mamat omar يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 11:02
مەن ئوقۇغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى رومانلار مۇنداق بو ...
سىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىر قىسىم ناچار رومانلارنىلا ئوقۇغان ئوخشايسىز . كۆزنى يوغان ئېچىپ ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان سەرخىل رومانلارنى ئوقۇپ بېقىڭ . ئۈستىدە بىر يەردە ‹‹ يىقىندىن بىرى چەتئەلنىڭ نەزىريىلىرىنى ، ئەسەرلىرىنى ئوقىۋاتىمەن ››دېگەندەك گەپنى قىپسىز . ئۇنداقتا چەتئەلنىڭ داڭلىق دەپ بىزگە تەرجىمە قىلغان ‹‹ ئاننا -كارىننا، تىرىلىش، ئۇرۇش ۋە تىنىچلىق، يۈز يىل غېرىپلىق......››دېسەم كۆپ . شۇلارنى ئالدىنئالا ئوقۇڭ . چەتئەل نەزىريەلىرىگە قارىغۇلارچە چوقۇنماڭ.
سىزگە ئۇچراپ قالغان بىر قىسىم رومانلار بىلەنلا ئۇيغۇر رومانلىرىغا بۇنداق تەنتەكلىك بىلەن باھا بەرمەڭ.
گەپ ئەسەردە ئەمەس، بەلكى مال تونىمغان خىرىداردا.
شېئىر ھەققىدىكى جۆيلۈملىرىڭىزگە قاراڭ ، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستۇتىمۇ تۈگىشەي دېدىمۇ نېمە ؟، شئېىر تىل سەنئىتى ، تىل ئارقىلىق نازۇك تۇيغۇنى ئىپادە قىلىدۇ. شۇڭا ئەجدادلىرىمىز قاتىق ئۆلچەم -قىلىپ ئاساسىدا يازغان . سىزچە مۈگدەپ قوپۇپ جۆيلۈسە، بىزەپ تۇيغۇ ۋە پىكىرلەرنىمۇ ئىپادە قىلسا بولامتى؟