«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»نى باھالاش مەخسۇس تېمىسى
1.«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»نى باھالاش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى تور ئەدەبىياتىنى ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇش، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ۋە تورداشلارنىڭ كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان مەنىۋىي تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش، توردىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش مەقستىدە 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 10- كۈنىدىن باشلاپ «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»نى تەسىس قىلىشنى قارار قىلغان بولۇپ، مەزكۇر مۇكاپاتنى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن «شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر،پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» بىرلىشىپ يولغا قويغان ئىدى.
پائالىيىتىمىز باشلىنىپ بۈگۈنگىچە،يەنى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 21- كۈنىگىچە ھەر ساھە ئاپتۇرلىرىمىزنىڭ،كەڭ تورداشلىرىمىزنىڭ بۇ پائالىيەتنى يېقىندىن قوللاپ،قىزغىن ئاۋاز قوشۇشى بىلەن تورىمىزنىڭ «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»مەخسۇس سەھپىسىدە ھازىرغىچە ھەرقايسى ژانىرلاردىن بولۇپ 88 پەرچە ئەسەر ئېلان قىلىندى.
ئاپتۇرلىرىمىز بۇ پائالىيەتكە قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ بەس-بەس بىلەن ئەسەرلەرنى يوللىغاندىن كېيىن، «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى» مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»نى تەسىس قىلىش ئۇقتۇرۇشىدىكى 9 تۈرلۈك بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا ئەسەرلەرنى ئەستايدىل كۆرۈپ، تەھرىرلەپ ۋاقتىدا ئېلان قىلدى. ئەڭ تورداشلىرىمىزمۇ بۇ پائالىيەتنى قىزغىن قوللاپ بۇ سەھىپىدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرگە نىسپەتەن تۈرلۈك باھا، ئىنكاسلارنى يازدى.
«ئۇقتۇرۇش» تىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە تورىمىز تەسىس قىلغان «دەسلەپكى باھالاش ھەيئىتى» 18-پارچە ئەسەرنى مۇكاپات نامزادلىقىغا كۆرسەتتى. 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە بۇ 18 پارچە ئەسەر كەڭ تورداشلارنىڭ بىلەت تاشلاپ باھالىشىغا سۇنۇلىدۇ. تورداشلار بۇ ئەسەرلەر ئىچىدىن 12 پارچە ئەسەرنى باھالاپ بىلەت تاشلىسا بولىدۇ، تورداشلار بىلەت تاشلاپ باھالاپ چىققان 12 پارچە ئەسەردىن «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتىنى ئاخىرقى باھالاش ھەيئىتى» ئەڭ ئاخىرىدا 6 پارچە ئەسەرنى مۇكاپاتلاشقا تاللاپ بېكىتىدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ. تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلىشى ۋە ئەسەرنىڭ ئاۋاز سانى 12 پارچە ئەسەرنى تاللاشقىلا تەدبىقلىنىدۇ، ئۇ ئاخىرقى ئەسەر باھالاشنىڭ ۋە مۇكاپاتلىنىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىنمايدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
1. ھازىردىن باشلاپ بۇ نۆۋەتلىك «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»نى باھالاش پائالىيىتىگە ۋە تورىمىزدا تەسىس قىلىنغان مەخسۇس سەھىپىگە ئەسەر قوبۇل قىلىنمايدۇ.
2.توردا بېلەت تاشلاش ۋاقتى : ھازىردىن باشلاپ 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچ سائەت 10 غىچە بولىدۇ.
3. ھەر بىر ئەزانىڭ پەقەت بىرلا قېتىم بېلەت تاشلاش ھوقۇقى بولىدۇ.
4. بېلەت تاشلىغاندا 12 پارچە ياكى ئۇنىڭدىن ئاز ئەسەرنى تاللاش تەلەپ قىلىنىدۇ.ئەزالارنىڭ 12 دىن ئارتۇق تاشلانغان بېلەتلەر بىردەك ئېتىراپ قىلىنمايدۇ.
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
تورداشلارنىڭ ۋاقىپلىنىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى