىجادىيەت كۇرسىنىڭ دائىمىي ئىشلىرىغا مەسئۇل باشلىقى ئوسمان قاۋۇل بۇ قېتىمقى ئىجادىيەت كۇرسىغا تەكلىپ قىلىنغان يازغۇچى، شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمانلارغا بولغان سەمىمىي تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. ئاندىن بۇ قېتىمقى كۇرستا سۆزلەنگەن نۇتۇقلارنىڭ قىممىتى، ئەھمىيىتى، ئوقۇلغان، تۈزىتىلگەن ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ سانى، سۈپىتى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى ھەم كۇرسنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.
ئاخىرىدا، قاراماي شەھىرى، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىسى مۇتەللىپ كېرىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «قاراماي ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياش شەھەر، شۇنداقلا سانائەت شەھىرى، بۇ قېتىمقى كۇرسقا قاتناشقان يازغۇچى، شائىرلار قاراماينىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىدىكى ئاۋانگارت كۈچلەر. سىلەر بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىدىن بەلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ شەھىرىمىز، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىغا بىر كىشىلىك ھەسسەڭلارنى قوشۇشۇڭلار كېرەك. تىنىمسىز ئىلگىرىلەپ نادىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىجاد قىلىپ ئاپتونوم رايونىمىزدا تەسىرى بار «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى» ۋە «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشىدىغانلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش كېرەك»
مۇتەللىپ كېرىم ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ قېتىمقى ئىجادىيەت كۇرسىغا تەكلىپ قىلىنغان شائىر، يازغۇچى ۋە ئەدەبىي تەرجىمانلارغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتتى ۋە بۇنداق كۇرسلارنىڭ داۋاملىق ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ۋە ئىجادىيەتچىلەرنى ھەر تەرەپتىن قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خەنجەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-10 20:42