«ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر
غەزەللەر
ئادىلجان ئابدۇرېھىم
1
مەن بۇ يەردە چۈش كۆرۈپ ياتقاندا پىنھان ئېھتىمال،
سەندىكى دەريا ئارا كۆيمەكتە گۈلخان ئېھتىمال.
كۆزلىرىمدىن تامچىسام دەردىمگە قۇشلار قونمىغاي،
تەن بىلەن جان ئارىسى يېگانە ئاسمان ئېھتىمال.
قار يېغىپ تۇرغان يولۇمدا كەچمىشىم سەيلانىدۇر،
پارە-پارە چېقىلىپ كەتكەندۇ ئارمان ئېھتىمال.
گۈللىرىڭنى ئۇنۇتۇپ چۆللەرگە كەتكۈم بار ئىدى،
كىرپىكىمنىڭ كۆكسىدە سايرايدۇ بوستان ئېھتىمال.
يوپيۇرۇق تۈنلەردە مەندىن ياتلىشىپ كەتتى ئۆزۈم،
مېنى باغلاپ قۇل كەبى ساتقاندۇ شەيتان ئېھتىمال.
ئەي گۈزەلىم، كەت يىراققا! مەن سېنى سېغىنمىدىم،
ئىككىمىزنىڭ سۆيگۈسى مەڭگۈگە يالغان ئېھتىمال.
بۇ ۋىسال مەۋجۇت ئەمەستۇر، ئايرىلىش ئەڭ چوڭ بەخت،
بەرگۈسى لەكمىڭ ھوزۇر ئادىلغا ھىجران ئېھتىمال...
2
مەن يوچۇن مەجنۇن ھامان، دەردىم مۇھەببەتتىن يىراق،
سۆزلىگەي تىلسىزلىقىم، ئەرزىم ھەقىقەتتىن يىراق.
تەن ماڭا بولدى جىنازا، روھ ئېرۇر يارنىڭ قۇلى،
كۆز قىسار تەنھالىقىم، تۇيغۇم بالاغەتتىن يىراق.
كىرپىكىمنىڭ ياپرىقىنى ئۆرتىگەي ھەسرەت سۈيى،
توڭلودۇم ئوتتا داۋام قەلبىم ھارارەتتىن يىراق.
تەلپۈنۈش ئاققان ئىزىمدا مۇڭ ئىلە ماڭماقتا يول،
ئاھ، ماڭا چۆمدى سۈكۈت، كۆڭلۈم شىجائەتتىن يىراق.
پارچىلاپ كۈندۈزلىرىمنى بىرمۇ-بىر يېمەكتە تۈن،
بارلىقىم يەكتا ئازاب، سۆيگۈم كامالەتتىن يىراق.
سۈرگۈسى مەۋجۇتلۇقىمنى چۈشتىكى يۇمشاق خىيال،
بۇ ئىشىق قىلماس مېنى زىنھار نادامەتتىن يىراق.
سەن پەقەت بىر تال دەرەخسەن، ئەي مېنى كۆيدۈرگۈچى!
سۆيگۈسى ئادىل سېنى تاكى قىيامەتتىن يىراق...
3
بىر غېرىب ئاشىق ئېرۇرمەن، سۆيگىلى دىلبەر قېنى،
چاڭقىدىم ھىجران چۆلىدە، يۇتقىلى كەۋسەر قېنى؟
«يار» دېگەن خەتنىڭ ئىچىدە سوزۇلۇپ ياتقاي كېچە،
كۆزلىرىمنىڭ ئاسمىنىدا يانغىلى ئەختەر قېنى؟
سېغىنىشنىڭ ئۆركىشىدە بىخ سۈرەر سەۋدالىقىم،
كىرپىكىمنىڭ گۈلشىنىدىن تارىغان ئەنبەر قېنى؟
تۆكمىدىم قەلبىمنى قارغا، بارلىقىم بىر تۈپ باھار،
سۈپسۈزۈك چۈشنىڭ شېخىدا سايرىغان دەمدەر قېنى؟
چايقىلىپ تۇرغان دەرەخلەر بەرمىگەي دىلدىن ۋىسال،
ئىستىدىم مۇزدا كۆيۈشنى، ئوتتىكى جەۋھەر قېنى؟
سىلجىسام چوڭقۇرلۇقۇمغا چۆككۈسى تۇيغۇمغا تاش،
تەن ئارا سەرگەشتىدۇرمەن، جاندىكى سەرۋەر قېنى؟
كەزدىلەر ئادىل ئۆلۈمنىڭ دەشتىنى ھەردەم تىرىك،
كەل جانان! سالغىن يۈرەككە، سالغىنە خەنجەر قېنى؟!
4
دىلبىرىم، ۋەسلىڭگە ھېچكىم مەن كەبىي مايىل ئەمەس،
جاننى ئۈزدۈڭ تەن شېخىدىن ،سەن لېكىن قاتىل ئەمەس.
چاڭقىدى باغرىمدىكى تاشتەك ئىشقنىڭ سۇلىرى،
باقمىغىل ياتلارغا، سۆيگۈم زەررىچە باتىل ئەمەس.
چايقىسا چۆللەر شەپەقنىڭ نازىنى تەشۋىش ئارا،
ئارمىنى سۇنغان خىيالدا جۈپ تىلەك ھاسىل ئەمەس.
سايىلەرنىڭ ئەينىكىدىن شارقىراپ ياغسا گۇمان،
زەر قۇياش ئۈنگەن قەلبتە شۈبھىلەر پاسىل ئەمەس.
تۈن چېچەكلەتكەن يىگانە يۈرىكىم ئايۋان ئېرۇر،
بىر قونۇپ ئۆتمەككە زىنھار ئۆزگىلەر نائىل ئەمەس.
چۈشلىرىم كۆيگەن سۈكۈتنىڭ تامچىسى ئالەمچە بار،
مەن ۋىسالنىڭ داستىخانىغا نېچۈن داخىل ئەمەس؟
ئەي نىگارا، سەن كۆيۈكنى ئارمىغان قىلدىڭ ماڭا،
قانغۇچە ئاقماي ئوتۇڭدا، بەلكى مەن ئادىل ئەمەس...
5
جان خۇمار شەھلا كۆزۈڭنى قاپقارا گۈلخان دېدىم،
كىرپىكىڭنىڭ ھەر تېلىنى ياپيېشىل بوستان دېدىم.
ھىدلىرىڭنىڭ شاخلىرىدا سايرىشار يورۇق شامال،
لەۋلىرىڭنىڭ غۇنچىسىنى قېپقىزىل رەيھان دېدىم.
كۈن نېمە، يۇلتۇز نېمە، سېھراتلىرىڭنىڭ ئالدىدا،
يۈزلىرىڭنىڭ ئاپتىپىغا قاقلىنار ئاسمان دېدىم.
ئىزلىرىڭنىڭ ئۇپقىنىدا نۇر چاچار رەڭدار شەپەق،
قاشلىرىڭنىڭ ئارىسىدىن تۆكۈلەر داستان دېدىم.
مەي بولۇپ پىشتى چېچىڭنىڭ دەشتىدە بىر تامچە جان،
ھېسلىرىم ئاپئاق سۈكۈتتە ئەيلىدى غەليان دېدىم.
چايقىلىپ ئاقتى ھاياجان ئەڭ گۈزەل يوقلۇق ئارا،
يۈرىكىمنىڭ ياپرىقىدىن ئوقچۇدى ئارمان دېدىم.
سۆزلىرىم ئاستى ئۆزىنى قاتمۇ-قات دارغا، نېتەي،
بىر پىيالە دەردكە ئادىل چۆكتىلەر پىنھان دېدىم.
6
ئارەزىڭنىڭ ئاپتىپىدا قاقلىنىپ دىلدار ساڭا،
ئەيلىگەيمەن ئول كۆڭۈلنى ئىنتىھا ئىزھار ساڭا.
كۆزلىرىڭ مەنزىل ياساپ سۇلغان قۇياشنىڭ ئەكسىدە،
يۇلتۇزۇم تۇغقان غېرىبلىق يىغلىغاي زار-زار ساڭا.
لەۋلىرىمدە سايرىسا تەلۋە ھاياجان قۇشلىرى،
تۈننى ئويغاتقان ئاۋازىم قونمىغاي زىنھار ساڭا.
سۈپسۈزۈك كۈلپەتلىرىمدە دەۋرىسە چۆلنىڭ ھىدى،
تەندىكى تۇپراقتا گۈللەر ئاققۇسى ھەربار ساڭا.
مەن پەقەت تەنھالىقىمدىن كۆكلىگەن بىر تال جەسەت،
يەتمىگەي زاھىرلىقىمدىن زەررىچە دىشۋار ساڭا.
تاشتىكى ئاسمانلىرىمدا پەر قېقىپ ئۇچسا سۆڭەك،
قانسىمان ھەسرەتلىرىمدىن پۈتىمەن ئەشئار ساڭا.
سەن چۈشۈمدە سوزۇلۇپ ياتقان ئۆلۈمسەن، ئەي دەرەخ،
كەتكۈسى ئادىل يىراق، ئەيلەپ جېنىمنى دار ساڭا...
7
يار، ساڭا ئاقسا ئاۋازىم، باقمىدىڭ بىررەت ئەجەپ،
ناتىۋان قەلبىمنى سەنسىز چۇلغىدى ھەسرەت ئەجەپ.
سەن يىراق چۈشلەر ئارا يۈردۈڭ بىغەملىك دەشتىدە،
بولدى ئول مەھزۇن دىلىمغا دەردلىرىڭ ئۈلپەت ئەجەپ.
تۇنجۇقۇپ قالغاي يېشىمدا بىپايان قاقشال دېڭىز،
بۇ غېرىب باشىمغا لەپ-لەپ ياغدىلەر كۈلپەت ئەجەپ.
قاقلىنار سايەمگە ئاپتاپ ئاسقىلى دارغا مېنى،
سەندىكى ئاينىڭ كۆزىدە لەڭ ئۇرار خىلۋەت ئەجەپ.
قاغجىراق ئاسمان شېخىدىن تۆكۈلۈپ كەتتى قۇياش،
ئۆرتىدى جاننى تېنىمسىز تەندىكى زۇلمەت ئەجەپ.
روھتىكى گۈلزارلىقىمنى ھىدلىماس تەلۋە شامال،
كۆر، خىيالىمنىڭ لېۋىدە ئولتۇرۇر پۇرقەت ئەجەپ.
مەن سېنى مەۋجۇت دېگەيمەن ئەڭ گۈزەل يوقلۇق بىلەن،
ئەيلىگەي ئادىلنى ئاخىر خاكىسار قىسمەت ئەجەپ.
«ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر