جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 1829|ئىنكاس: 72

مەمەت ئۆمەر: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كومىدىيە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 576
تۆھپە : 3
توردا: 68
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 12:58:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمەت ئۆمەر مەتتۇرسۇن خەتەر


ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كومىدىيە






1-پەردە: ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئەندىزىچىلىك ۋە ئىجادىيەت مەسلىسى ھەققىدە



80-يىللاردا قايسىدۇر بىر يازغۇچى ئۆز ۋەتىنىگە بولغان مېھىر -مۇھاببىتىنى چەتئەلدىن ۋەتىنىگە قايتقان بىر مۇھاجىرنىڭ ۋەتەن تۇپرىقىدىن بىر چىمدىم توپا  ئېلىپ ئۇنى تۇتىيا بىلىپ  كۆزلىرىگە سۈرگەنلىكىدەك ۋەقەلىك ئارقىلىق ئىپادىلىگەنىدى.شۇندىن باشلاپ تا-ھازىرغىچە ۋەتەن، يۇرت تېمىسىغا ئاتالغان ئەسەرلەردە مۇنداق ئىككى خىل خاھىش يۇقۇملۇق كىسەللىكە ئايلاندى. ئۇنىڭ بىرى ۋەتەن تۇپرىقىىدىن بىر چىمدىم توپا ئېلىپ كۆزىگە سۈرتىش، يەنە بىرى بولسا ‹‹تۇتىيا››دېگەن بۇسۆزنىڭ كەم بولسا قەتئىي بولمايدىغان ‹‹مۇقەددەس›› بىر سۆزگە ئايلىنىشى.

‹‹ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرۈپ تۇلۇن ئاي خىجىل بولغىنىدىن بۇلۇت كەينىگە مۆكتى.››

كىلاسسىك ئەدەبىياتتىن باشلانغان بۇ خىل گۈزەللىكىنى تەسىۋىرلەش ئۇسسۇلى تا-ھازىرغىچە بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىن يوقالغىنى يوق. خۇددى بىرسىنىڭ گۈزەللىكىنى تەسىۋىرلەشكە دۇنيادا بۇنىڭدىن باشقا بىرەر سۆز-جۈملىلەر يوقتەك، ياكى ئۇنىڭدىن باشقىسى مۇۋاپىق ئەمەستەك ھەممە يازغۇچى-شائىرلار قارغىش تەككەندەكلا مۇشۇ خىل تەسۋىرلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىرسىنىڭ گۈزەللىكىنى تەسۋىرلەپ كەلدى.

ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇ چەكسىز ئىمكانىيەتكە تولغان. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە نېمىنى يېزىش، قانداق يېزىش ئۇ تامامەن يازغۇچىنىڭ قول ئىلكىدىكى ئىش. ئەڭ مۇھىمى قاملاشتۇرۇپ يېزىش مەسىلىسى.مەسىلەن: مەمىتىمىن ھۇشۇردەك يۇمۇرسىتىك،قىززىقارلىق گەپلەرنى قىلالايدىغان ئادەملەر ئارىمىزدا كۇرمىڭ. بۇ يەردىكى مەسىلە نېمە؟ ئاشۇ، يۇمۇرستىك، قىززىقارلىق گەپ-سۆزلەرنى قاملاشتۇرۇپ يېزىپ چىقىش مەسىلىسى.



2-پەردە پىكىر مۇستەبىتچىلكى ۋە ئىنكارچىلىق




ئوت يۈرەك شائىرىمىز لۇتبۇللا مۇتەللىپنىڭ ‹‹يىللارغا جاۋاب›› ناملىق شېئىرى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئارىمىزدىكى بىر قىسىم ‹‹ئۇلۇغ ئەدەبىيات››شۇناسلار خۇددى دۇنيادا ل.مۇتەللىپلا يىللارنىڭ سوئالىغا ئەڭ توغرا جاۋاپ بېرەلىگەندەك ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق جاۋاب خاتادەك ھېس قىلىشىپ ‹‹يىللار دېگەن مۇشۇنداقكەنغۇ›› دەپ يىللار توغرىسىدا قەتئىي ئويلانمايدىغان، پىكىر قىلمايدىغان بۇلۇۋېلىشتى. يەنە تېخى بۇنداق پىكىر مۇستەبىتچىلىكىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتمەي، تېخىمۇ ھەددىن ئېشىپ باشقىلارغا تاڭماقچى، باشقىلارنىڭ يىللارغا ئاتاپ يېزىلغان ئەسەرلىرىنى كۆرسە ئۇلۇغ بىر كۆيۈنگۈچى قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ‹‹بالام، يىللارغا توغرىسىدا ئەڭ ياخشى ئەسەرنى ل.مۇتەللىپ يېزىپ بولغان، سەن بۇ ھەقتە ئويلانمىساڭمۇ، قەلەم تەۋرەتمىسەڭمۇ بولىدۇ›› دەپ باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ سېپىدۇ.

ئۇنداق ئادەملەر ئۆز پىكىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن تىرناقتا توقتىغىدەك نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق بولغان ئەسەرلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئوق ئۆتمەس مۇستەھكەم قالقان ھاسىل قىلىۋالىدۇ-دە، شۇ ئاساستا پىكىر مۇستەبىتچىلىكىنى بازارغا سالىدۇ. ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلىغان نادان كىشىلەر ھېلىقى ئۇلۇغ ئەربابلارنىڭ نامى چىقىشى بىلەن تەڭ ئۇلارغا شەكسىزئىشىنىدۇ-دە، ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئىتتەك ئەگىشىدۇ.  

ئا. ئۆتكۈرنىڭ ‹‹شېئىر ۋە شائىر›› ناملىق نەسرىي شېئىرنى ئوقۇغان ئاشۇ بىر قىسىم مۇستەبىتچىلەر قاتتىق ھاياجان ۋە غەيرەتكە تۇلۇپ‹‹دۇنيادا شېئىر ۋە شائىرغا بۇنىڭدىن ئۆتە توغرا تەبىر بەرگەن ئەسەر يوق››دەپ قاراپ، بۇندىن بۇرۇنقى ياكى كېيىنكىلەرنىڭ شېئىر ۋە شائىر توغرىسىدىكى بارلىق كۆز-قاراشلىرىنى پوققا چىقىرىپ، بۇخىل كۆز-قاراشقا ئۇيغۇن كەلمىگەن بارلىق شېئىرلارنى ۋە شائىرلارنى ئۇلۇغ سەت گەپلەرنى ھاقارەتلەپ ‹‹ سەن شېئىر يېزىشتىن بۇرۇن ئا. ئۆتكۈرنىڭ پالانى ئەسىرىنى يا بولمىسا پۇكىنى شائىرنىڭ پۇستانى ئەسىرىنى ئوقۇپ باق›› دەپ باشقىلارنىڭ ئىددىيىسىنى بىزلەرگە تېڭىپ بىزنى ئەركىن پىكىر قىلىشتىن توسماقچى بولدى.

مەلۇمكى، دۇنيادا  نەزىرىيە دېگەن بىر خىللا ئەمەس، ھەر كىم مەيلى دېگەنلىرىنى توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن ئىشقىلىپ بىر نىمىلەرنى دەپ باقىدۇ. كىمنىڭ دېگىنى توغرا، كىمنىڭ خاتا بۇنىڭغا ھېچكىم ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمەيدۇ، پەقەت ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇلار ئۆزلىكىدىن ئىسپاتلىنىدۇ. بىز پەقەت ئۆز بىلىم قۇرۇلمىمىزغا، ئۆز ئىددىيىمىزگە، تۇرمۇش، ۋە ھايات قارىشىمىزغا ماس كىلىدىغان نەزىرىيە ۋە كۆز-قاراشلارنى قوبۇل قىلساق بولىۋېرىدۇ.شۇڭا بىر خىللا قاراشنىڭ ئىشتان بېغىغا ئېسىلىۋېلىپ ئۇنىڭدىن باشقىسى بىلەن كارىمىز بولمىسا ئىنتايىن خاتالاشقان بولىمىز.

ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ياخشى، يامىنى بولمايدۇ. بىرسىمىزگە يارىغان ئەسەر يەنى بىرسىمىزغا يارىمايدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە ئوقۇرمەننىڭ شۇ ئەسەرغا تۇتقان پوزىتىسىيەسى ۋە شۇ ئەسەردىن زوقلىنىش ماھارىتىنىڭ بار-يوقلۇقلىقىدىن ئىبارەت.




3-پەردە: ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتىكى ھارامزادىلىك



بىز ئاشخانىغا تاماق يىگىلى كىرىمىز، ھەرگىزمۇ پايپاق يۇغىلى ئەمەس! بىزنىڭ ئاشخانىغا كىرىشىمىزدىكى بىردىنبىر مەقسىتىمىز-تاماق يىيىش.بىز تاماق يەيمىز،ھەرگىزمۇ ئاشپەزنى ئەمەس. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئاشپەز-يازغۇچى، تاماق-ئۇنىڭ ئەسىرى، مېھمان ئەدەبىي تەنقىدچى ھېساپلىنىدۇ. دېمەك، مېھمان ھېساپلانغان ئەدەبىي تەنقىدچى  بىر پارچە ئەسەرنى باھالىماقچى بولىدىكەن چۇقۇم ئۇ ئەسەرنىڭ يېزىلىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ۋە كەمچىلىكلىرىنى باھالاپ چىقىشى  ‹‹سەن نېمىشقا بۇنداق يازىسەن›› دەپ يازغۇچىنىڭ ياقىسىغا ئېلىسىۋالماسلىقى، يازغۇچىغا ئەمەس، ئەسەرگە باھا بېرىشى كېرەك.

بەزى يازغۇچىلىرىمىز شۇنچىلىك قۇرقۇنچاق كىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇرقۇنچاقلىقى ئادەم ئىچ ئاغرىتقۇدەك دەرىجىگە يەتكەنكى، ئۇلار ئاشۇ بىر قىسىم ئەدەبىي تەنقىدچىلەرنى ئۇلۇغ ئەدەبىياتچى، خىسلەتلىك خېزىر ئەۋلىيا دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئۇلۇغ ئەۋلىيالار تەرىپىدىن يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلىشىدىن ئەنسىرەپ يا  كۆڭلىدە بار ئەسەرلەرنى يازالماي، يا گەپلىرىنى يۈرەكلىك قىلالماي ئۆز دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ ئۆتۈپ كىتىشمەكتە. بىر تەنقىدچى بىر كۈنى بىر يازغۇچىنى تەنقىدلىسە ئەتىسى ئون يازغۇچىنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كىتىپ ئۆزىنىڭمۇ تەنقىدچى تەرىپىدىن ئۇلۇغ سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەتلىنىپ يۈزىنى چۈشۈپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ،  يازماقچى بولغان ئەسىرىنى شۇ يەردىلا تاشلاپ قويۇپ، تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلغان ئوغرىدەك چەكسىز بىر تەشىۋىشكە چۆمۈپ كىتىدۇ. بۇ ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلانغان، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن تەنقىدچى خورىكىنى تېخىمۇ يوغان ئۆستۈرۈپ ئۆز يازمىلىرىنى بازارغا سالىدۇ، ۋە شۇ ئاساستا قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ بارلىق يازغۇچىلارنىڭ جېنىنى جاڭگالغا قويۇپ توختايدۇ. شۇندىن كېيىن يازغۇچىلار تەشۋىشتە، تەنقىدچى ئوۋ ئىزدەش بىلەن ئۆتىدۇ.

مۇنازىرلىشش ياخشى ئىش. مۇنازىردە يىڭىلىش ھەرگىزمۇ ئۇياتلىق ئىش ئەمەس. ئەڭ ئۇياتلىق ئىش-مۇنازىرلەشكۇدەك جۈرئەتنىڭ بولماسلىقى، قۇرقۇنچاقلىقنىڭ، توخۇ يۈرەكلىكنىڭ ئەۋىج ئېلىپ كېتىشى.

ئەدەبىياتتا ھەر خىل ئېقىمنىڭ، ھەر خىل كۆز-قاراشنىڭ بۇلۇشى ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال. بۇ ئەدەبىياتىمزنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق.

بىز قاچانغىچە دەقىيانۇس دەرۋىردىكى ‹‹خانلەيلۇن››غا توۋلاپ يۈرىۋىرىمىز؟



4-پەردە: داڭدار بۇلۇش مەسىلىسى ھەققىدە



كونىلاردا:‹‹ئۇرۇشنىڭ توققۇزى رەڭ،بىرى جەڭ››دەيدىغان ھېكمەت بار. ئەدەبىي ئىجادىيەتمۇ خۇددى بىر جەڭگە ئوخشاش، ئەقىل-پاراسەت ۋە تۈرلۈك ھېلە-مىكىرگە تولغان. باشقىلار ياخشى دەپ قارىغان ئەسەرنىڭ ياخشى بۇلۇپ كىتىشى ناتايىن، شۇنىڭدەك باشقىلار ناچار دەپ قارىغان ئەسەرنىڭمۇ ھەم. بىر يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن كۆپلەپ سېلىتىشى ۋە قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇلۇشى ھەرگىزمۇ ئۇ ئەسەرنىڭ بىردىنبىر ئۇلۇغ ئەسەر ئىكەنلكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

ئوقۇرمەن- ئىنتايىن تەرتىپسىز، قالايمىقان، چۈشىنىش قىيىن بولغان بىر تەرەپ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەقلى ئويغاق، ئىمانى دۇرۇس، نەرسىلەرگە ھەقىقەت كۆزى بىلەن قارايدىغان ئېسىل ئوقۇرمەنمۇ، قانداقتۇر ئۆزىنىڭ شەخسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش يۈزىسىدىن ياكى باشقا غەيرىي مەقسەت كۆزلەپ كىتاپ ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلەرمۇ بار.ئاز بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى ئوقۇغان ئەسەرنىڭ يېزىلىش ئالاھىدىلىكى، تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبى، ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئوقۇسا، يەنە خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن ‹‹كاللا دېسە پاقالچاق››دەيدىغان ئوقۇرمەنلەر پەقەت ئەسەرنىڭ مەزمۇنىلا ئاساس قىلىپ ئوقۇپ، باشقا ھېقانداق نەرسە بىلەن كارى بولمايدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىر قىسىم ‹‹ھۇشيار›› يازغۇچىلىرىمىز ئوقۇرمەنلەردىكى بۇ خىل ‹‹ئاقىلانە›› ئەۋزەللىكنى بۇرۇنلا بايقاپ ئوقۇرمەنلەرنى قاتتىق قىززىقتۇرىدىغان، ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكىگە قارىغاندا مەزمۇنى تېخىمۇ جەلىپ قىلارلىققا ئىگە بىر قىسىم ئەسەرلەرنى كۆپلەپ بازارغا سالدى.

بۇنىڭغا بىر مىسال:

قىز-ئاياللار باش تىما قىلغان ئىجتىمائىي مەسلىلىك ئەسەرلەر

بۇ خىل تىمىدىكى ئەسەرلەرنى يازغان يازغۇچىلارنىڭ ھېلە-مىكىرى مۇنداق بولىدۇ:

‹‹ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك›› دېگەندەك مۇشۇنداق تىمىلاردىكى ئەسەرلەرنى يازغان يازغۇچى ئالدى بىلەن باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بىز سورىمىساقمۇ ئۆز ئەسىرنىڭ يېزىلش مەقسىتىنى، ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلۇغ بىر تەربىيەنى بىزگە بىلدۇرمەكچى ئىكەنلىكىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيدۇ. ئاندىن مۇشۇ يىرىلمەس قالقان ئاستىدا ئادەم ئېغىزىغا ئېلىشتىن ئەيمىنىدىغان خەتەرلىك رايونلارغا قەلەم ھۇجۇمى قىلىپ، ئادەمنى غىدىقلايدىغان جىنسىي تەپسىلاتلارنى ئۆز ئەسىرىگە تۆكمە قىلىدۇ، بۇنداق ‹‹ھاياجانلىق›› ئەسەرلەنى ئوقۇغان ئوقۇرمەن قاتتىق ھاياجاندىن دېمى سىقىلىپ بۇ ئەسەرنىڭ داڭلىق ئەسەر ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشنىدۇ، ۋە ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي دوستىلىرىغا، ۋە باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۆمرىدە بىرەر كىتاپنىمۇ تۈزۈك ئوقۇپ باقمىغان دەلدۈشلەر بۇنداق ئەسەرنىڭ ئەڭ قىزغىن ئوقۇرمەنلىرىگە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ‹‹ئېسىل›› ئەسەر باشقىلار تەرىپىدىن داڭلىق ئەسەرگە، ھىيلىگەر يازغۇچى بولسا داڭلىق يازغۇچىغا ئايلىنىدۇ. ئەگەر سەن بۇنىڭ بىر ئالدامچلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، قاتتىق غەزەپتىن ئۆتۈڭ يېرىلغۇدەك بولغاندا بولسا، بۇ ‹‹داڭلىق›› يازغۇچىمىز سېنىڭ بۇ ھاماقەتلەرچە سوئالىڭغا پىسەنتمۇ قىلماستىن،‹‹ مەن پەقەت رېئاللىقىنى يازدىم، تۇرمۇشتا بۇنداق ئىشلار يۈز بەرمەيدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ مەن پەقەت بىر تەرەپنى يېزىش ئارقىلىق يەنە بىر تەرەپنى كۆرسىتىپ بەردىم›› دەپلا جاۋاپ بېرىدۇ خالاس! سەن بۇنداق دانالارچە، داھىيانە جاۋاپلارغا يەنە نېمىمۇ دىيەلەيسەن؟

ئەخمەتجان قۇربان سابىرى‹‹كۆك ئۆستەڭ››نامىدىكى رومانىنى بىزگە سۇنغانىدى، ئاز بىر قىسىملىرىمىز شۇنداق سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ چىققان بولساق، يەنە كۆپ قىسىملىرىمىزنىڭ رومانغا قاراپ قويغۇدەكمۇ ۋاقتىمىز چىقمىدى. مىڭ جاپادا بۇ روماننى يازغان يازغۇچىمىزنىڭمۇ كۆڭلى ئاز بىئارام بولمىدى. كېيىن بۇ روماننىڭ مەزمۇنى ھېچقانداق ئۆزگەرتىلمەي، پەقەت ‹‹كۆك ئۆستەڭ››دېگەن ماۋزۇ‹‹ ياتلىق بولالمىغان قىزلار››دەپ ئۆزگەرتىلگەنىدى، ھەممىزنىڭ بىر يىرى مىدىرلاپ، ئۆز ئورنىمزدا ئولتۇرالمايلا قالدۇق. ئاشۇ ئۇلۇغ، قىمممەتلىك، بىباھا ۋاقىتلىرىمىزنى زايا قىلىپ ئاتايىن بۇ روماننى ئوقۇپ چىقتۇق، نەتىجىدە ھازىر بۇ روماننى بىر كىشى ئوقۇي دېسىمۇ تەستە تاپىدىغان ھالغان چۈشۈپ قالدى.




   قىسقىسى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا داڭلىق ئاتىلش ناھايىتى ئاسان. سەن بەزىدە ھېچقانداق كۈچ سەرىپ قىلمايمۇ داڭدار بىر شەخىسكە ئايلىنالايسەن. يىڭىلىق يارىتىمەن، يىڭى-يىڭى نەزىرىيەلەرنى بەرپا قىلىمەن، ئۆز تىرىشچانلقىم بەدىلىگە باشقىلارغا بەخىت ئاتا قىلىمەن دەپ جاپا چەكمىسەڭمۇ بولىدۇ. چۈنكى بىز- ئۇيغۇلار سېنىڭ ئۇنداق يىڭىلىقلىرىڭنى قوبۇل قىلالمايمىز،بىزنىڭ نەزىرىمىزدە شېئىر دېگىنىمىز پەقەتلا تۆت مىسرا بىر كۇپلېتتىن تۈزۈلگەن، قاپىيە، ۋەزىن، تۇراققا ئىگە نەرسىدۇر. ئەدەبىيات بولسا ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ يازغۇچىلارنىڭ مىڭىسىدىكى ئىنكاسى. بۇنىڭدىن باشقا نەزىرىيەلەرنىڭ ئانىسى تۈمەن مىىڭ. بىزنىڭ كۆزلىرىمىز كور ئەزەلدىنلا ياخشى نەرسىنى، ياخشى ئادەمنى تۇنۇپ باققان ئەمەسمىز. لېكىن يوقاتقاندىن كېيىن پۇشايمەن قىلىش، چەكسىز، ئۇلۇغ ئازاپلانغۇچىغا ئايلىنىش بىزنىڭ ‹‹ئېسىل›› ئەنئەنىمىز، بىز ئاشۇ پۇشايمەن ۋە قايغۇلار ئارىسىدا ئۆمىلەپ ياشىماقتىمىز...



ئاپتور: قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇت ئوقۇغۇچىسى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamat omar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-3 13:01  


مەڭگۈ يوقالماسلىق ئۈچۈن قايتا پەيدا بولدۇم!

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 259
تۆھپە : 3
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 20:02:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزكۇر تېمىنى تەستىقلاشتا سەل تۇرۇپ قالدىم. يازمىنى تولۇق ئوقۇپ چىقىپ، ئاپتۇرنىڭ مەسىلىلەرگە پىكىر بايان قىلىشتىكى تۈز، قوپاللىقى، يەنە بەزى نۇقتىلاردىكى ئاددى، ئاساسىي ئاجىز، قىيىداشقا مايىل پىكىر مەيدانى بۇ يازمىنى «ماقالە» تەلىپىدىن ئايرىپ قويغان.
ئەمما يەنىلا بەزى پىكىرلىرىنى ئورۇنلۇق دەپ قاراپ تەستىقلاپ قويدۇم. ماقالىنى بۇنداق ھۈرپىيىپ تۇرۇپ، قىيىداپ، دوق قىلىپ يازساقمۇ بولىدۇ، لېكىن بۇنداق بولغاندا پىكىر ئەركىنلىم دەپ تۇرۇپ، ئەركىن، ئىلمىي پاراڭ ئۇسۇلىنى يوقىتىپ قويىمىز. مەمەت ئۆمەرنىڭ ئەدەبىياتنى تەلۋىلەرچە ياخشى كۆرىدىغىنى ھېس قىلىپ تۇرىمەن. ئەمما ئىنىمىزنىڭ مۇشۇ تەلۋىلەرچە مۇھەببىتى ئۆزىنى ھاردۇرۇپ، قىيىداشقا، ھەممىمى مەنسىتمەسلىككە ئىلىپ كەتسە بولمايدۇ. چۈنكى تەلۋە ئاشىق ۋىسالىغا يىتەلمىسە بەلكىم قىساسكارغا ئايلىنىپ قىلىشى مۇمكىن. مەمەت ئۆمەر گىپىمنى ئىلىك ئىلىپ كىتىشىمۇ ناتايىن، شۇنداقتىمۇ مېنىڭ دەپ قويۇش يولۇم بار دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن ماۋۇ ئىنكاسنى يازدىم. ئىجادىيىتىڭىزگە سالماقلىق، تېرەنلىك، چوڭقۇرلۇق شۇنداقلا ئەڭ مۇھىمى پاكىزلىق تىلەيمەن.

ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 729
تۆھپە : 114
توردا: 120
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 20:13:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   سالام مەمەت ئۆمەر، قارىسام شېئرىيەتتىكى پەلە پەتىشلرىڭىز تۈگەپ ئەمدى ماقالىگە ئۆتكەن ئوخشايسىز. سىزدە ئەدەبىيات ئەمەس ھەتتا ئادىمىيلىككە ھۆرمەت قىلغۇدەك ساپامۇ يوق ئىكەن. ھەرقاچان ئادەملەر مىنىڭ يولۇمنى توسمىسا، ماڭا يول بەرسە دەپ «让» دېگەن خەتنى يوغان قىلىپ ئېسىۋالغان بىلەن باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق ئەركىنلىكى، ھۆرمەت قىلىدىغان نەرسىلىرى باردۇ دەپ ئويلىمايدىغان ئوخشايسىز. قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستېتۇتىدەك بىر مەرىپەت بىغىدا تۇرۇپ ھەدىسە بىر ساۋاتسىزدەك نەرسىلەرنى يازىسىز. بىر قارىسام يېڭىلىق ياراتماقچىدەك، يەنە بىر قارىسام نادان تەۋەككۇلچىدەك كۆرىنىسز. گەرچە سىز تېمىلىرىڭىزغا مىنىڭ ئارلىشىشىمنى خالىمىسىڭىزمۇ، نورغۇن تورداشلار «ئابدۇمىجىت بۇ بالىغا ئېيىتشمىسىچۇ! ھەركىم ھارغاندا توختايىتتى» دەپ قارىسىمۇ، مەن يەنىلا سىز «ئەسەر دەپ قاراپ مۇنبەرگە يوللىغان ، ئەمما دىتىمغا ياقمىغان بارلىق يازمىلار» ئۈستىدە تەنقىد ئىلىپ بېرىشنى ، ھەم بۇ تەنقىدنى سىز يىتىلىپ ئەدبىياتىمىزغا پايدىلىپ بىر ئەزا بولغۇچە داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدىم. تەنقىدلىرىمدە ئامال بار، ئاچچىقلىنىشتىن، چېكىدىن ئاشۇرىۋىتىشتىن ئۆزۈمنى چەتكە ئالىمەن. سىزمۇ ئەسەر يېزىشتىن بۇرۇن بۇنىڭغا تەنقىد يازىدىغانلار تەييار دەپ قاراپ ئامال بار غەلبە قىلىش ئۈچۈن يازارسىز. سەللا كەتكۈزۈپ قويسىڭىز ئۇ ھالدا ئىلمىي تەنقىدتىن ئاغرىنمىغايسىز. ئەگەر خالىسڭىز تەنقىدلىرىم ئۈستىدە «تەنقىد» ئىلىپ بارسىڭىز ئەلۋەتتە بولىدۇ. مەن ئۈچۈن گەرچە ئوخشاش بولمىسىمۇ ئاساسى بار پىكىرلەر مەڭگۈ قەدىرلىكتۇر. گەرچە دوشمىنىم بولسىمۇ ھەقنى سۆزلىگۈچى مەن ئۈچۈن ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر. سىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن... ئۇنداقتا تەنقىد باشلاندى... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-3 20:22  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 729
تۆھپە : 114
توردا: 120
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 20:19:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە 1-سۇئال: ئىلمىي ماقالە ياكى ئىجتىمائى تەسىرات تېپىدىكى ماقالىلەرنىڭ جامائەت ئىتىراپ قىلغان مەلۇم قىلىپى بولامدۇ-يوق؟ (ئوقۇۋاتقان مەكتىۋىڭىزدىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ماقالە يېزىقچىلىغىغا قويغان تەلەپلىرىنى ئاساس قىلىپ سۆزلەپ باقسىڭىز؟)
2-سۇئال: ماقالىلەردە «پەردە، كۆرۈنۈش» دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئىشلتىشكە بولامدۇ؟ ئەگەر بولسا بۇنىڭ ئېلمىي ئاساسى نېمە؟
3-سۇئال: ماقالىلەردە نوقتى نەزەر، دەلىل، ئېسپاتلارغا قانداق ئۆلچەم قويۇلىدۇ؟
4-سۇئال: ئەگەر سىز يۇقارقى سۇئاللىرىمنى بىراقلا «ئەنئەنىدىن ھالقىيالماسلىق» ياكى «قىلىپ بازلىق» دەپ قارىسىڭىز ئۇنداقتا سىز يېڭىچە ئەدەبىيات نەزىرىيىسى ياراتماقچىمۇ؟ بۇ يېڭىچە نەزىرىيەلىرىڭىزنىڭ ئۇل، ئاساسلىرى نېمە؟
جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن، ئەگەر سىز جاۋاب بەرمىسڭىز جاۋابىنى مەن بېرىشىم مۆمكىن...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-3 22:03  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  717
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 127
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 21:30:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمېجىت، بۇ ئىنىمىزدىن سىز رازى بولغىدەك جاۋاپنى ئالالمايسىز. سەۋەبى، ئىنىمىزنىڭ يېزىۋاتقان ئاتالمىش يېڭىلىق تەرەپدارلىقىنىڭ مېۋىسى بولمىش تاققا-تۇققىلىرىغا قاراپ باقسىڭىزلا ئۇنىڭ بىچارە ئەگەشكۈچى، باشقىلارنىڭ سايىسى ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. بولمىسا قېنى مەنمۇ ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتىمەن!!!

سەن ئوقسەن، مەن بولسام كامان تېخىچە،
ئەي ئوق،سەۋر ئەيلە، كاماندىن كەچمە!

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 348
تۆھپە : 20
توردا: 62
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 21:34:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بالىدا كۈچلۈك ھېرىسمەنلىك ۋە ئەدەبىيات ئوتى بار، بۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك. لېكىن شۇ رەشىد ۋە قوشتاغ ئوتتۇرىغا قويغاندەك بەزى مەسىلىلەر بار. بولۇپمۇ بۇ بالىدا باشقىلارنى ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ئاساسىي جەھەتتىن يوق. «مەنمەنچىلىك» بارلىق ئادەم زاتىدا بار كېسەل. گەپ ئۇنى يېڭىش ۋە رېئاللىققا يۈزلىنىشتە. بۇ ئىنىمىز مۇشۇ جەھەتتە دىققەت قىلسا (مەنمۇ كۆپ قېتىم ھەر خىل يوللار بىلەن بۇنى پۇراتقان)، ئۇ ئۈمىدلىك بالا ئىدى!...
ئاخىرىدا قوشتاغنىڭ بۇ ئېنىمىزنى يېتەكلەش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىققىنىدىن سۆيۈنمەي تۇرالمىدىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  717
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 127
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 21:54:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تالانت ئىگىلىرىنى بايقاش ۋە ئۇنى يېتەكلەش، تەربىيلەش ھەرقانداق دەۋردىكىدىنمۇ بۈگۈنكى دەۋردە بەكلا موھىم بولۇپ قالدى. ئەپسۇسكى، بىز ئاز-تولا تالانتى بار قارىغان مايسىلار يىلتىزىنى كىسلاتاغا چىلىۋېلىپ ۋاقىتسىزلا سۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ. ئىجادىيەتنى ئويۇن، ئۆزىنى كۆرسىتىش، نام چىقىرىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالغان شائىرچاقلار ئۆگىنىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار ئىدى. شېئىرىيەت كوچىسىغا قەدەم تاشلاشتىن بۇرۇن ئۇلار سەمىمىي قەلبكە ئىگە بولىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى، مەن بۇنداق بالىلارنى ئاز ئۇچراتتىم. تور دۇنياسى ھامان چەكلىك بولىدۇ. بىزدەك دېھقان مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندا تور يەنىلا ئورۇق ئىنەكنىڭ پوقى يوغان دېگەندەك ئىش بولىۋاتىدۇ. ئەدەبىيات تور بەتلىرى ئاساسەن ئەدىپلەر ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ تور بېتى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا بۇ بۇرادەرلىرىمىز پەقەت توردىكى شائىرچاق بولۇپلا قېلىۋاتىدۇ. بۇنداق بولسا بولمايتتى!

سەن ئوقسەن، مەن بولسام كامان تېخىچە،
ئەي ئوق،سەۋر ئەيلە، كاماندىن كەچمە!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  812
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 52
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 21:57:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھرىرلەندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Kvz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 14:50  


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  433
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 16
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 23:43:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما ئاداشنىڭ بېشىنىڭ سەل سۈيى بارمىكىن دەيمەن. مەن تېخى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كومېدىيە» دېسە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەر قايسى يىل ھالقىلىرىدا مەيدانغا كەلگەن كومېدىيىلىك ئەسەرلەر ھەققىدە ئېلمىي نوقتىدا تۇرۇپ پىكىر بايان قىلغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن. قارىسام گەپنى باغدىن باشلاپ قويۇپ تاغدىن يورغىلاتسىغۇ مەيلىتى، ئەمما ھاجەتخانىنىڭ دەرىزىسىدىن بويۇن سوزغاندەك بىر قىلىقنى قىپتۇ.  قىلماقچى گەپلەرنىڭ ھەممىسى ئەدەبىيات ھەققىدە ئەمەس ئەدىبلەرنىڭ ئارقىسىدا بولىۋاتقان پىتنە-پاسات بىلەن كوچا-كويلاردا ئېقىپ يۈرگەن ئاپقاچتى گەپلەركەن. ناۋادا بۇ چۈشەندۈرمەكچى بولغانلىرىنى دەلىل بىلەن ئىسپاتلىدىمۇ دەيلى، شۇنداق بولغاندىمۇ قولىغا كاناي ئېلىپ مۇنبەردە قالايمىقان ۋارقىراپ يۈرمەي، يازغۇچىلار جەمىيتىگە بېرىپ چىرايلىقچە ئىنكاس قىلسا، ياكى بوممىسا ئىچىنى ئاچچىق قىلىپ يۈرگىچە سوتقىلا بېرىپ ئەرىز قىلسا بولمىدىمۇ.......ساپ قىلدىغان ئىشى بولمىسا ئەدەبىياتقا تولا ئەركىلىمەي كۆپراق كىتاب ئوقۇسا، بولۇپمۇ باشقا تىللاردىكى نەزىرىيۋىي كىتابلارنى كۆپراق ئوقۇسا ئاندىن ماقالە يېزىشنى، سىستىمىلىق پىكىر قىلىشنى ئۈگىنەرمىكىن دەيمەن......  

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  104
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 153
تۆھپە : 3
توردا: 23
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 00:44:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىيىنكىلەر ئالدىنقىلارنى بېسىپ چۈشكەندە ئىلگىرلەشتىن سۆز ئاچقىلى بولاتتى. ئەپسۇس بىر قىسىم ياشلىرىمىز ‹‹ جۇدانامە››لىرىنى،‹‹ غەيۋەت››لىرىنى ئەدەبىيات نامى بىلەن نىقابلاپ ، سۆز ۋادىسىدا تىڭىرقاپ، چەللىدە ئات چاپتۇرۇپ  يۈرمەكتە.
مۇشۇ بالىدا بىر قارىسا بەدئىي دىت بار. بىر قارىسا جۆيلۈمچىلىك ئېغىر. بەزىدە ھەرخىل يازمىلىرىنى كۆرسەم ‹‹ مايمۇن بالىسىنىڭ تاغدىن چۈشۈشى››نى ئەسلەپمۇ قالىمەن.

مىللەتنى ئۇرۇش ئەمەس،سۈكۈت ھالاك قىلىدۇ.
كۈرەش بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 01:00:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  433
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 16
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 01:39:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈرەش يوللىغان ۋاقتى  2012-5-4 01:00
ياخشى تىرىكلەردىن  بىرەرىنى ساناپ قويماپسەن.

  ماۋۇ ھا ...

ئۇكام ماۋۇ دوستىڭىز سىز سانىماقچى بولغان تىرىكلىرىڭىزنى مەزكۇر پىتنىلەر دۆۋىسىنىڭ بىر يەرلىرىگە قىستۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولماي ئۈگىنىشنى ياخشى قىسۇن، بولمىسا قىستۇرۇپ چىشلەيمەن دېمەي كۆتىنى قىسسۇن..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سارتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 01:40  


كۈرەش بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 01:52:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كۈرەش بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 01:53:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  890
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 14
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 12:37:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىززىق تىمىغا ئۇقۇشماي كىرىپ قېلىپ مېنىڭمۇ سۆز قىستۇرغۇم كەلدى. ماقالىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىرقىسىم رېئال ئەھۋاللارمۇ ئوتتۇرغا قويۇلغان ، لېكىن ماقالىدىكى كۆپ قىسىم پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىيەتچىلىكى بىلەن ئوتتۇرغا قويۇلۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. مېنىڭچە بولغاندا بۇ ماقالىنىڭ مۇئەللىپى ئابدۇمىجىت مۇئەللىم ئوتتۇرغا قويغان سۇئاللارغا چۈشىنىشلىك جاۋاپ بېرىپ بېقىشى كېرەكمىكىن؟

ماشىنىنى پىراۋا ئەمەس بەلكى شوپۇر ھەيدەيدۇ...
(مۇھەممەت باغراشنىڭ «سەپداش» ھېكايىسىدىن)
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش