يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: admin

«شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى» دېكلاماتسىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-5-20 23:42:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر- ئەدىبلەر تارىم دەريا ۋادىسىدا خەندان ئۇردى
«دەۋر مىلودىيەسى-شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى» مۇشائىرە پائالىيىتىنىڭ ئاقسۇدىكى دېكلاماتسىيەسى قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى
ئازاد سۇلتان، مەردان مۇقيىت قاتارلىق رەھبەرلەر مۇشائىرە ئېيتىش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلدى، ئاتاقلىق شائىرلار شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى
(‹ئاقسۇ ئاخبارات تورى› خەۋىرى)

قىسمەن خاتا جايلار يوللىغۇچى ئەرچىن تەرىپىدىن قايتا تۈزىتىلىپ توغرىلاندى)

ئۆز خەۋىرىمىز. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاقسۇ مەدەنىيەت -سەنئەت مەركىزى شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندى، شائىر-ئەدىبلەرنىڭ ئوتلۇق يۈرىكىدىن ئۇرغۇپ چىققان، ۋەتەن سۆيگۈسىگە تويۇنغان يالقۇنلۇق شېئىرى مىسرالار قەلىبلەرنى ھاياجانغا سالدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن «دەۋر مىلودىيەسى-شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى» مۇشائىرە پائالىيىتىنىڭ ئاقسۇدىكى دېكلاماتسىيەسى بۇ يەردە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بۇغدا ئابدۇللا، ئىمىن ئەخمىدى، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرورەن، تاھىر تالىپ، ۋايىتجان ئوسمان، مۇسا ئەخەت، ئەخمەد ۋاھىدى، تۇنىياز مەتنىياز، ئابلىز ئوسمان، مۇتەللىپ مۇھەممەد خۇرسەندى، ھاجىرە قاسىم، يۈسۈپجان مۇھەممەت تۇغيان قاتارلىق بىر قىسىم داڭلىق شائىر (شائىرە)، ئەدىبلەر شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى، مەرھۇم لۇتپۇللا مۇتەللىپ، نىمشىھىت، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تىيىپجان ئېليوف قاتارلىق ئاتاقلىق شائىرلارنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىمۇ دېكلاماتسىيە قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئاتاقلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، ئەدىب ئازاد سۇلتان؛ ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن مەردان مۇقىيىت، ليۇ باۋشىڭ، نىياز ھاشىم، مۇتەللىپ روزى، ئەخمەتجان ئىمىن مۇشائىرە ئېيتىش پائالىيتىگە شاھىت بولدى.
ئازاد سۇلتان باشلىنىش مۇراسىمىدا قىزغىن سۆز قىلىپ، ئاقسۇدىكى ھەرمىللەت خەلقىگە ئوتلۇق سالام يوللىدى ۋە ئاقسۇنىڭ دەۋر تەرەققىياتىغا قوشقان تارىخى تۆھپىسى، نۆۋەتتىكى زور تەرەققىياتى، ئاقسۇ ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ شىجائىتى، جاسارىتى ۋە پەم-پاراسىتىنى ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئالدى. ئازاد سۇلتان مۇنداق دېدى: «ۋەتەنپەرۋەرلىك-شېئىرىيىتىمىزدىكى مەڭگۈلۈك تېما. تارىختىن بۇيان شائىرلىرىمىز ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىنى يادرو قىلغان ھالدا ئائىلە، كىشىلىك ئەخلاق ئىتتىپاقلىق، گۈزەللىك، ياخشىلىق، چىنلىق ھەققىدە ئۆلمەس شېئىرلارنى يازدى. ۋەتەننى، يۇرتنى كۈيلىدى، دەۋرنى مەدھىيلىدى. رەزىللىك، نادانلىق ساختىلىقنى قامچىلىدى. ئاتاقلىق ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى زۇلمەتلىك قىيىن شارائىتتا «جۇڭگو» ناملىق شېئىرنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ قايناق ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسىياتىنى ئىپادىلىگەن بولسا، ئاتاقلىق شائىرىمىز نىمشىھتمۇ 1956-يىلى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىللىگەن ھەج قىلىش ئۆمىكى تەركىبىدە سەئۇدىي ئەرەبىستانغا بېرىپ، ھەج-تاۋاپ قىلىش پائالىيىتى جەريانىدا «سېغىندىم» ناملىق شېئىرنى يېزىپ، ئۆز ۋەتىنىنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكى ئىللىقلىقىغا بولغان تونۇشى ۋە تەشنالىق ھېسىياتىنى ئىپادىلىگەن. شائىر شېئىرىدا «سېغىندىم» دېگەن سۆزنى 33 قېتىم تەكرارلىغان. ئاتاقلىق شائىرىمىز تىيىپجان ئېليوفنىڭ «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل» ناملىق شېئىرىسىدىمۇ چوڭقۇر ۋەتەن مۇھاببىتى قايناپ تۇرىدۇ. دېمەك، ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسى دەۋرنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ كەلدى. بىزنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىشىمىزدىكى مەقسەتمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، خەلقنى، ئەمگەكنى، گۈزەل تۇرمۇشنى مەدھىيلەش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى قوغداش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىش، ئورتاق گۈللنىپ، تەرەققىي قىلىش روھىغا ئىلھام بېرىش، شۇنداقلا شائىرلىرىمىزنىڭ يەنىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر، نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىش ئاكتىپچانلىقىنى قوغاشتىن ئىبارەت. شۇڭا ئۈرۈمچىدە باشلانغان بۇ پائالىيتىمىز ھەر قايسى جايلاردا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، بىزنىڭ شېئىريىتىمىز مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ.»
ئازاد سۇلتان مۇنداق دېدى: «ئىتتىپاقلىشىپ دوستانە ئۆتۈش، ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش دەۋرنىڭ ئاساسىي مىلودىيەسى، بۇ قېتىمقى مۇشائىرە ئېيتىش پائالىيىتى ئارقىلىق بىز خەلقنى تەربىيەلەپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ھەر مىللەت كادىر- ئاممىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، ئىناقلىقى، تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتىمىز.»
ئازاد سۇلتاننىڭ سۆزى زالدا ئۇزاققا سۇزۇلغان قىزغىن ئالقىش پەيدا قىلدى. ئارقىدىن شائىرلار بىر-بىرلەپ سەھنىگە چىقىپ، ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ پروفېسورى، ئاتاقلىق شائىر بوغدا ئابدۇللانىڭ «ئانا» ناملىق شېئىرى، «كىرورەن» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروراننىڭ «ئوقۇيمەن»، «ئەتلەس كۆينىكىڭ» ناملىق شېئىرى، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى، شائىر ۋاھىتجان ئوسماننىڭ «ۋەتەن»، «ئاتا شەجەرچىسى» ناملىق شېئىرى، «قەشقەر گېزىتى»نىڭ سابىق مۇھەررىرى، شائىر تاھىر تالىپنىڭ «ساما سالسام» ناملىق شېئىرى، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، شائىر تۇنىياز مەتنىيازنىڭ «ئۇ تېخى 23 ياش» ناملىق شېئىرى، «ئاقسۇ پەن-تېخنىكا گېزىتى» نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى،  ئاتاقلىق يازغۇچى، شائىر ئەخمەد ۋاھىدىنىڭ «ۋەتەن مۇھاببىتى» ناملىق شېئىرى، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر ئابلىز ئوسماننىڭ «تارىم ناۋاسى» ناملىق شېئىرى، توقسۇ ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ياش شائىرى ھاجىرە قاسىمنىڭ «ئۇيغۇر ئاياللىرى» ناملىق شېئىرى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شائىر ئابلەت ئەسمەتنىڭ «بولما» ناملىق شېئىرى، مۇسا ئەھەتنىڭ «ئۇرۇق » ناملىق شېئىرى پىكىرىنىڭ يېڭىلىقى، مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلىقى، بەدئىيلىكىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇردى. شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ سابىق مۇدىرى، ئاتاقلىق شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان، ئەدىب ئىمىن ئەخمىدى سەھنىگە چىققاندا، گۈلدىراس ئالقىش ساداسى پەلەككە يەتتى. ئۇنىڭ «ۋەتەنگە مەدھىيە»، «ھايات يىلتىزى» ناملىق شېئىرى تاماشىبىنلار قەلبىنى لەرزىگە سالدى. ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شائىر مۇتەللىپ مۇھەممەت خۇرسەندى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپەىدىكى مۇئاۋىن رەئىسى، ئاۋات ناھىيەلىك ئىستاتسىتىكا ئىدارىسى پارتىيە ياچايكىسىنىڭ شۇجىسى، شائىر، يازغۇچى، خەتتات يۈسۈپجان مۇھەممەت تۇغياننىڭ شېئىرلىرىمۇ تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك تارىنى تىترەتتى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىىسىنىڭ ئىقتىدارلىق پرورگىرامما رىياسەتچىسى شەمسىيە ئەبەيدۇللا بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كۆزگە كۆرۈنگەن قەلەم ساھىبى، مەدەنىيەت-سەنئەت تەتقىقاتچىسى ئەخمەت كېبىر رىياسەتچىلىك قىلغان شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتىدە يەنە ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «جۇڭگو»، تىيىپجان ئېلىيوفنىڭ «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. شەمسىيە ئەبەيدۇللا نىمشېھىتنىڭ سېغىندىم» ناملىق شېئىرىنى، ئەنقەرجان ئەركىن (ئۆسمۈر) ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئەينەك» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى.
پائالىيەت ئاخىرىدا شىنجاڭ ئىلىچى مىللىي كېيىم-كېچەك شىركىتى ئازاد سۇلتان، بوغدا ئابدۇللا، ئىمىن ئەخمىدى، تاھىر تالىپ، ۋاھىتجان ئوسمان، مۇسا ئەھەت، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران قاتارلىق «شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى»مۇشائىرە ئېيتىش پائالىيىتى تەركىبىدىكى شائىر، ئەدىبلەرگە تون كەيگۈزدى. كۇچا «يانار تاغ» شىركىتى شائىر ئەدىبلەرگە بىر دانىدىن «يانار تاغ شور تۇز ئورۇندۇقى» سوۋغا قىلدى. ئاقسۇ تارىم ناخشا -ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ شىرئېلى، ھىمىت كەنجى، گۈلبانۇ مەھەممەت، ئاينۇر قاتارلىق ئارتىستلىرى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتىگە يېڭى مەزمۇن قوشتى. ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى مۇتەللىپ ئىسكەندەرنىڭ
«بۈگۈندۇر ئەلا» ناملىق ناخشىسى پائالىيەتنى ئەۋجىگە كۆتۈردى
بۇ پائالىيەت تۈنۆگۈن ئاۋات ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاقسۇدىكىگە ئوخشاش زور داغدۇغا قوزغىدى. ئاۋاتتىكى ھەرساھە ئاممىسى پائالىيەتتىن ئىستېتىك زوق ئالدى ۋە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتقا ئىگە بولدى.
ئىگىلىنىشچە، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى 5-ئاينىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدە باشلانغان، ھازىرغىچە خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا جەمئىي 11 مەيدان ئۆتكۈزۈلگەن


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-20 23:52  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-20 23:57:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
IMG_7621.JPG
شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىدىكى پائالىيەتتىن خاتىرە

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-21 01:06:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاقسۇ ئەدىبلىرى خاتىرىسى
IMG_9492.JPG

IMG_9509.JPG

IMG_9514.JPG

IMG_9522.JPG



ۋاقتى: 2014-5-21 22:19:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاش چەكلىك ياشناش ئۇ چەكسىز،
ئۆلۈپ كەتسەڭ روھىڭ ياشايدۇ.
شۇڭا قىلغىن ھاياتقا ئەجىر،
مېھنەت ئۆزى روھنى ئاشلايدۇ.

ۋاقتى: 2014-5-22 18:28:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ پائالىيەتنىڭ ئۆزىلا بىر نادىر توپلام بولغۇدەك ، يەنە كېلىپ پائالىيەت كۈنتەرتىپلىرى ، رەھبەرلەرنىڭ سۆزلىرى ، ئاتاقلىق شائىرلىرىمىزنىڭ ئوقۇغان شېئىرلىرى ،(قىسقىچە تەرجىمىھالى) ھەرقايسى يۇرتلاردىن قوشۇلۇپ بېيىتىلىپ ماڭغان مەزمۇنلار ، پائالىيەت سۈرەتلىرى يۇغۇرۇلۇپ ئىشلەنسە ھەقىقەتەن ساقلاش قىممىتى بار توپلام بولۇپ قالىدىكەن .

ۋاقتى: 2014-5-22 21:34:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىن ۋاپانىڭ تايىرى شائىر ئىكەن،
قەرىمانلار سادىرى شائىر ئىكەن.
قەلبنى ئاقارتقۇچى رويى ئوزۇق ،
پالۋانلار باھادىرى شائىر ئىكەن.



ۋاقتى: 2014-5-22 22:45:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بېسىلغان قەدەم ئىزىدىن پۆرەكلەپ رەيھان ئېچىلغۇسى. مۇشۇ پائالىيەتنى تەشكىلىلىگەن، قاتناشقان بارلىق شائىرلارنىڭ ئەزىز تېنىگە سالامەتلىك، ئىشلرىغا ئوتۇق ئامەتلەر يار بولسۇن! مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرگە داۋاملىق ئېلىپ بېرىلسا ئەدەبىياتىمىزنىڭ مەنزىلى تېخىمۇ پارلاق بولسۇسى !!!

ۋاقتى: 2014-5-22 23:00:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غوجىمۇھەممەد يوللىغان ۋاقتى  2014-5-16 16:56
دوستۇم ئابدۇرېشىت، دوپپا ساڭا بەكمۇ يارىشىپتۇ. دوپپا ك ...

مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-5-25 12:17:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ پات-پات بولۇپ تۇرۇشىنى ئۇمىت قىلىمىز.

ۋاقتى: 2014-5-26 20:40:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتتىن قەلبىم لەرزىگە كەلدى،ئانا يۇرتۇم شاياردىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن بولسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى-ھە؟!

ۋاقتى: 2014-6-3 10:59:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەت ئاۋات ناھىيەسىدە تولىمۇ داغدۇغلۇق ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. شېئىرغا تەشنا يۈرەكلەر شېئىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھەققىي ھېس قىلىشقان..... بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ كەتتى.

ۋاقتى: 2014-6-5 23:21:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پالىيەتنىڭ ئاقسۇدىكى نەق مەيدانىدا ئولتۇرۇپ پائالىيەتكە قاتنىشىپ، چوڭقۇر ھاياجان ئىدىدە ئىستىتىك ھۇزۇر ئالدىم. مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ يەنە كۆپراق ئۆتكۈزۈلىپ تۇرۇشىنى ئۈمۇد قىلىمەن،ئەخمەت كىبىرنىڭ ئاقسۇدىكى پائالىيەتتىكى رىياسەتچىلىكى ناھايتى ياخشى بولدى.شئېريەت سەپىرىدىكى قەلەمكەشلەرنىڭ قەلىمىگە بەرىكەتلەر ياغسۇن.

ۋاقتى: 2014-6-6 16:46:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پائالىيەتنىڭ داۋامى قۇتلۇق بولسۇن. ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ. ئىجادىيەت سېپىدىكى كارۋانلارنىڭ قۇتلۇق قەدەملىرى قاچانراق دىيارىمىز ئاقسۇغا يېتىدىكىن؟

ۋاقتى: 2014-6-6 16:50:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەتنىڭ ئاقسۇدا ئۆتكۈزلۈپ بولغانلىقىنى بىلەلمەي قاپتىمەن

ۋاقتى: 2015-3-19 18:58:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ .ئاپرىن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش