«دەۋىر مىلودىيەسى- شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى» يۈرۈشلۈك مۇشائىرە پائالىيىتى باشلاندى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەشكىللىگەن «دەۋىر مىلودىيەسى-شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى» مۇشائىرە پائالىيىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باشلىنىش مۇراسىمى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 6-7-كۈنلىرى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى ۋە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدا رەسمى باشلاندى.
بۇ قېتىم ئاپتونوم رايۇنىمىز دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان «دەۋىر مىلودىيەسى-شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى» مۇشائىرە پائالىيىتىمىز ــ نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم قانات يايدۇرىۋاتقان،«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشنى، ئىلغار مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، سوتسىيالىستىك يادىرولۇق قىممەت قارىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسى قاتلاملاردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى مەقسەت قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇلدى.
دېكلاماتسىيە قىلىنغان شىئېرلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللى روھ ۋە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋىر روھى ئىپادىلىنىپ، دەۋىرنى، خەلقنى، ئەمكەكنى كۈيلەش، چىن، گۈزەل ۋە ئالىجاناپلىققا ئوخشاش ئىنسان تۇيغۇلىرىغا مەدىھىيە ئوقۇش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلەپ، ئورتاق ھالدا گۈزەل تۇرمۇش ۋە گۈزەل يۇرت – ماكان بەرپا قىلىۋاتقان يارقىن ھايات كارتىنىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش نىشان قىلىندى.
مەلۇمكى، تۇرمۇش، ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ تۈپ ۋە پۈتمەس - تۈگىمەس ئىلھام بۇلىقى. يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىڭ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ تەسىرچان، ئەڭ يېقىشلىق ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى، خەلقىمىزنىڭ شانلىق ئۆتمۈش ئىزلىرى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە كۈندىن كۈنگە ئۆزگىرىۋاتقان ۋە يېڭىلىنىۋاتقان رەڭدار تۇرمۇشىدىن كەلگەن.
بۇ قېتىم بىر تۈركۈم شائىرلىرىمىزنى تۇرمۇشنىڭ، ئاۋامنىڭ ئىچىگە بېرىش، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىمىزنى خەلق بىلەن، ئوقۇرمەنلەر بىلەن بىۋاستە ئۇچراشتۇرۇش ھەم تەڭ بەھىرلىنىش ئىمكانىيىتىگە قىلىش ئۈچۈن بۇ بۇ پائالىيەت تەشكىللەندى.
«دەۋىر مىلودىيەسى-شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى»نىڭ ئۈرۈمچىدىكى باشلىنىش مۇراسىمى ۋە نەق مەيدان دېكلاماتسىيە پائالىيىتىگە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى ئەركىنجان تۇراخۇن، ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت ئابدۇرېھىم، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك نازارەت ۋە ئىدارىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى ۋە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى، ئاخپارات ئورۇنلىرىدىن بولۇپ 1300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
پائالىيەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باشلىنىش مۇراسىمىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان سۆز قىلدى. شائىرلىرىمىزدىن بوغدا ئابدۇللا، ئىمىن ئەھمىدى، مۇختار مەخسۇت، ياسىن زىلال، ۋاھىتجان ئوسمان، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن، مۇسا ئەھەت، ئائىشە قادىر قاتارلىقلار ئۆز ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. مەرھۇم شائىرلىرىمىزدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ، نىمشېھىت، تېيىپجان ئېلىيۇپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇكېرىم خوجا قاتارلىقلارنىڭ شىئېرلىرى دېكلاماتسىيەگە ئۇيۇشتۇرۇلدى. دېكلاماتسىيە پائالىيىتىگە يەنە سەنئەتكارلىرىمىزدىن ئاتاقلىق ناخشىچى پاشا ئىشان، سەنەۋەر تۇرسۇن، مياۋ جىندوڭ، ئايگۈل ئىمىن، ئالىمجان ئابدۇرېھىم ۋە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى مۇقام ئامسامبىلىنىڭ مۇزىكا ئەترىتى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ بەردى.
پائالىيەتنىڭ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىدىكى باشلىنىش مۇراسىمىغا شىنجاڭ تېلۋېزىيە ئىستانسىنىڭ رىياسەتچىسى شەمسىيە ئەبەيدۇللا ۋە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ شۇجىسى ئابدۇبەسىر شۈكۈرى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدىكى دېكلاماتسىيە پائالىيىتىگە شىنجاڭ تېلۋېزىيە ئىستانسىنىڭ رىياسەتچىسى شەمسىيە ئەبەيدۇللا ۋە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۈشكۈر موللەك رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەر ۋە قىسمەن ناھىيەلەردە داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.