ئايشەم1 يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 00:12
مائارىپچىلار تورىدىن : تەلئەت ئاتاۋۇللا نىڭ ___ بۇلغۇم ...
سىلىنىڭ بىلەت تاشلاشلىرىدا خاتالىق بار.
بىلەتنى پەقەت يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن دەسلەپكى قەدەمدە تاللاپ تەۋسىيە قىلىپ بېكىتىلگەن 18 پارچە ئەسەرگە تاشلايدىلا. بىر پۈتۈن تور بەتتىكى ياكى «ئىزگۈ سەھىپىسى»دىكى بارلىق تېمىلاردىن تاللاپ يوللىمايدىلا.
يەنە بىرى بىلەت تاشلاشتا ئىنكاس يېزىپ قالدۇرمايمىز.
بىلەت تاشلاش ئۇسۇلى:
بىرىنچى قەدەمدە، مۇنبەرگە تىزىملاتقان نامىمىز بىلەن كىرىمىز.
ئىككىنچى قەدەمدە، مۇشۇ تېمىنى ئاچىمىز.
ئۈچىنچى قەدەمدە، تېمىدىكى كۆرسىتىلگەن 18 پارچە ئەسەر تېزىملىكىدە ھەر بىر پارچە ئەسەرنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىدا كىچىك كاتاكچە بار، شۇ يەرگە مائۇسنى توغرىلاپ سولنى بىر چەكسەك شۇ كاتاكچىگە تاللانغانلىق بەلگىسى چىقىدۇ. مۇشۇ يوسۇندا ئۆزىمىز مۇشۇ 18 پارچە ئەسەردىن ياقتۇرغانلىرىنىڭ ئالدىدىكى كاتاكچىنى بىرمۇ بىر تاللاپ قويىمىز. (تاللاش سانىمىز ئەڭ كۆپ بولغاندا 12 پارچە، ئەڭ ئاز بولغاندا 1 پارچە بولىشى كېرەك)
تۆتىنچى قەدەمدە، 18 پارچە ئەسەر تىزىملىكىنىڭ ئاستىدا «يوللاش» دېگەن خەتلىك كونۇپكا سىن بەلگىسى بار، شۇنى چىكىپ قويىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىلەت تاشلىشىمىز ئاخىرلاشقان بولىدۇ.
ئەگەر بىلەت تاشلىشمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى بىلمەكچى بولساق، شۇ بەتنى قايتىدىن يېڭىلىساق ياكى قايتا ئاچساق، ئاۋۇ 18 پارچە ئەسەر تىزىملىكى ئالدىدىكى تاللاش كاتاكچىسى يوقاپ، ئاستىدا «سىز بىلەت تاشلاپ بولغان» دېگەن مەزمۇندىكى ئۇچۇرنى كۆرەلەيمىز. ئەگەر ئۇنداق بولماي، قايتا بىلەت تاشلاش ئىمكانىيىتى يەنە ئوخشاشلا بار بولسا، دېمەك سىزنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق بىلەت تاشلىشىڭىز ئۇتۇقلۇق بولمىغان بولىدۇ ۋە قايتا بىلەت تاشلىسىڭىز بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-23 00:47