يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: admin

«شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى» دېكلاماتسىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-5-12 12:22:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر مۇسا ئەھەد،شائىرە  ئائىشە قادىرلارنى مۇبارەكلەيمەن!...

ۋاقتى: 2014-5-12 14:58:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولۇپتۇ، سۆيۈندۈم.

ۋاقتى: 2014-5-12 16:49:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
... قەدىمىڭلار قۇتلۇق بولسۇن...

ۋاقتى: 2014-5-12 18:07:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«دەۋر مېلودىيەسى-شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى»يۈرۈشلۈك مۇشائىرە پائالىيىتىنىڭ  قەشقەردىكى نەق مەيدان  ئەھۋالى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەشكىللىگەن «دەۋر مېلودىيەسى-شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى» مۇشائىرە پائالىيىتىنىڭ قەشقەردىكى دېكلاماتسىيە پائالىيىتى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى قەشقەر پەن-تېخنىكا سارىيىدا  ئېلىپ بېرىلدى.


IMG_8125.JPG
قەشقەر ۋىلاۋىتىنىڭ ۋالىسى مۇتەللىپ ئوبۇل، ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى ئەنۋەر راخمان قاتارلىق قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر قەشقەردىكى دېكلاماتسىيە پائالىيىتىمىزگە قاتناشتى.

IMG_8075.JPG
رەئىس ئازات سۇلتان قەشقەردىكى پائالىيەتتە سۆز قىلماقتا
1.png
كېرىمجان ئابدۇرېھىم مەرھۇم ئابدۇكېرىم خوجىنىڭ << بولما >> دىگەن شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلماقتا.
02.png
شەمسىيە ئەبەيدۇللا مەرھۇم نىمشېھىتنىڭ << سېغىندىم >> ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلماقتا.
001.png
بوغدا ئابدۇللا «ئانا» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلماقتا.



ۋاقتى: 2014-5-12 18:11:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم ئىش چىقىپ قالغاچقا قالغان سۈرەتلەرنى يوللىيالمىدىم. ۋاقىت چىققاندا داۋاملىق يوللايمەن. توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سوراپ: بۈركۈت

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-13 02:53:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
IMG_8135.JPG
شائىر ھاجى مىرزاھىت كېرىم قەشقەردىكى پائالىيەتتە شېئىر ئوقۇماقتا
IMG_8166.JPG
شائىر تۇرسۇن نىياز قەشقەردىكى پائالىيەتتە شېئىر ئوقۇماقتا
IMG_8144.JPG
شائىر تاھىر تالىپ قەشقەردىكى پائالىيەتتە شېئىر ئوقۇماقتا
IMG_8174.JPG
شائىر ئەسقەر ھاجى ئابدۇللا قەشقەردىكى پائالىيەتتە شېئىر ئوقۇماقتا
IMG_8210.JPG
ياش شائىر ئەمەت يولداش قەشقەردىكى پائالىيەتتە شېئىر ئوقۇماقتا
IMG_8186.JPG
ياش شائىرە مېھرىنۇر ئەبەيدۇللا دىلقىزى قەشقەردىكى پائالىيەتتە شېئىر ئوقۇماقتا
IMG_8220.JPG
ئۆسمۈر ئەقىدە غېنى قەشقەردىكى پائالىيەتتە شېئىر ئوقۇماقتا
IMG_8108.JPG

IMG_825.JPG
قەشقەر پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى قەشقەردىكى پائالىيەتتە شېئىر ئوقۇماقتا



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-13 03:23:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
IMG_8119.JPG
قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن، ماھىنۇر توختى پائالىيەتتە ناخشا ئېيتماقتا
IMG_8158.JPG
قەشقەرشەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن، ئابدۇكېرىم تۇرسۇن  پائالىيەتتە ناخشا ئېيتماقتا
IMG_8170.JPG
قەشقەر شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈلنار تۇرسۇن  پائالىيەتتە ناخشا ئېيتماقتا
IMG_8194.JPG
قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن، ئابدۇقېيۇم توختى  پائالىيەتتە ناخشا ئېيتماقتا
IMG_8224.JPG
قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن، مەمتىلى تۇردى  پائالىيەتتە ناخشا ئېيتماقتا

ۋاقتى: 2014-5-13 04:16:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۈگۈن (12-ماي) چۈشتىن كېيىن، «دەۋر مىلودىيەسى-شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى» پائالىيىتى گۇرۇپپىسىدىكى يازغۇچى، شائىرلاردىن ئازاد سۇلتان، غەيرەت ئاسىم، بوغدا ئابدۇللا،  ئىمىن ئەھمىدى، تاھىر تالىپ،  ئەيبۇ ياقۇپ، ياسىنجان سادىق چوغلان، ۋاھىتجان ئوسمان، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران...قاتارلىق خادىملار  دولان مەشرەپ-مۇقاملىرىنىڭ بۆشۈكى بولغان مەكىت ناھىيەسىگە يېتىپ كېلىپ، بۇ ناھىيەنىڭ ئىككى كەنتىدە ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىگە  قاتناشتى، دولان قەلەمكەشلىرى بىلەن بىرگە قىزغىن مۇشائىرە ۋە دوستانە سۆھبەتتە بولدى،  ئۆزئارا ئىجادىيەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشتى. بۇ پائالىيەت ئەتە يەنە بىر كۈن داۋاملىشىدۇ.

ۋاقتى: 2014-5-13 08:53:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىش بەك چوڭ ئىشكەن بىراق بىز كۈرەلمەيدىكەنمىز ئەمەسمۇ ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايشەم1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-13 08:54  


ۋاقتى: 2014-5-13 08:59:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازلارنىڭ ئەزىز تەنلىرىگە ساقلىق،شېئىرىيەت سەپىرىگە بەرىكەت ۋە ئۇتۇقلار يار بولسۇن!ۋاقىتنىڭ زىچلىقىغا،يول ئازابىغا قارىماي پائالىيەتنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان غەيرىتىڭىزلەرگە ئاپىرىن!شىجائىتىڭىزلەرگە ئاپىرىن!

ۋاقتى: 2014-5-13 14:30:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ئۇلۇغ سەپەر بولۇپتۇ .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-13 15:30:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەردە جەم بولۇش
IMG_8268.JPG

IMG_8289.JPG

IMG_8317.JPG

IMG_8284.JPG

IMG_8334.JPG

IMG_8264.JPG

IMG_8250.JPG

_MG_8067.JPG

_MG_8360.JPG








ۋاقتى: 2014-5-13 15:32:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆز تەگمسۇن شائىرلىرىمغا،
كۇي ئىشقىدا تايىرلىرىمغا.
ئېسىپ قويغۇم كەلدى كۆز تۇمار،
ئەقلى تېرەن قابىللىرىمغا.

ئانىلارنىڭ بايرىمى كۇنى،
بولدى گۇزەل قەشقەردە بايرام.
شېئىر ئىشقىدا كۇيگەن يۇرەكلەر،
كۇرۇشمەككە يىغىلدى تامام.

كۇرۇشمىگەن بولساقمو بۇرۇن،
تونۇش ئىكەن يۇرەكلىرىمىز.
مىسرا پۇتۇپ ئۇيقىدىن بىدار،
ئوخشاش ئۆتكەچ تۇنەكلىرىمىز....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامىنە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-13 22:26  


ۋاقتى: 2014-5-13 16:53:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۇيغۇر شېئىرىيەت تارىخىدىكى بۇ كاتتا مۇشائىرىدىن دىلىمىز سۆيىندى. ھەر كۈنى پۇرسەت بولسىلا بۇ تېمىغا قاراپ بىر بىرىدىن ئىسىل كىشىلىرىمىزنىڭ سۈرەتلىرىگە قاراپ تۇردۇم. ئۇيغۇر شېئىرىيىتى زامان-زامانلاردىن بويان ئەل قەلبىدە ئىدى. شائىرلىرىمىز ئۇلۇغ، شېئىرلىمىز ئۇلۇغ....

ۋاقتى: 2014-5-13 21:52:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكىت ناھىيەسىدىكى پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر

1.jpg
3.jpg

2.jpg
5.jpg

8.jpg

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش