يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: admin

«شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى» دېكلاماتسىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-5-13 22:21:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۆز تەگمىسۇن شائىرلىرىمغا

ئانىلارنىڭ بايرىمى كۇنى،
قەشقىرىمدە بولدى توي بايرام.
شېئىر ئىشقىدا كۆيگەن بوغۇنلار،
دىدار ئۇچۇن يىغىلدى تامام.

كارۋان باشلاپ كەپتو ئازات كام،
سەرخىللارنىڭ سەركىسى بولوپ.
قېتىلىپتۇ شەمسىيە سىڭلىم،
‹‹ئانا›› لارنىڭ ئەركىسى بولوپ.

كۆرۇشمىگەن بولساقمو بۇرۇن،
تونۇش ئىكەن يۇرەكلىرىمىز.
شېئىر ئوقۇپ شېئىرغا كۆيۇپ،
ئوخشاش ئۆتكەچ  تۇنەكلىرىمىز.

قەشقىرىمگە كەلگەن كارۋاندىن،
شاتلاندى ئەل  شاتلاندى جاھان.
شائىر بۇغدا ‹‹ ئانا ›› دېگەندە،
‹‹ چوغلوق›› بولوپ ئېچىلدوق شۇ ئان.

سالام بەردى ئەزىز يۇرتىغا،
قەشقەر ئوغلى ئىمىن ئەخمىدى.
سايراپ كەتتى تاشۋاي راۋابى،
تارىسىغا تېگىپ زەخمىگى.

سوۋغات قىلىپ ئۇمەر مەمتىمىن،
ئالغاچ كەپتۇ ‹‹ئەدلەس كۇڭلەك ››نى.
توز قانىتى ئېتەكلىرىگە،
توشقوزوپتو ئارزو تىلەكنى.

شېئىر ئوقۇپ دەيدو ۋاھىتجان،
‹‹ئوت كېتىدو ماڭا بىر كۇنى››.
ئوتنى ئوتقا تۇتاشتۇرۇشتىن،
داغدام ئىكەن كارۋاننىڭ يولى.

كۆز تەگمىسۇن شائىرلىرىمغا،
كۇي ئاشىقى تاھىرلىرىمغا.
ئەشئارىمنى قىلدىم كۆز مۇنچاق،
ئەقلى تېرەن قابىللىرىمغا.

ئاللا سىلەرنى ئۆز پانايىدا ساقلىسۇن ئەزىز  مۆتىۋەرلىرىم.
2014-5-12-ئاقتۇ

ۋاقتى: 2014-5-13 22:24:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                 بوغدا ئاكا دولان مۇقامچىلىرىدىن قوشاق خاتىرلىمەكتە

343.jpg

" شېئىرىيەت سەپىرى"دىكى سەپەرداشلار

333.jpg


                                      ئىمىن ئەخمىدى: ئەركزات، دوستلىقىمىزغا مۇشۇ نان گۇۋاھ بولغاي

8888.jpg

44.jpg

42.jpg

33.jpg

22.jpg
11.jpg
بوغدا ئاكا:بۇ ناننى  قانداق ئېلىپ كەتسەم بولار؟

88.jpg

دەۋرداشلار

77.jpg



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-14 01:17  


ۋاقتى: 2014-5-13 23:53:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   شېئىرلار بېسىلغان كىتاب، ژۇرناللارنى چەكلىك ئادەملەر ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شائىرلىرىمىزنىڭ چىرايى، تۇرقى، ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايدۇ، گەرچە شېئىر شائىرنىڭ ئاۋازى بولسىمۇ. ئەمدى سەھنىلىرىمىزدە ئارتىسلار ئورۇنلىغان ناخشا-مۇزىكىلارنى ئاڭلىدۇق. ئىتوت، كۈلدۈرگىلەرنى كۆردۇق. مانا ئەمدى شائىرلىرىمىز سەھنىگە چىقتى، خەلقىمىز ئاشۇ كىشىلىرىمىزنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلەيدىغان بولدى، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆز قولىقى بىلەن ئاڭلىيالايدىغان بولدى، بۇ نېمە دېگەن ياخشى ئىش ھە؟! بۇ پائالىيەتنىڭ نامى«شېئرىيەت سەپىرى» نېمە دېگەن ئۇلۇغۋار، ھەم لىرك، ھەم يېقىملىق. شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ تەنتەنىسى...

ۋاقتى: 2014-5-14 00:09:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ زاتى مۇبارەكلەرنىڭ قەدىمى بىزنىڭ گۇما دىيارىغىمۇ يەتسىكەن،دېگەن ئۈمىدتەمەن.

باھا سۆز

ئارىلىق ئىككى سائەتلىك مۇساپە ئىدى، ئەپسۇس...پۇرسەت چىقار.  ۋاقتى: 2014-5-14 01:14 AM
مەكىتكە بارمىغىنىمدىن پۇشمان قىلدىم  ۋاقتى: 2014-5-14 12:17 AM
ئىمكان بولسا خوتەنگە بېرىڭلا قېرىندېشىم،چوقۇم كۇرىشىۋاڭلا مەن ئەگىشىپ  ۋاقتى: 2014-5-14 12:17 AM
ۋاقتى: 2014-5-14 00:25:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bagyar يوللىغان ۋاقتى  2014-5-13 23:53
شېئىرلار بېسىلغان كىتاب، ژۇرناللارنى چەچكلىك ئادەمل ...

شۇنداق، بەك ئېسىل ئىش باشلاندى. ناخشا، ئېتوتلارنى كۆرگەنلەر ئىچىدە كۈلگەنلەر كۆپ بولغان بولسا،  بوغدا ئاكا، ئىمىن ئەخمىدى ئاكا،تاھىركامنىڭ شېئىرلىرىنى ئاڭلىغانلار ئىچىدە يىغلىغانلار، ئويلانغانلار كۆپ بولدى. بۇلارنى چۈشىنىشكە ماھارەت كېتەمدۇ-يوق بىلمىدىم! ئازاتكام، ئىمىنكام، تاھىركاملار «شېئىرىيەت سەپىرى»نى تېخىمۇ ئوبرازلاشتۇرۇپ«شېئىرىيەت كارۋانلىرى» دەپمۇ ئاتىدى، مۇبارەك بۇ ناملارغا! تەشەككۈر شېئىردىكى چىن ،تېرەن تۇيغۇلارنىڭ تېگىگە يەتكەن قېرىنداشلارغا!

ۋاقتى: 2014-5-14 01:14:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركزات يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 00:09
بۇ زاتى مۇبارەكلەرنىڭ قەدىمى بىزنىڭ گۇما دىيارىغىمۇ ي ...

ئارىلىق ئىككى سائەتلىك مۇساپە ئىدى، ئەپسۇس...پۇرسەت چىقار.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-14 01:57:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5-ئاينىڭ 13-كۈنى شائىرلىرىمىز مەكىت ناھىيەسىگە قەدەم قويۇش بىلەنلا ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەكىت ناھىيەسى بازار جەمى يېزىسى چامغۇرلۇق كەنتىگە كېلىپ، بىرلەشمىمىزنىڭ مەزكۇر كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپىسىنى يوقلىدى ۋە مەكىت ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە دېكلاماتسىيە پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

IMG_8443.JPG

IMG_8570.JPG

IMG_8464.JPG

IMG_8594.JPG

IMG_8588.JPG

IMG_8457.JPG





 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-14 02:40:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5-ئاينىڭ 13-كۈنى مەكىت ناھىيەلىك دولان ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش - ئۇچۇر مەركىزىدە شىنجاڭ شېئىريەت سەپىرىنىڭ  مەكىت دېكلاماتسىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە دولان دىيارىنىڭ شائىرلىرىدىن تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس، مۇساجان يۇنۇس، روزىجان سايىت، ياسىنجان ئوسمان ئەركزاد ۋە دولان سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى شېئىر ۋە سەنئەت نومۇرلىرىنى  شىنجاڭ شېئىريەت سەپىرىگە قاتناشقان شائىرلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئورۇندىدى.

IMG_8781.JPG

IMG_8880.JPG



IMG_8793.JPG

IMG_8819.JPG

IMG_8835.JPG

IMG_8849.JPG

IMG_8857.JPG

IMG_8788.JPG




ۋاقتى: 2014-5-14 17:42:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا 17-ماي بۇ بۈيۈك كارۋاننى  ئاقسۇدا كۈتىۋالىدىغان ئوخشايمىز.

ۋاقتى: 2014-5-14 17:49:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىمىڭلار قۇتلۇق بولسۇن

ۋاقتى: 2014-5-14 22:30:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىيەت ئوچىقىدا كۆيۈۋاتقانلار ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت بولدى-بۇ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sakarauli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-14 22:31  


ۋاقتى: 2014-5-15 00:48:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
forum.php? ... E5MDU5&noupdate=yes
                                                          بوغدا ئاكا:بۇ ناننى  قانداق ئېلىپ كەتسەم بولار؟

        خىيال...
        جاننىڭ خىيالى.
        جاننىڭ خىيالى،
         ناننىڭ خىيالى.
        ناننىڭ خىيالى،
        خاننىڭ خىيالى.
         خاننىڭ خىيالى،
        بارچە ئەلنىڭ خىيالى...!     

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۆراچار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-15 01:43  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-15 08:17:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكىت ناھىيەسىدىكى شېئىر دېكلاماتسىيە پائالىيىتىدە دولان ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى ئورۇندىغان سەنئەت نومۇرلىرىدىن  كۆرۈنىشلەر

IMG_8853.JPG

IMG_8809.JPG

IMG_8866.JPG

IMG_8832.JPG

IMG_8816.JPG





 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-15 12:54:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5-ئاينىڭ 14-كۈنى <<شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى >> دېكلاماتسىيە ئۆمىكىدىكىلەر مەكىت ناھىيەسىدىن يولغا چىقىپ خوتەنگە يېتىپ كەلدى ۋە چۈشتىن كېيىن خوتەن ناھىيەسى باغچى بازىرى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپىگە كېلىپ دېكلاماتسىيە پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

IMG_2.JPG
خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى گۈلنىساخان مەتنىياز پائالىيەتتە سۆز قىلماقتا
IMG_3.JPG
شائىر ئىمىن ئەخمىدى پائالىيەتتە شېئىر ئوقۇماقتا
IMG_4.JPG
شائىر مۇختار سۈپۈرگى پائالىيەتتە شېئىر ئوقۇماقتا

IMG_1.JPG
پائالىيەت خاتىرىسى


ۋاقتى: 2014-5-15 12:59:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      شېئىرىيەت كارۋىنىدىكى ئۇستازلارنىڭ قۇتلۇق سەپىرىگە كۆز تەگمىسۇن !
بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرىلىشى شېئىرىيىتىمىزنى ۋە شائىرلىرىمىزنى كەڭ ئاۋام بىلەن يېقىنلاشتۇرۇشتا  مۇھىم رول ئوينايدىغان بىر قېتىملىق ئەڭ كاتتا سەپەر بوپ قالغۇدەك ...
گەرچە بۇ كارۋانلارنىڭ قەدىمى بىزنىڭ باشئەگىم دىيارىمىزغا چۈشمىگەن بولسىمۇ بۈگۈن مۇنبەردىن بۇ پائالىيەتنىڭ بارلىق جەريانلىرىنى تەپسىلى كۆرۈپ شۇنداق سۆيۈندۈم . مېنىڭچىمۇ بۇ سەپەر مۇشۇ بىر قېتىملىق بىلەن توختاپ قالماي داۋاملىق ئۆتكۈزىلىپ تۇرسا دېگەن ئۈمىدتىمەن .
يەنە بىر ئۈمىدىم : مۈمكىن بولسا مۇشۇ قېتىملىق سەپەردە ئۇستاز شائىرلىرىمىز سەھنىلەردە ئوقۇغان شېئىر ۋە مۇشائىرلىرىمۇ مەزكۇر تېمىغا يوللاپ قويۇلسا بىزمۇ تەڭ بەھر ئالغان بولساق ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبە.ت.دىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-15 13:01  


باھا سۆز

مەن مەكىت قەلەمكەشلىرى ئوقۇغانلىرىنى يوللاپ قوياي.  ۋاقتى: 2014-5-15 01:28 PM
ئاخىرىدا شۇنداق قىلىمىز!  ۋاقتى: 2014-5-15 01:02 PM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش