كۆرۈش: 3158|ئىنكاس: 9

يورۇق(ت): خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرىدىن(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرىدىن(2)
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: يالقۇن ئەزىزى

يىگىرمىنچى ئەسىر ئادىمى


بىردىن ئېرىپ كەتتى
مېھىردىن دىلىم،
ئالدىراپ ئوتلاققا يول ئالدىم شۇ تاپ.
گۈلدەك ياشنماقتا ئىدى
شادلىقتىن دىلىم،
نۇرىنى ئايىماي تۆككەندە ئاپتاپ.
ئەدىيال سېلىپ يەرگە-
سوزۇلۇپ يېتىپ،
ئوتلارنى قۇچاقلاپ باغرىمغا باستىم.
يۇمشىغان كۆكسۈمنىڭ
چېتىنى تېشىپ،
قىپقىزىل گۈللەرنى شاد-خۇرام ئاستىم.
مەن سېنىڭ بالاڭمەن-
دېدىم شىۋىرلاپ،
يۈزۈمگە چۈمۈلە ئۆمىلەپ چىقتى.
ۋە ماڭا ئىشىنىپ ئاستا قىمىرلاپ،
بۇرنۇمنىڭ ئۇچىنى تۇيۇقسىز چاقتى.
شۇ زامان ئىتتىرىپ
تاشلىدىم ئۇنى،
شۇ زامان غەزەبتە باقتىم قۇياشقا.
ۋە نەۋ باھارنىڭ
ئەڭ گۈزەل كۈنى،
غەزەبتە قايتىدىن ئايلاندىم تاشقا!


قايغۇ


ئۆتمۈشنى
ئويلىدىم ئۇزاق-
كېلىچەكنىڭ تىۋىشىنى ئاڭلىماق ئۈچۈن،
شۇئان كۆرۈپ قالدىم تۇيۇقسىز
رەقىب تۇتقان نەيزىنى بىردىن.
قارا مەخمەل
ئۆزرە زۇمرەتتەك
نەيزە ئۇچى چاقناپ تۇراتتى.
گويا بىر چوغ
يېنىپ زۇلمەتتە،
كېچە بىلەن سۆھبەت قۇراتتى.
بىردىن رەقىب نەيزىنى ئاتتى،
ئۇ بوۋامنىڭ كۆكسىگە پاتتى.
مەن ئىڭىرىدىم
ئۆكسۈپ ئەلەمدىن،
قانلار ئاقتى مېنىڭ كۆكسىمدىن...


قەدىم قورغان خارابىسىنى


قەدىم قورغان خارابىسىنى،
كېزىپ-كېزىپ ئايلىنىپ ھاردىم.
ۋە تۇپراقنىڭ قوينىدىن كونا،
بىر خەنجەرنى تېپىۋالدىم.
داتلىشىپتۇ تىغىدىن تۇپراق،
يوقال دېدىم شىلتىپ مەن شۇئان.
ۋۇجۇدۇمغا تاراپ بىر تىترەك،
يەرگە تامدى ئۈچ-تۆت تامچە قان.

بالىلار كېپىنەك ئەمەس

بالىلار كېپىنەك ئەمەس،
بالىلار گىياھ ئەمەس،
قۇش ئەمەس-ئۆزىنى قوغدىيالمايدىغان.
بالىلار پىچاقتۇر،
قىلىچ بولار كېلەچەكتە.
بالىلار بايراقدۇر،
تىنىم تاپماي لەپىلدەر كۆكتە.
بالىلار قىساسخور
ئۇلار دۇنيادىن
بارچە گۇناھلارنىڭ ئۆچىنى ئالار.
خۇددى يۇلتۇز قالغاندەك
كۈزدە گۈللەرگە.
خۇشاللىق قالماس
ئىزتىرابلار ئۇلارغا قالار .


ئەڭ كۈچلۈك ۋارقىراش


ئەڭ كۈچلۈك ۋارقىراش
گاچىنىڭ ۋارقىرىشى .
بار كۈچى بىلەن ۋارقىرار
قەبرە تاشلار.
ئەڭ كۈچلۈك سۈكۈت، نە كۈزنىڭ سۈكۈتى
نە تىلسزنىڭ سۈكۈتى، نە تاشنىڭ سۈكۈتى
ئەڭ دەھشەتلىك سۈكۈت
شائىرنىڭ سۈكۈتى.


بەزەن ئاددى كۆرۈنگەن شاخمۇ


بەزەن ئاددى كۆرۈنگەن شاخمۇ
ئوت تۇتاشسا بەس،
كۆيىدۇ ئورمان.
مۇھتاج بولار بىر ئېغىز سۆزگە،
بەزەن جەڭگە چىققان قەھرىمان.
بەزەن بىر سۆز گاداينى شاھ،
شاھىنى بولسا گاداي قىلىدۇ.
بەزەن بىرلا سەۋەن، ئىنساننى
ئۆمۈر بويى ئادا ئېتىدۇ.
بىر ھېس دىلغا سالىدۇ لەرزە،
بىر ئۇچقۇندىن باشلىنار چۇقان.
لەھزىنى كۈت
ئاشۇ لەھزىدە
ئەسىرلەرمۇ بولۇر نامايان!


تارىخ


يىراقتىن كېلىمەن، بەكمۇ ئۇزاقتىن،
يۈزۈمدە ئىزى بار ياۋ قىلىچىنىڭ.
يىراقتىن كېلىمەن، ئۈستى-بېشىم قان،
ئوغلۇمنىڭ يارىسىنى مەن تاڭماق ئۈچۈن!


دېرىزەمنىڭ ئالدىدا


دېرىزەمنىڭ ئالدىدا
مىڭ يىلدىن بۇيان
قار يىغلار-دېرىزەمنى قېلىن مۇز باسقان.
ئۆيدە ئولتۇرىمەن
ھېچ چىقالمايمەن-
كىمدىدۇر سىرتتىن ئىشىك ھالقىسىغا
مۇستەھكەم قىلىپ
چوڭ قۇلۇپ ئاسقان.
پەقەت قار دېرىزەمنىڭ ئالدىدا
مىڭ يىلدىن بۇيان شىددەتتە ياغار.
كىمدۇر ئۆتەر...
قار غىرىسلايدۇ،
قايدىدۇر قاراسلاپ سۇنىدۇ شاخلار.
مىڭ يىللىق ھەسىرىتىم،
مىڭ يىللىق كۈلكەم
قارغا سىڭگەن يورۇقلۇق كەبى
مېنىڭ خىيالىمغا سىڭىدۇ ئاستا.
تىنىقىمدا ئېرتىمەن دېرىزىنى،
قارنى كۆرۈش ئۈچۈن-قار شىددەتلىك ياغار...
ئىچىمدە سوغۇققان بىر ئادەم باردۇر،
گۈلخان قىلىپ ياقار سىرلىرىمنى ئۇ،
سوغۇقتىن كۆكىرىپ كەتكەن قولىنى
گۈلخاندا ئىسسىتىپ شىۋىرلار چۈشكۈن:
مەن سوغۇقنىڭ قاتىلىمەن،
مىڭ يىللىق قارغا
قولۇمنى سۇنسام قوللىرىم كۆيەر...

شائىر، قۇش ۋە قىش

ئادەمسىز باغ،
قارغا چۆمگەن باغ،
دېرىزىدىن كۆرۈنەر ئاپپاق.
چۇرۇقلايدۇ نەدىدۇر بىر قۇش،
دىلنى مەپتۇن قىلار بۇ تاۋۇش.
تاشقىرىغا
چىقىپ قارايمەن،
بېغىم قۇرۇق، قۇپقۇرۇق ساما.
چۇرۇقلايدۇ نەدىدۇر بىر قۇش،
كۆرۈنمەيدۇ كۆزۈمگە ئەمما.
قايتا-قايتا
چىقىمەن يەنە
چۇرۇقلايدۇ نەدىدۇر بىر قۇش.
چارباغ سوغۇق
سوغۇقتۇر خانە
بۇ يىل بەكمۇ سوغۇق بولدى قىش.
چۇرۇقلايدۇ
ئۈنى بەك مەيۈس
يۈرىكىمگە تارايدۇ تىترەك.
مەن سوغۇقتىن لاغ-لاغ تىترەيمەن
ياپالمايمەن ئىشىكنى بىراق...


باللىقتىن بىر لەۋھە


دېرىزەمدىن كۆرۈنەر باغلار،
كوچا سوغۇق، كۆيەر قەلبىمىز.
مەن ئون بىردە. ئايبېكەم تېخى،
ئوقۇتمىغان ئوقۇتقۇچىمىز.
سىنىپ جىمجىت. قېرى مۇئەللىم،
كىتابنى باش كۆتۈرمەي ئوقۇر.
ئەمما دەرس كىرمەس كاللامغا،
يۈرىكىمدە ئايبىك شېئىر توقۇر:
قىش كېچىسى ھۇۋلايدۇ شامال،
دالىلار قار، قۇش ئۇۋىسى قار.
ئاغرىقلاردەك ئىڭرار قېرى تال،
ئەينەكلەرنى بېزەر قىش- گۈلدار.
ھەيران بولۇپ قاراپ مۇئەللىم
ئاخىرى ئورنىدىن ئىتتىكلا تۇرار.
دېرىزىنى زەربىدە ئېچىپ،
بىزگە قاراپ شىۋىرلايدۇ  قار!


كىم يىلاندىن قورقسا


كىم يىلاندىن قورقسا، ئەلۋەتتە
چاقار ئۇنى بىر كۈنى يىلان.
كىم ئاسماندىن قورقۇپ ياشىسا
ئۆلتۈرىدۇ ئۇنى شۇ ئاسمان.
كىم دۈشمەندىن قورقۇپ، يۈكۈنسە،
دۈشمەن كېلىپ ئۇنى قىلار قۇل.
كىم كۈرەشتىن قورقۇپ چېكىنسە،
ئارزۇسىنىڭ بەرى بولار كۈل.
نادانلاردىن كىم قورقسا ئەگەر،
نادان كېلىپ ئۇنى ئەيلەر خار.
كىم خەلققە چاپلىسا بەتنام،
شۇ خەلققە بىر كۈنى بولار زار.
كىم قورقسا زۇلمەتتىن، تۈندىن،
كۆرەشمىسە ئاپتاپ، دەپ يېنىپ؛
جان بېرىدۇ بىر كۈنى قورقۇنچتىن،
زۇلمەت ئارا ئادىشىپ قېلىپ.
كىم تارىختىن يۈز ئۆرۈسە گەر،
يۈز ئۆرۈيدۇ كېلەچەك ئۇندىن.
تاڭغا قاراپ قانچە چاپمىسۇن،
ئۇ چىقالماس ھېچقاچان تۈندىن.
كىم دوسىتتىن قورقسا، ئەلۋەتتە،
ئۇنى يېڭەر ھەمىشە دۈشمەن.
ۋە قولىدا جاراڭلار مەڭگۈ
قورقۇنچ سالغان داتلاشقان كىشەن.


نېمە بولدى قاچان كەلدىڭ؟


-نېمە بولدى، قاچان كەلدىڭ،
بۇ دۇنيادا بارمۇسەن ئۆزى؟
دەپ مېنى كۈتۈۋىلار قىشلاققا بارسام
يول چېتىدە ئۆسكەن دەرەخلەر...
ئارقامغا قايتسام،
-سەن كىمسەن؟ دەپ تونۇماس شەھەر.


كۈز


نىمىلەرنى ئويلار ئادەملەر،
خىيال سۈرۈپ تۇرغاندا يالغۇز
نىمىلەرنى ئويلار تاڭغىچە،
زۇلمەت ئارا ھۇۋلاپ بىر يۇلتۇز.


تاغ كېچىسى


يازدا تاغدا ئۇخلىدۇق
چارچىغانتۇق
ئۇيقۇ باستى.
بېشىمىزنىڭ ئۈستىدىلا
ئاسمان سانسىز چىراغلار ئاستى.
ئاھ، سالام تاغ كېچىسى!
يۇلتۇزلىرىڭ گويا بىر چىمەن.
ئۇلار شۇنداق يېقىندۇر ماڭا،
كۆزۈمنى ھېچ يۇمالمايمەن...


مەن دۇنيادىن كۆز يۇمغاندا


مەن دۇنيادىن كۆز يۇمغاندا
ئەڭ چىرايلىق كۈنلەر باشلىنار.
مەن دۇنيادىن كۆز يۇمغاندا
تۈن باغلىرى ئۇقماي قىلىشار.
مەن دۇنيادىن كۆز يۇمغاندا
پەقەت سەنلا كېلىپ يىغلايسەن.
مەن دۇنيادىن كۆز يۇمغاندا
مېنى ئۇنتۇپ سۆيگىن باشقىنى.

شائىرنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان جۇمرۇھىيتى 1986-يىلى غوپۇر غۇلام نامىدىكى بەدىئى ئەدەبىيات-سەنئەت نەشىرياتى نەشىر قىلغان« باللىقىنىڭ ئاۋازى»،1987-يىلى « ياش گىۋاردىيە» نەشىرياتى نەشىر قىلغان« قېقىنۇس»،1997-يىلى«شەرق» مەتبە كونفىراسىيەسى باش تەھرىرلىكىدە نەشىر قىلغان« باھاردىن بىر كۈن بۇرۇن » قاتارلىق  شېئىرلار توپلىمىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمان: قەشقەر يېڭىسار ناھىيلىك خەلق سوت مەھكمىسدىن: يالقۇن ئەزىزى

喀什地英吉沙法院:力坤。艾孜孜
«ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى»مۇسابىسقىسىگە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-22 22:20  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-14 18:39:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۆز تىلىنى ئۇنۇتقان ئەلنىڭ» بۇ شېئىر ساقلاپ قويۇپ، پات-پات ئوقۇغۇدەك ئېسىل شېئىركەن!  


ۋاقتى: 2014-5-15 10:28:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇرشىدە دەۋراننىڭ شېئىرلىرىدىن بىر توپلام تۈزۈلگەن بولسا بازارلىق كىتاپ بۇلاتتى، دە

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-15 12:21:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روزى2 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-15 10:28
خۇرشىدە دەۋراننىڭ شېئىرلىرىدىن بىر توپلام تۈزۈلگەن بو ...


ئاللا نىسىپ  قىلسا بۇ ئىشمۇ بولۇپ قالار... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-15 12:31  


ۋاقتى: 2014-5-15 18:13:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسىل شېئىرلاركەن.

ۋاقتى: 2014-5-15 18:14:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسىل شېئىرلاركەن.

ۋاقتى: 2014-5-16 18:22:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمانغا كۆپ رەھمەت،
ئېسىل تېما!

ۋاقتى: 2014-5-17 00:23:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر شېئىرلارنى بىز بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت! ئەمگىكىڭىز توختاپ قالمىسۇن!

ۋاقتى: 2015-2-15 17:14:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېچە بىلەن سۆھبەت قۇراتتى.

بىردىن رەقىب نەيزىنى ئاتتى،

ئۇ بوۋامنىڭ كۆكسىگە پاتتى.

.......................................
ھىسسسىيات ئوخچۇپ تۇرىدىكەن ، رەھمەت  سىز گە  !!

ۋاقتى: 2015-9-28 01:39:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش