مۆلجەرى يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 20:06
ۋەدە ۋەدە بولماي قاپتۇ
مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەن ...
مولجەرى!
ئاۋۇ ئۇقتۇرۇشىمىزغا چۈشەنچە خاراكتىرلىك بىر گەپنى قوشۇپ قويمىغان ۋە ئەسلىدىكى ئۇقتۇرۇشىمىزدىكى بەزى مەزمۇنلارنى ۋاقتىدا شارائىتىمىزغا قاراپ ئۆزگەرتمىگەن سەھۋەنلىك بىزدە. لېكىن ، بىز ئامال بار باشلىغان ئىشىمىزنى تېخىمۇ ياخشاراق روياپقا چىقارساق دىگەننى ئۈمىد قىلىمىز. مەيلى نىمىلا قىلمايلى ئۇنىڭ نەتىنجىسى دەسلەپكى ئۇقتۇرۇشىمىزنىڭ تەتۈرىسىگە قايتمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. ھەتتا مۇكاپاتلاشنى ئېلىپ بارغان چاغقىچە بولغان ئارلىقتا بەزى نامۇۋاپىق بولغان ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىمىزنى تەڭشەيمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز سىزدىن ۋە كۆپچىلىكتىن ئۆزرە سورايمىز.
بەزى دىلكەش ئۇستازلار ۋە ئەھۋالدىن خەۋەردار رەھبەر، كەسپداشلار، ‹‹ بۇ ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدىكى ياخشى باشلىنىشكەن، بىر يىل بەك ئۇزۇنغا سۆرىلىپ كەتكۈدەك، تۇنجى قېتىملىقىنى ئالدىمىزدا ئېچىلىدىغان ‹شېئىرىيەت مۇھاكىمە يىغىنى ۋە قۇمۇل يازغۇچىلىرى ئىجادىيەت سىمىنارىيەسىگە ئۇلاپلا قىلىۋېتىڭلار، شۇنداق بولغاندا بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشنىڭ تەسىرىمۇ ياخشى بولغىدەك›› دەپ تەكلىپ بەرگەچكە بۇنىڭ مۇددىتىنى ئالدىغا سۈردۇق. ‹‹ ۋەدە ، ۋەدە بولمىدى ئەمەس›› بىز ۋەدىمىزنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.
بەزىدە بوۋاق توقۇز ئاي، توققۇز كۈن، توققۇز سائەت، توققۇز مىنۇت، توققۇز دەقىقىدە تۇغۇلماي سەل ئىلگىرى ۋە سەل كېيىن تۇغۇلۇپ قالسىمۇ نورمال ئەي بولىۋېرىدۇ.‹‹ 10 كۈن بۇرۇن بوپ قاپتۇ، ›› دەپ ھەسرەت چەكمەي، يوللايدىغان ئەسىرىڭىزنى 10 كۈن ساقلىماي سەل بۇرۇن يوللىسىڭىزمۇ بولىۋېرىرەتتى. ئۈلگۈرەلمىگەن بولسىڭىز يەنە بىر نۆۋەتنى ساقلاپ يوللىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ .
ياخشى ئەسەرنى تونۇيدىغان كۆز ھامان بولىدۇ. يەنە بىرسى، ئەسەرياخشىلا بولسا ئۇ بىرەر مۇكاپاتنىمۇ تاما قىلىپ تۇرمايدۇ. ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى نى - نى ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ كۆپى ھېچقانداق مۇكاپاتقا ئېرىشمىگەن ئەھۋاللار بىزدە يوق ئەمەس. بۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى مۇكاپاتلانماپتۇ دەپ ، چۆرۈپمۇ تاشلىۋەتمىگەن. مۇكاپاتلاش يازغۇچىلىرىمىزغا بېرىلىدىغان بىر ئىلھام، مەدەتلا خالاس.