جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1358 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

ئىگىسى: mamat omar

مەمەت ئۆمەر: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كومىدىيە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 727
تۆھپە : 114
توردا: 120
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 22:36:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4-سۇئال: ئەگەر سىز يۇقارقى سۇئاللىرىمنى بىراقلا «ئەنئەنىدىن ھالقىيالماسلىق» ياكى «قىلىپ بازلىق» دەپ قارىسىڭىز ئۇنداقتا سىز يېڭىچە ئەدەبىيات نەزىرىيىسى ياراتماقچىمۇ؟ بۇ يېڭىچە نەزىرىيەلىرىڭىزنىڭ ئۇل، ئاساسلىرى نېمە؟
     مەمەت ئۆمەرنىڭ يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى ئىزچىل ئۇرۇنۇشلىردىن مەلۇمكى، شۇنداق، مەمەت ئۆمەر ئۆزىدىن ئاۋالقى كۆپ قىسىم ئەدىبلەردىن گۇمانلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىيات ئەنئەنىسىنى ئازغۇنلۇق سەمەرىسى دەپ قارايدۇ. پەقەت ئەتىراپىدىكى بىرقىسىم «قىرلىق ئىستىكان» ئېشتىراكچىلىرىدىن باشقىلار ئۇنىڭ نەزىرىدە «قىلىپ بازلار»، «ئەنئەنىدىن ھالقىيالماي كونىلىققا ئىسىلىۋالىدىغانلار» ياكى «يېڭىلىق يارتىشىتىن قورقىدىغانلار» ھېسابلىنىدۇ. ئەپسۇس شۇنداق بىر خاتالىققا يول قويۇلدىكى ئۇنىڭدىكى ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك ئىشتياق ۋە چاپچىپ تۇرىدىغان يۈرەكتىن ئەدەبىيات كوچىسىدا لەيلەپ قالغان، ئەمما قەلبىنى «يېڭلىق» دېگەن سۆز ئارقىلىق ئاۋۇندۇرۇپ كىتىۋاتقان بىرقىسىم ھەۋەسكار قەلەمكەشلەر پايدىلىنىۋاتىدۇ. مەن موشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇنداق دېگۈم كىلىدۇ. توغرا ئېلىسلىھات ئىلىپ بېرىش ياخشى ئىش. ئەمما ئىسلىھات بىر كىچىدىلا بولمايدۇ. ئۇنىڭ مۇستەھكەم ئۇلى بولىشى كىرەك. ئۇيغۇر ئەدبىياتىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن «كۆزىنى يۇمۇپ تەنقىدقىلىش، ئالدىدىكىلەرنىڭ ئەيىۋىنى كۆرۈش ئەمەس» بەلكى مەۋجۇت ئەدەبىياتىمىزنىڭ يالقۇنلۇق مەشئىلىنى بىزگە مىڭ بىر مۇشەققەتتە يەتكۈزگەنلەرگە تەشەككۇر ئېيتىش، دەۋىرداشلرىمىزنىڭ شۈنچە ئىغىر بېسىملار ئاستىدا يەنە شۇ ئەدەبىيات، ئەدبىيات دەپ ئۆزىنى ئوتقا ئۇرىۋاتقانلىقىغا باركاللا ئىيتىش، ئەمدى ئۇلار قىلالمىغاننى سېستىمىلىق قىلىش، چۈشىنىش، سىناق قىلىش، تەجىربە  ساۋاقلار ئاساسىدا ئاندىن يېڭىچە پكىرلەرنى ئوتىرغا قويۇشقا توغرا كېلدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئەمىلىيەتتە ئەڭ قىين كەسىپلەرنىڭ بىرى، بۇنىڭ چۈشىنىش ئۈچۈن نەچچە خىل تىلنى، دىننىي پەلسەپىلەرنى، ھىندى، ئەرەپ، پارس، رۇس، خەنزۇ ۋە يېىقنقى دەۋىر ياۋرۇپا ئەدەبىياتىنى نىسبەتەن چوڭقۇرلاپ چۈشىنىش ئاساسىدا ئاندىن بىرەر جۈملىلە يېڭى گەپلەرنى قىلغىلى بولىدۇ. ھېچ ئىش قىلالمىغان تەقدىردىمۇ 30-40-يىللار ئاۋالقى يېڭى يېزىقنى، 80-90 يىللار ئاۋالقى چاغاتاي تىلىنى تەمتىرىمەي ئوقۇشنى ئۈگەنمەك زۆرۈر. بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ. ئامال بار «قۇلاقنى ئىتىۋىلىپ قوڭغىراق ئوغىرلاش»، «سۇنى لىيىتىپ بىلىق تۇتۇش» تىن ساقلانماق لازىمدۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 22:36  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 576
تۆھپە : 3
توردا: 68
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 23:30:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت ئاكا، ياخشىمۇسەن؟ مەن ئىككى كۈن بولدى بىر قانچە جەدىۋەللەرنى تولدۇرۇپ بولالماي بەكمۇ چارچاپ كەتتىم.(مەن ئۆمرۈمدە ئىككى ئىشقا ئەڭ ئۆچ! ئۇنىڭ بىرسى جەدىۋەل تولدۇرۇش، يەنە بىرسى يېغىن ئاڭلاش)  ھازىر يەنە تەرجىمە قىلىدىغان بىر ئىش چىقتى. ئەگەر خالىساڭ مەنمۇ ئويلىغانلىرىمنى ئەتە ئەتتىگەن ئوتتۇرغا قويسام شۇ چاغدا ئەھۋاللاشساق قانداق؟ مېنى ھەرگىز مۇنازىرىدىن ئۆزىنى قاچۇردى دەپ ئويلىما، راستىنلا بەك ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىم. بىلىسەنغۇ! بىز دېگەن جاندىن كەچسەكمۇ جاناندىن كەچمەيدىغانلاردىن! سېنى ھۆرمەتلەيمەن ئاكا! ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنڭگە رەھمەت! ئەتە چۇقۇم كۆڭلۈمدىكى گەپلىرىمنى ساڭا دەيمەن! مېنى ساقلاپ تۇر! خوش! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamat omar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 23:32  


مەڭگۈ يوقالماسلىق ئۈچۈن قايتا پەيدا بولدۇم!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 727
تۆھپە : 114
توردا: 120
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 23:35:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋەتتە. مەن ساقلاپ تۇرىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 576
تۆھپە : 3
توردا: 68
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 10:16:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە 1-سۇئال: ئىلمىي ماقالە ياكى ئىجتىمائى تەسىرات تېپىدىكى ماقالىلەرنىڭ جامائەت ئىتىراپ قىلغان مەلۇم قىلىپى بولامدۇ-يوق؟ (ئوقۇۋاتقان مەكتىۋىڭىزدىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ماقالە يېزىقچىلىغىغا قويغان تەلەپلىرىنى ئاساس قىلىپ سۆزلەپ باقسىڭىز؟)

جاۋاپ: ئەلۋەتتە بولىدۇ. چۈنكى  ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆز ماقالىسىنى ئىلمىي ماقالە يېزىش تەلىپىگە ئاساسەن ئۆلچەملىك يازمىسا ئۇنىڭ ماقالىسى باھالانمايدۇ!


2-سۇئال: ماقالىلەردە «پەردە، كۆرۈنۈش» دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئىشلتىشكە بولامدۇ؟ ئەگەر بولسا بۇنىڭ ئېلمىي ئاساسى نېمە؟

جاۋاپ: بولىدۇ. چۈنكى ھېچقانداق يەردە ئۇنداق ئىشلەتسىڭىز بولمايدۇ دېگەن گەپ يوق. ئەگەر سۆزۈم خاتا بولسا ئىسپات كۆرسىتىپ مېنى قايىل قىلغايسز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماقالەمنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇنى پەردە، كۆرۈنۈشكە بۆلۈپ شۇنداق ئاتىدىم.

3-سۇئال: ماقالىلەردە نوقتى نەزەر، دەلىل، ئېسپاتلارغا قانداق ئۆلچەم قويۇلىدۇ؟

جاۋاپ: بۇ مۇھاكىمە خاراكتېرلىك ماقالىلەرنىڭ ئۈچ مۇھىم ئامىلى ھېساپلىنىدۇ. نۇقتىنەزەر-ماقالىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى. دەلىل- نۇقتىنەزەرنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئاساس.
ئىسپات جەريانى بولسا-نەزىرىيىۋى ئاساس ئارقىلىق نۇقتىنەزەرنى ئىسپاتلاش جەريانى.
نۇقتىنەزەر- ئالدى بىلەن توغرا بۇلۇشى، يىڭى-ئۆزگىچە بۇلۇشى، روشەن بۇلۇشى كېرەك.
دەلىل-ئىشەنچىلىك بۇلۇش كېرەك، تىپىكلىككە ئىگە بۇلۇشى كېرەك. نۇقتىنەزەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بۇلۇشى كېرەك.


4-سۇئال: ئەگەر سىز يۇقارقى سۇئاللىرىمنى بىراقلا «ئەنئەنىدىن ھالقىيالماسلىق» ياكى «قىلىپ بازلىق» دەپ قارىسىڭىز ئۇنداقتا سىز يېڭىچە ئەدەبىيات نەزىرىيىسى ياراتماقچىمۇ؟ بۇ يېڭىچە نەزىرىيەلىرىڭىزنىڭ ئۇل، ئاساسلىرى نېمە؟

جاۋاپ: سىز مېنىڭ نەزىرىمدە  ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات ئاساس كۈچلۈك بولغان كىلاسسىك ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىدن ئۇزۇق ئالغان كەڭ مەلۇماتقا ئىگە ئادەم. مەن  بۇ يەردە سىز تىلغا ئالغان < ئەنئەنىدىن ھالقىيالماسلىق> دېگەن گەپنى ياقتۇرمىدىم، بىراق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نۇرغۇن قەلەمكەشكەردە <قېلىپبازلىق > خاھىشى ئېغىر. سىز مېنڭ نەزىرىمدە ئەنئەنىگە مايىلراق يىڭىچە چۈشەنچىلەرگە ئىگە ئادەم. مەن يىڭىچە ئەدەبىيات نەرىرىيىسى ياراتماقچى ئەمەس. بىراق تىگى-تەكتىمدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،
مەن يىڭىچى ئەدەبىيات چۈشەنچىلىرىگە مايىلراق ئادەممەن. شۇڭا يېقىندىن بۇيان غەرىپنىڭ يىڭىچە ئەدەبىيات نەزىرىيىسىنى كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە قېتىرقىنىپ ئۆگىنىۋاتىمەن. مەن نېمىش قىلماقچى؟ يىڭى-يىڭى نەزىيەۋى بىلىملەر ئارقىلىق ئۇنى ئەمىلىيەتكە تەدبىقلاپ ئۆزۈمگە خاس بولغان< مەمەت ئۆمەر>چە پىكىر قىلىش، ۋە يېزىش ئۇسۇلىنى ياراتماقچى.

ئابدۇمىجىت ئاكا. سوئاللىرىڭغا جاۋاپ بېرىشىم تامام. مەن پەقەت مۇشۇنچىلىك بىلىدىكەنمەن.












بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamat omar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 12:51  


مەڭگۈ يوقالماسلىق ئۈچۈن قايتا پەيدا بولدۇم!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 576
تۆھپە : 3
توردا: 68
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 10:25:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرھەقىقەت، مەزكۇر ماقالە باشقىلار ئېيتقاندەك ماقالە يېزىش تەلىپىگە چۈشمىگەن مەن بۇنى ئىتراپ قىلىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بۇ ماقالىنى ماقالە يېزىش  ئۆلچىمى بۇيىچە ئەمەس بەلكى مەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھېس قىلغان،  مېنى بىئارام قىلىپ كەلگەن بەزى مەسىلىلەرنى تۈپتۈزلا دېيىش ئۇسۇلى بۇيىچە روياپقا چىقاردىم. شۇڭا بۇ ماقالە ئەمەس، كۆڭلۈمدىكى گەپلەر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamat omar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 11:25  


مەڭگۈ يوقالماسلىق ئۈچۈن قايتا پەيدا بولدۇم!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  717
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 127
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 10:42:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمەت ئۆمەرچە پىكىر قىلىش ۋە يېزىش ئۇسۇلىنى ياراتماقچى...
بۇ گەپ ماڭا 1990-يىللاردىكى مېنى ئىسىمگە سالدى. ئەينى چاغدا مەنمۇ شۇنداق قاراشتا ئىدىم. ئىجادىيەتكە تەلۋىلەرچە كىرىشىپ قىزىل بايراق ژورنىلىدىن باشقا ژورناللاردا، گېزىتلەردە توختىماي ئەسەر ئېلان قىلاتتىم. ناۋادا بۇ گەپ بۇرادەرنىڭ ئاخىرقى نىشانى بولسا ئەلۋەتتەئۇنى خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ ئابدۇمىجىتنىڭ سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋابىدىن تېخى توڭ  سويمىلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.
سىزگە تەكلىپىم:
1. كۆپرەك كىتاپ ئوقۇڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىغا ئائىت كىتاپلارنى كۆپرەك ئوقۇپ، كلاسسىك شائىرلار ياراتقان شېئىرى پەللىنى دەڭسەپ بېقىڭ.
2. يېڭىلىق يارىتىش شەكىلدە بولمايدۇ، بەلكى مەزمۇندا ، ئىدىيىدە بولىدۇ. بۇنى ھىس قىلىپ يېتىشىڭىز كېرەك.
3. سىزدە شېئىرغا نىسبەتەن ئوتتەك قىزغىنىلىق بار ئىكەن، ئەمما، شۇنىڭغا چۇشلۇق بەدىئىي دىت يىتىلدۈرۈڭ.
4. شائىرلىق ئۈچۈن ئەڭ موھىمى سەمىمىي، تۇيغۇن قەلب، بۇ پەقەت سەمىمىي ئادەملەردىلا بولىدۇ. شۇڭا، ئادىمىيىلىك ساپا يىتىلدۈرۈش جەھەتلەردىمۇ ئۆزىڭىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇڭ.
5. باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشىش ئۈچۈن باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلىش كېرەك. ئەلۋەتتە بۇ سىزدىن بۇرۇنقى ئەدىپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مېنىڭ يەنە باشقا گەپلىرىممۇ بار ئىدى. قالغىنىنى كۆرۈشكەندە بىر نېمە دەرمەن.

سەن ئوقسەن، مەن بولسام كامان تېخىچە،
ئەي ئوق،سەۋر ئەيلە، كاماندىن كەچمە!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 576
تۆھپە : 3
توردا: 68
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 10:50:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى رومانلاردىكى بىر خىل ئوخشاش، تەكرارلانما مەزمۇنلۇقتىن، ئىپادىلەش، بايان قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ۋە قوللانغان   ئىستىتىكىلىق ۋاستىلارنىڭ بىرخىللىقتىن  بىزار بولدۇم. شېئىر ۋە شېئىر شەكىللىرىدىكى جاھىللارچە چىڭ تۇرۇش ئىددىيسىدىن، پىكىر ۋە كۆز-قاراشتىكى ئۆزگەرمەس قېلىپبازلىقتىن، ماقالىلەردىكى قېلىپتىن ئۆزگەرمەيدىغان بىر خىل يېزىش ئۇسۇلىدىن بىزار!

نېمىشقا ھەممە نەرسە چۇقۇم مەلۇم قېلىپ، تەرتىپ بۇيىچە يېزىلىدىكەن؟ بىز نېمىشقا شېئىر، نەسىر ، ھېكايە دەپ تۈرلەرگە ئايرىۋالىمىز؟ بىز نېمىشقا ئۆز ئەسەرلىرىمىزدە روھىمىزدىكى قاراڭغۇلۇقنى، ئىچىمىزدىكى يەنە بىر ئۆزىمىزنى يېزىشتىن باش تارتىمىز؟ نېمىشقا ئۆزىمىزگە-بارلىق ئازاپ، خۇشاللىقلىرىمىزغا سەمىمىي بولمايمىز؟ نېمىشقا ساپ ھالدىكى ئەدەبىيات قارىشىنى يەكلەپ، ھە دېسىلا ئەدەبىياتنى ئادەم تەربىيلەشتىكى ئەڭ مۇھىم قورال ۋاستىسى قىلىۋالىمىز؟! بىز ئىزدېگەن سەنئىتىۋى گۈزەللىك، مەزمۇن ۋە پىكىردىكى ئۆزگىچىلىك، <ئادەم روھى>نى ئاساس قىلغان بەدىئىي بالاغەتكە يەتكەن ھەقىقىي مەنىدىكى سەنئەت-ساپ ئەدەبىيات قارىشىمىز قېنى؟!

مەن پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم. بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ئەدەبىيات قانداقراق بىر پەندۇر. ئۇلارچە ئەدەبىيات زادى قانداق بۇلۇشى كېرەكتۇ! بىز نېمىشقا ئېسىل ئەنئەنىۋى مىراسلىرىمىزغا ئىجابىي ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا يىڭىچە چۈشەنچىلەر بىلەن قوراللىنىپ قاسراق تاشلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارمايمىز؟ بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز بېلىنىسكى،چىرنېۋىسىكى.. مۇھەممەت پولات .. لارنىڭ ئەدەبىيات چۈشەنچىسى بىلەن بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق داۋاملىشىشى كېرەكمۇ! بىز نېمىشقا ھەرخىل ژانىرلارنىڭ شەكىل ۋە مەزمۇن ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مەلۇم ئۆزگىرىش، يىڭىلاش ئېلىپ بارمايمىز!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamat omar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 12:53  


مەڭگۈ يوقالماسلىق ئۈچۈن قايتا پەيدا بولدۇم!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 576
تۆھپە : 3
توردا: 68
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 11:02:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئوقۇغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى  رومانلار مۇنداق بولىدۇ: بىر قىز بىلەن بىر ئوغۇل قانداقتۇر  مەلۇم بىر ئىشلار تۈيەپلى تۇنۇشۇپ قالىدۇ. ئاندىن ئۇلار مۇھەببەتلىشىدۇ ياكى قىز ياكى ئوغۇل باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار رومان ۋەقەلىكى باشلىنىپ نۇرغۇن ئىشلار يۈز بېرىدۇ. دەسلىپىدە خۇددى ھېندىستاننىڭ كىنولىرىغا ئوخشاش ئىجابىي  پىرسوناژ نۇرغۇن قېيىنچىلىقلارغا، بەخىتسىزلىكلەرگە ئۇچرايدۇ، سەلبىي پىرسوناژ دەل ئۇنىڭ ئەكىسچە بولىدۇ. شۇڭا بىز  باش قەھرىماننىڭ ھاياتىدىن ئەنسىرمىگەن ئاساستا ئۇ روماننى ئوقۇيمىز ۋە تۈگىمەي تۇرۇپ روماننىڭ قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز!

بىزنىڭ رومانلىرىمىزدا: ئالدى بىلەن ئىناق ئۆتۈۋاتقان بىر ئائىلە تەسىۋىرلىنىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئاستا-ئاستا تۇرمۇشتىن بىزار بولۇپ مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشپ قېلىۋاتقانلىقىنى، دەل مۇشۇ پەيىتتە ئوتتۇرغا يەنە بىر پىرسوناژ چىقىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا پەيدا بولىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ. ئاندىن پىرسوناژلارنىڭ ھەرخىل كەچۈرمىشكە ئىگە قىلىدۇ، ئاخىرى ئەرياكى خۇتۇن ئۆز خاتالىقلىرىنى تۇنۇيدۇ ياكى ئۆلۈپ كېتىدۇ.







مەڭگۈ يوقالماسلىق ئۈچۈن قايتا پەيدا بولدۇم!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 576
تۆھپە : 3
توردا: 68
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 11:16:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئوقۇغان ئۇيغۇر شائىلارنىڭ شېئىرلىرى: بىزنىڭ شېئىرلىرىمىز  ئالاھىدە تىپىك بولغان شارائىتقا مۇھتاج! شۇڭا شېئىرلىرىمىز كۆپ ھاللاردا يامغۇر ياكى قار ياغقاندا، تۇلۇن ئاي كۈمۈش نۇرلىرىنى چېچىپ تۇرغان دېرىزە قىيا ئېچىۋېتلگەن ئايدىڭ كەچلەردە،
گۈزەل مەنزىرىلىك ياپيېشىل چىمەنلىك، گۈلزارلىق .. قاتارلىق شېئىرىي مۇھىت ئىچىدە يېزىلىدۇ. لىرىك قەھرىمان مەنمۇ خۇددى  بۇنىڭدىن باشقا چاغلاردا ھاياجانلانمايدىغاندەك ياكى خۇشال بۇلۇپ، ئازاپلانمايدىغاندەك دەل مۇشۇنداق مەنزىرىلىك چاغلاردا قەلبىدىكى مەنىۋى ئوبرازلارنى ئەسلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ قەسىدىلەر پۈتىدۇ. شۇڭا كۆپلىگە شېئىرلاردا بىر خىل شېئىرىي مۇھىت، بىر خىل ئورتاق ھىسيات ھادىسىى ئىپادىلىنپ ئادەمگە بىزارلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.
قايىپە، تۇراق، ۋەزىنلەر تەپمۇ-تەڭ! خۇددى ئۇلارنىڭ بىرسى  كەم بۇلۇپ قالسا قەتئىي بولمايدىغاندەك ياكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغاندەك قاتتىق چەكلىمە تەقىپ ئاستىدا يېزىلىدۇ. شائىرنىڭ زامان، ماكاندىن ھالقىدىن شېئىرىي تۇيغۇلىرى روياپقا چىقمايدۇ. شېئىردا چۇقۇم قايىپە ۋەزىن بۇلۇشى كېرەكما؟

شېئىرىي پىكىردىكى يىڭىلىق، ئىپادىلەشتىكى ئۆزگىچلىك، ھىسىياتتىكى سەمىمىيلىك بولمىسا ئۇنى قانداقمۇ شېئىر دېگىلى بولسۇن!؟ نېمىشقا بىزنىڭ شائىرلىمىز ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان چەكلىمىلكلەردىن قۇتۇلۇپ قەلب دەرۋازىسنى كەڭ ئېچىۋەتمەيدۇ؟! بىزنىڭ بىلىدىغان  ناخشىلىرىمىز ئازمۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamat omar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 12:56  


مەڭگۈ يوقالماسلىق ئۈچۈن قايتا پەيدا بولدۇم!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 576
تۆھپە : 3
توردا: 68
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 11:23:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ماقالىلىرىمىز-ئەدەبىي تەنقىد ماقالىلىرى  مۇنداق يېزىلىدۇ: ماقالە مۇئەللىپى ئالدى بىلەن قايسىدۇر بىر ھايات ھېكمىتى ياكى قايسىدۇر بىر نەزىرىيەنى ئىزاھلايدۇ. ئاندىن ئىككىنجى ئابزاستىن باشلاپ <مەن پالانىنىڭ پۇكۇنا ئەسىرىنى زور قىززىقىش ۋە ھاياجان بىلەن ئوقۇپ تۈگەتتىم، ئەسىر ئوقۇپ بولغاندىن كېيىنكى ئۆزۈم ھېس قىلغان تەرەپلەرنى  كىتاپخانىلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن> دەپ باشلايدۇ-دە، باش قۇردىن باشلاپ ئۇنى 1-،2، دەپ نىنجىغا ئايرىپ يېزىشنى باشلايدۇ. ئاخىرىدا ئۈمۈمەن، ياكى دېمەك دېگەن خۇلاسە سۆزى بىلەن ماقالىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamat omar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 11:29  


مەڭگۈ يوقالماسلىق ئۈچۈن قايتا پەيدا بولدۇم!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 576
تۆھپە : 3
توردا: 68
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 11:40:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا




ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ بىر تۈرى. پولۇ، سامسا، سۇيۇقئاشقا ئوخشاش ئىستىمال بۇيۇمى. ئەدەبىي تەنقىد شۇ بۇيۇمنى ئىستىمال قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ تۈز-تەمىنى بىكىتكۇچى.

ئەدەبىي تەنقىد ئەدەبىياتنىڭ بىر قىسمى ئەمەس، ئۇلار بىرلىككە كەلگەن ئۈمۈمىي گەۋدىمۇ ئەمەس، ئۇ بىر مۇستەقىل پەن.




بىزدە يازغۇچىلار جەمىئىيتى بار، لېكىن ئەدەبىي تەنقىدچىلەر جەمىئىيىتى يوق.




چەتئەللىك يازغۇچىلار ئۆز ئەسەرلىرىدە پىرسوناژلارنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدۇ. پىرسوناژلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەر مۇھىتىدا ئۆزى خالىغانچە ھەرىكەت قىلىشىغا، پىرسوناژلارنىڭ خارەكتىر مەنتىقىسىغا ھۆرمەت قىلىنىدۇ. بىراق، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا يازغۇچىلار ھە،دېسىلا چاپاننىڭ ئالدى پېشى بۇلۇۋېلىپ، پىرسوناژلارنىڭ ئالدىغا چىقىۋالىدۇ. يازغۇچىلار خۇددى خۇدادەك پىرسوناژلىرىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى، ئەتىسى ۋە كەلگۈسى توغرىسىدا ئالدىن بىشارەت بېرىدۇ. ئۆزى ياراتقان ئوبرازنى ئۆزى دەپسەندە قىلىپ، ئەسەرنىڭ چىنلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.



چەتئەللىك يازغۇچىلارنىڭ قەلىمى ئاستىدا يارىتىلغان ئوبرازلار ھەم گۈزەللىككە ھەم خۇنۇكلىققا تولغان ھەقىقىي مەنىدىكى ئادملەر ئوبرازىدۇر. بىراق، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا يارىتىلغان ئوبرازلار ئېۋەن-نۇقسانسىز بىر تەرەپلىمە ھالدىكى ئادەمگە ئوخشايدىغان ئادىمىي پەرىشتىلەردۇر..

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamat omar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 12:57  


مەڭگۈ يوقالماسلىق ئۈچۈن قايتا پەيدا بولدۇم!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 576
تۆھپە : 3
توردا: 68
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 11:56:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﻫﺎﺟﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ:


ﺋﺎﻧﻬﯧﻞ ﺭﺍﻣﺎﻧﯩﯔ ﺋﯘ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻣﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺧﯩﻠﻤﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﯞﻩ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﭘﯩﻜﯩﺮ، ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ-ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ، ﭘﺎﺳﺎﻫﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ، ﺗﻪﺳﯩﺮ، ﻧﻪﻣﯘﻧﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ. ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻏﻪﺭﺏ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ. ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﻣﺘﯜﻛﻠﯜﻙ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ-ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻏﻪﺭﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﺭﻕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ، ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﯧﻘﯩﻤﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺶ، ﺑﯚﺳﯜﺵ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ. ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ، ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ-ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ، ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺋﯩﺴﻼﻫﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺗﻨﻰ، ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﯩﺰ. ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﯧﻘﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﺴﺎﻕ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯧﯖﯩﻼﭖ ﺑﺎﺭﺍﻻﻳﻤﯩﺰ، ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺧﺎﻫﯩﺸﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺩﺍﺩﯨﻠﻠﯩﻖ، ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺧﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﻰ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ!

مەڭگۈ يوقالماسلىق ئۈچۈن قايتا پەيدا بولدۇم!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 576
تۆھپە : 3
توردا: 68
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 11:58:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﻳﯜﺳﯜپ ئېلى  ﻳﺎﺳﯩﻦ:


ﺑﯘ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﯘﺋﺎﻟﻐﺎ ﻳﺎﻧﺪﯨﺸﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ "ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﺳﻠﯘﺏ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻏﻪﺭﺑﻨﯩﯔ ﺭﻭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰ <ﺋﯩﺰ> ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ،<ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺕ> ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻫﺎﻣﯩﻨﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﺘﯩﻜﻰ ﺭﻭﻣﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻏﻪﺭﺏ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘ <ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺕ - ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻨﭻ ﺩﻭﻧﻰ> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ <ﻗﯘﻡ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺷﻪﻫﻪﺭ> ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﻪﺭ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﻧﻪ ﺭﯦﺌﺎﻟﯩﺰﻣﻨﻰ، ﻧﻪ ﺭﻭﻣﺎﻧﺘﯩﺰﻣﻨﻰ، ﻧﻪ ﻣﻮﺩﯦﺮﻧﯩﺰﻣﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺩﻩﻝ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ" ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﯞﺍﺗﯩﺪﯗ.
ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﯧﺮﯨﺴﯩﺰ؟ <ﻗﯘﻡ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺷﻪﻫﻪﺭ> ﭼﻪﺕ ﺗﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﺭﯛﻟﺴﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮﺯﻏﺎﺭﻣﯘ؟ ﻫﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺋﻮﻗﯘﻻﺭﻣﯘ؟ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﻫﺎﻻﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﻪﺭﻣﯘ؟

............................................................


مەمىتىمىن ئەلا:

"ﻗﯘﻡ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺷﻪﻫﻪﺭ" ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﯩﻢ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﻜﻨﻰ "ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﭼﯚﭼﻪﻙ" ﺩﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ؛ " ﺑﯘ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯧﭽﻨﯧﻤﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻗﻮﻳﺴﯩﻼ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ" ﺩﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘ ﺭﻭﻣﺎﻧﻨﻰ ﺋﯧﻘﯩﻤﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ﺗﻪﺱ. ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ، ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺧﻪﻟﻖ ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﻫﻮﺷﯘﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻼﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯘ ﺭﻭﻣﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ "ﺑﯩﻐﻪﻣﻠﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻗﯘﻡ. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺑﯘﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ. ﺑﻪﺯﻯ ﺭﻭﻣﺎﻧﺪﯨﻦ ﭘﯩﺮﺳﯘﻧﺎﮊ ﺗﯜﮔﯜﻝ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﮔﻪﭘﻤﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﺭﻭﻣﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺩﺍﯓ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ. ﺑﯘ ﺭﻭﻣﺎﻧﺪﯨﻦ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻫﯩﺘﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻫﯘﺯﯗﺭ ﺋﺎﻻﻻﻣﺪﯨﻜﯩﻦ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamat omar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 11:58  


مەڭگۈ يوقالماسلىق ئۈچۈن قايتا پەيدا بولدۇم!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 576
تۆھپە : 3
توردا: 68
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 11:59:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەمىتىمىن ئەلا:



2000-ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﻏﻪﻟﻴﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﻘﻼﺭﻧﻰ، ﺳﯜﭘﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﻤﻪﻧﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺗﺎﯞﻟﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﭘﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ. ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺗﯘﻧﯩﻴﺎﺯ، ﻏﻮﺟﯩﻤﻪﻫﻪﻣﻤﻪﺕ، ﭼﯩﻤﻪﻧﮕﯜﻝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭ ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﯞﻟﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼﺭﺩﯗﺭ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰﻛﻰ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﯧﺮﻯ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻳﺎﺵ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﻏﻪﺭﺑﻨﯩﯔ (ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﺳﻨﯩﯔ) ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﻳﻮﻕ. ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﺋﻪﺭﻩﺏ-ﭘﺎﺭﺱ ﺷﺎﺋﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ، ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻦ ﺋﻮﺯﯗﻗﻼﻧﺪﻯ. ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻳﺎﺵ ﻗﻪﻟﻪﻣﻜﻪﺷﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻏﻪﺭﺑﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ-ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺑﯘ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﯜﭼﻰ، ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺭﻭﻣﺎﻧﻼﺭ، ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻳﺎﺳﺎﭖ، ﺋﯚﺯ ﺭﻭﻫﯩﻨﻰ ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﯛﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻥ ﺧﯘﺳﯘﺳﻪﻥ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻏﻪﺭﺏ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯚﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻣﯧﺘﻮﺩ، ﻣﺎﻫﺎﺭﻩﺕ، ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺋﯚﺭﻧﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﻫﯩﻨﻰ، ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﻻﺯﯨﻢ.
ﺭﺍﺳﺘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺷﻘﯩﻤﯘ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﯩﻤﯘ، ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟﺍﺭ ﻏﺎﻳﻪ ﯞﻩ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻼﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﺎﻗﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﺎﻫﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻫﺎﺭﺳﯩﻨﯩﻤﻪﻥ.
ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﺍﻳﻠﻰ. ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻳﺎﺗﻤﯩﺴﯘﻥ. ﻳﺎﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﺯﺳﯘﻥ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻭﻫﯩﻤﯩﺰ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺗﯩﻨﺪﯗﺭﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﻮﻧﯘﺭﯨﺪﺍ ﻻﯞﯗﻟﺪﺍﭖ ﻳﯧﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮔﯘﻟﺨﺎﻥ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﮔﯘﻟﺨﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﻳﯜﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺷﺎﻣﺪﻩﻙ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ، ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ، ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ، ﻣﺎﻫﺎﺭﻩﺕ، ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻛﯧﺮﻩﻙ.


مەڭگۈ يوقالماسلىق ئۈچۈن قايتا پەيدا بولدۇم!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 576
تۆھپە : 3
توردا: 68
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 12:13:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىز تۆۋەندىكى قاراشلارغا قاراپ باقايلى!



1. ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىپىسى ھەممىدىن بۇرۇن روسىيە فېئوداللىق قۇللۇق تۈزۈمىگە قارشى كۈرەش قىلىش، ئەدەبىيەت-سەنئەتنى سىياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ رېئاللىق ۋە تەنقىدىي خارەكتېرىنى قىزغىن قوللاش لازىم.
                                                                        -بىلنىسكى(روسىيە)


2. ئەدەبىيات-سەنئەت رېئاللىقنى قايتا ئىپادىلەش سەنئىتىنىڭ ئۈمۈمىي خۇسۇسىيىتى ۋە ماھىيىتى. شۇڭا ‹سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت نەزەرىسى›سىگە قارشى تۇرۇش لازىم.
                                                                           -چىرنىشۋىسكى(روسىيە)




ئەدەبىيات-سەنئەت ھېچقانداق پايدا-زىيان بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئەركىنلىك سەنئىتى. ئۇ پەقەت يازغۇچىنىڭ شەخسىي ئىلھامى ۋە تالانتىنىڭ مەھسۇلى.

                                                                     -كانىت (گىرمانىيە)

ئەدەبىيات-سەنئەت مۇتلەق روھنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىپادىلەش سەنئىتى.

                                                                              -گېگىل

سەنئەت رېئاللىققا قېلىنغان تەقلىد. ئۇنى ئىنكاس قىلىش سەنئەت ئىجادىيىتنىڭ ئاساسى- رېئاللىق. ئۇ ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان ھاياتنىڭ ئۆزى .

                                                            -ئارىستوتىل(قەدىمكى گېرىك)


سەنئەت بولسا كەچۈرۈلمىلەرنىڭ كۆچۈرۈلمىسى، شولىلارنىڭ شولىسى .

                                                                       -پىلاتون(پوئىتىكا)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamat omar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 13:01  


مەڭگۈ يوقالماسلىق ئۈچۈن قايتا پەيدا بولدۇم!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش